چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
本页主题: (يۇلدۇزئاي) يىپەك يولىدىكى قەدىمكى خەلقلەر ۋە تىللار . 打印 | 加为IE收藏 | 复制链接 | 收藏主题 | 上一主题 | 下一主题

Yulduzay
ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
级别: باشقۇرغۇچى


精华: 7
发帖: 940
شۆھرەت: 1135 نۇمۇر
پۇل: 3849 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 150 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
在线时间:134(小时)
注册时间:2005-10-11
最后登录:2009-02-20

 (يۇلدۇزئاي) يىپەك يولىدىكى قەدىمكى خەلقلەر ۋە تىللار .

0
管理提醒:
بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن (2008-12-18)دە نادىرلاندى
يىىپەك يولىدىكى قەدىمكى خەلقلەر ۋە تىللار

نەشرگە تەييارلىغۇچى :خالىدە مۇتىئى
كىتاب : «ئىبارھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى»
نەشىر قىلغۇچى : مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشرى : 2007-يىل 7-ئاي



1. سوغدىلار


سوغدىلار (ياكى سوغدىيانلار) __ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى ئىران خەلقلىرىنىڭ بىرى . بۇ خەلق مىلادىيىدىن ئاۋالقى 4-5-ئەسىرلەردىن مىلادىيە 10-ئەسىرگەچە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ، بولۇپمۇ مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 2-ئەسىردە ئېچىلغان مەشھۇر يىپەك يولى سودىسىدا بەك ئاكتىپ ۋاستىچىلىق رولىنى ئوينىغان .
قەدىمكى گرېك يازغۇچىلىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە قارىغاندا ، سوغدىلار ماۋەرئۇننەھردە (ئامۇ دەريا بىلەن سىر دەريا ئارىلققىدا) ياشىغان . ئەرەب ۋە ئىران تارىخچىلىرىنىڭ يېزىشىچە ، سوغدىلار زەرەپشان ۋادىسى قەشقەر دەريا ۋادىلىرى ئارىلىقىدا ياشىغان ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ىدە بايان قىلىنىشىچە ، سوغدىلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇرغان جايلىرى بۇخارا بىلەن سەمەرقەنت ئارىلىقى بولغان . شۇنىڭدەك ئۇ زاماندا (9-ئەسىردە) بىر قىسىم سوغدىلار بالاساغۇن ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن . لېكىن ، بۇلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىككى خىل تىلدا (سوغدىچە ۋە تۈركچە تىللاردا) ئوخشاش سۆزلەيدىغان بولغان ھەم تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن «سوغداق» دەپ ئاتالغان .
يىغىپ ئېيتقاندا ، سوغدىلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى تۆمۈر قاپقا (بوزغال ئۆتكىلى) بولۇپ ، بۇ ئۆتكەلنىڭ جەنۇبىدا توخارلار ياشىغان . سوغدىلار غەربتە ئامۇ دەريانىڭ تۆۋەندىكى ئېقىمىدا ياشايدىغان خارەزملىكلەرگە يېقىن خوشنا بولۇپ ، بۇلارمۇ قەدىمكى ئىران خەلقلىرىدىن ئىدى . سوغدىلارنىڭ شىمالىي چېگرىسى سىر دەريا بولۇپ ، بۇ يەردە سوغدىلار قانقىلىلار بىلەن (بۇلار تۈركىي تىلىدا سۆزلەيدىغان كۆچمەن خەلق) قوشنا ئىدى ، شەرقتە سوغدىلار پەرغانىگە چېگىرداش بولغان .
سوغدىلارنىڭ ئاساسىي ماكانى يۇقىرىقى جايلاردىن ئىبارەت . بۇنىڭدىن تاشقىرى ، خۇددىي «دىۋانۇ تۇغەتىت تۈرك» ۋە «ھودۇل ئالەم» دە زىكىر قىلىنغاندەك ، بەشبالىق ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا سوغدىلارنىڭ بەش كەنتى بولغان . يەتتە سۇ ، تەڭرى تېغىنىڭ ھەرقايسى مۇھىم ئۆتكەنللىرى ، لوپنۇر رايۇنى ، تاڭغۇت يولى (خېشى كارىدورى) ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىمۇ سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ كەنتلىرى بولغان ، بۇلارنىڭ ئىچىدە لوپنۇر رايۇنىدىكى سوغدى كەنتى بەك مەشھۇر بولغان . مىلادىيە 7-8-ئەسىرلەردە مۇنداق سوغدى كەنتلىرى ھەرقايسى جايلاردا ئالاھىدە ئېتىبارغا ئىگە بولۇپ ، مەلۇم دەرىجىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن پايدىلانغان .
قەدىمدىكى پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشدھى دارا (مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 496-522-يىللار) ئۆزىنىڭ بىر خاتىرە تېشىدا ئۆزىگە تەۋە خەلقلەرنى تىلغا ئالغاندا ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدىلار بىلەن خارەزملىكلەرنىمۇ ساناپ ئۆتىدۇ . دارانىڭ پېرسىپولدىكى قەبرىسىگە سىزىلغان ئويما رەسىملەردىمۇ خارەزملىكلەر بىلەن سوغدىلارنىڭ رەسىملىرى بار . كىسىركىسىنىڭ گرتىيىسىگە يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرى ئىچىدىمۇ خارەزم ۋە سوغدى ئەتىرەتلىرى بولغان .
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرققە يۈرۈش قىلغاندا (مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 327-330-يىللار) سوغدىلار دارادىن يۈز ئۆرۈپ ، ئىسكەندەر تەرىپىگە ئۆتكەن ۋە مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 4-ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 2-ئەسىرگىچە گرېكلەرنىڭ (ئاۋۋال ئىسكەندەرنىڭ ، كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى قۇرغان گرېك __ باكتېرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ) ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان .
مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 2-ئەسىردە ھونلارنىڭ تەسىر كۈچى ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ، سوغدىلارنىڭ بىر قىسىمى سىياسىي جەھەتتىن ھونلارغا تەۋە قانقىلىلار قارمىقىغا ئۆتكەن ، يەنە بىر قىسمى بولسا ، گرېك باكتېرىيە ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ كوشان خانلىقىنى قۇرغان ياۋچىلار تەۋەلىكىدە بولدى . بۇ چاغدا ھازىرقى تۈركمەنىستان تېرىتورىيىسىدە قۇرۇلغان ئارشاكىدلار سۇلالىسى (بۇ سۇلالە خەنزۇ تارىخنامىلىرىدە «ئەنشى» دېيىلىدۇ ، خەنزۇچە «ئەنشى» دېگەن سۆز بۇ سۇلالىنىڭ يەنە بىر خىل ئىسمى «ئەنساك» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولسا كېرەك) سوغدىلارنىڭ غەربىي قوشنىلىرى بولۇپ ، ئارشاكېدلارنىڭ پادىشدھى مېترىدات II (مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 87-124-يىللار) غەربتە رىم ئىمپېرىيىسى ، شەرقتە جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەلچىلىرى قوبۇل قىلغان بىرىنچى پادىشاھ ئىدى . سوغدىلار بۇلارنىڭ يېقىن قوشنىلىرى ئىدى ۋە جۇڭگوغا بارىدىغان مۇھىم ئۆتكەلدە تۇراتتى . شۇڭا ، سوغدىلار يىپەك يولى دەسلەپتە ئېچىلغان دەۋردىن تارتىپلا بۇ يول بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن .
مىلادىيىدىن كېيىنكى 5-ئەسىردە جورجانلارنىڭ بېسىمى بىلەن ياۋچىلارنىڭ يەنە بىر قىسمى بولغان ئېفتالىتلار ياكى ئابداللار (بۇلار «ئاق ھونلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئەرەبلەر بۇلارنى «خاتتاللار» دەيدۇ ، خەنزۇ تارىخلىرىدا بۇلار «يەندالار» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر ) كوشان خانلىقىنى ئىگەنلىگەندىن كېيىن ، سوغدىلار شۇلارغا تەۋە بولۇپ ياشىدى . مىلادىيە 563-567-يىللار ئېفتالىتلار خانلىقى كۆك تۈرك دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەن ئىران قەبىلىلىرى قالمىدى ، ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان سوغدىلار بولسا ، كۆك تۈركلەر تەۋەلىكىگە ئۆتتى . ئۇ چاغدا كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنى موڭغۇل چۆلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن تاكى ۋىزانتىيىگە سوزۇلاتتى ، بۇ ھال سوغدىلارنىڭ سودا پائالىيىتىگە كەڭ يول ئېچىپ بەردى . كۆك تۈرك خانلىقى تاڭ سۇلالىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ، سوغدىلار تاڭ سۇلالىسى تەۋەلىكىگە ئۆتتى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ئوتتۇردا قىسقا بىر مەزگىل ئەرەب ۋە پارس ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، سوغدىلار ئاساسەن (قاراخانىيلار ، گورخانلار ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيىسى) تەېەلىكىدە بولۇپ كەلدى . مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا ، سوغدىلارمۇ مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ .
