چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 2814 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئېسىل نەسەب!  ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تارىخىدىن) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

nurkalib
نۇرقەلب
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 31201
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 222
شۆھرەت: 314 نۇمۇر
پۇل: 893 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 2 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1176(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 ئېسىل نەسەب!  ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تارىخىدىن)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن (2008-12-15)دە نادىرلاندى
            ئۆيۈمدە قەغەزلىرى كونىراپ سارغىيىپ كەتكەن كۆپۈنچە ۋاراقلىرى يىرتىلىپ كەتكەن قېلىن بىر كىتاپ دائىملا «قۇرئان كەرىم» بىلەن بىللە تۇراتتى ، ئۇ كىتابنى ئېلىپ كۆرۈپ باقتىم ، ئەسلى ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ پۈتكۈل ھاياتى يېزىلغان تارىخى ئىكەن! بۇ كىتابنىڭ ھەتتا مۇقاۋىسىمۇ قالماپتۇ! كىمنىڭ يازغانلىقىنىمۇ بىلمىدىم! بۇ كىتابتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىپ چىقىشى ، ئىش-ئىزلىرى ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان ئىدى . مەن ئالدى بىلەن بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى «ئېسىل نەسەب» باپىنى تورداشلارغا سۇندۇم! بۇ بابتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمەتىنىڭ نەسەبى تۇنۇشتۇرۇلغان ئىكەن!



ئېسىل نەسەب





    دۇنياغا كېلىش بىلەن ئىنسانلارنى شەرەپكە ئىگە قىلغان ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا ، ئانىسى ئامىنە ئىدى . ئامىنە قۇرەيش قەبىلىسى زوھرە جەمەتىگە مەنسۇپ ۋەھىبنىڭ قىزى ئىدى؛ ئابدۇللانىڭ ئاتىسى ئابدۇلمۇتتەلىب ، ئانىسى ئامىنە بولۇپ ، ئۇ قۇرەيش قەبىلىسى مەخزۇم جەمەتىگە مەنسۇپ ئەمىرنىڭ قىزى ئىدى ؛ ئابدۇلمۇتتەلىب قۇرەيش قەبىلىسى ئىچىدە ھۆرمەتلىك بوۋاي بولۇپ ، قۇرەيشلەر قىيىن ئەھۋاللارغا يولۇققان چاغدا ئۇنىڭ پىكرى بويىچە ئىش قىلاتتى ، چوڭ ئىشلاردا ئۇنىڭغا بويسۇناتتى . ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئاتىسى ھاشىم ، ئانىسى سەلما بولۇپ ، ئۇ خەزرەج قەبىلىسى نەججار جەمەتىگە مەنسۇپ ئەمىرنىڭ قىزى ئىدى ؛ ھاشىمنىڭ ئاتىسى ئابدۇماناف ، ئانىسى ئاتىكە بولۇپ ، ئۇ سەلىم جەمەتىگە مەنسۇپ مۇررەنىڭ قىزى ئىدى ؛ ئابدۇمانافنىڭ ئاتىسى قۇسەي ، ئانىسى ھوببا بولۇپ ، ئۇ خۇزائە جەمەتىگە مەنسۇپ ھەلىلنىڭ قىزى ئىدى ؛
    جاھىليەت (جاھىلىيەت - ئىسلام دىنى مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنقى دەۋر-ت ) ۋاقتىدا بەيتۇللانى باشقۇرۇش خىزمىتى قىلىش ، زىيارەتكە كەلگەنلەرنى سۇ ۋە تاماق بىلەن تەمىنلەش ،قۇرەيش قەبىلىسى بويىچە مەسلىھەت يىغىنلىرىنى ئېچىش ھوقوقى قۇسەينىڭ قولىدا ئىدى . مەسلىھەت يىغىنلىرى قۇسەينىڭ ئۆيىدە ئېچىلاتتى ، جەڭدە تۇغ قاداش ئىشىمۇ ئۇنىڭ قولىدا ئىدى ، قۇسەي ئۆلۈش ئالدىدا،يۇقارقى ئىشلارنى ئوغۇللىرىدىن ئابدۇددارغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . لېكىن ئابدۇمانافنىڭ ئەۋلادى تاغىسى ئابدۇددار ئەۋلادىنىڭ يۇقۇرقى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشتەك پەخرى ئورۇنغا ئىگە بولۇۋىلىشىغا قوشۇلماسلىق قارارىغا كېلىشتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دە-تالاش ئۇرۇشقا بېرىپ تاقىلىدىغان چاغدا ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك ئادەملىرى ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئابدۇماناف ئەۋلادىغا بەيتۇللاغا تاۋاپقا بارغانلارنى زەمزەم سۈيى ۋە تاماق بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى بەردى .
    ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئوغلى ئابباسقىچە ، مەزكۇر ۋەزىپە ئۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. ئەمما بەيتۇللانى باشقۇرۇش ۋە خىزمىتىنى قىلىش ۋەزىپىسى ئابدۇددار ئەۋلادىنىڭ ئىلكىدە قالدى ، ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇلار باشقۇرىۋەردى . بۇ ۋەزىپە ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ كەلمەكتە . ئۇلار بولسا شەيبەنىڭ ئوغۇللىرى، شەيبە ئوسمانىڭ ئوغلى ، ئوسمان ئەبۇتەلھەنىڭ ئوغلى ، ئەبۇتەلھە ئابدۇلئۇززانىڭ ئوغلى ، ئابدۇلئۇززا ئوسماننىڭ ئوغلى ، ئوسمان ئابدۇددار نىڭ ئوغلى ئىدى . تۇغ قاداش ۋەزىپىسىنىمۇ ئابدۇددار ئەۋلادى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى . ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن ، بۇ ۋەزىپە ئۇلارنىڭ قولىدىن مۇسۇلمانلار خەلىپىسىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . مۇسۇلمانلار خەلىپىسى ئۇنىڭغا ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان كىشىنى قويىدىغان بولدى . مەسلىھەت ۋە قارار چىقىرىش يىغىنلىرىنى ئېچىشمۇ مۇسۇلمانلار خەلىپىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى .
     قۇسەينىڭ ئاتىسى كىلاب ، ئانىسى سەئىدنىڭ قىزى فاتىمە ئىدى، فاتىمە يامانىيەلىك بولۇپ ، ئەزدۇشەنۇئە قەبىلىسىدىن ئىدى . كىلابنىڭ ئاتىسى مۇررە ، مۇررەنىڭ ئانىسى ھىند ئىدى ، ھىند بولسا فىھىر ئىبنى مالىك جەمەتىگە مەنسۇپ سەرىرنىڭ قىزى ئىدى . مۇررەنىڭ ئاتىسى كەئىب ، ئانىسى شەيباننىڭ قىزى مەھشىيە ئىدى . شەيبانمۇ فىھرى جەمەتىدىن ئىدى . كەئىبنىڭ ئاتىسى ئۇئەي ، ئانىسى قۇزائە قەبىلىسىدىن بولغان كەئىبنىڭ قىزى مارىيە ئىدى . لۇئەينىڭ ئاتىسى غالىب، ئانىسى يەخلۇدنىڭ قىزى ئاتىكە ئىدى . يەخلۇد نەزىر ئىبنى كىنانە جەمەتىدىن ئىدى . غالىبنىڭ ئاتىسى فىھرى ، ئانىسى ھارىسنىڭ قىزى لەيلا ئىدى . ھارىس ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ئىدى .
    رىۋايەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ، فىھرى دەل قۇرەيشنىڭ ئۆزى ، فىھرىنىڭ ئەۋلادى قۇرەيشلەر دىيىلىدۇ . قۇرەيش قەبىلىسى ئون ئىككى جەمەتتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇلار: ئابدۇماناف جەمەتى ، ئابدۇددار ئىبنى قۇسەي جەمەتى ، ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززا ئىبنى قۇسەي جەمەتى ، زۆھرە ئىبنى كىلاب جەمەتى ، مەخزۇم ئىبنى يەقىزە ئىبنى مۇررە جەمەتى ، تەمىم ئىبنى مۇررە جەمەتى ، تىم ئىبنى مۇررە جەمەتى ، ئەدى ئىبنى كەئىب جەمەتى ، سەھىم ئىبنى ھەسىس ئىبنى كەئىب جەمەتى ، جۈمە ئىبنى ھەسىس ئىبنى ئەمىر ئىبنى كەئىب جەمەتى ، ئامىر ئىبنى لۇئەي جەمەتى ، تىم ئىبنى غالىب جەمەتى ، ھارىس ئىبنى فىھرى جەمەتى ، موھارىب ئىبنى فىھرى جەمەتى ئىدى . ئۇلاردىن مەككىدە ئولتۇراقلاشقانلار ساي قۇرەيشلىرى ، مەككىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقانلار سىرت قۇرەيشلىرى دېيىلەتتى . 
    فىھرىنىڭ ئاتىسى مالىك ، ئانىسى ئامىرنىڭ قىزى جەندەلە بولۇپ ، ئامىر جورھۇملۇق ئىدى ؛ مالىكنىڭ ئاتىسى نەزىر ، ئانىسى ئەدۋان ئىبنى قەيس ئەيلاننىڭ قىزى ئاتىكە ئىدى ؛ نەزىرنىڭ ئاتىسى كىنانە ، ئانىسى تەمىم جەمەتىدىن مۇررەنىڭ قىزى بەررە ئىدى ؛ كىنانەنىڭ ئاتىسى خۇزەيمە ، ئانىسى سەئىد ئىبنى قەيس ئەيلاننىڭ قىزى ئەۋانە ئىدى؛ خۇزەيمەنىڭ ئاتىسى مۇدەرىكە، ئانىسى قۇزائەلىك ئەسلەمنىڭ قىزى سەلما ئىدى ؛ مۇدىرىكەنىڭ ئاتىسى ئىلياس ، ئانىسى شان-شەۋكەتلىك داڭدار خەنزەب ئىدى ؛ ئىلياسنىڭ ئاتىسى مۇزەر ، ئانىسى جەندە ئىبنى مەئدىنىڭ قىزى رەباب ئىدى ؛ مۇزەرنىڭ ئاتىسى نىزار ، ئانىسى ئەكىنىڭ قىزى سەۋدە ئىدى ؛ نىزارنىڭ ئاتىسى مەئەد ، ئانىسى جۇرھۇملۇق جەۋشەمنىڭ قىزى موئانە ئىدى ؛ مەئەدنىڭ ئاتىسى ئەدنان ئىدى .
    تارىخ ئالىملىرى ۋە مۇھەددىسلەر(ھەدىسشۇناسلار) بىردەك توغرا دەپ قارىغان نەسەب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى) ئەنە شۇ . ئەمما ئەدناننىڭ يۇقۇرىسىدىكى ئەجدادلىرىنى ساناش دۇرۇس ئەمەس . قىسقىسى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى ئىبراھىمنىڭ ئوغلىغا يەنى كېيىن ئەرەپلىشىپ كەتكەن ئەرەپلەرنىڭ ئاتىسى ئىسمائىلغا يېتىپ بارىدىغانلىغى مەسىلىسىدە تارىخ ئالىملىرى ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ پىكرى بىردەك . كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى ئېسىل نەسەپ ، پاك ئاتىلار ، پاك ئانىلاردۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقۇرقى ئاتىلىرىنىڭ پۇشتىدىن ئانىلىرىنىڭ قارنىغا يۆتكىلىپ ، ئاخىرى تۇغۇلۇش بىلەن ئاللا ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى ئەرەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ يۇقۇرى مەرتىۋىلىك بولغان قۇرەيش قەبىلىسىدىن ئىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زەنجىرسىمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېسىل زاتلار ، ئەرباپلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەر چاكىنا ئادەمنى ئۇچراتمايسىز ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئانا تەرەپ ئەجدادلىرىمۇ نوپۇزلۇق ، ئاتاقلىق قەبىلىلەردىن ئىدى . شۈبھىسىزكى ، نەسىبى ئېسىل ، تېگى پاك بولۇش پەيغەمبەرلىكنىڭ شەرتلىرىدىندۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ، ئەرەپلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە ، قانۇنىي يول بىلەن بولغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەسىبى جاھىلىيەتنىڭ پاھىشۋازلىقلىرى بىلەن بولغانمىغان . خۇداغا شۈكرى ، ئاللا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭدىن پاك قىلغان .


