چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 593 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: بالىلارنى خەنزۇچە ئۇقۇتۇشتىن تۇغۇلغان ئويلار پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

jallatbala
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29622
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 313 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 بالىلارنى خەنزۇچە ئۇقۇتۇشتىن تۇغۇلغان ئويلار

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى yarken بۇ تېمىنى ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﻯ دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-14)
بالىلارنى خەنزۇچە ئۇقۇتۇشتىن تۇغۇلغان ئويلار

بۇ تېما توغىرسىدا تىلشۇناسلىرىمىز, ئالىملىرىمىز تىرەن پىكىرلىك كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. مىنىڭ بىلىمىم چولتا بولسىمۇ, ئەتراپىمدىكى يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ بۇ تېما توغۇرلۇق تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
مەن تۇرۋاتقان يېزىدا ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا 12 باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى. ئۈچ يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولماسلىق سەۋەبىدىن قوشىۋىتىش، تاقاش ئارقىلىق ھازىر بولسا ئاران ئالتە باشلانغۇچ مەكتەپ قالدى. نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى پىلانلىق تۇغۇت بولسا، يەنە بىرى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار باشقا يېزا-مەيدانلاردىكى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. يەنە كىلىپ «زىيالى» ھىساپلىندىغان ئوقۇتقۇچى، كادىر-ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. شۇڭىمۇ قايسى بىر دانا «دېھقىنى بار مىللەت يۇقالمايدۇ» دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن.
ئۆزىڭىز ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ، پەرزەنتىڭىزنى باشقا تىل مۇھىتىدىكى مەكتەپتە ئوقۇتسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلغانلىق, ئۆزىڭىزنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقانلىق بولماي نىمە؟ ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازايسا مىللى تىلدىكى مەكتەپلەر تاقىلدۇ. مەكتەپلەر تاقالسا ئوقۇتقۇچى بولغان سىز نىمە ئىش قىلىسىز!
مەن بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردىن نىمە ئۈچۈن بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇدىغانلقىنى سورىسام ھەممىسى «بالىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتساق كىيىن چوڭ بولسا خىزمەت تېپىشى ئاسان بولىدۇ, ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئىرىشەلەيدۇ» دەپ جاۋاپ بىرىشتى. خەنزۇ تىلنى بىلگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىدىغان ئىش بولسا ھەر يىلى نەچچە ۋاگون ئىشلەمچىلەر شىنجاڭغا ئىش ئىزلەپ كىلەرمىدى؟
نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك ئالىملار ماقالىسىدىن سىتاتا ئېلىپ پايدىلانغان پەخىرلىك فىزىكا ئالىمىمىز ساھىپجامال دۆلەت خانىم، ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانى بولغان ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم ۋە باشقا كۆپلىگەن ئالىم مۇتەخەسسىلىرىمىز تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنداقتا ئاشۇ سەبى پەرزەنتلەر يات تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ باردىغان مەكتەپتە ئوقۇپ زادى نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟ نېمىلەردىن مەھرۇم قالىدۇ ئۇلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە, خەنزۇ مەدەنىيتىنى, خەنزۇلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى ئۆگىنىدۇ.
