چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 88 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(جاللات بالا) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

jallatbala
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29622
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 376 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(جاللات بالا)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى yarken بۇ تېمىنى ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-17)
ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە


ئىسلامىيەت تارىخىدا 18- 19- ئەسىرلەر مىسلىسىز پاجىئەلىك دەۋر ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسىرلەردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دۇنياۋى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە بولغان تۇرك ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن تۇرك موغۇل ئىمپرىيىسى كۇنسېرى ئاجىزلىشىپ قەدەممۇ قەدەم ھالاكەتكەن يۇزلەنگەن ھەم ئاخىرقى ھىسابتا يوقىتىلغان. ماۋەرائۇننەھر ۋادىسىدىكى، ئافغانىستان ۋە ئىران ئىگىزلىكىدىكى ئۇششاق ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ھالىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان. بۇ ئەسىرلەردە يەنە ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇزاقتىن بېرى يامراپ كېلىۋاتقان ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ بىدئەت قاراشلىرى ۋە چاكىنا تەشەببۇسلىرى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادلىرىنى ئىزىدىن چىقىرىۋەتكەن. بولۇپمۇ، سوپى- ئىشانلار گورۇھى بارلىق ئىسلام ھوكۇمرانلىرىنىڭ سەلتەنەتىگە سالجىدەك چاپلىشىۋېلىپ ئۇلارنىڭ رېئال دۇنيا ھەققىدىكى جەڭگىۋار قاراشلىرىنى چىرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ھايات سەھنىسىدىن بەخت ئىزدەش غايىلىرىنى سىرلىق خىيالى تۇيغۇلىرىدىن قانائەت ئىزدەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇشلارغا بۇرىۋەتكەن.مۇسۇلمانلار جامائىتىنى بولسا ئىزدىنىش- كۇرەش جاسارىتى كەمچىل، مەرىپەت روھى سۇس، ئەقىل كۇچى زەئىپ، ئىمانى مۇجمەل، ئەخلاق ساپاسى توۋەن ئاڭقاۋ جامائەتكە ئايلاندۇرۇپ، خار- زارلىق كوچىسىدا قېقىلىپ- سوقۇلۇپ ياشاشنى ھار ئالمايدىغان ھورۇن، چېچىلاڭغۇ، بوشاڭ، قاشاڭ ئىللەتلەرنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇۋەتكەن.
دىمەك، ئىسلامى ھاكىمىيەتلەرنىڭ زەئىپلىشىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ چۇشكۇنلىشىشى ئېغىر تارىخى يۇزلىنىش بولۇپ قالغان مۇشۇ دەۋرلەردە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ياۋروپا ئەللىرى كۇنسىرى ئويغىنىپ، كۇچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ مەرىپەت روھى مىسلى كورۇلمىگەن دەرىجىدە ئويغىنىپ ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تېپىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ توپ- زەمبىرەك بېكىتكەن يەلكەنلىك كېمىلىرى دېڭىز - ئوكيانلارنى تىنىمسىز كېزىپ، زامانىۋى قوشۇنلىرى سەلدەك يامراپ يېڭىدىن- يېڭى مۇستەملىكە زىمىنلارنى ئىزدىمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ، قارا نىيىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن چارۇسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بەس- بەس بىلەن زىمىن كېڭەيتىشى نەتىجىسىدە ئىسلامىيەت دۇنياسى شىمالى ئافرىقا، ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تۇران تۇزلەڭلىكىدە كەينى- كەينىدىن پاجىئەلىك قىسمەتكە تۇچار بولۇپ، قۇللۇق كىشەنلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ، ئوزىنىڭ تارىخى دۇشمەنلىرىنىڭ ھوكۇمرانلىقىنى چەكسىز ھەسرەت ئىچىدە قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدى.
مانا مۇشۇنداق ئېغىر تارىخى كۇلپەت ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ دىنىي شان- شوھرىتىنى، مىللى ئەرك- ھوقۇقىنى ۋە مەرىپەتچىلىك روھىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن پىداكارلىق كورسىتەلەيدىغان شىر يۇرەك مىللى داھىيلار بىلەن ئوت يۇرەك مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۇلپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ئۇستىدە ئىزدىنىشى ۋە تەپەككۇر يۇرگۇزۇشىنى تەقەززا قىلدى.
