چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 493 قېتىم كۆرۈلدى
alimujan88
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23232
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 392
شۆھرەت: 435 نۇمۇر
پۇل: 2553 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 322(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 ئۇيغۇر يىگىتتى چىقمىغان قىز

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى gvzal3.8 بۇ تېمىنى ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-18)

                          ئۇيغۇر يىگىتتى چىقمىغان قىز



مەن ئادەتتە باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالاپ كەتمەيدىغان، ئۆز كەسپىم ۋە ئۇگۇنۇش، ئاللاھ قا سىغىنىش بىلەن ئالدىراش يۇرۇيدىغان بىر قىز . باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ۋە ئىش - ھەركەتلىرىگە ئانچە قىزقىپ كەتمەيمەن . لىكىن نەچچە كۇن ئالدىدىكى ئەھۋال باشقىچە بولدى . بۇ قىتىمقى تاساددىبى ئۇچۇرشۇش ۋە سۆھبەت كۆڭلۇمنى غەش قىلىپ ئويچان قىلىپ قويدى .
خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىچكىر ئۆلكىدىكى بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھرگە بىرش پۇرسىتى كىلىپ قالدى . چالا- پۇلا تەييارلىق قىلىپ ئايدۇرۇمغا يۇرۇپ كەتتىم . باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشاشلا بۇ قىتىمقى يولۇچىلار نۆۋىتى 2 سائەت كىچىكتۇرۇلدى . بارلىق يولۇچىلار كۇتۇپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق . 2 سائەت ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۇزمەسلىك ئۇچۇن خالىراق بىر ئورۇن تىپىپ ئولتۇرۇش ئۇچۇن ئالاھىدە مىھمانلارنى كۇتۇش ئورنىغا كىرىپ ئولتۇردۇم . بىر نەچچە خەنزۇ قىرىنداش ۋە بىر نەچچە چەتئەللىك مىھمانلار جىمجىت ئولتۇرشاتتى . مەنمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئولتۇرپ قارشى تەرەپ بىلەن تۇزۇش ئۇچۇن ئالدىن تەييارلاپ قويغان توختام ماتىرىيالىنى كۆرگەچ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان بىر جۇپ چەتئەللىكە كۆزۇمنىڭ ئۇچىدا قاراپ قويدۇم . ئاق پىشماق ، ئىگىز كەلگەن يىگىت بىلەن ھەقىقى ئىسلام ئايالىرىغا خاس كيىنگەن گەرچە بەزى بىر قىزلارغا ئوخشاش قىنىق گىرىم قىلمىغان بولسىمۇ چىرايلىق قىلىپ ئارتۋالغان ھىجاب قىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۇن قوشقان ئىدى . پەرزىم بويىچە ئەرەب قىزى بولشى مۇمكىن دەپ ئۆيلىدۇم .
توسساتتىن سىڭلىمدىن كەلگەن تىلفۇن جىمجىتلىقنى بۇزدى . تىلفۇننى ئىلىپ بوش ئاۋازدا «سىزگە كىين تىلفۇن قىلاي» دەپ تىلغۇننى ئىتىپ تۇرشۇمغا ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان قىز چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى .
-سىزمۇ ئۇيغۇرمۇ ؟ كىينىشىڭىزگە قاراپ سىزنى ئەرەب مىكىن دەپتىمەن- دىدى قىز.
-سىزنىڭ كيىنىشىڭىزدىن مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلغان ئىدىم - دىدىم مەن .
قىز يىنىمدىكى بوش ئورۇننى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپ : ئولتۇرسام بولامدۇ -دىدى .
-خالىسىڭىز ئولتۇرۇڭ- دەپ ئىشارەت قىلىپ قويۇپ يەنى ماتىرىيال كۆرۇشنى داۋاملاشتۇردۇم . قىز بىرئاز جىم ئولتۇرغاندىن كيىن
- ئالدىراش ئوخشىمامسىز - دەپ سوردى «شۇنداق» دىمەكچى بولۇپ قىزغا قاردىم-يۇ دىمەكچى بولغىنىمنى يۇتۇپ سالدىم .
-ياق مۇنداقلا كۆرۋاتىمەن - قىزنىڭ چىرايغا كۇلكە يۇگۇردى .
-سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم كىلۋاتىدۇ -دەپ جاۋابىمنى كۇتتى . ماتىرىيالىمنى يۇغۇشتۇرغاچ «بولدۇ» دەپ جاۋاب بەردىم . قىز ئۆزى ۋە يىنىدىكى چەتئەللىك يىگىت A نى بىر قۇر تونۇشتۇردى . مۇسۇلماندارچىلىق يۈزسىدىن (Aنىڭ چۇشۇنۇش قولايلىق بولسۇن ئۇچۇن) ئەرەب تىلدا ھال - ئەھۋال سوراشتۇق . قىز ئۇلاپلا
- پات ئاردا توي قىلماقچى بولۋاتىمىز -دىدى . ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمۇدۇم . قىز بىلەن قەيەرلىك ئىكەنلىكىمىز، نىمە ئىش قىلدىغانلىقىمىز توغۇرسىدا بىر ئاز چۇشۇنۇش ھاسىل قىلىشقاندىن كيىن چەتئەللك يىگىت A سىرتنى ئايلىنىپ كىرىشنى باھانە قىلىپ چىقىپ كەتتى . قىز ماڭا قاراپ
- نىمە دەپ چەتئەللىىك بىلەن توي قىلماقچى بولغاندۇ دەپ قالدىڭىز ھەقاچان - دەپ سوردى . جاۋابىغا يىنىك كۇلۇپ قويدۇم . دىمىسىمۇ شۇنداق سۇئال كاللامدىن ئۆتكەن ئىدى . قىز كەچۇرمىشىنى ئۆزلەشكە باشلىدى .

