چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 250 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: بىز راستىنلا مىللىچە كىيىملىرىمىزدىن ياتلىشىپ كەتتۇقمۇ؟(قارا تۈرك) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

kara_turk
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34475
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 127 نۇمۇر
پۇل: 545 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

 بىز راستىنلا مىللىچە كىيىملىرىمىزدىن ياتلىشىپ كەتتۇقمۇ؟(قارا تۈرك)

0
بىز راستىنلا مىللىچە كىيىملىرىمىزدىن ياتلىشىپ كەتتۇقمۇ؟
بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيەت بايلىىقلىرى ئىچىدە كىيىم –كېچەك ناھايتى مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.‹‹كىيىم كېچەك بىر مىللەتنىڭ كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان كىملىكى›› دەپمۇ قاراش مۈمكىن.
كىيىم كېچەكلەر ئىلگىركى چاغلاردا پەقەت ئەۋرەتنى ئوراش ۋە كۈن نۇرىنىڭ بەدەنگە زىيان ئېلىپ كىلىشىدىن ساقلىنىش رۇلىغا ئىگە دەپ قارالغان بولسا،جەميەتنىڭ تەرەقىياتى ۋە
ئىستىتىك ئېڭىمىزنىڭ يۇقرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ھازىرقى ۋاقىتتا كىيىم بىر ئادەمنىڭ خارەكتىرى،مەدىنيەت سەۋيىسى شۇنداقلا مىللى ئوبرازى ۋە كىملىكىنى ئۆلچەيدىغان
ئۆلچەملەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ قالدى.
كىيىم –كېچەكلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللىق ئىستىتىك كۆز قارشىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن بىر مەدىنيەت ھادىسىسى.
بىر كۈنى دەرىسخانىدا مىللى مەدىنيەتكە ئائىت دەرىس ئۈتۈش زۈرۈرىيىتىدىن مىللىچە كىيىمنى كىيىپ كىرگەنىدىم،ئىلگىركى دەرىس سائەتلىرىدە دەرىسكە دىققەت قىلماي،ئويناپ
ئۇخلاپ ئولتۇردىغان ئۇقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان ھۆرمەت، قىزىقىش ،مايىللىق تۇيغۇسىنى كۆردۈم،ئۇلار ئۈن-تىنسىز ئاغزىمغا قاراپ ئولتۇراتتى،ئىلگىرى بىر سائەت
دەرىس توشقىچە 15،10 قېتىم جىم ئولتا،پاراڭ سالما دەپ چىقاتتىم،بۈگۈن بولسا يەرگە يىڭنە چۈشۈپ كەتسە ئاڭلانغۇدەك جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرگەنىدى،ئۇقۇغۇچىلاردىن كالتا-كۈسۈي
كىيىم كىيدى ،مىللى ئېڭى تۆۋەنلەپ كەتتى دەپ ئاغرىنىپتۇقيۇ ئۆزىمىز ئۈلگە بۇلۇپ ئۇلارغا ئەمىلى مىللى مەدىنيەت،ئەخلاق ئېڭى يىتىلدۈرۈشكە سەل قاراپتۇق ئەسلىدە ئۇلارغا نەزىريىنى
ئەمىليەتتىمۇ قىلالايدىغان،ئۈلگە كۆرسىتەلەيدىغان،ۋۇجۇدىغا تەبئىي يۇسۇندا مىللى ئاڭنى يىتىلدۈرەلەيدىغان ،مەسئۇلىيەتچان ئۈلگىلىك ئۇقۇتقۇچى لازىمكەنتۇق ئەمەسمۇ......
ياخشى مائارىپ مەدىنيەتنىڭ كاپالىتى بۇلۇپ قالماستىن بەلكى مەدىنيەتنىڭ كاتالىزاتۇرى،خۇددى مۇنەۋۋەر كىتاپلار ئەقىلنى ئاچقۇچى بۇلۇپ قالماستىىن يەنە يۇقرىغا ئۆرلەشنىڭ بالدىغى بولغاندەك.
