گۈللەردىن سوراپ باقتىڭمۇ ؟
گۈللەرنىڭ كۈلۈمسىرىشى مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ خۇش ھىدنى چېچىشى ، يۇمران بەللىرىنى تولغاپ نازلىنىشى بۇلبۇلنى مەھلىيا ئەيلەپ يۈرەك باغرىنى پارە-پارە قىلىشى باشقىلارغا تولىمۇ سىرلىق ھەم سۆيۈملۈك تۇيۇلىدىكەن . سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈش ئۇ گۈللەرنىڭ چاڭلاشقىنىغا ئوخشاش ئۇ كىشىنى خىيال دېڭىزىغا غەرق قىلىپ غايىۋى ئالەمدە سەيلە قىلدۇرىدىكەن ، خىيال ئاسمىنىمدا نەچچە مىڭ قوللار سۆيگۈمنىڭ گېلىنى سىقىپ،بۇ تۇيغۇلارنى قۇسۇشقا مەجبۇرلاۋاتقاندەك بىر خىل كۆرۈنۇش ئەكس ئەتتى. مەن چۆچۈپ كەتتىم . سەن مېنى يېنىڭغا چاقىرغان چېغىڭدا ، يۈرۈگۈم خوشاللىقتىن يېرىلىپ كەتكىلى تاس -تاس قالدى ، گەرچە قېشىڭغا بارالمىساممۇ كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى .
ھاياتىمدىكى بارلىق مەڭگۈگە كەلمەس ئەسلىمىلەرمۇ بۈگۈن شۇنچە يېقىملىق بىلىندى ، ساڭا بولغان سۆيگۈ ، ھۆرمەتكە تولغان قەسرىم غەمسىز بىر قۇش كەبى قاناتلىرىنى كېرىپ ، پەرۋاز قىلدى-دە، ساڭا قاراپ بىپايان دېڭىزلار ئارا يۈرۈپ كەتتى .
بىلىمەن، سەن مېنى شۇ قەدەر سۆيىسەن، مېنى ياقتۇرىسەن. مېنى ياقتۇرغانلىغىڭ ئۈچۈنلا مەن ھەر كۈنى سېنىڭ ئاۋازىڭنى، ئەتراپىمدىن كېتەلمەي يۈرۈشلىرىڭنى كۆرۈپ تۇرىمەن .
مېنىڭ كىچىككىنە سۆيگۈم سېنىڭ دىل خانەڭنى لەرزىگە سالالىغىنى بىلەن،لېكىن مەن ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ھېچقاچان پېتىنالىغان ئەمەس .
مۇھەببەت بىر گۈل. ئۇساڭا مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولۇشىنى دىلغا پۈككەن شۇ دەقىقىلەردىن بېرى سېنىڭ ئىللىق تىنىقلىرىڭ بىلەن پەپىلەشلىرىڭنى قوبۇل قىلىپ ، شۇنىڭغا ئىنتىلىپ ، يۈرىگىڭدىن مۇھەببەتنىڭ شېرىن - شەربەتلىرىنى تۆكۈپ ، ئىخلاسمەنلىك ، سەۋرى ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىشىڭنى كۈتۈپ كەلدى ، سەن ئۇنىڭ گۈزەل مۇددىئالىرنى چۈشەندىڭمۇ ؟ چۈشۈنۈشنى خالامسەن ؟ بىرەر قېتىم چۈشۈنۈشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟
يۇقارقى سۈرەتتىكى شېئىر مېنىڭ شېئىرىم بولىدۇ، شۇڭا تېمىغا قىستۇرۇپ قويدۇم .
مەنبە: قەلەم
[ بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن2008-12-16 04:48 PMدە قايت ]