مەن بىر يولدىن ئازغان قىز ئىدىم . بىز دىھقان كىشى ، دمىسەممۇ ئاز ساندىكى دىھقانلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا نۇرغۇنلىرىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقى بار . ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ ئاتا - ئانام نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتتە سىڭلىم ۋە مىنى ئالي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى . ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كيىن خىزمەت تىپىش بەك قىيىنغا چۇشتى ، خىزمەت ئىزدەپ سەرسان بولۇپ يۇرگەن كۇنلەرنىڭ بىردە يىراق بىر تونۇشۇم تاغىسىنىڭ ئىچكىردىكى شىركىتىگە خىزمەتچى كىرەك ئىكەنلىكىنى ، مۇئاشىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىتىپ تىلفۇن ئارقىلىق تاغىسى بىلەن ئۇچۇراشتۇردى .
تۇرسۇن (ئۆزگەرتىلدى) ئاكا سۆزلىرىدىن ناھايىتى مۇلايم ، ئاقكۆڭۇل كىشىدەك قىلىپ تۇراتتى .
-مىنىڭ ئايالىم ۋە باللىرىممۇ مۇشۇ يەردە تۇردۇ . كەلسىڭىز شۇلار بىلەن بىرگە تۇرسىز ھەرگىز قىيلىنىپ قالمايسىز... ... ئۆز قىزىمنىڭ ئۆرنىدا كۆرمەن دىگەندەك بىر تالاي ياغلىما گەپلەر بىلەن مىنى قايىل قىلدى . ساددا ئاتا-ئانامنى مەن قايىل قىلدىم ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئىلىپ ئىچكىرگە كەلدىم . باشتا بىر نەچچە كۇن ھەقىقەتەن بەكلا كۆڭۇل بۆلدى . ھەپتە ئۆتكەندىن كيىن تۇرسۇن دىن قاچان ئىشقا چۇشىمەن دەپ سوردۇم ، تۇرسۇن تەلەتىنى بۇزۇپ ئالدىرماي تۇر ئاز قالدى دىگىنىچە ئىشىكنى قاتتىق ئىتىپ چىقىپ كەتتى . ئەتسىدىن باشلاپ تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ پۇزۇتسىيەسى ئۆزگەردى .
بىركۇنى ۋىجىككىنە كەلگەن چىرايىنى تەسۋىرلگۇسىز سەت بىر يولداشنى باشلاپ كىرىپ سەن مۇشنىڭ شىركىتىدە ئىشلەيسەن ، ھازىر ئاپرىپ تۇردىغان ئورنىڭنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇ دەپ مىنى ئۇ يولداشقا قوشۇپ قويدى . بۇ كىشى مىنى ماشىنىسغا سىلىپ بارغانسىرى شەھەردىن ئۇزاپ كىتىپ باراتتى .
شىركىتىڭ قەيەردە ؟ - سوردۇم ئۇ كشىدىن
-ئاز قالدى - دىدى ئۇ سېسىپ كەتكەن چىشلىرنى كۆرسۇتۇپ كۇلۇپ . بىر ۋاقىتلا ئۆتكەندىن كيىن ماشىنا ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختىدى .
-ئىشىخانا ئىككىنچى قەۋەتتە -دىدى. مەن كەينىمگە بىرنەچچە قەدەم يىنىپ
-ياق ، مەن بۇ يەردە ئىشلمەيمەن - دىدىم . يولداش قاقاقلاپ كۇلۇپ
- ئىشلمەيمەن دەپ ھەددىڭ ئەمەس- دەپ ئەتىراپتا تۇرغان بىرنەچچىسىگە ئشارەت قىلدى . ئۇلار ياۋۇزلارچە ياپتۇرۇپ كىلىپ مىنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئويگە ئىلىپ كىرىپ ئىشىكنى تاقاپ قويدى . ۋارقىردىم، قولۇمغا چىققان نەرسىلەرنى ئۇرۇپ چاقتىم . ... ... ياردەمدىن ھىچ بىر سادا كەلمىدى . كەچ سائەت 10لاردىن ئاشقاندا ئىككى يولدا ش كىرىپ بىلكىمدىن تۇتۇپ بىر ئوكۇل سالدى . قالغىنىنى بىلمەيمەن .
