مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشلايمەن
جاھان ئۇ سىرلارنىڭ كانى ، تىلسىمى ،
ئالىم ئۇ ئەقىلدە سىرلار ئاچقۇچى ،
ئالىملىق شەنىدە باردۇر سەرۋەرى ،
ئۇ شۇنداق چىن ئىنسان ، مەھمۇد قەشقىرى ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .
ئۇ يۇلتۇز چاقنىغان جاھان چولپانى ،
ئۇيغۇرنىڭ ئوغلانى ئۆچمەس گۈلخانى ،
قالدۇردى تۈرۈك تىل لوغەت دىۋانى،
ئۇ گۆھەر ، بىباھا ھېكىمەت كانى ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .
كۆر جاھان ! بۈگۈن ئۇ مىڭ ياشقا تولدى ،
ئىڭڭەلەپ – ئىڭڭەلەپ ئالىم تۇغۇلدى ،
جاھاننىڭ ھۆكەرى ئوپالغا قوندى ،
مەغرىپتىن – مەشرىققە گۈللەر تىزىلدى ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .
تەڭرىتاغ باشلىدى مەشىرەپ لىۋەن
بۇلبۇللار چاڭ سالدى ئاراسى چىمەن ،
ھەممە خۇش ھەتتاكى كۆردۈڭمۇ تۈمەن
ھاياجان ئىلكىدە سالماقتا سۈرەن ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .
ئىسىمداش ، قەلىبداش ، جىسىمداش ، قەشقەر
مەھمۇدنىڭ سۆيگۈسى ئاتالغان شەھەر ،
ئەي ، قەشقەر ! شاھ شەھەر ، كېچەيۇ - سەھەر
پەخىرلەن سېنىڭدە تۇغۇلغاچ گۆھەر ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .
گاھ ئىنسان ئۆتىدۇ بىر بۇردا نان دەپ ،
گاھ ئېنسان ئۆتىدۇ بىر ئۆمۈر جان دەپ ،
گاھلىرى ئۆتىدۇ نەپ ۋە جاھان دەپ ،
مەھمۇد ئۇ ئۆتكەنكەن ۋەتەن ۋەتەن دەپ ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .
ھاياتلىق بىر سىناق كېلىدۇ تەستە .
كېلىدۇ – كېتىدۇ قانچىسى ئەستە ؟
ياشىغىن مەھمۇدتەك قېلىپ ھەۋەستە
ئىسمىڭنى ياد ئەتسۇن ھەممە بەس – بەستە ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .
ئۇنۇتماق نۇمۇستۇر ئۇل ئەجداد ئىزى ،
يۇرۇتماق بۇرۇچتۇر ئۇل ئەجداد يۈزى ،
ئىزلەبان مەھمۇدتىن قېزىپ شان نۇرى ،
چىققۇسى تۈمەنلەپ ئوغۇل ۋە قىزى ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .
ئەسكەرتىش : « پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » بۇ مىسرا شائېر نۇرمۇھەممەت ئېركىنىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى .
ئاپتۇر : ئاتا بۆرە[ بۇ يازما atabora تەرپىدىن2009-02-12 04:43 PMدە قاي ]