شېرىپىدىن ئۆمەر
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پىشقەدەم پىداگوك، تونۇلغان ئەدىپ،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى
مەرھۇم شېرىپىدىن ئومەر 1932–يىلى ئىلىدا تۇغۇلغان،1939–يىلىدىن 1944–يىلغىچە مۇڭغۇلكۇرەدە باشلانغۇچ مەكتەپتە،1946–يىلىدىن1951–يىلغىچە،ئىلى ئەخمەتچان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا،1951–يىلدىن1952–يىلغىچە سابىق شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقىغان.
1952–يىلىدىن 1956–يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتى تىل–ئەدەبىيات فاكولتېتىدائوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
1956–يىلدىن1958–يىلغىچە تاشكەنىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دولەتلىك ئۇنۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.
1959–يىلدىن 1962–يىلغىچە سابىق شىنجاڭ پىداگوكىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا،1962–يىلدىن1995–يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەم ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.
مۈتىۋەر ئۇستاز،ئالىم شېرىپىدىن ئومەر يېرىم ئەسىر جەريانىدا تولۇق كۇرس،مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپارانتلارغا ‹ماركس،ئېنگلىس،لېنىن،سىتالىنلارنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەتكە دائىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما لېكسىيىلەر›،‹پەلسەپە›،‹ئەدەبىيات نەزەريىسى›،‹ئېستېتىكا›،‹سوۋېت ئەدەبىياتى›،‹شەرىق ئويغىنىش دەۋرى ۋەشەرىق مۇتەپەككۇرلىرى›،‹يېزىقچىلىق›،‹ئوقۇتۇش مىتودىكىسى›،‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى›قاتارلىق دەرسلەرنى ئوتكەن.
ئۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ساھەسى بويىچە تۇنجى قېتىم ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولۇپ، بىر تۇركۇم ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلىگەن،يۇقۇرۇقى دەرسلەرنى ئوتۇش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى كەم بولۇش، ھەتتا بولماسلىقتەك قىيىنچىلىق شارائىتتا،نۇرغۇن دەرىسلىك ماتېرىياللېرىنى تەييارلاپ،دەرىسلىك قۇرۇلىشىغا زور تۈھپە قوشقان. مەرھۇمنىڭ ئلمىي تەتقىقات جەھەتتىكى نەتىجىسى ئالاھىدە كورىنەرلىك بولۇپ،80– يىللىرىدىن باشلاپ ‹ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئوچېرىكلار› (بىرتوم) ‹ئۇيغۇرلاردا كلاسسىك ئەدەبىيات›(بىرتوم)، ‹ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى› (ئككى توم) ‹19–ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى›(ئۇچ توم) بولۇپ ، جەمئىي 7توملۇق يىرىك ئەسەر ئېلان قىلغان. ‹ئۇيغۇرئەدەبىياتى تارىخى›(كوللېكتىپ تۇزگەن) ناملىق دەرىسلىكنىڭ ئۇيغۇرچە خەنزۇچەنۇسخىسىنى يېزىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ۋە قازاقىستاندىكى ئالىي ئوقۇتۇش يۇرۇتلىرى، ھەتتا ئامېرىكا نيۇ يورك ئۇنىۋېرسىتېتى ئېتنوگرافىيە فاكولتېتىدا دەرىسلىك قىلىپ ئىشلىتىلگەندىن سىرت ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقوغۇچىلار ھەتتا دولەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسى ياقلىغۇچىلارنىڭ بىرىنچى قول پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە ‹(قۇتادغۇبىلىك)نىڭ بەدىئي مېتودى توغرىسىدا› ‹شەرىق ئويغىنىش دەۋرىنىڭ سەركەردىسى–يۇسۇپ خاس ھاجىپ›،‹شەرىق خەلىقلىرىنىڭ ئوزئارا مەدەنىيەت تەسىرى›قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.ئۇنىڭ ‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار› ناملىق كىتابى 1995–يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئوتكۇزۇلگەن پەلسەپە ۋە ئىجتمائىي پەنلەر ساھەسى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
تونۇلغان ئەدىپ شېرىپىدىن ئومەر 1951–يىلى ‹ئالغا›گېزىتىدە بېسىلغان ‹سىڭلىمغا›ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكەقەدەم قويغاندىن ئېتىۋارەن ‹كاككوك يەنەسايرىدى› ‹ئىجاتكارلار› ‹ئالۋاستى› ‹بۇ نىمىنىڭ كولەڭگۇسى› ‹تومۇرئادەم› ‹مىنىڭ قەلبىمدىمۇ ھەيكەل بار› ‹ئاخىرەت›قاتارلىق 20 گە يېقىن پوۋىست،ھېكايە، فېليەتونلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. مەرھۇم شېرىپىدىن ئومەر ئوقۇتۇش،ئلمىي تەتقىقات ۋە دەرىسلىك قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن 1980–يىلى دوتسېنت 1986–يىلى فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە پرفېسسور ئۇنۋانىغا ېرىشكەن گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ‹مائارىپ ساھەسىدە ئالاھىدە خىزمەت كورسەتكەن مۇتەخەسسىس› بولۇپ باھالانغان.
ئامېرىكا خارۋارت ئۇنىۋېرسىتېتى تۇزگەن ‹ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى قامۇسى›داتونۇشتۇرۇلغان.
مەرھۇم شېرىپىدىن ئۆمەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇ ‹قۇتادغۇبىلىك›تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ئىلمىي ۋەزىپىلەرنى ئوتىگەن ئىدى.
مەرھۇم شېرىپىدىن ئۆمەر ئوقوغۇچى شاگىرىتلىرىغا ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتتا تەلەپچان ئۇستاز، تۇرمۇشتا مىھرىبان ئاتا،غەمگۇزار يېتەكچى بولۇپ، كەسىپداش خىزمەتداشلىرىنىڭ ۋە ئوقوغۇچىلىرىنىڭ خوشاللىقىنى ئوزىنىڭ خوشاللىقى دەپ بىلەتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىلگىركىدەك ھارماي– تالماي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، ئوزىنىڭ بارلىقىنى ئىلىم–پەنگە بېغىشلاش روھى شاگىرىتلىرىغا ۋە كەسىپداشلىرىغا ئاجايىپ يۇكسەك ئۇلگە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى ،كەمتەرلىكى سەمىمىيلىكى، كەڭ قورساقلىقى ئوچۇق كوڭۇللىكى،خۇش چاقچاقلىقى كىشلەرقەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى.
گەرچە رەھىمسىز ئەجەل بىزنى بىر موتىۋەرئۇستازدىن،كوپ ئەجىرلىك تۆھپىكار ئالىمدىن، پاك دىيانەتلىك ئۇلۇغ بىر ئىنساندىن ئايرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالىيجاناپ ئەخلاقىي– پەزىلىتى، پەن–تەتقىقات جەھەتتىكى ئىلمىي ئىزدىنىش روھى، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن يىرىك ئەسەرلەر، ئۇنىڭ ھەقىقىي پىداگوگلارغا
خەلقپەرۋەر ئەدىپلەرگە خاس نۇرانە سىماسى ھەممەيلەننى قايغۇنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
مەرھۇم قەلبىمىزدە مەڭگۇ ھايات.
(‹تارىم›ژورنىلى 2002–يىللىق 8–سان)