بۇ ھەقىقى بولغان ۋەقە ، شۇڭلاشقا قالايمىغان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن رەھمەت. (1) سالام خەت
ئەسسالام، چىمەن، سالامەت تۇرىۋاتامسەن؟
بىز كۇرۇشمىگىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ، سەن يەنىلا شۇ ئۆيدىن سىرىتقا چىقماي بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە ياشاۋاتامسەن، جىمجىت ئۆي ، بىر خىل مۇھىت، زىرىكىشلىك كۈنلەر، تۆت تام سىنى يەۋاتامدۇ. بىز توي قىلىشتىن بۇرۇن دائىم سەن ماڭا شۇنداق دەرىدىڭنى ئېيتىپ بىرىدىغان، بىراق ھازىر ئوخشىمايدۇ، چۇنكى سەندە مەندە يوق يەنە بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ قىزىمىز . ماڭا قىزىمنى كۆرمىگىلى يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق بۇپتۇ، چىمەن، قىزىمىزنىڭ سىنىڭ قىشىڭدا بولغىنىدىن بەزىدە بەك خاتىرجەم بۇلۇپ قالىمەن، ھەم بەزىدە بەكلا يۇرەكلىرىم ئېچىشىپ كىتىدۇ، نارىسدە قىزىمىز بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپلا يېتىم بۇلۇپ قالدى، ھەتتاكى ئۆزىنىڭ دادىسىنى تۇنۇمايدۇ، ئۆمرۇمدە بالىسىنى يېتىم قىلغان ئادەم بىلەن خوشۇم يوق ئىدى، ئىزچىل شۇنداق دوسىتلىرىم، ھەم تۇنۇشلىرىمغا تەربىيە قىلىپ، نەسىھەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم. ئەپسۇس ئۇ ئىشنىڭ ئۆزۇمنىڭ بېشىغا كىلىپ قىلىشىنى نەدىن بىلەي، مانا ئەمدى ئۆزۇمنىڭ بېشىغا كەلگەندە بولسا يىپى ئۇزۇلگەن لەكلەك كەبى ھەر يەرلەردە سەرسان- سەرگەردان بۇلۇپ يۇرۇۋاتىمەن، تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇنلىغان سىرلىرىنى بىلدىم، دەھشەتلىرىنى چۇشەندىم، چىدىغۇسىز خورلۇقلارنى كۆردۇم، نەچچە كۈنلەپ ئاچمۇ قالدىم، ياتىدىغان يەر يوق، ئۆرۇمنىڭ قارا قىشلىرىدا سوغوقتىن پاناھ بولغۇدەك كۆۋرۇكنىڭ ئاستىلىرىدا، ياكى دەرەخلىكلەردىمۇ قانچە كىچىلەرنى ئۆتكۇزدۇم، لىكىن ئۆيگە قايتىش خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىدى. پەقەت شۇنداق چاغلاردا ياراتقان ئىگىمىزنى ئويلىدىم ھەمدە شۇكىرى دىدىم. جاپالىق كۈنلەرمۇ تۈگىدى، خاتىرجەم ئازادە ياشاش، ئىشلەش پۈرسىتىگىمۇ نائىل بولدۇم، بۇ چاغلاردىمۇ يەنىلا شۇكىرى دىدىم. بىراق ئىشلىرىم قانچە ياخشى بۇلۇپ يۇرۇشكەنسىرى ئىچ- ئىچىمدىن بىر ھەسرەت مىنى ئازاپلايدۇ، خوشاللىقىمنىڭ پىيىنى قىرقىيدۇ، يۈرىكىمنى خوددى قوقاستا پۇچىلىغاندەك تىپىچەكلىتەتدۇ، ئىش ۋاقتىدا مەن پۇتۇن زىھىمنى خىزمەتكە، قىلىۋاتقان ئىشىمغا مەركەزلەشتۇرۇۋالىمەن، ئاخشىمى بولسا ئۆزۇمنىڭ شۇنچە ھېرىپ، نىرۋىلىرىمنىڭ قانچە چارچاپ كىتىشىدىن قەتئى نەزەر، يەنىلا ئاشۇ ھەسرەت مىنىڭ ئۇيقۇمنى قاچۇرۇپ، مىنى ئاشۇ ئاچچىق ئەسلىمىلەر قوينىغا سۆرەپ ئاپىرىدۇ.