ئەتىسى ھۇشۇمغا كىلىپ ئۆزمنىڭ پۇتۇنلەي بەربات بولغانلىقىمنى كۆردۇم . بارلىق ئاۋازىم بىلەن چۇقان سالدىم ، ساقچىغا مەلۇم قىلمەن دەپ توۋلىدۇم . ئىشىك ئىچىلىپ ھىلقى ئىككى كىشى كىردى ۋە مىنى قوي باغلىغاندەك باغلاپ ئىغىزىمنى جوبۇلاپ ماشىنغا سىلىپ يۇرۇپ كەتتى . بىر ۋاقىتلاردىن كيىن تۇرسۇننىڭ ئورلتۇراق رايۇنغا ئەكىلىپ تاشلىدى ۋە تۇرسۇنغا
-مانا بۇ قالدى پۇل- دەپ بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كىتىشتى . تۇرسۇن ئاكىغا دەرت ئىتتىم ، يىغلىدىم، يىلىندىم ئۇنڭغا ھىچنەرسە كار بولمىدى . ئۆزۇمنى ئۆلتۇرۋالماقچى بولۇپ دورا يەۋالدىم، تومۇرۇمنى كىسۋالدىم . «قىز چاپىنىنىڭ يىڭىنى ئۇستىگە كۆرۇتۇپ بىلكىنى كۆرسەتتى» .
- ئەجەل كەلمىگن كىشى ئۆلمەن دەپمۇ ئۆلەلمەيدىكەن ھەدە دىدى چۇڭقۇر تىنىپ . -ئادەم ئۆلتۇرمەيدىغان تاياق، دەپسەندە قىلش، تەھدىد سىلىشلار مىنى تەقدىرگە تەن بەرگۇزگەن ئىدى . بىركۇنى تۇرسۇن ئەگەر باشقىلارغا ھەمراھ بولمىساڭ، دىبا ، رىستۇرانلاردە ئۇسۇل ئوينا - ئىككىسىنىڭ بىرسىنى تاللا- دەپ چىقىپ كەتتى . خەنزۇ، ئۇيغۇر ، چەتئەللىك ھەتتاكى قارا تەنلىكلەرگە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇرلاپ تۇراتتى . ئۇلارغا ھەمراھ بولغاندىن ئۇسۇل ئوينىغىنىم ياخشىراق ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇسۇلچى بولدۇم . ھەپتە بىر دىبادا ئۇسۇل ئويناتسا ، ھەپتە تۇرۇك ۋە ئەرەبلەرنىڭ رىستۇرانلاردا ئۇسۇل ئويناتقۇزدى 2006- يىلى 9 ئاينىڭ مەلۇم بىر كۇنى چەتئەل رىستۇرانىغا ئۇسۇل ئويناشقا ئىلىپ كىلىندىم . تۇرسۇن ھەرقىتىم بىرگە كىلەتتى ياكى بىرەرسىنى ئەۋەتىپ رىستۇراندىن ئاخىرلاشقۇچە ساقلاپ تۇراتتى . شۇ كۇنى ئاخىر مەيدان ئۇسۇلنى ئويناپ بولغاندىن كيىن رىستۇران خوجايىنى كىلپ 9-ئۇستەلدىكى مىھماننىڭ سىزگە كۆڭلى بار ئىكەن(پۇلنى دىمەكچى). دىدى(خەنزۇتىلىنى ياخشى سۆزلەيدۇ) مەن تۇرسۇننىڭ رخسىتىسىز باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرالمايمەن دەپ رەت قىلدىم . خوجايىن تۇرسۇننىڭ قىشىغا بىرىپ بىرئاز كۇسۇرلاشقاندىن كىين تۇرسۇن ماڭا قاراپ ئۇستەلنى ئىشارەت قىلدى. چەتئەللىك يىگىت A راۋان بولغان خەنزۇ تىلدا .
-سزنى جۇڭگۇلۇق دەپ ئاڭلىدىم ، لىكىن سىز باشقا خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىكەنسىز دىدى .
-مەن شنىجاڭدىن- دىدىم بىشىمنى تۆۋەن سىلىپ . شىنجاڭنىڭ نامىنى ئاڭلاپ A
-ئۇلار مۇسۇلمان قىرىنداشلارغۇ ؟ دەپ سوردى . يۇزۇم قىزىرىپ ئوت چىقىپ كەتتى . -شۇنداق دىدىم توۋەن ئاۋازدا .
نىمە دەپ بۇ كەسىپنى ..... ؟ قورقۇنۇش بىلەن ئەتىراپقا قاراشلىرىمدىن ھەيران قالغان A
-بىرەرسى سىزنى كۇزتىۋاتامدۇ ئەجەب ھودۇقۇپ كىتۋاتىسىزغۇ ؟
-بۇ يەردە سىزگە تەپسىلاتنى چۇشەندۇرۇش ئەپسىز دىدىم.