ئەرەبلەر 8-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگەنلىگەندىن كېيىن (مىلادىيە 712-يىلى سەمەرقەنت ئەرەبلەر قولىغا ئۆتكەن) ، ھوغدىلارنىڭ بىر قىسمى ئەرەب خەلىپىلىكى تەۋەلىكىگە ئۆتتى ، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان يەنە بىر قىسمى شەرققە __ چۇ دەريادىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى .
يۇقىرىقى تارىخىي پاكىتلاردىن شۇنى كۆرگىلى بولىدۇكى ، سوغدىلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ھېچقانداق مۇستەققىل خانلىق قۇرمىغان ، سوغدىلار سىياسىي جەھەتتىن چوڭ رول ئوينىمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان .
ھوغدىلار قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا دېھقانچىلىق بىلەن ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن مەدەنىي خەلقلەرنىڭ بىرى . ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بوستانلىقلارنى گۈللەندۈرۈشكە كۆپ ھەسسە قوشقان . شۇڭا ، ئۇلارنى «ماۋەرائۇننەھردىكى قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلى» دېيىش مۈمكىن . سوغدىلار نۇرغۇن كىچىك بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ ياشىغان . ھەربىر بەگلىكنىڭ باشلىقى «دېھقان» دەپ ئاتالغان ، قەدىمكى پارسلاردا «دېھقان» دېگەن سۆز «يەر تېرىغۇچى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ ، (خۇددىي ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش) سوغدىلاردا «دېھقان» دېگەن سۆز «چوڭ يەر ئىگىسى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن ، سوغدىلاردا ھەر بىر دېھقاننىڭ ئۆز ئالدىغا بىر قورغىنى (كىچىك شەھىرى) بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەمۇرىي خادىملىرى ۋە قوراللىق كۈچى بىلەن قورغاندا ياشىغان . قورغان ئەتراپىدا بولسا ، ئۇنىڭ يېرىنى تېرىيدىغان دېھقانلار ۋە قول ھۇنەرۋەنلەر ياشىغان ، دېھقانچىلىق ئېرىق-ئۆستەڭلەر چېپىپ سۈنئىي سۇغىرىش بىلەن ئېلىپ بېرىلغان . شۇڭا ، كىچىك بەگلىكلەرنىڭ شەھىرى مۇھىم سۇغىرىش تۈگۈنلىرىگە جايلاشقان ، بۇ بەگلىكلەرنىڭ قوراللىق ئەتىرەتلىرى قەدىمكى دەۋرنىڭ سىياسىي ھاياتىدا خۇددىي ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى رېتسارلىرىغا ئوخشاش رول ئويناپ ، سىياسىي مۇقىملىقنى ئاسرىغان ، مۇنتىزىم قوشۇنلارنىڭ دۆلەت مۇداپىيە ھەركەتلىرىگە ياردەم بەرگەن . سوغدىلار ئاساسەن بۇغداي ، ئارپا ، رېتىق ، بېدە تېرىغان ، قىزىل گۈل ، كەندىر ، پۇرچاق ، سامساق ئۆستۈرگەن . ئانار ، ئۈزۈم ، ياڭاق يېتىشتۈرگەن . جۇڭگو مەنبەلىرىدە بۇ رايوندا گۈرۈچ تېرىلغانلىقى يېزىلمىغان ، لېكىن گرېك مەنبەلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە ، زەرەپشان ۋادىسىنىڭ شىمالىي ئېقىمىدا گۈرۈچمۇ تېرىلغان ، شۈئەنزاڭ بۇ يەردىن ئۆتكەندىمۇ بۇ يەردە گۈرۈچ بارلىقىنى كۆرگەن . باغۋەنچىلىك ، بولۇپمۇ ئۈزۈمچىلىك بەك تەرەققىي قىلغان . ئۈزۈم ھازىرمۇ بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق مەسۇلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە . تارىخىي مەنبەلەر سوغدى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئالتۇن تەختلەردە ئولتۇردىغانلىقى ، خەلق ئىچىدە ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن ئالتۇن بۇتلار سېتىلدىغانلىقى ، سوغدىلاردا مەدەنچىلىك ۋە قول سانائەتنىڭ خېلى تەرەققىي قىلغانلىقىدىن دالالەت بېرىدۇ . ئەرەب ئىستېلاسى دەۋرىدە سەمەرقەنتتە قوغۇشۇن تۇرىبىلار ئارقىلىق شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان زەردۈشت دىنىدىكى سوغدىلارنىڭ باج ۋە سېلىقتىن ئازاد قىلىنغانلىقى ، سوغدى شەھەرلىرىدە ، بولۇپمۇ سەمەرقەنتتە بىر خىل ۋودوپىرۋورت بولغانلىقىدىن دالالەت بېرىدۇ .
تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا ، سوغدىلار بولۇپمۇ سودىگەرچىلىككە ماھىر بولغان . ئۇلار بالىلىرىغا بەش يېشىدىن تارتىپلا خەت ۋە ھېساب ئۆگەتكەن . خەت ساۋادى چىقىش بىلەنلا ئۇلار بالىلىرىنى سودىگەرچىلىككە كىرىشتۈرۈپ پايدا ئېلىشقا ئۆگەتكەن ، سوغدىلارنىڭ نەزىرىدە پايدا ئەڭ قەدىرلىك نەرسە ھېسابلانغان . شۇڭا ، ئۇلار يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ قولىغا «پايدا ساڭا ئۆمۈرلىك ھەمراھ بولسۇن» دەپ يارماقتىن تۇمار باغلاپ قۇيىدىغان بولغان .
قەدىمكى فىنىكلەر ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى سودا ئىشلىرىدا قانداق رول ئوينىغان بولسا ، سوغدىلارمۇ قەدىمكى تارىخ يولىدا شۇنداق ئاكتىپ رول ئوينىغان . شۇڭا تارىخچىلار «ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ فىنىكلىرى» دەپ مەدھىيلەيدۇ .
دىننىي جەھەتتىن ، سوغدىلار ئاساسەن زەردۈشت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ، بەزى ئالىملارنىڭ ئېنىقلىشىچە ، بۇ دىن دەسلەپتە قەدىمكى خارەزمدە پەيدا بولغان ، كېيىن پۈتۈن ئىران خەلقلىرىنىڭ مىللىي دىنىغا ئايلانغان ، سوغدىلار قەدىمكى گرېك باكتېرىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كوشان خانلىقى تەۋەلىكىدە ياشىغان دەۋرلەردە ئۇلارنىڭ ئىچىگە بۇددا دىنىمۇ تارقىلىپ كىرگەن ، لېكىن كېيىن بۇددا دىنى زەردۈشت دىنى تەرىپىدىن تۆمۈر قاپقا ئارقىسىغا سىقىپ چىقىرىلغان ، شۈەنزاڭنىڭ مىلادىيە 630-يىلى سەمەرقەنتتە كۆرگەن ئەھۋاللىرى بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ ، شۈەنزاڭ بارغاندا سەمەرقەنت ئەتىراپىدا پەقەت ئىككىلار بۇددا ئىبادەتخانىسى بولۇپ ، پۈتۈنلەي بوش تۇرغان ، بۇنىڭدىن باشقا ، مانى ۋە نېستۇرىيان دىنلىرىمۇ سوغدىلار ئىچىگە تارقىلىپ كىرگەن . لېكىن بۇ دىنلارمۇ سوغدىلار توپلىنىپ ئولتۇرغان رايونلاردا زەردۈشت دىنىنىڭ ئورنىنى باسالمىغان ، زەردۈشت دىنى تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغان بۇددا ، مانى ، نېستۇرىيان راھىپلىرى سەمەرقەنتتىن تارتىپ تاكى چاڭئەنگەىچە سوزۇلغان يىپەك يولى بويلىرىغا تارقالغان سوغدى كەنتلىرىدە ماكان تۇتۇپ ، شۇ جايلاردىكى يەرلىك خەلقلەر ۋە كۆچمەنلەر ئىچىگە بۇددا ، مانى ، نېستۇرىيان دىنلىرىنى تارقاتقان . كۇچا ، تۇرپان ، دۇنخۇاڭلاردىن تېپىلغان سوغدىچە بۇددا ، مانى ، نېستۇرىيان ھۆججەتلىرى بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ . بەشبالىقتىن يەتتە كۈنلۈك يول يىراقلىققا جايلاشقان بىر موڭغۇل كەنتىدىن تېپىلغان سوغدىچە مەڭگۈ تاشتىن ۋە ئورقۇن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن تېپىلغان بىر ئۇيغۇر خانىنىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا مۇناسىبەتلىك بىر ئابىدە تاشتىنمۇ سوغدىلارنىڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرى ۋە يىراق چارۋۇچىلىك رايونلىرىدا دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇللانغانلىقىنى كۆرۈش مۈمكىن .
سوغدى تىلى __ قەدىمكى ئىران تىللىرىدىن بىرى . بۇرۇنقى ھىندى لوغەتلىرى پارس تىلىنىڭ لېكسىكولوگىيىسىدە توختالغاندا ، سوغدى تىلىنى ھازىرقى ئافغانىستاندىكى ئۈچ تىل __ ھىرات تىلى ، زاۋۇل تىلى ۋە ساك ياكى ساجىستان تىلى قاتارىدا ئۆلگەن ئىران تىللىرىدىن بىرى ھېسابلايدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 9-ئەسىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىرونى ئۆزىنىڭ «ئەسەر - ۇلباقىيە» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە سوغدىلارنىڭ كالىندارىنى تونۇشتۇرغاندا ، بۇ كالىنداردا كۆرسىتىلگەن بايراملار بۇخارا يېزىلىرىدىكى خەلق ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن . 10-ئەسىردە ، ئۆتكەن ئەرەب جۇغراپىيىچىسى بەلخى _ ئىستەخرىمۇ بۇخارا تىلىنى «سوغدى تىلى» دېگەن . 630-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتكەن جۇڭگو ساياھەتچىسى شۈەنزاڭمۇ سوغدىلارنىڭ (ئۆز تىلى بىلەن ئېيتقاندا سولېلەرنىڭ) يۇقىردىن تۆۋەنگە يېزىلدىغان مىللىي يېزىقى بارلىقى ، قەشقەر ، يەتتە سۇ ۋە سەمەرقەنتتە سوغدى تىلى ئىستېمال قىلىندىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ .
20-ئەسىردە دۇنخۇاڭ يېنىدا ئۇلۇغ سېپىل خارابىسىدىن 1-ئەسىرگە ئائىت بىر خەنزۇچە ھۆججەت بىلەن بىللە تېپىلغان سوغدىچە خەت ، لوپنۇر رايونىدىكى ئەندىرەدىن تېپىلغان بۇددا دىنىغا ئائىت بىر ھۆججەت ۋە تۇرپان بىلەن دۇنخۇاڭدىن بۇددا ، مانى ، نېستۇرىيان دىنىغا ئائىت ھۆججەتلەر ، خەتلەر ۋە كالىندارلار تېپىلغاندىن كېيىن سوغدى تىلى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئالىملىرى سوغدى تىلى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈشكە كىرىشتى . غەربىي ياۋروپا ئالىملىرىدىن گرتىئو ، ئاندىرياس ، خىننىڭلار ۋە سوۋېت ئالىملىرىدىن لىۋىشت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە سوغدى تىلى ھەققىدە بىرقەدەر ئەتىراپلىق چۈشەنچە پەيدا بولدى .
سوغدى تىلى قەدىمكى سەمەرقەنت دىئالېكتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر ئەدەبىي تىل . دۇنخۇاڭ يېنىدىن تېپىلغان سوغدىچە خەت (بۇ خەت گەرچە 1-ئەسىرگە ئائىت بىر خەنزۇچە ھۆججەت بىلەن بىللە تېپىلغانلىقى ئۈچۈن 1-ئەسىرگە ئائىت خەت دەپ قارالغان بولسىمۇ ، خىننىڭ ئۇنىڭ 4-ئەسىرگە ئائىت ھۆججەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى) بىلەن ئەندىرەدىن تېپىلغان بۇددا دىنىغا ئائىت ھۆججەت ۋە تاجىكىستاننىڭ مۇغ تاغلىرىدىكى بىر ئوردا خارابىسىدىن تېپىلغان سوغدىچە ھۆججەت (بۇ سوغدىلارنىڭ ئەسلى يۇرتىدىن تېپىلغان بىردىنبىر ھۆججەت) لەردىكى تىل «4-ئەسىرگە ئائىت كونا سوغدى تىلى» دەپ ئاتىلىدۇ . دۇنخۇاڭ ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان مانى ۋە نېستۇرىيان دىنى ھۆججەتلىرىدە ئىشلىتىگەن تىل «7-8-ئەسىرلەرگە ئائىت يېڭى سوغدى تىلى» دەپ ئاتىلىدۇ .
فونېتىكا جەھەتتىن سوغدى تىلى d ۋە L تىلى دېگەن ئىككى دىئالېكىتقا بۆللىنىدۇ ، d تىلى بۇرۇنقى ، L تىلى كېيىنكى تىل ھېسابلىنىدۇ . سوغدى تىلىدىن زەرەپشان دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا ھازىرغىچە ساقلانغان ياغناپ دىئالېكىتى بۇ دىئالېكتلارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايدۇ . d تىلى سوغدىلارنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي رايونلىرىغا تارقالغان ، L تىلى بولسا جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىغا تارقالغان . d تىلى بويىچە سوغدىلارنىڭ ئىسمى d(بۇ بىر ھەرپنى چىقىرالمىدىم)su ياكى dak (بۇ بىر ھەرپنى چىقىرالمىدىم) su دېيىلسە ، L دىئالېكتىدا بۇ سۆز suli ياكى sulik دېيىلگەن . قەشقەر ئەتىراپىدا ياشايدىغان سوغدىلارنىڭ تىلى L دىئالېكتىغا مەنسۇب بولسا كېرەك . قەشقەرنىڭ قەدىمكى ئىسمى «سۇلى» دېگەن سۆز «سۇلىق» دېگەن سۆزدىن كەلگەن ، بۇ ھازىرقى كۆپچىلىك ئالىملار ئېتىراپ قىلغان پاكىت . شۇڭا ، شۈەنزاڭ ئۇلارنى «سۇلى» دەپ ئاتىغان .
بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرى قەشقەرنىڭ تىلىدا توختالغاندا ، «شەھەر خەلقى ساپ تۈركىي تىلىدا سۆزلەيدۇ ، شەھەر ئەتىراپدا ئىككى تىلدا سۆزلەيدىغان كەنجەك مەھەلىلىرى بار» دەيدۇ . بۇنىڭدىن كۆرۈنىدۇكى ، 9-ئەسىردە قەشقەر ئەتىراپىدىكى سوغدىلار (ئەگەر كەنچەكلەرنى «شۇلارنىڭ ئەۋلادى» دەپ قاراش مۈمكىن بولسا) تۈركلىشىشنىڭ ئاخىرقى باشقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ (خۇددىي بالاساغۇندا بولغاندىكىدەك) . مۇشۇ پاكىتلاردىن شۈەنزاڭ «سۇلى» دەپ ئاتىغان قەشقەردىن تاكى تۆمۈر قاپقىغىچە بولغان كەڭ رايون سوغدىلار تارقالغان رايون بولۇپ چىقىدۇ . بۇنىڭدىن بىرلا پەرق ، سەمەرقەنت بىلەن بۇخارا ئەتىراپى سوغدىلارنىڭ ئاساسىي يۇرتى بولسا ، قەشقەر ۋە بالاساغۇن ئەتراپىدىكى سوغدىلار تىجارەت ئۈچۈن كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغان سوغدىلار بولىدۇ .
سوغدىلارنىڭ ئۆز يېزىقلىرى بولغان ، ئۇلارنىڭ بۇ يېزىقلىرى سامى خەلقىنىڭ يېزىقىدىن كەلگەن . «ئارامى يېزىقى» دەپ ئاتالغان بۇ يېزىقنى ئالدى بىلەن پارسلار قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ، ئىراندىن تېپىلغان ئارشاكىدلار سۇلالىسىنىڭ كۈمۈش ئاقچىلىردا ۋە نىيىدىن تېپىلغان مىلادىيە 1-ئەسىرگە ئائىت پۈتۈكلەردە پارسلار ئىشلەتكەن بۇ يېزىق ئۇچىرايدۇ . بۇ يېزىق سوغدىلارغا پارسلاردىن ئۆتكەن ، كونا سوغدى تىلىدىكى ھۆججەتلەردە ئەنە شۇ ئارامى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن يېزىق ئىشلىتىلگەن . يېڭى سوغدى تىلىدىكى ھۆججەتلەردە بولسا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يېزىلىدىغان ۋە كېيىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاساس بولغان سوغدى يېزىقى ئىشلىتىلگەن . 4-ئەسىردىن تارتىپ تۈركىي خەلقلەر ئىشلەتكەن ئورقۇن ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقلىرىمۇ ، گرىتونىڭ پىكرىچە ، ئەنە شۇ سوغدىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۈركىي خەلقلەرگە ئۆتكەن . 8-ئەسىردە ئۆتكەن ئىسلام ئالىمى فەخرىدىن مۇبارەكشاھ مەرۋارىدىمۇ بۇ نوقتىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن (مەھمۇد كاشىغەرى بۇ نوقتىغا دېققەت قىلمىغان بولسا كېرەك) . 3-ئەسىردىن 7-ئەسىرگەىچە «پەھلىۋى تىلى» دەپ ئاتالغان پارس تىلى ساسانىلارنىڭ ئەدەبىي تىلى بولغاندەك ، 7-8-ئەسىرلەردە سوغدى تىلى ۋىزانتىيىدىن تارتىپ تا چاڭئەنگىچە بولغان كەڭ رايوندا يىپەك يولى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان سوغدىلارنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولغان ۋە شۇ يىپەك يولىدا ياشىغۇچى باشقا خەلقلەرنىڭ زىيالىلىرىمۇ بۇ تىلنى ئوبدان بىلگەن ھەم مەدەنىي ئالاقىدە ئۇنىڭدىن پايدىلالغان . تۇرپاندىن تېپىلغان بىر سوغدى كالېندارىدا ، يىل ، ئاي ، كۈنلەرنىڭ سوغدىچە ئىسىملىرى ئاستىدا خەنزۇچە يىل ، ئاي ، كۈن ئىسىملىرى ۋە مۆچەل ناملىرى يېزىلغانلىقى ، شۇ دەۋردە خەنزۇلار ۋە خەنزۇچە بىلگە باشقا مىللەت زىيالىلىرىنىڭ بۇ تىلدىن خەۋەردارلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەرەب ئىستېلاسىدىن كېيىن سامانىيلار (874-999-يىللار) دەۋردە ئىراندا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا پارس ئەدەبىي تىلى گۈللەنگەندىن كېيىن ، بۇ تىل ئاۋۋال شەھەردىكى زىيالىلار ئارىسىدا ئومۇملىشىپ ، بارا بارا قەدىمكى سوغدى تىلىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى . پارسلار كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلغان رايونلاردا ياشايدىغان سوغدىلار پارسلىشىپ ھازىرقى تاجىك خەلقى ئىچىگە سىڭىپ كەتتى ، تۈركىي خەلقلەر كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلغان رايونلاردا ياشايدىغان سوغدىلار بولسا ، تۈركلىشىپ ھازىرقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبىكلەر ئىچىگە سىڭىپ كەتتى . موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلغاندا ، پۈتكۈل «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم سوغدى كەنتلىرى (شەھەرلىرى) ، مەسىلەن ، سەمەرقەنت قاتتىق ۋەيران بولدى . بۇ ھال سوغدىلارنىڭ يوقىلىشىنى تىزلەتتى . قەدىمكى سوغدىلاردىن پەقەت زەرەپشان دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدىكى ياغناپ دەرياسى بويىدىلا بىرقىسىم خەلق ئۆز تىلىنى ساقلاپ قالدى .




