چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 306 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە!  < چۇقۇم كۆرۇڭ> پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

axkar
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29393
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 383
شۆھرەت: 449 نۇمۇر
پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 36 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە!  < چۇقۇم كۆرۇڭ>

0
خوتەنلىك، قەشقەرلىك، غۇلجىلىق، كۇچالىق، تۇرپانلىق، ئۈرۈمچىلىك... بالىلار يىغىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان سورۇننىڭ يېنىدىن مەيدىسى ئوچۇق، كىندىكى ئوچۇق، پاچىقى <خاپا بولۇشمىسىلا> دېگەندەك كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىۋالغان، چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بوياپ سېغىزنى يەپ باقمىغاندەك ئاجايىپ لەززەت ئىچىدە چايناۋاتقان، گىرىم دېگەننى ھازىرلا بوياق قۇتىسىدىن چىققاندەك قېنىق قىلىۋالغان بىر مودا خېنىم ئېگىز پاشىنىلىق ئايىغىنى يەرگە كۈچەپ - كۈچەپ ئۇرغىنىچە ئۆتۈپ قالدى. ئۇنىڭ كاسسىلىرىنى تولغاپ، بەللىرىنى ئېتىپ مېڭىشىدىن بالىلار بىر - بىرىگە قاراپ پىخىلدىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى. كۇچالىق بالىنىڭ كاللىسىغا دەررۇ بىر ئەقىل كېلىپ بالىلارغا دېدى:
_ ئاغىنىلەر، ئىچىمىزدە ئاغرىنىۋېرەمدۇق بۇنداقلارغا؟ بىر ئاچچىقىمىزنى چىقارمايلىما؟
باشقا بالىلار <<ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدىغان يېرىگە كەلدى>> دېيىشىپ باش لىڭشىتىپ ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. كۇچالىق بالا بالىلارغا ھەر ئون قەدەمدە بىردىن تۇرۇپ ئالدىغان كەلگەن ھامان ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويۇشنى دېدى. بالىلار دەرھال ئون قەدەمدە بىردىن تىزىلدى.
مودا خېنىم خوتەنلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خوتەنلىك بالا قوپال ئاۋازدا دېدى:
_ ھوي سەت خاتۇن! كىيىمنى مەيدىسىگە قالاپ ئاساڭلا بوممامتــا؟ . . . كۆكسىڭلىنى ئاپتاپقا سېلىپ يۈرگۈچە. . . ئوبدانلام كۆرۈنۈپ قاپتۇ ئــــاينـا! .......... نېمە سەت قالايسەھوي...بىر تىپمە!
مودا خېنىم تۆۋەن ئاۋازدا <<مەتو>> دەپ قويۇپ بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن مېڭىپ قەشقەرلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەشقەرلىك بالا بىر قېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىپەرۋا ھالدا دېدى:
_ چىرايلىق خېنوووووووم! قارىغاندا رەختنىڭ باھاسى چۈشكەن ئوخشىمامدا؟
مودا خېنىم قەشقەرلىك بالىنىڭ بېشىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە قارىۋېتىپ سەت ھىجىيىپ سورىدى:
_ قانداق دەيلا ئاپپاق غوجـــــام؟
قەشقەرلىك بالا مەنسىتمىگەندەك باشقا بالىلارغا قارىغاچ جاۋاب بەردى:
_ خەق ئىسسىقتا يالىڭاچ يۈرسە سىلە ھەممىلا يەرلىرىنى يېپىۋاپلا شۇڭا دەيمىنا...
مودا خېنىم ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا قەشقەرلىك بالا ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا دېدى:
_ سىلىگە مەندىن نەسىھەت بوپ قاسۇن خېنىم، بۇندىن كېيىن كوچىغا چىققاندا پالاق ئېلىۋالسا جۇما!