A رىستۇران خوجايىنىنى چاقىرىپ ئۆز تىلدا بىرنەرسىلەرنى دىگەندىن كيىن خوجايىن تۇرسۇن تەرەپكە يۇرۇپ كەتتى . ۋە بىر ئازدىن كيىن قايتىپ كىلىپ بىرنەرسىلەرنى دىگەندىن كيىن . A ئۇستەل ئاستىدىن بىرسىقىم پۇلنى خوجايىنغا سۇندى . ۋە ماڭا سىزنى بۇگۇن مەن بىلەن قالسۇن دىدىم . قورقىماڭ سىزگە باشقا نىيتىم يوق .سىرىتقا چىقىپ ئايرىم پاراڭلىشايلى . مەن تۇرسۇنغا قاردىم ئۇ بىز ئولتۇرغان ئۇستەلگە كىلىپ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا كىلىپ ئىلىپ كىتمەن . ئۆزىڭ بىلگەننى قىلىپ يۇرمە قىچىشقا ئۇرۇنۇپ قالما ئۆزۇڭ بلسەنغۇ دەپ كۇلۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . A مىنى سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ يىقىن بولغان دۇككاندىن بىر قۇر كىيم سىتۋالدى ۋە كىيۋىلىڭ توڭلاپ قالماڭ دىدى . 9 ئايدا ئىچكىرنىڭ ھاۋاسى ئىسىق بولسىمۇ A نىڭ سۆزنىنىڭ تىگىگە يەتتىم . بىز بىر قەھۋە خانىدا ئولتۇرۇپ ئۇزاق پاراڭلاشتۇق . ۋاقىتمۇ بىريەرگە بىرىپ قالغان ئىدى . A خالى بىر مىھمانخاندىن ياتاق ئىلىپ مىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كيىن . قالايمىغان تىلفۇن ئالماسلىقىمنى ، ئىشىكنى ئاچماسلىقىمنى مۇلازىمەتچىلەرگىمۇ ئاۋارە قىلماڭلار دەپ جىكىلگەنلىكىنى، ئەتە كىلدىغانلىقىنى ئىتىپ قايتىپ كەتتى . بۇ كىچە مەن يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم . تۇرسىننىڭ تىل ئاھانىتىدىن، يامان نىيەتتە بولشىدىن... ... قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم .
ئەتىسى سائەت 3 كىچە ئۇخلاپ كىتىپتىمەن . ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەييار بولۇپ Aنىڭ قالدۇرغان نومۇرى بويىچە تىلفۇن قىلدىم . A سائەت 12 بىلەنلا مىھمانخانىغا كىلىپ تۆۋەندە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . يەنە تۇرسۇننىڭ قىشغا قايتىدىغان بولدۇم دەپ بىئارام بولغان ھالدا توۋەنگە چۇشتۇم A رىستۇران خوجايىنى بىلەن تۇراتتى . مىنى ناشتىلىققا تەكلىپ قىلشتى . تاماق يىگەچ A ئۆز پىلاننى ئىتتى .
-مەن سىزنى بۇ كىشى (تۇرسۇن)دىن ئازات قىلاي دەيمەن ، خالىسىڭىز شىنجاڭغا قايتىسىڭىزمۇ بولدۇ . ياكى مىنىڭ شىركىتىمدە ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ بولدۇ . ... ...
تاماقتىن كيىن مەن كۆرسەتكەن ئادىرىس بويىچە تۇرسۇننىڭ تۇرالغۇسىغا كەلدۇق . تۇرسۇن چەتئەللىك مىھمانلارنى قۇۋلۇق قىلىپ كۇلۇپ قارشى ئالدى . ماڭا - كىرىپ تەييار بول دەپ ئىچكىركى ئويگە كىرگۇزىۋەتتى . بىر سائەتتىن ئاشقان سۆھبەتتىن كيىن تۇرسۇن مىنى چاقىرىپ - نەرسىلىرىڭنى يۇغۇشتۇر ، قارغاندا ماۋۇ گۇيلارنى ئوبدان رازى قىلپسەن قانجۇق دىدى مەسخرە ئارلاش كۇلۇپ . تۇرسۇندىن قۇتۇلغىنىمغا خۇشال بولۇپ نەرسىلىرىمنى ئالدىراپ يۇغۇشتۇرۇپ سىرتقا چىقتىم . تۇرسۇننىڭ سىسىق گەپلىرى يەنىلا توختىمايتى . -ساقچىغا مەلۇم قىلمەن دەپ ئاۋارە بولما ئۇلار بىلەن يقىن ئۆتمەن، ئۆزۇڭگە ئىش تىپۋالسەن.
A قولدىكى توختام ۋە سالاھىيەت كىنىشكەمنى ماڭا سۇنۇپ، چامدانىمنى ئالدى .
-يۇرۇڭ دەپ مىنى سىرتقا ئىلىپ ماڭدى . ماشىندا ئولتۇرۇپ قولۇمدىكى توختامنى ئاچتىم تۇرسۇن مىنى 35000 يۇەنگە ساتقان ئىدى .
مىنى يەنى قانداق قىسمەتلەر كۇتۇپ تۇرۋاتقانلىقىنى بىلمەيتىم . A بىر ئائىلە قورۇسىنىڭ ئالدىدا توختاپ ، - ئۇدۇلدىكى بىنادا مىنىڭ ئىشخانام بار بۇ ئائىلە قورۇسىدا بىر يۇرۇش ئۆي بار سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇڭ دەپ مىنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە ياخشى ئارام ئىلىڭ بىكار بولغاندا تىلفۇن قىلارسىز دەپ چىقىپ كەتتى .
