5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: كىرولېف تەنھەركەت مەيدانى
خەلىقئارا ئولىمپىك كومتىتى 1912–يىلىدىكى 5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى شىۋىتىسىيە پايتەختى ستوتھولىم دا ئۆتكۈزۇشنى قارار قىلدى. شىۋىتسىيە كىلېلىف مەيدانىنى يېڭى سالدى، بۇ مەيدان ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك تەنھەركەت مەيدانىدەك چوڭ بولمىسىمۇ، لىكىن ئەسلىھەلىرى تۇلۇق ئىلغار ئىدى. يۈگۈرۈش يولىنىڭ ئومومى ئۇزۇنلىغى 380.33 بۇلۇپ ھازىرقى ئۆلچەملىك يۈگۈرۈش مەيدانىغا يېقىنلىشاتتى، يەنە ئىلىكتۇرۇنلۇق ۋاقىت ھىساپلىغۇچ ئورنىتىلغان بۇلۇپ ئۇندىن بىر سىكونت ئېنىقلىققىچە ئىدى.
1912–يىلى 7–ئاينىڭ 6–كۈنى كىلېلىف تەنھەركەت مەيدانىدا بۇقېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شىۋىتسىيە پادىشاھى گوستاف ۋە ئولىمپك ھەيئەت ئەزالىرى قاتناشتى. بۇقېتىمقى تەنھەركەت يىغىنى ناھايىتى داغدۇغلۇق بۇلۇپ بۇ كىيىنكى قېتىملىق تەنھەركەت يىغىنلىرىغا ئەنئەنە بولدى، بۇقېتىم تەكلىپ بىلەن 28 دۆلەت 2547 تەنھەركەتچى قاتناشتى، بۇ تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئىچىدە 57 سى ئايال ئىدى. تۇنجى قېتىم قاتناشقان دۆلەتلەردىن مىسىر، ليۇكسۇمبورىگ، پورتىگالىيە، سۈرىيە ۋە ياپۇنىيە لەر بارئىدى.