چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 212 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى توغرىلىق قىززىق پاراڭلار پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

kara.uzum
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29991
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
پۇل: 627 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 139(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى توغرىلىق قىززىق پاراڭلار

1
ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ، ﻏﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ:

1. ﺋﯩﺴﻼﻣﺠﺎﻥ ﺷﯩﺮﯨﭗ
2. ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎﻥ ﺳﺎﯞﯗﺕ
3. ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻏﯧﻨﻰ
4. ﻏﯧﻨﻰ ﺳﻪﻣﻪﺕ
5. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﻪﻳﻴﯘﻡ ﺋﯧﻤﯩﻦ
6.ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ
7. ﺗﺎﮬﯩﺮ ﮬﺎﻣﯘﺕ
8. ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ
9. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﮬﻪﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺖ ﺑﻪﺭﻗﻰ
10. ﻳﺎﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺗﺎﮬﯩﺮ
11.ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯﺑﺎﺵ
12.ﺑﯘﻏﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ
13.ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻣﺎﻣﯘﺕ
14.ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺕ
15. ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺋﻮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ
16. ﭘﺎﺗﯩﮕﯘﻝ ﺗﯚﺭﯨﺒﻪﮒ

```````````````````````````````````````
```````````````````````````````````````
ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻣﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﻡ، ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.

ﺋﯩﺴﻼﻣﺠﺎﻥ ﺷﯩﺮﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ، ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺗﯩﻘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯘ ﻛﯧﺸﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﻤﺎ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ : -ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﯧﺰﯨﻤﭽﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ. ﻗﺎﻳﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ. ﺋﯚﺯ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﺑﺰﻩﻟﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎﻥ ﺳﺎﯞﯗﺕ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺖ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﭼﻜﻪ ﮔﻪﭖ -ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﺯﺍ ﻗﻮﻻﺷﻤﯩﺪﻯ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﻭﺱ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﻮﻟﻮﺧﯘﻑ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻧﯘﺗﯘﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ. ﺷﻪﺧﯩﺴﻜﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﺘﻰ.

ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻏﯧﻨﻰ :
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﻰ، ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ.
ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﺭﻩﯓ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯜﭘﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺗﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ-ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻛﻪﺳﯩﭙﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﯞﻩ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻜﻪﻥ(ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺟﯘﻣﺎ ﻳﺎﻧﺎ، ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻼ).
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ:- ﺳﯩﺰ ﺩﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟
ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻏﯧﻨﻰ:-ﮬﻪ، ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ. (ﻛﯜﻟﻜﻪ)

ﻏﯧﻨﻰ ﺳﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻧﯘﺗﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﯩﻞ. ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺵ ﻗﯩﺮﺍﺋﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻣﺎﻟﺒﺎﻍ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻕ ﻏﯧﻨﻰ ﺳﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﻝ ﺗﻪﯕﻠﺪﻯ( ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﻰ ﺗﻮﻧﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯩﻐﺎﭺ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ) . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻛﺎﻡ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﻤﺎﻳﻼ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻏﯧﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ << ﺋﺎﻧﺎﯓ>> ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ، ﺑﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻏﯩﻠﺠﯩﯖﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﻏﻪﺯﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﯧﺘﺮﻩﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭘﻼ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ. ﯞﻩ ﻏﯧﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﯖﻐﯘ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﻠﯩﯔ ﮬﻪﺟﻪﭖ ﭼﻪﺑﺪﻩﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﮬﻪ، ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﯩﭽﻪ ﻳﯘﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩﯨﯖﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﺘﯩﯔ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﯩﺴﺎﺑﻨﻰ ﺋﻪﺗﻪ ﺳﻪﻥ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻻﻳﻠﻰ...ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺟﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻏﯧﻨﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ﮔﯚﺷﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻏﯩﻴﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ <<ﮬﯧﺴﺎﺏ>> ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﻪﻳﻴﯘﻡ ﺋﯩﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ << ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﻻﻡ>> ، ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ << ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ>>، << ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺋﯩﺶ>> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺷﯩﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺷﯩﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ << ﻗﺎﺭﺍ ﮬﯧﺠﺮﺍﻥ >> ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﯦﻜﻠﯩﻤﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻧﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﻏﯧﻨﻰ ﺳﻪﻣﻪﺕ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺩﻩﺭﺳﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻛﯧﺸﯩﻨﯩﯔ 4 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﻩﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ. ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﻣﺎﻱ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﻧﯘﺗﯘﻗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﺘﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﯩﺰﺍ - ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻩﺭﯨﺴﻨﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺩﻭﺭﯨﯟﯦﺪﻯ، ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﭽﻰ ﻧﯘﺗﯘﻗﻨﯩﯔ ﺳﯩﮭﺮﻯ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻤﺘﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ << ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ>> ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯩﺸﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻪﺷﻜﯩﺮﻩﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﭘﺎﺭﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ، ﺗﯧﻞ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﮬﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ. ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ، ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ:- ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯩﺶ. ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ << ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭ>> ﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻏﻪﺭﻩﺯﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﻛﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ << ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭ>> ﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻟﻠﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﺩﻩﯕﺴﻪﭖ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﯔ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﯩﻤﯩﻼ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻠﻰ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺵ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﯘﻛﺎﻡ. ﺑﯘﻧﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ.
ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻗﻼ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺷﺘﯘﻕ، ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﭼﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻥ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﻤﻪﻥ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﭙﺴﯩﺰ ﺋﯘﻛﺎﻡ، ﺩﯦﺪﻯ . ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ.

