تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى :-
كىروران گۈزىلى
‹‹جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى››نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ،تەيۋەن تارىخىي مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلار توققۇز يىل تەييارلىق قىلغان ‹‹يىپەك يولىدىكى رىۋايەت — شىنجاڭدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمىسى›› 6 – دېكابىر تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىكەن . بۇ ئالاھىدە چوڭ كۆلەمدىكى كۆرگەزمىگە چوڭ قۇرۇقلۇق تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن ‹‹كىروران گۈزىلى››قاتارلىق 155 قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق بۇيۇملىرى قويۇلىدىغان بولۇپ ، تەيۋەننى لەرزىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى لى جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، كۆرگەزمە قىلىنىدىغان 155 بۇيۇمنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، بۇ قەدىمي يادىكارلىقلار يېقىنقى 20 يىلدا قېزىۋېلىنغان ئىكەن.
كومپىيۇتېردا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كىروران گۈزىلى
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ‹‹يىپەك يولى رىۋايىتى›› كۆرگەزمىسى 6 – دېكابىردىن كېلەر يىلى 15 – مارتقىچە ئېلىپ بېرىلدىغان بولۇپ ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بۇ يىل 30 – يانۋار مۇۋەپپەقىيەتلىك تەيۋەنگە يەتكۈزۈلگەن . بۇ قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ناھايىتى ئەتىۋارلىق بولغانلىقتىن ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىگەن شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىق ئىدارىسى ، مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى بىللە ئېلىپ بارغان . كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئومۇمىي سۇغۇرتا ھەققى بىر مىليارد يېڭى تەيۋەن پۇلى بولۇپ، بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ تەيۋەندە كۆرگەزمە قىلىنىشى ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن .
مەنبە: خاقانىيە تورى
www.hakaniya.com