چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 274 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئاپا،مەن ھېيىتلىق كىيىم كىيمەيمەن(نىگار) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

negar
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 30094
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 173
شۆھرەت: 427 نۇمۇر
پۇل: 858 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 15 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 ئاپا،مەن ھېيىتلىق كىيىم كىيمەيمەن(نىگار)

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن (2008-12-16)دە نادىرلاندى
ئاپا، مەن ھېيىتلىق كىيىم كىيمەيمەن

   



    قۇربان ھېيىتنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ بازار،دۇكانلاردا ئايلىنىۋاتقان ئادەملەرمۇ كۆپىيىپ ھەممە ياقنى ناھايىتى قىزغىن،ئالدىراش بىر خىل كەيپىيات قاپلىغان ئىدى.شۇنىڭدەك ئىدارىمىزدىكى خانىم -قىزلارمۇقوللىرىدىكى ئىشلارنى ھاپىلا-شاپىلا تۈگىتىپ پۇرسەت بولسىلا ئۇ،بۇ ئىشخانىلارغا يىغىلىۋىلىپ ھېيىتنىڭ تەيارلىقلىرى،بازار چۆگىلەش،كىيىم سېتىۋىلىش،قايسى دۇكانغا قانداق يېڭى مال كەلگەنلىگى،ئۆزلىرىنىڭ نىمەئالغانلىغى توغرىسىدا بەس-بەس بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقىت ئۆتكىزەتتى.تېخى بەزىدە بۇ پاراڭلارغا يېنىدىن ئەتىر ئايرىماي،ساقال-بۇرۇتلىرىنى پاكىزە قىرىپ،ئايىغىنى پارقىرىتىپ،شىملىرىنىڭ قىرلىق ھالىتىنى بۇزمىغان ھالدا كىيىپ ياسىنىشقا بىر خىل ئېتىۋار بىلەن قارايدىغان ئەر خىزمەتداشلىرىمىزمۇ ئارىلىشىپ قالاتتى.
   بۇگۇن ئەتىگەن ئىشقا كېلىپ ئىشخانىنى تازىلاپ بولۇپ كومپىيۇتۇرنىڭ ئالدىدا ئەمدىلا ئولتۇرۇشۇمغا ياندىكى ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ئۆزى  دۇغىلاق كەلگەن، سارغۇچ بوياپ،بۈدرە قىلىپ كۆپتۇرۇۋالغان چاچلىرى تولۇق كەلگەن يۈزىگە ماسلاشقان،ئوتتۇرا ياشلىقىغا قارىماي قاتار چاي ئويناۋاتقان ئاياللىرىنى«بىزنىڭ قىزلار»دەپ سۆزلەيدىغان،پومساق بارماقلىرىدىكى ئۈزۈكلىرى كۈندە دىگۈدەك ئالمىشىپ تۇرۇدىغان ئاسىيەم ھەدە كىرىپ كەلدى.
  _قانداقراق ئەھۋالىڭىز ئۇكام؟
  _ياخشى ئاسىيە ھەدە،ئۆزىڭىزچۇ؟
  _خۇداغا شۈكرى_ئۇ سوزۇنچاق يېشىل كۆز قويۇلغان ئۈزۈكىنى ۋال-ۋۇل قىلىپ بارماقلىرىنى قارسىلداتقىنىچە جاۋاپ بەردى-دە،تەكەللۇپسىز ياندىكى ئورۇندۇققا جايلاشتى.
  _ۋاي ئاللا،ئەتىگەندە كېلىپلا كومپىيۇتۇرغا چاپلاشتىڭىزمۇ ئەندى؟
  _ھە،تۈنۈگۈن بىر ماتىرىيالنىڭ ئازراق چالىسى قالغان ،شۇنى قولۇمدىن چىقىرىۋىتەي دەپ.
  _ۋاي-ۋۇي،كىچىككىنە تۇرۇپ خىزمەت،خىزمەت دەپلا ئۆتكەن،ئەتىگەندە بىر كەلسىڭىز كىرىپلا كېتىسىز،سىزنى بەزىدە ھەپتە،ھەپتە كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ_ھە؟ھى ھى ھى خىزمەتداش بولغاندىن كېيىن ئانچە-مۇنچە ئارىلىشىپ ئۆتمەمسىز دەيمەن،قاراڭ سېغىنىپمۇ قالىدىكەن ئادەم سىزنى،
  _شۇنداقمۇ؟مەن،شۇ،ئادەت بولۇپ قاپتۇ ھەدە_مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ جىلمىيىپ قويدۇم.
  _كۆڭلۈم سىزنى تارتىپ پاراڭغا كىردىم قاراڭ،ئالدىراش بولسىڭىز ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىڭ،مەن پاراڭ سالىۋىرەي،ئاڭلىغاچ قىلسىڭىزمۇ بولىدىغاندۇ؟
  _ھە،بولدى پاراڭلىشايلى،ئانچىمۇ مۇھىم ئەمەس،كېيىن قىلساممۇ بولىۋىرىدۇ.
  _ئۇنداقتىچۇ قاراڭ ئۇكام،سىزنى ئۆزەمنىڭ ئۇكىسىدەكلا كۆرىمەن،شۇڭا دەۋىرەي ھە،تۈنۈگۈن ئىدارىدىكى قىزلار بىلەن شاڭخەي مەدىنىيەت شەھەرچىسىگە بېرىپ كەلدۇق قاراڭ،ھېيىت ئەمەسمۇ،ئايال كىشى بولغاندىن كېيىن ئۈستىمىزگە بىرەر قۇر كىيمىسەك قانداق بولىدۇ دەڭا؟
  _ۋاي-ۋۇي ئاسىيە ھەدە،ئۇنىڭسىزمۇ كىيىملىرىڭىز بەكلا كۆپقۇ سىزنىڭ_دىدىم ئۇنىڭ سېمىز تۇرقىغا ماسلاشتۇرۇپ كۈندە بىر ياڭزا كىيىپ كېلىدىغان كىيىملىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرۇپ.
