چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 134 قېتىم كۆرۈلدى
nazukum
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 29228
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
شۆھرەت: 74 نۇمۇر
پۇل: 154 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 136(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر <2>

0
<<  كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر >> دىگەن كىتاپتىن
                                 ئاق كىيىملەرنى يۇيۇش   
ئاق رەڭلىك كىيىملەر ئاسان كىرلىشىدۇ،كىرلەشكەندىن كىيىن ئۇنى يۇيۇپ ئاقارتىشمۇ قىيىن، بۇ نۇرغۇن كىشلەرنى مۈشكۈلچىلىككە سالدىغان  بىر ئىش. ئاق كىيىملەرنى  پاكىز يۇيۇش ئۈچۈن،  ئاۋۋال ئۇنى سوپۇن ياكى كىر يۇيۇش پاراشوكى بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن كىيىن چايقايدىغان  سۈزۈك سۇغا ئاز مىقداردا كۈك سىياھ ( رەڭ) تىمىتىۋاتكەندە كىيىمنىڭ رەڭگى ئاپئاق، پاكىزە بۇلىدۇ.
  
                                   يۇڭ رەخت ۋە يۇڭ دىكا( ماۋدى) دىن
                                  تىكىلگەن كىيىملەرنى يۇيۇش

يۇڭ رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەر قۇرۇق يۇيۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ، ئۇنى بېنزىن بىلەن چوتكىلاپ يۇيۇشقىمۇ بۇلىدۇ، يۇيۇش جەريانىدا تۈۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم:  
1. بېنزىن بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە بولمايدۇ. چوتكىنى بېنزىنغا بوشراق چىلاش لازىم. چۇنكى ئادەتتىكى بېنزىنلار ئانچە ساپ بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلسە ئاسانلا داغ قالىدۇ.  
2. بېنزىنغا چىلانغان چوتكا ياكى لۆڭگە بىلەن ماي داغلىرىنى سۈرتكەندە يۇڭ تۇقۇلمىلارنىڭ سۈركىلىپ بۇزۇلىشى ياكى رەڭگىنىڭ ئۈڭۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەك كۈچەپ سۈرتمەسلىك كېرەك.
  3. چوتكىلىغان ياكى سۈرتكەن چاغدا بېنزىن سۈرتۈلدىغان دائىرە چوڭراق بولۇشى لازىم. ئەگەر كىر ياكى داغلاشقان ئازغىنە يەرگىلا سۈرتۈلسە، بېنزىن بىر يەرگە يىغىلىۋىلىپ، يۇڭ توقۇلمىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ياكى رەڭگىنى بۇزۇپ قۇيىدۇ.
4. كىيىمدىكى ماي داغلىرىنى چوتكىلاپ ياكى  لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، يەنە پاكىز قۇرۇق لۆڭگە ياكى  قۇرۇق لاتا بىلەن بېنزىن قالدۇرغان داغلارنى ۋە  ئۇنىڭ چۆرىسىنى يەڭگىل سۈرتۈپ تازىلاش لازىم.  بۇنداق قىلمىغاندا  قالدۇق ماي داغلىرى ئاقۇچ دائىرە ھاسىل قىلىۋالىدۇ.
   يۇڭ رەخت كىيىملەرنى سۇغۇق سۇدا يۇيۇشقىمۇ بۇلىدۇ.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئاۋۋال سۇغۇق سۇغا چىلاپ ئاندىن سوپۇن پاراشوكى سىلىنغان  ئىلمان سۇغا سىلىپ 15-20 مىنوت چىلاپ قويغاندىن كىيىن ، يۇمشاق يۇڭ چوتكىنى  بۇ سۇغا چىلاپ تۇرۇپ بىر نەچچە قىتىم بوش چۇتكىلاپ، ئاندىن يەنە ئىلمان سۇ بىلەن پاكىز چايقاش لازىم. يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن تەتۈرىنى سىرتقا قارىتىپ سالقىن، سايە جايغا يىيىپ قۇرۇتۇپ، رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ھەرگىزمۇ ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتماسلىق، كىيىملەرنى ساقلىغاندا، نەم جايدا قۇيۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

«كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر »دىگەن كىتاپتىن
           يۇڭ يىپلارنى چاي سۈيىدە يۇيغان ياخشى

       يۇڭ پۇپايكىلار كىرلەشسە ، كىشلەر كۆپنىچە سوپۇن پاراشوكىدا ئۇۋلاپ يۇيۇدۇ. ئۇنداق قىلغاندا ، ئىش كۈپىيىپ كەتكەندىن باشقا ، بەزىدە تىىى ئانچە پاكىز يۇيۇلماي قالىدۇ، ئەگەر ئۇ چاي سۈيىدە يۇيۇلسا ، پەقەت پاكىز يۇيۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇيۇلغاندىن كىيىن قېتىۋالمايدۇ. بۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان چاي قېنىقراق بولۇشى لازىم. پۇپايكا چاي سۈيىگە 20 مىنوت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇلغاندىن كىيىن، سۈزۈك سۇدا چايقاپ يۇيۇپ ، سالقىن ، سايە  جايدا قۇرۇتۇلسىلا كۇپايە.
                  
