چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 78 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق ؟ (جاللات بالا) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

jallatbala
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29622
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 376 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق ؟ (جاللات بالا)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى yarken بۇ تېمىنى ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-17)
بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق ؟


يالقۇن روزى


1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئويغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىماىي ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە-ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن «باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل پاراسەتلىك مىللەت » دەپ تەرىپلىنەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان شۇ خىلدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە بولسا«ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت » دەپ تەرىپلىندىغان بولدى. يېقىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېىسورى ، پەلسەپە دوكتۇرى ياۋۋىي خانىمنىڭ بىر يېڭى كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم. 2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلغان بۇ كىتابنىڭ نامى « شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىماىي پىسخىكلىق ھالىتى ۋە مىللىي رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات» بولۇپ، ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىلا مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. دوكتۇر ياۋۋىي خانىم 1-بابنىڭ بېشىدىلا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئاىلىسىدە، ئويغۇرلار «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلىنىدۇر. بۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئويغۇرلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تونۇشى» دەپ يازغاندى. مەن بۇ جۈملىنى ئوقۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم.« پىسخىكىلىق ھالەت » دېگەن كىشىلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم. بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىدىكى بۇ خىل ئامىللار يەنى پوزىتسىيە، قىممەت قاراش ۋە ئىنتىلىش ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ئامىلى ۋە قوزغاتقۇچىسى بولۇپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى چوڭ بىلىدىغان پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز جەمىيئەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىق قوزغاتقۇچلۇق رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؟! «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس» دەپ تونۇلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز مىللەتنىڭ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا، بىلىم ئىگىلىكىنى بەلگە قىلغان جەمىيئەتتە تىگىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى تېپىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ؟ ياۋۋېي خانىم كىتابىدا 467نەپەر ئويغۇرنى ئوبىكت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئۆز مىللىتىنى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ تونۇيدىغانلقى» نى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ قاتلىمى كادىر، ئوقۇتقۇچى، دېھقان، ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان: باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.

تەكشۈرۈلگۈچىلەردىن تۈۋەندىكى 14 تۈر بويىچە ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بىقىش تەلەپ قىلىنغان.

1.دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ:
2. ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر؛
3. يۇمۇرلۇق؛
4.ئۈمىدۋار؛
5.بىكىنمە؛
6. ئوچۇق-يورۇق؛
7. ئۈمىدسىز؛
8.ئەقىللىق؛
9.ئەستايىدىل؛ .
10.ئىچ-مىجەز؛
11.ئىشچان؛
12.تۈزكۆڭۈل؛
13.باتۇر،؛
14. مەرد.

تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 467 نەپەر كىشىنىڭ 369 نەپىرى « ئويغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر » دەپ كۆرسىتىپ ، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.تارىختا ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كىتىۋىتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك دۇنياۋىي غالىب ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ«ئوقياچى مىللەت » دەپ ئاتالغان خەلقىمىز؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە تۈرلۈك ساھە بويىچە يىتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن «مەرىپەتچى مىللەت » دەپ ئاتالغان خەلقىمىز قانداقلارچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دىگەن تاجنى كىيىپ قالدى؟! شۇ تاپتا ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلايدىغان ، باشقا مىللەتلەرمۇ بىزنى شۇ شۈپەت بىلەن تەرىپلەيدىغان بولدى؟ ئەلۋەتتە، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. مىللىتىمىزنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا باغلاپ ئۇلۇغلىشىمىز، باشقىلارنىڭمۇ بىزنى مۇشۇ جەھەتتە تەرىپلىشىنىڭ تۈلۈك كونكىرىت ھەم مۇرەككەپ سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا رادىۇ-تېلېۋىزۇر ،ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇ، ۋچد ئاپپاراتلىرىنىڭ كەم كۆلەمدە ئومۇملىششى بىر سەۋەب. رادىۇ ئىستانسىلىرى بىلەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويىۋىلىشى، ئەتىگەندىن كەچكىچە دۇنيادا نەغمە- ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلدىن بۆلەك ئىشلار يۇقتەك شۇنىلا ئاڭلىتىش، شۇنىلا كۆرسىتىشكە كۈچىشى يەنە بىر سەۋەب. بازار ئىگىلكىنىڭ ناخشا -ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا سەنئىتىگە كەڭ كۆلەملىك بازارلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشى يەنە بىر سەۋەب. روشەنكى بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تاشقى سەۋەب. ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنى ئىچكى سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇش» تەك ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەن «نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش» تەك پىسخىكىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپتور.