زادى قانداق قىلغاندا قۇللۇق كىشەنلىرىنى ئۇزۇپ تاشلاپ، ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇپ، مىللى ئاڭنى ئويغىتىپ، مەرىپەت روھىنى تىكلىگىلى، خارلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، بوشاڭلىق، قاشاڭلىق، خۇراپاتلىق ئىللەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ ئۇيۇشقىلى، كۇچەيگىلى، زورايغىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ ئىسلامىىيەت دۇنياسىدىكى دىنى مۇتەپەككۇرلار بىلەن مىللى داھىيلار پىداكارلىق بىلەن ئىزدىنىدىغان، ئويلىنىدىغان جىددى تېما ئىدى.
ئۇلۇغ مەنىۋى يېتەكچى، دىن ۋە مىللەتنىڭ پىداكارى، ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ شانلىق ئىپتىخارى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، ئوت يۇرەك ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ھورىيەتپەرۋەر دىنى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا خەلقىمىز ئارىسىدىن چىققان ئەنە شۇنداق ئوي- ئارزۇدىكى گىگانت زات ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام بىلەن زامانداش مەشھۇر ئالىم، ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تىۋىپ ھۇسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى ھەزرەتلىرى (1856- 1925)نىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا ئابدۇقادىر داموللام نازۇكلۇقتا روھقا، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىدە تاغقا، ئىلىمنىڭ موللۇقىدا دېڭىزغا ئوخشايتتى< <<تەجەللى شېئىرلىرىدىن>>- مىللەتلەر نەشىرياتى، 2000- يىلى، 104- بەت>.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تولۇق ئىسمى داموللا ئابدۇقادىر ئىبنى ئابدۇلۋارىس، تەخەللۇسى <<غازى>>ئىدى. <<قەشقەرى>>دىگەن تەخەللۇسنى قوشۇپ ئاتىغۇچىلارمۇ بار.
ئابدۇقادىر داموللام 1862- يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن< تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندى <<ئابدۇقادىر داموللام ۋە <مىفتاھۇل ئەدەب> >>ناملىق ماقالىسىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ بەرگەن مەلۇماتى بويىچە ئابدۇقادىر داموللامنى ھىجىرىيە 1278- يىلى(مىلادىيە 1854-1855-يىللىرى) تۇغۇلغان دەپ يازغان. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1985- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا قايتا بېسىلغان <<تەجۋىد تۇركىي>>ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرىدا مىلادىيە 1881- يىلى تۇغۇلغان دەپ كورسىتىلگەن. مەن ئاپتونۇم رايونىمىزدا نەشىر قىلىنغان كىتاب- ژۇرناللاردا ۋە كىتاب- ماتىرىياللاردا بىردەك ئېلىنىپ ئومۇملىشىپ قالغىنى بويىچە يەنىلا 1862- يىلى تۇغۇلغان دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. بۇ ھەقتىكى تەتقىقات چوڭقۇرلىشىپ، ئېنىق پاكىت بىلەن مۇقىملاشقۇچە 1862- يىلى تۇغۇلغان دەپ ئېلىۋېرىشنى توغرا دەپ قارايمەن. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، ئابدۇقادىر داموللام 62- يېشىداۋاپات بولغان بولىدۇ.>.


ئابدۇقادىر دامۇللا ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەلىك كىچە

قۇغۇن پىششىقى كۇنلىرىنىڭ بىرى دامۇللىنىڭ بالا چاقىلىرى ئاتۇشقا خامان ئىلىشقا كەتكەن بۇلۇپ ئۇيدە پەقەت شاگىرتى باقى ئاخۇنلا قالغان ئىدى .