  _ۋاي ئاللا،ئۇ دىگەن ھېيىتلىق ئالغان كىيىملەر بولمىسا،بۇ دىگەن ئۇلۇغ قۇربان ھېيىت تۇرسا،كىيمىسەك قانداق بولىدۇ؟
  _شۇنداقمۇ،ھېيىت-بايراملاردا چوقۇم يېڭى كىيىم كىيىش كېرەكمۇ ھەدە؟_مەن ھەيران قالغان ھالدا ئۇنىڭغا تىكىلدىم.
  _ئاللا،ئاللا نىگار،ماۋۇ جەمىيەت تەرەققى قىلىپ نەگە باردى؟سىزنىڭ كاللىڭىز نەدە؟_ئۇ مېنىڭ ئاددىغىنە پادىچىلار شىمى،ئۆرە ياقىلىق زەڭگەر گاڭسىرۋە پاشنىسى تۈز كەلگەن ئوقۇغىچىسىمان خۇرۇم ئايىغىمغا شۇنداق بىر نەزەر تاشلاپ،كىيىم ئاسقۇدىكى پەي چاپىنىمغىمۇ «يالىت»تىدە قاراپ ئۈلگۈردى،_تۈنۈگۈن قىزلارنىڭ سىزنى«مەتۇ»دىگىنى بىكار ئەمەسكەن جۇمۇ.
  -نىمە؟
  _ۋاي ئاللا،مېنىڭ مۇشۇ ئاغزىم،ھەي بۇ شۇ قاراڭ ئۇكام،_ئۇ ئالدىراپ ئېغىزىدىن چىقىرىۋەتكەن گەپكە سەل ھودۇققاندەك قىلىپ تەمتىرەپ كەتتى،_بۇ ئۇنداق دىگىنىم ئەمەس،شۇ ئەمدى،قىزلارنىڭ دىگىنى سىز دىگەن شۇنداق چىرايلىق،بوي-تۇرقىڭىزمۇ،پىگۇرىڭىزمۇ بەك قاملاشقان،سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە چىققان ھەر قانداق ئېسىل كىيىممۇ ئۆز خىلىنى تاپقاندەك بولاتتىكەن،بىراق سىز شۇ بەك ئاددى يۈرىسىز،ئاددى-ساددىلىققۇ ياخشى خىسلەت ئۇكام،بىراق بىز بۇدۇنيادا قانچىلىك ياشايمىز دەيسىز؟توي قىلىپ بىر ئۆي بېشىڭىزغا كىيىلگەندە بىلىسىز تېخى،ئۇ چاغدىكى ئارمانلارچۇ،ۋاي يېتىشتۇرۇپ بولالماسلىقتىن جاق تويۇسىز،ئۇنىڭغا قىلسىڭىز بۇ تۇرغان،بۇنىڭغا قىلسىڭىز ئۇ تۇرغان ھەي..._ئۇ تۇرقىغا قىلچىمۇ ماس كەلمىگەن جاپاكەش ئاياللاردەك«ئۇھ» تارتىپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى-شۇڭىچۇ ئۇكام،مۇشۇ ۋاقىتلىرىڭىزنى قەدىرلىسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن،بۇ دىگەن سىزنىڭ قورچاقتەك ياسىنىپ،نى-نى يىگىتلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ تاقىلداپ يۈرىدىغان ۋاقتىڭىز،ئاتا-ئانىڭىز ئىككىلىسى چاقىرسا يەر تىترىگىدەك ئابرۇيلۇق مەنسەپدار ئادەملەر،ئۇلارنىڭ سىز نىمە دىسىڭىز ئاشۇرۇپ قىلىپ بەرگۈدەك بىر تال گۈلى تۇرسىڭىز،يەنە تېخى ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتى، مۇئاشى دىگەنلەر يېتىپ ئاشقۇچە تۇرۇپتۇ،ئاۋۇ لابىراتۇرىيە بۆلۈمىدىكى گۇلبەرنى كۆرگەنسىز،سىز بىلەن تەڭ دىمەت،سىزچىلىك پىگۇرى بولسىچۇ ئۆلەي،چېچىنى ھەپتىدە بىر ياڭزا بوياپ،كۈندە بىر ياڭزا كىيىپ ،ئىشى بولسۇن،بولمىسۇن بۆلۈملەرنى ئارىلاپ كىيگەن كىيىمى، قىلغان گىرىمى ،چاچ پاسۇنلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرۈدۇ.سىزنىچۇ ئۇنىڭغا ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ئۇكام،سىز شۇنداق يېقىشلىق، مۇلايىم،ئەممازە،مۇشۇ تۇرقىڭىزغا شۇ چاقناق كىيىملەر ماسلاشقان بولسا،ھەي-ھەي،_ئۇ تامىقىنى چىكىلدىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى_سىزنىڭ يىگىتىڭىزمۇ بەك كېلىشكەن ئىكەن ھە؟ ئاڭلىسام ئائىلىسى شۇنداق بىلىملىك،باي، ئەتىۋارلىق بىر تال ئوغۇل دەيدىغۇ؟؟
  مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتقان بۇ ئايالغا قاراپ خېجىللىق بىلەن باش لىڭشىتتىم.
_ھە شۇ،تۈنۈگۈن گۈلبەرنىڭ چىكىلداپ كەتكىنى بىكار ئەمەستە شۇ،ئۇچۇ قاراڭ.«ئېسىت،ئېسىت،شۇنداق كېلىشكەن بالا زايىلا كەتتى بۇ كىتاپ خالتىسىغا»دەپ بىر مۇنچە گەپ قىلدى،قارىسام ئۇنىڭ  ئۇ يىگىتتىن ئوبدانلا تاماسى باركەن،مەن ئويلىنىپ قالدىم قاراڭ،سىزنىڭ ئاشۇ سەت دومباقتىن قالغۇچىلىكىڭىز بارمىتتى؟سىزغۇ ھەممە تەرەپتىن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇسىز،شۇ بىرلا يېرى ياسىنىپ يۈرمەيسىز،خۇددى كىچىك بالىدەكلا،سىزنى تونىمايدىغانلار كۆرسە ئىدارىدىكى بىرەرسىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپيىكى قىزىمىكىن دەپ قالىدۇ،ھا،ھا،ھا_ئۇ بۇ ئوخشىتىشىدىن ھوزۇرلانغان ھالدا كۈلۈپ كەتتى ۋە ئارقىدىنلا _كۆڭلىڭىزگە كېلىپ قالمىغاندۇ ھە؟_دەپ قوشۇپ قويدى.