بىر كۈنى ئىنىسى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئاغىينەمنىڭ ئۆيىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق ئاغىينەمنىڭ ئىنىسى يۈگۈرۈپ كىرىپلا «ئاكا, ئاكا بىز مەكتەپتىن كېلىۋېتىپ بىرنەچچە ئۇيغۇرنى ئۇرۋەتتۇق» دىدى. بىز نىمە دىيىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدۇق. شۇنىڭدىن كىيىن ئاتا-ئانىسنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئاغىينەم ئىنىسنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە ئەكىرىپ بەردى.
كاككۇك تۇخۇمىنى ئۆزىدىن كىچىك قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇغۇپ قويىدىكەن. باشقا قۇش ئۇقماي كاككۇكنىڭ تۇخۇمىنى ئۆزىنىڭ تۇخۇمى بىلەن بىللە باسىدىكەن. كاككۇك چۈجىسى ھېلىقى قۇشنىڭ چۈجىسىدىن بۇرۇنراق تۇخۇمدىن چىقىدىكەن ۋە تېز چوڭ بولىدىكەن. باشقا چۈجىلەر تۇخۇمدىن چىققاندىن كىيىن ئانا قۇشنىڭ تېپىپ كەلگەن ئۇزۇقى يىتىشمەيدىكەن. بۇنىڭ بىلەن كاككۇك چۈجىسى باشقا چۈجىلەرنى ئۇۋىدىن ئىتتىرۋېتىپ ئۆلتۈرۋېتىدىكەن. بىچارە ئانا قۇش ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ كاككۇك بالىسىنىڭ قۇرسقىنى بېقىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەيدىكەن. كاككۇك بالىسىنىڭ قانات-قۇيرۇقى يىتىلگەندىن كىيىن بىچارە «ئانىسى» نى داغدا قۇيۇپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن. بىز ھازىر پەرزەنتلىرىمىزنى كاككۇكقا ئوخشاش باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاشلاپ بەرگەن بىلەن, ئۇلار ھەرگىز كاككۇك چۈجىسىنى دورىيالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بېسىمى بىچارە پەرزەنتلىرىمىز كاتەكچىسىمان چەكسىز خەتلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈنىگە نەچچە دەپتەرنى توشقۇزۇشى كېرەك. ئەگەر تاپشۇرۇقنى ئۇرۇنلاپ بولالمىسا ئاتا-ئانىسنىڭ تايىقى, ئوقۇتقۇچىسنىڭ دەشناملىرى تەييار. شۇڭا 5-6 ياشلىق بالىلارنىڭ تارام-تارام يېغلاپ تۇرۇپ خەت يېزىۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆردۈم. (ئەلۋەتتە تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىمۇ بار. بىراق ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس.
ئاشۇنداق خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ دادىسىغا «دادا، مەن بارىمەن مەكتەپكە» دېگىننى ئاڭلىدىم. مەن «نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟ مەن مەكتەپتە بارىمەن دەڭ» دىسەم، ئۇ «ۋو چۈ شۆ شاۋ دىگەننى ئاشۇنداق دەيدىغۇ» دىدى. قاراڭ ئۇنىڭ يالغۇز تىلىلا ئەمەس، تەپەككۇرىمۇ خەنزۇچىلشىپ كېتىپتۇ. مەكتەپتە خەنزۇچە مۇھىت, ئۆيىگە كەلسە ئۇيغۇرچە مۇھىت. كىچىككنە سەبى بالا ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدا گاڭگىراپ ئېغىر دەرىجىدە پىسخكىلىق توسالغۇغا ئۇچىرىماي قالمايدۇ. ئۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇلار سادىر پەلۋان قوشاقلىرنى ئېيتالمايدۇ. ئۇلار چىڭتۈمۈر باتۇرنىڭ كاپ-كاپ كۈچىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئىپارخاننى تېلۋىزۇردىن كۈرۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان تارىخنى بىلمەيدۇ (ئاپپاق خوجىنىڭ ئىپارخاننى مانجۇ خانىغا سوۋغا قىلىش بەدىلىگە، جۇڭغارلارنى باشلاپ كېلىپ ئەجدادلىرىمىزنى قىرغىن قىلغىنىنى بىلمەيدۇ) نۇزۇگۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار مىللى ئارمىيىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئازات قىلىپ بولايلا دەپ قالغاندا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز توختاپ قالغانلىقىنى ئويلاشنى خالىمايدۇ. ئۇلار 12 مۇقامنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تۇيۇنغان مىسرالىرىدىن, ئىنساننى روھىيەت ئالىمىغا باشلىغۇچى سېھىرلىك كۈيلىرىدىن ھۇزۇرۇلىنىش ئەمەس, ھەتتا ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدۇ. ئالىپ ئەرتوڭاخان دىسە بەلكىم ئۇلار بۇ خەنزۇچە نېمە دىگەن گەپتۇ، دىيشى مۇمكىن. «ئوغۇزخان» ماركىلىق ھاراقنى ئىچىپ، «سەن شامال، مەن رومال» دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە توۋلاپ يۈرىشى مۇمكىن. ھازىر دۇنيا بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى.
