چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 71 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: دېموكراتىيە  پىرزدىنت  بىلەن  يۈزلەشكەندە پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

mustabit
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 8987
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 641
شۆھرەت: 561 نۇمۇر
پۇل: 2398 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 927(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 دېموكراتىيە  پىرزدىنت  بىلەن  يۈزلەشكەندە

0
           دېموكراتىيە  پىرزدىنت  بىلەن  يۈزلەشكەندە


                                        ياڭ گېڭ شىن
                     نۇرشات  مەمتىلى (ساكتېكىن) تەرجىمىسى

مىجەزى  ئەزەلدىن  چۇس  فرانسىيە پىرىزدىنتى ساركوزى  يەنە  يېڭى  چاتاق  
تېرىپ  قويدى،  ئۇ  بىر  يەرلىك  يېزا  ئىگىلىك  مەھسۇلاتلىرى  يەرمەنكە  قىلىپ
سېتىش  يىغىنىدا  پىرىزدىنتلىق  سالاھىيىتىگە  قارىماستىن  بىر پۇقرا  بىلەن
ئوچۇقتىن –ئوچۇق ئاشكارە  تىللىشىپ  قالدى،  ئۇلارنىڭ  قىلچىمۇ  يول  
قويۇشماستىن  گەپ  ياندۇرۇشلىرى  جامائەتنى  ھەيران  قالدۇردى.
خەۋردە  دېيىلىشىچە،  ساركوزى ئاممىغا  يىقىنلىشىپ  قول  ئېلىشىپ
كۆرۈشەي  دەۋاتقاندا،  بىر  ئەر  ئۇنىڭ  بىلەن  كۆرۈشۈشنى  خالىماي،  
ئارقىغا  داجىپ ، «  ھوي،  ياق!  ماڭ  تەگمە!»  دەۋىتىدۇ.  ساركوزى
كۈلۈپ  تۇرۇپ  ئۇنىڭغا«  ئۇنداق  بولسا  يوقال!» دەپ   جاۋاب  ياندۇرىدۇ.  
ئۇ  ئەرمۇ  بوش  كەلمەي:«  كۆڭلۈمنى  ئېلەشتۈرىۋەتتىڭ!»  دەيدۇ.  
بۇنىڭ  بىلەن  ساركوزى  ئاچچىقلىنىپ: «  تىز  يوقال!  ھۇ  ئۆلمىگۈر  ئەخمەق!»
دەپ  ۋارقىرايدۇ.  ساركوزىنىڭ  پۇقرا  بىلەن  تىللاشقان  جەريانى
  «پارژ  گېزىتى  »   تەرىپىدىن  سىنغا  ئېلىنىپ  بۇ  گېزىتنىڭ تور  بىكىتىگە يوللىنىدۇ.
                   «ساركوزىنىڭ تىللىشى»  شۇ  زامات  پۈتۈن  يەرشارىغا
پۇر  كەتكەن  بولۇپ،  جوڭگۇ  مىدىيەلىرىمۇ  بۇنىڭدىن  نېسىۋىسىز   قالمىدى.
گەرچە  بۇ  ئىشقا  قارىتا  فرانسىيەنىڭ  سابىق  زوڭلىسى،كېڭەش پالاتا
ئەزاسى رافالەن  ساركوزىنى  ئاقلاپ: «  بۇ  پەقەت   ئەرلەر  ئارىسىدىكى
خۇسۇسىي  پاراڭلار،»  دېگەن  بولسىمۇ  لېكىن  ئادىللىق  بىلەن  دېگەندە،  
بىر  پۇقرا  بىلەن  كوچىدايۈزمۇ-يۈز  تىللىشىش  پىرىزدىنتنىڭ  يۈزىگە   سەت ،
يەنە  كېلىپ دۆلەت  رەھبىرى ئۆز  سايلىغۇچىلىرىغا  بۇنداق  مۇئامىلە
قىلماسلىقى  كېرەك.  دەل  شۇنداق  بولغاچقىمىكىن  فرانسىيە  تور  ئەھلى
«  بىزنىڭ  پىرزدىنت  بەك  قوپالكەن،  بىچارە  فرانسىيە»  دەپ  ئاھ  
ئۇرۇشقان بولسا    بىزنىڭ  جوڭگۇلۇق  تورداشلار  ھەقىقى   پۇخادىن  چىقتى.
