چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 231 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: شياۋشىمېن ، داشىمېن ، قىزىلبايراق يولى بىزنىڭ ! پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

alimujan88
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 23232
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 354
شۆھرەت: 387 نۇمۇر
پۇل: 2362 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 شياۋشىمېن ، داشىمېن ، قىزىلبايراق يولى بىزنىڭ !

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى yarken بۇ تېمىنى ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-12-07)
شياۋشىمېن ، داشىمېن ، قىزىلبايراق يولى بىزنىڭ !
<< يېڭىلمەس باتۇر >>لار گۇرۇھىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى

مۇخبىر شۆھرەت تۇرسۇن ، ئىختىيارىي مۇخبىر نۇرمان تۆرەقان




ئەنقەر باشچىلىقىدىكى جىنايەت گۇرۇھى تۆت يىل مابەينىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شياۋشىمېن ، داشىمېن ، قىزىلبايراق يولى قاتارلىق ئاۋات سودا كوچىلىرىدا ئوغرىلىق ، زەھەر سېتىش ، قىمار سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇش ، قانۇنسىز قاماپ قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى . ئۇلار بارا - بارا بىر قەدەر سىستېمىلىق تەشكىللەنگەن جىنايەت گۇرۇھىغا ئايلاندى . ئۇلار تەھدىت سېلىش ، ئاتا - ئانىلىرى بىلەن كېلىشىش ، تاپقان پۇلنى تەڭ بۆلۈشۈش ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىل بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى گۇرۇھىغا قوشۇۋالدى . بىراق ئۆزلىرىنى << يېڭىلمەس باتۇرلار >> دەپ تېرىسىگە پاتمىغان بۇ نوچىلار ئاخىر قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلدى .

>> شياۋشىمېن ، داشىمېن ، قىزىلبايراق يولى بىزنىڭ ! <<
مانا بۇ ، ئەنقەر باشچىلىقىدىكى گۇرۇھنىڭ شوئارى ئىدى . ئەنقەر قانداق قىلىپ بۇ گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ قالدى ؟
ئەنقەر ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، مەكتەپتە ئوقۇش دېگەنلەر ئۇنىڭغا يات ئۇقۇمدەك تۇيۇلاتتى . ئۇنىڭ كۈنلىرى دائىم دېگۈدەك سوقۇشۇش ، جېدەللىشىش بىلەن داۋاملىشاتتى . يىللار شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ، ئەنقەر 20 نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغاندا دەسلەپكى << تىجارەت >>ىنى باشقىلارنىڭ يانچۇقىنى كولاش بىلەن باشلىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ بەزىدە ئاغىنىلىرى بىلەن ، بەزىدە ئۆزى يالغۇز كوچا ئارىلاپ يۈرۈپ ، بۇ << كەسىپ >>نىڭ ئەھلىگە ئايلاندى . بۇ جەرياندا ئۇ باشقىلاردىن ئىچكى ئۆلكىلەردە << بازار ئويناۋاتقان >>لارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ گۇرۇھ بولۇپ تەشكىللىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ ، يىللاردىن بېرى ئوغرىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان شياۋشىمېن ، داشىمېن ، قىزىلبايراق يولىنى كونترول قىلىشنى ئويلىدى . بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ كېتىدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەكبەر ، پەرھات ، ئۆتكۈر قاتارلىق بۇرادەرلىرىنى مېھمان قىلىش باھانىسى بىلەن سورۇنغا چاقىردى . سورۇن تازا قىزىغاندا ئەنقەر سۆز باشلىدى :
_ ئاغىنىلەر ، بىز قاچانغىچە سەرگەردان ئوغرى بولۇپ ئۆتىمىز ؟ بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش چاقىرسا ئېتى ، تۇتسا سېپى بار ئادەملەردىن بولايلى . ھەممىمىزنىڭ يولى بىر ، مەقسىتىمىز بىر . شۇڭا شياۋشىمېن ، داشىمېن ، قىزىلبايراق يولىنى كونترول قىلىپ ، مۇستەھكەم گۇرۇھ بولساقمىكىن دەيمەن ، سىلەرچە قانداق ؟
ئولتۇرغانلار بەس - بەستە ئەنقەرنىڭ پىكرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . ئەنقەر ئالدى بىلەن بىر قانچە كىچىك بالىنى تېپىپ ئوغرىلىققا سېلىش ، ئاندىن ئاستا - ئاستا ئادەم كۆپەيتىش ، بۇ رايوندا ئوغرىلىق قىلىۋاتقان بالىلارنى ئۆز توپىغا قوشۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇلار ئەنقەرنى قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان گۇرۇھنىڭ بېشى قىلىپ سايلىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ رايوندا بىر جىنايەت گۇرۇھى بىخلىنىشقا باشلىدى .