Windows Wista نى قاچىلاش باسقۇچىدىلا ئۇيغۇر تىلى دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.
چىڭغىز ئايتىماتوۋ «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دىگەن ئىكەن. توغرا ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەتنىڭ جىنايىتى. ئانا تىل بىزنىڭ ۋەتىنىمىز. ئانا تىلنى بىلمەسلىك ۋەتىنىنى ساتقانلىق بىلەن باراۋەر. ئاشۇ بالىڭىز چوڭ بۇلۇپ، ئاتا (ئانا) ماڭا نېمىشقا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەن؟ دىسە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىز؟
بەلكىم سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆيدە ئۆگىتىۋالىمەن دىيىشىڭىز مۇمكىن. ساۋادىنى ئانا تىلدا چىقىرىش بىلەن يات تىلدا چىقىرشنىڭ ئاسمان-زىمىن پەرقى بار. بالىڭىزغا 32 ھەرىپنى ئۆگىتىپ قويغىنىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتكەنلىك ئەمەس.
خەنزۇ تىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى. شۇنداقلا دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئالتىدىن بىرى بۇ تىلنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا خەنزۇ تىلىنىمۇ چۇقۇم ئۆگىنىش كېرەك. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆز ئانا تىلىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولسا بولمايدۇ!
قايسى بىر نۇپۇزلۇق ماتىرىيالدىن «ھازىر شەرقى شىمالدا مانجۇ تىلىنى بىلدىغان توقسان نەچچە قېرى مانجۇ قېلىپ قالدى. ئەگەر ئۇلار ئۈلۈپ كەتسە، مانجۇ تىلى يەر شارىدىن يوقايدۇ» دىگەن خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. قاراڭ ئەينى ۋاقىتتا شۇنچە چوڭ جۇڭگونى نەچچە يۈز يىل سورىغان بىر مىللەتنىڭ ھازىرقى كۈنى ئەنە ئەشۇ!
خەلقئارا مۇھىت ئاسىراش جەمىيتى، كىت قۇتقۇزۇش جەمىيتى . . . . بولغان بىلەن مىللەت قۇتقۇزۇش جەمىيتى, تىل قۇتقۇزۇش جەمىيتى يوق. مەلۇم بىر خىل ئۈسۈملۈكنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى, قۇتقۇزايلى دەپ خەلقئارا جەمىيەت نۇرغۇن پۇل, ئادەم كۈچى ئاجىراتقان بىلەن, قىرغىن بۇلىۋاتقان ئىرقلار, يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. بىزنىڭ قولىمىزدىن باشقا چوڭ ئىش كەلمىسىمۇ, ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان بۇ بۈيۈك تىلنى ئەۋلادلىرىمىزغا ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە بولسىمۇ تىرىشايلى!!!
تەھرىر ئىزاھاتى: ماقالىدا ئانا تىلنىڭ رولى ۋە قىممىتى ئەمەلىي مىساللار بىلەن شەرھلەنگەن. لېكىن، ئاپتور بەز بىر كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا شەخسىي ھېسسىياتىنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشتىنمۇ ساقلىنالمىغان. قانداقلا بولمىسۇن، ماقالىنىڭ ئانا تىل خىرسىقا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بەلگىلىك رولى بار دەپ قارايمىز.
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-14, 12:53
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-14 08:10 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kara_turk
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34475
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 127 نۇمۇر
پۇل: 545 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

