نۆۋەتتە ئىشسىزلىق ھەممە ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. مەن تۇرۇپلا خىزمەت ئىزدەپ يۈرۈۋاتقانلار ئۈچۈن ئويلىغانلىرىمنى تەكلىپ يۈزىسىدىن سۇنۇپ باققۇم كەلدى. سىز قىلالايدىغان ئىشلار.
1- تاماقنى تېز يەتكۈزۈش. ( ياخشى تەملىك تاماقنى خىزمىتى جىددىي بولۇپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلالمايدىغانلارغا يەتكۈزۈش)
2- دائىملىق تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى مەھەللىلەرگىچە ھارۋىدا ( يايما شەكىللىك) ئاپىرىپ سېتىش.
3- كومپيۇتېرنى ئائىلىلەرگىچە بىرىپ رىمۇنت قىلىش.
4- ئۇششاق يىمەكلىكللەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا پىشۇرۇپ سېتىش. مەسىلەن ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر تاتلىق ياڭيۇ، توخۇ گۆشىنى ( پارچىلاپ) تونۇردا پىشۇرۇپ سېتىۋاتىدۇ.
5- بىزدە ياڭاق مېغىزىنى شىكەر قىيامىدا قاتۇرۇپ ياسايدىغان «ياڭاق ھالۋىسى» دەيدىغان بىر يىمەكلىك بار، بۇنى خالتىلىق قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ.
6- شىكەر قىيامىدا ياسىلىدىغان «ئەدرەك» دەيدىغان يىمەكلىك بار، بۇنى خالتىلىق قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ.
7- يەرلىك ئاق گازىرنى قورۇپ ساتىدىغانلار ۋە بۇنىڭ خىرىدارلىرى ھېلىمۇ كۆپ، بۇنى خالتىلىق قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ.
بۇلار ھېچبولمىغاندا بۇلارغا ئوخشاش يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىشىڭىزگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.
«پۇت يۈگۈرىكى ئاشقا» دېگەن گەپ بار، ھالالللىق بىلەن پۇل تاپىدىغان ئىشنىڭ ئىگىز-پەسلىك پەرقى يوق.Quote:
بىزدە تىجارەت قىلىشتا مۇنداق بىر ئادەت بار. مەلۇم بىرسى بىر خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تىجارىتى روناق تاپسا دەرھال شۇ خىل تىجارەتنى قىلىشقا تۇتۇش قىلىمىز ھەتتا شۇ كىشىنىڭ دۇككىنىنىڭ يېنىغىلا ئوخشاش تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇككاندىن بىرنى ئاچىمىز. بۇنى پۈتۈنلەي خاتا دېگىلى بولمايدۇ، بىزنىڭ شۇ خىل تىجارەتتىكى ئىقتىدارىمىز باشقىلاردىن يۇقۇرى بولسىغۇ بۇ باشقا گەپ ئەمما ئۇنىڭدەك قىلالمىساقچۇ؟ ئاقىۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنىمۇ باشقىلارنىڭ ئىشىنىمۇ ئاقسىتىپ قويىمىز، ھەتتا ئىككىلا تەرەپكە زىيان بولىدۇ.
تۈنۈگۈن بىر شىم سېتىۋېلىپ ( ھېيت يېقىنلىشىپ قالغاچقا تىككۈچىلەر ئىش ئالمايتتى) ئايىغىنى بۈكتۈرۈشنىڭ غىمىنى قىلىپ قالدىم، قارىسام شىم ساتىدىغان بالىنىڭ يىنىغىلا بىر بالا مەخسۇس شىمنىڭ ئايىغىنى بۈكۈش ئورنىدىن بىرنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ بىر شىرە ۋە بىر كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى قويۇپ بىر دۇككانچاق قىلىۋاپتۇ، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش شىم سىتىۋالغانلار ئۇيان-بۇيانغا قارىمايلا شۇ بالىنىڭ دۇككىنىغا بېرىپ ھاجىتىمىزنى راۋا قىلىۋالدۇق.
شۇڭا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاياق دۇككىنىنىڭ يېنىغا پايپاق دۇككىنى ئېچىش، سۈرەتكە تارتىش دۇككىنىنىڭ يېنىغا سۈرەت يۇيۇش ئورنى ئېچىش، كەكە-پىچاق دۇككىنىنىڭ يېنىغا كەكە-پىچاق چاقىلاش دۇككىنى ئېچىش، پوچتىخانىنىڭ ئالدىغا سالام خەت يازىدىغان دۇككان ئېچىش، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا ئەرزنامە يېزىش دۇككىنى ئېچىش ئاقىلانىلىق دەپ قارايمەن.
مەن بۇنى ئەسلى ئىنتىل سەيناسىغا يوللاپ، ئىنكاسلارنى رەتلەپ يادىمدا تورىغا تەۋسىيە قىلغان ئىدىم. بەزى دوستلىرىمىزغا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ يوللاپ قويدۇم.