ئىچىم سىقىلىپ قالسا ياكى ئەتراپىمدىكى بولمىغۇر قىلمىشلاردىن نارازى بولغانلىرىمدا مىللىچە كىيىمنى كىيىپ قەدىمى ئىزلاردا،ئاۋات كوچا-رەستىلەردە ئايلىنىپ ئۆزەمگە تەسەللى ئىزلەيتىم،كۈزۈم
سۇمبۇل چاچلىق ئەتلەس كۆڭلەكلىك قىزلارنى،بادام دوپپا،كانۋاي كۆينەك كىيگەن يىگىتلەرنى ئىزلەيتى،لىكىن ئۇنداق كىيىدىغان يىگىت،قىزلار‹‹ تېپىلماسنىڭ خورمىسىغا›› ئايلىنىپ قېلىشقا ئاز قالغانىدى!
بېشىمغا دوپپا ئۇچامغا كانۋاي كۆينەك بىلەن يوپكا كىيىپ چاچلىرىمنى تال-تال ئۈرۈپ يولدا كىتىۋاتاتتىم،چوڭ كىچىك،قېرى ياش ھەممە ئادەم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ كەتتى.مەن
ئۆز-ئۆزەمگە؛ئۇلار ماڭا ھەۋەس قىلىپ قاراۋاتامدىغاندۇ ياكى زاڭلىق قىلىپ قاراۋاتامدىغاندۇ؟،دىدىم.تۇيۇقسىز كىچىك كوچىدا ئالدىمغا ھەرەڭ-سەررەڭ كىيىنگەن 4،3 يىگىت ئۇچرىدى،ئۇلار يولنى
بىر ئالغاشقا قانداق ئۈتەمەن دىگەن سۇئال بىلەن ئەنسىرەپ ماڭدىم،بىراق ئۇلار دەرھال ماڭا ئۇرۇن بوشاتتى،ئارقىمدىن‹‹ئەجەپ چىرايلىق قىزۋالىكىنا،پاخخۇي!،ئۇيغۇر قىزى دە، ئۇيغۇر قىزى››
دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم،بىر دەمدىن كىيىنلا يەنە نەچچە10 ياشلار توپلىشىپ ئولتاغان يەردىن ئۈتۈپ قالدىم،ئۇلار ئالدىمدا كىتىۋاتقان پادىچىلار شىمى بىلەن بۇيۇن بەللىرى كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان تار
يېپىشقاق گاڭسەر كىيىپ،چاچلىرىنى توبادەك پاخپايتىپ ئالا تاغىل بوياپ،يۈزلىرىنى مايمۇندەك قىلىۋالغان قىزلارغا ئىسقىرتىۋاتاتتى،مىنى كۈرۈپمۇ بىرسى ئىسقىرتقانىدى،يېنىدىكى يىگىتلەر؛ھەي
گۇي نىمە قىلىۋاتىسەن؟،ئۇ قىزنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمگە قاراپ باق،سەن ئىسقىرتىدىغان قىزلارغا ئوخشامدىكەن،ھىچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمگە بولسىمۇ ھۆرمەت قىلساڭ بولمامدۇ؟
دەپ ھېلىقى يىگىتنى ئەيىپلەپ كىتىشتى.ئىلگىرى تاماكا چىكىپ كوچا دوقمۇشلىرىدا تاۋكا قۇرۇپ ئولتاسا كۈزۈمگە لۈكچەك،بىكاتەلەت كۈرىنىدىغان ئۇ يىگىتلەر ئەمدى بېلەكچىلا ئىسسىق كۈرۈنۈپ
ئۇچامدىىكى بۇ كىيىمنىڭ مىنى بۇنچىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغىنىدىن پەخىرلىنىپ ۋۇجۇدۇمدا مىللىچە كىيىملىرىمىزگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى يەنە بىر بالداق يۇقرى كۆتىرىلدى.مەن تېخى
خىيالىمدابۇنداق كىيىمنى كىيىۋالسام كىشىلەر مىنى زاڭلق قىلپ قالامۇ؟دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەمما بۇ يىگىتلەرنىڭ گەپلىرىدىن،ئۇقۇغۇچىلىرىمنڭ پوزىتسىيىسىدن ياشلىرىمىزدا مىللىچە كىيىملىرىمىزگە بولغان
ھۆرمەت،سېغىنىش تۇيغۇسىنىڭ ھېلھەم يوقالمىغانلىقىنى،مىللىتىمىز ئارسىدا ئەۋىج ئېلىۋاتقان داۋالغۇش،يىتىرقاش تۇيغۇسىنىڭ پەقەت بىر مەزگىللىك ئىكەنلىكىنى ھامان بۇ پاجىئەدىن