دامۇللا كەشنى كىتاپ ئۇقۇش بىلەن ئۇتكۇزگەندىن كىيىن باقى ئاخۇنغا رۇخسەت بەردى ۋە ياندىكى ياتاخ ئۇيگە كىرىپ بەخىرىمان ئۇخلاپ قالدى باقى ئاخۇنمۇ ياتاق ئۇيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالدى
دامۇللىنىڭ دەرۋازىسى تاقالغىچە بۇلغان ئارلىقتا قانداقتۇر بىر قارا سايە ئاتخانىغا كىرىپ مۇكۇنىۋالغان ئىدى . بۇنى دەمۇللىمۇ باقى ئاخۇنمۇ تۇيمىغان ئىدى دامۇللىنىڭ ھەر كىچە تاھەرەت سۇندۇرۇشقا چىقىدىغىنىنى بىلىدىغان بۇ قارا سايە دامۇللىنىڭ تاھارەتكە چىقىشىنى سەۋېرچانلىق بىلەن كۇتمەكتە ئىدى
يىرىم كىچىدىن ئۇتكەندە دامۇللا يۇتەل ۋە ئاياغ تىۋېشى بىلەن مىھمانخانا ئۇيدىن چىقىپ ئارا ئىشىكنى ئىچىپ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى قارا سايە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غىپپىدە قىلىپ ئاتخانىدىن ھۇيلىغا ئاندىن مىھمانخاغا دەھلىزىگە كىرىپ مۇكۇندى بۇ ئىشلاردىن پۇتۇنلەي خەۋەرسىز قالغان دامۇللا تەرەتتىن بىكار بۇلۇپ ئارا ئىشىكنى تاقىدىدە ئۇيگە ئاياغ تاشلىدى ھاۋا بەك ئىسسىق بۇلغاشقا دامۇللا ئۇزۇن نىپىز كۇينەكتىن باشقا نەرسە كىيمىگەن ئىدى .
دامۇللا دەھلىز ئىشىكتىن كىرىپ مىھمانخانىغا ئاياغ تاشلىماقچى بۇلغاندا < چىم >> قىلغان بىر يىقىمسىز سىزىم دامۇللىنى قاتتىق ئەندىكتۇرۋەتتى ئۇيقۇ ئارلاش ئۇيقۇسىز ھالەتتە كىرۋاتقان دامۇللا ئەمدىكىنە ئۇيقۇدىن ئۇيغانغاندەك بىقىنىنى تۇتىشىغا قارا سايە پىچاقنى تارتىۋالدى دامۇللىنىڭ قۇللىرى ئۇزىنىڭ ئىسسىق قىنىغا مىلەنگەن ئىدى ئۇزىگە پىچاق سىلىنغىنىنى بىلگەن دامۇللا قارشىدا تۇرغان قاتىلغان << ئىپلاس >> دىگىنىچە ئىتىلدى بىراق كۇزلىرىگە قان تۇلغان قاتىل تەمتىرەش يەكى قىچىش تۇگۇل ئەكىسچە غالجىرلىق بىلەن دامۇللىغا ياندى دامۇللا قاتىلغا قارغاندا كۇپ سىمىز ۋە دۇغۇلاق كىشى بۇلسىمۇ لىكىن قاتىن دامۇللىغا قارغاندا كۇپ كۇشتۇڭگۇر ۋە ياش ئىدى ئۇنىڭ ئۇستىگە قانداقتۇر بىر رۇھ ئۇنى تىخىمۇ ئەسەبىلەشتۇرۋەتكەن ئىدى دامۇللا دۇشمىنىنى ھەر قانچە بىسىشقا جۇرئەت قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن قان جىق چىقىپ كەتكەچكە قاتتىق ھاسىراپ كەتكەن ئىدى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان قاتىل دامۇللىنىڭ قۇرسىقىغا يەنە بىر پىچاق تىقىپ ئۇنىڭ قۇرسىقىنى يىرىۋەتتى دامۇللا گۇپ قىلىپ يىقىلدى دە ھۇشىدىن كەتتى ئارلىقتا بىر قانچە قىتىم << باقى ئاخۇن >> دەپ ھالسىز تۇۋلىغان بۇلسىمۇ لىكىن قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن باقى ئاخۇن ھىچنىمىنى تۇيمىغان ئىدى .
