چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 184 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئاتا-ئانامغا يازغان تۇنجى خەت < ئاشكار > پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

axkar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29393
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 480
شۆھرەت: 596 نۇمۇر
پۇل: 70 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 77 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 ئاتا-ئانامغا يازغان تۇنجى خەت < ئاشكار >

1
    تىلفۇن ئالاقىسى بىلەن سالام-سائەت يوللۇشۇپ تۇرىدىغان مۇشۇ كۈنلەردە بۇ بالا نىمە ئۈچۇن خەت يازغاندۇ دەپ قالماڭ .  بەزى گەپلەرنى تىل ئارقىلىق دىيىش بەزىدە بىز پەرزەنتلەرگە تولىمۇ تەس تۇيۇلدىكەن ، ئەلۋەتتە بۇ ساختا خىجىل بولوش شۇنداقتىمۇ  يەنىلا خەت ئارقىلىق ئاتا-ئانامغا  يۇرەك سۆزلىرىمنى ئىيىتقۇم كەلدى.

         دادا ، ئاپا قانداق ئەھۋالىڭلار؟ بۇنداق سورىسام بالامغا نىمە بولغاندۇ دەپ قالماڭلار ، كۈندە بىر ئۆيدە ياشاپ بىرگە تاماق يەپ تۇرۇپ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەمدىكىن دەپ ئەجەبلەنمەڭلار . ئاۋال تىنىڭلارنىڭ سالامەت . كۈنلىرىڭلارنىڭ بەختلىك ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن .  مانا مەنمۇ ئەر بولوپ قالدىم ، جاھاننىڭ ئىسسىق-سوغىقىنى ئاز بولسىمۇ تىتىدىم ، بەزىدە ئاچچىق سوغۇقلاردا موزلىغان بولسام بەزىدە قوياشنىڭ ھارارىتىدىن ھوزورلاندىم. يەنە بەزىدە ئوغۇل بالا بولساممۇ قىزلارچە ياش تۆكتۈم . مانا مۇشۇ  پۇرسەتتە سىلەرگە يۇرەك سۆزلىرىمنى قىلىۋالاي.
   ئاپا، يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى پات-پات چىرايىڭغا قاراپ قالىمەن .  ھىلىقى گۈزەل چىرايلار يوق . ھىلىقى چەبدەسلىكلىرىڭ يۇق. كۆز ئەتراپىڭدا قات-قات قۇرۇقلار پەيدا بولوپتۇ ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشمۇ ساڭا تەسكە توختاپتۇ، بۇرۇن بىردەمدىلا پىشىدىغان تاماقلار ھازىر سىنى خىلىلا ئاۋارە قىلىدىكەن. ھىلىمۇ ئىسىمدە 5-6ياش ۋاقىتلىرىمدا ئانچە-مۇنچە گىرىم قىلاتتىڭ . ئەمما ھازىر سىنى ئەينەك ئالدىدا كۆرگىلى بولمايدۇ . ھىلىقى قاشلىرىڭ ھىلىقى كىرپىكلىرىڭ قالماپتۇ . مۇنداقچە ئىيتقاندا تاشقى گۈزەللىك سەندىن يۈز ئۆرۈپتۇ ئەمما بىز بالىلارغا بولغان كۆيۈمچانلىقىڭ ، ئاقكۆڭۈللىكىڭ تىخىمۇ ئولغايدى . نامازلىرىڭدا تىلەيدىغىنىڭ يەنىلا بىزنىڭ بەختىمىز ئىكەن .  ئىھ! ئانا  ئوغلوڭدىن ساڭا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت .  بىلسەم مەن كۈلسەم سەن كۈلىسەنكەن . مەن يىغلىسام سەنمۇ يىغلايسەنكەن.
  ئاپا  مەنمۇ چوڭ بولدۇم ، ئانچە مۇنچە بولسىمۇ ئۆي ئىشلىرىنى بىزگە تاپشۇر  مەن با  سىڭلىم با .  ئاپا ئۆينىڭ ئىشى مەڭگۈ تۇگىمەيدىكەن .  بىرەر رەت بولسىمۇ ئۆينى ئاز تازلا . باشقىلار كىرىپ ئۆيۇڭلار پاسكىنا بولوپ كىتىپتۇ دىسە مەيلى ، بىرەر كۈن بولسىمۇ تاماق ئەتمەي دەم ئىلىۋال بىز بىرەر ۋاق چاي ئىچسەك مەيلى .  سىڭلىممۇ چۇڭ بولوپ قالدى . ئۆينىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغىمۇ ئايرىپ بەر .   كىر -قاتلار يىغىلىپ قالسا مەيلى ناھايتى كەلسە بىرەر كۈن پاسكىنا كىيملەر بىلەن يۇرەرمىز ،  بۇرۇن ماڭا  ھىلىمۇ كىچە بولوپ قاپتىكەن دىسەڭ مەن بىلمەپتىكەنمەن .   ئاپا   مانا بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شۇ سۆزلىرىڭنىڭ تىگىگە يىتىۋاتىمەن . چۇنكى  سەن پەقەت كىچىدىلا ئارام ئالالايسەنكەن .  شۇ كىچىدىلا جىمجىت يىتىپ بىردەملىككە چۇش كۆرۇۋالىدىكەنسەن.  ئاپا، ئەمدى ئارام ئالىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى .  مىنى كىچە-كىچلەپ تەۋىتىپ چىققان بولساڭ . ئەمدى مەن سىنى شۇ بۆشۈكلەرگە سىلىپ تەۋىتەي . سەن نامازلىرىڭدا مىنىڭ بەختىمنى تىلىگەن بولساڭ  مانا مەنمۇ ھەر نامازلىرىمدا سىنىڭ بەختىڭنى تىلەۋاتىمەن . ئاپا ،  سىنىڭ كۈلكەڭ مىنىڭ كۈلكەم  سىنىڭ يىغاڭ مىنىڭ يىغام.  
   ئىھ! جاپاكەش ئانام ئىھ! كۈيۇمچان ئانام.