  _ياقەي_مەن ئوڭايسىز ھالەتتە بېشىمنى چايقىدىم،دىمىسىمۇ مېنىڭ ئارامبەخىش (شىيۇ شەن)تۇرقۇمنى كۆرگەنلەرنىڭ تەبىئى ھالدا مېنى«ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى» دەپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.
  _قاراڭ ئۇكام،گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك،بۇ يىل بۇلغارىيەنىڭ يېڭى پاسۇندىكى نوركا پەلتۇسى مودا ئىكەن.تۈنۈگۈن بىز شاڭخەي شەھەرچىسىدىن كۆرۈپ كەلدۇق،ۋاي،ۋاي،ۋاي،ئۇنىڭ ياقىسى،ئۆزىنىڭ يۇمشاق سىلىق يۇڭلىرى،ئېسىللىقىنى دىمەيسىز،ھەممىمىزنىڭ ئىچىگە ئوت-چوغ چۈشۈپ كەتتى قاراڭ،بىر نەچچىمىز ئالىدىغان بولۇپ سۆزلەشتۇق ،دۇكان ئىگىسى مېنىڭ كونا خېرىدارلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ ئەسلىدىكى ئون ئۈچ مىڭ سەككىز يۈز يۈەندىن سەككىزمىڭ بەش يۈز يۈەنگە بېرىدىغان بولدى دەڭا..
   _نىمە8500يۈەن؟_مەن چۆچۈپ كەتتىم،بۇ بىزنىڭ بەش ئايلىق مۇئاشىمىزغا باراۋەر ئىدى.
   _ھەئە،ئۇ دىگەن ئېتىۋار باھا جانىم،قايتىپ بېرىپ ئېرىمغا دىسەم،ئېرىم دىگەن لامزەللىگە نىمە بولغان دىمەمسىز ،ئۇنى دىسەم بۇنى،بۇنى دىسەم ئۇنى دەپ يەنە تېخى ئالدىنقى يىلى ئالغان نوركا پەلتۇلىرىمنى دەپ يۈرۈدۇ دەڭا،ئەتىگەندە يەنە سوقۇشۇپ چىقتىم،قىيىن ئاپام ئاغرىپ بەلنىستە ئەمەسمۇ،شۇنىڭغا پۇل ئىشلەتتىم،نەدىمۇ ئۇنداق كۆپ پۇل بولسۇن دەپ،ھەي بەزىدە مۇشۇ ئەر كىشى دىگەن ،ئايال كىشىنىڭ شۇ كىيىم-كىچەك،زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن كۆڭلى ئۆسمىسە نىمە بىلەن كۆڭلى ئۆسىىدۇ دەيسىز_ئۇ بىردىنلا كۆزلىرىگە ياش ئالدى.ئۇنىڭ بۇنداق يولسىز كىيىم كىيىشىگە ئەسلىدىلا نارازى بولۇپ تۇرغان بولساممۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ كۆز يېشىنى كۆرسەم چىدىمايدىغان تەبىئىتىم تۈپەيلى كۆڭلۈم ئېرىپ بىر خىل بولۇپ قالدى.«كىم بىلىدۇ،ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا بىز بىلمەيدىغان قانداق ئىشلار بارلىقىنى؟تېشىدا كۈلۈپ يۈرگىنى بىلەن ئىچىدە ئۆزىلا بىلىدىغان سىرلىرى بولىشى مۇمكىنغۇ؟شۇ سىرلار تۈپەيلى ئۇ ئۆزىنى شۇنداق ياسىنىپ،كىيىنىپ،خوشال يۈرۈشكە ئۈندەمدۇ تېخى».
   _تۈنۈگۈن ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئەتە ئالىمەن دەپ مەيدەمگە ئۇرۇپتىكەنمەن،ئەندى بۈگۈن ئالالمايمەن دىسەم نىمە سەتچىلىك؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەنلا گۈلبەر«ھەدە،قاچان بارىمىز مەن پۇلنى تەيارلاپ قويدۇم»دەپ تېلىفۇن قىپتۇ،شۇنچە كىيىم كىيىپ مۇئاشىنى ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا يەتكۈزەلمەيدۇيۇ نەدىن تېپىپ كەلدىكىن دەيمەن.ھەي شۇڭىزە ئۇكام،ئويلاپ ئاخىرى قېشىڭىزغا كىردىم،سىزگە ئىشىنىپ جۇمۇ،سىز بۇنى ھەم ھىچكىمگە دىمەيسىز،ھەم چوقۇم ياردەم قىلالايسىز،ئۆزۈمنىڭمىچۇ چېيىمنىڭ پۇللىرىدىن سىقىپ يىغىپ قويغان 3500يۈەن پۇلۇم بار،ئەمدى شۇ 5000يۈەن كاملاپ،سىزدە چوقۇم بار ھە ئۇكام،بېرىپ تۇرسىڭىز مەن ئاستا-ئاستا قايتۇرۇۋەتسەم،قانداق دەيسىز؟_بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ ئاغزى بېسىقماي سۆزلەشتىكى تۈپ مەقسەت ئاخىرى تېشىلدى.
