4–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: لوندون ئاق شەھەر تەنھەركەت مەيدانى
1908–يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئەسلى رىمدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. رىم بىلەن ئىتالىيەنىڭ يەنە بىر شەھىرى، گىرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرى، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرى بىرلىكتە ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۇزۇشنى تالىشىپ، ئاخىرى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ھەيئىتى كومتىتىنىڭ بىلەت تاشلاپ بىكىتىشى بىلەن، بۇقېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. بىراق 1906–يىلى گىرىتسىيە سىناق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۋاتقان مەزگىلدە، ئىتالىيەدە يانارتاغ پارتلاش ھادىسى يۈزبېرىپ، ئىتالىيە نىڭ ئىقتىسادى ئېغىر زىيانغا ئۈچىرىدى، بۇنىڭ بىلەن ئىتالىيە ئولىمپىك كومتىتىغا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كەچكەنلىگىنى بىلدۇردى. ئىككى يىل ۋاقىت قالغاندا ئولىمپىك كومتىتى لوندوندىن ياردەم سورىدى، تەكشۈرگەندىن كىيىن لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى 1908–يىلى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مەبلەغ توپلاش كومتىتى قۇرۇلدى، ھۆكۇمەت مەبلىغىنى ئىشلەتمەي ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە نىڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، «ئاق شەھەر» تەنھەركەت مەيدانىنى 10 ئاي ئىچىدە پۈتكۈزۈشنى قاراق قىلدى. بۇ تەنھەركەت مەيدانىدا كومۇر ئۇۋىقى ياتقۇزۇلغان يۈگۈرش يولى بۇلۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەن گىلماستىكىسى مەيدانى، ئۇزۇنلىغى 100 ئىنگىلىز چىسى كەڭلىگى 15 ئىنگىلىز چىسى كىلىدىغان بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىگى، يىنىك ئاتلىتكا يولى سىرتىدا يەنە ئايلانما ئۇزۇنلىغى 666.66 ئىنگىلىز چىسى كىلىدىغان ئەركىن ماشىنا يولى بار ئىدى. بۇ تەنھەركەت مەيدانى 4 خىل ئىقتىدارنى بىرلەشتۈرۈپ سېلىغان 79 مىڭ كىشلىك بىردىنبىر ئالاھىدە تەنھەركەت مەيدانى ئىدى.
1908–يىلى 4–ئاينىڭ 27–كۈنى تۆتىنىچى نوۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى لوندوننىڭ «ئاق شەھەر» تەنھەركەت مەيدانىدا غەلبىلىك باشلاندى. ئەنگلىيە پادىشاھى ئېدۋارد 7– بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ كۈنى ھاۋا تازا ياخشى ئەمەس بۇلۇپ ئەنگىلىيە پادىشاھى ۋە خانىشى، گىرىتسىيە پادىشاھى ۋە نۇرغۇن ئاق سۈڭەكلەر، ئولىمپىك ھەيئەت ئەزالىرى ۋە 25 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن، تۇمانلىق ۋە يامغۇرلۇق ھاۋا دا بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىندا ھەرقايسى دۆلەت تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كىيمى بىردەك بۇلىشى، ۋەكىللەر دۆلەت بايرىغى كۆتۇرۇپ رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلگەندە ھۆرمەت بىدۇرۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلدى.