ئىنسانىيەتكەئىسلام كېرەك
بىراتىرانىل راسىل<<ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۈ كۈمرانلىق دەۋرى ئاخىرلاشتى>>دىگەن مەشھۇر سۆزنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ بۇ گەپنى شۇنداق ئالدىن ئېيتىپ قويغان بولماستىن بەلكى يەرشارىدىكى رىئال ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
گەرچە يەرشارى ئىنسانىيىتى ئىچىدىكى كەم ئەقىللەر،ئاتالمىش گالۋاڭ<<زىيالىلار>>بۇ ھەقىقەتنى كۈرۈپ يېتەلمىگەن بولىدۇ.بىراق، بۈگۈنكى زامان پەيلاسوپى بىراتىرانىل راسىل ئۆتكۈر زېھنى بىلەن بۇ ھەقىقەتنى <<كۆرۈپ>>يەتكەنىدى
بۇ پەيلاسوپ ھازىرقى زامان جاھىلىيەت تۈزۈمى ئاستىدا ياشاپ، ئۇنىڭ چۈشەنچە ۋە دولقۇنلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ قاراشلىرى بىر پۈتۈن مۇكەممەل بولۇپ كەتمىسىمۇ ، بىراق ئۇ كۆرۈپ يەتكەن ھەقىقەت پۈتكۈل جاھىلىيەتنىڭ يىمىرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
<<ئاق تەنلىكلەر >>مەدەنىيىتى چۈشكۈنلۈك ۋە ئېغىشكە قاراپ ماڭدى... شۇ سەۋەپتىن ئۇ جەزمەن يىمىرىلىدۇ....
لېكىن بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇنىڭ يىمىرىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلچەملىرىگە دەرھال ياخشىلىقنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىدىن ئىبارەت نەتىجىنى مەيدانغا كەلتۈرمەيدۇ.
ئېنىقكى ھەرقانداق جاھىلىيەتنىڭ يىمىرىلىشى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئاللانىڭ قانۇنىغا ئەگىشىپ،ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ۋە بىردىنبىر نىجاتلىق يولى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئۆز ھاياتىنى ياخشىلىق ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلارغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەگەر ئىنسانلار مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يەرشارىدىن ئاللانىڭ قانۇنىنى ھۈكۈمران قىلىش ئۈچۈن جىددى تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە ياخشىلىق ھەرگىز ئىنسانلار ھاياتىغا ھۈكۈمرانلىق قىلمايدۇ بەلكى ئىنسانلار جاھىلىيەتتىن يەنە بىر جاھىلىيەتكە كۈچۈپ بىر شەيتاندىن يەنە بىر شەيتاننىڭ كونتۇروللىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
* * *
لېكىن بىز بۈگۈن تاللاشقا ئۇرۇن يوقلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز.ئىنسانىيەت بۇ ھازىرقى زامان جاھىلىيىتىدە ئىنسان كۆڭلىگە كېچىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداق تۈزۈمنى شەخسىيەتچىلىك ۋە كوللېكتىۋىزىملىقىنى ... كاپىتالىزىم ۋە <....>.....خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىكنى تەجرىبە قىلىدۇ.
يېمەك-ئىچمەك،كېيىم-كېچەك، تۇرالغۇ ۋە جىنسىيەت....دىن باشقا مەخسىتى يوق چەكلىمىسىز ھۇزۇر-ھالاۋەتنى تەجرىبە قىلىدۇ.
ئىنسانى ئىقتىدار...ئىلاھلاشتۇرۇلغان ئىنسان <<ئاتېئىزىمچانلىق>>دىن ئىبارەت بارلىق <<ئىلاھ>>لارنى تەجرىبە قىلىدۇ.
ئاندىنچۇ؟....