2 . توخارلار


مىلادىيىدىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرى گرېك _ باكتېرىيە ئىمپېرىيىسىنى ئىشغال قىلغان خەلق «توخارلار» دەپ ئاتىلىدۇ . بۇلار ياشىغان رايون ئەرەب ، پارس تارىخلىرىدا «توخارىستان» دەپ ئاتىلىدۇ .
گرېك تارىخچىلىرى گرېكلەر بويسۇندۇرغان خەلقلەرنى تىلغا ئالغاندا ، توخارلارنىمۇ ساناپ ئۆتىدۇ ، كۆپچىلىك غەرب تارىخچىلىرى 2-ئەسىردە گرېك - باكتېرىيە دۆلىتىنى ئىشغال قىلغان خەلقنى «ياۋچىلار ئىدى» دېگەن كۆزقاراشنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردە توخارلارنىڭ ئەسلى يۇرتى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى بۇلۇندىر دەرياسىنىڭ بويلىرى بولۇپ ، بۇلارنى ئۇ يەردىن ھونلار قوغلىۋەتكەن . بۇ كۆچۈش داۋامىدا ياۋچىلار ئالدى بىلەن يەتتە سۇغا ، كېيىن ئامۇ دەريا بويلىرىغا بېرىپ ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ بىلەن بەدەخشان ئارلىقىدىكى جايلارغا (ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي ئېقىمىدىكى رايونلارغا) جايلاشقان ، بۇلار ئۇلۇغ ياۋچىلار بولۇپ ، كىچىك ياۋچىلار لوپنۇر بىلەن خوتەن ئارلىقىغا جايلاشقان .
«توخار» دېگەن سۆز ، بۇ خەلقنىڭ ئېتنىك نامى بولۇپ ، بۇلار قۇرغان دۆلەت «كوشان دۆلىتى» دەپ ئاتىلىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا كوشان دېگەن نام ئۇلارنىڭ سىياسىي نامى بولسا كېرەك .
مىلادىيە 5-ئەسىردە كوشان دۆلىتىنى ئېفتالىتلار بېسىۋالدى ، بۇلار ئابداللار بولۇپ ، ئەرەب تارىخچىلىرى بۇلارنى «خەتتال» دەيدۇ ، خەنزۇ تارىخىدا بۇلار «يەندا» دېگەن نام بىلەن مەلۇم . مىلادىيە 563-567-يىللىرى كوشان دۆلىتىنى كۆك تۈركلەر ئىشغال قىلدى .
توخارلارنىڭ تىلى شەرقىي ئىران تىللىرىنىڭ ساك گورۇپىسىغا كىرىدۇ ۋە ئۆلگەن تىل ھېسابلىنىدۇ .
ئىلگىرى توخار تىلىدىكى ھۆججەتلەر كۇچا ۋە قارا شەھەرلەردىمۇ تېپىلغان ئىدى (كۇچادىكى بۇددا گەمىلىرىدىن بىر كىتابخانا تېپىلىپ ، بۇنى نېمىسلار ئېلىپ كەتكەن) . ئىلىم دۇنياسىدا قەدىمكى كۇچا تىلى « I توخار تىلى » ؛ قەدىمكى قاراشەھەر تىلى «II توخار تىلى» دەپ ئاتىلىدۇ .
كېيىنكى چاغلاردا (1962-1963-يىللىرى) تېرمىزدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ۋاقتىدا توخارلارنىڭ ئەسلىي يۇرتى بولغان توخارىستاندىن كوشان دۆلىتى دەۋرىگە ئاقچىلار ۋە «خىيونت ئىلاھىيىسى» دەپ ئاتالغان بۇددا دىنى ئىلاھىيىسى (دىننىي مەدھىيە) تېپىلدى . بۇ ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلغان ئالىم بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىلىنى «توخار تىلى» دەپ ئاتىدى ۋە كۇچا بىلەن قاراشەھەردىن تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ تىلىنى «ئاتالمىش توخار تىلى» دەپ ئاتىدى .
شۈەنزاڭنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە ، توخارىستاندا براخما يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن 25 ھەربلىك سولدىن ئوڭغا يېزىلدىغان بىر خىل يېزىق ئىشلىتىلىپ ، بۇ يېزىقتا بۇددا دىنى كىتابلىرى تارىخىي ئەسەرلەر يېزىلغان .
ئىسلام يازغۇچىلىرى 12-ئەسىردە ئۆتكەن سەمئانى ۋاشىگىر شەھرىدە (بۇخارادىكى پەيزىۋاتتا ، بۇ يەر خەتتاللارنىڭ پايتەختى بولغان) ئىسلامدىن ئاۋۋالقى بىرخىل يېزىق بارلىقىنى ۋە بۇ يېزىقتا يېزىلغان كىتابلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەنلىكىنى يازىدۇ .
شۈەنزاڭ لوپنۇر ئەتراپىدىمۇ توخارلار ياشىغانلىقىنى يازغان ، لېكىن شۈەنزاڭ بۇ جايلاردىن ئۆتكەندە بۇ يەرلەر پۈتۈنلەي قۇم ئاستىدا قېلىپ خارابىلىققا ئايلانغان ، شۇڭا شۈنزاڭ ئۇلارنىڭ تىل يېزىقى ھەققىدە ھېچنىمە دېمىگەن . كۇچادا بولسا ، توخار تىلىدا بۇددا كىتابلىرى بارلىقىنى ، بۇ يەردە ھىندى (براخما) يېزىقىغا ئوخشايدىغان بىر يېزىق ئىشلىتىلگەنلىكىنى يازغان . لېكىن ، بۇ يېزىق ۋە تىلنىڭ توخارىستاندىكى يېزىق ۋە تىل بىلەن قانداق مۇناسىۋېتى بارلىقى ھەققىدە ھېچنىمە دېمىگەن .
بۇددا دىنىغا ئائىت قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان ھۆججەتلەردىمۇ توخار تىلى تىلغا ئېلىنىدۇ ، لېكىن بۇنىڭدا ئاساسەن كۇچا تىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ .
يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىشىچە ، توخار تىلى دەپ ئاساسەن توخارىستاندىكى توخارلارنىڭ تىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ، توخارىستان كوشان دۆلىتى دەۋرىدە بۇددىزم تازا گۈللەنگەن رايون بولغاچقا ، بەزى ئالىملار (قەدىمكى خوتەن بىلەن توخارىستان ئوتتۇرىسىدا قويۇق بېرىش-كېلىش بولغان ، چوڭ ياۋچىلار توخارىستاندا بۇددىزمنى قوبۇل قىلىپ بۇددا مەدەنىيىتىنى راۋاجالاندۇرغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ تۇغقان قەبىلىلىرى بولغان كىچىك ياۋچىلار جايلاشقان خوتەن ۋە ئۇنىڭ شەرقىدىكى جايلار بىلەن قويۇق بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرغان) دەيدۇ . لېكىن ، خوتەندىن تېپىلغان بۇددا ھۆججەتلىرىنىڭ تىلى بىلەن توخارىستان تىلىدىكى ئوخشاشماسلىق كىشىنى بۇلارنىڭ يېقىنلىقىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ ، شۇڭا بەزى ئالىملار خوتەننىڭ شەرقىدىكى رايونىنىڭ تىلىنى (قارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغان تىلنى) «گراماتىكىلىق تۈزۈلىشى جەھەتتىن ئىران تىلىغا يېقىن كەلسىمۇ ، لېكسىكىلىق جەھەتتىن ھىندى تىلىنىڭ غەربىي شىمال لەھجىسىگە ئوخشايدۇ» دەيدۇ . بەزىلەر ھەتتا بۇ تىلنى «تىبەت - بېرما تىل سىستېمىسىغا مەنسۇب بىر تىل بولسا كېرەك» دەيدۇ .
ھەر ھالدا توخارىستاندىكى «ھەقىقىي توخار تىلى» نىڭ شەرقىي ئىران تىللىرىنىڭ ساك گوروپپىسىغا كىرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ ، قەدىمكى خوتەن تىلى قەدىمكى كۇچار تىلىنىڭ زادى قانداق تىل ئىكەنلىكى تېخى ئېنىقلانمىدى . جۇڭگو مەنبەلىرىدىن بىزگە مەلۇم بولىشىچە ، قەدىمكى كۇچادا روھانىلار تىلى بىلەن ئاۋام خەلق تىلى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان . كۇچادىن تېپىلغان براخما يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرمۇ بۇ يەردە ئىككى خىل تىل ، يەنى دىننىي يۇقىرى تەبىقە ۋە راھىبلار ئىشلىتىدىغان بىرخىل تىل ، كۆپچىلىك خەلق ئىشلىتىدىغان يەنە بىرخىل تىل بارلىقىدىن ، ئاۋام خەلققە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇددا ھۆججەتلىرى يەرلىك خەلق تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . لېكىن بۇ تېخى ئېنىقلانمىغان مەسىلە ، كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن داۋاملىق تېپىلىۋاتقان ماتېرىياللار ۋە كۇماراجىۋا چاڭئەندە تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان دەۋردىكى تىل ماتېرىياللىرى ئوبدان تەتقىق قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئاخىرقى خۇلاسسىگە كېلىشى مۈمكىن .


داۋامى بار . . .
[ بۇ يازما Yulduzay تەرپىدىن2008-12-18 03:52 PMدە قا ]
本帖最近评分记录:
  • پۇل:+10(gvzal3.8) ئەجىر
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    顶端 Posted: 2008-12-18 03:36 PM | [楼 主]
    Zulpikar Barat Ozbax
    sirajil
    تۈندە پەقەت ئاي ماڭا ھەمراھ...
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى ئىجاتچان ئەزا
    级别: باشقۇرغۇچى


    精华: 1
    发帖: 1251
    شۆھرەت: 1736 نۇمۇر
    پۇل: 11711 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:294(小时)
    注册时间:2006-05-02
    最后登录:2009-02-20

     

    ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ھەدە.شۇنچە ئەجىر قىلغان بارماقلىرىڭىز تالمىغاي...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئېسىڭدىمۇ ئېيتچۇ سەن تۇغۇلغاندا،
    ھەممە كۈلگەنىكەن،سەن يىغلىغان.
    شۇنداق ياشىغىنكى كېتەر چېغىڭدا،
    ھەممەيلەن يىغلىسۇن،سەن ماڭغىن خەندان.
    顶端 Posted: 2008-12-18 06:23 PM | 1 楼
    Adil Mijit Bilan sohbat
    alzari
    级别: دىيارىم ئەزاسى


    精华: 0
    发帖: 58
    شۆھرەت: 97 نۇمۇر
    پۇل: 665 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:26(小时)
    注册时间:2006-12-12
    最后登录:2009-02-04

     

    ماقالە ناھايتى ياخشى بولوپ لىكىن ئاپتۇر...ھورونلوق قىلدىمۇ ياكى قەستەن بىلمىدىم..تارىخى كىتاپالردا ئىنىق تىلغا ئىلىنغان ھەتتا ئارخىلوگىيلىك ئىسپاتلىرىمۇ بولغان بۇ مىللەتەلرنىڭ تارخىنى ئاپتۇر خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويغان

    ئىيتايلوق.
    ئاپتۇر كۇشان ئۇلارنىڭ سىياسى نامى بولسا كىرەك ..دەپ يازاغان.
    لىكىن مەيلى تارىخنامىلەردە بولسۇن ياكى .ئابىدىلەردە بولسۇن.
    كۇشان سىياسى نام بولماستىن بەلكى توخارلارنىڭ تۆت قەبىلىسىنىڭ بىرىنىڭ نامى
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    顶端 Posted: 2008-12-18 06:33 PM | 2 楼
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    goya
    级别: دىيارىم ئەزاسى


