ئوت يۇرەك يازغۇچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ﺗﺎﻻﻧﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭﯨﺲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﺌﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
1916 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪﻱ(ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻤﭙﯩﻼﺗﻨﯩﺴﻜﻰ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﯘ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ " ﺳﯘ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ"، "ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﯘﻥ ﺟﻮﯕﺸﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺩﯦﻤﯘﮔﯩﺮﺍﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻓﯩﺌﻮﯞﺩﺍﻝ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.
1923 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪﻧﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭘﻮﺷﻜﯩﻦ، ﻟﯧﺮﻣﯘﻧﺘﻮﯞ، ﺗﻮﻟﻮﺳﺘﻮﻱ ﯞﻩ ﮔﻮﺭﻛﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺪﯗ. 1926 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺟﯘﺭﻧﺎﻝ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺲ ﻳﺎﯓ ﺯﯨﺸﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﯧﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯜﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺧﯘﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1927 - ﻳﯩﻠﻰ" ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ" ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﻠﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ "ﮬﯚﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ"، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯘﯞﯗﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ....
ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 1932 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﺋﺎﻳﺪﺍ"ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ"، "ﺋﺎﭼﯩﻞ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﻜﻪ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
1932 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ 1933 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯖﺸﯩﺴﻪﻱ 1933 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﺑﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﻪﯕﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻱ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ "ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ!"، "ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ!" ﺩﻩﭖ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ....
ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ (ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ)
ﺋﻪﻱ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻘﯘﯓ ﻳﯧﺘﻪﺭ،
ﺳﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺟﺎﻥ ﻛﯧﺘﻪﺭ.
ﺑﯘ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﺎﺯﻣﯩﺴﺎﯓ،
ﺋﺎﮪ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﯔ ﺧﻪﺗﻪﺭ، ﮬﺎﻟﯩﻖ ﺧﻪﺗﻪﺭ.
ﻗﻮﭖ، - ﺩﯦﺪﯨﻢ، ﺑﯧﺸﯩﯔ ﻛﯚﺗﻪﺭ! ﺋﯘﻳﻘﯘﯕﻨﻰ ﺋﺎﭺ!
ﺭﻩﻗﯩﺒﯩﯔ ﺑﺎﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﺱ، ﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﭼﺎﭺ!
ﻛﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴﺎﯓ،
ﺋﯚﻟﯩﺴﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ.
ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺗﯧﻨﯩﯔ،
ﺷﯘﯕﺎ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻏﯧﻤﯩﯔ؟
ﻗﯩﭽﻘﺎﺭﺳﺎﻡ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻳﻼ ﻳﺎﺗﯩﺴﻪﻥ،
ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻤﺎﻱ، ﺋﯚﻟﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯘ ﺳﻪﻥ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﯩﯔ؟!
ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺑﺎﻕ،
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻼ ﺋﯘﺯﺍﻕ.
ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ،
ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻙ ﺋﯩﺸﯩﯔ ﭼﺎﺗﺎﻕ، ﺋﯩﺸﯩﯔ ﭼﺎﺗﺎﻕ.
ﺋﯧﭽﯩﻨﺎﺭ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯗﻡ،
ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻢ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ، ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻢ.
ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﮬﺎﻟﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺴﺎﻡ ﺳﯧﻨﻰ،
ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯔ؟
ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ،
ﺗﻪﻛﺘﯩﮕﻪ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺴﻪﻥ.
"ﺧﻪﭖ!" ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺋﯘ ﭼﺎﻍ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻱ ﻗﺎﻻﺭ،
ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ.
ئايرىلمىغىل ھىممىتىڭدىن،غەيرىتىڭدىن ئول،ۋەلىكىن قايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەرۋەلىكىن قايرىلمىغىل.
مائىنىڭ كۆپ بولسىمۇ،قورقماي ئۇرۇپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇتاش،دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.
ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە،ياغەرىق بول،تاپ گۆھەر،
شىرنە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.
تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ،سەككىز تەرەپ تىغ كەلسە،
ئېلىشىپ قانغا بويال،نومۇسنى ھەرگىز سانمىغىل.
كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇنىچۈن بولغاي كىيىن دەپ،يوق خىيالغا قالمىغىل.
سەن ۋەتەن-مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسۇر،ئالى نىشان،كۆلچەك-بۇلاققا قانمىغىل.
ئابدۇخالىقنىڭ سۆزىن سەن بىئېتىبار بىلىپ ،
ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازاپقا سالمىغىل.
ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ
ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ،ﻳﻮﺭﯗﻣﯩﻐﺎﻥ ﺯﯗﻟﻤﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ،
ﺑﺎﺳﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.
ﺋﻪﻱ ﭘﻪﻟﻪﻙ،ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﻪﺭﺥ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺭﺍﯞﺍﻥ،
ﻳﻮﻝ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﯘﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.
ﻧﻪﻩ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﺑﺎﺭﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ،
ﮬﺎﺭﺩﯗﻗﻰ،ﺗﯩﺒﯩﺒﻰ ﻳﻮﻕ،ﺩﻩﺭﺗﻠﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.
ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭ،
ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻡ ﻗﻪﻟﺒﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺭﺍﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.
ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻞ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﮬﯧﭽﻜﯩﺸﻰ،
ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﮕﻪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.
ﭼﻪﺭﺧﻰ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ،
ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﭼﻪﺭﺧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ زﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.
ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﻛﻮﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﮬﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﺎ- ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻼﺭ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﺧﺘﺎﻱ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ
ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ، ﺳﯘﻣﺒﺎﺗﻠﯩﻖ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯﺋﻮﺗﺘﻪﻙ ﻳﯧﻨﯩﭗﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﻪﭘﭽﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﮔﯜﻟﺪﻩﻙ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ 13 ﻣﻪﺳﯜﻡ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻮﻣﺎﻕﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﻪﺗﺘﻰ، ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﻛﯜﭺ-ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻜﻪ ﺗﻮﻻﺗﺘﻰ.... ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰﺟﯩﺴﺎ ﯞﻩ ﺳﻮﭘﻰ، ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ، ﭘﺎﺭﺗﺎ- ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﮬﻪﻣﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﮬﯧﺴﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺯﯗﭘﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﺪﻩﯕﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﺘﻰ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮬﯧﺴﺎﺏ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ، ﮬﯚﺳﻨﯩﺨﻪﺕ، ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﺩﯨﻦ ﺩﻩﺭﺳﻰ، ﺋﻪﺳﺮﻯ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﻳﺎﺵ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﯞﻩ ﭼﯜﭼﯜﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﭼﺎﯕﯩﻠﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﻰ ﭼﻪﺕ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﯘﭼﯘﯓ، ﭘﯩﭽﺎﻥ، ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﻪ، ﺗﻮﻗﺴﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﻨﺎﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﯞﺍﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺟﺎﻥ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﺘﻰ. ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ 2- ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﭗ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﯩﻤﯩﻨﺎﺳﺘﯩﻜﺎ، ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ، ﺩﯨﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯩﺰﯨﻘﺴﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﭼﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩﺧﯧﻴﯩﻤﺨﻪﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ، ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﻪﻙ ﺭﻭﮬﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺭﻭﮬﺩﯦﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯧﻴﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ، ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺑﺎﻏﭽﺎ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺳﺎﯞﺍﺑﻠﯩﻖﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﻳﯚﻟﯩﮕﻪﻱ!
ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺳﺎﯕﺎ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ،
ﻗﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﯜﭼﻰ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ.
ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎﻥ،
ﯞﻩ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭺ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ.
ﺗﯩﻨﭻ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻘﯩﺮ-ﭘﯘﻗﺮﺍ،
ﺳﻪﺑﯩﻲ ﻣﻪﺳﯘﻡ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﻧﻰ.
ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ،
ﭼﺎﭼﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ.
داۋامى بار !
[ بۇ يازما .kuraxjan. تەرپىدىن2008-12-15 06:28 PMدە ]