ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەرقانداق ئادەمدىن قېلىشمايدىغان مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازلىقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ.(شەخسى پىكرىم:شۇنداقلا بىئارام قىلىدۇ. ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى دىگەن تېمىلاردا مۇشۇنداق بىر تۆھپىكار زاتنىڭ ئىسمىنىڭ يوقلۇقى ئادەمنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ). تۆۋەندە ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.
1991-يىلى 10- ئاي.
ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمى مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم-پەن ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبېكتى بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى.
1992-يىلى رامىزان ئېيى.
ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھلىق تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن2 ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك نوپۇزلۇق دىنىي ئالىملار ئولتۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا پادىشاھ ھەسەن 2 شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگودىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان «شىنجاڭدىكى مەسچىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلىدى.
يىغىندىن كېيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن 2 قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە«قۇرئان كەرىم» بىلەن «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگو-ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيىلەپ ئەرەپ تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كېلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى... قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن2 بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋېتىپ: «قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن (ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى) نىڭ شېئىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم» دېدى. ماراكەشنىڭ دىنى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى «پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئىرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس» دېدى.
شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يىغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: «سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان ئالىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھوزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن2 مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى.
ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ
مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تونۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنىي تەلىم ئېلىشقا باشلىدى، 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كېيىن ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كېيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى. دادىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلۈنۈش بويىچە ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى.
دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتوتىدا بىر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسرورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۈگەندى. 1960- يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.
«قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاستە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نوپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى.
«قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نوپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى.
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى.ئالىم ئىشلىگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى موسكۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى»نى ۋە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.
مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەپ بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقۇرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئىستېداتلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۇن زېھنى-قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان « ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى»،ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇ ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مىۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى.
يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى.
مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى.
مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.
ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماتېرىيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگەللەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازار-ماشايىخلار، مەسچىت-مەدرىسلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپپاق غوجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، « ‹قۇتادغۇبىلىك›تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ دىنىي مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى»، «ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇرۇھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»،« مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان «دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى»، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ بەزى سانلىرىدا ئېلان قىلدى.
مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستىتۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلىدى، دەرسلىكلەرنى تۈزدى، دەرسخانىغا كىرىپ بىۋاستە دەرس ئۆتتى.
ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ قان-تەرى،ئەجرى بىكارغا كەتمىدى.ئۇ ئىسلام دىنى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن دۆلەت ئىچىدە جامائەت ئەرباپى سۈپىتىدە تونۇلۇپلا قالماي،خەلقئارادىمۇ مۇئەييەن تەسىر ۋە ئابرويغا ئىگە بولدى. دۆلىتىمىز ئىسلام ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە كۇۋەيت،سۇدان دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى،ئىران،تۇنىس جۇمھۇرىيىتى،سەئۇدى ئەرەبىستانى،پاكىستان،ماراكەش پادىشاھلىقى،ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى،قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدى ۋە خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە،لېكسىيە ئوقۇش يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشتى.
مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۇسنى مۇبارەك،ماراكەش پادىشاھى ھەسەنII،سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى فەھد،ئىراننىڭ داھىسى خامانەئى ۋە سۇداننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نېمەلى قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان چاغلاردا مەتبۇئاتتا ئالىمنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلدى.مىسىردا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژورنىلىدا «ئېسىل مېھمان» ماۋزۇسىدا ئالىمنىڭ سۈرىتى،تەرجىمھالى ۋە يىغىنغا ئاتاپ يازغان ئۇزۇن ئەرەبچە قەسىدىسى بېرىلدى. ئىراننىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئىمام رىزانىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق چوڭ يىغىندا ئوقۇغان قەسىدىسى ئېلان قىلىندى.
كۇۋەيت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 40مىنۇتلۇق"نور الاسلام"(ئىسلام نۇرى)پروگىراممىسىدا مۇخبىرنىڭ بۇ ئالىمنى زىيارەت قىلغان سوئال-جاۋاپ خاراكتېرلىك زىيارىتى بېرىلدى.شۇنداقلا يىغىننىڭ كۈتىۋىلىش سورۇنىدا ئوقۇغا ئەرەبچە شېئىرى كۇۋەيتنىڭ«جامائەت پىكرى»گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.مۇھەممەد سالىھنىڭ سۇداندا كۈتىۋىلىش مۇراسىمىدا ئوقۇغان ئەرەبچە شېئىرى سۇدان دىنىي مىنىستىرلىق ژۇرنىلىدا بېرىلدى.(1984-يىلى پاكىستان،كۇۋەيت،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى خادىملىرى جۇڭگوغا كېلىپ ئىشلىگەن فىلىملەردە ئالىمنىڭ ئۆيىدە ۋە ئىشخانىسىدا بولۇپ،قۇرئان تەفسىرىنى ئىشلەشكە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر مەزكۇر دۆلەتلەردە قويۇلۇپ،ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان).
مۇھەممەد سالىھ تونۇلغان ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى بولۇش سۈپىتى بىەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 8-،9-،10-نۆۋەتلىك كومىتېت ئەزاسى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يەنە جۇڭگو دىنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى،شىنجاڭ دىنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى،ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇشتەك ئىلمىي سالاھىيىتى بىلەن بىر قاتار ئاممىۋى،ئىلمىي تەشكىلاتلاردا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ئالىمنىڭ نام-شەرىپى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالى «دۇنيا مەشھۇر كىشىلىرى»،«دۇنيا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلىرى»،«جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى»،«جۇڭگو ئىختىساسلىقلار ئامبىرى»قاتارلىق 10دىن ئارتۇق قامۇس،ئىسكلوپېدىيەلەرنىڭ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
بىر ئۆمۈر ئىلىمگە پەرۋانە بولۇپ ئەل ئىشقىدا كۆيگەن بۇ ئالىم ھازىر ئىككىنچى سەپكە چېكىنگەندىن كېيىنمۇ يەنە كۆڭلىگە پۈككەن ئاجايىپ پىلانلىرى،يېڭى تەتقىقات تېمىلىرى ئۈستىدە تىنىمسىز ئىزدەنمەكتە. ھايات ئىزلىرىدىن تامغان دۇردانىلەر كەبى يازغان:
دىيارىم قەرزى زىممەمدە ئۆمۈرۋايەت ئادا بولماس،
ھېلىغۇ تەندىكى بىر جان تۈمەنمىڭ جان نىسار بولسا.
بىكاردۇر ئەلگە خىزمەتسىز بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ چاغنى،
تەبەسسۇم ئىلكىدە دەۋران سۈرۈپ مىڭ يىل ياشار بولسا،
تەمەيىم يوق مۇكاپاتتىن پەقەت ئالەمچە بەختىمدۇر،
ئىشىم مەقبۇل بولۇپ دىللاردا نامىم يادلىنار بولسا.
دېگەن شېئىر مىسرالىرىدەك،ئەل قەلبىنىڭ ھۆرمەت-ئېھتىرام تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بۇ ئالىمنىڭ قەلىمىگە قۇت ۋە بەرىكەت تاپسۇن.
مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى(2003-يىللىق3-سان. ئاپتورى: ئادىل تۇنىياز)
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2009-01-16 01:33دە قايتا ]