    精华: 0
    发帖: 137
    شۆھرەت: 187 نۇمۇر
    پۇل: 1028 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:33(小时)
    注册时间:2007-11-19
    最后登录:2008-12-19

     

    خېلى كۆپ تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ قالدىم .رەخمەت سىزگە.
    Okyan
    顶端 Posted: 2008-12-18 08:12 PM | 3 楼
    Adil Mijit Bilan sohbat
    篮球美女
    ئاتۇش ۋاسكىتبول گۈزىلى ....
    级别: ئالاھىدە ئەزا


    精华: 0
    发帖: 3218
    شۆھرەت: 3298 نۇمۇر
    پۇل: 1010375 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:1983(小时)
    注册时间:2008-09-06
    最后登录:2009-02-20

     

    بۇنداق تارىخى بىلىملەرنى مۇنبەردە كۆرۈپ تۇرغان ياخشى ، بىزنىڭ بۇ ھەقتە ماتىرىيال كۆرگۈدەك ۋاقتىمىز چىقىشى مۇمكىن ياكى ئەمەس دىگەندەك ، چۈنكى ھەر بىر كىشىنىڭ قانداق خاراكتىردىكى ماتىرىيال كۆرۈشى ئۆزىگە باغلىق ئەمەسمۇ ؟ مەن مۇنبەرلەردە كۆرگەن ھەر بىر تارىخى ماتىرىياللارنىڭ ھەممىنى زادى ئالا قويماي بىسىپ چىقىرىۋالىمەن .
    رەھمەت تىما ئىگىسى ، سىزگە ئاز بولسىمۇ      
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ۋاقتىسز دۇنيادىن ئايرىلىپ قالسام ، قەبرەمگە باش قويۇپ ياش تۆكەلەمسەن ؟...........................
    顶端 Posted: 2008-12-18 08:34 PM | 4 楼
    Yurtum Elani
    tokkuzoghuz
    级别: ئۈمىدلىك ئەزا


    精华: 0
    发帖: 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 104 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:194(小时)
    注册时间:2008-12-16
    最后登录:2009-02-17

     

    بەك يۈزەكى يىزىلىپ قاپتۇ . تارىم ۋادىسىدىكى  ئېتنىك مەنبەلەر كۆپ .
    Okyan
    قان بىلەن ھەرگىزمۇ ياش بىلەن ئەمەس.
    顶端 Posted: 2008-12-19 07:06 AM | 5 楼
    Zulpikar Barat Ozbax
    gizitchi
    级别: دىيارىم ئەزاسى


    精华: 0
    发帖: 41
    شۆھرەت: 41 نۇمۇر
    پۇل: 131 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:99(小时)
    注册时间:2008-11-17
    最后登录:2009-02-19

     

    بارماقلىرى تېلىپ كۆزلىرى ئېچىشىپ كەتكەندۇ بۇ  ئاچامنىڭ.

    بولدى ئەمدى ئولتۇراپ بىر تىلىم تاۋۇز  ھاممام قىلىۋىلىڭە
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    顶端 Posted: 2008-12-24 07:51 PM | 6 楼
    Yurtum Elani
    Yulduzay
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    级别: باشقۇرغۇچى


    精华: 7
    发帖: 940
    شۆھرەت: 1135 نۇمۇر
    پۇل: 3849 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:134(小时)
    注册时间:2005-10-11
    最后登录:2009-02-20

     

