چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 198 قېتىم كۆرۈلدى
atirgul627
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28722
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 673
شۆھرەت: 835 نۇمۇر
پۇل: 2910 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش..(ئەتىرگۈل627)

0



توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش




غەربنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەننى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ گاھىدا نادانلىق گاھىدا سەل قارىشىدىن خېرىستىيان ئەللىرىنىڭ دىنى ئېتىقادلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۋالغانلىقى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش.ئەنە شۇلار قاتارىدىن ئۇلارنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بايراملىرى ئەتراپىمىزدىكى تىلۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق تېخىمۇ زور مەزمۇنغا ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوغۇل - قىز پەرزەنتلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان شەھۋانى مەزمۇندىكى ئويۇن- كۈلكىلەر بار. روشەنكى، بىز بۇنىڭ دىنىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن دىنىمىز (ئىسلامنىڭ) نىڭ شەرئىي ئەھكاملىرىنىڭ قانداق بولىدىغانقىدىن غاپىل ھالدا يۈرىۋاتىمىز.

قىز - يىگىتلىرىمىز ئۆزلىرىنى پەرۋانە كەبى ئۇرىۋاتقان توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمى تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شەكىل ياكى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1-   بىر - بىرىنى قۇتلۇقلاش .

2-   تەبرىك كارتلىرىنى ئەۋەتىش .

3 -   بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر - بىرىگە ھەدىيە بىرىش .

4 -   مەيلى چاي يىغىلىشى ياكى كەچلىك غىزا بولسۇن، يىلدا بىر قېتىم زىياپەت بىرىش .

5  -   بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بالىلارغا ئۇيۇنچۇق ۋە تاتلىق - تۈرۈملەرنى بىرىش .

6 -   بالىلارنىڭ ھەرخىل تۈردىكى ئويۇنچۇقلارنى ئوينىشى.

7 -   بىر كۈن ئىشلىمەسلىك ، مەكتەپكە بارماسلىق.

8 - بىۋاستە تارقىتىلىدىغان تىلۋېزىيە پىروگراممىلىرىغا تىلفۇن قىلىپ، يېقىن تۇققانلىرىغا، دوستلىرىغا ناخشا- مۇزىكا ھەدىيە قىلىش .

9  -   توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەپ كېچىسى ئۇخلىماي چىقىش.

10  -  مېھمانخانىلاردا ، كەچلىك يېغىلىش زاللىرىغا بېرىش، ھەتتا بۇ خىل كۈن تېخمۇ بەكرەك داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان دۆلەتلەرگە سەپەر قىلىش... قاتارلىقلار.

بۇ پائالىيەتنىڭ ھەجمىنىڭ چوڭ- كىچىكلىگى، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاز - كۆپىلىگى بىلەن ھەر ئەللەردە قىسمەن پەرقلەر بولۇپ، بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىدە قىسمەن مۇسۇلمانلار توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمىنى ئىسلامدىكى قۇربان ۋە رۇزا ھېيىت بايراملىرىنىڭ ئالدىغا قويىۋالىدۇ. ئسىلامدىكى بايراملارنىڭ تەنتەنىسى توغۇلغان كۈن بايرىمىغا قارىغاندا ئەرزىمەس بىر ئىشتەك نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ... بۇ ئەھۋال ھەممە كىشىلەرگە مەلۇملۇق.

     بۇنىڭدىن 700 يىللار ئىلگىرى ئىبىن تەيمىييە بۇ ئىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇستاز مۇنتەسىر ئەززەييات «ئەررىسالە» دېگەن ژورنالدا (بايراملىرىمىز) دېگەن تىمىدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ، بۇ ئەھۋالدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىردى. ئۇ ماقالىسىدە ئەمىلىي كۆرۈنۇشىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ: « مىسىر خەلقى ئالەمچە شاتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان يېڭى يىل ۋە توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتى ... چىركاۋلارغا قانچىلىك ئىپتىخار تۇيغۇسى بېغىشلاۋاتقاندۇ؟!...»