قۇتۇلۇپ چىقالايدىغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم،باشتا ماڭا قاراپ قالغان يىگىتلەرنى يامان كۆزدە قارىغان دەپ ئاچچىقىم كەلگەن بولسا ئەمدى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن مىللىچە كىيىمگە بولغان سۈيۈنۈش
ۋە ھۆرمەت نەزىرىنى سەزدىم،ماڭا قارىغان بوۋاي مومايلارنىڭ كۈزىدىن ئىپتىخارلىق پەخىرلىنىش ھىسياتىنى،بالىلارنىڭ كۈزىدىن ھەۋەسنى كۆرگەندەك بولدۇم
مىللىچە كىيىملىرىمىزنى كىيگۈمىز بولسىمۇ خە نىمە دەپ قالا دەپم كىيەلمەي كىيسەكمۇ خۇدىكسىرەپ ماڭالماي ئۇقۇغۇچىلاردىن جەميەتتىكى كىشىلەردىن مىللىچە كىيىملەردىن ياتلىشىپ كەتتى
دەپ ئەتراپىمىزدىكىلەرنى مىللىچە كىيىملەرگە نىسپەتەن ياراتماسلىق تۇيغۇسى بار دەپ يۈرۈپتۇق،مانا ئەمىلى پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئەمىليەتتە مىللىتىمىزدەۋە ئەۋلاتلىرىمىزدا ھەرگىزمۇ مىلىچە كىيىمگە نىسپەتەن
ياراتماسلىق ۋە ياتلىشىش پىسخىكىسى يوقتەك قىلىدۇ،ئەسلىدە ئۇلار مىللىچە كىيىملىرىمىزنى سېغىنىپ تۇرىدىكەن ۋە ھۆرمەتلەيدىكەن
ھەممىسىگە مىللىچە كىيىملىرىمىزنى كىيەلمىسەكمۇ ھىچ بولمىغاندا زامانىۋى كىيىملەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ماسلاشتۇرۇپ كىيسەك ھەر قانداق سۇرۇنغاياراشقۇچىلىكى بار  بىر يارىشىملىق كىيىم ئەمەسمۇ ئۇ؟
ئەمما بىز شۇنىمۇ قىلالمايۋاتىمىز....بىز ئۆزىمىزنىڭ كىيىمىنى كىيەلمەي،كىيىشتىن نۇمۇس قىلىپ تۇرغان ھالىمىزغا بەدىنىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇچۇپ قويسىمۇ نىمىلا بولمىسۇن  مىللىچە كىيىملىرىنى
پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن كىيىۋاتقان ھىندىستان، پاكىستان ئاياللىرىنى كىندىكىنى ئۇچۇپ قويدى دەپ ئەيىپلەپ ‹‹تۈفى مەينەتلەر›› دەپ تىللاپ كىتىمىز تېخى،ئۇچىمىزغا بىرەرقېتىم مىللىچە كىيىمنى ئارتىپ بېقىپ
ئاندىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كىيىنىشىگە باھا بەرسەكمۇ كىچىكمەيتۇق،
ئەي سۈيۈملۈك ئۇيغۇرۇم؛ئۇيغۇر مىللى كىيىملىرىمىزنىڭ كۆزنى قاماشتۇردىغان،سەلتەنەتلىك لاتاپىتى ۋە جەزبىدارلىقىنى مىللى غۇرۇرىمىز ۋە كىيىنىشىمىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلايلى.......!!!
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-14, 13:12
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(totem) ياخشى ماقالە
  • MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-14 09:09 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    EKMAT
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10093
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 149 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

