بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى
ئالدىنقى كۈنلىرى بىلىك ، شەبنەم تور بىكەتلىرىدە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «بىزنىڭ كاشغەرىي يىلىمىز» تېمىسىدىكى سۆھبەت يېغىنى توغرىسىدا ئۇچۇر بىرىلگەن ئىدى .
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇ سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى يىڭدوڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن زالىدا مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى . باشتىن-ئاخىر يۇقىرى كەيپىياتقا تولغان بۇ يىغىنغا بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن 500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى .
دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ياپونىيە ، تۈركىيە ۋە ۋەتىنىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن مەھمۇد كاشغەرىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بۇ يىغىنلارنىڭ تەپسىلاتىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تونۇشتۇردى . سۆھبەت داۋامىدا ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ كاشغەر ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى زىيارىتى توغرىسىدىكى قىسقا فىلىمنى دوكلات ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى .
دوكلات ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ھەرقايسى مەكتەپتىن كەلگەن ساۋاقداشلار ئۆزىنىڭ سوئاللىرىنى بەس-بەستە ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئابدۇرەئوپ مۇئەللىمنىڭ بۇھەقتىكى قاراشلىرىغا يىغىن مەيدانىكىلەرنى ئورتاقلاشتۇردى .
سۆھبەتتىن كېيىن ، ساۋاقداش ئابلەھەتجان مەمەت بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقداشلارغا ۋاكالىتەن ئۆزىنىڭ «ئۇستاز شەنىگە» ناملىق قەسىدىسىنى شۇنداقلا مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇئەللىمگە ئاتىغان سوۋغىسىنى سۇندى .
جوڭگۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ساۋاقداش مىھراي يۈسۈپ بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئۈچۈن يازغان «تارىخ بىلەن دىئالوگ» ناملىق چاچما شېئىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ ، يىغىننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى .
يىغىن سائەت 3:00 تە رەسمىي باشلاندى
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئابدۇلئەزىز ئوبۇلھەسەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئابدورەئوپ مۇئەللىمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى .
ئۇستازىمىز دوكلات ئۈستىدە
مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچىلىرى ئابدورەئوپ مۇئەللىمگە تەييارلىغان سوۋغىسىنى سۇنماقتا
ساۋاقداشلار ئەستايىدىل دوكلات ئاڭلىماقتا
ساۋاقداشلار سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا
پائالىيەت ئاخىرىدىكى خاتىرە رەسىملىرىدىن
پائالىيەت ئاخىرىدىكى خاتىرە رەسىملىرىدىن
پائالىيەت ئاخىرىدىكى خاتىرە رەسىملىرىدىن