مەنبە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى كىتابىدىن مۇقەددىمە


داۋامى بار.......



[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2008-12-15 00:30دە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : gvzal3.8
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-14, 15:24
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ئۆزىگە خاس م ..
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئەجىر
  • سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-14 10:38 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    gvzal3.8
    http://blog.retim.cn/289129
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20927
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1675
    شۆھرەت: 2385 نۇمۇر
    پۇل: 10041 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 160 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1737(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

       ئەجرىڭىزگە رەھمەت سىڭلىم. پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەسەبىنى ئېرىنمەي يوللىغىنىڭىزنىڭ ساۋابىنى ئاللا بەرگەي. 
       داۋامىنى يوللاش داۋامىدا جاپا چېكىدىغان بولدىڭىز،ئاللا سىزگە مەدەت بەرگەي.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    سىز نېمە ئۈچۈن، ۋەدە قىلىشقا بەك ئامراق؟!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 11:57 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    tayanqimbar
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29270
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 383
    شۆھرەت: 587 نۇمۇر
    پۇل: 2081 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 492(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14

     

       نادىرلايدىغان تېمىكەن بۇ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 12:13 AM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    kulragbora
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 34668
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    شۆھرەت: 66 نۇمۇر
    پۇل: 247 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-05

     

    راستلام بەك ئېسېل كېتاپ، مومكېن بولسا چوقۇم تولۇق ئوقۇڭ. مەن بېر قېتېم ئوقۇغان ھەقېقەتەن بەك ئېسل .رەخمەت سېزگە....
    Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 12:38 AM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    nurkalib
    نۇرقەلب
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31201
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 222
    شۆھرەت: 314 نۇمۇر
    پۇل: 893 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1176(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     Re:ئېسىل نەسەپ!  ( مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام تارىخىدىن)