ئۇستاز مۇنتەسىر ئەززەيياتنىڭ توغۇلغان كۈننى تەبىرىكلەش بايرىمىنى تەسۋىرلىگەن بۇ ماقالىسى بۇنىڭ ئەللىك يىللار ئىلگىرى يېزىلغان. ئەگەر ھازىرقىدەك تىلۋىزىيە، رادىئۇ ۋە ئىنتىرنتخانىلاردىكى توغۇلغان كۈن ۋە يىڭى يىلنى تەبرىكلەش بايراملىرىنى كۆرگەن بولسا، نىمىلەرنى يازاتتىكىن؟!!شۇڭا، بۇ بايرامنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش، قاتنىشىشلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى ئېنىق بەلگۈلىشىۋېلىشىمىز لازىم؛ بۇنىڭ كەينىدىن چېپىۋاتقان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قاتنىشىۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زىھنىدە ھازىرغىچە ئېنىق بولماي كەلگەن بۇ بايرامنىڭ ئېتىقادىي كىلىپ چىقىشىنى ئېنىقلىۋېلىشىمىز لازىم.

     ئېيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلغان كۈنى «كىرىسماس بايرىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بارلىق خىرىستىيانلار نەزىرىدىكى دېكابىرنىڭ 25 ـ كۈنىدۇر. بۇ پائالىيەتنى خىرىستىيانلار ئېيسا ئەلەيھىسسالام توغۇلغانلىقىنى يېڭىدىن ئەسلەش بايرىمى دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇ بىر خىل دىنىي ئەقىدە ۋە ئىبادەت ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار بۇ كۈندە چىركاۋلارغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس دۇئا - ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلايدۇ، يېرىم كىچە بولغاندا  بايرام ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلىدۇ، چىركاۋلارنى زىننەتلەيدۇ، قاتناشقۇچىلار توغۇلغان كۈن بايرىمى ناخشىسىنى توۋلايدۇ. بۇ بايرام بۇددىستلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىدىن خېلى كۈچلۈك ئوزۇق ئالغان، روملۇقلار نۇر ئىلاھىي ، ھوسۇل ئىلاھىي... دېگەنلەرنى تەبرىكلەيتتى. خىرستىيان دىنى رۇملۇقلارنىڭ رەسمىي دىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇھىم دىنى بايراملىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى. پادىشاھ نىكۈلاس بۇ بايرامدا ھەدىيەلەرنى تارقىتىشنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى، ئۇنىڭدىن ئاتا پوپ نويل نىكولاسنىڭ ئورنىدا باشقىلارغا - خۇسۇسەن كىچىك بالىلارغا - ھەدىيە تەقدىم قىلىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.(كاپىرلانىڭ بايراملىرى - ئىبراھىم ئەلھەقىل . 41- 42  بەتلەر)

شەرئىي ھۆكمى:

ئەمما بۇنىڭغا ھەر قانداق شەكىلدە قاتنىشىشنىڭ شەرىئەتتىكى قۇرئان، ھەدىس كۆرسەتمىلىرى، ساھابىلەرنىڭ بايانلىرى ۋە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كىلشى... قاتارلىقلارغا تايانغان ھۆكمى ھارامدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئۆلىمالارنىڭ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ۋە قاتنىشىشنىڭ ھاراملىقىغا دائېر يېزىغان كىتاپ- رىسالىرى، پەتىۋالىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ھەنەپىي ئۆلىمالىرىدىن مەشھۇر ئالىم ئەبۇ ھەفسىل بەستى مۇنداق دەيدۇ: « كىمىكى كاپىرلارنىڭ بايرىمدىنى قوتلۇقلاپ ، مۇشرىكلەرگە توخۇم كەبى بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا، ئاللاھقا كۈپۈرلۇق قىلغان بولىدۇ.» بۇ ھەقتە يەنە ئىبىن تەيمىييە، ئىبىن قەييۇم قاتارلىقلارنىڭ كىتاپلىرىدىكى مەخسۇس تىمىلاردىن باشقا، شەيخ ئىبراھىم ئىبىن مۇھەممەد ئەلھەقىيلنىڭ «كاپىرلارنىڭ بايراملىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا مەيدانى» ناملىق كىتاپلىرىمۇ بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