دامۇللىنىڭ ھالسىزلانغانلىقىنى كۇرگەن قاتىل مۇرادىغا يەتكەندەك بۇلۇپ كەلگەن يۇلىچە بەدەر تىكىۋەتتى .
دامۇللا غەرىق قان ئىچىدە ياتاتتى ئارلاپ ئارلاپ بۇش ئاۋازدا ئىڭرايتى ۋە خارقىرايتى بىراق بۇ تۇن كىچىدە قىرىشقاندەك دامۇللىنىڭ ھالىغا يەتكۇدەك ھىچ ئىنسان چىقمىغان ئىدى پەقەت تاڭغا يىقىن ئۇگزىگە تەرەتكە چىققان ھەقەمسايىسى بۇ خارقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىدىدە دەررۇ باقى ئاخۇننى تۇۋلاپ ئۇيغاتتى باقى ئاخۇن دامۇللىنىڭ قىشىغا كىرگەندە بۇ مۇبارەك زات ئاللا قاچاق جان ئۇزگەن ئىدى بۇ دەھشەتلىك پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان قۇلۇم - قاشنىلار دەررۇ شەھەرلىك جىساغا ( ساقچى ) ئىدارىسىگە چىپىشتى
شەھەر بايلىرىدىن ئۇمەر بەگە بىلەن زۇنۇن ئاخۇن پاششاپ قاتارلىق شەھەر قۇغداش خادىملىرى ھە - ھۇ دىگۇچىلا دامۇللىنىڭ ئۇيىگە يىتىپ كىلىشتى ھەمدە دەررۇ ئەھۋالنى ئىگەللەشكە كىرىشتى ئۇينى تەكشۇرۋاتقاندا ھۇيلىدىن بىر تۇمۇر قىشقۇچ تىپىلدى << ئۇغۇرنىڭ ئەزرائىلى >> دەپ نام چىقارغان زۇنۇن پاششاپ قىسقۇچنى ئالغان پىتى ئۇدۇل تۇمۇرچىلەرنىڭ يىنىغا يۇگۇردى سۇرۇشتۇرۇش ئارقىلىق قىسقۇچنىڭ شەھەردىكى مەلۇم تۇمۇرچىنىڭ قىسقۇچى ئىكەنلىكى ئۇنى تۇنۇگۇن كۇندۇزدە ئەھمەت مەزىننىڭ ئارىيەتكە ئىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بۇلدى .
زۇنۇن پاششاپ قۇل ئاستىدىكى مىرشاپ جاكارچىلارنى ئىلىپ ئەھمەت مەزىنىنىڭ ئۇيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنى كىيىم ۋە بەدىنىدىكى قان داغلىرىنى يۇيىۋاتقان يىرىدىن تاپتى پۇت قۇللىرىغا كىشەن سىلىپ بەگلىك ئۇرۇن بۇلغان دىڭىزىيا تۇرمىسىگە سۇلىدى ئۇمەر بەگ سۇراق جەريانىدا ئۇنى ئىقرار قىلغۇزدى ئۇمەربەگە ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىدىن قاتتىق چۇچۇپ كەتتى چۇنكى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئەھمەت مەزىنگە يۇل كۇرسەتكەنلەر ئادەتتىكى ئادەم ياكى كىچىك بىر ئۇرۇن ئەمەس ئىدى ئۇمەر بەگە بىلەن زۇنۇن پاششاپلار ئۇندىمەيلا ئۇدۇل شەھەرنى ئۇز چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۋاتقان << كاتتا كىشىنىڭ >> يىنىغا باردى ئەھمەت مەزىننىڭ ئىقرارىنى بىر بىرلەر بايان قىلدى ئۇمەر بەگ بۇ ھادىسىگە چىتىشلىق << ئۇلۇغلار >> نىڭ ئۇچۇقتى - ئۇچۇق ئىتمىغان بۇلسىمۇ لىكىن << كاتتا كىشى >> نىڭ چىرايى سارغىيىپ دىمى ئىچىگە چۇشۇپ كەتتى بۇ سىر ئاشكارلانسا شەھەردە قانداق كۇڭۇلسىزلىكلەرنىڭ چىقىشى ئۇنىڭغا بەش قۇلدەك ئايان ئىدى شۇڭا ئۇ دەررۇ ئەقلىنى جۇرۇپ چۇچەكتەك ئىككى كۇمۇش يامبۇنى بەگە بىلەن پاششاپنىڭ ئالدىغا قۇيدى پەۋقۇلادە چىگىش ھەم خەتەرلىك دىلۇدىن گاڭگىراپ قالغان ئۇمەر باي بىلەن زۇنۇن پاششاپنى شەھەر كاتتىسىنىڭ بۇ سۇۋغىسى تىخىمۇ چىڭ ئىسكەنجىگە ئالدى سۇۋغىدىن كىيىن قۇيۇلغان شەرىتلەرگە بۇ ئىككى كىشىنىڭ ماقۇل كەلمەسلىكى تىخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