    ناھايىتى   ياخشى   پىكىر   بوپتۇ  ، مانا    مەن   1- بولۇپ  قوللايمەن .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 09:42 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    bugunuqun
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34834
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    پۇل: 155 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     ئىنكاس

    ./read.php?tid=28390#220816
    مەن 2-بولاپ قوللاي...
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 09:51 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    atirgul627
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 672
    شۆھرەت: 834 نۇمۇر
    پۇل: 2900 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

       مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ شۇنداق بىر سۆز ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
    گۈزەللىك قوغلىشىمەن دەپ يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشنى شەرت قىلما،ئۇ ساڭا گۈزەللىك ئەمەس ،خۇنۇكلۇقنى ،چاكىنىلىقنى ھەمراھ قىلىدۇ.

    شۇڭا ئېغىزدىلا دىمەي،ئەمىلىيىتىمىزنى كۆرسىتىپ ئائىلىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 10:09 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    misran41
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34873
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     kara_turkنىڭ باش يازمىسىغا ئىنكاس

    رەھمەت سىزگە!      <<ئەي سۈيۈملۈك ئويغۇرۇم؛ ئويغۇر مىللى كىيىملىرىمىزنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، سەلتەنەتلىك لاتاپىتى ۋە جەزبىدارلىقىنى مىللى غۇرۇرىمىز ۋە كىيىنىشىمىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلايلى...!!!>> .  بۇ سۆزنى ناھايتى جايىدا ئېيتتىڭىز! . دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى ۋە پەرقى كىيىنىش ئادىتىدۇر.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 10:32 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    153
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6069
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 328
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    پۇل: 466 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    http://www.termiler.com/ShowPost.asp?ThreadID=402
    بۇ تىمىدا مەنمۇ ئاز تولا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقتىم ، قىزىققۇچىلار كۈرۈپ باقارسىلەر.
    ھۆرمەت بىلەن 153
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 10:42 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    تېكىن
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21108
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 85
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    پۇل: 407 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 441(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

