شىنخۇا تورى باغداد 12-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى. ئامېرىكا پىرىزدىنتى
بۇش 14-چىسلا تۇيۇقسىز ئىراقنى زىيارەت قىلىپ ئىراق زوڭلىسى مالىك بىلەن ئىككى دۆلەت ستراتىگىيلىك كېلىشىمى ۋە ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئارمىيە
كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.
بۇش مالىك بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يېغىنىدا
:« بىز قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىش بار، بۇ ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشمىدى.» دېگەن.
مالىك ئىراق ھازىر ھەرقايسى جەھەتلەردىن يۈكسىلەرنگە ئېرىشمەكتە دېگەن.
بۇشنىڭ سۆزى تۈگىشىگە بىر ئىراقلىق مۇخبىر ئىككى پاي ئايىغىنى بۇشقا قارىتىپ ئاتقان،
بۇش ئېڭىشىپ ئۆزىنى قاچۇرغان.
كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى
يىرىمىدا ئىراق شەھەر- بازارلىرىدىن چىكىنىپ چىقىدۇ، ھەمدە 2012-يىلى پۈتۈنلەي چىكىنىپ بولىدۇ.
ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئالى قوماندانى ئاۋدىلنو 13-چىسلا كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا ئامېىكا ئارمىيىسى ئىراق شەھەر بازارلىرىدىن
چىكىنگەندىن كېيىن، قىسمەن ئامېرىكا ئارمىيىسى شەھەر- بازارلاردىكى گازارمىلىلاردا قىلىپ ئىراق قوشۇنلىرىنى مەشىقلەندۈرىدۇ. دېدى
كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىراق ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ ھەربى ھەرىكىتىگە چەكلىمە
قويۇلغان بولۇپ، بەلگىلىك شارائىتتا ئامىرىكا ئەسكەرلىگە قارىتا ئەدلىيە ھوقۇقى
يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق.
بۇ بۇشنىڭ 2003-يىلىدىن بۇيان تۆتىنچى قېتىم ئىراقنى زىيارەت قىلىشى،
ئۇ كېلەر يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىسىدىن بوشىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىغا ئاجراتقان
چىقىمى 600مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن، ھەمدە جەمئى 4200 ئەسكىرىنى چىقىم
تارتقان.
خەۋەر مەنبەسى:
http://news.qq.com/a/20081215/000206.htmمەنبە: خاقانىيە تورى
www.hakaniya.com[ بۇ يازما mustabit تەرپىدىن2008-12-15 07:55 PMدە قا ]