ئەھمەت مەزىننىڭ ئۇزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلەردىن تىنىش كىرەكلىكى شۇندىلا ئۇنىڭ ئۇلۇمدىن خالاس بۇلىدىغانلىقى جىكىلەندى شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش يۇشۇرۇن بىر سىرغا ئايلاندى ئەھمەت مەزىن ھۇكۇمەت تەرەپنىڭ سۇراقلىرىدا دامۇللىنى ئۇلتۇرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن بۇ ئىشنى پىلانغۇچىلار بۇيرۇق بەرگۇچىلەر ھەققىدە ھىچنىمىنى ئاشكارلىمىدى ئەكىسچە دامۇللىغا بىر مۇنچە بەتناملارنى چاپلاپ ئۇنى دامۇللىنى ئۇلتۇرۇشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۇرسەتتى
دەل مۇشۇ مەزگىللەردە دامۇللىنىڭ چۇڭ ئۇغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئۇقۇشتا ئىدى دادىسىنىڭ ئۇلۇمى تۇغرىسىدىكى شۇم خەۋەر ئۇنى ئۇقۇشتىن يىرىم يۇلدا تۇختۇتۇپ يۇرتىغا قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى ئابدۇلئەزىزى مەخسۇم دادىسىنىڭ ھەقىقى قاتىلنى تىپىپ جازالاشنى ھۇكۇمەت تەرەپتىن قاتتىق تەلەپ قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن ئەھمەت مەزىننىڭ تەرسالىقى بىلەن بۇ دەۋا ھەل بۇلماي ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتتى بۇ دەۋادىن زىرىككەن ھۇكۇمەت ئاقىۋەتتە ئەھمەت مەزىننى تۇمۇر قەپەزگە سۇلاپ ئۇرۇمچىگە ئىبەرتىپ بەردى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۇرۇمچىگە كىلىپ ئەرىز سۇندى ھۇكۇمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئىتىپ بىرىش قارارىغا كەلگەن بۇلسىمۇ لىكىن ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھەقىقى قاتىللارنى تىپىپ جازالاپ بىرىشتەك ھەققانىي تەلەپتە چىڭ تۇردى مەزىن ئاخىرى ھەممىنى ئىقرار قىلغان بۇلسىمۇ لىكىن قەشقەر كاتتىلىلىرى سۇڭگۇتىۋەتكەن سۇغا - سالامدىن تىلى تۇتۇلغان ئۇرۇمچىدىكى ئەمەلدارلارمۇ بۇ سىرنى ئاشكارا قىلىشنى خالىمىدى .
قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بۇيچە ئەھمەت مەزىن سۇلاقتىن بۇشىتىلىپ قۇيۇپ بىرىلدى بۇ << غالىپ >> قاتىل ئۇرۇمچى كۇچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۇرگەن بۇلسىمۇ لىكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشلەرنىڭ تىل - ئاھانەت دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تۇپالماي ياقا يۇرتلارغا قىچىپ بىرىپ جان باقتى رۇھى جەھەتتىن قاتتىق زەربە يىگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئىلىشىپ قىلىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ھەتتا ئۇز گۇشىنى ئۇزى يىيىشكە باشلىدى نەتىجىدە ئەنە شۇ ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇ مۇناپىق ئۆلدى .
