چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 125 قېتىم كۆرۈلدى
jazira
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 9824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 615
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 860 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى ....  

0

پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى

ئىشىق دېڭىزى تېگىدىن
ئىزدەپ تاپقان گۆھىرىم ،
ئاللا - يەي ئاللا .
مۇھەببەت گۈلزارىدىن
سۆيۈپ تەرگەن گۈللىرىم ،
ئاللا - يەي ئاللا .







        ئانىلىق مۇبارەك بولسۇن ! ئۇلۇغلۇق مۇبارەك بولسۇن !
مانا ئادىتىمىزگە ئاساسەن ، يېڭى تۇغۇلغان بالىڭىز بىلەن ئاق پاياندازدىن قەدەممۇ - قەدەم كېلىۋاتىسىز ! بۇ پايانداز سىزگە بارلىق دۇنيا - سىز بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ئىلاھىي رىشتە بولۇپ تۇيۇلمايۋاتامدۇ ؟!
قەلبى ھەمىشە ئەزگۈلۈككە تولغان خەلقىمىزنىڭ قۇتلۇق دۇئاسى بىلەن بىرگە سىزگە ئايرىم گەپلارنى ئاسلىتىپ ئۆتمەكچىمىزكى ، ئۇلارنى ئەستە ساقلىسىڭىز ، مومىلىرىڭىزغا ئوخشاش سىزنىڭمۇ روھىڭىزغا قۇۋۋەت ، تۇمۇرلىرىڭىزغا ئوت بەرگۈسى :

       *  ھەر قېتىم بوۋاقنى قولىڭىزغا ئېلىپ ئېمىتىشكە باشلىغىنىڭىزدا ، شۇ سائادەتلىك چاغلارنى سىزگە ئىنئام قىلغان يېگانە ياراتقۇچىغا شۈكۈر قىلىپ ، قۇدرىتىگە ھەمدۇ سانالار ئېيتىڭ ، بالىڭىزنى << بىسمىللاھى رەھمانى رەھىم ! >> دەپ ئېمىتىڭ . پېشقەدەملىرىمىز << بىسمىللاھ ... >> بىلەن ئەمگەن بالىنىڭ يۈزى يورۇق ، قەلبى نۇرلۇق بولىدۇ ، دېيىشىدۇ .

      *  چىللە دەۋرىدە ئۆيدە خۇددى يېڭى كېلىن - كۈيەۋلىك دەۋرىڭىزدىكىدەك كېچىسى چىراغ يېنىپ تۇرسۇن .

      *  مومىلىرىمىز ئەزەل - ئەزەلدىن بالىنى ئاسرايدۇ دەپ بوۋاقنىڭ ياستۇقى ئاستىغا نان قۇيۇشنى ئادەت قىلىشقان . كېلىڭ ، ياخشى ئىمىرنى بىزمۇ كەم قىلمايلى .

      *  بوۋاقنىڭ تاڭلىيىنى كىم كۆتۈرىدۇ ، قۇلىقىغا كىم ئەزان ئېيتىدۇ ، دەپ سوراۋاتىسىز . ئەلۋەتتە ، يېقىملىق ، پاك نىيەتلىك قېرىنداشلار ياخشى دۇئالار بىلەن ئۇنىڭ تاڭلىيىنى كۆتۈرگىنى << ئاللاھۇ ئەكبەر ! >> دەپ ئەزان ئېيتقىنى ياخشى . بۇنىڭ خاسىيىتى چوڭ .

      *  بوۋاققا ئىسىم قويغاندىمۇ خاسىيەتلىك كۈنلەرنى تاللاش لازىم . ئەگەر ئۇرۇق - تۇققانلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنىڭ ئىسمىغا ھەۋەس قىلىپ ، شۇ ئىسىمنى قويماقچى بولسا ، چۇقۇم بېرىپ ئۇلاردىن رازىلىق سورھش كېرەك .

      *  ئاتا - ئانىلىرىمىز ياكى بىرەر تەۋەررۈك كىشىنىڭ ئىسمىنى بالىلىرىمىزغا قويغاندا ، ئۇلارنى سىزلەشكە ، ئۇنىڭ ئىززىتىنى جايىدا قىلىشقا ئادەتلىنىش كېرەك .

      *  بالىنى ئېمىتىشتىن ئىلگىرى پاكلىنىۋېلىش يادىڭىزدىن چىقمىسۇن . كىيىمىڭىزنى ۋە بەدىنىڭىزنى ھەمىشە پاكىز تۇتۇڭ .

      *  بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال ئالدىدا يۇقىرى ئاۋاز گەپ قىلىنسا بولمايدۇ ، بولمىسا ئايالنىڭ سۈتى قاچىدۇ ، دېيىشىدۇ .

      *  بالىنى ئېمىتىۋاتقان دەۋردە بوۋاقتىن ئاشقان سۈتنى سېغىۋېتىڭ . لىكىن بۇ سۈتنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۆكمەڭ ، ياخشىسى ، گۈلنىڭ تېگىگە قۇيۇلغىنى مۇۋاپىق .