  _ھەدە، يولدىشىڭىز بىلەن شۇ توغرىدا جىدەللىشىپ كەپسىز،ئەمدى ئۇنى ئېلىپ بارسىڭىز نىمە دەر؟پۇلنىغۇ بېرىپ تۇرۇشتىن قورىققىنىم ئەمەس،شۇ تۈپەيلى ئىككىڭلار ئازارلىشىپ قالساڭلار..._مەن تەڭقىسلىق ئىچىدە ئۇنىڭغا قارىدىم.
  _ئوھۇش ئۇكام،سىز بىلمەيسىز،ئەر كىشى دىگەننىڭچۇ ئاشۇنداق ئالىمەن دىگەننى ئېلىپ،كىيىمەن دىگەننى كىيىپ ئۆي تۇتقاندا ئاندىن گۈل كۆرۈنىسىز،بولمىسا كۈل،ئەر كىشى دىگەن خەقچۇ تومۇرچى كېلىدۇ،ماقۇل،ماقۇل،خوش،خوش دەپ تۇرسىڭىز بىر ئۆمۈر  ئۇچىڭىزغا يىپ چاغلىق نەرسىنىڭ چىقمىغىنى بىلەن كارى يوق،يەنە تېخى شۇنداق ياسىنىپ تاقىلداپ يۈرگەن خېنىملارنىڭ كەينىدىن چېپىپ سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قورۇلۇپ،ماكچىيىپ قالغانلىقىڭىزنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ .ئېرىم بارغۇ ئۇنداق دىگىنى بىلەن ئارقامدىن كىيگەن كىيىملىرىمنىڭ ياراشقانلىغىدىن ھەۋەس قىلىپ يۈرۈدۇ.بۇندىن بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم شۇنداق بولغان،يانا تېخى مەغرۇر ئەر-ئاياللار سورۇنىغا مېنى قولتۇقلاپ كىرىشكە ئامراق،نىمىشكە؟مەن شۇنداق ياسىنىپ ئۆزۈمنى تاشلىماي يۈرگەچكە...ھى ھى ھى -ئۇ ھوزۇرلانغان ھالدا كۈلۈپ كەتتى.مەن  پۇلنى ئېلىپ بەرمەي بۇ پاراڭنىڭ ئايىغى چىقمايدىغانلىغىغا كۆزۈم يېتىپ تارىتمامدىن  مۇئاش چېكىمنى ئالدىمدە،ئىدارىمىزغا يېقىن يەردىكى بانكىغا قاراپ ماڭدىم.
    قولۇم دىگەندەك ئىشقا بارمىدى،ئارىلىقتا باشقىلارنىڭ قىيا_چۇۋالىرىغا قېتىلىپ ئاسىيەم ھەدە ۋە گۈلبەرنىڭ داغدۇغا بىلەن كىيىپ كەلگەن پەلتۇسىنى مۇبارەكلەپمۇ چىقتىم.ئەتىگەن قېلىپ قالغان ئىشىمنى تۈگىتىپ باشقا ئىشمۇ قىلمىدىم،قارىسام قىز بالا بولغاچقىمۇ ياكى ئەتىگەنكى ئاسىيەم ھەدىنىڭ گەپلىرى خېلىلا تەسىر قىلىپ قالدىمۇ مېنىڭمۇ تۇرۇپلا بازار ئايلىنىپ كىيىم كۆرۈپ باققىم كېلىپ قالدى.ئىشتىن سەل بالدۇر قايىتتىم،ئۇدۇل ئۆيگە كەتمەي ئايلىنىپ دۇكانلارغاكىرگەچ ماڭدىم.مۇۋاپىق بىرەر كىيىم ئۇچراپ قالسا ئېلىش ئويۇممۇ يوق ئەمەس ئىدى.شۇ خىيال بىلەن مېڭىپ قىزىل بايراق سودا سارىيىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئېسىل كىيىملەر مەركىزى بولۇپ قالغان قاتار دۇكانلار تەرەپكە قاراپ قەدەم تاشلىدىم.
   _ئاچا،ئاچا، ئازراق ياردەم قىلسىڭىز،قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى، ئازراق تاماققا چۇشلۇق پۇل بەرسىڭىزچۇ،ئاچا_تۇيۇقسىز ئالدىمنى توراپ قوللىرىنى سۇنۇپ ماڭا ئۇمۇت بىلەن بىچارىلەرچە تىكىلىپ تۇرغان،چاچلىرى تارغاق سېلىنمىغىنىغا ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغان،ئۇچىسىغا يىرتىق ،ئەسكى بىر نىپىز چاپان كىيىپ،سۇغۇق شامالدا تىترەپ ئەسلىدىلا قاراراق رەڭگىنى كۆكەرتىپ تېخىمۇ قارامتۇل بولۇپ قالغان قىزچاقنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتىم.كۆزلىرىم ئۇنىڭ ئۇچى يىرتىلىپ كەتكەن چۇقاي كىيىۋالغان،يىرتىقىدىن بارماقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان پۇتلىرىغا چۈشتى،ۋۇجۇدۇم قانداقتۇر بىر خىل سىلكىنىشتىن تىترەپ كەتتى.
   _قانچە ياشقا كەلدىڭىز؟
   _12 ياشقا،ئۇكام 8 ياشقا،
   _ئاتا-ئانىڭىز يوقمۇ؟
   _دادام كىچىك چېغىمىزدا تۈگەپ كەتكەنكەن،بىز بۇ يەرلىك ئەمەس، ئاپام باشقا كىشى بىلەن توي قىلىپ بۇ يەرگە چىققان، ئۆگەي دادامنى تۈرمىگە ئەكىرىپ كەتتى،ئاپام ئاغرىپ يېتىپ قالدى..._مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي كۆزلىرىمگە دەۋرەپ كېلىۋاتقان ياشلىرىمنى زور كۈچ بىلەن بېسىپ،ئاستا-ئاستا ئەتراپىمىزغا ئولىشىۋاتقان غۇلجا كوچا دوقمۇشلىرىنى ئاۋات قىلىپ تۇرۇدىغان پوخۇر ياسىنىۋېلىپ ئېغىزىدا شەھەر ئېلىشىپ تۇرۇدىغان بىكار تەلەت ياسانچۇق بالىلىرىنىڭ ماڭا بەك،بەكلا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىۋاتقان كۆزلىرىدىن،پىچىرلىشىۋاتقان سۆزلىرىدىن قېچىپ ئىتتىك يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ 20يۈەن پۇلنى قىزنىڭ قولىغا تۇتقازدىم-دە دۇكانغا كىرىشتىن يالتىيىپ ئىتتىك مېڭىپ كەتتىم....