    داۋامى:
    ئابدۇللانىڭ ئامىنەگە ئۆيلىنىشى ۋە ئامىنەنىڭ ھامىلدار بولىشى


           ئابدۇللا ئاتىسى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئامراق بالىسى ئىدى . ئابدۇللا ئون سەككىز ياشقا كىرگەندە، ئاتىسى ئۇنىڭغا ۋەھىبنىڭ قىزى ئامىنەنى ئېلىپ بەردى . ۋەھىب ئابدۇمانافنىڭ ئوغلى ، ئابدۇماناف زوھرەنىڭ ئوغلى ، زوھرە كىلابنىڭ ئوغلى ئىدى . بۇ چاغدا ئامىنە نەسەپ ۋە قەبىلە جەھەتتىن قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئېسىلى ئىدى . ئۇ ئابدۇللانىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىگە باش قويغاندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھامىلدار بولدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ قوسىغىدا ئىككى ئايلىق بولغاندا ئاتىسى ئابدۇللا ۋاپات بولۇپ ، ئەدى ئىبنى نەججارنىڭ ئەۋلادى بولغان تاغىلىرىنىڭ قېشىدا مەدىنىدە دەپنە قىلىندى . ئابدۇللا شام (سۈرىيە)غا سودا ئۈچۈن بېرىپ قايتىپ كېلىۋىتىپ ، مەدىنىگە كەلگەندە قازا تاپقان ئىدى . ئامىنەنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ ، بالىسى تۇغۇلدى . دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە مەرىپەت روھىنى تاراتقان ، گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرگەن بۇ ئۇلۇغ بوۋاق بىلەن جاھان ئۈمۈتۋارلاندى . مەرھۇم ئاسترونۇم مەھمۇد پاشا (مىسىرلىق ئاسترونۇم، 1885-يىلى ۋاپات بولغان-ت) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەبىئول ئەۋۋەل (ھىجرىيىنىڭ3-ئېيى) نىڭ 9-كۈنى دۈشەنبە ئەتىگەندە تۇغۇلغانلىقىنى ، بۇ ۋاقىتنىڭ مىلادىنىڭ 571-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىگە يەنى پىل ۋەقەسى( مەككىدە يۈز بەرگەن مەشھۇر ۋەقە. ئەرەپلەر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مۇھىم ۋەقەلەرنى تارىخ بېشى قىلىپ ھېسابلاش ئادەتلىرىگە ئوخشاش، ئەرەپلەرمۇ بۇ ۋەقەنى تارىخ بېشى قىلىۋالغان . قۇرئانداپىل سۈرىسىدىمۇ بۇ ۋەقە تىلغا ئېلىنغان . بۇ ۋەقەنىڭ خۇلاسىسى شۇكى ، مىسىردىن كىيىن يەمەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەبەش پادىشاھلىرىدىن بىرى مەككىگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ كەئىبنى بۇزماقچى بولىدۇ . ئۇ چوڭ بىر پىلنى ئېلىپ كەلگەن، ئەرەپلەر مۇنداق پىلنى كۆرمىگەن ئىدى . كېلىش ئالدىدا تۇرغان پەيغەمبىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇلۇغ كەئىبنى ساقلاش يۈزىسىدىن ئاللا دۈشمەنلەرنىڭ سۈيقەستىنى بەربات قىلدى . ئۇلارغا بىر تۈركۈم قۇشنى ئەۋەتىپ ، شېغىل تاشلارنى ئاتقۇزۇپ ، ئۇلارنى چاينىۋىتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى ، قۇرەيشلەرنى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش مۇشەۋقىتىدىن قۇتقۇزدى) نىڭ بىرىنجى يىلىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى ھاشىم كوچىسىدا ئەبۇتالىبنىڭ قورۇسىدا تۇغۇلدى . ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋۋىنىڭ ئانىسى شەففا تۇغۇت ئانىسى بولدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنە پەيغەمبىرىمىزنىڭ چوڭ دادىسىغا خوش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كىشى ئەۋەتتى . چوڭ دادىسى خۇشال ھالدا كېلىپ ، ئۇنىڭغا مۇھەممەد دەپ ئات قويدى. بۇ ئىسىم بۇرۇن ئەرەپلەر ئىچىدە قوللىنىلمىغان . ئاللا ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى . پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان تەۋرات (يەھۇدىلارنىڭ مۇقەدداس كىتاۋى-ت) ئىنجىل (خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى-ت) غا ئوخشاش كىتابلاردا بۇئىسىم زىكرى قىلىنغان . ئاللا ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللانى شۇنداق ئاتاشنى چوڭ دادىسىنىڭ دىلىغا سالغان . ئاتىسى ئابدۇللانىڭ دېدىكى ، ھەبەشلەردىن بولغان ئۇممەئەيمەن بەرەكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەربىيە ئانىسى بولدى . ئۇنى بىرىنجى قېتىم ئىمىتكەن ئايال تاغىسى ئەبۇلەھەبنىڭ دىدىكى سۇۋەيبە ئىدى.


    ئېمىتىش

              بالىنىڭ زېرەك بولۇشى ئۈچۈن  سەھرادىن ئىنىكئانا تېپىپ كېلىپ بالىلىرىنى ئەمگۈزۈش ئەرەپلەرنىڭ ئادىتى ئىدى . شەھەرلەردە تەربىيلەنگەن بالا گالۋاڭ ، بوشاڭ بولىدۇ ، دېيىشەتتى . سەئىد ئىبنى بەكرى قەبىلىسىدىن بىر تۈركۈم ئاياللار ئەمگۈزىدىغان بالا ئىزلەپ كېلىدۇ ، ماختاشقا لايىق بوۋاق مۇھەممەد بەنى سەئىد قەبىلىسىدىن ئەبۇ زو ئەيىبنىڭ قىزى ھەلىمىگە توغرا كېلىدۇ . ھەلىمىنىڭ ئېرىنىڭ ئىسمى ئەبۇكەبشە ئىدى . قۇرەيش خەلقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغان چاغدا، ئۇنى ئەبۇكەبشىگە مەنسۇپ قىلغان ، ئەبۇكەبشەنىڭ ئوغلى ئاسماندىن سۆزلەيدۇ ، دېيىشكەن . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەمگۈزگەن تۆت يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋامىدا ، ھەلىمەنىڭ ئائىلىسىگە بەركەت ياققان .