مودا خېنىم سەل ئويلىنىۋېلىپ سورىدى:
_ نېمىشقا؟
قەشقەرلىك بالا ئىككى قولىنى قوشتۇرۇپ ئاسمانغا يانتۇ قاراپ:
_ قارىسام ئىۋۇ پـــــــاكىز پاچاقلىرىدىن چىۋىن ھېچ ئەگىپ كېتەلمەيۋاتىدا...
مودا خېنىمنىڭ يۈزلىرى ئۆپكىدەك قىزىرىپ ئاچچقىنى تەستە بېسىپ يوغان چامداپ غۇلجىلىق بالىنىڭ ئالدىغا كەلدى. غۇلجىلىق بالا كۆيۈنگەن قىياپەتتە دېدى:
_ جىنىم! ئۇلارنىڭ گېپىگە خاپا بولماڭ جۇمۇ، بىرى سىزگە سالام ئېيتتى. . .
مودا خېنىم قەدىمىزنى ئاستىلىتىپ تۆۋەنرەك ئاۋازدا سورىدى:
_ كىم؟
غۇلجىلىق بالا قىلچە ئىككىلەنمەيلا مودا خېنىمنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ جاۋاب بەردى:
_ بىزنىڭ ئېغىلدىكى ئېشەك، ۋەيـــــــت!
مودا خېنىم يىغلامسىرىغىنىچە كۇچالىق بالىنىڭ ئالدىغان كېلىپ قالدى. كۇچالىق بالا:
_ ھۇي خېنىم! ئەرگە تېگەلمەي ئاچچىقىڭىزنى سېغىزدىن چىقىرىۋاتامسىز؟ . . . بوشراق چاينىڭە، چىشىڭىز مايماق بوپ كېتىپتۇ ھېلىمۇ. . .
مودا خېنىم زەردە بىلەن سورىدى:
_ چىشىم نەدە مايماق؟
كۇچالىق بالا:
_ زۇۋانىڭىزغا جۈسەي تېرىۋېتەيمۇ؟ جېنىمغا دەخمىيۈز گۇي...... نېمە ۋارقىرايسىز؟ پۇتلىرىڭىز مايماق بولغاندىكىن چىشىڭىزمۇ مايماق بولمامدۇ؟
مودا خېنىم پۇتىغا قارىۋىدى بالىلار <<پاراققىدە>> كۈلۈشۈپ كەتتى. مودا خېنىم قاتتىق مات بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان قىياپەتتە مېڭىپ تۇرپانلىق بالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى. تۇرپانلىق بالا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ توۋلىدى:
_ ياۋپىىىىىىيېر......... مايناق بىرمىلەلا ئۇچرايدىغۇ بۈگۈن...... كىيىمىڭنى ساۋاتساڭ بۇمامدۇ ھەي پوخۋاش! كۆتتۈڭنى كۆگىلى بۇمىسا يە؟!
مودا خېنىمنى قاتتىق يىغا تۇتۇپ ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىدا نېرىراقتا تۇرغان ئۈرۈمچىلىك بالىنى كۆرۈپ قالدى - دە، ئۈرۈمچىلىك بالىدىن ئۈمىد كۈتۈپ مەيدىسىنى تىك كۆتۈرۈپ مەغرۇر ماڭدى. ئۇ مېڭىپ ئۈرۈمچىلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۈرۈمچىلىك بالا ئىككى قولىنى يانچۇقىغا تىقىۋېلىپ خىيالىي تۇرغانىدى، ئۈرۈمچىلىك بالا مودا خېنىمنى كۆرۈپ بېشىنى يەر تېگىدىن چىقىرىپ دېدى:
_ ئوخخىووووو  يې خان!...... نېمە بۆشۈكتىكى ئۇكاڭنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالىسەن؟......پىت بازىرىدا ساتىدىغان كىيىملەرگە پۇلۇڭ يەتمىدىما؟......ئىچىم ئەجەپ ئاغرىدى يې.........بىرسىگە بۇنداق ئىچىم ئاغرىپ باقمىغان جۇمـــــــــۇ!
مودا خېنىمنىڭ ئاغزىلىرى ئۈمچىيىپ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى. ئۈرۈمچىلىك بالا ئۇلاپلا:
_ يې، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما! . . . پايپىقىمنى سېلىپ بېرەي كىندىكىڭگە چاپلىۋال بولامدۇ؟......يې تۈكباش! سەندىن گەپ سوراۋاتىمەن بولامدۇ؟ چېچىنى بۇيىۋېلىشىنى ما مازنىڭ.........
مودا خېنىم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي <<پاڭڭىدە>> يىغلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى. . .
بالىلار مودا خېنىمنىڭ كەينىدىن كۈلۈشكىنىچە بىر - بىرىگە قول بېرىشىپ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