      بىز بۇ كۆزنەكتە شەيخۇل ئىسلام ئىبىن تەيمىييەنىڭ سۆزلىرىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، بۇ بايرامنىڭ ماھىيىتى ۋە شەرئىي ھۆكمىنى بايان قىلىدىغان بىر قىسىم پەتىۋالارنى تاللاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

      غايەت زور ھەجىمدىكى تىلۋېزىيە قاناللىرىنىڭ تەھدىدىگە، مۇسۇلمانلار ئارىسدا خىرىستىيانلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئۆزلىشىۋېلىش دولقۇنىغا ئۈچراۋاتقان بىر پەيتتە ياشاۋاتىمىز. مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان غەپلەت ئۇيقۇسى بىزنى تېخىمۇ جىددى ۋە سەمىمىلىك بىلەن پەرزەنتلىرىمىزگە يوقىرىدا بايانى كەچكەن ئىشىلارنىڭ ئارقا كۆرىنىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە يەرلىشىپ قېلىش خەۋپى كۆرىنىپ تۇرىۋاتقان بۇ خىل ھادىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىشىمىز لازىم. مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ھېيىت- بايراملىرىنى قەدىرلەش، دىنىغا، ئەقىدە - ئېتىقادىغا، ئۆرپ- ئادەتلىرىگە خاس بىر خىل ئالاھلىدىلىك شەكىللەندۇرۇش زۆرۈرىيىتى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز... مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان، ھەدىس ماھىيىتىگە مۇناسىپ چىن مۇسۇلمان بولشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىننى قەدىرلەش تۇيغۇسىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەلگە ئېشىشى ئىنتايىن زۆرۈر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مېڭىشقا، دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ۋە ئۇ ئارقىلىق دىنىمىزنى قەدىرلەش پۇرسەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلسۇن، ئامىن!


مەنبە: دارۇل ئىسلام تور بىتى.http://www.islamhouse.com/p/51640
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-15, 04:52
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-15 12:31 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
沙漠花
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 33478
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 150
شۆھرەت: 150 نۇمۇر
پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ياخشى تىمىكەن رەھمەت سىزگە
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 01:01 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
tograkjan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34945
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 116 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ئەسسىلام سۆيۈملۈك تورداش، سىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۈجىمەل مەزمۇندىكى ماقالىلارنى تورغا يوللىغىنىڭىزنى كۆرۈپ، سىزنى بىكار يۈرىدىغان ئادەممىكىن دەپ قالدىم، بۇنىڭدىن باشقا مول مەزمۇندىكى ماقالىڭىز يوقمۇ؟ ئەمدى بولدى قىلىڭ جۇمۇ!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 01:23 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3787
شۆھرەت: 3688 نۇمۇر
پۇل: 12094 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 319(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

بۇ مەزمۇننىمۇ بىلىۋالدىم.
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 01:40 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
atirgul627
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28722
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 673
شۆھرەت: 835 نۇمۇر
پۇل: 2910 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىtograkjanنىڭ2008-12-15 01:23 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
ئەسسىلام سۆيۈملۈك تورداش، سىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۈجىمەل مەزمۇندىكى ماقالىلارنى تورغا يوللىغىنىڭىزنى كۆرۈپ، سىزنى بىكار يۈرىدىغان ئادەممىكىن دەپ قالدىم، بۇنىڭدىن باشقا مول مەزمۇندىكى ماقالىڭىز يوقمۇ؟ ئەمدى بولدى قىلىڭ جۇمۇ!

