چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 76 قېتىم كۆرۈلدى
romantikuy
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34940
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 110 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 بۆرە خىسلىتى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى yarken بۇ تېمىنى ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-15)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ...
بەلكىم نۇرغۇن دوستلار بۆرىگە ئامراق بولشى مۇمكىن ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ...
"بۆرىنىڭ خىسلىتى" دېگەن كىتاپنى ئوقۇغاندىن كىين بىر ئاز جەۋھەرلىرىنى كۆپچىللكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم ، بۇنى ئوقۇغاندىن كىيىن بۆرىنىڭ خسلىتىدىن ئازىراق يۇقسا ئەجەپ ئەمەس ...


بۆرە ئائىلىسىنىڭ ئېتىقادى
كۈچلۇكلەر مەۋجۇت بولۇش
مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىق
ھەممە بىر نىيەتتەبولۇش
مېھىر-شەپقەتلىك بولۇش
ھېرىسمەنلىككە تولغان بولۇش
جەبىر-جاپادا ئۆرىگە مەدەت بېرىش
خاسلىققا ئىلھام بېرىش
سىردىشىشقا ماھىر بولۇش
ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇش


ئىخلاسمەنلىك ، بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش قازىنالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ھسابلىنىدۇ . پۈتۈن زېھنىنى بىرەر نىشانغا يىغىپ ، ئاشۇ ناشانغا يېتىش ئۈچۈن ئېگىلمەي-سۇنماي ئېلىشىش ، ئىنسانلارنىڭ بۆرىدىن ئۆگىنىشىگە تېگىشلىك مۇھىم ئامىلدۇر .

نۇرغۇن كىشىلەر بىر قېتىم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى مەغلۇبىيەتلىك ھاياتىمنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ . بىراق بىز بۆرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت يېڭى بىر ئېلىشىشنىڭ باشلنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز .

بۆرە ئائىلىسى مەغلۇبىيەت ئالدىدا ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەيدۇ ، ۋايسىمايدۇ ياكى باش ئەگمەيدۇ . بۆرىلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا مەيۈسلەنمەيدۇ بەلكى ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن رۇسلاپ ، كۆز ئالدىدىكى ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتايدۇ .

ئوڭۇشسىزلىق ھەتتا مەغلۇيىيەت ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس ، قورقۇنچلۇقى - ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن كېيىن نىشانىدىن ۋاز كېچىش .

قەتئىى ئىرادە ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەمەس . ئۇ ، بىر قېتىم ، بىر قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك ئالغا ئوقتەك ئېتىلىش .

ئادەم ئوڭۇشسسزلىقنى مەغلۇيىيەت دەپ قارايدۇ ، بۆرە بولسا ئۇنى پاراسەتكە ئايلاندۇرالايدۇ .

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بىخ مەزگىلىدىكى سەۋەنلىك ، ئىشنىڭ توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بېرىلگەن سىگنال ھېسابلىندۇ . ناۋادا بىرى باشتىن - ئاياغ ئىنتايىن ئاز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا ، بۇ ھال ئۇنىڭ ئىجادچانلىقىنڭ ئېنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ .

خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش كۈچۈڭنى ئاشۇر . بۇ ئىقتىدار ھەممە ئادەمدە بولغىنى بىلەن ئۇنى داۋاملىق ئىشقا سىلىپ تۇرمىسا ئاجىزلاپ كېتىدۇ . شۇڭا بىر سوتكىدا بىرەر قېتىم تەۋەككۇل قىلىشنى تۇرمۇشىڭنىڭ موھىم نۇقتىسىغا ئايلاندۇر .

مەغلۇبىيەتنىڭ مۇنداق ئىكككى خىل پايدىسىنى ئۇنۇتما : بىرى ، ناۋادا سىناقتا مەغلۇپ بولساڭ ، قايسى يولدا مىڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالىسەن ؛ يەنە بىرى ، مەغلۇبىيەت ساڭا يېڭى - يېڭى سىناقلارنى ۋۇجۇدققا چىقىرىش پۇرسىتى بېرىدۇ .

ئادەم گەرچە «جانلىقلارنىڭ ئاقىلى » دېيىلسىمۇ ، لېكىن ئەتراپىمىزدا ئۆرىنى چۈشەنمەيدىغانلار ساماندەك . ئۇلار ياكى ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى يوق كىشىلەر ياكى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغانلار ياكى ئۆزۈمنى چاغلىيالماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن ، بورىغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن دېگەندەك ئۆزىنى چاغلىيالماي زىيان تارتىدىغانلار ۋە ياكى قىزىقىش جەھەتتە شاختىن شاخقا قونۇپ ئۆمرىنى بىھۇدە ئىسىراپ قىلىۋېتىدىغانلاردۇر .

ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلىش - بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى ، ئائىلىدە بەختلىك بولۇش - بولالماسلىقى ، بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىق ۋە كۈتۇلمىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش - ساقلىنالماسلىقىغا بىرىپ تاقىلىدىغان ئىش . دېمەك ئۇ ، بىر ئادەمگە ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولىدىغان يۈكسەك تېما شۇنداقلا ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى موھىم شەرتتۇر .

مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىلاردىن بولىمەن دېگەن ئادەم موھىتنى گويا بۆرىدەك كۆزىتىش ئىقتىدارى بولۇشى ، ئاددىي تەبىئەت دۇنياسىدىن ھەيران قالارلىق نەرسىلەرنى بايقاشنى ئۆگىنىشى ، باشقىلار دىققەت قىلمىغان ئىنچىكە نۇقتىلارنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ ، خىرىدارلارنىڭ يۈرلۈك ئېھتىياجلىرى ۋە خادىملارنىڭ خىلمۇخىل يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقاپ ، كەسىپنى روناق تاپقۇزۇشتا ئەپچىل پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك .

بۆرە ئائىلىسى دۇنيادىكى بىردىنبىر تۇراقلىق نەرسنىڭ دەل « ئۆزگىرىش » قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى ئادەملەرگە قارىغاندا ئوبدان بىلىدۇ . بۇ قانۇنىيەت بۆرىلەردىن ئاجىزلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ ، كۈچلۈكلەرنى شادلاندۇىدۇ . چۇنكى ئۆزگىرىش دەقىقىلىرىدە دۇنيا دەل كۈچلۇك بۆرىلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ . ئىنسانلار جەمئىيىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ . ئاەتتە سودىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىزىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ . بۇ ھال كىشىلەردىن ۋەزىيەتنى ئىزچىل تۈردە ئنچىكە تەھلىل قىلىپ ، ئۇ ھەقتە توغرا يەكۈن چىقىرىپ ، شۇنىڭغا مۇناسىپ تىجارەت تاكتىكىسى ۋە تەدبىرى قوللىنىش ئارقىلىق ، ئۆزگىرىشكە پەرۋا قىلماي ، ئۆزگىرشنى تەھلىل قىلىش ۋە شۇ ھەقتە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا سەل قاراپ ،كونا قېلىپ ، كونا تىجارەت ئۇسۇلى ۋە ئەندىزىسى بويىچە ئۆزۈڭ بىلگەنچە ئىش كۆرسەڭ ، ئۇ تىجارەتتىكى مەغلۇبىتيىڭ بىلەن نەتىجىلىنىدۇ .

بۆرىلەر توپىدىكى ھەر قانداق بۆرە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كەلسە - كەلمەس تالىشىۋەرمەيدۇ ، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ شۇ توپتىكى رولىدىن مەمنۇن بولۇپ ، باشقىلار بىلەن ئەڭ ياخشى ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىدۇ .

«كوللېكتىۋىزملىق روھ » - خۇددى ئاش بىلەن نانغا ئوخشاش ھەر قانداق چاغدا ئويلىنىشقا يېگىشلىك تېما . بىراق ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان ئادەم چىقمىسا ، ئىنسانلار كوللېكتىپى «بۆرىلەر توپى» غا ئەمەس ، بەلكى «قويلار پادىسى » غا ئوخشاپ قالىدۇ .

پەقەت شەخىسنىڭ خاسلىقىغا مەدەت بىرىپ ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سالغاندىلا ، كوللېكتىپ مەڭگۈلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ ؛ پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ ، پەرقلەر ئارا ئورتاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئاندىن كوللېكتىپ يېخىمۇ كۈچىيىپ ۋە كامال يېپىپ ، توسقۇنسىز بىر گەۋدىگە ئايلىنالايدۇ .
توپتىكى بۆرىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئائىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ . كارخانا خادىملىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خادىملاردا كارخانىغا بولغان ساداققەت ۋە كەسپىي ئەخلاقنى يېتىلدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ، ھەر قانداق كارخانىدا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسلىدۇر .

بۆرىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ئاجايىپ بولىدۇ . ئۇلار ، « بۇ دۇنيادا ئىرادەڭنى ھىچقانداق نەرسە نابۇت قىلىۋېتەلمەيدۇ . شۇڭا جۈرئىتىڭ تىشىپ تۇرسا ، ئۆز تەقدرىڭنىڭ ئىگىشىگە ئايلىنالايسىەن ؛ ناۋاد جاسارەتسىز بولساڭ ، ئۆزۈڭنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ قالىسەن ! » دېگەننى ئوبدان بىلىدۇ .
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-15, 04:51
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-15 12:25 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
gulemhan
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33860
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 203 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 11:12 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
chinatelecom
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 33398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 355
شۆھرەت: 355 نۇمۇر
پۇل: 1256 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 350(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

مەن بۆرىگە بەك ئامراق،رەھمەت، بۆرە كەلدى...
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 11:28 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.052372(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-16 17:58
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号