چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 117 قېتىم كۆرۈلدى
alimujan88
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23232
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 372
شۆھرەت: 405 نۇمۇر
پۇل: 2465 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 294(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئۈچ ھىكايە

0
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئۈچ ھىكايە

ئۈچ خىل جاۋاپ

چىركاۋنىڭ سىرتىدا ئۈچ ئىشچى قورشاۋ تام قوپۇرىۋاتاتتى ، چىركاۋدىن بىر پوپ چىقىپ بىر سۇئال قويۇپ ، ئۇلاردىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى :
-سەن ھازىر نىمە ئىش قىلۋاتىسەن ؟
   -مەن ھازىر تام سېلىۋاتىمەن ، دىدى 1 - ئىشچى
   - مەن ھازىر چىركاۋ سېلىۋاتىمەن ، دىدى 2 - ئىشچىمۇ دەرھال ، 3 - ئىشچى بولسا ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
   -مەن ھازىر كالفورنىيە شىتاتىدىكى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ چوڭ چىركاۋنى سېلىۋاتىمەن .



ئىككى ئاياغ ساتقۇچى

ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ئىككى مال ساتقۇچىسى ئافرىقىغا مال سېتىشقا بۇيرۇلۇپتۇ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئايرودرومغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن گەپ - سۆز قىلمايلا ئۆيگە قايتىپتۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ خىيالىغا ئافرىقىلىقلار ئاياغ كىيمىسە ، ئۇ يەردىن ئاياغقا بازار تاپقىلى بولاتتىمۇ ؟ دىگەن ئوي كەلگەنىكەن ؛ ئىككىنچىسى ئافرىقىغا بېرىپ مېھمانخانىغا چۈشكەندىن كىيىن شىركەتكە تېلفۇن قىلىپ مۇنداق دەپتۇ :
- ئافرىقىلىقلارئاياغ كىيمەيدىكەن ، ئەمما بۇ يەرنى چوڭ بازار دىگىلى بولىدۇ !
كانادادىكى « بىيدا » ئاياغچىلىق كارخانىسىنىڭ خوجايىنى بىيدا ئەپەندى ئاشۇ 2- مال ساتقۇچىنىڭ ئىدىيىسى بويىچە تىجارەت قىلغاچقا بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ شۆبە شىركىتى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى قاپلىدى ، ھەر يىللىق تىجارەت سوممىسى 450 مىليون ئامرىكا دوللىرىدىن كەم بولمايدۇ .


توڭلاتقۇ


ئالىياسكا يىل بويى قار مۇز قاپلىنىپ تۇرىدىغان جاي ، مۇشۇنداق جايدا توڭلاتقۇ سېتىۋالىدىغان ئادەم چىقامدۇ ؟ بىر مال ساتقۇچى بۇ يەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرنى دىرېكتورغا ئېيتىپ بەرگەندە ، دىرېكتور ئاغزىنى يوغان ئېچىپنىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى . ئۇ مال ساتقۇچى مۇنداق دىگەنىدى : ئىسكومۇسلار ئوۋلاپ كەلگەن يىمەكلىكلىرىنى مۇز ئاستىغا كۆمۈپ ساقلايدۇ ، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماق يىيىش ئۈچۈن ، ئۇنەرسىنى ئېرىتىشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ . ئەگەر ئىسكومۇسلار بىزنىڭ توڭلاتقۇلىرىمىزنى سېتىۋالسا ، بۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن خالىي بولمامدۇ ؟