  سىزنىڭچە مەن بۇ تېمىنى قىلىدىغان ئىش تاپالماي يوللاپتىمەن دە ، ماڭا بۇ تېما ياراپ قالغانلىقى ئۈچۈن دارول ئىسلام تور بېتىدىن باشقىلارنىڭمۇ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن يوللىدىم... ئەڭ ياخشىسى سىز ماڭا ئەمەس تېمىغا ئىنكاس يېزىشنى ئۆگىنىپ كېلىڭ  جۇمۇ ؟ يەنە كېلىپ مېنىڭ يوللىغان تېمام مۈجىمەل بولسا ،تېمامنى كۆرمەڭ!!!!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 02:30 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bislan
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34543
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 236 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 193(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 02:54 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
555rikabatqi
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 30086
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 460
شۆھرەت: 460 نۇمۇر
پۇل: 648 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 675 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 704(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىtograkjanنىڭ2008-12-15 01:23 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
ئەسسىلام سۆيۈملۈك تورداش، سىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۈجىمەل مەزمۇندىكى ماقالىلارنى تورغا يوللىغىنىڭىزنى كۆرۈپ، سىزنى بىكار يۈرىدىغان ئادەممىكىن دەپ قالدىم، بۇنىڭدىن باشقا مول مەزمۇندىكى ماقالىڭىز يوقمۇ؟ ئەمدى بولدى قىلىڭ جۇمۇ!

ماۋۇ نىمەدىگەن گەپبولدى بىر ئوبدان تېمىكەنغۇ تېمىدا دىيىلگىنى ئەمىلى تۇرمۇشۇمىزدا يۈز بىرىۋاتقان مەسىلىغۇ . بىركۈنى بىرسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پائالىيىتىگە بېرىپ قاپتىمەن ئۇلار مىنى ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بېرىشىمنى دەپتۇرىۋالدى ئاماليوق مەن سۆزنى مۇنداق باشلىدىم ،دوسلار مانچە يىل ئىلگىرى ئېكىسنىڭ ئانىسى مۇشۇ كۈن مۈشۇ سائەتلەردە ئېغىر تولغا ئازابى تارتىپ ئېكىسنى تۇغۇپ مانچە يىل جاپا تارتىپ قاتارغا قۇشۇپتۇ ئەسلىدە بىز ئېكىسنى ئەمەس ئاشۇ جاپاكەش ئانىنى تەبرىك لىسەك بولىتى ،
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 03:00 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
tudubak
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 33726
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 170 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىtograkjanنىڭ2008-12-15 01:23 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
ئەسسىلام سۆيۈملۈك تورداش، سىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۈجىمەل مەزمۇندىكى ماقالىلارنى تورغا يوللىغىنىڭىزنى كۆرۈپ، سىزنى بىكار يۈرىدىغان ئادەممىكىن دەپ قالدىم، بۇنىڭدىن باشقا مول مەزمۇندىكى ماقالىڭىز يوقمۇ؟ ئەمدى بولدى قىلىڭ جۇمۇ!

ۋاي بۇ ھەممىگە يارىغان تېما ھەجەپ سىلىگە يارىماي قاپتۇغۇ؟ سىلىگە ئىسلامدىن چەتنىگەن تېتىقسىز تېمىلار ياريدىغان ئوخشىمامدۇ؟دىيارىمغا ئەمدى ئەزا بولۇپ جىدەل چىكارغۇلىرى كەلگەن ئوخشايدۇ.. ئىنكاس -ئىنكاستەك بولسۇن ماقما؟بىراۋنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپنى قىلمايلى!
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 03:04 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
ansari
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1807
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 79 نۇمۇر
پۇل: 415 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 328(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

رەھمەت سىزگە .بىراۋلارنىڭ سۆزىگە پىسەنىت قىلماڭ
ئىت قاۋايدۇ ،كارۋان مىڭىۋىرىدۇ
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 04:22 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
tograkjan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34945
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 116 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