 

مەن بالىلارنى خەنزۇچە ئوقۇتۇشقا قارىشى
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 09:01 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
muzkaymak
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 25892
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
پۇل: 297 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

ھەتتەڭەي...بىر مەزگىلدىن كىين مىللىيچە مەكتەپلەردىن قانچىلىكى قالاركىن...ھېلىمۇ ئانا تىلدا ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسلار ئاز ئەمەس...توغرا تونۇۋاتقانلارمۇ بار..لېكىن بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرىۋاتقانلار يەنىلا ساماندەك...ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خارلىمىساق بولاتتى...
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 09:18 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
atirgul627
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28722
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 673
شۆھرەت: 835 نۇمۇر
پۇل: 2910 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

مەنمۇ بالىلارنى خەنزۇچە سىنىپتا ئوقۇتۇشقا قارشى تۇرىمەن. ...ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش كېرەك ،ئاندىن باشقا تىللارنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆگىنىش كېرەك.
ئانا تىلىم سۆيگەن تىلىم،
تۈگىمەس بەردىڭ بىلىم.
تېيىپچان ئىلىيوپنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرى ماڭا بەك تەسىر قىلغان.

ئۇ مىللەت پۈتۈنلەيلا داشقال بولۇپ،
بۇ مىللەت كەم-كۈتسىز ئالتۇن ئەمەس.
بۇ مىللەت پەگادىكى پالاس بولۇپ،
ئۇ مىللەت تۆرگىلا خاس دۇردۇن ئەمەس.

مېغىزى،شاكىلى بار ھەر نەرسىنىڭ ،
ھەي ئەقىل شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ.
بېيىتىدۇ مىللەتنىڭ پەزىلىتى،
چۈشەنسە ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ.
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 09:21 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
EKMAT
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10093
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 149 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

مەنمۇ    بالىلارنى   خەنزۇچە   مەكتەپتە    ئوقۇتۇشقا   قەتئى   قارشى  ......
   ھازىر    بىز    بالىلارنى    كىيىنلىكى   ئاسان    بولىدۇ  ، ئىستىقبالى    بولىدۇ   دىگەن    بىلەن   بالىلار    بىلىملىك    بولۇپ    چوڭ   بولسىلا    ئادەم    بولغان   ھىسابلانمايدۇ  ، ئەڭ   ھالقىلىق    مەزگىلىدە    خەنزۇچە   مەكتەپكە   سولاپ   قويۇلغان   بالىلار    كىيىن   قانداق   بولماقچى  .....  ئائىلە    تەربىيىسى   ياخشى   ئىلىپ   بىرىلسىغۇ   بىر    گەپ  ، بولمىسا    مىللى    غورورى    يوق   ئىشەك   بولۇپ    چوڭ   بولىدۇ   شۇ  ..........    
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 09:58 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
yarimas
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 21858
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 375
شۆھرەت: 375 نۇمۇر
پۇل: 1248 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

 

مىنىڭ ئاچامنىڭ قىزىمۇ خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ باشلانغۇچنىڭ  ئىككىنچى يىلىقىدا  ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەكلا خۇيۇم تۇتۇپ تېللاپ كىتىمەن ئۇ شۇمنىڭ قىلىقلىرىغا
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 09:59 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kstuman
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 12867
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