كۆپ ئويلاندىم، مەن ساڭا ئىرىشىپ تېخى خوشاللىق تاپالمىدىم، سەندىن ئايرىلغاندا بولسا تېخىمۇ ئازاپلىنىۋاتىمەن. بۇ ھالنىڭ قاچانغىچە داۋام ئىتىشىنى بىلمىدىم، بىراق ئۆزۇم سۆيگەن، ئۆزۇم ياخشى كۆرگەن ساڭا دەردىمنى تۆككۇم كىلىپ ساڭا بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بەلكىم ھاياتنىڭ سەن بەھرىمان بۇلۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن جايلىرى تېخچە سىنىڭ كىلىشىڭنى كۇتۇۋاتقاندۇ، سەن مىڭىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن يوللار سىنىڭ مىڭىشىڭنى كۇتۇۋاتقاندۇ، يەنە ئاللا قانداقتۇر بەخىتلەر، خوشاللىقلار، خاتىرجەم، ئەركىن- ئازادە تۇرمۇش ھەم سىنىڭ كىلىپ ياشىشىڭنى كۇتۇۋاتقاندۇ، ساڭا ئاخىرقى سۆزۇم : ئۆزۇڭنى قەدىرلىگەندەك باشقىلارنىمۇ قەدىرلە، ئۆزۇڭنىڭ مۇھەببىتىڭگە قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىڭنى ئەمەس قارشى تەرەپنىڭ سەن ئۇچۇن مۇھەببىتىڭ ئۇچۇن قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بەكىرەك ئويلا، سىنىڭ ھاياتىڭدا ئەڭ دېققەت قىلدىغان نوقتاڭ شۇكى: قارشى تەرەپكە مەيلى ئاچچقىڭ كەلسۇن، ياكى سىزىك ۋاقتى بولسۇن، ۋە ياكى خوشال بولغان چاغلار بولسۇن، ئاغزىڭدىن چىققان گەپكە دىققەت قىلغىن. خېتىم تامام قىزىمىز ئاينىگارنى مەن ئۇچۇن سۇيۇپ قوي، ئاللاھ ئۇنى ھەم سىنى ھەممىزنى ئامان قىلسۇن.
ئاللاھقا ئامانەت
چىمەن بۇ خەتنى يۇم- يۇم يىغلاپ تۇرۇپ ئۇقۇپ چىقتى، ئۇقۇپ بۇلۇپ ئۇخلاپ ياتقان قىزىنى باغىرىغا بىسىپ شۇنداق يىغلاپ كەتتى، قىش كۈنلىرى بولغاچ ئۇنىڭ يېشى قىزىنىڭ بەدىنىگە چۇشۇپ كىتىپ قىزى ئويغىنىپ كەتتى، ئاندا- ساندا تىلى چىققان ئاينىگار بولسا ئانا شىز يىغياپشىزغۇ، شىزگە يىمە بويدى دەپ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۇرتۇپ، خۇددى قېرى ئادەمدەك ئانىسىنى قوچاقلىدى.
چىمەن ئاستا يىغىدىن توختىدى، بالام ماڭا ھىچنىمە بولمىدى، سىز ئۇخلاڭ بىللە ئۇخلايلى دەپ قىزىنى ئۇخلىتىشنىڭ كۈيىغا كىردى، ئەگەر يەنە ئازىراقلا يىغلىسا قىزىنىڭمۇ تەڭ يىغلاپ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئويغىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاينىگارنى باغرىغا بىسىپ خيالغا چۆكتى، ئۇنىڭ خيال كەپتىرى ئۇنى ئۇقۇغۇچىلىك دەۋىرىگە ئېلىپ كەتتى.
(2) بالىلىق
چىمەنىنىڭ دادىسى ئۆزىنىڭ يۈرىتىدا خېلى نامى بار قاسساپ ئىدى، بالىسىنىڭ چوڭى ھەم قىز بولغانلىقى ئۇچۇنمىكىن چىمەنگە ھەدىدىن زىيادە ئامراق ئىدى، قىزىنىڭ كىچىك بۇلۇشىغا قارىماي نەگىلا بار ئېلىپ باراتتى، يېنىدىن پەقەتلا ئايرىمايتى، چىمەنمۇ دادىسىغا ھەم ئامراق ئىدى، ئاپىسى بولسا رايىش ئائىلە ئايالى ئىدى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يېزىنىڭ ئۇلاغ بازىرى ( كالا- قوي) بازىرىنىڭ يېنىدىلا ئىدى، بازار كۈنلۈكىدە ئاتا- ئانىسى تىجارەت ئۇچۇن بازارغا چىقىپ كەتكەن چاغلاردا چىمەن مەھەللىسىدىكى ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بالىلار بىلەن بىللە ئويناپ ئۇسۇپ چوڭ بولدى، ئۈ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان چاغلاردا دادىسىنىڭ تىجارىتى تازا گۈللىگەن چاغلار ئىدى، ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئۆيدە 50، 60 كالا، بىرەر يۇز قوي بارلا بار ئىدى، ھۆنەر ئۈگىنىدىغان شاگىرتلار كالا- قويلارغا يەم بىرىپ، ئۇنىڭدىن بىكار بولسا، شۇ كۈندىكى سۇيۇلغان كالا- قويلارنىڭ ئىچ باغىرىنى يۇيۇپ، توغراپ كەچلىكى كاۋاپ چىقىراتتى، ئاشۇ شاگىرىتلارنىڭ ئارىسىدا يۇسۇپ ئىسىملىك بىرسى چىمەننى ياخشى كۆرەتتى، چىمەن بولسا ئۇنى ئۆزىگە يېقىن يولاتماي يۇرەتتى، كۈنلەر شۇ تەرقىدە داۋام قىلدى، چىمەنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقغا چىقتى، چىمەن كىچىكىدىن دادىسىغا ئامراق بولغاچقىمۇ، ياكى ئۈيىدە شاگىرىتلارنىڭ كۆپ بۇلۇشى تۈپەيلىمۇ مىجەزى سەل ئوغۇللارنى تارتىپ قالغان ئىدى، ئۇ ئادەتتە چوڭلارنى بەك ھۆرمەت قىلاتتى، بىراق ئۆزى بىلەن تەڭتۇش ئوغۇللار بىلەن گەپ تالىشىپ قالسا، ياكى ئۇرۇشۇپ قالسا ھەرگىز بوزەك بولمايتى، ئوغوللار بىلەنمۇ تەڭ ئۇرۇشۇپ ئۇرسا ئۇرۇپ، تەپسە تىپىپ ئۇقۇيتى.
شۇ يىلى يازلىق تەتىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى، چىمەننىڭ ساۋاقدىشى گۇلجامالنىڭ ئاچىسىنىڭ تويى بولدى، گۇلجامال بىلەن چىمەننىڭ ئۆيلىرى يېقىن بولغاچ ئۇلار كۈندىلا كۇرۇشۇپ تۇرۇشاتتى، تويدا ئىككىسى گۇلجامالنىڭ بېغىغا كىرىۋىلىپ مىۋىلەردىن يىيشتى، كىيىن نەغمە- ناۋا باشلانغان چاغدىلا باغدىن چىقىشتى، ئوتتۇرىدا ياشلار ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئىدى، يۇزلىرى يۇمىلاق، بۇغداي ئۆڭلۇك، قاشلىرى توم بىر بالىنىڭ ئوينىغان ئۇسۇلى چىمەنگە ياقتى، ئۇ شۇ بالىنىڭ ئۇسۇلىغا قاراپ كىتىپ گۈلجامالنىڭ نەچچە قېتىم چاقىرغانلىقىنمۇ ئاڭلىماي قاراپ كەتتى، ئاخىردا گۇلجامال ئۇنىڭ بىلىكىدىن چىمدىۋالغاندىلا ئاندىن ئۆرۇلۇپ گۇلجامالغا قاراپ ئاغىرىدى دىدى، گۇلجامال بولسا تازا كۇلۇۋاتاتتى، نەۋرە ئاكام ئۇسسۇلغا ئۇستىمىكەن، ھەجەپ ئوغۇل بالا كۆرمىگەندەك قاراپ كەتتىڭ، كۇيۇپ قالمىغىن يەنە- دىدى گۇلجامال
چىمەن بولسا ھۆپپىدە قىزىرىپ بولدى قىلە نەدىكى گەپنى قىلىپ دەپ ئاستا يەرگە قارىۋالدى.
قىزنى يۈتكەپ كىتىشى بىلەن، مىھمانلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى، چىمەن دوستىغا ياردەملىشىپ چىنە قاچىلارنى يىغىشىپ، يۇيۇشۇپ بىرىپ قاراڭغۇ چۇشەي دىگەندە ئۆيىگە چىقىتى، ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا گۇلجامال ھەيرانلا قالدى چۇنكى چىمەن ئەزەلدىن ئۈيىدىمۇ بىر تال چىنىنى ئۇ ياقتىن بۇياققا يۆتكىمەيتى، خۇشى تۇتۇپ قالسا ئانچە- مۇنچە ئانىسىغا ياردەملەشكىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا پەقەتلا ئىش قىلمايتى.
چىمەن ئۈيگە چىققاندىن كىيىن بايىقى ئۇسسۇل ئوينىغان يىگىتنى، ھەم گۈلجامالنىڭ گەپلىرىنى ئويلىدى، ھەم ئۆزنىڭ قانداقلارچە ئۇ بالىغا ئۇنچىلىك قاراپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ قالدى. بىراق سەۋەبىنى تاپالمىدى. شۇ خياللارنى قىلىغاچ ئۇخلاپ قالدى.
مەنبە: ئىلھام
( داۋامى بار) [ بۇ يازما axikjan تەرپىدىن2008-12-16 04:25 AMدە قاي ]