مۇناسىۋەتلىك  خەۋەرلەرنىڭ كەينىدىكى  توارداشلار  مۇنازىرىسىنى
چەكسىڭىز  كۆپ  قىسمىنىڭ  ساركوزىنىڭ  پۇقرا بىلەن  تىللىشىشىغا
بولغان  ھەۋەس  ۋە  ئالقىش  ئىكەنلىكىنى  كۆرىسىز.  «  نوچىكەن»،  
بۇ   كۆپ  سانلىق  جوڭگۇ  تورداشلىرىنىڭ  ساركوزىغا  بەرگەن  باھاسى.
بىر  تورداش  تېخى  ئوچۇقتۇىن –ئوچۇقلا: « دېموكراتىيە  دېگەن  نېمە؟  
دېموكراتىيە  پىرزدىنتنىڭ  پۇقرا  بىلەن  تىللىشالىشىدۇر.»  دەپ  يازغان.
ئاددى  ھۆكۈمنىڭ  ئىچىگە  ھەقىقەتەنمۇ  مەلۇم  ھەقىقى  قىممەت  قارىشى
يوشۇرۇنغان.
                  جوڭگۇ فرانسىيە  تور  ئەھلىنىڭ  ئوخشىمىغان  ئىنكاستا
  بولۇشى  شەكسىزكى  دېموكراتىيەگە  بولغان  ئوخشىمىغان   تەسىراتى
  بىلەن  مۇناسىۋەتلىك. فرانسىيە  تور  ئەھلىگە  نىسبەتەن  ئېيتقاندا،
دېموكراتىيە  ھەممىدىن  يۈكسەك  بولغانىكەن،  تەبىئىلا  دېىموكراتىيەدىمۇ  
سالاپەت  بولۇشى،  مۇقەررەرلا  پىرىزدىنتنىڭ پۇقرالىرىغا  بولغان
پوزىتسىيىسىگە  تېخىمۇ  قاتتىق  تەلەپ  قويۇلىشى كېرەك.  بەزىربىر  
جوڭگۇ  تورداشلىرىنىڭ   مۇشۇنىڭدىن كەلتۈرۈپ  چىقارغان «  دېموكراتىيە  دېگەن نېمە»
گە  بەرگەن  جاۋابىنى  پەقەت  بىر  تاماشىبىننىڭ  دېموكراتىيەگە  بولغان   تەسىراتى
  دېيىشكىلا  بولىدۇ.  بۇنىڭدا  ئەمەلىيەتتە  ماھىيەتلىك  پەرق  بار. شۇنىڭ  بىلەن
بىرگە  يەنە  شۇنىمۇ  كۆرۈپ  يېتىشىمىز  كېرەككى،  دېموكراتىيە  ئەمەلىيەتتە
تىللىشىشتا  ياكى  پىرىزدىنىتنىڭ  ئۆز  سايلىغۇچىلىرىغا  سالاپەت  بىلەن  مۇئامىلە
  قىلغانىلىقدا  ئەمەس،   بەلكى پۇقرالارنىڭ  ئۆز  پىرىزدىنتلىرىغا  قانداق  مۇئامىلە
قىلىدىغانلىقىدىمۇ  ئىىپادىلىنىدۇ.  باشقىچە  ئېيىتقاندا  دېموكراتىيە  پۇقرالار
  ئۆز  قىزىقىشى بويىچە      پىرىزدىنتىغا  مۇئامىلە  قىلالامدۇ  يوق  دېگەندە  ئىپادىلىنىدۇ.