    3 . قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى


    ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادا قەدىمكى زامانلاردىن تاتىپ شەھەر تۇرمۇشى كەچۈرۈپ كەلگەن ئەڭ مەدەنىي خەلقلەرنىڭ بىرى (مالوف) .
    ئۇيغۇرلار باشتا ھون قەبىللىرى ئىتتىپاقىدا بولغان ، غەربىي ھون قەبىلىلىرى ئىچىدە ساراغۇرلار ، ئۇنۇغۇرلار ، قۇتۇغۇرلار دېگەن قەبىلىلەرنىڭ بولغانلىقى بۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تۇرۇپتۇ . تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى خەلق داستانلىرىدىن بولغان «ئوغۇزنامە» دە مەدھىيلەنگەن ۋە «ھونلارنىڭ بىرىنچى خاقانى» دەپ تونۇلغان ئوغۇزخانمۇ ئۆزىنى «ئۇيغۇر خاقانى» دەيدۇ . قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇيغۇرلار ھون قەبىلرى ئىتتىپاقىدا موھىم رول ئوينىغان خەلقلەرنىڭ بىرى . «شەجەرەئى تۈرك» تە ئېيتىلىشىچە ، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇيۇشماق» ، «ئۇيۇشقۇچى» دېگەنلىك بولارمىش (ئەمەلىيەتتە«ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىم «ئەقىل-ئىدىراك» مەنىسىدىكى «ئوي» سۆزىگە كۈچ-قۇدرەت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «غۇر» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ ياسالغان) ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئوغۇزخان ئەتتىراپىغا ئۇيۇشقانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ گۈزەل نامنى ئالغان .ھونلار ياۋروپاغا كۆچۈپ بارغاندىمۇ ئاتىللا قوماندىسى ئاستىدىكى خەلقلەر ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر قەبىلىسى بولغان .
    بەزى ئالىملار «شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك سودىسى ھون ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن تارتىپلا مەۋجۇت ئىدى ، ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسى ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبلىرى ئىچىدە ئەنە شۇ يىپەك سودىسى مەسىلىسىمۇ بار ئىدى» دەيدۇ . ئەگەر بۇ پەرەز توغرا بولىدىغان بولسا ، ئۇيغۇرلار شۇ زاماندىن تارتىلا يىپەك يولى سودىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ بىرى . ياۋروپاغا ئاتىللا قوماندىسىدا بارغان ھونلار تەركىبىدە ئىككى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ بولغانلىقى ۋە بۇ ھونلارنىڭ كېيىنكى چاغلاردا ئۆزىنىڭ شەرقتە قالغان تۇغقانلىرى __ غەربىي لىياڭغا سودا كارۋانلىرى ئەۋەرتكەنلىكى بۇنى ئىسپاتلايدۇ .
    ھونلار بىلەن ئاۋارلاردىن كېيىن چۆلنىڭ شىمالىدا كۆكتۈرك خانلىقى باش كۆتۈردى . كۆكتۈرك خانلىقىدىن قالغان مەڭگۈ تاشلاردىن بىز شۇنى ئوچۇق كۆرەلەيمىزكى ، كۆكتۈرك دۆلىتى تەركىبىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئاساسىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان . مىلادىيە 5-ئەسىردە تۇلەسلەر ، (يەنى ، ئۇيغۇرلار ) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ دالالىرىدا ھەرىكەت قىلغان ، كۆكتۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگەللەپ ۋېنزانتىيە ۋە ئېران چېگىرلىرىدا ھەرىكەت قىلغان دەۋرلەردە كۆكتۈرك قوشۇنلىرى تەركىۋىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەن . مالوفنىڭ پەرەز قىلىشىچە ، 5-6-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىران تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان مانى دوئاسى بۇنىڭدىن دالالەت بېرىدۇ .
    كۆكتۈرك خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇر خانلىقى ئىگەللىدى . بىزگە مەلۇم ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ناھايىتى دوستانە مۇناسىۋەتتە بولغان بۇ خانلىق قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ھىمايىچىلىرى بولدى ۋە بۇ سودىدىن ئەڭ كۆپ مەنپەئەت كۆردى . ئۇلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن رەسمىي سودا مۇناسىۋېتى ئورنىتىپ ، ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭلىغان ئاتقا يىپەك ئالماشتۇرغان ، ئات سودىسىدا ئىگە بولغان يىپەكلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلىتىپ تۈگىتەلمەيتى ، ئەلۋەتتە . ئۇلار بۇ يىپەكلەرنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە شۇ ئارقىلىق ئىران ۋە ياۋروپللارغا ساتاتتى . يىپەك يولى سودىسى بىلەن ئەنە شۇنداق قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇش ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىكى ئەڭ مەدەنىي خەلقلەردىن بولۇپ يېتىشىشىگە سەۋەپ بولدى . بىزگە مەلۇم ، قەدىمكى ھون تىلى ئۇرال -ئالتاي تىلى سىستېمىسىغا كىرىدىغان بىر تىل . ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئالتاي تىللىرىنىڭ ئۈچ چوڭ تارمىقى بولغان تۇنگۇس تىللىرى ، موڭغۇل تىللىرى ۋە تۈركىي تىللار بىر-بىرىدىن ئوچۇق ئايرىلىپ چىقمىغان ئىدى . ھون ئىمپېرىيىسى ئىككىگە بۆلۈنگەن دەۋرلەرگە كەلگەندە (مىلادىيە 1-ئەسىر ئۆپچۆرىسىدە) تۇنگۇس تىللىرى بىلەن موڭغۇل-تۈرك تىللىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلدى . غەربىي ھونلارنىڭ تىلى ئاساسەن تۈركىي تىل ئىدى (لېكىن شەرقىي ھونلار تەركىۋىدىمۇ تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بار ئىدى) . جاڭ چىيەن ھونلار قولىدا ئون يىل ئەسىر بولۇپ تۇرغان چاغدا ، ھون تىلىنى ئۆگىنىۋالغان ۋە ئۆز خاتىرىلىرىدە بىرمۇنچە ھون سۆزلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان . مۇشۇ سۆزلەردىن ۋە ھونلارنىڭ ئادەم ، مەنسەپ ، قورال ، يەر ئىسىملىرىدىن قارىغاندا ، ھون تىلىنىو تۈركىي تىل ئىكەنلىكىدە شەك يوق . پېلىئوت جاڭ چىيەن خاتىرلىۋالغان «سوچى تىلەيگەن ، پۇگۇ توغدان __ قوشۇن قوزغىلىش بىلەنلا پۇگۇ تۇتىۋېلىندى» دېگەن جۈملىنى تەھلىل قىلىپ ، بۇ جۈملىنىڭ مەيلى گرامماتىكا تۈزىلىشى جەھەتتىن بولسۇن ياكى لوغەت تەركىبى جەھەتتىن بولسۇن تۈركىي تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ . بۇ جۈملىدىكى «سۇچى» دېگەن سۆز «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تىمۇ بار . مەھمۇد كاشىغەرىيمۇ بۇ سۆزنى جاڭچەنگە ئوخشاش «قوشۇن» دەپ ئىزاھلايدۇ . ھونلارنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشىگە سەۋەب بولغان شەنبىلەرنىڭ تىلىدىن خەنزۇ مەنبەلىرىدە يېزىپ قالدۇرۇلغان سۆزلۈكنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەن پېللىئوت شەنبىلەرنەڭ تىلىنىمۇ «تۈركىي تىل» دەيدۇ .
    ھون ئىمپېرىيىسى يىقىلىپ ئۇلارنىڭ ئورنىدا مەيدانغا كەلگەن كۆكتۈرك خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە تۈركىي تىللار يالغۇز موڭغۇل تىللىرىدىنلار تولۇق ئايرىلىپ چىقىش بىلەنلا قالماي ، تۈركىي تىللارنىڭ ئۆزىمۇ «ئوغۇز - قىپچاق تىللىرى» ۋە «ئۇيغۇر-قارلۇق تىللىرى» دېگەن ئىككى چوڭ گۇرۇپىغا بۆلۈنىشكە باشلىدى .
    11-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تىلشۇناسى مەھمۇد كاشىغەرىي بۇ ئىككى گورۇپا تىللارنىڭ فونېتىكىلىق ۋە مورفولىگىيىلىك پەرقلىرىنى ئىلمىي ئاساستا كۆرسىتىپ ئۆتكەن . ئۇ بۇ ئىككى تىل گورۇپىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى مۇنداق فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ :
    1- سۆز بېشىدا «ج» ياكى «ي» بولۇش .
    مەسىلەن : «جاي» ياكى «ياي» .
    2- سۆز بېشىدا «ب» ياكى «م» بولۇش .
    مەسىلەن : «بەن» ياكى «مەن» .
    3-سۆز بېشىدا «د» ياكى «ت» بولۇش .
    مەسىلەن : «داغ» ياكى «تاغ» .
    4-سۆز ئاخىرىدا «ن» ياكى «ي» بولۇش .
    مەسىلەن : «قون» ياكى «قوي» .
    5-سۆز ئارىلىقىدا «ز» ياكى «ي» بولۇش .
    مەسىلەن : «ئازغىر» ياكى «ئايغىر» .
    يۇقىرىقى مىساللاردا ئوڭ تەرەپتىكى ھەرپ ۋە سۆزلەر ئوغۇز-قىپچاق تىللىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، سول تەرەپتىكى ھەرپ ۋە سۆزلەر ئۇيغۇر-قارلۇق تىللىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . مەھمۇد كاشىغەرىي تاۋۇشلاردى ئالمىشىشلاردىن باشقا مورفولوگىيە جەھەتتىمۇ بىرمۇنچە پەرقلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن .
    كۆكتۈرك خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىدا دەسلەپتە ئۇيغۇر خانلىقى ، كېيىن قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقى مەيدانغا كەلگەن . بۇ خانلىقلار ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن ئىچكى توققۇز قەبىلە (ياغلاقار ، ئوتۇرقار ، تومەلۇر ، بوقاسقىر ، ئاۋۇچاگ ، قارسار ، خوگورسوۋ ، يابۇقتار ، ئاياۋۇز) ۋە تاشقى توققۇز قەبىلە (ئۇيغۇر ، ئوپۇرغۇر ، غون ، بايىقۇر ، توڭرا ، ئىسىگ ، چىپى ، باسمىل ، قارلۇق) نى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇرۇنقى كۆكتۈرك خانلىقى تەركىبىگە (جۈملىدىن ھونلار تەركىبىگە) كىرگەن باشقا تۈركىي قەبىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىدارىسى ئاستىدا تۇتقان . ئەنە شۇ خانلىقلار دەۋرىدە ئۇزاق ۋاقىت (6-7 يۈز يىل) بىللە ياشاش داۋامىدا بۇرۇنقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە باشقا تۈركىي قەبىلىلەرمۇ ئارلىشىپ سىڭىپ كەتكەن ، نەتىجىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەممە تۈركىي قەبىلىلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق ئەدەبىي تىل بولۇپ قالغان ۋە 7-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبي تىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان . مەھمۇد كاشىغەرىي «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» نىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ : «قەدىمدىن تارتىپ قەشقەردىن چىنگىچە بولغان ھەممە رايونلاردا بارلىق خاقان ۋە سۇلتانلارنىڭ يارلىقلىرى ۋە خەت-چەكلىرى مۇشۇ يېزىق (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى) بىلەن يېزىلىپ كەلمەكتە» . بەزى تارىخچىلىرىمىز مۇشۇ پاكىتنى ئېتىبارغا ئالماي ، «ئۇيغۇر» دېسە پەقەت بۇرۇنقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىلا چۈشىنىدۇ-دە ، مۇشۇ 6-7 يۈز يىل داۋامىدا ئۇيغۇرلار ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن باشقا قەبىلىلەرنى ( مەسىلەن ، قارلۇق ، باسمىل ، قانقى ، ياغما ، توخسى . . . لارنى) ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ قارايدۇ . مېنىڭچە مۇنداق قاراش توغرا ئەمەس . ھەقىقەتتە بولسا ، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئۈچ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى . ئۇيغۇرلار ئىچىگە ئىلگىرى بۇ قەبىلە ئىتتىپاقىدا بولمىغان بىرمۇنچە قەبىلىلەر كىرىپ سىڭىپ كەتتى . شۇ جۈملىدىن تۈركىي بولمىغان سوغدى ، توخار ، ئىفتالىت ، ساك قەبىلىلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى . «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزىمۇ بۇرۇندىن تارتىپلا بىر قەبىلە ئىسمى بولماي ، بەلكى قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلدى . بۇ قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ دائىرىسى ئەجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ، بەزىدە كېڭەيدى ، بەزىدە تارايدى . ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۆگىنىدە ياشاپ مەسەنىي جەھەتتىن يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغاچقا ، ئەنە شۇنداق نۇرغۇن قەبىلىلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ كېتەلىگەن ۋە ئۆزىگە سىڭىپ كەتكەن تۈرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى بايلىقلىرىنى ئۆز مەدەنىيىتىگە قوشۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ بىزگە پارلاق مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن . تاڭغۇت يولى (خېشى كارىدورى) ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردىن تېپىلغان ۋە تېپىلىۋاتقان ئاسارە-ئتىقىلەر بۇنى توللۇق ئىسپاتلايدۇ . بۇ جايلاردىكى بۇددا ، مانى ، نېستورىيان ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تاملىرىدىكى رەسىملەر ، يېزىقلار ، ھەيكەللەر بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان باغلام-باغلام قول يازمىلار ، دەپتەرلەر ، ئەخلەتلەر ئارىسىدا چېچىلىپ ياتقان خەت-چەكلەر بۇنىڭ جانلىق گۇۋاھلىرى . ھازىر بۇ مەدەنىي بايلىقلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى ياۋروپا ساياھەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ ، دۇنيا مەشھۇر موزىيلىرىنى زىننەتلەپ ياتماقتا . ئازاتلىقتىن كېيىن تېپىلغانلىرى بولسا ، ئۇيغۇر ئاپرونۇم رايونىمىزدىكى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى موزىيلاردا ساقلارنماقتا . بۇ قول يازمىلار ۋە رەسىملەر مەزمۇن جەھەتتىن خەلق تۇرمىشىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تام رەسىملىرىدە بۇددا ۋە نېستۇرىيان دىنىغا ئائىر رېۋايەتلەر تەسۋېرلەنگەندىن باشقا يەنە شۇ بۇ دخانىلارغا تاۋاپ قىلىپ كېلىپ نەزىر-نۇسرەت قىلغان ئۇيغۇر خانزادىلىرى ، مۆتىۋەرلىرى ۋە خېنىملارنىڭ دەبدەبىلىك كۆرۈنىشلىرى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆڭىل ئېچىش پالىيەتلىرىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . بۇلاردىن شۇ دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت، كىيىم-كېچەك ، قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك مەلۇماتلارنى تاپقىلى بولىدۇ . بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، ئىجتىمائىي ئىقتىساسىي تۇرمۇشى ، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىي تۇرمۇشلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە .
    بۇ يەردە يەنە شۇنى كۆرسىيىپ ئۆتمەي بولمايدۇكى ، ئىلگىرى بەزى تارخچىلار ۋە سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى بۇ مىڭ ئۆي(بېزەكلىك) ۋە بۇدخانا رەسىملىرىنى تىلغا ئالغاندا ، كۆپىنچە بۇ سەنئەتنى «گرېك» ياكى «ھىندىسەنئىتى» دەيتى . بۇ لارنى ئۇيغۇرلار بىلەن باغلاشنى خالىمايتتى ياكى بۇ ھەقتە گەپ قىلماي ئۆتۈپ كېتەتتى . ئەمەلىيەتتە بۇ رەسىملەردىكى نۇرغۇن ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلىمىز . مەسىلەن ، كۇچا مىڭ ئۆيىدىكى تام رەسىملىرىدە بوينىغا گالىستۇكقا ئوخشاش ياغلىق باغلىغان ئادەملەر تەسۋىرلەنگەن . كىشىلەر «مۇنداق گالىستۇك باغلاش چەتتىن كەلگەن ئادەت» دەيدۇ ، لېكىن تارىخقا نەزەر سېلىپ قارايدىغان بولساق ، بۇ رەسىملەر سىزىلغان دەۋردە ياۋروپادا گالىستۇك باغلاش ئادىتى يوق ئىدى . ۋاھالەنكى بىرمۇنچە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تا ھازىرغىچە توي كۈنلىرى يىگىتنىڭ بوينىغا ياغلىق باغلىنىدۇ ، ياغلىقنى چىڭ تۈگۈپ قويۇپ توي كېچىسى قىزغا يەشتۈرىدۇ ، بەزىدە ھەتتا «قىززىق بولسۇن» دەپ تۈگۈن ئىچىگە تىكەن چىگىپ قويىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ياغلىق (گالىستۇك) باغلاش ئادېتى چەتتىن كەلگەن ئادەت ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە تا ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن كونا ئادەت . تام رەسىملىرىدە قىزلارنىڭ چاچلىرى بەك كۆپ ئۆرۈلگەن ، بۇمۇ تا مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلاردىلا بار ئادەت ، ئۇيغۇردا قىزلار چېچىنى قىرىق تال ئۆرۈيدۇ . بەزى رەسىملەردە ئاياللار چېچىنى خالتىغا سېلىۋالغان ، ئۇيغۇرلاردا (قۇمۇل تاغلىرىدا) ۋە موڭغۇللاردا بۇ ئادەت مۇشۇ كۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە . بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ .
    ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار ، جۈملىدىن باشقا تۈركىي خەلقلەر سوغدىلاردىن ئۇيغۇرلارغا ئۆتكەن ئىككى خىل يېزىق __ قەدىمكى ئورقۇن يېزىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن . دۇنخۇاڭدىن ، تۇرپاندىن ، كۇچادىن تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ تولىسى مۇشۇ ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلغان . بۇلاردىن باشقا بىراخما يېزىقى ، قەدىمكى سۈرىيە يېزىقى ، مانى يېزىقى ، تىبەت يېزىقى ، سانسكرىت يېزىقى ۋە خەنزۇ يېزىقىمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن . دۇنخۇاڭ ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان مۇشۇ يېزىقلار بىلەن يېزىلغان ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ .
    ئورقۇن يېزىقى ۋە قەدىمكى تۈركىي تىلى بىرمۇنچە زامانلارغىچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلى بىلەن پاراللىل ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ ، بارابارا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگللەپ شۇ دەۋردىكى ھەممە تۈركىي خەلقلەرنى ئورتاق يېزىقى ۋە ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا ئايلانغان . مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋان» غا يازغان كىرىش سۆزى بۇنى ئىسپاتلايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تىللارنى (جۈملىدىن سوغدى ۋە توخار تىللىرىنى) پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىپ ، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئورتاق ئالاقە تىلىغا ئايلاندى . ۋېزانتىيىدە يېزىلغان ئۇيغۇر تىلى گراماتىكىسى ، ئوتتۇرا ئاسىيادا (ئەرەبلەر ئۈچۈن) يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردە يېزىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت سۆزلۈكلەر («قوچۇ مەھكىمىسى سۆزلۈكى») بىزگە بۇنۇ ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . چۈنكى ، بۇ لوغەتلەر شۇ دەۋردىكى ھەممە مىللەتلەردە بۇ يولنىڭ ئورتاق ئالاقە تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىش بولغانلىقى ئۈچۈن يېزىلغان .
    قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرى 8-10-ئەسىرلەر بولۇپ ، بۇ دەۋردىن بىزگە ناھايىتى كۆپ يادىكارلىقلار ۋە ئەسەرلەر مىراس بولۇپ قالغان .
    قەدىمكى ئورقۇن يېزىقىدا يېزىلغان كۆلتېگىن يادىكارلىقى (732-يىلى) ، بىلگەقاغان يادىكارلىقى (735-يىلى) ، تۇنيۇقۇق يادىكارلىقى (720-يىلى) ، تالاس يادىكارلىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان قۇتلۇق بىلگە قاغان ۋە بايىنچۇر يادىكارلىقى ، ئالپ يادىكارلىقى ، سوجى يادىكارلىقى قاتارلىق يۈزلەرچە قەبرە تاشلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھىنگان تاغلىرىدىن تارتىپ تا كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ رايونلاردا ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي ھاياتىدا قانداق مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدىن دالالەت بېرىدۇ . قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان «ئوغۇزنامە» ، «قۇتادغۇبىلىك» داستانلىرى ۋە «ئالتۇن يارۇق» قا ئوخشاش زور ھەجىملىك ئەسەرلەر . قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىيڭ قانداق يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى بىزگە ئوچۇن كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنى ، مانى دىنى ، نىستۇرىيان دىنى ، شامان دىنىغا ئائىت يۈزلەرچە ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر (بۇلارنىڭ تولىسى باشقا تىللاردىن ئىجادىي تەرجىمە قىلىنغان) ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋردىكى مۇھىم دىنلار ۋە ئۇلارنىڭ پەلسەپە ، ئەدەبىيات-سەنئەت بايلىقلىرىدىن توللۇق خەۋەردارلىقىنى ، تەپەككۇردا شۇ دەۋردىكى بارلىق مەدەنىي خەلقلەردىن كېيىن تۇرمايدىقانلىقىنى كۆرسىتىىدۇ .
    بۇنىڭدىن باشقا دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئىچىدە ئاسترونومىيە ، كالېندارچىلىق ۋە تىبابەتچىلىككە ئائىت ئەسەرلەرمۇ ئاز ئەمەس . تارىخ ۋە مۇزىكىغا ئائىت ئەسەرلەرمۇ بار ، بولۇپمۇ تىبابەتچىلىككە ئائىت يىەىرىمە نەچچە ئەسەردىن (بۇلار دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان) قەدىمكى ئىبىنسىنادىن ئىلگىرىلا ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە تەشقى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ، ئۇيغۇر تىۋېپلىرى ۋە جەرراھلىرى يىپەك يولىدا زور ئىپتىخارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ شۇ چاغدىكى پايتەختى چاڭئەندىمۇ ئۆز تىببىي ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئوچۇق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . بۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھىنگان تاغلىرىدىن تارتىپ كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي ، مەدەنىي ھاياتىدا قانداق زور رول ئوينىغانلىقىدىن دالالەت بېرىدۇ .
    بۇنىڭدىن باشقا يەنە قەدىمكى ئۇيغۇرچە سودا-سېتىق ۋە قانۇن ۋەسىقىلىرى بار . بۇ چاغقىچە تېپىلغان ۋە داۋاملىق تېپىلىۋاتقان بۇنداق ۋەسىقىلەرنىڭ سانى يۈزلەرچە بولۇپ ، بۇلارنى مەملىكىتىمىزنىڭ ۋە چەتئەللەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرى ناھايىتى قىزىقىش بىلەن تەتقىق قىلىپ ئاراقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىشتى . بۇ ۋەسىقىلەر شەكلىنىڭ پۇقتىلىقى ، تىلىنىڭ ساغلاملىقى ، ئىشلەتكەن ئىقتىسادىي قانۇننىي ئاتالغۇلىرىنىڭ موھىملىقىنى ۋە ئېنىقلىقىنى ، ۋە تۈزىلىشىنىڭ ئىخچاملىقى جەھەتلەردىن نۇرغۇن ئالىملارنى ھەيران قالدۇرماقتا .
    ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە ئائىت بۇ ۋەسىقىلەردىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يىپەك يولىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئۈچۈن قانداق ئوبدان خىزمەت قىلغانلىقىنى ئوچۇق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . شۇنىڭدەك بۇ ۋەسىقىلەردە بايان قىلىنغان ئىقتىسادىي مەسىللەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يىپەك يولى تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن كونكېرت مەسىللەرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ .
    بۇ يەردە شۇ نەرسىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈپ كېرەككى ، ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدە ئىجات قىلىنغان خەنزۇچە مەتبەچىلىك تېخنىكىسىنى ھەممىدىن ئاۋۋال قوبۇل قىلىپ ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلپبەلىك يېزىقىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان . تۇرپاندىن ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە مەتبەئە ھەرپلىرى ، مەتبەئە سايمانلىرى ، كېسىپ تەييارلاپ قويۇلغان دەستە-دەستە قەغەزلەر ۋە يىپەك يولىدىكى نۇرغۇن ئىبادەتخانىلار ، خارابىلەردىن تېپىلغان مەتبەئەدە بېسىلغان ئۇيغۇرچە كىتاب ۋە ۋاراقلار بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ . مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى ئۇيغۇرلار ئارقىلىك غەربتىكى ئەللەرگە تارقالغان ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان زور بىر تۆھپىسى .
    يۇقارقى پاكىتلاردىن شۇنى كۆرگىلى بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تىل-يېزىقى «يىپەك يولى» دا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان . خۇددىي سوغدىلار غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغانغا ئپخشاش ، شەرقنىڭ مەدەنىيىتىنى غەربكە تونۇشتۇرۇش ، شۇنداقلا غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى شەرققە تونۇشتۇرۇشتەك بۈيۈك ئىشتا ئۇيغۇرلار ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان . ئۇيغۇرلاردىن بولغان تاتاتۇڭئا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى بىلەن موڭغۇل تىلىنى يازغانلىقتىن موڭغۇل يېزىقى ۋە كېيىنكى مانجۇ يېزىقى بارلىققا كەلگەن . بۇنىڭدىن باشقا ، مىڭ ئۆي سەنئىتىنى ئىچكىردىكى خەنزۇ خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر چوڭ تۆھپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن ، خاڭجۇدىكى نۇرغۇن بۇدلار ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ياسالغان .
    مەن بۇ يەردە پەقەتلا تىلدىن ئىبارەت مۇشۇ نوقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قەدىمكى «يىپەك يولى» دىكى بىرقانچە ئاساسلىق مىللەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم ، بۇ يەردە مەن پەقەت بەزى ئاساسلىق تارىخىي پاكىتلارنىلا مىسال كەلتۈردىم . ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تارىخىنى چوڭقۇر ، ئىنچكە تەتقىق قىلماقچى بولىدىكەنمىز ، ئۇنداقتا نۇرغۇن پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ . مەن ئىشىنىمەنكى ، پەنگە يۈرۈش قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتىمىزنىڭ تارىخىغا قوشقان زور تۆھپىسى ئىلمىي ئاساستا يۇرۇتىلىدۇ ۋە يەكۈنلىنىدۇ . ئەگەر بىز بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسەك ، ۋەتىنىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش قىلغان بولىمىز .
    بۇ ماقالەم ئەگەر مۇشۇ جەھەتتە ئاز تولا رول ئوينىيالىسا ، مەن ئۆزەمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلغان بولاتتىم .