  يول بويى قىزچاق كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى،ئىچىمدە ئۆزۈمنى ئەيىپلەيىتتىم،«مەن قانداق ئادەم بولۇپ قالدىم؟بىچارە قىزچاق ،ئۇ قىزچاق مېنىڭ شۇ ئازغىنە پۇلۇمغىلا مۇھتاجمىتتى؟ مەن شۇ ئازغىنە پۇل بىلەن ئۇنىڭ يىتملىكنىڭ مۇشەققەتلىرى ئەزگەن قەلبىنى قانچىلىك خۇش قىلالىغاندىمەن؟ مەن ھىچ بولمىغاندا ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ بىرەر ۋاق ئىسسىق تاماق ئېلىپ بېرىپ دۇكانغا باشلاپ ئەكىرىپ ئۇچىسىغا بىرەر قۇر ئىسسىققىنا كىيىم كىيگۈزۈپ قويالمىدىم ھە،مەن ئۇنىڭ ئاشۇ بىچارە،پاسكىنا يالىڭاچ تۇرقىدىن نۇمۇس قىلغاندىمەن،بولمىسا ئاۋۇ بىكار تەلەت بايۋەتچىلەرنىڭ كۇسۇرلاشقان مەسخىرە گەپلىرىگە نىمىشكە ئىككى ئېغىز بولسىمۇ رەددىيە بېرەلمىدىم؟قېنى مەندىكى ئادىمىيلىك،قېنى مەندىكى ھەققانى تۇيغۇلار،قېنى مەندىكى ئىسلام دىنىمىزدا تەكىتلىنىدىغان ھەقىقى مۇسۇلمان بەندىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت؟»
  مەن ئۆرتەنگەن ھالدا ئۆيگە كەلدىم، ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپلا نازۇك تەبىئىتىمنىڭ غەلۋىسى بىلەن يىغلىۋەتتىم.ئۆيدە  نىمىنىدۇر قىزغىنلىق بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاپام بىلان دادام چۆچۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئالدىمغا كەلدى.
  _نىمە بولدى قىزىم؟
  _ئاپا، دادا مەن مەن ..._مەن گېپىمنى قىلالمايلا قالدىم....
بىر ئازدىن كېيىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىپ بۇگۈنكى ئىشلارنى بىر -بىرلەپ سۆزلەپ بەردىم،دادام كاللامدا بولۇۋاتقان«8500يۈەنلىك نوركا پەلتۇ»«كىيىم-كېچەكلىرى جۇل_جۇل قىزچاق»ۋەقەسىنىڭ توقۇنۇشىنىڭ مېنىڭ كەيپىياتىمغا نەقەدەر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ھىس قىلدى بولغاي ناھايىتى ئۇزۇن گەپ قىلدى،بۇ گەپلەر ئۆتمۈشتىن باشلىنىپ ھازىرقى بىزنىڭ مۇشۇ راھەت پاراغەتلىك تۇرمۇشىمىزغا كېلىپ توختىدى:
  _قىزىم،سىز گەرچە ئۇ قىزغا شۇ ئازغىنە پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئۇنىڭغا باشقىچە ياردەم قىلالمىدىم دەپ ئۆكۈنۈپ شۇ سەۋەپتىن يىغلىدىم دىسىڭىزمۇ مەن قەلبىڭىزنى تامام چۈشەندىم، دەرۋەقە مۇشۇنداق تەڭسىزلىك بۇ جەمىيەتنىڭ ھەممە يەرلىرىدە مەۋجۇت،بۇنىڭغا گەرچە ئامال بولمىسىمۇ بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشساق بولىدۇ،سىز ئېيىتقاندەك ئاشۇ 12 ياشقا كىرگەن قىزچاق ۋە8 ياشلىق ئۇغۇلنىڭ ھازىر مەكتەپ قوينىدا بىلىم ئالىدىغان مەزگىلى،دادىسىنىڭ يوقلىقى،ئانىنىڭ كىسەل بولۇپ يېتىپ قېلىشى ئۇلارنى ئەنە شۇنداق مۇھتاجلىق قوينىغا سۆرەپ كىرگەن. دەرۋەقە بۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئاۋۇ تۇمەن يۇەنلىك كىيىم كىيىپ يۈرۈدىغان بايۋەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئاسمان-زىمىن پەرىق بار، بىز ھەممىز بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئورتاق تىرىشىپ ئۆزىمىزدىكى ھەقىقى ئادىمى خىسلىتىمىزنى ،پەزىلىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ،يىتىم-يېسىر ئاجىزلارنى يۆلەپ،ئازغىنە مەنپەئەتىمىزنى قۇربان قىلالىغان بولساققۇ بۇنداق ئىشلار بۇنداق كۈنلەرمۇ بارا-بارا ئازىيىپ ئاخىرى يوقالغان بولاتتى.خەيىر ھەممىگە ئامال قىلالمىساقمۇ مۇشۇ ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپىڭىز ئىككىمىز ئون مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ ئۆزىمىز داۋاملىق ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر نەچچە ئائىلىلەردىن ھېيىتلىق ھال سوراپ كەلمەكچى ئىدۇق ،ئۇ قىزلارنىڭ ئۆيى قەيەردىكەن،خەيىر قىزىلبايراقنىڭ ئالدىغا بارساق تاپارمىز،ئۇلارنىمۇ بۇ قېتىمقى سانغا كىرگۈزەيلى.