    رەسۇلۇللانىڭ كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى
                پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەلىمەنىڭ تەربىيىسىدىكى ۋاقتىدا مۇھىم ۋەقە يۈز بەردى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى يېرىلىپ ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى چىقىرىپ تاشلاندى . بۇ ۋەقەدىن قورقۇنچ ئىچىدە قالغان ھەلىمە ئۇنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەلىمە ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:<< ئۇ قېرىنداشلىرى (ھەلىمەنىڭ بالىلىرى) بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدا قوزىلار ئارىسىدا ئويناۋاتاتتى . ئۇنىڭ قېرىندىشىنى (ھەلىمەنىڭ بالىسى) يۈگۈرۈپ كىرىپ ، ماڭا ۋە دادىسىغا : ھېلىقى قۇرەيشلىك قېرىندىشىمنى ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى تۇتۇۋىلىپ ياتقۇرۇپ، قوسىغىنى يېرىپ قامچا بىلەن قوچىۋاتىدۇ، دېدى . ئاتىسى بىلەن ئىككىمىز چىقىپ قارىساق، ئۇنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىپتۇ . ئىككىمىز ئۇنى قۇچاقلاپ: نېمە بولدۇڭ ئوغلۇم؟ دەپ سورىساق، ئۇ : ئاق كىيملىك ئىككى كىشى كېلىپ ، بىرسى ھەمرىيىغا مېنى كۆرسۈتۈپ : مۇشۇمۇ؟ دېۋىدى، ھەمرىيى: شۇ! دەپ جاۋاب بەردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئېتىلدى ۋە مېنى ياتقۇزۇپ قوسىغىمنى يېرىپ، بىر نەرسىنى ئاختۇرۇپ ئېلىپ تاشلىۋەتتى ، ئۇنىڭ نىمىلىكىنى ئۇقمايمەن ، دېدى.>>
    رەسۇلۇللانىڭ ئامىنە ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ قولىغا قېلىشى ، ئابدۇلمۇتتەلىب ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئابۇتالىبقا قېلىشى
              ئانىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەلىمەدىن تاپشۇرۋىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي سەپەر قىلىپ قايتىپ كېلىشىدە قازا قىلدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇممۇ ئەيمەن باقتى ، چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىب ئۆز تەربىيىسىگە ئالدى . ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە بۈيۈك ئادەم بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن ئالامەتلەردىن بايقىغانلىقى ئۈچۈن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بالىسىدىنمۇ ئارتۇق كۆيىنەتتى ، ئۇنى بەكمۇ ئەتىۋارلايتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەككىز ياشقا كىرگەندە ئابدۇلمۇتتەلىب ۋاپات بولدى ، شۇنىڭ بىلەن دادىسىنىڭ قېرىندىشى ئەبۇتالىبنىڭ قولىغا قالدى  . ئەبۇتالىب ئۇنىڭغا كۆيۈمچان ۋە ھامى ئىدى. ئەبۇتالىبنىڭ قولى قىسقا ئىدى ، ئاللا ئۇنىڭ ئاز مېلىنى بەركەتلىك قىلدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇتالىبنىڭ تەربىيىسىدە بولغان مۇددەتتە قانائەتچانلىقتا، ئادەتتە ئۇششاق بالىلار شۇغۇنلىنىدىغان مەنىسىز ئىشلاردىن يىراق بولۇشتا نەمۇنە ئىدى . تەربىيە ئانىسى ئۇممۇ ئەيمەننىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، تاماق ۋاقتىدا بالىلار كېلىپ تالىشىپ كەتسىمۇ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ بېرىدىغىنىغا قانائەتلىنىپ تۇراتتى.
    رەسۇلۇللانىڭ شامغا قىلغان تۇنجى سەپىرى
        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 12 ياشقا كىرگەندە، تاغىسى ۋە باشقىلار بىلەن شامغا سودىغا باردى ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قىلغان تۇنجى سەپىرى بولدى. ئۇلار شامدا ئۇزاق تۇرمىدى . كارۋاندىكىلەر  بۇسرا( سۈرىيە بىلەن ئەرەبىستان ئارىسىدا چىگرىغا جايلاشقان كەنت) ئەتراپىدا راھىپ (يەھۇدىلارنىڭ دىنىي باشلىقى) بەھىرا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى . بەھىرا ئۇلاردىن يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋىدا بايان قىلىنغان، مۇشۇ زاماندا ئەرەپلەر ئىچىدىن مەيدانغا كېلىدىغان پەيغەمبەر توغرىلىق سورىدى . كارۋاندىكىلەر ئۇنداق كىشىنىڭ تېخى مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى . يەھۇدى، ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتاب (تەۋرات،ئىنجىلغا ئىتىقاد قىلىدىغان خەلقلەر) پەيغەمبەر كېلىشتىن بۇرۇن ئاشۇنداق سۆزلەرنى كۆپ قىلىشاتتى. <<ئۇلار بۇرۇن ئىتىراب قىلغان پەيغەمبەر مەيدانغا كەلگەندە ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتى ، ئاللا كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ.>> (سۈرە بەقەرە ، 89-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
    خەيرىيەت ئۇيۇشمىسى
         رەسۇلۇللا 20 ياشقا كىرگەندە فۇججار ئۇرۇشىغا قاتناشتى، بۇ ئۇرۇش كىنانە ۋە قۇرەيش قەبىلىسى بىلەن قەيس قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا بولدى . ئۇرۇش ئاخىرىدا كېڭىشىش ئارقىلىق قۇرەيش قەبىلىسى تۆلەم تۆلەيدىغان بولۇپ ئاياقلاشتى . ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا ئىسلام نۇرى تارىلىش بىلەن ئاللا ئۇلارنىڭ دىللىرىنى دوستلاشتۇردى، ناھەق ئۇرۇشلارنى تۈگەتتى .
         قۇرەيشلەر فۇججار ئۇرۇشىدىن قايتىپ كېلىپ، خەيرىيەت ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇشقا چاقىرىق چىقاردى . قۇرەيش باشلىقلىرىدىن ئابدۇللا ئىبنى جۇدئان تىمنىڭ قورۇسىدا خەيرىيەت ئۇيۇشمىسىنى تەشكىل قىلدى . بۇنىڭغا ئابدۇماناف ئەۋلادىدىن ھاشىم جەمەتى ، مۇتتەلىب جەمەتى ، ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززا جەمەتى ، زوھرە ئىبنى كىلاب جەمەتى ۋە تىم ئىبنى مۇررە جەمەتى قاتناشتى . ئۇلار ئىتتىپاق تۈزۈپ ، مەككىلىكلەردىن ياكى چەتتىن كەلگەن كىشىلەردىن بىرەرسى مەككىدە زۇلۇمغا ئۇچرىسا،ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ھەقنى جايىغا قارار تاپقۇزۇشقا ۋەدىلەشتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ تاغىلىرى بىلەن بۇ ئۇيۇشمىغا قاتناشتى .  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقلارنى تەشەببۇس قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئىشلىرىمۇ گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئىسلام دىنى مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىشلارنى ئېتىراپ قىلغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈ ئەۋەتىلدىم ، دېگەن سۆزىمۇ مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . مەزكۇر ئۇيۇشمىغا نۇرغۇن كىشىلەر قاتنىشىپ ھەققانى ئادەملەردىن بولغان.
    رەسۇلۇللانىڭ شامغا قىلغان ئىككىنجى قېتىملىق سەپىرى
             پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 25 ياشقا كىرگەندە ، شامغا ئىككىنجى قېتىم سەپەر قىلدى . ئەسەد جەمەتىدىن خۇۋەتلىدنىڭ قىزى خەدىچە ئېسىل ، باي سودىگەر خانىم ئىدى ، كىشىلەرنى ياللاپ تىجارەتكە سالاتتى ، شىرىك تىجارەت قىلاتتى. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچ كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىلمايدىغان سەمىمىي، راستچىل ئىكەنلىكىنى،ھەتتا خەلقى ئۇنى ئەمىن(ئىشەنچىلىك) دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى ياللاپ تىجارەت ئۈچۈن شامغا ئەۋەتتى . ئۇنىڭغا باشقىلاردىن كۆرە ماللارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى بەردى . خىزمەتچىسى مەيسەرەنى ئۇنىڭغا قوشۇپ ئەۋەتتى . ئۇلار بېرىپ سودا قىلىپ زور پايدا ئالدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سەپىرىدە تۈرلۈك بەركەتلەر كۆرۈلدى . بۇنىڭ بىلەن خەدىچەنىڭ خىزمەتچىسى مەيسەرە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئامراق بولۇپ قالدى.
    رەسۇلۇللانىڭ خەدىچىگە ئۆيلىنىشى
            مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مەيسەرە مەككىگە قايتىپ كەلدى . خەدىچە ئۇلارنىڭ زور پايدا ئالغانلىقىنى كۆرۈپ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن خۇرسەن بولدى ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى بىلدۈرۈپ ئەلچى ئەۋەتتى: بۇ چاغدا خەدىچە قىرىق ياش ئۆپچۆرىسىدە ئىدى ، ئۇ قۇرەيش قەبىلىسى ئىچىدە ئوتتۇرا نەسەبلىك ، پۇل-مېلى كۆپ ئايال ئىدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاغىسى بىلەن خەدىچەنىڭ تاغىسى بىلەن تاغىسى ئەمىرئىبنى ئەسەدنىڭ قېشىغا كىردى، تاغىسى ئەبۇتالىب ئارقىلىق خەدىچىنى خوتۇنلۇققا سورىدى. خەدىچىنىڭ تاغىسى ماقۇللۇق كۆرۈپ ، ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەردى . ئەبۇتالىب شۇ كۈنى مۇنداق خۇتبە ئوقۇپ نىكاھ قىلدى:<< ئاللاغا شۈكرىكى، ئاللا بىزنى ئىبراھىم ، ئىمائىللارنىڭ نەسلىدىن قىلدى؛مەئەد ۋە مۇزەرنىڭ ئەۋلادى قىلدى؛ بىزنى بەيتۇللاغا قارايدىغان ، ھەرەمنى باشقۇرىدىغان قىلدى؛ ھەرەمنى ھەج قىلىنىدىغان بەيتۇللا قىلدى ۋە قان تۆكۈش مەنئى قىلىنغان ، ھۆرمىتىنى ساقلاشقا تېگىشلىك جاي قىلدى؛ بىزنى كىشىلەر ئۈستىدە ھۆكۈمران قىلدى . مېنىڭ قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا ئېسىللىكتە ، ئالىجانابلىقتا ۋە پەزىلەتتە تەڭداشسىزدۇر . ئۇنىڭ مال-مۈلۈكى ئاز بولسىمۇ ، مال دېگەن داۋامى يوق سايىگە ئوخشاش تۈگەيدىغان نەرسە ۋە قايتۇرۇلىدىغان ئارىيەت . ئاللاغا قەسەمكى ، مۇھەممەد كەلگۈسىدە بۈيۈك نامغا ئىگە بولىدۇ ، چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ ، سىلەرنىڭ قىزىڭلار خەدىچىنى ياقتۇرۇپ ئالماقچى بولدى . خەدىچىگە(مۇنچىلىك) مەھرى (ھەق) بەردى.
             شۇنىڭ بىلەن نىكاھ پۈتتى . خەدىچە ئىلگىرى ئەبۇھالە دېگەن كىشىنىڭ نىكاھىدا ئىدى . ئەبۇھالە ۋاپات بولغاندا ، خەدىچە ئۇنىڭدىن ھالە(ئەرەپلەردە بىر كىشىنى پالانىنىڭ دادىسى دەپ ئاتاش ئادىتى بار ، ئەبۇھالە دېگىنى ھالەنىڭ دادىسى دېگەن بولىدۇ ) ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن قالغان ئىدى ، ھالە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆگەي ئوغلى ئىدى.
    داۋامى بار..........