ئوڭۇشلۇق بېسىلغان قەدەم
بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۇلار ئۈچ كىچىك بالىنى تاپتى ، ئەنقەردىن باشقىلار ئۇلارغا بىردىن مەسئۇل بولۇپ بازارغا چىقتى . ئۇلار كەچتە قايتىپ كېلىپ تاپقان پۇللارنى ئەنقەرگە تاپشۇردى ، ئەمما بۇ بالىلار گۇرۇھقا قوشۇشتىن ئىلگىرى تاپقان پۇلىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرىدىغان بولغاچقا ، ئەنقەر ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن كۆرۈشتى . ئۇ شايكىلىرىنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن كېلىشىپ ، تاپقان پۇلنى تەڭ بۆلۈشىدىغان ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بولدى . مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئەكبەر غېنى ئىسىملىك بالىنى باشلاپ كەلدى . ئۆتكۈر يىغىلغان پۇللارنى ئەنقەرگە تاپشۇردى . شۇ كۈنلەردە ئەنقەرنىڭ تۇغقىنى پەرھات ئىش ئورنىدىن قالغاچقا ، قىينىلىپ قالدى . بىر كۈنى ئەنقەر ئۇنى چاقىرىپ ، ئۆزىگە ئىشلەشنى ئېيتتى .
_ مەن ساڭا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن ؟ _ دېدى پەرھات ھەيران بولۇپ .
_ يانچۇقچىلىرىمغا قاراپ بەرسەڭلا ، كۈنىگە 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ھەق بېرىمەن ، قانداق ؟
پەرھات دەسلەپتە سەل ئىككىلەندى ، لېكىن كۆز ئالدىدىكى شۇنداق ئاسان پۇل تېپىش ئۇسۇلى ئۇنى ماقۇل دېيىشكە مەجبۇر قىلدى . شۇنىڭ بىلەن پەرھات ئۆتكۈردىن يىغىلغان پۇللارنى ئەنقەرگە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى . ئۇلار كۈندە 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ئۆتكۈزەتتى . بۇلتۇرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بۇ گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى خېلى كۆپەيدى . لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئەكبەر بىلەن غېنى تەڭ غايىب بولدى .
گۇرۇھتا پەرھات ئاساسلىق ئادەم بولغاچقا ، بالىلارنىڭ كەينىدىن كىمنىڭ مېڭىشىنى ، گۇرۇھتىكى ئاساسلىق ئىشلارنى بەلگىلەيتتى . كۈندە قولغا چۈشۈرگەن ماللار ئىچىدە نەق پۇل ، يانفوندىن باشقا ، ئۈزۈك ، زەنجىر قاتارلىق زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىمۇ بار ئىدى . بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەنقەرنىڭ چۆنتىكىگە كىرەتتى . ئەنقەر گۇرۇھ ئىچىدە بىر قانچە تۈرلۈك تۈزۈم بېكىتكەن بولۇپ ، بالىلارنى ساقچىلار تۇتۇۋالسا ، بىر ئاماللارنى قىلىپ قۇتۇلدۇرۇپ چىقاتتى . ئۇلار پۇل تاپالمىسا ياكى تاپقان پۇللىرىنى تىقىۋالسا ، چوڭلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ، ھەتتا دۇمبالىشىغا ئۇچراپ تۇراتتى . بالىلارنىڭ ئىچىدە سالى ئىسىملىكى ھەممىدىن تەجرىبىلىك بولۇپ ، ئۇنى ئاپىسى ئەنقەرنىڭ گۇرۇھىغا قوشۇپ قويغانىدى . بۇ ۋاقىتلاردا بۇ گۇرۇھنىڭ تەسىر كۈچى بارا - بارا كۈچىيىپ ، شياشىمېن ، داشىمېن ، قىزىلبايراق يولى قاتارلىق ئاۋات سودا بازارلىرى ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ بولغانىدى . ئەگەر بۇ رايونلارغا باشقا ئوغرىلىق شايكىسىدىكىلەر كىرىپ قالسا ، ئۇلارنى شۇ ھامان قوغلاپ چىقىرىۋېتەتتى .