بىر تەرەپتىن خۇشال بولسام بىر تەرەپتىن قورقۇپ تۇراتتىم . نەچچە كۇن خۇشاللىق ۋە قورقۇش ئىچىدە ئۆتۇپ كەتتى . يەكشەنبە كۇنى ئىدى . A ئىشىك تۇۋىدە پەيدا بولدى . ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كيىن قولىدىكى بولاقنى ئىچىپ ، قۇرئانى كەرىم ، ناماز ئوقۇش ئۇچۇن تەييارلانغان بىرقۇر كىيم ۋە جەيناماز ئىلىپ ماڭا سۇنغاچ
-سىزگە لازىم بولدۇ دەپ ئىلىپ كەلدىم دىدى . مەن توۋەن ئاۋازدا
-قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيمەن
-تەھەرەت ئىلىشنى بىلەمسىز ؟
-بىلمەن،
-قۇرئاننى پاكىز ھالەتتە تۇتمىسا بولمايدۇ . مەن كىىرىپ تەھەرەت ئىلىپ چىققاندىن كيىن A قۇرئاننى ئىچىپ بىر-بىرلەپ ھەرپلەرنى ئوقۇشنى ئۇگۇتىشكە باشلىدى . A دائىم ناماز توغۇرلۇق، قۇرئان كەرىم تورغۇرلۇق، پەيغەمبەرلەر توغۇرلۇق ئىسلام ئايالىرى توغۇرلۇق نۇرغۇن بىلىملەرنى خەنزۇ تىلدا راۋان سۆزلەپ بىرەتتى . نەچچە ئاي ئۆتۇپ كەتتى . 5 ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى، قۇرئان ئوقۇشنى ئۇگەندىم . ئەۋرەتلىرىمنى ياپتىم، قىلغان گۇناھىلىرىم ئۇچۇن ئاللاھتىن كەچۇرۇم سورايدىغان بولدۇم . Aنىڭ قىلدىغان ئىشى پەقەت ماڭا ئىسلام توغۇرلۇق كۆپ نەرسىلەرنى ئۇگۇتۇش ئىدى . زىرىكىپ قالغان بولسىڭىز شىركىتىمگە كىرىپ ئىشلەڭ دەپ تۇراتتى ، ئايدا ئويدىكىلەرگە ئەۋەتەرسىز دەپ 2000-3000 مىڭ يۇەن بىرىپ تۇردى. رامىزانغا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى . A روزا ھىت ئۇچۇن دۆلىتىگە قايتىماقچى بولۋاتقانلىقىنى مىنى خالسام شىنجاڭغا يولغا سىلىپ قويدىغانلىقىنى ئىيتىپ جىم بولۇپ قالدى .
شۇ ئەسنادا ئۆز مىللىتىمدىن بولغان تۇرسۇندەك كىشىلەرنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى يادىمدىن كەچتى . شىنجاڭغا قانداق بارمەن؟ ئاتا - ئانامغا قانداق يۈز كىلمەن، بىرسىنىڭ نىكاھىغا ئۆتمەكچى بولسام ئۆزۇمنىڭ قىزلىق ئىپپىتىنى يوقاتقانلىقىنى قانداق چۇشەندۇرمەن ؟... ... كاللامغا مىڭلغان سۇئال كەلدى. كۆزۇم قاراڭغۇلۇشىشقا باشلىدى . بىر ئاز جىمجىتلىق سۇرگەندىن كيىن A سۆز ئاچتى .
-قايىتقىڭىز يوقمۇ ؟ ئەگەر باشقا دۆلەتلىك يات مىللەت دىمىسىڭىز سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالغۇم بار . دىدى توۋەنگە قاراپ .
-لىكىن مەن ؟ ئۆتمۇشىمدىن خەۋىرىڭىز بار قانداقمۇ كۆڭلىڭىز كۆتۇردۇ؟
-ئۆتمىشىڭىز ئۆتتى كەتتى . ئاللاھ خالىسا گۇناھىلىرىڭىزنى كەچۇرگۇسى . ھازىر سىز بىر ياخشى مۇسۇلمان قىز ، كەلگۇسىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش خىيالىم بار .
نىمە دىيشىمنى بىلمەيتىم . بىر مەزگىل ئۆتسۇن دەپ قويدۇم . روزا ھىتقىمۇ ئاز قالدى بىر كۇنى A ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتمايدىغانلىقىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ جۇڭگۇغا كىلدىغانلىقىنى ئيىتى . ئاتا-ئانسى روزا ھىتقا نەچچە كۇن قالغاندا كەلدى . بىر ئاينى بىرگە ئۆتكۇزدۇق . ئۇلار مىنى ئۆز قىزىدەكلا ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىدى . مەنمۇ ئۇلارنى بەك ھۆرمەتلەيتىم . قايتىدىغان ۋاقىت كىلىپ قالغاندا ئۇلار A ئارقىلىق مىنى كىلىن قىلۋالغۇسى بارلىقىنى ، ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۇشۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىيتى . ئالدىن تەييارلىقىم بولمىغاچقا ئۇلارنى توسۇپ قويدۇم . ئۇلارمۇ كەتتى . ھازىر ئاتا ئانامغا قانداق ئىتىشنى بىلمەي تۇرۇپتىمەن . ئاللاھ خالىسا ئۇلارمۇ قارشى چىقمايدۇ دەپ ئويلايمەن . دىدى قىز كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ .
قىز ئۇزۇن بىر ئۇفسىرغاندىن كيىن سۆزىنى داۋام ئەتتى .