ئابدۇقادىر داموللا قەستكە ئۇچرىغان كۈنى كېچىسى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش يۈز بېرىدۇ، يەنى ئۇنىڭ خىزمەتچىسى شۇنداقلا سادىق مۇھاپىزەتچىسى باقى ئاخۇن ئۇخلاپ قالىدۇ. بەلكىم بۇمۇ بىر تەقدىر بولسا كېرەك.
ئۇنداقتا، باقى ئاخۇن قانداق ئادەم؟
باقى ئاخۇن( يەنى كېيىنكى كۈنلەردىكى باقى داموللام) ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيسى مازار غوجام يېزىسىدىن.مەنمۇ ھەم شۇ يۇرتتىن ،ھەمدە بۇ زاتنىڭ قوشنىسى بولغاچقا، "ئابدۇقادىر داموللا پاجىەسى" توغرۇلۇق ۋە ئۆزى توغرۇلۇق ئۆز ئاغزىدىن نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغان ئىدىم.
باقى ئاخۇن كىچىكىدە ئىلىم ئىزدەپ قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىگە بارغان. ئۇ يەردە ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بىۋاستە باشپاناھلىقى ۋە تەربىيسى ئاستىدا چوڭ بولغان. داموللامنىڭ يېنىدىن بىردەممۇ ئايرىلمىغان.ئۇ كېيىن ئەسلەپ دەيدۇ:"داموللامنىڭ يېنىدا تۇرغان ۋاقتىمنى جەننەتتە تۇرغان ۋاقتىم دېسەم بولىدۇ،بالام. ئۇنىڭدەك ئادەمدىن مىڭ يىلدا بىرى چىقىدۇ. خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئۇلۇغ ئادەملەر قەستكە يېقىن، پىتنىگە يېقىن. ئىسىت، شۇ كۈنى نېمىشقىمۇ ئۇخلاپ قالغان بولغىيدىم. ئىست داموللام، ئىست. شۇ كۈندىن بېرى قېنىپ بىر كەچ ئۇخلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن. لېكىن بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى؟ ئىست،ئىست..."
بۇ ئادەم پاجىئەدىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ كېلىپ ، مەھەللە ئىمامى، يۇرت قازىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ۋە دىنىي ئالىم بولۇپ، " باقى ئاخۇن داموللام" نامى بىلەن مەشھۇر بولغان.


ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەشھۇر 3 ئەسىرى توغرىسىدا

1923- يىلى قەشقەردە سۇيىقەست بىلەن قەتل قىلىنغان مەرىپەتپەرۋەر، ئىسلاھاتچى ئالىم مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا يازغان مەشھۇر 3 مۇھىم دىنى كىتابىنى قايتا نەشرگە تەييارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن ئۆلىمالارنىڭ ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى بايان قىلىمىز.
1985- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا داموللامنىڭ "تەجۋىد تۈركى" يەنى( قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى قائىدىسى)، "ئەقائىد زۆرۈرى" يەنى( مۇھىم ئەقىدىلەر) ۋە "ئىبادەت ئىسلامىيە" يەنى( ئىسلام ئىبادەتلىرى) ناملىق شانلىق 3 مەشھۇر ئەسىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر ياردەمسۆيەرلىرى تەرىپىدىن ئىككىنچى قېتىم نەشر قىلىنغان ئىكەن
مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: " مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ پايدىلىق بولغان ئىدى. نۆۋەتتە مەرھۇمنىڭ "تەجۋىد تۈركى"، "ئەقائىد زۆرۈرى" ۋە " ئىبادەت ئىسلامىيە"ناملىق مەشھۇر 3 ئەسىرىنى ئىككىنچى قېتىم نەشرگە تەييارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى سۆزلەيمىز. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام تەخمىنەن 1881- مىلادىيە يىللىرى قەشقەر ۋىلايىتى ئۈستۈن ئاتۇش شەھىرىنىڭ مەشھەد مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي بىلىملىرىنى ئاتۇش شەھىرىدە ئالغاندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە كېلىپ ئوقۇغان. كېيىنچە، بۇخاراغا بېرىپ ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىنى ۋە بۇ ئىككى تىلنىڭ ئەدەبىياتلىرىنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، قەشقەرگە قايتىدۇ.