مۇشۇ كۈنلەردە نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانىلەرچە ئىنتىلىش خەلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ تۈپ، ئەڭ يىتەكچى خومار-ھېسسىياتىغا ئايلىنىپ بولدى، دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتە ئەتىراپىدىكى مىللەتلەرگە نىسبتەن ئەزەلدىن ئۈستۈن ھالەتتە بوپكەلگەن. ئەمما ھەربىي ئىشلاردىكى جەڭگىۋارلىقنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا ھامىي قىلغان. سودا تىجارەتنى مۇھىم، ئىلىم مەرىپەتنى چوڭ بىلىشنى، ھۈنەر ئەمگەكنى قولدىن بەرمەسلىكنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىش ھېسابلىغان. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلگەن. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلمەي ۋە ئېرىشمەي تۇرۇپ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا دۈم چۈشۈشىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، نورمالسىزلىق، ئويۇنقېپىلىق دەپ ھېسابلىغان. ئەمەليەتتە بىر مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ھاياتىدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغىمە- ناۋانىڭ زىيادە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ يامراپ كىتىشى جەمىيئەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر خىل مىللىي چۈشكۈنلۈك ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت «سەنئەتخۇمار مىللەت » دىگەنگە ئوخشاش ھەر قانداق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ماسلاشمايدىكەن، ئۇ كۈلكىلىك ئىش بوپ قالىدۇ.

بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتەكلىرىدە زور ھەربىي كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ، قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان، مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ، ساياھەتچى سەيياھلارنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھېسابلانغان. ئەمما، بۇنىڭدىن 100 يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۈۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالغان. مىسالەن:1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (ماننەر ھەىم) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە :«ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن-كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دىمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى قوغۇن تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويىۋىلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ»، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ئەھۋالىغا، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە گاھىدا يارىشىدۇ، گاھىدا ياراشمايدۇ.

بۈگۈنكى شاراىتىمىزدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش بىزگە يارىشامدۇ-ياراشمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ، چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئىجتىماىي تەرەققىياتى نىسبەتەن قالاق، پەن-تېخنىكىسى راۋاجلانمىغان، ماارىپ سۈپىتى تۈۋەن ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن- تاماشا ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا خۇددىنى يۇقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى، شەك-شۆھبىسىزكى چۈشكۈنلۈك، تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيىتقاندا، دەۋىر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق.

بىز كۆزىمىزنى يۇغانراق ئېچىپ بۈگۈنكى دەۋىرگە قاراپ باقايلى! دەۋىر بىزنى نىمىگە چاقىرىدۇ، بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ماھىيىتى نىمە ؟ خەلىق نىمە ئويدا، بىز نىمە كويدا؟! بۈگۈنكى دەۋىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋىرى، رىقابەت دەۋىرى! دەۋىرنىڭ تەلىپىگە بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە- ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز ؟! كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان، ئونۋېرسال ساپاسى ھازىرلانغان مىللەتلەرلا بۇ خىل تەلەپكە يېقىنلىشالايدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ. بىزگە ئوخشاش روھىيىتىدە «سەنئەتخۇمارلىق » تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە، تەبئىي ھالدا ئەقلىي تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچىرىتىدۇ. ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟! بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېسابتا رىقابەتتە غەلبە قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان «چاۋاكچى مىللەت » بوپقالمايمىزمۇ ؟

بەزىلەر«خەلىق نىمىنى ياخشى كۆرسە، شۇ نەرسە قەدىرلىق بولىدۇ، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ خەلقىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ياخشى كۆرىدۇ، بىز خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك » دەيدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددىي قاراش. خەلىقنىڭ تاللىشى، خەلىقنىڭ ياخشى كۆرىشى ھەممە ۋاقىتتا توغرا بولىۋەرمەيدۇ. خەلقىمىز ئېلى ھارىقىنىمۇ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئىستىمال قىلىدۇ. بۇمۇ خەلقىمىزنىڭ بىر خىل تاللىشى. ئۇنى ھېچكىم زورلىغان ئەمەس. خەلق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ. خەلىقنىڭ ئۇلۇغلۇق مەسلىسى مەڭگۈلۈك مەسىلە. ئەمما، خەلىقنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا-خاتا بولىشى باشقا مەسىلە. ئۇلۇغ ئالىم ئېيىنىشتىيىن «مېنىڭ قارىشىم» دىگەن ماقالىىسىدە :«ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ئومۇمەن قاشاڭ كېلىدۇ» دەپ ئېيىتقان. خەلقىمىز ئااق خوجىدەك لەنەتگەردىلەرنى 300 يىللاپ ئەۋلىيا بىلىپ مازىرىغا تاۋاپ قىلىپ كەلگەن. ھەقىقەتنى كۆپ ھاللاردا دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلارلا تونۇيالايدۇ ۋە ئاشكارلىيالايدۇ.خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ.ئەگەر ھەممە ئىشتا، ھەر ۋاقىت خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ئۆلچەم قىلىنسا، ئۇ ھالدا خەلىقنى يىتەكلەيدىغان، يىراقنى كۆرەر يىتەكچى-داھىيلارنىڭ، پايدا-زىيان ياخشى- ياماننى ئېنىق ئايرىش، ھەقىقەتنى پەرق ئېتىش قابىليىتىگە ئىگە دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ زۆرۈريىتى قالمايدۇ.