   _دادا،ئاپا، مەن ئەتىگەن كىيىم ئالايمىكىن دەپ چىقارغان ماۋۇ ئىككى مىڭ يۈەننىمۇ قوشاي!مەن ھېيىتلىق كىيىم كىيمەيمەن.
  -سىزنىڭ مۇشۇنداق ئاددى -ساددا تۇرقىڭىز ماڭا گۈل كۆرۈنىدۇ قىزىم،مۇھىمى سىزدە مەن ئۈمۈت قىلىدىغان ئېسىل خىسلەتلەر بار، مەن شۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن پەخىرلىنىمەن، ھەر قانداق ئورۇن ھەر قانداق جايدا سىزدەك ئاددى «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،يەنە تېخى مەتۇ قىزىم»بولغانلىغىڭىزنى كۆرسىتىپ قويغۇم كېلىدۇ تېخى،_دادام ھاياجان بىلەن ماڭا قاراپ خۇددى كىچىك ۋاقىتلىرىمدەك قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزۇۋىلىپ بوينۇمنى غىدىقلاشقا باشلىدى.«ۋاي دادا، قىچىقىم كېلىپ كەتتى »مەن قاقاقلاپ كۈلگىنىمچەتېپىرلاشقا باشلىدىم،ئاپام ماڭا ياردەم بەرمەكچى بولۇپ كېلىپ دادامنى قىچىقلىدى...ھا.ھا.ھا  ،خوشاللىق كۈلكە سادالىرىمىز تاملارنى يېرىپ ئۆتۈپ زاللارغا تارقالدى..كۆزلىرىمگە نۇرغۇنلىغان يېڭى كىيىم كىيپ خوشاللىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىۋاتقان سەبى بالىلار مەكتەپ مەيدانىدا بىزنى ئوراپ ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتاتتى....


تۈگىدى.
مەنبە؛ تۇرمۇشۇمدىكى ئىشلار
[ بۇ يازما negar تەرپىدىن2008-12-15 04:46 PMدە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-15, 06:19
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526) ياخشى ئىجادى ..
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئۆزىگە خاس م ..
  • باھا:+15(yarken) ياخشى ماقالە
  • MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-15 01:55 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    baxtogragh
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30591
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 208
    شۆھرەت: 225 نۇمۇر
    پۇل: 891 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

                   تېما ئېگىسىگە تەشەككۇر..............
       توغرا دەيسىز .... بىز ئىسسىق ئۆيلەردە ، پاكىز موھىتتا شۇنداقلام ئۆزىمىزگە بەختىيار تۇيۇلغان بىر موھىتتا ياشاۋاتقان بولساقمۇ .: بىزدە شۇ سىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن 12 ياش ۋە 8 ياشلىق بىتچارە ئىنى-سىڭىللىرىمىز نۇرغۇندۇر-نۇرغۇن .
       بىز ئالى دەرىجىلىك رېستۇران ، مېھمانخانلاردا غىزالانساق ، ئۇلار بىر ۋاق تاماقنىڭ كۆيىدا ( بەزىلىرىمىز بۇنى چۇشەنمەي ئۇلارنى دىۋانە ، ئالدامچى دىيىشى مومكىن ) . بىز قىممەت باھالىق كىيىملەرنى ئېلىپ كەيگەن بىلەن ئۇلار توڭلاپ - تىتىرەپ كەتكەن قول-پۇتلىرىنى ئىسسىتېش كويىدا .
      ھەممىمىز شۇئار توۋلاشقا ئامراق ....... ھەقىقى ياردەم ئازغىنە-ئازدۇر.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 03:00 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    lakqin
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23132
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1098
    شۆھرەت: 1163 نۇمۇر
    پۇل: 3625 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 390(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    مەنمۇ بۇ ھېيتتا ياخشىلىق قىلىۋالاي دەپ خېلى كۆپ پۇل تەييارلىغانتىم ، ئەمما بۇ پۇللارنى ھال - ئەھۋالىمىز خېلى ياخشى بولغان ئاتا- ئانامغا ، مومىلىرىمغا ، ئىنىلىرىم ، سىڭىللىرىمغا ۋە باشقا ئۇكىلىرىمغا ھېيتلىق قىلىپ بىرىۋىتىپتىمەن . سىزنىڭ سەزگۇرەشتىلىرىڭىزنى ئاڭلاپ سىزگە ئاپىرىن ئوقوغۇم كەلدى .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    http://www.xjhayat.cn/
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 03:44 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    90uygur
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29350
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 288
    شۆھرەت: 288 نۇمۇر
    پۇل: 65 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 413(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

      سىزگە چىن دىلىمدىن ئاپىرىن !
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 03:57 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kunkiz
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6092
    شۆھرەت: 3090 نۇمۇر
    پۇل: 98551 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 376(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    شۇنداق يانچۇقغا باقماي ياسانچۇق قىلدىغان  خانىم -قىزلار ھەممە يەردە بار ، يانچۇقۇمدا بىر پۇڭ يوق  ئىسمىم   ماجانگۈل دىگەن شۇدە ،  بۇ تىمنى شۇ خىزمەتدىشىڭىز كۆرۈپ قالمىسۇن يەنە  ھى ھى ھى ئۇ چاغدا ئىشىڭىز چاتاق جىما ،نىگار تىمىڭىزغا تەشەككۈر .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 04:54 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    negar
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30094
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 173
    شۆھرەت: 427 نۇمۇر
    پۇل: 858 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 15 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 211(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىkunkizنىڭ2008-12-15 04:54 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
    شۇنداق يانچۇقغا باقماي ياسانچۇق قىلدىغان  خانىم -قىزلار ھەممە يەردە بار ، يانچۇقۇمدا بىر پۇڭ يوق  ئىسمىم   ماجانگۈل دىگەن شۇدە ،  بۇ تىمنى شۇ خىزمەتدىشىڭىز كۆرۈپ قالمىسۇن يەنە  ھى ھى ھى ئۇ چاغدا ئىشىڭىز چاتاق جىما ،نىگار تىمىڭىزغا تەشەككۈر .