      *  بالىنىڭ چېچى ، تىرنىقىنى ئالغاندا ئېھتىياتچان بۇلۇڭ ، پېشقەدەملەر بالىنى چېچىنى گۈلنىڭ تېگىگە ، ئېلىنغان تىرناقنى پاكىز جايغا كۆمۈش لازىم ، دەپ نەسىھەت قىلىدۇ .

      *  بوېاقنىڭ كىيىملىرى ئالاھىدە پوسوندا ، ئالاھىدە تەلەڭگىدە يۇيۇلىدۇ . ئۇنىڭ كىيىملىرى قاراڭغۇدا قالماسلىقى كېرەك . بولمىسا بالىنى قارا باسىدۇ ، دېيىشكەن مومىلىرىمىز . 

      *  بالىنىڭ چىنە - قاچىلىرىنىمۇ ئالاھىدە تۇتۇپ ، ھەمىشە پاكىز ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ . پىيالە ، قوشۇق ۋە بالىنىڭ باشقا بۇيۇملىرىنىڭ ئۈستىگە پاكىز يوپۇق يېپىپ قويۇڭ .

      *  پىچاق ، قايچا ، پالتىغا ئوخشاش تىغلىق جابدۇقلار كۆزدىن يىراق جايدا تۇرسۇن . 

      *   ئانىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن كۆيۈپ قالغان بالىدا ئانىنىڭ ھەققى قالمايدۇ ، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ مومىلىرىمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسسىق چاي ، چەينەك پىيالە ۋە تاماق سېلىنغان باشقا قاچىلارنى بالىدىن نېرى تۇتۇڭ .

      *   بالىنى ئېمىتىۋاتقاندا ، يۆگەكلەۋاتقاندا ، ئومۇمەن ئۇنىڭڭغا يېقىنلاشقاندا چاچلىرىڭىزنى تۈرۈپ ، رومال ئورىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ . << چاچ - پالاكەت! >> دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ ئۇزۇن تالاسى بالىنىڭ قولىغا ، بوينىغا ، پۇتلىرى ياكى باشقا نازۇك جايلىرىغا يۆگىلىپ قېلىپ ، ئازاپ بېرىشى ياكى بىرەر يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

      *  بارمىقىڭىزدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش ئۈزۈك بولسۇن ، كىرقات يۇغاندا پاك بولىدۇ .

      *  كېچىسى بالىنىڭ ئېمىشى ئانىغا راھەت بېغىشلاپ ، كۆزىگە ئۇيقا كەلتۈرىدۇ . غەبلەت بېسىپ ئۇخلاپ قېلىش پالاكەت ئىشىكىنى ئېچىش دېمەكتۇر . بۇنىڭڭغا يول قويماڭ .....

بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرزەنتىڭىزنىڭ ساغلام ، بىغۇبار چوڭ بولىشىغا ياردەم بېرىدۇ .


   

مەنبە : << ئاياللارنىڭ بەخت قۇياشى >> ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى .
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-15, 16:31
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526)      ..
  • «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-15 06:51 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    musaper
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 14023
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 40 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى ....

    salam ,nimdegan yahxi yasma  bu,hakitatan ber okuxliki ham biwalhuqeliki barkan.ajringzga kup rahmat.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 05:17 AM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    huma78
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29868
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 120
    شۆھرەت: 120 نۇمۇر
    پۇل: 460 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 361(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى ....

    رەھمەت، ئېھتىياجلىقلار ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىكەن. ئاتا بوۋىلار نەسىھىتىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇش تولىمۇ زۆرۈردۇر.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 10:09 AM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    沙漠花
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33478
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 150
    شۆھرەت: 150 نۇمۇر
    پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى ....

          
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 10:33 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    mehirgiya
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33689
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 38
    شۆھرەت: 63 نۇمۇر
    پۇل: 214 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى ....

    نىمە دىگەن يېقىملىق! ماڭا بۇ تېما بەك ياقتى، ھەبىر ئانا ۋە ئانا بولغۇچىلار ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر مەزمۇننى يوللاپسىز، بالا بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز، جان- جىگىرىمىز، بۇلارنىڭ ئەقىللىق ، ساغلام چوڭ بولۇشى ھەممىزنىڭ ئارزۇسى، يۇقارقىلار ئۇماق قوزىلىرىمىزنىڭ ساغلام چوڭ بولىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل دۇردانە ئىكەن، رەھمەت سىزگە!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 11:35 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1396
    شۆھرەت: 1860 نۇمۇر
    پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1013(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى ....  

    بۇ تېمىنى كۆرۈپ،مۇنۇ ناخشا ۋە رەسىملەرنى قوشقۇم كەپقالدى.



    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 12:03 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    janankiz813
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29020
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 513
    شۆھرەت: 513 نۇمۇر
    پۇل: 1677 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 472(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى ....

    نىمىدىگەن مۇڭلۇق مۇزىكا       
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 12:22 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.050215(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-16 17:59
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号