چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 62 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: قىزىقىش ۋە  بىزارلىق(ئاپتۇرى:ۋاھاپچان قۇربان تەۋەرۈك) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

nasiba103
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34868
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 203 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 قىزىقىش ۋە  بىزارلىق(ئاپتۇرى:ۋاھاپچان قۇربان تەۋەرۈك)

0
بىزدە يەتكۈدەك ۋاقىت بار ،شارائىت بار .ئۇنداقتا نىمە يوق؟
بىز بىر نەرسىلەرگە يېڭىلىقلارغا قىزىقىمىز.ئۇلارنى ئۆگەنگىمىز كىلىدۇ.ھاياتنىىڭ ھەقىقىتىنى تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى ،گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ياشاشنىڭ لەززىتىنى بىلىۋالغۇمىز كېلىدۇ .بىراق ئازىراقلا قېيىنچىلىق توسالغۇ سەۋەپلىك بىزدىكى شۇ قىزىقىش چاقماق تىزلىكىدەزىرىكىشكە ۋە
بىزارلىق تۇيغۇسىغا ئالمىشىدۇ.....
بىزدە تەسەۋۇر ۋە يۈكسەك فانتازىيە بار.گۈزەل غايىلەر بار :بىز ئۇچار گېلەمگە ئولتۇرۇپ بوشلۇقتا ئەركىن پەرۋاز قىلىشنى ،ياغاچ ئاتقا مىنىپ تاغ
دەريالارنى كىزىشنى،ئېچىل داستىخان يېنىدا ئولتۇرۇپ مول نازۇ نىمەتلەرنى يىيىشنى ،ساڭقاڭ ئىشەكتىن ئالتۇن كۈمۈشلەر ساقىتىپ مول باياشات
تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ،ئالتۇن كەشلىرىمىزنى كىيىشپ توي تۆكۈنلەرگە بېرىشنى ،ئۇر توقماق ئارقىلىق دۈشمەن كۈچلەرنى يوقىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىراق بىزنىڭ بۇ خىياللىرىمىز خام خىيال بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.بۇ خىلدىكى خام خىياللار بىزدىكى يۈكسەك تىرىشچانلىق ۋە ئالغا .ئىنتىلىش روھىنىڭ كىرزىس پىتى تىندۇرما ھالەتتە داۋاملاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.ناۋادا بىزدىكى قىزىقىش ۋە تىرىشچانلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپالىغان بولسا،ئۇچار گېلەم
،ياغاچ ئاتلىرىمىز قانات چىقارغان ،ئېچىل داستىخانلىرىمىز ئېچىلىپ ،ساڭقاڭ ئىشەكلىرىمىز ساڭقىغان،ئۇر توقماقلىرىمىز ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلغان
بولماسمىدى؟شۇنداق بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىز قىزىقىش تۇيغۇسى بىلەن بىزارلىق تۇيغۇسى ئارىسىدىكى مۇررەككەپ يولدا تەمتىرەپ قالغان ،ئەڭ گۈزەل بىر روھ بۇ مۇرەككەپلىكتە يىتىمسىرەپ قالغان.بۇ خىل ھالەت روھىيتىمىزدىكى بىچارىلىكنى ئاشكارلاپ تۇرىدۇ.ئەجدادلىرىمىزدىن بىزلەرگىچە داۋاملاشقان
گۈزەل تەسەۋۇر سەمىمىي غايىلەر يەنىلا غايە ھالىتىنى بۇزماي تۇرىۋاتىدۇ.ئەجىبا بىزمۇ بۇ غايىلەرنى غايە ھالىتىدە ساقلاپ قۇيارمىزمۇ؟
كىشىىلىك تۇرمۇش ھەقىقەتەن كۆپ قىرلىق ۋە مۇررەككەپ.سەن تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىساڭ ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ،بۇنىسى ھەقىقەت.بىزدە تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىغۇدەك قارىيالىغۇدەك جۈرئەت بارمۇ ؟مەن بۇ يەردە تۇرمۇشىمىزدىكى قىزىقىش ۋە بىزارلىق توغۇرلۇق بىر نەچچە دىئالوگنى ھەممەيلەننىڭ
تەڭ نەزەردىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشىنى لايىق تاپتىم.
-گتتار چېلىشنى ئۆگىنىپ بولدىڭىزمۇ ؟ئۆتكەندە بەكلا قېزىقىپ كېتىۋاتقىنىڭىزنڭىنى ئېيتقان ئىدىڭىز...
-نەدىكىنى ئۇ بەكلا تەس ساز ئىكەن ،،،باشقىنى ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن...
خۇلاسە:ۋاقتى ،شارائىتى تۇلۇق بىر ساز ھەۋەسكارىنىڭ روھىيىتىدىكى ئوتتەك قىزىقىش ساز چېلىشنىڭ بىرئاز تەسلىكى سەۋەپلىك بىزارلىق تۇيغۇسىغا
ئالماشقان.مېنىڭچە ئۇنىڭدا قىزىقىش تۇيغۇسى بار،پەقەت ئۆگىنىش روھى ۋە كۆڭۈل قۇيۇش كەمچىل.