مەلۇمكى، قەشقەر تەۋەسىدە مەدرىسلەردىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن قالاق ۋە بەكمۇ كونىچە ئىدى. مەدرىسە تالىبلىرى كۆپ قىينىلاتتى. دەرسلىكلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە لايىق شەكىلدە تەييارلانمىغانلىقى، بۇ مەدرىسلەردە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش دېگەن نەرسىنىڭ يوقلۇقى ۋە ئورتاقلاشقان بىرەر ئوقۇتۇش سىستېمىسىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مەدرىسە تالىبلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يېرىم يولدا ياكى ئوتتۇرا يولدا مەدرىستىن ئايرىلىپ قالاتتى.
مەدرىستىن ئايرىلىپ قالغان شۇ كىشىلەر قورسىقىدا ھېچ نەرسە بولمىسىمۇ، ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئالىم - ئۆلىما دەپ ئاتىلاتتى. ئەمما مەدرىسىنى چىداپ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدۇرغانلار ئىنتايىن ئاز كىشىلەر ئىدى. جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىنىڭ قۇتبىلىرىنى ئەرەبچە ئوقۇش قائىدىسى ئومۇملاشقانلىقتىن، ئىماملارنىڭ سۆزلىگەنلىرىدىن خەلق قىلچە پايدا ئالالمايتتى.
ئەمما مەدرىسە تالىبلىرىغا كەلسەك، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ مەنىسىنى بىلمەيدىغان ئەرەبچە - پارسچە ئارىلاش گرامماتىكا كىتابىنى چۈشەنمەستىن يادلايتتى. تالىپلار دەردلىرىنى: " زەنجانى كىتاب كۈندۈزىمىزنى كېچە قىلدى،" "باشلىغاندا ئالتە ئىدۇق، يەتتىمىزنى گاچا قىلدى،" دېگەن قەسىدىلەر بىلەن ئىزھار قىلىشقا تىرىشاتتى.
مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان
مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام بۇ ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئېچىنىدۇ ۋە خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يېڭىچە دىنى ھەم پەننىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويىدۇ. مەدرىسىلەرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە لايىق ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا مەخسۇس دەرسلىك كىتابلارنى ھازىرلايدۇ. بالىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش، ئۇلارنى تەنھەرىكەت ئوينىتىش ۋە ماقال يازدۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
مەرھۇم داموللامنىڭ بۇ يېڭىلىقپەرۋەرلىكى ۋە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى شۇ ۋاقىتتىكى زالىم ھاكىمىيەت بىلەن خەلقنى ئالداپ جان باقىدىغان موللىلارغا قەتئىي ياقمايدۇ. چۈنكى داموللام خەلقنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مەرھۇم داموللامنى بۇ ھەرىكىتىدىن توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان چارىلىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن. ھەلىم مۇئەززىن دېگەن ئادەمگە پۇل بېرىپ، شۇ ئادەمنىڭ قولى بىلەن داموللامنى شېھىد قىلىپ بىراقلا قۇتۇلىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئابدۇقادىر داموللام شېھىد قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئەرەبچە، پارسچە ۋە تۈركچە يېزىلغان مەرسىيەلەرنى توپلىساق چوڭ بىر كىتاب بولىدۇ".
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئابدۇقادىر داموللام توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى:"ئابدۇقادىر داموللام بىزنىڭ ۋەتەندە ئەڭ ئاۋۋال خەلقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئادەم. بۇ ئادەمنىڭ خىزمىتى بىزنىڭ پۈتۈن لىدېرلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئەلۋەتتە كاتتا بولغان. بۇ ئادەمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالغان قانخورلار بىزنىڭ ساتقۇن بايلىرىمىزنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن پۇل خەجلەش ئارقىلىق سۇيىقەست يولى بىلەن بۇ ئادەمنى قەتلى قىلغان".
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەزكۇر ئەسىرى توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:" مەرھۇم داموللام "تەجۋىد تۈركى"ناملىق ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم 1912- يىلى تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشر قىلدۇرغان ئىكەن. قالغان ئىككى ئەسىرىنىمۇ شۇ ۋاقىتتا نەشر قىلغان بولۇشى ئېھتىمال دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.
ۋەتەندە تارىختىن بىرى ئۆتكەن ئۆلىما - ئالىملار ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب يازمىغان
بۇ ئۈچ ئەسەرنىڭ شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى شۇ يەردىكى، ۋەتەندە تارىختىن بىرى ئۆتكەن ئۆلىما - ئالىملار كىتاب يازسا ئەرەبچە ياكى پارسچە يېزىپ قالدۇرغان.ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب يازمىغان ئىكەن. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىدى. چۈنكى ئەرەبچە ۋە پارسچە كىتابلارنى مەدرىسە كۆرگەنلەر ئوقۇيالايدۇ. ئەمما ئاۋام خەلققە پايدىسى يوق.
مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەزكۇر 3 ئەسىرى ئۆز تىلىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئاممىباب ئەسەرلەر بولغانلىقتىن، شىنجاڭدا بۇ ئەسەرنىڭ شۆھرىتى چوڭ بولغان. چۈنكى بۇ ئۈچ مەشھۇر ئەسەرنىڭ بىرى بولغان"تەجۋىد تۈركى" ئاۋام خەلققە قۇرئاننى توغرا ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتسە، "ئەقائىد زۆرۈرى" ئېتىقاد مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. "ئىبادەت ئىسلامىيە" ناملىق ئەسىرى بولسا، ئىبادەتلەرنىڭ تەرىقىلىرى ۋە قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ. شۇڭا بۇ 3 ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان ئىدى
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-17, 12:38
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-17 07:31 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kunkiz
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 14159
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 6146
شۆھرەت: 3154 نۇمۇر
پۇل: 95741 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 399(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

بۇ تېما مېنىڭ بىلشىمچە مۇنبەرگە بۇرۇن بىر قىتىم يوللانغان نادىر تېمغۇ دەيمەن  ، شۇنداقتىمۇ  قىممىتى بار بولغاچقا ھەمىمىزنىڭ ياختۇرۇپ ئوقشىمىزغا ئەرزىيدۇ  .  تارىخنى  ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ  تىما ئىگسىگە رەخمەت .
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 09:49 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
ruyl
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34501
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
پۇل: 130 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

ھەي ھەقىقەتەن ئۇلۇغ شەخىسلەرئىدى
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 09:56 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
uqkun0999
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24009
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

      
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 02:20 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
pistan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 35151
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

     مەن مۇنداق بىر ئېغىز گەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ھەرقايسىڭلارغا سۇناي.
ئابدۇقادىر داموللا ناھايىتى بىلىملىك كىشى بولغاچقا ، ئىسلام مەركىزى بولغان ،سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىلەرمۇ ،بۇ كىشىنى بەك ئەتۋارلىغان ئىكەن..
  داموللا قەيىت بولغان خەۋىرىنى ، ئاڭلىغان شۇ ۋاقىتتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرى ، ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ بىلىملىك ئالىمىنى قەستلەپتۇ، ئەمدى ئۇمىللەت مەڭگۈ بېشىنى كۆترەلىشى ناتايىن دىگەن سۆزنى ئېيتىپ تىكەن..؟
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:53 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
atirgul627
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28722
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 691
شۆھرەت: 863 نۇمۇر
پۇل: 2978 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 151(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

  ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت!
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 03:09 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.070222(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-19 18:29
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号