                 « ساركوزىنىڭ  تىللىشى»  سۆرەپ  چىققان  دېموكراتىيە  تېمىسى  كىشىنى
  تاسادىبىيلىق  ھېس  قىلدۇرىدىغانمۇ  مەسىلە  ئەمەس.  دېموكراتىيە  دۆلەت   ۋە
خەلقنىڭ  چوڭ  ئىشلىرىدىلا  بولىۋەرمەيدۇ.  ئۇ  ھەممە  يەردە  بار،  خۇددى  
  مۇشۇنىڭغا  ئوخشاش  جاھاننى  تاڭ  قالدۇرغان  تىللىشىشقا  ئوخشاش. دېموكراتىيە  
پىرىزدىنتنىڭ  سالاھىيتىدىكى  جىن  ئالۋاستىنى  قوغلىغاندىن  كېيىن ،  ئۇنى  
قان- گۆشتىن  تۈزۈلگەن  ئادەمگە  ئايلاندۇرغان . ئادەم  بولغانىكەن ئەلۋەتتە
  ئادەمنىڭ  ئارتۇقچىلىق  كەمچىلىكلىرىمۇ بولۇشى  كېرەك. شۇڭا  مۇناسىپ  سايلام
ۋە  ھوقۇقنى   چەكلەش قاتارلىق  تۈزۈملەرنى  مۇكەممەلشتۈرگەندىلا  پىرىزدىنىتنىڭ
  ئۆز ۋەزىپىسىنى  تولۇق ئادا  قىلىشىغا  كاپالەتلىك  قىلغىلى  بولىدۇ. ئەلۋەتتە
پىرىزدىنتمۇ  ئەۋلىيا  ئەمەس،  ئۇنىڭ  سۆز – ھەرىكەتلىرىنىڭ  ھەممىسىنىڭ  
توغرا  بولىۋىرىشى  ناتايىن.  ئەلۋەتتە  ئۇنىڭ  ھەممە  پۇقرانىڭ  ئىشەنچى  ۋە
قوللىشىغا  ئېرىشىشىمۇ  مۇمكىن  ئەمەس.  شۇڭا بەزىلەرنىڭ  ئۇنىڭ  بىلەن  قول  
ئېلىشىشنى  خالىماسلىقى  بەكلا  نورمال  ئىش .  مۇشۇنداق  ۋاقىتتا  بۇ  پۇقرانىڭ
  قارشىچە  « پىرىزدىنت  بىلەن  قول  ئېلىشىش»  بەلكىم  ئۇنچىلىك  شەرەپلىك
  ئىش  بولماسلىقى  مۇمكىن.  جوڭگۇ مىدىيەلىرى  «  پىرىزدىنتلىق  سالاھىيتىگە
قارىماستىن»  دەپ  خەۋەر  قىلغان  بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇنى  تىللىغان پۇقرامۇ
ئوخشاشلا  ئۇنىڭ  كىشىنى  قورقۇتىدىغان  سالاھىيىتىنى  پەرۋايىغا  ئالمىغان  گەپ.
                 دېموكوراتىيە  پىرزدىنت  بىلەن  يۈزلەشكەندە  مانا  بۇ  بىز  
چىقىرىدىغان  بىر  خىل  ھۆكۈم.  بۇنىڭدىن  باشقا  يەنە،  بۇ  تىللىشىشنىڭ
دېموكراتىكلىقى  يەنە  ئۇنى مىدىيە لەرنىڭ  ھەقىقى  خاتىرىلىگەنلىكى ۋە  
ئاشكارا  ئېلان  قىلغانلىقى،  فرانسىيە  ھۆكۈمىتىنىڭ  ئارلىشىشقا  ھوقۇقى
بولمىغانلىقتىن  پەقەت  «  مىدىيەلەرنى بەك  ئاشۇرىۋەتمەسلىككە  چاقىرغانلىقى»دىمۇ
  ئىپادىلىنىدۇ.  ئىلگىرىكى  بىر  قانچە  مەشھۇر«  ساركوزىنىڭ  تللىشى»
دىمۇ  مۇشۇنىڭدەك  ئىنكاسلار  بولغان. مەسىلەن    ئۆتكەن  يىلى  11-ئايدا
فرانسىيەنىڭ  جەنۇبىدا  بىر  ياش  ئۆينىڭ  بالكۇنىدا  تۇرۇپ  ساركوزىغا  ۋارقىراپ
  تىل  سالغاندا،  ساركوزى  ئۇنىڭغا  «  نوچى  بولساڭ  چۈشمەمسەن ! »  دەپ  
جاۋاب  قايتۇرىدۇ،«  چۈشۈپ  قالسام  بېشىڭنى  ئېزىۋىتىمەن!»  دەيدۇ  ھېلىقى  ياش.