    شۇنى دەڭە كۈنقىز،ئۆزۈمنىڭمۇ يۈرىكىم پوك پوك،ھەي ئوقۇپ ئازراق تەسىرلىنىپ يولدىشىغا زۇلۇم سالمىسىغۇ ياخشى بولاتتى، بىراق ئۇ خانىم كومپىيۇتۇرنىڭ ئالدىغا كېلىش ئەمەس يېنىدىنمۇ ئۆتمەيدىغان خانىم،شۇڭا خېلى خاتىرجەممەن ،ھى ھى ھى
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 05:26 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    adi0710
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29482
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 121
    شۆھرەت: 121 نۇمۇر
    پۇل: 463 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ناھايىتى ئېنىق سېلىشتۇرما بولۇپتۇ ، مەنچە ئەسەر مۇۋەپىقىيەتلىك چىقىپتۇ ، باش تېما  روشەن يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ ، ھارمىغايسىز قەلەم تەۋرەتكۈچى . جەمىيەتتىكى ناچار تۇرمۇش ئىستىلى ئوبدان كورسىتىپ بېرىلىپتۇ ، يوقۇرىدىكى قېرىندىشىمىز دەپ ئوتكەندەك ، ھەممىمىز شوئار توۋلايمىز ، قەقىقەتەن ئالدىمىزغا كەلسە ىېچنەرسە قىلىپ بېرەلمەيمىز .
    بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ تۇرسام قىزىم ئىدارىگە ئىزلەپ كېلىپ چۈشلۇك تاماقنى سىرتتا يەيلى دەپ تۇرۇۋالدى ، بولۇدۇ بالام مانا 15سوم  دەپ ، ئىشخانا بىناسىدىن چىقىشىمغا 50 ياشلاردىن ھالقىغان پاكىز كىيىنگەن بىر ئەر كىشى ئۇدۇللا ئالدىمغا كېلىپ : بالام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ، يۇرتتىن پۇل كەلمەكچى ئىدى تېخى كەلمىدى ، شۇ بالىغا بىر ۋاق تاماق ئېلىپ بەرگىلى ياردەم قىلغان بولسىڭىز دىدى ، قىزىم ماڭا قاراپ تۇراتتى ، مەن ھېلىقى 15سومنى ئېلىپ ئۇ كىشىگە ئۇزاتتىم ، ۋە قىزىمنى يېتىلەپ ئوي تەرەپكە ماڭدىم . ئەمدى تاماقنى ئويدە يەيمىز بالام .
    نىمىشقا ؟ سورىدى قىزىم .
    بىز تاماق يەيدىغان پۇلنى ئاۋۇ ئادەمگە بەردىمغۇ .
    سەن ئۇ ئادەمنى تونۇمسەن ؟
    ياق بالام .
    ئۇنداق بولسا نىمىشقا سەندىن پۇل سورايدۇ ؟
    مۇسۇلمان بولغاندىكىن .
    چۇشتە ئۆيدە تاماق يىدۇق .كەچتە يولدۇشۇم كەلگەندە قىزىم چۇشتىكى ئىشنى دوكلاد قىلىپ ئۇلگۇردى .
    راستىلا شۇنداق بولدىما ؟!
    ھەئە . نىمە بولدى ؟ ھەيرانلىقىنى كۆرۇپ قايتۇرۇپ سورۇدۇم .
    قايسى كۈنى سىلەرگە ئۇچرىغانغا ئوخشاش بىر ئادەم ماڭىمۇ ئۇچرىغان 10 سوم بەرگەنتىم . ئالدامچىمۇ نىمە ؟
    ۋايجان بولدى قىلىڭە ، شۇ سۆلىتى بىلەن ئادەم ئالدىماس .
    راست گەپ قىلسام كۆڭلۇم بىر قىسما بولۇپ قالدى . شۇ ھازىر  راست يالغان كەمبىغەلنى ئايرىغىلى بولماس بولۇپ كەتتى . يا ئۇلارنىڭ پىشانىسىدە يېزىقلىق بولمىسا .
    مەن يەنىلا شۇ سۆزگە ئىشىنىمەن : دۇنيادا ئەزەلدىن كەمبىغەل يوق ، ئاللا بەندىلىرىنى شۇنداق تازا ياراتقان ، ئەمما ھورۇنلۇق ، بەتخەجلىك ، كۆرەلمەسلىك سەۋەبىدىن كەمبىغەللەر پەيدا بولۇدۇ .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 05:58 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    ayjahan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 518
    شۆھرەت: 689 نۇمۇر
    پۇل: 1053 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بەك ياخشى يېزىپسىز،«ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى».
    ئوقۇۋېتىپ،كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.مۇشۇنداق ئاددى -ساددا يۇرۇيدىغان قىزلار،ئاياللار شۇنداق ياسانچۇق خانىم-قىزلارنىڭ كۆزىگە مەتۇ،دۆت........كۆرىنىدۇ.بۇنداق كەمسىتىشكە ،ھاقارەتلەشكە بەكلا ئاچچىغىم كېلىدۇ،ئاياللار سورۇنغا،خىزمىتىنىڭ خارەكتىرىگە ھەم ئۆزىنىڭ مىجەز-خۇسۇسىيىتىگە لايىق كىيىنىپ يۈرگىنى ياخشى ئەمەسمۇ.نىمە قاملاشمىغان خىزمەتتىمۇ ھازىرلا سەھنىگە چىقىدىغاندەك،قېنىق گىرىم قىلىپ،ئالا-چىپار ئوچۇق كىيىملەرنى كېيىپ.....ئەر خىزمەتداشلارنىڭ ئالدىدىمۇ سەت ئەمەسمۇ........