بايان قىلىنغان بۇ ئۈچ ھىكايە سىزگە ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنىڭ ھەممىلا يەردە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، ئەمما كىشىلەر ئۇنى بايقىمىسا ، بايقىغان ھامان تۇتۇۋالمىسا  ، ئۇ دۇنيانىڭ پايانسىز قوينىدا غايىپ بولىدۇ ،  يېرىمىغىچە سۇ قويۇلغان بىر ئىستاكاننى « يېرىم ئىستاكان سۇ » دىسەكمۇ  ياكى « يېرىمى بوش ئىستاكان » دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ ، بۇ ماتىماتىكىدىكى سىغىم ئۇقۇمى بىلەن بىردەك  . ئەمما ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر چوقۇم «يېرىمى بوش ئىستاكان قارىشى » بويىچە ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك ، شۇنداق بولغاندىلا ئىستىمالچىلارنىڭ تېخى قاندۇرۇلمىغان ئىھتىياجىنى بايقىيالايدۇ  ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغانلارغا يول كۆرسىتىپ بېرەلىشىمۇ مۇمكىن .
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر چوقۇم نىشانغا ، ئىجادچانلىق ۋە كۈچلۈك ئىنتىلىش ۋە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇش روھىغا ، پۈتۈن ئېتىقادنى كەسىپكە مەركەزلەشتۈردىغان ئادەتكە ئىگە بولۇپ ئىشنى كىچىكىدىن باشلاپ قىلىپ ، چوڭىغا ئۇل سالسا ، ئاز - ئازدىن يىغىپ ئاساس تىكلىسە چوقۇم ئىشلىرىدا زور نەتىجىگە ئىگە بولىدۇ . شۇڭا ھەر قانداق غالىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچى « خيالپەرەس » دەپ ئاتىلىدۇ ، بىراق ئۇلار خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدەپلا يۈرۈيدۇ . « روھىي كەيپىياتى سالماق  »  «ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئەستايىدىل كۆزىتەلەيدىغان»  ، « ئىگىلىك تىكلەش تەسەۋۋۇرىغا باي » بولۇش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى .

رەھىمجان ھاكىم تەرجىمىسى
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى .
تېما تەستىقلىغۇچى : saba7911
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-15, 10:46
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-15 05:21 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
ihtisad.com
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34857
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 129 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىختىسادىغا كۆڭۈلۈق بۇلۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى

ھەمىمىز بىرلىشىپ ئۇيغۇر مىلىلىتىمىزنىڭ ئىقتىساددى كالىسىنى يانىمۇ ئاچايلى،ھەممە ئادەم پۇل تاپقاندىلا ئۆز ئورنىنى تىكلىيەلەيدۇ!!!

مۇنبىرىمىز 2008-يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن باشلاپ ئېچىۋېتىلدى .شۇڭلاشقا بەزىبر يىتەرسىزلىكلەرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ . بىز يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدۇق تەرەققىيات تېخى ئالدىمىزدە شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبىرىمىزگە باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلماقچىمىز . ئىقتىسادقا قىزىقىدىغان ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ،مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلايدىغان دوسلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!

باشقۇرۇغۇچىلىققا ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك :
1. ئىقتىساد مۇنبىرىنى تولۇق چۈشىنىشى ۋە ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ دائىملىق كۆرۈرمىنى بولۇشى ئىقتىسادقا كۆڭۈل بۆلۈشى ، قانۇن ئېڭى يۇقىرى ، كۆز - قارىشىنى دادىل ئوتتۇرغا قويالايدىغان بولۇشى كېرەك ؛
2. بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بۇلىشى ، كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتى 3 سائەتتىن يۇقۇرى بۇلىشى كىرەك ؛
3. يېڭى ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىقتىساد تېمىلارنى يوللىيالايدىغان بولۇشى ، ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولۇشى ، ئىملاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇشى كىرەك .
باشقا مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچى بولۇپ باققان ، قابىليىتى بار ئەزالار باشقۇرغۇچىلىققا ئىلتىماس سۇنسىمۇ بۇلىدۇ



كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ ئىشىمىزنى قوللاپ - قۇۋەتلىشىشنى ۋە قابىلىيتى بار ئىقتىسادقا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز !


ئادرىسىمىز : http://ihtisad.com/bbs

كامالى ئېھتىرام بىلەن : ئىقتىساد مۇنبىرى
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 07:32 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
qornak
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34167
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
پۇل: 175 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

بۇ ئۈچ ھېكايە كاللامنى خېلىلا سەگىتىپ قويدى بولۇپمۇ  بۈگۈنكى دەۋىردە ئېقتىساد بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ-ئەلۋەتتە。 يوللىغان تېمىڭىزغا رەخمەت。جاپا چېكىپسىز。
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 09:07 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
jakaqi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34647
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 118 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

شۇنداق  پۇرسەت  ھەممىلا  يەردە  بار  ، لىكىن  ئۇنى  بايقاش  تەس ، ئۇنى بىلىملىكلەرمۇ ، ئەمەلدارلارمۇ  بايقىيالمايدۇ .  پۇرسەت  ئۇلۇغ ئاللانىڭ  بەندىلىرىگە  بەرگەن  ئىنئامىدۇر.
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 09:40 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
oglan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 530
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 215 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

توردىكى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىز !
بۇنداق باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان ئىشنى قىلمايلى دوستلار !!
مەنبە : ئۇيغۇر ئىگىلىك مۇنبىرى !
http://igilik.com/bbs
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 10:00 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.057590(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 12:17
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号