  بۇنىڭدن  باشقا، 2007-يىلى  10-ئايدا،  ساركوزى  ئامېرىكا  مۇخبىرلىرىنىڭ
زىيارىتىدە،ئالدىنقى  ئايالى  بىلەن  بولغان  مۇھەببەت  توغرىلىق  گەپ  تېشىلگەندە،  
ئۇ  كۆپچىلىكنىڭ  ئالدىدىلا ئاچچىقلىنىپ، مىكرافوننى  ئۆرىۋىتىپ  پېشىنى قېقىپ  
چىقىپ  كېتىدۇ، مۇخبىرلار  نېمە  قىلىشنى  بىلەلمەي  قالىدۇ. يەنە  ساركوزىنىڭ
نىكاھتىن  ئاجرىشى  ۋە  يېڭى سۆيگۈنى  قاتارلىق  ۋەقەلەرنى  مىدىيەلەر  تولۇق
خەۋەر  قىلىدى  ۋە  مۇنازىرە  قىلىشتى.  مۇشۇلارنىڭ  ھەممىسى   جىن-  ئالۋاستىنى
  قوغلىغانلىق،  بىر  خل  دېموكراتىيە  ۋە  نازارەتتۇر.  بۇ  بۇرۇنقىدەكلا  پۇقرالارنى  
پىرىزدىنت  بىلەن يۈزلىشەلەيدىغان  مىخانىزم  كاپالىتىدۇر.
                    دېموكراتىيەنىڭ  ياخشى  نەرسە  بولۇشى،   دەل  ئۇنىڭ ئاشكارا  
تېكىست، يۈزمۇ-يۈز  راستچىللىق  بولغانلىقىدا،  پاكىت  شۇنى  ئىسپاتلىدىكى،  گەرچە
  «  ساركوزىنىڭ  تىللىشى» ئۈزمەي يۈز بېرىپ    تۇرغان  بولسىمۇ،  لېكىن  فرانسىيەلىكلەر
  بۇرۇنقىدەكلا  يىتەرلىك  كەڭ  قورساقلىق  بىلەن  بۇ  چۇس  مىجەزلىك  پىرىزدىنتىغا  
مۇئامىلە  قىلغان.  چۈنكى  دېموكراتىيە ئۇلارغا پىرىزدىنتنىڭ  خاسلىقىنى   ئۇنىڭ سىياسىي
نەتىجىلىرىدىن ئايرىپ  مۇئامىلە  قىلىش كېرەكلىكىنى   ئۇقتۇرغان .بىر  قېتىملىك
  «  كوچا  تىللىشىشى» كۆپ  بولسا   پىرىزدىنىتنىڭ  ئۆزىنى  تۇتالماي  قىلىشى،  
سالاپىتىگە  لايىق  ئىش  قىلماسلىقى  بولۇپ  بۇ  ھۆكۈمەت  ئوبرازىغا  كىرىزىس
  ئېلىپ  كەلمەيدۇ.   گەرچە  مۇناسىۋەتلىك  خەۋەرلەردە، فرانسىيە  تەكشۈرۈش  
ئورگانلىرى  «ساركوزى  تلللىغان»  ئاشۇ  كۈنى ئېلان  قىلغان  بىر  تۈرلۈك  خەلق
رايىنى  سىناشتا  كۆرسىتىلىشىچە،  ساركوزىنى  قوللاش  نىسبىتى  %37 گە  چۈشۈپ
  قالغان دېيىلگەن  بولسىمۇ   لېكىن « بۇنىڭ  ئاساسلىق  سەۋەبى  سايلىغۇچىلارنىڭ
ئۇنىڭ  ئىقتىساد  سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىدا  ئىكەن.».  سايلىغۇچىلارنىڭ
كۆپ  سانلىقى  بۇ  كوچا  تىللىشىشىنىڭ  تەسىرىگە  ئۇچرىمىغان.

[بۇ  ماقالە   ئەسلىدە 2008-يىلى 3-ئاينىڭ  4-كۈنىدىكى«  جوڭگۇ  سودا  گېزىتى. تەپەككۇر»غا  بېسىلغان]
译自《杂文选刊 》2008年第五期(上)第4页
مەنبە: خاقانىيە تورى www.hakaniya.com
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-07, 15:34
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-07 07:42 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kurxat
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 13028
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 533
شۆھرەت: 129 نۇمۇر
پۇل: 873 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

بىزنىڭ بۇ يەردە ئەڭ تۆۋەن دەرجىلىك ئەمەلدار بولغان مۇاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرجىلىك بىرسىنى تىللاپ قويغان ئادەممۇ تەس كۈنگە قالىدۇ.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 04:18 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.071048(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-09 17:27
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号