-ئىنگىلىزتىلى نەتىجىڭىز چىقتىمۇ ؟
-مەن ئىمتىھانغا قاتناشمىغان،ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا چىكىنىپ چىققان ئىدىم.
-نىمىشقا ئەمدى؟
-ۋاي بەكلا تەس تىلكەن ،باشقا تىل ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن.
خۇلاسە :مىنىڭچە ئۇ بۇ خىل پوزىتسىيە بىلەن ھېچنىمە ئۆگىنەلمەيدۇ.
تەس ،ئەلۋەتتە تەس  نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار؟بىزدە ئەلۋەتتە يىتىپ ئاشقۇدەك ۋاقىت بار،شارائىت بار ،بىراق بىزدە ئەڭ كەم بۇلىۋاتقان نەرسە
روھ، تىنىمسىز ئالغا ئىنتىلىش روھى ۋە تىرىشچانلىق .بىزدە ئۆزىمىزگە ئىشىنىش تۇيغۇسى كەم،مانا بۇ كەمتۈكلەر بىزدىكى قىزىقىش تۇيغۇسىنى بۇغۇپ
ئۆلتۈرۈپ قويىۋاتىدۇ.
<ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ>قىرلىق ئىستاكان فىلىمىدىكى بۇ بىر جۈملە سۆز بىزدىكى رىقابەت تۈسىنى ئاشكارلاپ تۇرىدۇ.راست ئەدىپ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك<ئەركىن رىقابەت يۈرگۈزىلمىگەن جەمىيەتتىكى ئادەملەر كۆپ ھاللاردا بۇزۇلغان ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ.>
بىز بىر بىرىمىز بىلەن نەدىكى ناچار ئىشلاردا رىقابەتلىشىمىز -يۇ ،نىمىشقا ياخشىلىق ئۈنۈم ۋە نەتىجىدە ئۈستۈنلۈك تالاشمايمىز؟بىز بىر بىرىمىزنىڭ
قازانغان مۇۋاپىقىيىتىنى ،غەلبىسىنى نىمىشقا كۆڭۈلدىن چىقىرىپ مۇبارەكلەشمەيمىز ؟بۇ خىل تىرراگىدىيىلىك ھالەت جەمىيىتىمىزگە ۋە روھىيىتىمىزگە
خىلى دەرىجىدە يۇشۇرۇنغان .
قىزىقىش دىگەن نىمە ؟مىنىڭچە ،قىزىقىش-تاشقى دۇنيادىكى يېڭى شەيىنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىغا بەرگەن ئاكتىپ تەسىرى ۋە ئىنسان ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىش جەريانىدۇر.ئىنسان ۋۇجۇدى تاشقى دۇنيادىكى يېڭى شەيىنىڭ شەكلى ،قۇرۇلمىسى ۋە ماھىيىتىگە مەھلىيا بۇلۇپ كەتكەندە ئادەمدە
شۇ شەيىگە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بۇلىدۇ.
<قىين ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگەدەيدۇ ئەجدادلىرىمىز..بىز بىر نەرسىلەرگە تەبىر بېرىمىز ،لېكىن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىمىزنىڭ روھىي
دۇنياسىغا باغلاپ ،ئۈزىمىزگە تەدبىقلىمايمىز.مەيلى باشقا ياشلىرىمىزدا ياكى كىشىلىرىمىزدە بولسۇن ئىشىنىش روھىي سۇس ياكى ئاجىز دىيەرلىك.بىز مەلۇم بىر ئىشنى قىلماقچى بۇلىمىز .لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ ئۈزىمىزگە ئىشىنەلمەيمىز،مەەغلۇبىيەتتى قورقىمىز.بىزدە تەۋەككۈل قىلىش روھىي ناھايىتى كەمچىل .قىزىقىمىز باشقا ئېلىپ چىقالمايمىز.
خوش پۈتۈن ئىنسانىيەت ئاجايىپ ئىقتىرالار بىلەن بېزەلگەن يېڭى ئەسىرگە مەغررۇرلارچە كىرىپ كەلدى .بىز بۇ ئەسىردە ئەل قاتارى ياشىيالامدۇق يوق ؟بىزدە بۇ ئەسىرگە خاس يېڭىچە ئاڭ بارمۇ ؟بىز بۇ ئەسىردە نىمىگە مۇھتاج؟بىز قانداق قىلغاندا ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋە ئىلغار تېخنىكىلارغا ۋەككىلىك قىلالايمىز؟قانداق قىلىپ ۋۇجۇدىمىزدىكى قىزىقىش روھىنى ئەسىر روھىغا ماسلاشتۇرالايمىز؟مەن ئويلايمەن ،بىز ئۆزىمىزدىكى ئۈزىمىزنى
كەمسىتىشتىن ئىبرەت روھىي كىششەننى تەلتۈكۈس پاچاقلاپ تاشلاپ ،ئىلغار رىقابەت ئېڭى ۋە يۈكسەك تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۈزىمىزگە بولغان
ئىشەنچىمىزنى تىكلىيەلىسەكلا ،بۇ خىل قىين ھالەتتىن چۇقۇم قۇتۇلۇپ كىتىمىز!
ئاپتۇرى:ۋاھاپچان قۇربان تەۋەرۈك
[ بۇ يازما chogluk تەرپىدىن2008-12-15 10:21 AMدە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : chogluk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-15, 02:21
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-14 10:10 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
沙漠花
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 33478
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 153
شۆھرەت: 153 نۇمۇر
پۇل: 599 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 131(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

      
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 10:44 AM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
chinatelecom
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 33398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 361
شۆھرەت: 361 نۇمۇر
پۇل: 1274 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن،دېمىسىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار بەك جىق!!!ئوتتەك قىززىپ،پوقتەك سوۋىيدىغانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ...
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 06:13 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.043226(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 11:59
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号