    [ بۇ يازما nurkalib تەرپىدىن2008-12-15 02:58 AMدە قا ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئەجىر
  • يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 01:10 AM |
    Yurtum Elani
    uyhur-jan
    ئۇيغۇرجان
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : ئەڭ ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8046
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1726
    شۆھرەت: 1613 نۇمۇر
    پۇل: 4006 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 211 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 360(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    اللە سىللەرگە ئەجىر بەرسۇن
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 07:05 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    atirgul627
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1287
    شۆھرەت: 1529 نۇمۇر
    پۇل: 5090 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 250(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    بىزگە توغرا يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن، كۆزىمىزدىن قايمۇقۇش پەردىسىنى كۆتىرىۋەتكەن اﷲ، سېنى مەدھىيلەيمىز. گۇۋاھچى، بىشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ بۇيرۇغۇڭ بۇيىچە دىنىڭغا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە دۇئا ۋە سالام يوللايمىز. سېنىڭ رەھمىتىڭنى ئىزلەپ، رازىلىغىڭنى تىلەپ ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ساھابىلەر [مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا مۇسۇلمان بولۇپ، سۆھبىتىدە بولغان ۋە مۇسۇلمانلىق بىلەن دۇنيادىن ئۆتكەن كىشى،- ت] گە ۋە ئۇلارغا باشپانا، ياردەمچى بولغان، ئىسلام دىنىنى كۈچەيتىش يولىدا ھېچنىمىسىنى ئايىمىغان ئەنسار [مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ (كۆچۈپ) بارغاندا مۇسۇلمان بولۇپ، يار - يۈلەكتە بولغان مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار ئەنسارلار دېيىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە تاكى ھىجىرىيىنىڭ 8 - يىلى مەككە پەتھى (ئىشغال) قىلىنغانغا قەدەر مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇسۇلمانلار مۇھاجىرلار دىيىلىدۇ، - ت]لارغا  دۇئا ۋە سالام يوللايمىز.
       پەيغەمبىرىمىزنىڭ تارىخنى بىلىش ھەر بىرىمىزگە زۆرۈردۇر.مانا مۇشۇنداق ئېسىل تېما يوللىغۇچى نۇر قەلبگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+5(gvzal3.8) ياخشى ئىنكاس
  • يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 12:17 PM |
    Yurtum Elani
    مىسران
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31338
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 230
    شۆھرەت: 250 نۇمۇر
    پۇل: 753 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1719(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ھەق ئۈچۈن ئالغان قەدەملىرىڭىزگە ئاللاھ ئىككى دۇنيالىق ئەجىر بەرسۇن قېرىندىشىم.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 02:16 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    yalpuzhdi
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 34274
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 40 نۇمۇر
    پۇل: 108 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    قەلىمىڭىزگە تەشەككۈر !مەن بۇ  كىتابنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن ~خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم ~رەھمەت سىزگە !
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 03:17 PM |
    Yurtum Elani
    nurkalib
    نۇرقەلب
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31201
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 222
    شۆھرەت: 314 نۇمۇر
    پۇل: 893 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1176(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    داۋامى:


    بەيتۇللانىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى


    بەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 35 ياشقا كىرگەندە،چوڭ كەلكۈن كېلىپ،كەئبىنىڭ تاملىرىنى ئاجرىتىۋەتتى.بۇندىن بۇرۇن يۈزبەرگەن بىر يانغىندا كەئبىنىڭ تاملىرى بوشاپ قالغان ئىدى . قۇرەيش ئەرەبلىرى كەئبىنى بۇزۇپ قايتا ئىگىزلىتىپ ياپماقچى بولدى . بۇچاغدا كەئبە ئادەم بويى ئىگىزلىكتە بولۇپ،تاشتىن قوپىرىلغان ئىدى.قۇرەيش ئەرەبلىرى بۇ ئىش ئۈچۈن يىغىلدى . لېكىن ئۇلار كەئبىنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن ئۇنى بۇزۇشتىن قورقۇشتى.ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە ئۇلاردىن:كەئبىنى بۇزۇشتىن مەقسەت تۈزۈشمۇ ياكى ۋەيران قىلىشمۇ ؟ دەپ سورىدى . ۋەلىد : ئاللا تۈزىگۈچىلەرنى ھالەك قىلمايدۇ ، دىدى ۋە كەئبىنى بۇزۇشقا باشلىدى . ئۇلارمۇ ۋەلىدكە ئەگىشىپ بۇزۇپ ، ئىسمائىلنىڭ قويغان ھۇلىغا يېتىپ بارغاندا ، نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەر نەقىش قىلىپ ئۇيۇلغان تەخسىلەر چىقتى . مەشھۇر ئىمارەتلەرگە ھۇل قويغۇچىلارنىڭ بۇرۇنقىلىرنىڭ ئىشىنى كېيىنكىلەرگە يادىكار قالدۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش ئادىتى بار ئىدى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار ئىسلاھ قىلىشقا كىرىشتى . ئىسلاھ قىلىش خىراجىتى پاھىشە ۋە جازانىدىن كەلگەن ھارام ماللار ئارىلاشمىغان ھالال مالدىن تەييار لاندى . قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرى كەئبىنىڭ ئىسلاھاتىغا ئىشلىتىغان تاشلارنى مۇرىلىرىدە توتوشۇيتتى . ئابباس بىلەن رەسۇلۇللامۇ تاش توشۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى . باقۇم ئىسىملىك رۇملۇق بىر ياغاچچى قۇرۇلۇشنى باشقۇراتتى . باقۇم ئەئبىنىڭ ھەر بۇلۇڭىغا چوڭلاردىن بىر توپ ئادەمنى تاش توشۇشقا تەيىنلىدى . كەئبىنى ئىسمائىلنىڭ سالغان ھۇلى بويىچە پۈتتىرۈشكە ھالال مالدىن توپلانغان خىراجەت يېتىشمىدى . شۇنىڭ بىلەن ھىجر(شىمال تەرەپتىن ئالتە گەزچە جاي چىقىرىۋىتىلگەن ، بۇ جاي ھىجر ۋە ھەتىم دەپ ئاتىلىدۇ ، -ت)نى چىقىرۋېتىپ،پاكار تام قوپىرىپ، كەئبە شۇ يەردىن ھېسابلىنىدىغانلىغىغا بەلگە قىلىندى ، كەئبە بىناسىنىڭ ئىگىزلىكى ئون سەككىز گەز بولۇپ پۈتۈپ چىقتى . ئىلگىرىكىدىن توققۇز گەز ئىگىزلىتىلدى . ئىشىك ئىگىزلىتىپ پەللەمپەي بىلەن چىقىدىغان قىلىندى . ھەجەر ئەسۋەدنى ئورنىغا ئېلىپ قويماقچى بولغاندا ، قۇرەيشنىڭ كاتتىلىرى كىمنىڭ قويۇشى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشتى . ئارىدا رىقابەت تۇغۇلۇپ ئۇرۇش چىقىشقا تاس قالدى . تالاش-تارتىش تۆت كۈنگە سوزۇلدى . بۇ چاغدا قۇرەيش بويىچە پىشقەدەم ھىسابلانغان خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ تاغىسى ئەبۇ ئۇمەييە ئىبنى مۇغىرە مەخزۇمى قوپۇپ : ئى خالايىق ، دە-تالاش قىلماڭلار ، ھەممىڭلار ياقتۇرىدىغان بىر كىشىنى سايلاپ چىقىپ ، شۇنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇڭلار ، دېدى . قۇرەيش خەلقى بىرىنجى بولۇپ كىرگەن كىشىنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدىغانلىقلىرىنى بولدۈرۈشتى . بىرىنجى بولۇپ كىرگەن كىشىنى راستچىل ، ئىشەنچىلىك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىدى . ھەممەيلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سەمىمى ، راستچىل ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ، ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇشۇپ : بۇ ئىشەنچىلىك مۇھەممەدكە قوشۇلىمىز ، دېيىشتى ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن جىدەل-ماجرا داۋالىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشاتتى . ئۇ يۈز قارىماي ، ئارىنى بۇزماي ، توغرا بىر تەرەپ قىلىپ قوياتتى . يۇقۇرقى دە-تالاشنى بىر تەرەپ قىلىش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇراجەت قىلىنغاندىن كېيىن ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چاپىنىنى يەرگە يايدى ، چاپاننىڭ ئۈستىگە ھەجەر ئەسۋەدنى ئالدى ، ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرىنى چاپاننىڭ بىر بۇرجىگىدىن تۇتۇپ كۆتىرىپ ، ھەجەر ئەسۋەدنى ئۆز جايىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۆز جايىغا قويۇلدى . ئەرەپلەرنىڭ ئىچىدە دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ، كۆپىنچە ، مۇشۇنداق ئىشلار سەۋەب بولاتتى . بۇ مەسىلە يۇقۇرقىدەك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىندى . ئاللا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ ، ئەبۇ ئۇمەييەدەك ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان ئەقىللىق ئادەمنى ، ھەممىسى رازى بولغىدەك ھۆكۈم قىلىدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك دانانى ئۇلارغا مۇيەسسەر قىلىپ بەردى . قۇرەيشنىڭ بۇنداق ئۆزئارا رىقابەتلىشىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ، چۈنكى بەيتۇللا ئەرەپلەرنىڭ قىبلىسى ، ھەج قىلىدىغان كەئبىسى ئىدى ، بەيتۇللا ئۈچۈن ئىشلەنگەن ھەربىر زور ئىش بىلەن ئىپتىخارغا ، ھوقۇققا ئىرىشكىلى بولاتتى . ئۇلۇغ قۇرئاننىڭ ئىسپاتلىشىچە ، ئىبادەت ئۈچۈن تۇنجى سېلىنغان ئۆي ئەنە شۇ بەيتۇللا ئىدى . قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«كىشىلەرگە (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى بىنا قىلىنغان ئۆي ھەقىقەتەن مەككىدىكى ، ئالەملەرنى ھىدايەت قىلغۇچى مۇبارەك كەئبدۇر . كەئبىدە ئوچۇق ئالامەتلەر باركى ، ماقامى ئىبراھىم ( ماقامى ئىبراھىم ــ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كەئبىنى سېلىۋاتقاندا دەسسەپ تۇرغان جايى-ت) شۇلارنىڭ بىرى . كەئبىگە كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. " (سۈرە ئال ئىمران ، 96-،97-ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى) كەئبىگە ئىسمائىل ئەۋلادىدىن كىيىن جۇرھۇم قەبىلىسى ئىگىدارچىلىق قىلغان ئىدى . ئۇلار مەككىگە داخىل بولغان كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغان چاغدا ، خۇزائە قەبىلىسى جۇرھۇملۇقلارغا قارشى توپلىنىپ ، ئۇلارنى كەئبىدىن قوغلاپ چىقاردى . كەئبىگە خىلى بىر زامانغىچە خۇزائە قەبىلىسى ئىگىدارچىلىق قىلدى . ئاندىن كىيىن قۇسەي ئىبنى كىلابنىڭ زامانىدا كەئىبنى ئۇلاردىن قۇرەيشلەر تارتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن قۇرەيش خەلقى يۇرتىدا تېچ ياشىدى . ئۇلاردىن ئەرەپ قەبىلىلىرى تەپ تارتاتتى . دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ پاناھ ئىزلىگۈچىلەر ئۈچۈن كەئبە تېچ قورغان ئىدى . ئاللا قۇرئاندا ئۇلارغا بەرگەن نىمىتىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دېگەن:«ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بۇلاپ كېتىلىۋاتىدۇ ، مەككىنى ، ھەرەمنى تېچ جاي قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ ؟" (سۈرە ئەنكە-بۇت ، 67-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

    رەسۇلۇللانىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇنقى تىرىكچىلىكى

           پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دادىسىدىن بىرەر نەرسە مىراس قالمىدى، ئۇ تۇغۇلغاندا يىتىم ۋە كەمبەغەل ئىدى؛ بەنى سەئىد قەبىلىسىدە ئېمىتىلدى ؛ ئىشقا يارىغۇدەك بولغان چاغدا ، ئېمىلدەش قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە دالىدا پادا باقتى . مەككىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن  ، ئازغىنا ئىش ھەققى ئېلىپ مەككە خەلقىنىڭ قويىنى باققان ئىدى . ئىمام بۇخارى <<سەھىھۇلبۇخارى>> كىتاۋىدا بۇنى يۇقۇرقىدەك زېكرى قىلغان . پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇنياغا ۋە دۇنيا مەشغۇلاتىغا قىزىقماسلىقى چوقۇم . چۈنكى ئۇلار باي بولىدىغان بولسا ، دۇنيا بىلەن بولۇپ كېتىپ ، مەڭگۈلۈك  بەخت-سائادەتتىن مەھرۇم بولغان بولاتتى .  شۇڭلاشقا ئاللا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسى دۇنياغا بېرىلىپ كەتمەسلىككە ، دۇنيادىن يىراق بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ ، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا چوڭ گۇۋا ، ئىيسا پەيغەمبەر زادى دۇنياغا بېرىلمىگەن ئىدى . مۇسا پەيغەمبەر، ئىبراھىم پەيغەمبەرلەرمۇ شۇنداق ئىدى ، ئۇلارنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى تۇرمۇش ئەھالى قىيىن ئىدى ، بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئىدى . مانا بۇ بولسا دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرماسلىقتا ، دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلمەسلىكتە ئۈممەتلىرىگە نەمۇنە بولۇشلىرى ئۈچۈن ئاللانىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋۇجۇتلىرىدا نامايان قىلغان زور ھېكمىتى . جىمى بالايى-ئاپەت دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرۇش ، دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كېتىشتىن كىلىپ چىقىدۇ . پادا بېقىش ئىشىمۇ شۇنداق، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى پادا باققان . بۇ گەپ <<سەھىھۇلبۇخارى>> دا كەلتۈرۈلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە بايان قىلىنغان . بۇمۇ خۇدانىڭ زور ھېكمىتى . كىشى ھايۋانلارنىڭ يۇۋىشى بولغان قوينى باقسا ، دىلىدا مۇلايملىق ، مىھرىبانلىق ئورنايدۇ .  پەيغەمبەرلەر پەيغەمبەر بولۇپ كىشىلەرنى تەربىيلىگەن چاغدا ، كىشىلەرنىڭ مىجەزىدىكى چۇسلۇق ، دىلىدىكى ناتوغرىلىق رۇسلۇنىدۇ ، ئەڭ مۆتىدىل ھالەتتە بولىدۇ .
          پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام چوڭ بولغاندا ، سەئىب ئىبنى ئەبۇ سائىب بىلەن شېرىك تىجارەت قىلدى . خەدىچە رەزىيەللاھۇ  ئەنھادىن ئىش ھەققى ئېلىپ ، ئۇنىڭ تىجارىتى بىلەن شامغا باردى . خەدىچە پەيغەمبىرىمگە ياتلىق بولۇپ شەرەپكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ، ئۇ باي خەدىچىنىڭ ئىلكىدە ئىشلىدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ئۆز ئەمگىكى بىلەن ياشايتتى . ئۇلۇغ ئاللا ئۇنىڭغا قۇرئاندا مۇنۇ ئايەتلەردە ساناپ ئۆتكەن نىممەتلىرىنى بەردى:<< ( رەببىڭ) سېنى يىتىم دەپ ، ساڭا پاناھ بەرمىدىمۇ ؟ سېنى قايمۇققان دەپ ، سېنى توغرا يولغا سالمىدىمۇ ؟ سېنى پېقىر دەپ ، باي قىلمىدىمۇ ؟>> (سۈرە زۇھا ، 6-،7-،8- ئايەت) ئاللاتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:<< باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك ، ئەمرىم بويىچە ساڭا جىبرىلنى ئەۋەتتۇق . ئەسلىدە قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ . لېكىن قۇرئاننى نۇر قىلدىمكى ، شۇ ئارقىلىق مەن خالىغان بەندىلىرىمنى ھىدايەت قىلىمەن .>> ( سۈرە شۇرا ، 54-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)


    رەسۇلۇللانىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىركى ئەخلاقى
            پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەلق ئىچىدە مىجەزى ئەڭ ياخشى ، ئەڭ راستچىل ، ئەڭ سادىق ئىدى ، كىشى بۇلغايدىغان ناچار قىلىق ، يامان ئەخلاقلاردىن خالىي ئىدى ؛ ئادەمگەرچىلىگى ئەڭ ئۈستۈن ، خەلق بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ قۇيۇق ، خوشنىدارلىچىلىغى ياخشى ،بەك مۇلايىم ، بەك راستچىل ئىدى . ئاللا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇلايىملىق ، سەۋىرچانلىق ، شۈكرى قىلىش ، ئادىللىق ، كەمتەرلىق ، ئىپپەت ، كەڭ قوللۇق ، قەھرىمانلىق نۇمۇسچانلىق قاتارلىق گۈزەل خىسلەتلەرنى ، توغرا قىلىقلارنى جەم قىلغانلىقى ئۈچۈن ، خەلق ئۇنى ئەمىن دەپ ئاتىشاتتى . ھەتتا ئابدۇددار جەمەتىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان نەزرى ئىبنى ھارىس پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامدىكى خىسلەتلەرگە قايىل بولۇپ : مۇھەممەد سىلەر (قۇرەيشنى دىمەكچى)نىڭ ئۆسكەن بالىلىق چېغىدا ئۇنىڭدىن مەمنۇن ئىدىڭلار ، ئىچىڭلاردا ئەڭ راستكوي ، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىدى . ئۇ چوڭ بولۇپ پەيغەمبەر بولغاندا ، ئۇنى سېھىرگەر ئەمەس ، دېگەن . ئۇكاز ( ئۇكاز _ مەدىنىگە يېقىن بىر بازارنىڭ ئىسمى بولۇپ ، بۇ يەردە يىلدا بىر قېتىم چوڭ سودا-سېتىق ئۆتكۈزۈلەتتى .-ت) دا يلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزىلىدىغان سودا-سېتىققا كېلىدىغان ئەرەپلەرگە ئېيتىش مەقسىتىدە ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىلىق ھەممىگە ماقۇل كېلىدىغان بىر سۆزگە كېلىشىۋىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان بىر ، مەسلىھەت يىغىندا نەزرى ئىبنى ھارىسنىڭ قىلغان سۆزى ئەنە شۇ . رۇمنىڭ پادىشاھى ھىرەقلى (قەيسەر) ئەبۇ سۇفياندىن : مۇھەممەد پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشتىن ئىلگىرى ، سىلەر ئۇنى يالغانچىلىق بىلەن قارىلىغانمىدىڭلار ؟ دەپ سورىغاندا ، ئەبۇ سۇفيان: ياق ، دەپ جاۋاب بەرگەن . ھىرەقلى : مۇھەممەد كىشىلەرگە يالغانچىلىق قىلمىغان ئىكەن، ئاللاغا يالغانچىلىق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ، دېگەن . بۇ سۆز << سەھىھۇلبۇخارى >> نىڭ باش تەرىپىدە بايان قىلىنغان . ئاللا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامنى كىچىكىدىلا جاھىليەت دەۋرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە زىت بولغان ( قازى ئىيازنىڭ <<شىفا>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى) بارلىق يامان ئىشلىرىدىن ساقلىغان ، ئۇنىڭغا بۇتلارنى قاتتىق ئۆچ كۆرسەتكەن، ھەتتاكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇتپەرەسلەرنىڭ بۇتلار ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان بايرام مۇراسىملىرىغا قاتناشمايتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: <<ئۆسمۈرلۈك چېغىمدىنلا بۇتلارنى ، ئەسكى شېئىرلارنى يامان كۆرەتتىم . جاھىليەت دەۋرىنىڭ ئىشلىرىنى پەقەتلا ئىككى قېتىم كۆڭلۈمگە كەلتۈرگەن ئىدىم ، لېكىن ئىككىلا  قېتىمدا ئاللا مېنى ئويلىغىنىمنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ساقلىدى . ئۇندىن كىيىن ، تاكى ئاللا مېنى پەيغەمبەرلىككە مۇشەررەپ قىلغانغا قەدەر ، يامانلىقنى ئويلىغىنىم يوق . بىر كۈنى كېچىسى مەن بىلەن بىللە قوي باقىدىغان بالىغا قويۇمغا قاراپ قويۇشنى تاپىلاپ قويۇپ ، مەككىگە كىرىپ ياشلارغا ئوخشاش كېچىلىك پاراڭغا قاتناشماقچى بولۇپ ماڭدىم . مەككىگە كىرىپ 1-قورۇنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە ، بىرسىنىڭ توي مەرىكىسىدە ئېيتىلىۋاتقان ناخشا ، چېلىنىۋاتقان داپ ، نەيلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىپ شۇ يەردە ئولتۇردۇم ، ئاللا مېنىڭ قۇلۇقۇمغا ئاڭلاتماي ، مېنى ئۇخلىتىپ قويۇپتۇ . ئەتىسى قۇياشنىڭ تەپتى ئۈستۈمگە چۈشكەندىلا ئويغاندىم ، ھېچ ئىش قىلمىدىم ، ئىككىنجى قېتىم يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال بولغان ئىدى.>>
            پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالا نۇسۇپ (قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ ئىبادەت قىلىنىدىغان تىكىلگەن تاش.-ت) ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېمەيتتى ، ھاراق ئىچىش ئەرەپلەردە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ ، پەيغەمبىرىم ئۆزىنى ھاراق ئىچىشتىن چەكلىگەن ئىدى . ئاللا پەيغەمبەرلىرىنى ۋەھىينى قۇبۇل قىلىشقا تولۇق لاياقەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەنە شۇنداق سۈپەتلەر بىلەن زىننەتلىگەن . ئۇلار ، پەيغەمبەر بولۇشنىڭ ئالدىدىمۇ ، پەيغەمبەر بولغاندىن كىيىنمۇ ، بارلىق گۇناھلاردىن پاك ئىدى . ئۇلار پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلىدىغان چوڭ ئىشقا لايىقلىشىش ئۈچۈن پاك بولىدۇ ، پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن بولسا ئۆز ئۈممەتلىرىگە ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن پاك بولىدۇ . پەيغەمبەرلەرگە ئاللادىن يۈكسەك رەھمەت ۋە سالام بولغاي .
    داۋامى بار.........................
    [ بۇ يازما nurkalib تەرپىدىن2008-12-15 09:54 PMدە قا ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئەجىر
  • يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 03:36 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    adi0710
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29482
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 170
    شۆھرەت: 180 نۇمۇر
    پۇل: 117 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-21

     

    ئاۋال ساقلىۋالاي ، تېپىلغۇسىز ئەسەر بۇ . تېما  ئىگىسىگە مىڭ مەرتىۋە رەخمەت .      .
    تەكلىپ : پۈتۈن يېزىلىپ بولغاندا باشقۇرغۇچىلار بولسا ئەسەرنى تەھرىرلەپ بىر يەرگە يىغىپ قويغان بولساڭلا ، كۆرۇشكە ئاسان بولاتتى .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 06:07 PM |
    Yurtum Elani
    xjmmtj
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29666
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 86
    شۆھرەت: 86 نۇمۇر
    پۇل: 126 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 100(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

              
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 06:25 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    kunkiz
    بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6500
    شۆھرەت: 3608 نۇمۇر
    پۇل: 42253 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    رەخمەت گۈلۈم ئەجرىڭىزگە ئىزدەپ - سوراپ كۆردىغان  ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بوپتۇ .
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 06:40 PM |
    Yurtum Elani
    Oyghan
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2091
    شۆھرەت: 340 نۇمۇر
    پۇل: 1417 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    Allah Bizni Mushuni Oqup hem emel qilishqa nisip  qilsun Ozini Musulman deydighan Herbir insan Chuqum  islam Tarixini hem muhemmed a l s Lamnigh Tarixini bilish Bek Muhim.
    allah ejringizni Bersun  Nurkelib Kelbingizni iman nuri bilen nurlandursun
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    Thee do we worship, and Thine aid we seek.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 08:58 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    Oyghan
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2091
    شۆھرەت: 340 نۇمۇر
    پۇل: 1417 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    xitim bugun  Uyghurche chiqmaywatidu
    Thee do we worship, and Thine aid we seek.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 09:00 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى ۋە مەشھۇر شەخسلەر
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.098685(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:24
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号