-شىنجاڭدا چەتئەللىك بىلەن توي قىلىش رەسمىيتىنى قانداق بىجىردىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن .
-سىز بىلەمسىز ؟ دەپ سوردى ئۇنىڭ سۇئالى قانائەتلىنەرلىك جاۋابىمنى كۇتكەن بولسىمۇ . قىزنىڭ مەندىن . توسساتىن سورغان سۇئالغا تەرىمنى تۇرۇپ تۇرۇپ يىنىكلىك بىلەن جاۋاب بەردىم .
-مەن قانداق بىلەي . چەتئەللىكە توي قىلىپ باقمىغان . ئۇيغۇر چقماي قالغان تەقدىردىمۇ چەتئەلگە توي قىلىش پىلانىم يوق .
قىزنىڭ كۆزىدە ياش يۇگۇردى ، غەزەب بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ
-شۇنداق ماڭا ئۇيغۇر چىقماي قالدى !!
-ئوقۇش پۇتتۇردۇم ، خىزمەت تىپىش ئۇچۇن نەچچە يۈز ئىشككە دوقۇردۇم، ماڭا ئىشلەپ بەر دەيدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى.
-ياقا يۇرۇتتا خورلۇق تارتىم ، بىشىمنى سىلايدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى.
-بەدىنىم ئوچۇق كىيم كىيىپ چىقسام، سىڭلىم بۇ بىزنىڭ مىللىي كيىمىمىز ئەمەس ، مۇسۇلمان قىزىلىرى كىيدىغان نەرسە ئەمەس دەيدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى.
-كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقىنىمدا مىنى قوغدايدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى .
-ھاراق رومكىسىنى قولۇمدىن تارتىپ ئالدىغان، تۇتاشتۇرۇلغان تاماكامنى ئۆچۇردىغان ئۇيغۇر چىقمىدى .
-يامان يولدىن قايتىپ مۇسۇلمان بولۇپسەن ، مەڭگۇلۇك جۆرە قىلاي دەيدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى .
-تىنىمنى سىتىشقا مەجبۇرلىغان ئۇيغۇرۇم بولدى . ھاراق رومكىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزغان ئۇيغۇرۇم بولدى، تاماكنى تۇتاشتۇرۇپ سۇنغان ئۇيغۇرۇم بولدى . قولدىن قولغا ئۆتكۇزۇپ ئوينىغان ئۇيغۇرۇم بولدى .
-ئىتىپ بىقىڭە : ئۆتمۇشۇمدىن خەۋەردار بولغان قايسى ئۇيغۇر يىگىتى ماڭا مەڭگۇلۇك جۆرە بولدۇ؟ بولغان تەقدىردىمۇ ھەربىر قەدەمدە پىشانەمگە قويۇپ تۇرۋالماسمۇ؟ ... ....
... ... يەنى نىمىلەرنى دىمەكچى ئىدى ، A قايتىپ كىردى . قىز دەرھال يىشىنى سۇرتۇپ Aغا كۇلۇمسىرەپ قاراپ قويدى .
-يۇرۇڭ ۋاقىت توشۇپ قالدى يولۇچىلار مىڭىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ بىزمۇ چىقايلى . دىدى A. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ :
-كەچۇرۇڭ ۋاقتىڭىزنى ئىلىپ قويدۇم . مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمايمەن، پەقەت بەزى بىر ناھاقچىلىككە ئىچىنىمەن . تۇرسۇنغا ئوخشاش كىشىلەردىن نەپرەتلىنىمەن . مىنىڭ چەتئەللىكە توي قىلشىم مىللىتىمنى ساتقانلىقىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ . چەتئەلدە خان ساريىدا ياشىساممۇ ، شىنجاڭدىكى توپۇلۇق يىزا يوللىرىغا تەڭ قىلمايمەن . ماڭا كەلگەن خورلۇق باشقا شىنجاڭلىق ئاچا-سىڭىللارغا كىلىپ قالمىغاي . ئاللاھتىن يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە ئىنساب تىلەيلى ئامان بولۇڭ . دىدى دە كەينىگىمۇ قارماي يۇرۇپ كەتتى .

«كەچۇرۇڭ كۆڭلىڭىزنى رەنجىتىپ قويدۇم » دىيىشكىمۇ ئۇلگۇرەلمەي قالدىم . قىزغا ئازاق بولسىمۇ تەسسەللي بەرمەك تۇگۇل ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن بەرگەن جاۋابىم مىنى بەكلا خىجىل قىلدى .
قىزچاق بەلكىم بۇ تىمىنى ئوقۇپ قىلشىڭىز مۇمكىن . مىنى كەچۇرۇڭ.

تورداشلارغا دەيدىغىنىم :
يولدىن ئازغان ، مەجبۇرلاشقا ئۇچۇرغان قىزلارغا چىقىش يولى بىرەيلى ، ياخشى يولغا باشلايلى، ئىللىق قوينىمىزنى ئاچايلى .