    مۇمكىن بولسا ، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەلۇم بىرۋاقىتتا كېلىشىپ ، بىر پائالىيەت سۈپىتىدە « ئەنئەنىۋى كىيىم كىيىش ھەپتىسى » نى بارلىققا كەلتۈرسە، ئاتا - ئانىلار ۋە باشقىلارمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشسا ، قىسقىسى ھەربىر مەسئۇلىيەتچان كىشى مۇشۇ ۋاقىتتا ئەنئەنىۋى كىيىم كىيسە ، مىللىي روھنى ئويغىتىش ۋە ئەنئەنىنى ساقلاشتا ئىنتايىن چوڭ بىر قەدەم بېسىلاتتى . بۇ پائالىيەت ھەريىلى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر ھەپتە داۋاملاشسا نەچچە يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلىسەكلا ، نۇرغۇن كىشىنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئويغىتالايتتۇق .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 10:46 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    janankiz813
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29020
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 513
    شۆھرەت: 513 نۇمۇر
    پۇل: 1677 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 472(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بۇنى ئەسلى تىلىۋىزىيەدىن باشلىشىمىز كىرەك ئىدى لىكىن ھازىر سەنئەت كىچىلىكلەردىمۇ مىللىچە كىيىملىرىمىزنىمۇ ئانچە ئىتىبارغا ئالمايدىغان بوپكىتىپتۇ  بىزخەق بەك ئاسان ئۆزگىرىدىكەنمىز  
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 11:26 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    taymas.imin
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25409
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 29
    شۆھرەت: 34 نۇمۇر
    پۇل: 204 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن قۇربان ھېيىتتا بىز ئوننەچچە دوسلار   دوپپىمىزنى چەتئەللىك كەلسە كەيدۇرۇپ قويۇۋەرمەي ئۆزىمىزنىڭ بولغاندىكىن ئاۋال ئۆزىمىز كىيەيلى دەپ  مەسلىھەتلىشىپ ھەممىمىز دوپپا كەيگەن ئىدۇق بىز بىر توپ بولۇپ يولدا ماڭساق نۇرغۇن كىشىلەر بىزگە ھەۋەسلىنىپ قارىغان ..ھەتتا مويىسپىتلىرىمىزمۇ يولدائاۋال بىزگە سالام بېرىپ ئۆتكەن ئىدى ....ھازىرمۇ مۇشۇنداق قىلساق تامامەن بولىدۇ گەپ بىزنىڭ ئىرادىمىزدە .....شۇڭا ھەممىمىز ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى....
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 12:36 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    yarxary
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33573
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 154 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    مەنمۇ قوللايمەن....
    پۇلۇم بولىدىغان بولسا ملىلىي كيىپم زاۋۇتىدىن بىرنى ئېچىپ ،چوقۇم ئۆز مىىللىتىمىزنىڭ كيم مەدەنىيتىنى تەرەققىي قلىدۇرۇشقا تۆھپە قوشقان بولاتتىم،بۇنىڭ ئقتسادى ئۈنۇمىمۇ مىېنىڭچە خېلىلا يۇقۇرى.كىيمىلرىمىزنى ئېسىل چىرايلىق مىللىچەقلىىپ لايھىلىيەلىسىك ئەلۋەتتە ھەممەيلەن سېتىۋالىمىزدە....چۈنكى ھەممىمىزنىڭ قىېنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى،ئۆزمىىللىتنىزنىڭ نەرسىلىرىنى كۆرگەندە چوقۇم يۇرۇكىىمىز باشقىچە سوقىدۇ.
    بەلكىم بۇتوغۇرلۇق باشقاتۇرۋاتقان قېرنداشلىرىمزمۇ باردۇ...
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 03:01 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zaynigu
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29596
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 25
    شۆھرەت: 25 نۇمۇر
    پۇل: 175 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

              
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 07:41 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    90uygur
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29350
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 288
    شۆھرەت: 288 نۇمۇر
    پۇل: 65 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 413(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    90 يىللاردا مەركىزى مىللەتلەر داشۆسىدا نەۋرۇز بايرىمىدا ھىممە ئۇيغۇرلار دوپپا ۋە كانۋاي كۆينەك كىيىپ نەۋرۇز بايرىمىغا قاتنىشاتتى ،ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىغا ئۇيغۇرچە كىيىم -كېچەكلەرنى ئالغاچ كېلىشنى ئەسكەرتەتتى .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 10:13 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    沙漠花
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33478
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 150
    شۆھرەت: 150 نۇمۇر
    پۇل: 590 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

        
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 11:50 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    chinatelecom
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33398
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 355
    شۆھرەت: 355 نۇمۇر
    پۇل: 1256 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 350(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    مەنمۇ شۇنداق  مىللىيچە كىيىملەرنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىمەن،لېكىن سىرتتا تۈزۈكرەك كىيىپ باقمىدىم...ھەي
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 06:37 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    nazire
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34721
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    ناھايىتى ياخشى يېزىپسز ، رەخمەت سىزگە  
    مەنمۇ مىلليچە كىيىمىزگە بەك ئامراق ، باشقا مىللەتلەر نىڭ  مۇ مىلليچە كىيىمىگە مۇ  قىزىقىمەن .  
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 06:38 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.110669(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-16 17:56
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号