ﺗﺎﮬﯩﺮ ﮬﺎﻣﯘﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯩﻠﯩﻘﻰ ﻏﯧﻨﻰ ﺳﻪﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ << ﻏﻪﺭﺏ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻛﯘﺭﺳﻰ>> ﺩﺍ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ << ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻮﺩﯨﺮﻧﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ>> (ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻗﻘﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯩﻐﺎﻥ.
ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺩﻩﺭﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯚﺷﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﺪﺍ ﺳﻮﻗﺮﺍﺕ، ﺋﺎﺭﺳﺘﻮﺗﯧﻠﻼﺭﺩﯨﻦ 300-400 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﺭﯗﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻝ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯘﺭﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ، ﻏﯧﻨﻰ ﺳﻪﻣﻪﺕ، ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 2-3 ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﻩﺭﯨﺴﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﻰ 9-10 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﯘ ﭼﻮﻛﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ.
ﺗﺎﮬﯩﺮ ﮬﺎﻣﯘﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ : ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻯ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﯘﺩﺍﻻﺭ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﺎﻥ ﺧﯘﺩﺍﺩﯨﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻪﻟﯩﺴﻪﯓ ﭼﻮﻗﯘﻧﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﺧﯘﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ. ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.
ﻛﯘﺭﯗﺳﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﺎﮬﯩﺮ ﮬﺎﻣﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ: ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﺎﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﯨﻦ، ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪ، ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ، ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺭﻭﮬﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ؟ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﻛﯜﭺ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ-ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺘﻰ؟
ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﻧﺪﻯ. ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ-ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺗﺎﮬﯩﺮ ﮬﺎﻣﯘﺗﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺑﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ، ﻣﻪﻟﯩﻢ ﺳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻼ، ﺳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺭﺍﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﻼﻻ ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺗﺎﮬﯩﺮ ﮬﺎﻣﯘﺕ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯜﯞﻟﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺩﻩﺭﯨﺴﻤﯘ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﺎﻟﯩﺪﻯ. ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻕ ﻣﻪﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺶ، ﺑﯘ ﺩﻩﺭﯨﺴﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ.  

ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
<< ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﺭﻥ ﻛﻮﻟﺪﯗﺭﻣﺎ>>، << ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯩﻐﯩﻠﯩﻤﯘ 7-8 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﯘﻣﺎﺭ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ. << ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﻏﯘﻥ ﺭﻭﮬ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﻪﺭﮬﺎﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﯔ << ﺋﯚﻟﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ>> ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ. ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺯﻣﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺳﻮﺯﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﯟﯦﺮﻟﻪﺭ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺗﯧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ-ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯘﻕ ، ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﮬﯧﻴﮕﺎﮬ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ << ﺑﯩﻠﻪﻳﭽﻰ ﺑﻮﯞﺍﻱ >> ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺷﺘﯘﻕ.
ﺑﯩﻠﻪﻳﭽﻰ 2 ﻛﻮﻱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻱ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭘﯘﻝ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ 5 ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﻳﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ....

ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﮬﻪﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺖ ﺑﻪﺭﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ << ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ>> ﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯩﻢ. ﻛﯩﻴﯩﻦ << ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ >> ﭼﯧﯟﯨﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻛﯘﺭﯗﺳﯩﺪﺍ ﺑﻪﺭﻗﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺑﺎﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯚﮔﯩﺸﯩﭙﻼ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯗﻕ. ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﺎﯓ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻞ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﺷﺎﺧﺘﯩﻦ -ﺷﺎﺧﻘﺎ ﺳﻪﻛﺮﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ.
ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﻓﻔﯩﺴﻮﺭﻯ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ، ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﻮﻏﺮﻯ -ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟
ﺑﻪﺭﻗﻰ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘ: ﻳﺎﻕ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻏﺮﻯ-ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ، ﺋﻪﺳﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﮔﻪ ﻗﻮﻏﻠﯩﯟﯦﺘﻜﻪﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﻮﻏﺮﻯ-ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ ﻳﻮﻕ، ﮬﯚﺩﺩﻩ ﻗﯩﻼﻱ، (ﻛﯜﻟﻜﻪ)
ﻧﯘﺗﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ، ﺳﯩﺰ ﺑﻪﺭﻗﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰ ؟،
ﻣﯧﯩﻨﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺭﮬﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺷﯩﺖ ﺷﯘﻣﯩﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﻗﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. (ﻛﯜﻟﻜﻪ)
ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﯩﻢ، ﭺ ﭺ ﻏﺎ ﻗﻮﺷﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺳﻮﻗﯘﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ.
ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﻪﺭﻗﻰ، ﻟﻪﺗﯩﻒ، ﺋﯚﺯﮬﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ، ﺋﺎﺑﻠﻪﺗﻜﺎﻣﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﯕﺨﯘﻣﺎﺭ -ﺧﯘﺷﭽﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ، ﮬﻪﺭ -ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﺪﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻟﻪﺗﯩﻒ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﻪﻡ ﺳﯚﺯ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭼﯜﭼﯜﺗﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﻕ.

ﻳﺎﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﺎﮬﯩﺮ ﺗﯘﻏﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻰ: ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﻣﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ، ﺋﯩﺰﻟﻪﻧﻤﻪ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﭘﯜﻛﺘﯜﻡ، ﺭﻭﮬﯩﻴﺘﻰ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻜﻪ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺭﻭﮬﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﺍﺷﻨﻰ ﻗﯘﺗﺎﺗﻐﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﻗﯧﻨﻰ ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﻗﯘﺗﺎﺗﻐﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻻﻕ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﭖ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ. ﻗﯘﺗﺎﺗﻐﯘﺑﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ.
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-17, 12:27
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ماقالە
  • «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-17 07:16 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    guldildar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26151
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 172 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    راستلا قىززىق پاراڭلاركەنغۇ بىر قېتىم ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك ...  
       رەخمەت جۇما !
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 08:44 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    TILISKOP
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2753
    شۆھرەت: 621 نۇمۇر
    پۇل: 711 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ياخشى گەپلەركەن، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاراكتىرىنىمۇ بىلگىلى بولىدىكەن.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 08:57 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    mug0903
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34901
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    پۇل: 198 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

    رەھمەت
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 10:47 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    hebibulla
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30993
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 133
    شۆھرەت: 133 نۇمۇر
    پۇل: 499 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    خېلى ياخشى  يېزىپسز  
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 02:23 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    fany
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34574
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 116 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    «داڭلىقلىرى»مىزدىن  داڭلىق كۇفرىلارمۇ  بارئىۆەن  ھە   .  مەن  بەرقىنىڭ  ھازىرقى  ئىجىتىمائى چۈشكۈنلۈككە بولغان  كۆزقاراشلىرىنى ،ئابدىقادىر  جالالىدىننىڭ  سالمىقى ئېغىر  كۆزقاراشلىرىنى.تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ ئىجتىمائى  ئەخلاق تېمسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى  ياقتۇرىمەن

         بۇلۇپمۇ تاھىر تۇغلۇقنەڭ ...
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 07:31 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1411
    شۆھرەت: 1875 نۇمۇر
    پۇل: 379 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1037(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

     

         بۇ قىززىق پاراڭلارنى ئوقۇپ،مەشھۇر كىشىلىرىمىزنى خېلى چۈشۈنۈپ قالدىم.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 10:20 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    uznar
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30406
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 132
    شۆھرەت: 132 نۇمۇر
    پۇل: 496 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 327(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    قىزىق پاراڭلىرىڭىزنى ساقلاۋالاي،راستلا قىزىقكەن.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 11:04 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    amrullajan
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 32802
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 نۇمۇر
    پۇل: 122 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

     

    مەشھۇرلىرىمىزنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 11:46 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.045403(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-19 10:48
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号