    دادا، ماڭا قارىغىنە  مەن ئەر بولوپتىمەنمۇ؟ ساڭا ئوخشاش كۆپنى بىلمىسەممۇ ساڭا ئوخشاش ھەر قانداق ئىش قۇلۇمدىن كەلمىسىمۇ لىكىن ساڭا ھەمدەم بولغىدەك بولوپتىمەنمۇ؟  دادا، مىنىڭ ئەڭ قايىل بولىدىغان ئادىمىم سەن . قولۇڭدىن كەلمەيدىغان ئىش يۇق   كىچىك چىغىمدا چىچىمنى سەن ياساپ قۇياتتىڭ دىمەك سەن (ساتىراچ) ئۆيدە ئاپامغا ياردەملىشىپ تاماق ئىتىسەن دىمەك سەن (ئاشپەز) ئۆيىمىزنىڭ تاملىرىنى ئۆزۇڭ بىر قۇللۇق ياسىدىڭ دىمەك سەن ( تامچى) تىخى موزىكا چالىسەن  دىمەك سەن( موزىكانت) ئىدارىدە 30يىل ماشنا ھايدىدىڭ دىمەك سەن (شوپۇر)
ئەسلىسەم قولۇڭدىن كەلمەيدىغان ئىش يۇقتەكلا. يەنە  ئاشۇ بىر كىشلىك مائاشىڭ بىلەن بىزنى قوش مائاش ئالىدىغان ئائىلىنىڭ بالىلىردىن بەكەرەك ياخشى باقتىڭ  ،  يەنە سىنىڭ بالىجانلىقىڭ . كۆيۈمچانلىقىڭ ،   مانا سىنىڭدەك ئادەم بولىمەن دەپ ياشاۋاتىمەن . سىنىڭ بىر يىرىڭنى دورىيالىساممۇ مەيلىتى.
   دادا ،  سەندىمۇ ھىلىقى ماغدۇرلار قالماپتۇ . ھىلىقى نەچچە سائەتلەپ بىرەر ئىش بىلەن ھەپىلىشىدىغان سەۋىرچانلىقلىرىڭ قالماپتۇ .  بۇرۇن مىنى ۋەلىسپىت كەينىگە چىقرىپ شۇنچە ئۇزۇن يۇللارغىچە سۆرەتتىڭ ئەمدى ھاسىرايدىغان بولوپ قاپسەن .  جىنىم دادا  مانا  تۇگۈمەس ئائىلە ئىشلىرى سىنىمۇ چارچىتىپ قۇيۇپتۇ . چىكىلىرىڭگە قارىسام ئاق سانجىپ قاپتۇ .    دادا، مانا مەن بار قولوڭغا قول پۇتۇڭغا پۇت بولغىدەك ئوغلۇڭ با. ئىچىڭ پۇشۇپ قالسا مەھەلىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاش ياكى بىز بىلەن پاراڭلاش .  يەنە شۇ گەپ  ئۆينىڭ ئىشى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ . بىر ئۆمۆر ئىشلىسەڭمۇ كىچە-كۈندۇز ئىشلىسەڭمۇ تۈگىمەيدۇ . ئەمدى بۇ ئىشلارنى سەن يىگىرمە نەچچە يىل باققان ئوغلۇڭ قىلسۇن .  ئۆزۇڭ ياقتۇردىغان ئىلى خەلىق ناخشىلىرىنى ئاڭلا ، كۆڭلۈڭ تارتقان ئىشنى قىل . ئۆتكەندە < ئانىنىڭ 8 يالغان سۆزى > دىگەن بىر ئەسەرنى ئوقۇپ قالدىم .  مانا مۇشۇ <يالغان> سۆزنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئاپام ئىككىڭلار ماڭا دەپ بولوپسىلەر ئەمدى قالغانلىرىنى دىمەڭلا .  مەن سىلەرنى دىگۈزمەيمەن .  نىممەتلەرنى بىزگە بەرمە  بىز تىخى ياش سەندەك بولغىچە يەۋالىمىز .  يىڭى كىيملەرنى بىزگە ئىلىپ بەرمە  بىز سەندەك بولغىچە كىيىۋالىمىز .  دادا ، كۈلىۋال ، ئەمدى بولسىمۇ ياشىۋال .
  ئىھ!جاپاكەش دادا  ئىھ! كۆيۈمچان دادا.
                    

