ئاڭلىمىسىڭىزمۇ ھاقارەتلىمەڭ.....!
جەميەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ خەلقارالىق مەدىنيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ قۇيۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ چەتئەلنىڭ زامانىۋى مەدىنىيىتى خەلقىمىز ئارسىغا تەرەپ تەرەپتىن كىرىپ ئۆزلەشمەكتە، بىراق بىر قىسىم ياشلىرىمىز ھەتتا چوڭلىرىمىزمۇ زامانىۋى مەدىنيەتنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىدىن كۈرە سەلبى تەرەپلىرىنى قارۇغۇلارچە مودا قۇغلۇشۇپ قۇبۇل قىلىپ ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەبجەش كۈيلەرگە مەستانە بۇلىۋاتماقتا .
قۇربان ھېيتتا ئائىلىمىزگە مىھمانلار جەم بولدى،ئۇلار ناخشا پىلاستىنكىسى قۇيۇپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلدى،مەن خىيالىمدا ئۇلار چوڭلار بولغاندىكىن چۇقۇم خەلق ناخشىلىرى،مۇقامنى ياخشى كۈرىدىغۇ دەپ ئويلاپ ئۇيغۇر خەلق تاللانما ناخشىلىرى توپلانغان پىلاستىنكىنى قۇيۇپ بەردىم.
پىلاستىنكىدا ئەيساجان مامۇت،ئابدىقادىر يار ئېلى ،شىر ئەلى ئەلتىكىن،گۈزەلنۇر ئۆمەر،پاتىگۈل ھۈسەيىن قاتارلىقلارنىڭ ناخشىسى ئاڭلىنىۋاتاتتى.بىراق ئويلىمىغاندا تەرەپ-تەرەپتىن؛ۋاي ئۇكامۇي،تۈزۈكرەك بىر ناخشا قۇيىڭە،نەدىكى بىر زاماندىن قالغان،مىس-مىس ئادەمنى ئۇخلۇتۇپ قۇيىدىغان ناخشىلارنى قويماي.ياش بولغاندىكىن بىر شوخ-شوخ ،مودا ناخشىلارنى ئاڭلىمامسىز؟ نەدىكى بىر قېرى ئادەملەر ئاڭلايدىغان بىر نىمىلەرنى ئاڭلاپ زىرىكمەمسىز،نەرىڭىز ئالى مەكتەپنى پۈتۈرگەن زىيالى سىزنىڭ؟ ما ناخشا ئېيتىۋاتقان نىمىلەرمۇ ياش بولغاندىكىن تۈزۈكرەك بىر ناخشىلارنى ئېيتماي،نەدىكى بىر يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىدىكەن،كىممۇ ئاڭلار ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى؟،دىگەن نارازىلىق پىكىرلىرى قۇلاق مىڭەمنى يەپ بولدى.شۇ دەقىقىدە (تاغا،ھامما،بۇ ھەرگىزمۇ زاماندىن قالغان ناخشا ئەمەس،خەلىق ناخشىلىرىمىز ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ،ئۇ سىزنى ئۇجلۇتۇپ قۇيغان بىلەن مىنىڭ ئۇيقامنى ئېچىۋىتىدۇ،ھەتتاكى بۇ ناخشىلار ۋۇجۇدۇمغا جاسارەت ،ئىلھام بىرىپ مىنى چەكسىز پەخىرلەندۈرىدۇ،خەلق ناخشىلىرىمىز قېرىنىڭ ياكى ياشنىڭ ئەمەس بىز بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشىسى ) دىگۈم كەلدى.