شۇنداق. مەيلى قەيەرلىك بولمىسۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئوغلى بولىدىكەن ئۇنداق مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتىدىن چەتنىگەن، ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتقان، ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نازاكىتىنى، سالاپىتىنى، پەزىلىتىنى يوقاتقانلارنى قىلچە كۆزگە ئىلمايدۇ. بىز ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى، ھۆرمەتلەپ بېشىدا كۆتۈرىدىغىنى شەرمى - ھايالىق، ئەدەپ - ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك. . . قىسقىسى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىدۇر! بىز يىگىتلەر ھەقىقىي ئۇيغۇر يىگىتىدەك بولغاندا قىزلىرىمىزمۇ ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزى بولىدۇ. چۈنكى قىزلار ئوغۇللارغا بويسۇنىدۇ.

ئاغىنىلەر، بايىقىدەك <<مودا خېنىملار>> كۆرگەندە ئىككى ئېغىز تەكگۈدەك گەپ قىلالمىساق جېنىدىن ئۆتكۈدەك بىرەر ئېغىز گەپ قىلايلى......ئۇنداقمۇ قىلالمىساق سەت ئالىيىپ، يەرگە شالاققىدە تۈكۈرۈۋېتىپ ئۆتۈپ كېتەيلى... بىز كەينىدىن بوينىمىزنى تولغاپ قاراپ قالغاچقىلا ئۇلار شۇنداق مەغرۇرلىنىدۇ. ھېچقانداق ئوغۇل بالا قاراپمۇ قويمىسا ئۇلار نېمىسىگە كۆرەڭلىگۈدەك؟ ئىچىمىزدە ئىنساب تىلەپ باقتۇق. پايدىسى بولدىمۇ؟ <<ئەقىلگە ئىشارە، نادانغا جۇۋالدۇرۇز>> دەپتىكەن. ئىشارىنى چۈشەنمىگەندىكىن ئەمدى جۇۋالدۇرۇز قىلايلى!
بىزنىڭ نۇرغۇن ئېسىل قىزلىرىمىز بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاشۇنداق <<مودا خېنىملار> بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كەتمىسۇن!
قىزلارنىڭ مۇھەببىتى ھۆرمەتتىن باشلىنىدۇ. قىزلىرىمىز ھۆرمەتلىگۈدەك، بولسا كۆيۈپ قالغۇدەك يىگىتلەردىن بولايلى! قىزلار بىزگە كۆيۈپ قالسا ئاجايىپ ھوزۇرلىنىپ، مەيدىلىرىمىزنى كېرىپ قويۇپ ئۆزىمىزدىن مەغرۇرلىنىپ كېتىمىزغۇ؟
قىزلىرىمىزنى يات مىللەتنىڭ چولپانلىرىغا كۆيۈپ قېلىشتىن توسايلى...كۆيسە بىزدەك يىگىتلەرگە كۆيسۇن. . . بىز يىگىتلەردىن پەخىرلەنسۇن، سۆيۈنسۇن، بىزنى روھىي يۆلەنچۈك قىلسۇن! بىزمۇ نى - نى دۇنيا گۈزەللىرىنى ئۇيغۇر قىزلىرىمىزغا تەڭ قىلمىغاندەك قىزلىرىمىزمۇ بىزنى كورىيەلىك، ھىندىستانلىق. . . چولپانلارغا تەڭ قىلمايدىغان بولسۇن!

ماقۇل ئەمسە... بىر قولغا ئادىمىيلىك ۋىجدان، بىر قولغا مىللىي غورۇرنى ئېلىپ ھەقىقىي ئەركەككە خاس سالاپىتىمىز بىلەن قىزلارنىڭ ھۆرمىتىگە ھۇررا````!!!