                                                              -ئاشكار
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-17, 12:28
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئۆزىگە خاس م ..
  • شۆھرەت:+20(yarken) ياخشى ماقالە
  • «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-17 07:20 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    yarken
    دىيارىم مەشقاۋۇ ..
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى دىيارىم تۆھپىكارى
    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 190
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 272
    شۆھرەت: 787 نۇمۇر
    پۇل: 9102 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 962 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 722(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    ھەممە بالىلار ئەقلىنى مۇشۇنداق بالدۇرراق تاپسا نىمىدىگەن ياخشى ھە    
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 08:31 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    kunkiz
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6140
    شۆھرەت: 3148 نۇمۇر
    پۇل: 96716 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 396(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا ، بالا بولماق ئاسان لىكىن ۋاپادار  ، كۆيۈمچان بالا بولماق  ئاسان ئەمەس كۆڭلىڭىزدىكى بۇ سۆزلىرىڭىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم  ئاتا -ئانلارنى ھۆرمەتلەيلى ئۇلارغا كۆينەيلى مېنىڭغۇ ئاپام يوق لىكىن  كېچىگىمدىن باشلاپلا ئاتا -ئانامنى  بەكمۇ ھۆرمەتلەپ چوڭ بولدۇم ، تىمىڭىزغا تەشەككۈر .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 09:45 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    najiye222
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31031
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 10 نۇمۇر
    پۇل: 130 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

      يارايسىز~~~ئەمسە يازغانلىرىڭىزغا چوقۇم ئەمەل قىلىڭ،سىزلا ئەمەس بارلىق پەرزەنت بولغۇچىلار ئەمەل قىلايلى.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 10:54 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    muallp
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19682
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 291
    شۆھرەت: 294 نۇمۇر
    پۇل: 890 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 425(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    يارايسىز! مۇشۇنچىلىك ئويلاشنىڭ ئۆزىلا ياخشى باشلىنىش ،مەن سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزنى قىلالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن!     
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:36 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    ئۇيۇر
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31021
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 98 نۇمۇر
    پۇل: 318 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    رەھمەت،بالىلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك بولسا-ھە!      
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 01:40 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    hebibulla
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30993
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 133
    شۆھرەت: 133 نۇمۇر
    پۇل: 499 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    بەك ياخشى  يېزىپسىز  
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 02:34 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    axkar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29393
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 480
    شۆھرەت: 596 نۇمۇر
    پۇل: 70 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 77 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    Quote:
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىnajiye222نىڭ2008-12-17 10:54 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
      يارايسىز~~~ئەمسە يازغانلىرىڭىزغا چوقۇم ئەمەل قىلىڭ،سىزلا ئەمەس بارلىق پەرزەنت بولغۇچىلار ئەمەل قىلايلى.

    خۇدايىم بۇيرىسا جىنىم تىنىمدىلا بولسا ئاشۇ مىھرىبان ئاپامنى جاپاكەش دادامنى بىشىمدا كۆتۈرىمەن .
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئوغۇل بالا ...
  • ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 12:51 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    ayjahan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 541
    شۆھرەت: 712 نۇمۇر
    پۇل: 1122 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 298(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    بىز ئاتا-ئانىللىرىمىزغا قانچە ۋاپادار ،مېھرىبان بولساق،بىزمۇ ياشانغاندا پەرزەنتلىرىمىزدىن،نەۋرىللىرىمىزدىن شۇنچىلىك ۋاپادارلىققا ئېرىشەلەيمىز.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 04:17 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    yuluqi111
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35172
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    ئوقۇۋىتىپ ئىنكاس يازغىم كىلىپ تىزىملاتتىم .
    ئاۋال ئاشكارغا رەھمەت . ھەربىر بالا بولغۇچە مانا مۇشۇ ئىشلارنى تونۇپ يەتكەندىلا ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىگە يىتىدۇ .  قولىڭىزغا دەت كەمىسۇن .  مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلارغا بىغىشلانغان نادىر تىمىلارنى يۇللاپ تۇرغايسىز .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 06:03 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.048144(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-19 10:40
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号