يەنە بىر كۈنى ساۋاقداشلار بىلەن ئائىلىمىزدە ئولتۇرۇپ قالدۇق تىلىۋىزۇر كۈرىۋاتقاندا تاساددىبى قانالنى مەشرەپ پىروگراممىسى بىرىۋاتقان قانالغا يۆتكەپ سالدىم،خەلق ناخشىسى بىرىۋېتىپتىكەن ،بىر ساۋاقدىشىم شىۇ ئانلا ‹‹ۋايجان،يۆتكىگىنە بىر،ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا ساتتا چالغاندەك ئاڭلىنىدۇ بۇ ناخشىلار ماڭا ،تۈزۈكرەك بىر ناخشا قۇيغىنە›› دىدى.شۇئان ئۆزۇمگە شۇنداق نىدا قىلدىم::توۋا،شۇنچە ئىسىل خەلق ناخشىلىرىمىز ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا شۇنچە سەت ئاڭلىنىدىغان بۇپقاپتۇ........
ناخشا كۈيلىرىمىز زامانىۋى دۇنيا بىلەن ئۇچراشقانچە ساپلىق ئەسلى ۋەسلىنى يوقۇتۇپ ئەبجەش كۈيلەر توپان بالاسىدەك ياغما بۇلۇپ خەلقىمىزنىڭ ئاڭلاش سىزىمىنى ئازاپلاۋاتقان پەيىتتە،ئاتام ئېيتقان ھېلىقى ناخشىلارنى باشقىلار تاشلىۋېتىپ ئۇنتۇشقا يۈز لەنگەن چاغدا ھەتتا ھېلىقىدەك بەزى ياشلىرىمىز،ياشانغانلىرىمىز كىلاسسىك ناخشىلاردىن ھۇزۇرلىنالماس،ئاڭلىماس بۇلىۋاتقان،غەلىتە يات ناخشىلارغا مەستانە بولغان چاغدا ئەيساجان مامۇت،ئابدۇقادىر يار ئېلى،شىر ئېلى ئەلتىكىن،گۈزەلنۇر ئۆمەر،پاتىگۈل ھۈسەيىن قاتارلىقلارنىڭ بىر ياش ناخشىچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى زامانىۋى مەيدانلاردا چاڭ كەلتۈرۈپ ياڭراتقانلىقى بىزنى سۇيۇندۈرىشى كېرەك ئىدى،بىز ئۇلاردىن پەخىرلەنسەك بۇلاتتى،ئەمما ئۇنداق قىلماق تۈگەل ئۇلارنى ھاقارەتلىدۇق.
بىر پۈتۈن مىللى سەنئەت ئېقىنىمىزدىكى ئۈزۈلمەس مىلودىيە ھىساپلانغان خەلق ناخشىلىرىمىز بولسا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەسىرلىك مەنىۋىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ جەۋھىرىدۇر،خەلق ناخشىلىرى مىللەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا قۇپۇرۇلغان روھى قەسىر، خەلق ناخشىلىرىدىكى ھەر بىر مىسرادىن تۈكۈلۈپ تۇرغان پەلسەپىۋىلىك ،ئويناقلىق تۇرمۇش پۇرىقى،سەر خىللىق بىزنى ئۇنتۇلماس ھىسلارغا چۈمۈلدۈرىدۇ.
ئەلۋەتتە ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى ياقتۇردىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان نەرسىسى بۇلىدۇ،بىز ئۇلارنى چەتئەل ناخشىىلىرىنى ئاڭلىمايسەن،چۇقۇم ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلايسەن دەپ مەجبۇرلىمايمىز ھەم ئۇنداق قىلىش ھۇقۇقىمىزمۇ يوق،ئۇلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۈرمەت قلىمىز،بىراق جەلق ناخشىلىرىمىزنى ئاڭلىمىسىڭىىزمۇ ھاقارەتلىمەڭ! قىسقىسى خەلىق ناخشىلىرىمىزدا مىلىتىمىزنىڭ مىللى روھى،مىللى ئەنئەنىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، بىز ئۇنۇڭدىن مۇڭلىنىمىز،بىز ئۇنۇڭدىن مەدەت ئالىمىز،ئۇنى ھاقارەتلىگىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ھاقارەتلىگەن بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ......؟
مەنبە:تەنھايى
[ بۇ يازما kuxbeg526 تەرپىدىن2008-12-16 06:31دە قايت ]