سەنلەر تېما دىگەن قانداق بولىدۇ بىلىشەمسەن؟ ئاتام زاماندىن قالغان كونا پەردە، كونا چىغىر يولدا مېڭىۋەرمەي، ھازىرقى رىئال تۇرمۇشىمىزدا كىشىنى بىزار قىلىدىغان ناچار ئادەت ھەققىدە سۆزلىسەك نىمەدىگەن ياخشى ھە؟ تۇغۇلغان كۈن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىدە بارمۇ؟ بىر ۋاق ئۆي تامىقىنى بىرگە يىسە ئىش تۈگەيدىغۇ؟ نىمە ئۇنى تېما دەپ كۈچەپ ئەۋزەيلەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ قىپقىزىل ساراڭلار مۇشۇنداق تېمىغا چاپلىشىۋالىدۇ............
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 05:10 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
مىسران
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 31338
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 598(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

دىققەت قىلساق بولغۇدەك. رەھمەت سىزگە!
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 05:19 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
ئاھۇ
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29693
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 298
شۆھرەت: 318 نۇمۇر
پۇل: 48 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 557(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

تېما ئىگىسى بۇ يەردە دەۋاتقىنى مەلۇم بىرسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەس،خىرىستىئانلارنىڭ دىنى بايرىمى بولغان روژدىستىۋو بايرىمى.بۇنى چۈشەنمەي قالغانلار باردەك قىلىدۇ.تېما ئىگىسى ئېيتقاندەك بۇ بايرامنى بەزى ئۇيغۇرلارمۇ قارىغۇلارچە ئۆتكۈزىدىكەن،ئۇلارغا بۇ دىگەن دىنى بايرام،بىز مۇسۇلمانلار ئۆتكۈزسە بولمايدۇ دىسەك،قىزىقچلىكىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويدۇق دەيدىكەن.ئۇنداق بولسىغۇ مەيلى لېكىن ئۆزلىشىپ ئادەتكە ئايلىنىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 05:37 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
adi0710
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29482
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 121
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
پۇل: 463 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

گەپ سۆزلىگۈچىدە ئەمەس ئاڭلىغۇچىدا . كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ مەزمۇنى ئوبدان كۆرۇپ ئاندىن ئىنكاس يازىلى قېرىمداشلىرىم . ئەينى يىللىرى ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە دەسلەپ خىزمەتكە چىققان چاغدا بىزمۇ ئايرىماي بايرام بولسىلا ئوتكۈزگەن ، ئەمدى توۋا خۇدايىم يۇزمىڭ توۋا دەپ ئولتۇرۇمىز . ھازىر قى ياشلار بىزدىنمۇ ئېشىپ كەتتى ، بەلكى ئاشۇ بايرام ئوتكۈزىدىغان مىللەتتىمۇ ئاشۇرۇپ بايرام قىلىدۇ ،ياشلار تورغا ئامراق ، شۇڭا   مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرۈپ ساۋاق ئالسا ئەجەپ ئەمەس . قىزىقچىلىق قىلدۇق دەپ ئاقىۋەت ئادەت بولۇپ قالسا ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەكمۇ قورقۇنۇشلۇق جۇما  ... .
بولسا ئۆزىمىزنىڭ نورۇز ، روزى ھېيت ، قۇربان ھېيتلىرىنى تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ، ئۆكۈنمىگۈدەك ئوتكۈزەيلى . ئۆزىمىزنىڭكىنى تاشلاپ قويۇپ ھەقنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزگەننىڭ نىمە ئەھمىيىتى ؟! خۇددى بىزنىڭ يوقتەك !!!
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 06:25 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
arkaksu66
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20449
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 194
شۆھرەت: 249 نۇمۇر
پۇل: 991 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 617(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىtograkjanنىڭ2008-12-15 01:23 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
ئەسسىلام سۆيۈملۈك تورداش، سىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۈجىمەل مەزمۇندىكى ماقالىلارنى تورغا يوللىغىنىڭىزنى كۆرۈپ، سىزنى بىكار يۈرىدىغان ئادەممىكىن دەپ قالدىم، بۇنىڭدىن باشقا مول مەزمۇندىكى ماقالىڭىز يوقمۇ؟ ئەمدى بولدى قىلىڭ جۇمۇ!