مەنبە:مىسرانىم
  
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-17, 12:42
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ماقالە
  • «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-17 07:53 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    wijdan0997
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 993
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    شۆھرەت: 59 نۇمۇر
    پۇل: 335 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    مىللىتمىز  ئىچدىن  چىققان  تۇرسۇندەك نۇمۇسسىز  مۇناپىقلارغا  مىڭ  لەنەت،،،
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 09:38 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    bityon
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17929
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 317
    شۆھرەت: 143 نۇمۇر
    پۇل: 749 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    بۇنداق   ئادەم  بىدىكلېرىنى چالما  - كىسەك قىلىپ  تاشلىسا  مىنىڭچە  بولغاندا.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 10:00 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    hebibulla
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30993
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 134
    شۆھرەت: 134 نۇمۇر
    پۇل: 502 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    تۇرسۇندەك ھايۋانلارنى  جازالاشقا  قانۇن  يوقمۇ ؟
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 11:38 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    umarjan
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 951
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 34
    شۆھرەت: 29 نۇمۇر
    پۇل: 178 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 472(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    مانا بۇ ھەقىقى مۇسۇلماننىڭ سۇپىتى. ئاللا ھەي مۇسۇلمان قېرىندىشىم  مۇسۇلمانچىلىق مىللەت ئايرىمايدۇ.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 11:47 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1411
    شۆھرەت: 1897 نۇمۇر
    پۇل: 399 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1038(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

        بۇ تېمىنى ئوقۇپ،ئاۋۇ قىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن،يولىنى تېپىۋالغانلىقىدىن،ئۆز ئىززەت-ئابرويىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن بەكمۇ خوش بولدۇم.  ئاۋۇ«A»غا ھۆرمىتىم قوزغالدى. ئاللا ئىككىلا ئالەمدە يۈزىنى يورۇق قىلغاي.بىر بەندىنى ئازغۇنلۇقتىن تارتىۋالغىنىنىڭ ساۋابىنى بەرگەي.

    تۇرسۇندەك نائەھلىلەرگە ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ.     
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 11:52 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    muallp
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19682
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 291
    شۆھرەت: 294 نۇمۇر
    پۇل: 890 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 425(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    ئېغىر بېسىقلىق رەھماندىن ،ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن ... كەڭ قورساقلىق ،ئەپۇچانلىق ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ئىشى ... ئازغۇچىلارنى توغرا يولغا باشلاش كاتتا ساۋاپ . ئەسەرنىڭ ئىدىيىسىنى قوللايمەن!      
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:04 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xorpixana
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31442
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 70
    شۆھرەت: 70 نۇمۇر
    پۇل: 408 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 452(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    بۇ يوللانمىنى ئوقۇپ ،يېقىندىلا ئوقۇپ تۈگەتكەن يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ «قاباھەت» ناملىق رومانى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.ۋەقەلىگى ئوخشاشلا ھەر خىل ناملار بىلەن ئىچكىرگە ئالداپ چىكىتىلىپ،بىر قىسىم مىللى مۇناپىقلار تەرپىدىن  ئىنسانى قەدىر-قىممىتى يوقتىلغان،خورلانغان ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ كۈلپەتلىك كەچۈرمىشلىرى.ھېلىمۇ ياخشى بۇ قىز بىر چەتئەللىك تەرپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ،ئىچكىردىكى  يىرگىنىشلىك جىنسى قۇل بۇلۇش تارىخىغا خاتىمە بىرىپتۇ.
    ئەي قىز! ئاللا دىلىڭىزدىن ئىماننى ئايرىمىسۇن!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:20 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    oguzogly
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29308
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 211
    شۆھرەت: 211 نۇمۇر
    پۇل: 782 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1651(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    ئاشۇ قىزدەك قسمەتلەرگە يۇلقۇۋاتقانلار يەنە قانچىلىكتۇ......
    تۇرسۇندەك دۇزىقى مۇناپىقلارغا مىڭ لەنەت..........