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 06:37 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    沙漠花
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33478
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 141
    شۆھرەت: 141 نۇمۇر
    پۇل: 563 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    رەھمەت بەك ياخشى تەسۋىرلەپىسىز
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 07:32 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    dildash26
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29815
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    رەھمەت .كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.سىزنى سىزنىڭ قەلبىڭىزنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئەسىرىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ.بەكمۇ تەسىرلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئىكەن........
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 09:04 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    muallp
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19682
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 277
    شۆھرەت: 280 نۇمۇر
    پۇل: 848 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 421(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

        
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 12:14 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1396
    شۆھرەت: 1860 نۇمۇر
    پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1013(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

       بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ،سىزدىن ھەم ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ قالدىم. (بۇنداق دىسەم،مېنى ئۆزىنى ماختىۋالغۇسى كەلدى دەپ ئويلاپ قالماڭلار ،قاتاردا مېنىڭمۇ سۆزلىگۈم كەپقالدى )
       مەنمۇ ئاشۇنداق بىھۇدە ئىسراپچىلىق بىلەن خوشۇم يوق. بىز بەزىدە بالىلىرىمىزغا بىرەر-ئىككى يۈز يۈەنگە بىر پوپايكا ياكى ئاياغ....دىگەندەك كىيىملەرنى ئەپبېرىمىز. لېكىن،ئاشۇ بىرەر-ئىككى يۈز يۈەن پۇل بەزى ئائىلىلەر ئۈچۈن،يېرىم ئايلىق ھەتتاكى بىر ئايلىق جان ساقلاش پۇلى بولىدۇ،يەنى ئاشۇ پۇلغا ئۇن،گۈرۈچ،ماي،كۆكتات سېتىۋالسا خېلى ۋاققىچە تۇرمۇش غېمى تۈگەيدۇ.مەنمۇ بۇ يىل ھېيتلىك كىيىم ئالمىغانىدىم،ھېچقانداق تەسىرى بولمىدى. ئەكسىچە كۆڭلۈم توق تۇردى. چۈنكى شۇ ھېيتلىك كىيىدىغان بىرەر مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلنى ئاشۇنداق مۇھىم يەرگە ئىشلەتتىم.مەن بۇنىڭدىن بەك خوش.
       بەزى ئەرلەرمۇ تاماكا،ھاراققا بىھۇدە پۇل خەجلەيدۇ.بەزىبىر سورۇنلارغا نەچچە يۈز يۈەن پۇلنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىپ خەجلىۋىتىدۇ. ئاياللىرىمىز بولسا،قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرى،ساتىراچخانا ......دىگەندەك يەرلەرگە بىھۇدە پۇل خەجلەيدۇ.زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى(گەرچە ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى بار بولسىمۇ) ھەرخىل قىلىپ،پات-پاتلا سېتىۋالىدۇ.........ئىشقىلىپ،بۇنداق بىھۇدە ئىسراپچىلىق_ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەقىقەتەن ياخشى بولغان ئائىلىلەردىن ھالقىپ،گەدىنىدە بىر تاغار قەرزى بار بولغان ئائىلىلەرگىچە يېتىپ باردى. ھەتتاكى شۇخىلدىكى ئىسراپچىلىقنىڭ كاساپىتىدىن ئائىلىسى بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس.
       مېنىڭچە: تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى،كىيىم-كېچەك،زىبۇ-زىننەت.....دىگەندەكلەر لايىقىدا بولسا بولدى دەپ قارايمەن.ئارتۇقچە ھەشەمەتلىككە بېرىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.چوقۇم بىر قۇر كىيىمگە ماسلاشتۇرۇپ ئاياغ ، زىبۇ-زىننەت....سېتىۋىلىش ئارتۇقچە ئىش. چۈنكى بىزنىڭ پۇل خەجلەيدىغان يېرىمىز بەك كۆپ،بەك كۆپ. ئەتراپىمىزدا تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان سەبىيلەر بار. ئاشۇ بالىلارغا ياردەم قىلساق،شۇ بالىلارنىڭ ئوننىڭ بىرى بولسىمۇ،ياخشى ئوقۇپ،ئۆز يولىنى تېپىۋالسا،ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىدىن بىرنىڭ ئىشىنى ھەل قىلغان بولاتتۇق.
        دوختۇرخانىلاردا يېتىپ،پۇلى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن،داۋاملىق داۋالىنىشقا ئامالسىز قېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەممىمىز ئازراقتىن ياردەم قىلساق،ئاشۇ كېسەل داۋاملىق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا شارائىت بولاتتى .بىر قېرىندىشىمىزنىڭ كېسىلىنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلساق،بىر ئائىلىدىكى ئەزالارغا ياردەم قىلغان بولاتتۇق.

    نىگارىم،تېمىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم. ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
        
        
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 12:34 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    ئۇيۇر
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31021
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    شۆھرەت: 59 نۇمۇر
    پۇل: 291 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    رەھمەت نىگار، بەك ئەھمىيەتلىك ئېسىل تېما يوللاپسىز، ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى، سىزدىن ھەم ئائىلەڭلاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، قەلىمىڭىز ھارمىسۇن!
                  
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:16 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    chinatelecom
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33398
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 355
    شۆھرەت: 355 نۇمۇر
    پۇل: 1256 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 350(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بەزى خانىم-قىزلىرىمىزغا ئامال يوق جۇمۇ...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 11:18 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    dilnuri
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24360
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 132
    شۆھرەت: 132 نۇمۇر
    پۇل: 525 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بۇ تىمىڭىزدىن بەك تەسىرلەنىم قىرىندىشىم.
    ئارتۇقچە ھەشەمەتچىلىك دىنىمىزدىمۇ چەكلەنگەن.
    مۇشۇنداق نادىر تىمىدىن بىرنى يازغىنىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم.
    ئاللا سىزگە ۋە سىزدەك خانىم-قىزلارغا تىخمۇ ئىنساپ ۋە ئىمان ئاتا قىلغاي.قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 11:31 AM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﺍﺷﻼﺭ ﺳﻮﺭﻭﻧﻰ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.056934(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-16 14:55
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号