سىزنىڭچە ھەممىمىز شالغۇتلاشقان تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئۆزىمىزنى ئۇنۇتقان ھالدا خىرىستىيان ياكى باشقا بىر يات قەۋمنىڭ رولىنى راسا قاملاشتۇرۇپ ئېلىپ،ھە دىسە تۇغۇلغان كۈن دەۋاسى بىلەن ئۆتۈۋەرسەك،  ئاچا- سىڭىللىرىمىزنىڭ ئاشۇ تۇغۇلغان كۈن بەزمىلىرىدە ئوينىغان  يالىڭاچ ئۇسۇللىرىدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇرىۋەرسەك  ، ئانىمىزنىڭ بىزنى تۇغقان كۈنىنىڭ قايسى يىل ، قايسى ئاي ، قايسى كۈن ئىكەنلىكى ئېسىمىزگىمۇ كەلمىسە، تاپقان - تىككەنلىرىمىزنى سەرپ ئېتىپ بەزمە - مەشرەپ بىلەن ياشىساق، بىزىدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا تۇغۇلغان كۈن ئۇدۇم بولۇپ، بۇ ئۇدۇمنى ھەرقايسى ھېيت - بايراملىرىمىزنىڭ ئورنىغا موككىدە دەسسىتىپ.... ئۆتسە ئاندىن مۈجىمەل ئەمەس، مۇكەممەل بولارمىدى؟! شۇ چاغدا قىلىدىغان ئىشقا ئېرىشكەن ، بىكار قالمىغان بولارمىدۇق؟!
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 10:56 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
arkaksu66
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20449
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 194
شۆھرەت: 249 نۇمۇر
پۇل: 991 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 617(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

Quote:
بۇ مەزمون9قەۋەتتىكىtograkjanنىڭ2008-12-15 05:10 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
سەنلەر تېما دىگەن قانداق بولىدۇ بىلىشەمسەن؟ ئاتام زاماندىن قالغان كونا پەردە، كونا چىغىر يولدا مېڭىۋەرمەي، ھازىرقى رىئال تۇرمۇشىمىزدا كىشىنى بىزار قىلىدىغان ناچار ئادەت ھەققىدە سۆزلىسەك نىمەدىگەن ياخشى ھە؟ تۇغۇلغان كۈن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىدە بارمۇ؟ بىر ۋاق ئۆي تامىقىنى بىرگە يىسە ئىش تۈگەيدىغۇ؟ نىمە ئۇنى تېما دەپ كۈچەپ ئەۋزەيلەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ قىپقىزىل ساراڭلار مۇشۇنداق تېمىغا چاپلىشىۋالىدۇ............


قارىسام « دىيارىم مۇنبىرى» دە  تېمىنىڭ نىمىلىكنى بىلىدىغان، تازا ئاپئاق، ئوڭراق ،ئادەمدىن
بىر سىزلا قالغاندەك قىلىسىز. بولسا ھەممىمىز 4- دوختۇرخانىغا بىر بېرىپ كەلسەك بولغۇدەك جۇمۇ ....
ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز يېپيېڭى يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولدا كېتىۋاتقاندەك قىلىسىز، سىز ئاشۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولىڭىزدا   مېڭىۋېرىڭ! ئاق يول بولسۇن....
[ بۇ يازما arkaksu66 تەرپىدىن2008-12-15 11:07 PMدە ق ]
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 11:00 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.052877(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-16 18:02
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号