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:22 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    دوسىت
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35132
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    بۇنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مىھرىبان،شەپقەتلىك ،ئۇلۇغ <ئاللا> نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى،مۇشۇ يوللار ئارقىلىق  ئاللا بۇ<مۇسۇلمان> قىزغا  ھىدايەت  ئاتا قىلغان بولشى مۇمكىن .   تۇرسۇندەكلەرنىڭ ئۆلۇم ئالدىدا قانداق بولدىغانلىقىنى  بىر ئاللا ئۆزى بىلىدۇ!!!!!    دۆلىتىمىز قانۇن ئورگانلىرى بۇنداق رەزىللىكلەرنى چوقۇم بىچچىت قىلىدۇ!!!!!!!!!!<ئۇلۇغ ئاللا دىلىمىزغا ھىدايەت نۇرى چاچقىن!!ئامىن
    پاي چىكى تورى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:28 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    shad
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31450
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    شۆھرەت: 59 نۇمۇر
    پۇل: 277 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    ماندا مۇناپىقلارنى(تۇرسۇن) تاش ئىتىپ ئۆلتىرىۋەتسە بولىدۇ...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:32 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    orhun36
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30152
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 183
    شۆھرەت: 193 نۇمۇر
    پۇل: 705 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    يىرىم سائەتتەك ئىنكاس يازسام قايتا مەشغۇلات قىلىڭ دەپ چىقىۋالديا مانى بىر سىناپ باقاي قىنى.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:45 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xatlikjan
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 32766
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 33
    شۆھرەت: 33 نۇمۇر
    پۇل: 199 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

      
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 01:03 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    uygur0999
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34751
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    مۇشۇ تېمىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان  ئىچىمگە پاتمايۋاتقان بىر نەرسىنى دېگۇم كېلىپ قالدى .  بىر ئايال ئۇزۇندىن بېرى «غۇلجا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيوشمىسى» نامى بىلەن غۇلجىنىڭ نۇرغۇن قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئالداپ ئەكىتىپ ، نابۇت قىلىۋاتىدۇ . مېنىڭ نەق ئۇ ئىچكىرىگە ئالداپ ئاپارغان بىر قىزنىڭ ئۆزئاغزىدىن ئاڭلىشىمچە ، بۇ قىزلار ئارتىس نامى بىلەن ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ، ئاساسەن يەرئاستى تاڭسىخانىلىرىدا يېرىم يالىڭاچ ئۇسۇلغا سېلىنىدىكەن . 23ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن يۇرتلىرىغا قايتۇرىلىدىكەن . بۇ قىزلار يۇرتلىرىغا قايتقاندىن نومۇسنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھېچنەرسە دىيىشكە پېتىنالمايدىكەن . ئېلىپ بارغان قىزلار ئاساسەن غۇلجىلىق بولۇپ ئۆزىنىڭ تۇققانلىرىنىڭ قىزلىرىدىنمۇ ئۈچى باركەن .  قىيىنچىلىغى بار ئائىلىلەر ئاساسلىق نىشانى ئىكەن . بۇ ئەھۋاللار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىر قانچە قېتىم ئىنكاس قىلىنغان بولسىمۇ سورىغىنى قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى . ھەممىدىن ئېچىنىشلىغى ، بۇ ئەھۋال ئىنكاس قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە شۇ  « غۇلجا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى » نىڭ نامى بىلەن ئارتىس قوبۇل قىلدى .
    ئاڭلىشىمچە ، ئۆيى ھەرەمباغدا ئىكەن ، يولدىشى بار ئايال دەيدۇ ، مۇشۇ كەمگىچە سورىغى قىلىنماي يۈرگىنىگە قارىغاندا ، مۇھىم يەردە «ئاكىسى »بار چېغى . توردىكى غۇلجىلىقلار ،  سۈرۈشتۈرۈپ باقساڭلار  بوپتىكەن .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 03:00 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    turditohti
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28976
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 263
    شۆھرەت: 379 نۇمۇر
    پۇل: 1155 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 919(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    Quote:
    بۇ مەزمون13قەۋەتتىكىuygur0999نىڭ2008-12-18 03:00 AM دە يوللىغان يازمىسى   :
    مۇشۇ تېمىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان  ئىچىمگە پاتمايۋاتقان بىر نەرسىنى دېگۇم كېلىپ قالدى .  بىر ئايال ئۇزۇندىن بېرى «غۇلجا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيوشمىسى» نامى بىلەن غۇلجىنىڭ نۇرغۇن قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئالداپ ئەكىتىپ ، نابۇت قىلىۋاتىدۇ . مېنىڭ نەق ئۇ ئىچكىرىگە ئالداپ ئاپارغان بىر قىزنىڭ ئۆزئاغزىدىن ئاڭلىشىمچە ، بۇ قىزلار ئارتىس نامى بىلەن ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ، ئاساسەن يەرئاستى تاڭسىخانىلىرىدا يېرىم يالىڭاچ ئۇسۇلغا سېلىنىدىكەن . 23ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن يۇرتلىرىغا قايتۇرىلىدىكەن . بۇ قىزلار يۇرتلىرىغا قايتقاندىن نومۇسنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھېچنەرسە دىيىشكە پېتىنالمايدىكەن . ئېلىپ بارغان قىزلار ئاساسەن غۇلجىلىق بولۇپ ئۆزىنىڭ تۇققانلىرىنىڭ قىزلىرىدىنمۇ ئۈچى باركەن .  قىيىنچىلىغى بار ئائىلىلەر ئاساسلىق نىشانى ئىكەن . بۇ ئەھۋاللار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىر قانچە قېتىم ئىنكاس قىلىنغان بولسىمۇ سورىغىنى قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى . ھەممىدىن ئېچىنىشلىغى ، بۇ ئەھۋال ئىنكاس قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە شۇ  « غۇلجا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى » نىڭ نامى بىلەن ئارتىس قوبۇل قىلدى .
    ئاڭلىشىمچە ، ئۆيى ھەرەمباغدا ئىكەن ، يولدىشى بار ئايال دەيدۇ ، مۇشۇ كەمگىچە سورىغى قىلىنماي يۈرگىنىگە قارىغاندا ، مۇھىم يەردە «ئاكىسى »بار چېغى . توردىكى غۇلجىلىقلار ،  سۈرۈشتۈرۈپ باقساڭلار  بوپتىكەن .

    ئەينى ئەھۋالنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلىرىمىزگە بىلدۈرۋېتىپ،ئۇلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ساقلاشقا يەردەم بىرىش بىلەن ئۇلاردا ئۈزىنى قوغداش ئېڭىنى ۋە ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 10:04 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.071168(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-19 18:32
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号