                كىيىملەردىكى ھەر- خىل كىر، داغلارنى چىقىرىش
1.  قان دېغىنى چىقىرىش: كىيىمنى سۇغۇق سۇغا بىر كىچە چىلاپ قۇيۇپ ئاندىن ئاق تۇرۇپنى قاينىتىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ شۇنىڭ بىلەن يۇيۇش لازىم ياكى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ چىقىرىش لازىم.


2. ياڭيو دېغىنى چىقىرىش:
  كىيىمنى ئىلمان سوپۇن پاراشوكى ئېرىتمىسىگە %2 لىك دانىكا( ناترى بور تۇزى) سىلىپ يۇيغاندىن كىيىن، سۈزۈك سۇدا چايقىۋەتسە بۇلىدۇ.  

3. ئاياغ مىيى يۇقۇندىسىنى چىقىرىش: بۇنى بېنزىن، ئىسكىپدار ( سۇڭجىيۇ) ياكى ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈپ ئاندىن سوپۇن بىلەن پاكىز يۇيۇلسا بۇلىدۇ، ئەگەر ئاق رەڭلىك رەخت ئۈستىگە قارا ياكى قۇڭۇر رەڭلىك ئاياغ  مىيى يۇققان بولسا ، ئۇنى ئاۋۋال بېنزىن بىلەن نەملەپ ئاندىن %10 لىك ئاممىياك سۈيى بىلەن يۇيۇپ، ئاخىرىدا ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈپ تازىلاش لازىم.
4. ئىس _ ماي كىرىنى چىقىرىش:
بۇنى ئازراق تاۋۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ چىقىرىشقىمۇ بۇلىدۇ. ئېغىرراق بولغانلىرى كىرسىن بىلەن يۇيۇلغىنى مۇۋاپىق. ئەمما كىرسىن بىلەن يۇيۇش خىمىيۋى تالالىق رەختلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.


5. قورۇما سۈيى ،سۈت داغلىرىنى چىقىرىش: ئۇنى ئاۋۋال بېنزىن بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇپ،  ئاندىن سوپۇن سۈركەپ ياكى سوپۇن پاراشۇكى سۈيىگە سىلىپ ئۇۋلاپ يۇيۇپ، ئاخىرىدا سۈزۈك سۇدا چايقاش لازىم.


6. چاي، قەھۋە( كوفى) دېغىنى چىقىرىش:
ئاۋۋال سوپۇن پاراشوكىدا يۇيۇپ، ئاندىن سۇغا ئازراق ئاممىياك سۈيى ۋە گلتسېرىن مىيى سېلىپ، ئارلاشما سۇيۇقلۇق ياساپ، شۇ سۇيۇقلۇق بىلەن يۇيۇپ چىقىرىشقا بۇلىدۇ ياكى بولمىسا ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەن قاتتىق سوپۇن سۈيىدە يۇيۇلسىمۇ بۇلىدۇ.


7. سىر دېغىنى چىقىرىش:  
بۇنى بېنزىن بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇشقا بۇلىدۇ ياكى ئىسكىپدارنى رەختنىڭ تەتۈر يۈزىدىن سىڭدۈرۈپ ئۇۋلاپ يۇيۇشقىمۇ بۇلىدۇ.

داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ....   مۇنبەرداش دوستلار نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا، شۇ مەزموننى يوللاپ بېرىمەن...
[ بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن2008-12-18 12:40 AMدە قايت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-17, 16:23
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-17 11:31 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kunkiz
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 6146
شۆھرەت: 3154 نۇمۇر
پۇل: 95741 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 399(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

ئىككى تېمىڭىزنى بىر تېمغا يىغىنچاقلىۋەتتىم  ئوماق ، خاپا بولمىغانسىز ھە . لىكىن تېمنىڭ  مەزمۇنى ئۆزگەرمىدى .
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:36 AM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
keklik
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 35136
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

بۇ بولىدىغان بىلىم ئىكەن
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 01:28 AM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
ay-kut
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29092
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
پۇل: 202 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

مىنىڭ ئىنكاسىمنىمۇ ئۈچۈرۋىتىپسىزغۇ ؟
  مەن ئاق كىيىمگە باشقا رەڭلىك كىيىملەرنىڭ رىڭى ئىچىۋالسا قانداق قىلىش تۇغرىسىدا سورىغان  جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 02:08 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
atirgul627
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28722
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 691
شۆھرەت: 863 نۇمۇر
پۇل: 2978 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 151(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

  بۇ ئەپچىل چارىلەر تۇرمۇشتا ئەڭ مۇھىم . تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت! مۇشۇ  بويىچە سىناپ باقساق بولغۇدەك.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 04:09 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
篮球美女
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1601
شۆھرەت: 1676 نۇمۇر
پۇل: 5323 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1043(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

بولىدىغان چارە ئىكەن . ئەڭ ياخشىسى مۇھەببەتكە كىر يۇيدۇرغاندا دەپ قويسام بولغۇدەك جۇما  
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 09:15 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﺴﻰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.061553(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-19 18:32
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号