تېرىسىگە پاتمىغان جىنايەت گۇرۇھىنىڭ تارمار قىلىنىشى
ئەنقەر باشچىلىقىدىكى گۇرۇھنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى ئاستا - ئاستا باشقا رايونلارغا كېڭىيىشكە باشلىدى . ئەنقەر ئاللىبۇرۇن بۇ گۇرۇھنىڭ غوللۇق كاتتىبېشىغا ئايلانغانىدى . ئەخمەت ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق ئادىمى ئىدى . ئەنقەر ئەخمەتنى مەخسۇس زەھەر سودىسى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى . ئەخمەت كېلىشكەن ، خۇشچاقچاق ھەم گەپدان بولغاچقا ، سودىنى بىر دەمدىلا پۈتكۈزەتتى ، ئۇنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى خانىم - قىزلار ئىدى .
بۇلتۇر 3-ئىيۇن ئەخمەت دوستلۇق يولى ئەتراپىدىن ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە باردى ھەم بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈر : << بۇنى ئەنقەر بەرگەن ، ئىچىدە 150 مىڭ يۈەندەك قىممەتتىكى مال بار >> دەپ بەرگەن بولاقنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشكاپنى ئاچتى . ئۇ بولاقتىكى خېروئىننى بۆلگەندىن كېيىن ، دېيىشىپ قويغان ئادىمى بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى . ئەپسۇس ، ساقچىلار بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىپ تۇرغاچقا ، ئۇ نەق مەيداندىلا قولغا چۈشتى . ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىنى ۋە ئىجارىگە ئالغان ئۆيىنى تەكشۈرۈپ ، 179.2 گرام خېروئىن ، 6600 يۈەننى قولغا چۈشۈردى .
ئەنقەر قاتارلىقلارنىڭ يانچۇقى تومپايغانسېرى ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك بىر قانچە ئېسىل مېھمانسارايدىن ياتاق ئېچىپ ، كۆپ قېتىم قىمار سورۇنى ئۇيۇشتۇردى . ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق قىمار سورۇنىدىكى قىمار پۇلى نەچچە يۈز مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى . ئەنقەر قىمار سورۇنلىرىغا دائىم ئۆتكۈرنى ئەگەشتۈرۈۋالاتتى .
بۇلتۇر فېۋرالنىڭ باشلىرى ئەنقەر رۇسلان قاتارلىقلار بىلەن مەلۇم مېھمانسارايدا قىمار ئويناشقا كېلىشتى . بۇ قېتىمقى سورۇنغا ئوندىن ئارتۇق ئادەم يىغىلغانىدى . شۇ كۈنى رۇسلان ئېلىپ كەلگەن بارلىق پۇلىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن سىرت ، ئەنقەرگە 50 مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالدى . رۇسلان پۇلنى كېيىن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ سورۇندىن ئايرىلىشقا تەمشەلدى . بۇ چاغدا ئەنقەر ئۇنىڭ ئالدىنى توستى :
_ ئاداش ، مېنىڭ نېسىدىن تەلىيىم يوق ، بۈگۈن يا پۇلنى بەر ، يا بولمىسا پىكاپىڭنى .
_ پىكاپ ئايالىمنىڭ ، پۇلۇڭنى كېيىن چوقۇم بېرىۋېتىمەن ، _ دېدى رۇسلان .
ئەنقەر ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە پىسەنت قىلماي ، زورلۇق ئىشلىتىپ پىكاپنى 70 مىڭ يۈەنگە باھالاپ ، قولىغا 20 مىڭ يۈەننى تۇتقۇزۇپ يولغا سالدى .
قىمار سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش ئەنقەرنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك پۇل تېپىش ئۇسۇلى ئىدى . بۇلتۇر 19-مارت ئەنقەر يەنە بىر قانچە تونۇشىنى چاقىرىپ ، مەلۇم مېھمانسارايدا قىمار سورۇنى تۈزدى . سورۇننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالىي دەرىجىلىك ھاراقمۇ ئېلىپ كېلىندى . ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن قىمار سورۇنىغا كەلگەن ئەزىمەت خۇدىنى بىلمىگۈدەك مەست بولۇپ كەتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ 500 مىڭ يۈەن ئۇتتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئەتىسى بىلدى . ئۇ ياتاقتىن چىقاي دەپ تۇرۇشىغا ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئۆتكۈر توستى :
_ قەيەرگە ماڭدىڭ ؟ پۇلنى بېرىپ ئاندىن ماڭ !
ئەزىمەت بۇ قوپال مۇئامىلىدىن چۆچۈپ كەتتى :
_ نېمە پۇل ؟ مەن سىلەرگە قەرزمىدىم ؟
_ ئاخشام دەتتىكامغا چۈشۈپ ئۇتتۇرغان 500 مىڭ يۈەننى قايتۇرساڭ ئاندىن كېتىسەن !
ئەزىمەت بۇ گەپلەردىن ھەيران قالدى ۋە ئامالسىز ئۆيىگە تېلېفون بېرىپ ، پۇل ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى . بىراق خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولسىمۇ ، ئائىلىسىدىكىلەردىن سادا بولمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەزىمەتنى باشقا مېھمانسارايغا يۆتكىدى ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەر پۇلنى ئەكەلمىدى . ئەسلىدە ئۇلار ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغانىدى .
20-مارت ساقچىلار مېھمانسارايغا كېلىپ ئەزىمەتنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى ، شۇ يەردە ئەنقەرنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قولغا چۈشتى . ساقچىلار ئىز قوغلاپ رازۋېدكا قىلىش ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا ئەنقەر قاتارلىقلارنى ئارقا - ئارقىدىن قولغا چۈشۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات سودا بازارلىرىدا تۆت يىل دەۋران سۈرگەن بۇ جىنايەت گۇرۇھى بىتچىت قىلىندى .
بۇ يىل 15-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا ئوچۇق سوت ئېچىپ ، جاۋابكار ئەنقەرنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇشقا ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىشقا ، قانۇنسىز قاماپ قويۇش جىنايىتىگە بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىشكە ، قوشۇپ جازالاپ 16 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىشقا ، قوشۇمچە 150 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇشقا ؛ جاۋابكار ئەخمەتنىڭ زەھەر ئېلىپ - سېتىش جىنايىتىگە 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىشقا ، قىمار ئويناش جىنايىتىگە ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇشقا ، قوشۇپ جازالاپ 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىشقا ، 50 مىڭ يۈەنلىك شەخسىي مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ، 30 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇشقا ؛ جاۋابكار پەرھاتنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىشقا ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇشقا ؛ جاۋابكار ئۆتكۈرنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىشقا ، قوشۇمچە 40 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇشقا ؛ جاۋابكار خىرسەننىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىشقا ، قوشۇمچە 40 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇشقا ؛ جاۋابكار باتۇرنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ ، قوشۇمچە 2000 يۈەن شىتراپ قويۇشقا ھۆكۈم قىلدى .
1-سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ئەنقەر قاتارلىق بىر قىسىم جاۋابكارلار ھۆكۈمگە قايىل بولماي ، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى .
( كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى )

مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-07, 15:47
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-07 11:23 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
orhun36
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 30152
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
شۆھرەت: 145 نۇمۇر
پۇل: 547 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 339(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇللىرىنى ئوغورلاپ زار-زار قاخشاتقان بولغىيتى ئۇ گۇيلار ،
ئەل قىساسى بىنەل ھەق دىگەن گەپ بار.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 12:43 AM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
amanturk
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 25650
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
پۇل: 322 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىorhun36نىڭ2008-12-08 12:43 AM دە يوللىغان يازمىسى   :
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇللىرىنى ئوغورلاپ زار-زار قاخشاتقان بولغىيتى ئۇ گۇيلار ،
ئەل قىساسى بىنەل ھەق دىگەن گەپ بار.

    ئالدى بىلەن  دەيدىغىنىم<ئەل قىساسى  مىنەل  ھەق>،بىنەل ھەق ئەمەس.
                                خۇدانىڭ ئارغامچىسى  ئۇزۇن بولىدىكەن
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 01:16 AM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
nurbiya421
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20310
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 268 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

مۇخبىرلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!!  
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 02:31 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
koqahaweri
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 32684
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 75 نۇمۇر
پۇل: 332 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

بۇ نوچىلار ئايلىنىپ كەلسە يەنىلا شۇ ئۇز مىللىتىگە نوچىلىق قىلىدىغان مۇناپىقلار،خەن ئاكىلىرىغا ئالىيىپمۇ قارىيالمايدۇ ،
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 10:40 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
ئاھۇ
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29693
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 291
شۆھرەت: 311 نۇمۇر
پۇل: 27 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 518(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

تېگىشلىك جازاسىنى يەپتۇ ئۇ مۇناپىقلار.يېنىڭ بولۇپ قاپتۇ تېخى.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 10:58 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kalkvn117117
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 504
شۆھرەت: 514 نۇمۇر
پۇل: 885 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 227(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 

كشنىڭ ھەققىدىن قورقمامدۇ بۇلار .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 06:34 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
阿丽亚
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33796
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 145 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 

بەك ياخ شى بۇپتۇ  ئازقراق بۇلسىمۇئازلاپتۇدە بۇ يانچۇخچىلار
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 06:48 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
ANGEL520
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 16237
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 365
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
پۇل: 559 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

ھارام بولسىمۇ بىردەم جانغا ئارام دىگەندەك ... ئىچكىرى ئۆلكىدىغۇ بۇنىڭدىن ۋەھشى ، بۇلارغۇ بىرقانچە كوچىنى مىنىڭ دەيدىكەن ئۇ يەردە بىر شەھەرنى مىنىڭ دەيدۇ ... توۋا قىززىىق جاھان دە بۇ ...
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 09:49 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.044805(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-09 17:24
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号