توغرا، بەزى بىر نەرسىلەردىن قۇرۇق قىلىشى مومكىن. ئەمما پۈتۈنلەي قارشى چىقساق، يەنە نېمىلەردىن قۇرۇق قالار...مانا مەن خەنزۇتىلىنى پىششىق بىلگەن بولسام تىجارەتتە تىخىمۇ كۆپ پايدا ئالغان، تىجارىتىمنى تېخىمۇ كىڭەيتەلىگەن بولاتتىم. ئەمما ياش چوڭ بولغاچقا تىل ئۈگەنمىكىم بەك تەس ئىكەن. ئۇيغۇر بالىلىلىرى بەكلا ئەقىللىق، ئەگەر خەنزۇتىلىنى راۋان بىلسە، پۈتۈن جۇڭگۇلۇقلارغا  ھەر قايسى جەھەتلەردىن جەڭ ئىلان قىلالايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ خەنزۇتىلىنى پىششىق بىلمەي تۇرۇپ، قانداقمۇ جۇڭگۇدىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەت بولغىلى بولسۇن؟... ئويغۇر ئەدەپ-ئەخلاقىدىن، ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىن خەۋەرسىز قالىدۇ... ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ... دەپ ئەنسىرەپ خەنزۇتىلىنى ئۈگەنمەيلىمۇ؟ بۇرۇنقى مائارىپىمىز << ئۇيغۇرتىلىنى ئاساس قىلىپ، خەنزۇتىلىنى قۇشۇمچە قىلىپ ئۈگىنەتتى>>. كۆز ئالدىمىز دا تۇرۇپتۇ ئوننەچچە يىلدىن بۇيان خەنزۇتىلىنى قوشۇمچە قىلىپ ئۈگىنىۋاتقان مائارىپىمىزغا قارايدىغان بولساق، خەنزۇتىلىنى پىششىق ئۈگىنەلىگەنلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەكلىغۇ؟...تىخى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز، خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھەنلىرىدىن ئۆتەلمەي، ھۆكۈمەتتىن قاقشاپ يۈرىدىكەن(بۇنداق ئالى مەلۇماتلىق ئادەملەر گە ئادمنىڭ ئىچى ئاغىرىيدۇ)... شۇنداق بىر نەرسىنى ئۇنۇتمايلى تورداشلار، پەرزەنتنى تەربىيەلەش مەكتەپنىڭلا مەجبۇرىيتى ئەمەس، ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭمۇ مەجبۇرىيتىغۇ دەيمەن. تاجىك مىللىتىمۇ مەكتەپلەر دە تاجىك تىلىدا دەرس ئوقۇمايدۇ، لېكىن ھەممىسى تاجىك تىلىدا سۆزلىشىدىغۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم، مەكتەپلەر ئۈگەتمىگەن بولسا، بىز ئاتا-ئانىلار ئۆزىمىز ئۈگەتسەك، يامان بولارمۇ؟ پەرزەنت ھەرگىزمۇ ۋەتەننىڭ ياكى باشقابىر كىملەرنىڭ ئەمەس،نەلكى ئۆزلىرىمىزنىڭ تەربىيەش ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيتى...(تەنقىدى پىكىرلەر بولسا ئايماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن)
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 10:06 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
parwin
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 4066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 210 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

ھازىر قوش تىل ئوقۇتۇشى دىگەن ئاتالمىش يېڭىچە بىر خىل ئوقۇتۇش چىقتى،بۇ ئوقۇتۇش بالىلارنى تېخىمۇ ...........................................................
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 10:08 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
fayiza124
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29097
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
شۆھرەت: 113 نۇمۇر
پۇل: 475 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 497(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

  مەن قىزىمنىڭ تەلىپى بۇيىچە يەسلىگە خەنزوچىغا بەردىم . لېكىن مەكتەپتە چوقۇم ئۇيغۇرچىغا بېرىمەن دەپ ئويلاۋاتىمەن . ئەتراپىمدىكى خەنزو خوشنىلارنىڭ تەسىرىمۇ بىلمىدىم . ئوماق قىزىمنىڭ تەلىپىنى يارالمىدىم . ھازىر قوش تىل مائارىپى دەپ تەبىئى پەنلەرنى خەنزوتىلىدا ئۈتۈۋاتىدۇ . ھازىر قىزىم خەنزوچە ئاددى پىكىرلىشەلەيدىغان بولدى . بۇنداق دىگىنىم ھەرگىزمۇ خەنزوچە يەسلىگە بېرىپ خوشال بۇلۇپ كەتكىنىم ئەمەس . بەلكى كىيىنكى قۇش تىل مائارىپىغا ئازراق تەييارلىق قىلىپ قويغىنىم خالاس . قىسقىسى ، بالىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بېرەيلى !        
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 10:57 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
misran41
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34873
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

6- قەۋەتتىكى تورداشنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن، ھازىرقى ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنىڭ تەسىرىچۇ؟ قوش تىل مائارىپى ئىجرا قىلىنىش داۋامىدا شەكلى ئۆزگۈرۈپ كەتتىغۇ؟ بۇنىڭدا ئانا تىلىنى ئۆگىنەلىدىمۇ؟ بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا خەنزۇ چە مەكتەپلەردە ئوقۇتقان ياخشى، ئۇ يولداشلارنىڭ ئاجىزلىقى تىلدا.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 11:06 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
gvzal3.8
http://blog.retim.cn/289129
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئالاھىدە تۆھپە دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1396
شۆھرەت: 1860 نۇمۇر
پۇل: 327 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 100 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1015(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

     بۇ مەسىلە توغرىلىق مېنىڭ قارىشىم مۇنداق:
   مېنىڭچە بالىلارنى داۋاملىق ئۆز يېزىقىمىزدا ئوقۇتۇۋەرسەك،باشقا تىل-يېزىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگىنىشكە شارائىت ياراتمىساق،ئېنىقكى باشقىلارغا بوزەك بولىمىز.تىل بىلمەسلىك نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىك،بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بېرىدۇ. مەسىلەن: بىزنىڭ شەھەردىكى مەلۇم بىر ماشىنا سېتىش شېركىتىدىن ماشىنا سېتىۋىلىپ،توختام ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردىكى خەنزۇچە مەزمۇنلاردىن تولۇق خەۋەردار بولمايلا ئىمزا قويغانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماجرانى بىر تەرەپ قىلالماي،بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان مۇشۇ شەھەردە يېتىپ، ھەم ئىقتىسادىي زىيان ھەم روھىي زىيان تارتىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ كۆپ كۆرگەنمەن.
    بىز بالىلارنى خەنزۇچە ئوقۇتۇش ياكى قوش تىللىق ئوقۇتۇشتا بولسۇن،چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك. بۇنداق دىگەنلىك،قانداقتۇر بالىلىرىمىز بىلەن تەڭ خەنزۇچە كالدىرلاش دىگەنلىك ئەمەس. بەلكى،ئۇلارغا ئائىلىدە چوقۇم  ئىسلام دىنىمىزنى،ئۆزىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىنى،ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتىنى،ئۇيغۇر تارىخىنى بىلدۈرۈشىمىز ، ئۈگىتىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئەبجەش تىلدا لاۋزىلىشىپ سۆزلىگىنىمىز ئاز كەلگەندەك،بالىلىرىمىزنى كۆرگەندە خەنزۇ تىلىدا كالدىرلاپ كەتمىسەكمۇ،ئۇ بالىلار مەكتەپتە ۋە مەكتەپكە بېرىش-كېلىشتە سەككىز-ئون سائەت شۇ تىلدا قانغۇچە كالدىرلايدۇ.شۇڭا بىزنىڭ ئوشۇقچە لاۋزىلىق قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.بىز بالىلارنى بىز بىلەن ياتلارنىڭ تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرسۇن،ئالاقە قىلسۇن دەپ خەنزۇ ياكى قوش تىلدا ئوقۇتمايمىز. مەقسىدىمىز جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس قەدەمدە ماڭالىسۇن،باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن قىسىلىپ قالمىسۇن،تىل ياكى يېزىق بىلمەسلىك سەۋەبىدىن زىيان تارتىپ، ئورۇنسىز خاپىلىقلارغا قالمىسۇن دىگەندىن ئىبارەت.
    بۇ يەردىكى خەنزۇ تىلدا ئوقۇتۇش نوقۇل ھالدا خىزمەتكە ئېرىشىشلا ئەمەس،بەلكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش.
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2008-12-14 23:23دە قايتا ]
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 11:18 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
janankiz813
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 515
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 1683 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 493(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

Quote:
بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىgvzal3.8نىڭ2008-12-14 11:18 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
     بۇ مەسىلە توغرىلىق مېنىڭ قارىشىم مۇنداق:
   مېنىڭچە بالىلارنى داۋاملىق ئۆز يېزىقىمىزدا ئوقۇتۇۋەرسەك،باشقا تىل-يېزىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگىنىشكە شارائىت ياراتمىساق،ئېنىقكى باشقىلارغا بوزەك بولىمىز.تىل بىلمەسلىك نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىك،بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بېرىدۇ. مەسىلەن: بىزنىڭ شەھەردىكى مەلۇم بىر ماشىنا سېتىش شېركىتىدىن ماشىنا سېتىۋىلىپ،توختام ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردىكى خەنزۇچە مەزمۇنلاردىن تولۇق خەۋەردار بولمايلا ئىمزا قويغانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماجرانى بىر تەرەپ قىلالماي،بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان مۇشۇ شەھەردە يېتىپ، ھەم ئىقتىسادىي زىيان ھەم روھىي زىيان تارتىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ كۆپ كۆرگەنمەن.
    بىز بالىلارنى خەنزۇچە ئوقۇتۇش ياكى قوش تىللىق ئوقۇتۇشتا بولسۇن،چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك. بۇنداق دىگەنلىك،قانداقتۇر بالىلىرىمىز بىلەن تەڭ خەنزۇچە كالدىرلاش دىگەنلىك ئەمەس. بەلكى،ئۇلارغا ئائىلىدە چوقۇم  ئىسلام دىنىمىزنى،ئۆزىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىنى،ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتىنى،ئۇيغۇر تارىخىنى بىلدۈرۈشىمىز ، ئۈگىتىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئەبجەش تىلدا لاۋزىلىشىپ سۆزلىگىنىمىز ئاز كەلگەندەك،بالىلىرىمىزنى كۆرگەندە خەنزۇ تىلىدا كالدىرلاپ كەتمىسەكمۇ،ئۇ بالىلار مەكتەپتە ۋە مەكتەپكە بېرىش-كېلىشتە سەككىز-ئون سائەت شۇ تىلدا قانغۇچە كالدىرلايدۇ.شۇڭا بىزنىڭ ئوشۇقچە لاۋزىلىق قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.بىز بالىلارنى بىز بىلەن ياتلارنىڭ تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرسۇن،ئالاقە قىلسۇن دەپ خەنزۇ ياكى قوش تىلدا ئوقۇتمايمىز. مەقسىدىمىز جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس قەدەمدە ماڭالىسۇن،باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن قىسىلىپ قالمىسۇن،تىل ياكى يېزىق بىلمەسلىك سەۋەبىدىن زىيان تارتىپ، ئورۇنسىز خاپىلىقلارغا قالمىسۇن دىگەندىن ئىبارەت.
    بۇ يەردىكى خەنزۇ تىلدا ئوقۇتۇش نوقۇل ھالدا خىزمەتكە ئېرىشىشلا ئەمەس،بەلكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش.

مەن گۈزەل ھەدەمنىڭ پىكرىگە قوشىلىمەن ،،ئاناتىلىمىزنى پىششىق بىلىشىمىزدىن سىرىت قوشىمچە تىللارنىمۇ ئىگەللىشىمىز كىرەك
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
ئىنسان ھاياتىدىكى  ئەڭ قىممەتلىك  سوۋغا ئەپۇ قىلىش .
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 11:36 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kumur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 15442
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 106 نۇمۇر
پۇل: 316 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 360(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

مېنىڭچە خەنزۇچە ئوقۇتساق بولىدۇ، لېكىن مەقسەد توغرا بولسۇن. كەلگۈسىدە باشلىق بولىدۇ، ئاسان خىزمەت تاپىدۇ دىگەن مەقسەتتە ئوقۇتساق بۇ بىر ئەخمەقلىق خالاس.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 11:41 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
imux
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

ئەمدى بالىلارنى خەنزۇ مەكتەپكە بىرىشمۇ ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ. ھازىر ئۇيغۇر مەكتەپتە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇچە دەرس بىرىۋاتىدۇ. ئانا تىلنى 3-سىنىپتىن باشلاپ ئۇگىتىدۇ. ئۇيغۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرى ئۇيغۇرچە،دەرسلىك ماتىريال خەنزۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ماتىريال، تېخى ئايرىم دەرسلىك تۈزۈلمىدى. سۆزلىسە گەپ تولا، مۇشۇنداق شارائىتتا بالىلىرىمىزنى زادى قايسۇ مەكتەپتە ئوقۇتىسىز؟ مەن بولسام ئامال قىلىپ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتىمەن.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-14 11:49 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
suzuki
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22189
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
پۇل: 243 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 119(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ئەمىسە ھەممىمىز خەنزۇچە مەكتەپكە بېرەيلى،ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مەكتەپنىڭ تازىلىغىنى قىلسۇن ياكى ئۆيىدە خىزمەت كۇتۇپ ئولتۇرسۇن!!!
خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەدىنىيىتىنى بالىلىرىغا سىڭدۇرسۇن،بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىز ئۇنتۇلسۇن!!!
مېنىڭ بىرىنچى بالامنى ئۇيغۇرچىغا بەردىم ھازىر ئۇچۇنچى سىنىپتا ئەلاچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ.خەنزۇچىنىمۇ سۇدەك سۆزلەيدۇ،خۇدا خالىسا جېنىم تېنىمدا بولسىلا ئىككىنچى بالامنىمۇ ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بېرىمەن!!!
بىر نەچچە دوسلىرىم پىكىرىمگە قۇلاق سالماي خەنزۇچىغا بەرگەن،ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر بالىلار ياخشى ئوقۇسا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپلا خەنزۇ بالىلارغا «مۇشۇ ئۇيغۇرچىلىك ئوقۇشالمامسەن » دەيدىكەن،ياخشى ئوقالمىسا «سەن ئەڭ ياخشىسى ئۆزۇڭنىڭ ئۇيغۇرچە سىنىپىدا ئوقۇغىن »دەيدىكەن.بىزغۇ مەيلى،ئاشۇ بىچارە بالىلارغا نىمە خورلۇق!!! دوسلىرىم ئاخىرى بولماي يەنىلا ئۇيغۇرچىغا يۆتكەپ ئېچىقىۋالدى.
ھەتتا يەسلىدىمۇ ئۇيغۇر بالىلار تازىلىق ئىشلىرىنى بالىلارغا قارايدىغان ئىشلارنى كۆتۇرۇگە ئېلىۋالغانمىش،بۇنىڭغا چىدىمىغان بىر ئۇيغۇر دادا :بولدى بالامنى ئۆزۇم تەربىيلەيمەن. دەپ يەسلىدىن ئەكەتكىنىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرگەنمەن،چۇنكى بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئاتا_ ئانىلار بالىلىرىنىڭ تولىسىنى خەنزۇچە يەسلىگە بەرگەچكە،يەسلىدىكى ئۇيغۇرچە سنىپتا ناھايىتى ئون نەچچە بالىلار قالغاچقا ئۇيغۇرچە سىنىپنى ئېتىۋېتىپ بالىلارنى خەنزۇچە سىنىپقا بۆلۇۋەتكەن،ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى بولسا يەسلىنىڭ ئاشخانىسىغا ۋە زاۋۇت ئاشخانىلىرىغا بۆلۇۋەتكەن.
شۇڭا مېنىڭ پىكىرىم ئاتا_ئانىلار ئوماق بالىلىرىمىزنى يەنىلا ئۇيغۇرچە سىنىپتا ئوقۇتايلى!!!
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 12:43 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.056429(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 11:40
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号