ئۇلار ھەرتۈرلۈك تەجرىبىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ گاڭگىراشلىرى،بەخىتسىزلىكى، تەۋرىتىش ۋە داۋالغۇشلىرى شۇنچە زورايدى. نەتىجىدە ساراڭ بولدى ياكى ساراڭ بۇلۇشقا ئاز قالدى.شۇ سەۋەپتىن بۇ جايدا تاللاشقا ئۇرۇن قالمىدى!
* * *
بىز بۇ يەردە ئىنسانىيەتكە ئەتە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئالدىن خەۋەر قىلماقچى ئەمەسمىز.
<<ئېيتقىنكى ئاللادىن باشقا ئاسمان ۋە زېمىندىكىلەر غەيىپنى بىلمەيدۇ.>>(27سۈرە-65ئايەت)
<<ھىچبىر كىشى ئەتە نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.>>(31سۈرە-34ئايەت)
لېكىن بىز بۇ يەردە ئاللانىڭ مۇنداق قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:<<ئاللانىڭ مۇناپىقلارغا تۇتقان يولى ئاللانىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر.ئاللانىڭ تۇتقان يولىدىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.>>(62ئايەت-33سۈە)
ھازىرقى زامان جاھىلىيىتىدە ئىنسانلار باشتىن كەچۈرگەن مۇشۇ ئاچچىق تەجرىبىلەردىن كېيىن ئاللانىڭ قانۇنىيىتى،ھىدايەت يولىدا مېڭىش ياكى ھالاكەت بۇلۇش كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.
جاھىلىيەت ھەمىشە ئانچە-مۇنچە ياخشىلىقلارغا تايىنىپ ياشايدۇ، ھەمدە ئاشۇ ياخشىلىقلارنى ئەزگۈچى رەزىللىكلەر بىلەن بويسۇندۇرىدۇ. نەتىجىدە رەزىللىك ياخشىلىقنى بوغۇپ نەپەس ئالالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
ئىشلار مۇشۇنداق ناچار چەككە يەتكەن چاغدا ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ. لېكىن، ئۇ خىل ئۆزگىرىش ئىنسانىيەتنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھەركىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
<<ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللانىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە)ئاللا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.>> (يەنى ئاللا ئۇلارغا بەرگەن نىمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت، ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلايدۇ.)(11ئايەت-13سۈرە)
كەسكىن ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ.زوراۋانلىق سەۋەبىدىن زېمىن ئاھالىنى يەرگە يۇتقۇزىۋىتىدۇ.
ياكى .... كىشىلەرنى ئاللا تەرەپكە باشلايدۇ، كىشىلەر ئاللانىڭ دىنىغا توپ-توپ بۇلۇپ كىرىدۇ.
بىز كەسكىن ئىسلامىي ئىرادىنىڭ قولى بىلەن ئىچىلىۋاتقان دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.
چۈنكى، يەر شارىدىكى ھۆكۈمران شەيتانلار.................ھەقىقەت...............ئاجىز بىر نەرسىگە ئايلاندى.
ئىنسانلار مۇنداق ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ.
ئەگەر ئۇلار داۋاملىق ئاللانىڭ پىرىنسىپىنى رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولسا ، ئۇمۇميۈزلۈك ھالاكەتنى تاللايدۇ.
ئەگەر ئاللانىڭ دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشايدىكەن ئۇنداقتا مۇستەھكەملىك ، خاتىرجەملىك ۋە تىنىچلىقنى تاللايدۇ. بىر ئاللا ئىنسانىيەتكە ھالاكەتنى تەقدىر قىلىدۇ، دېگەندىن كۆرە، ئىنسانىيەت ۋە ئاللانىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن ياخشى ئوي-خىيالدا بۇلۇشنى ئالدىنقى ئورنىغا قويىمىز. ئۇنداقتا ئىنسانىيەتكە ئىسلام كېرەك!<<ھەقىقەت ئاللانىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنى>>(19ئايەت-3سۈرە)
ئىنسانىيەتنى جاھىلىيەت ۋە زالالەتتىن، بەخىتسىزلىك ۋە گاڭگىراشتىن؛ ئاخىرى بار