خەلىق ئۆزىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ياشاۋەرسە، نىمىنى ياخشى كۆرسە قەدىرلەۋەرسە، نىمىنى خالىمىسا چۆرۈپ تاشلاۋەرسە ئۆزىنىڭ تاللىشى. ئەمما، ئاخىرىدا ھالاك بولىدىغىنى خەلق! بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ يىتەكچى داھىيلار بىلەن دانىشمەن مۇتەپپەككۈرلارغا ئىزچىل مۇھتاج بوپكەلگەن. شۇڭا ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۆز داستانىنىڭ 265-بىيىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان:«قارا، ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بەگ، بىرى دانا، (ئۇلار) ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر». بۇ يەردىكى بەگ ئەل باشچىلىرىنى يەنى يىتەكچى داھىيلارنى، دانا دىگىنى دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب بىزگە ئۇلارنى ئىنسانىيەت جەمىيئىتىدىكى ئەڭ ئۇسسۇل كىشىلەر، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن.

بەزىلەر «بىزگە سەىدىيە خاندانلىقىدىن 12 مۇقام مىراس قالغان . بۈگۈنكى كۈندە بىزنى 12 مۇقام دۇنياغا تونۇتتى، بىز دۇنيادا «ناخشا -ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىندۇق. بىز يا ئىلىم-پەندە، يا تېخنىكىدا تونۇلمىدۇق، شۇڭا خەلىقىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتقان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۇنداق-مۇنداق دىيىش خاتا!» دەيدۇ. توغرا، بىز مىللتىمىزنى باشقىلارغا، دۇنياغا تونۇتىدىغان مىللىي بايلىقلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز، ھەم ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئەمما بىزنى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بىر مىللەت سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇتۇشتىنمۇ ئاۋال، بىز مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئۇزاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللىي بايلىقلارغا تېخىمۇ مۇھتاج. ئويغانغان مىللەتلەر ئونۋېرسال مىللىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتسا، بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتىدۇ،دەپلا قاناەت قىلساق بولمايدۇ، چۈنكى تونۇلۇشقا قارىغاندا مەۋجۈتلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇھىم! دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ يىللىرى تولا، بەزى ھاللاردا ئۇ بىر دەملىك ئىش. ئەمما مەۋجۈتلۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن تار ۋە مۈشكۈل. شۇڭا بىز ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىرلا ئىشقا بەنىت بوپ قالمايلى، نەغمە-ناۋادىن ئىبارەت بىرلا ئىشنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىۋالمايلى، ئونۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ھازىرلاشقا تىرىشايلى.نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز، ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس! ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز بىلەنلا قانااتلىنىپ، پەخىرلىنىپ،مىللىتىمىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىنى «سەنئەتخۇمار » دىگەن سۈپەتكە مىخلىۋىتىپ، نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسسۇلنى مىللىتىمىزنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتسەك ، ئۆمىرى كوتام بەختى قارا تەغدىرگە مۇپتىلا بولماي قالمايمىز.

مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش » ناملىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە، قاراخانلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئونۋېرسال ئەۋزەللىكىمىز، ئەقلىي تەپەككۈرگە ئەھمىيتە بىرىدىغان ، ئەمەليەتچىل، ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن مىللىي خاراكتىمىز ھەققىدە سۆيۈنۈش بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىپ، 1400 يىللاردىن كىيىنكى مىللىي ھاياتىمىز ھەققىدە ئۆكۈنۈش بىلەن مۇنداق قۇرلارنى يازغان:«ئۇلۇغبەگ پاجىەسىدىن كېيىن ئەدىب-شاىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىن-بىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتىگۇرىيىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قېلىۋەردۇق، بۇياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى ..... سەنئەتتە داڭق چىقارغان ، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كىزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا، چۈشكەنلا ماكانلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيۋىي تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدىرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى نىمىشقا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز؟!» (ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن : «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ».«شىنجاڭ مەدەنىيىتى »جورنىلى 1995-يىل5-6 (قوشما سان)؛ «يىپەك يولىدىكى 9 ھېكمەت» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىل نەشىرى )

ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ شاراىتتا، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ-كىچىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلىشى زۆرۈرلىكىنى كۈنسايىن چوڭقۇر تونۇپ يىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي خۇمارى ، ئەڭ ئالىي خوشاللىقى قىلىشىنىڭ كويىدا ئىزدەنمەيۋاتىدۇ. بەلكى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلەمچى ئامىللار بىلەن ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن پاراسەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممەت تەرتىپىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ مۇامىلە قىلىۋاتىدۇ.

قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ، قىرغىزىستانلاردا 20-ئەسىردە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرلار » دېگەن بىر قىممەتلىك كىتاب يېقىندا قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. شۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىساقلا، ئەسلى نىمىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش، قايسى خىلدىكى كىشىلەرنى كۆپ يىتىلدۈرۈشكە كۈچەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەركىلى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجە تەرتىپى مۇنداق :

1.ھاكىمىيەت .ئۈستىدە بولغانلار:
2. ئىقتىسادىي ساھەدە باش كۆتۈرگەنلەر؛
3. ئارمىيىدە داڭىق چىقارغانلار؛
4. تەشكىلاتچىلار؛
5. ئالىملار-ئاكادىمىكلار؛
6.دوختۇرلار؛
7.ماارىپچىلار؛
8.ئەدبىلەر؛
9.ئاخباراتچىلار؛
10 ئارخىكتورلار؛
11.رەسسام-ھەيكەلتاراشلار؛
12. تىياتىر، مۇزىكا، كىنۇ، ئۇسسۇل ساھەسىدىكىلەر؛
13. تەنھەركەتچىلەر.

ھازىر بىزدە بولسا ئەھۋال باشقىچە: ئىككى كۆزىمىز نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسسۇلچىلارغىلا تىكىكلىك؛ روھىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالارغىلا كۆڭۈل بۆلۈكلۈك . ئەڭ ئالىي ھەۋىسىمىز، ئەڭ يوقىرى ئىنتىلىشىمىز، ئەڭ ئومۇمىي خوشاللىقىمىز پەقەتلا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل! مىللىي ئىپتىخارىمىزمۇ شۇنىڭغا مەركەزلىشىكلىك . شۆھبىسىزكى، بۇ بىر غەلىتە قىسمەت


تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-17, 12:34
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-17 07:20 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
oguzogly
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29308
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 211
شۆھرەت: 211 نۇمۇر
پۇل: 782 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1651(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

سىگانلارنىڭ تارىخى ئاقۋىتىدىن قارغاندىمۇ ،ناخشا ئۇسۇلغا ئىنتىلىش ،ھىرسمەنلىكنىڭمۇ لايىقىدا بۇلغىنى ياخشى .......مۇشۇنداق كىتۋەرسە مىللتىمىز باشقا مىللەتلەر قارىشىدا مەزمىخانادا باشقىلارنىڭ كۇڭىلىنى ئاچىدىغان ناخشا ئۇسۇلچى مىللەت بۇلۇپ قىلشى مۇمكىن..........خۇددى ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئىچكىرى ئولكىلەردەك....
ھازىر ئارمىزدىمۇ مەھشۇر ئالىمىرىمىزغا قارغاندا ،ناخشا ئۇسۇل چولپانلىرىنى بەككەرەك تۇنۇيدىغان ،كۇڭۇل بۇلىدىغان ،ھىرسمەنلىك خائشى ئىنتايىن كۇچلۇك.......... ئوزلىكىمىز ،ئوز تىل 'مەدەنىيەت .....ۋاھاكازالار خىرزىسقا ئۇچۇراۋاتىقان مۇشۇنداق شارائىتتا بۇ خىل خائش بىزنىڭ كەلگۇسمىزگە نىسبتەن قىلچە پايدىلىق رول ئوينىيالمايدۇ......
ئاللا مىللتىمىزنى زەئىپ ،مانقۇرۇت مىللەت قاتارىدىن قىلشتىن ساقلىغايسە....!~
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 11:10 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
koqahaweri
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 32684
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 88
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
پۇل: 371 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

بۇمۇ بەزى نادانلارنىڭ تۇرتكىسىدە بىزگە تېڭىلغان ئاتتاق.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:18 AM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
ressam613
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 33727
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 193 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 227(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

<<جاللات بالا>> نىڭ يازغان يازمىلىرى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. تەپەككۇرىڭىز ۋە قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:50 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
orhun36
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 30152
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 183
شۆھرەت: 193 نۇمۇر
پۇل: 705 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

يالقۇن روزىنىڭ قولىغا دەرىت كەلمىسۇن ، ئۇ ئىسمى -جىسمىغا لايىق <<يالقۇن>> مىللەتنىڭ ئۈمۈدى.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:50 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﻮﺑﺰﻭﺭ - ﺗﻪﻧﻘﯩﺖ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.071476(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-19 18:16
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号