    [ بۇ يازما Yulduzay تەرپىدىن2008-12-25 04:35 PMدە قا ]
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    顶端 Posted: 2008-12-25 04:19 PM | 7 楼
    Zulpikar Barat Ozbax
    Yulduzay
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ دىيارىم تۆھپىكارى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    级别: باشقۇرغۇچى


    精华: 7
    发帖: 940
    شۆھرەت: 1135 نۇمۇر
    پۇل: 3849 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:134(小时)
    注册时间:2005-10-11
    最后登录:2009-02-20

     

    سوغدىلار ئوتتۇرا ئاسىيادا قەدىمدىن تارتىپ ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن ئىران خەلقلىرىنىڭ بىرى . زەرەپشان ۋادىسى بىلەن قەشقەر دەريا ۋادىسى ئۇلارنىڭ ئاساسىي ماكانى . ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىي ئۇلارنى «بۇخارا بىلەن سەمەرقەنت ئارلىقىدا ياشايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ۋە سوغدىلارنىڭ بالاساغۇن ئەتىراپىغا كۆچۈپ كەلگەن قىسمىنىڭ «سوغداق» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ، سوغداقلارنىڭ سوغدى ۋە تۈركىي تىللاردا ئوخشاش سۆزلىشەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن . گرېك تارىخچىلىرى بۇ خەلقنى «سوغدىيانلار» دەپ ئاتايدۇ .
    سوغدىلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى 5، 6 -ئەسىرلەردە قەدىمكى پارس ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدە بولغان (دارىيا[مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 486-552-يىللار] نىڭ قەبرە تېشىدا بۇلار ھەققىدە خاتىرىلەر بار) . سوغدى قوشۇنلىرى كىسىركىسنىڭ گرېتسىيىگە قارسى ھەربىي يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان . ئىسكەندەر زۇلقەرنەين شەرققە يۈرۈش قىلىپ سەمەرقەنتنى ئالغاندا ، سوغدىلار گرېك ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىگە ئۆتكەن . كېيىن ئۇلار گرېك-باكتېرىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدە بولغان . بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ئورنىنى كوشان خانلىقى ئىگەللىگەندىن كېيىن سوغدىلار كوشانلار تەۋەلىكىگە ئۆتكەن . كوشانلار مىلادىيە 563-يىلى ۋە 567-يىللىرى كۆكتۈرك خانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن سوغدىلار تۈرك خانلىقى تەۋەلىكىگە ئۆتكەن . تۈرك خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى تەۋەلىكىگە ئۆتكەن . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سوغدىلار ۋەتىنىمىزدىكى مىللەتلەر ئاساسەن ئۇيغۇرلار ، قاراخانىيلار ، قاراخىتايلار ۋە موڭغۇللار قۇرغان خانلىقلار تەۋەلىكىدە بولۇپ كەلگەن .  
    سوغدىلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئانچە مۇھىم رول ئوينىمىغان (يەنى مۇستەققىل بىر خانلىق قۇرۇپ باقمىغان) بولسىمۇ ، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان . ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئوينىغان رولى قەدىمكى فىنىكلەرنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ئوينىغان روللىرىدىن قېلىشمايدۇ .
    سوغدىلار ئۆز دېھقانلىرىنىڭ («دېھقان» سۆزى سوغدىلاردا «چوڭ يەر ئىگىسى» دېگەن مەنىدە) قورغانلىرى ئەتتىراپىدا دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك قىلغاندىن تاشقىرى ، ئاساسەن سودىگەرچىلىك ۋە قول ھۇنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ، ئۇلارنىڭ سودىگەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارقەلغان . سەمەركەنتتىن تارتىپ چاڭئەنگىچە بولغان كارۋان يولىنىڭ ھەممە تۆگۈنلىرىدە سوغدى سودىگەرلىرى ياشايدىغان كەنتلەر بولغان . ئۇلارنىڭ ئۇنداق كەنتلىرى مەلۇم دەۋردىن كېيىن مۇختارىيات (ئاپتونومىيە) ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن . ئۇلارنى ھەرخىل ئالۋاڭ-ياساقلاردىن خالاس قىلىپ سودا ئىشلىرىدا ئۇلارنى ئۆز ھىمايىسى ئاستىغا ئالغان . بۇ كەنتلەردە يالغۇز سودىگەرلەرلا ياشىماستىن ، ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەن بۇددا ، مانى ، نېستورىيان راھىبلىرىمۇ دىن تارقاتقان . كۇچادىن ، تۇرپاندىن ، لوپنۇردىن ، دۇنخۇاڭدىن ۋە خېشى كارىدورىدىن تېپىلغان نۇرغۇن ئاسارە-ئەتىقىلەر ، بولۇپمۇ سوغدى تىلىدىكى يېزىق يادىكارلىقلىرى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .
    دۇنخۇاڭ يېنىدىن ، ئۇلۇغ سېپىلنىڭ ئاخىرقى ئۆتكىلىدىن تېپىلغان سوغدى تىلىدا يېزىلغان بىر ھۆججەتنىڭ مىلادى 4-ئەسىرگە ئائىتلىقى ھازىر ئىسپاتلاندى . مۇشۇ ھۆججەتتىن ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان بۇددا، مانى ، نېستورىيان دىنلىرىغا ئائىت سوغدىچە ھۆججەتلەر ، تىجارەت ۋەسىقىلىرى ۋە كالېندارلاردىن قارىغاندا ، 4-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە سوغدى تىلى ۋېزانتىيىدىن تارتىپ چاڭئەنگىچە سوزۇلغان يىپەك يولىدا رەسمىي ئەدەبىي تىل بولۇپ خىزمەت قىلغان .
    سوغدى تىلى شەرقىي ئىران تىللىرىدىن بولۇپ ، ئەدەبىي تىل سەمەرقەنت دىئالېكتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن . ھازىر ساقلانغان تىللاردىن يوغناپ دەرياسى بويىدىكى بىر قەبىلە تىلى قەدىمكى سوغدى تىلىغا ئەڭ يېقىن تىل ھېسابلىنىدۇ .
    سوغدىلار قەدىمكى ئارامى يېزىقىدىن كېلىپ چىققان يېزىق ئىزلەتكەن . بۇددا تېكىستلىرىدە سوغدىلارنىڭ 6-ئەسىردىن ئاۋۋالقى كونا يېزىقى ئىشلىتىلگەن . شۇ يېزىقتىن كونا تۈرك يېزىقى كېلىپ چىققان . مانى تېكستلىرىدە ئىشلىتىلگەن يېڭى سوغدى يېزىقىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى كېلىپ چىققان .

    تامام .
    顶端 Posted: 2008-12-25 04:58 PM | 8 楼
    Yurtum Elani
    gizitchi
    级别: دىيارىم ئەزاسى


    精华: 0
    发帖: 41
    شۆھرەت: 41 نۇمۇر
    پۇل: 131 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:99(小时)
    注册时间:2008-11-17
    最后登录:2009-02-19

     

    يازغۇچى بۇلاپ كىتىدىغان بولدىڭىزدە؟


    ئاپتورى:يۇلتۇزئاي  دېگەن كىتابنى قاچان ئوقامىز؟
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    顶端 Posted: 2008-12-25 11:16 PM | 9 楼
    Zulpikar Barat Ozbax
    mirbahadir
    级别: تەجرىبىلىك ئەزا


    精华: 0
    发帖: 64
    شۆھرەت: 64 نۇمۇر
    پۇل: 254 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:907(小时)
    注册时间:2008-02-16
    最后登录:2009-02-19

     

    ئەجىرىڭىزگە كوپ تەشەككۇر ! .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    顶端 Posted: 2008-12-28 11:26 AM | 10 楼
    Yurtum Elani
    kalkvn117117
    级别: كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    精华: 0
    发帖: 724
    شۆھرەت: 734 نۇمۇر
    پۇل: 454 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:557(小时)
    注册时间:2008-09-06
    最后登录:2009-02-19

     

    تارىخىنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبسگە يازدۇ ،ئاجىزلار دۈمبسدىكى تارىخنى قانداقمۇ كۆرەلسۇن .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    باشىقىلار بىلدىغان ئەڭ ئاددىنمۇ ، بىلمەسلكىمز مۇمكن .
    顶端 Posted: 2008-12-28 04:15 PM | 11 楼
    Zulpikar Barat Ozbax
    ab
    级别: دىيارىم ئەزاسى


    精华: 0
    发帖: 68
    شۆھرەت: 128 نۇمۇر
    پۇل: 628 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:112(小时)
    注册时间:2007-01-16
    最后登录:2009-02-14

     

    تىمىڭىزغا رەھمەت تارىخ كىتاب يازسىڭىز بولغۇدەك
    顶端 Posted: 2009-01-11 11:42 PM | 12 楼
    Yurtum Elani
    bardam-guli
    级别: يېڭى ئەزا


    精华: 0
    发帖: 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:48(小时)
    注册时间:2008-12-19
    最后登录:2009-02-14

     

    رەخمەت سىزگە.بىراق ھازىرچە بۇنى ساقلىۋالاي.مەن دەل مۇشۇنداق تارىخى ماتېريال ئىزدەۋاتاتتىم
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئېھ ئاللا ئىگەم:<چىنلىق مەندىن يىراق بولمىسۇن!>
    顶端 Posted: 2009-01-12 12:35 AM | 13 楼
    Zulpikar Barat Ozbax
    arslanshah
    级别: ئۈمىدلىك ئەزا


    精华: 0
    发帖: 29
    شۆھرەت: 29 نۇمۇر
    پۇل: 194 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    在线时间:229(小时)
    注册时间:2009-01-14
    最后登录:2009-02-09

     

    تىمىڭىزغا  رەخمەت                        
    顶端 Posted: 2009-01-16 05:11 PM | 14 楼
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    帖子浏览记录 版块浏览记录
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻢ - ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﻢ

    Total 0.072877(s) query 7, Time now is:02-20 15:06, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation