ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھەزرىتى ئىمام ئەلى ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا بالىلىرىغا :« مەن نەپەس ئۈزگەندىن كىيىن دۇلدۇلغا مىنگەن بىر چۈمبەللىك كىشى كىلىپ مىنىڭ جەسىتىمنى ئېلىپ كىتىدۇ ، سىلەر ئۇ ئادەمدىن < دادامنى نەگە ئېلىپ بارىسىز ؟> دەپ سورىماڭلار » دەپ ۋەسىيەت قىلىپ كۆز يۇمۇپتۇ . دىگەندەك دۇلدۇلغا مىنگەن چۈمبەللىك كىشى كىلىپ ئىمام ئەلىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ مېڭىپتۇ . بۇ چاغدا شەيتان ئىمام ئەلىنىڭ بالىلىرنىڭ كۆڭلىگە :« داداڭلارنىڭ جەسىتىنى ھېچكىم كۆرمىگەن يات بىر ئادەم كۈتۈرۈپ كىتىۋاتسا ، ئۈندىمەي قاراپ تۇرغىنىڭلار نىمىسى ؟ نىمىشقا ئۇنىڭدىن بىر ئېغىز بولسىمۇ گەپ سۇراپ باقمايسىلەر ؟» دىگەنلەرنى سېلىپ ئېزىقتۇرۇشقا باشلاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەلىنىڭ بالىلىرى ھېلىقى كىشىگە : -ئىلتىپات قىلىپ دادامنىڭ قەبرىسىنى نەدىن ئىزدەيدىغانلىقىمىزنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟-دەپتۇ . ھەي بالىلىرىم مەن سىلەرنى مۇشۇنداق گەپلەرنى سورىماڭلار دىگەن ئەمەسمۇ ؟ -دەپتۇ چۈمبەللىك كىشى يۈزىنى ئېچىپ ، بۇ ئەسلى ئىمام ئەلىنىڭ روھى بۇلۇپ ، يۈزىنى ئاچقاندا ئىنىق كۈرۈنۈپتۇ ،-ئۈزۈڭلارغىمۇ قىلدىڭلار ، ماڭىمۇ قىلدىڭلار ،-ئەمدى مەن سىلەر بىلەن كۈرۈشەلمەيمەن ، ناۋادا قەبرەمنى تاپىمەن دىسەڭلار مازار تاغدىن ئىزدەڭلار !
دۇلدۇللۇق كىشى شۇنداق دەپلا كۆزدىن غايىپ بۇلۇپتۇ .
ئىمام ئەلى ئەسلىدە ئاللاتائالاغا :« ئى خۇدا ، مەن ۋاپات بولغاندىن كىيىن روھىمنى بىر دۇلدۇلغا مىندۈرۈپ مىنىڭ جەسىتىمنى ئېلىپ كىتىشكە ئەۋەتسەڭ ، مەن يەنە ئەسلىمگە كىلىپ روھلارغا قۇشۇلۇپ ، پۈتۈن ئالەمنى بىر قېتىم ساياھەت قىلىپ چىقىۋالسام ، كىيىن قەبرەمنى بالىلىرىمنىڭ چۈشىدە زاھىر قىلىپ قويساڭ » دەپ ئىلتىجا قىلغانىكەن . ئاللاتائالا ئىمام ئەلىنىڭ بۇ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بۇلىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغانىكەن . ئەمما ئىمام ئەلىنىڭ بالىلىرى سورىمايدىغان گەپنى سۇراپ قويغانلىقى ئۈچۈن بۇ سىر ئاشكارىلىنىپ ھازىرقى دەۋىرگىچە تارقىلىپ يۈرۈپتۇ .
شۇنداق قىلىپ ئىمام ئەلىنىڭ ئالەمدە قىلىغان ساياھىتى باشلنىپتۇ . ئۇ ئۇچار دۇلدۇلىغا مىنىپ ، شەھەرمۇ-شەھەر ، يۇرتمۇ-يۇرت ھەممنى كىزىپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئۆتۈۋاتقاندا تاغدەك دۆۋىلەنگەن قوي گۆشلىرى بىلەن ئۇننى كۈرۈپتۇ . ئۇ بىلىپتۇكى بۇ ئىسلامغا قارشى بۇددىسىتلارنىڭ ئىسلام ئەسكەرلىرىنىڭ كىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن يۇرت-يۇرتلاردىكى خەلقلەردىن بۇلاپ كەلگەن ئاش-ئۇزۇق تەييارلىقى ئىكەن .
ئىمام ئەلى ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ :
-ئى خۇدا ئەگەر دۈشمەنلەر مۇشۇ ئۇزۇق تۈلۈكلەرنى يەپ يېتىپ ئىسلام دىنىدىكىلەر بىلەن سۇقۇشسا ، جەزمەنكى ئىسلام ئەسكەرلىرى بۇچۆلدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىدۇ ، شۇڭا سەن ئىسلام قۇشۇنلىرىنىڭ يۇلىنى كەڭ قىلىش ئۈچۈن ، دۈشمەنلەرنىڭ بۇ يىمەكلىكلىرىنى تاغقا ئايلاندۇرىۋەتسەڭ،-دەپ تىلەپتۇ .
ئىمام ئەلىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بوپتۇ ، يەنى ، دۈشمەنلەرنىڭ يىمەكلىكلىرى بىر دەمدىلا تاغقا ئايلىنىپ كىتىپتۇ .، بۇنىڭغا شۈكرانە ناماز ئۇقۇش ئۈچۈن ئىمام ئەلى ئاشۇ تاغنىڭ ئۈستىگە قۇنۇپ ، ئىككى رەكئەت شۈكرانە ناماز ئۇقۇپتۇ . دۇلدۇلىغا ئۇقۇر ياساپ يەم بېرىپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيەنە ئۆز يۇلىغا راۋان بۇپتۇ .
كىيىن بۇ يەرگە ئىسلام ئەسكەرلىرى يىتىپ كىلىپ ، دۈشمەنلەرنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن جەسەتلىرىنى كۈرۈپتۇ . ئۇلار تاغ ئۈستىگە چىققاندا ئىمام ئەلىنىڭ سەجدە قىلغان يېرىنىڭ ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ« بەلكىم ئىمام ئەلى ئۇغۇللىرىغا دىگەن <مازارتاغ > مۇشۇ بولسا كىرەك » دەپ ئويلاپتۇ ۋە بۇتاغنى « مازارتاغ » دەپ ئاتاپتۇ . بىر نەچچە يىلغىچە بۇ تاغنى ئۇلۇغلاپ خالىس نەزىر قىلىپ تۇلۇملارنى ئېسىپتۇ . مەخسۇس دۇئا-تىلاۋەتچىلەرنى قۇيۇپ ئۇلارغا ئۆي سېلىپ بېرىپتۇ .
(ئىلاۋە: بۇ ئىككى تاغ ھازىر ئاق تاغ ۋە قىزىل تاغ دىيىلىدۇ ، ھازىرمۇ يىراقتىن قارىغان كىشىگە خۇددى ئۇن بىلەن گۆشنى دۆۋىلەپ قويغاندەك كۈرۈنىدۇ . تاغ ئۈستىدە دۇلدۇل باغلانغان ئېغىل ،دۇئا-تىلاۋەتچىلەرگە سېلىپ بەرگەن ئۆيمۇ ئۆز ئەينى ساقلىنىپ كەلگەن بۇلۇپ ، بۇ ھەرقانداق ئادەمگە يۇقىرىقى رىۋايەت راسىت ئوخشايدۇ دىگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ .ساياھەت قىلىپ بېرىپ كەلمەكچى بولساڭلار ئىنىق ئادرىسى : خوتەن قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسىغا بارىدىغان يولنى بويلاپ 40كىلومېتىر ماڭغاندىن كىيىن غەرپ تەرەپكە قايرىلىمىز يەنى يىڭى ئېچىلغان تەبىئى گازلىق قۇملۇق يولىنى بويلاپ غەربى شىمالغا 120 كىلومېتىر ماڭغاندىن كىيىن يىتىپ بارىمىز . دوسىتلار كىلىدىغان ۋاقتىڭلاردا ماڭا خەۋەر قىلىڭلار ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلىمەن .
[ بۇ يازما jaggal0903 تەرپىدىن 2008-12-14 16:40 دە ق ]
بۇ يازما چىمبۇلاق مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى !ئەسلى مەنبەسى :
http://bbs.qimbulak.com/read.php?tid=636