مەنبە: دوسلار كەچۇرسىلەر بۇ ئەسەرنى كىمنىڭ يازغىننى تاپالمىدىم . مەن بۇنى  مەكتەپ ئىچى تورىدىن تاپتىم .  مۇشۇ ئەسەرنى يازغان كىشىگە مىڭ ئاپىرىن .
تېما تەستىقلىغۇچى : Hush_Puraq
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-07, 12:23
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-07 07:20 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
uzunjahan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29040
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 208 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە!  < چۇقۇم كۆرۇڭ>

مەيدىسى ئوچۇق قىزنى كۆرگەندە، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋىلىپ، «ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى» دىگەن شېئىرنى ئوقۇڭ.
بۇ شېئىرنىڭ مەنزىلى: http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1201
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 08:35 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
yarimas
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 21858
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 359
شۆھرەت: 359 نۇمۇر
پۇل: 1200 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 3 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-07

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

بۇ ئەسەرنى سەلكىن مۇنبىرىدىكى  (ئۇزۇمچى) يازغان ئىدى ،
  مۇمكىن بولسا شۇنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن !
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 09:48 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
yarxary
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 33573
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
پۇل: 145 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

ياخشى يوللاپتغۇ ،ئەمدى ياخشى گەپلەرنىۇ بىر-بىرىمىزدىن ئايمتۇق بارلىلار.،..
يامېنىڭ دەۋالمىغاندىكىن بولمىدىمۇ!!
    
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 10:11 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
qornak
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 34167
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-07

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە!  < چۇقۇم كۆرۇڭ>

مەيلې كىم يازسۇن ،يانېلا تېما ئگىسەگە رەخمەت
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 10:27 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
jannat.anam
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 32703
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 165
شۆھرەت: 165 نۇمۇر
پۇل: 770 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 348(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-07

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 10:46 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
@subhi@
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 125 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

ياخشى يوللاپسىز،ئۇيغۇر ئوغۇللىرىنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ خوش بولىۋاتىمەن.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 10:52 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
...pala
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 32559
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 112 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

شۇنچە ئوغۇل بالا قاتارتۇرۋىلىپ بىر قىزنى مازاق قىلغۇچە،بىرسى چاپىنىنى سېلىپ كەيدۈرۈپ قويسىچۇ!!!
قېنى شۇ قىزنىڭ تەسىرلىنىپ ئۆزگەرمىگىنىنى كۆرەي...

«مۇلايىملىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش بىلەن ئشىك چەكسەڭ ھەرقانداق چوڭ تۈمۈر دەرۋازىمۇ ئېچىلىپ كېتىدۇ.»____ۋىليام .شىكىسپېر
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 10:53 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
arkaksu66
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20449
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 184
شۆھرەت: 239 نۇمۇر
پۇل: 961 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 572(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ئىمان ، ئېتىقاد ئاتا قىلغايسەن....
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 11:36 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
janankiz813
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29020
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 482
شۆھرەت: 482 نۇمۇر
پۇل: 1584 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 416(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

ئوغۇللىرىمىزغا ۋىجدان غۇرۇر كەم بولمىسۇن بىزگىمۇ ھەم شۇنداق  ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك        
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 12:21 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
axikjan
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 26092
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 399
شۆھرەت: 494 نۇمۇر
پۇل: 1495 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 168(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر، ھەقىقەتەن ئىسىل تىما ئىكەن، بىراق باشقىلارنى مازاق قىلىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دە قېرىنداشلىرىم، مەسىلىنىڭ يىلتىزى بولغان ئاشۇلارنىڭ ئىديىسىنى ئۆزگەرتىش كىرەك، شۇنداق بولغاندا ھىچكىم قىزىقمايدۇ ئۇنداق مەيدىسى ئۇچۇق، يوتىسىنى سازايى قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشكە، نۇرغۇن كۆپ ساندىكى يىگىتلىرىمىز بار ياغلىق چىگكەن، ئۇزۇن كۆينەكلەرنى كىيىپ ئەدەپلىك يۇرىدىغان قىزلىرىمىزنى مەنسىتمەيدىغان، كۆزگە ئىلمايدىغان، يەنە نۇرغۇن قىزلىرىمىز بار ، ياغلىقنى ئالدىدىن چىڭ چىگىپ، كۆينەكنى سۆرىلىپ قالغۇدەك كىيىپ رىستۇراننىڭ ئىشىكىدىن ئالدى پۈتى كىرسە كەينى پۇتى ھاجەتخانىغا يۇگۇرۇپلا ئۆزگىرىپ چىقىدىغان، بۇنداق ئىشلار ھازىر خېلى ئەۋىج ئېلىپ قالدى، بىر گۈللەنمەكنىڭ بىر خاراپ بولمىقى بار، بىر خاراپ بولماقنىڭ بىر گۈللەنمىكى بار، ھەر قانداق بىر نەرسە بۇزۇلۇپ بولمىغۇچە تۈزىگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ھەممىنى قىلىپ بىر باشقا چىققاندا ئىچ- ئىچىدىن بىر تۈيغۇ ئۇنى توغرا يولغا، ھەقىقەتكە ئۈندەيدۇ، شۇندىلا ئۈ ئۆزگە كىلىپ ئۆزىنى تۇنۇيدۇ، ئۆزىنى بىلىدۇ، بىھۇدە ئىشلارغا سەرىپ ئەتكەن ۋاقتىغا ئىچىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىزنىڭ كۈڭلىگە ئىنساپ، ئىمان ئاتا قىلسۇن.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 01:09 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
سۇبارە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 30795
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
پۇل: 289 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

تېما ئىگسىگە رەھمەت.
ئاياللار بۇگۈنكى قىززىق تېما .مېنىڭچە ھازىرقى قىز- ئاياللىرىمىزدا كۆرىلۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ تۈپ سەۋەبى بۇلۇپمۇ ئەرلەرنىڭ دەيدىغىنى بېلەن قىلىدىغىنى ئوخشىماسلىقتىن چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن.ھازىر كۆپ ساندىكى ئوغۇلارنىڭ (ئەرلەر)بىر يەرگە يېغىلىپ قىلىدىغىنى ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ،جەمئيەتكە كۆرسىتۋاتقان تەسىرنى باھالاش ،سۇكۇش ھەم ئەيپلەش بىلەن بۇلىدىغانلىقى ھەمىمىزگە ئايان.
ئۇنداقتا شۇ ئاياللار كىملەرنى ئۈزىگە قارتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ ؟ئەلۋەتتە ئەرلەرنى .
ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ شۇ تۇرقى ۋە قىلىقلىرى ئەرلەرگە ياقمىسا ئۇلار ھەرگىز ئۇنداق ياسانمايدۇ .بۇ بىر ئەقەللي ھەقېقەت.ئۇلارنىڭ غىلجىڭلاشلىرى ئەرلەرگە ياقمىسا نېمىشقا ئەرلەر ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىپ كېتەلمەي قالىدۇ ۋە بۇزىلىدۇ؟بىز ئېغىر _بېسىقلىق بېلەن تەھىلىل قىلساق ھەممە ئىشنى تېرىپ قۇيۇپ ئاخىرى <ئامال قانچە ھازىر جەمئيەت شۇنداق بۇزلۇپ كەتسە ،ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن .بۇلۇپمۇ دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ئانا شۇنداق بولسا ئەرلەر بۇزۇلماي نېمە بۇلاتتى >دەپلا يۇغان سەللىدىن بىرنى قۇلىنى كۈسەي ،چېچىنى سۇپۈرگە قلىپ ئائىلە ۋە جەمئيەت ئۈچۈن ئەۋلاد تەربىيلەپ ھەسسە قۇشۋاتقان ئاياللارنىڭ كاللىسىغا كېيلىپ قىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز.
   توغرا مەسىلىنى بىر تەرەپتىنلا كۆرۈشكە بولمايدۇ ،ئەمما ئۇنىڭ چۇقۇم تۇپ سەۋەبى بۇلىدۇ .ئۇنداقتا بۇمەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئالدى بېلەن ئەرلەرنى ئۆگەرتىشتىن باشلىغاندىلا ئاندىن ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ دەپ قاريمەن .(بۇ مېنىڭ شەخسىي كۆز قارشىم) ئەرلەر شۇنداقلارغا ھەۋەسلەنمىسە ئۇلارنى ئەيپلەپ ،ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىسە چۇقۇم شۇنداق يېرىم كېيىملىك پەرىلەر يۇقىلىدۇ.ئەرلەر ئۈز خۇتۇن _قىزلىرنى ھەقىيقى ھۇرمەتلىسە ئائىلىلەر بۇزۇلمايدۇ .يېتىملىك ،يوقسۇزلۇق،تەربىيسىرلىكتىن كۇچىغا چىقىپ قالىدىغان ياش قىز لار،ئوغرى -بۇلاڭچى ،كەيپ -ساپاغا بېرىلىدىغان ياش يىگىتلەر كۈپەيمەيدۇ
،يۇقىلىدۇ ئەلۋەتتە!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 01:59 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
سۇبارە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 30795
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
پۇل: 289 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

ھازىر يۇقىردا دېيىلگەن ياغلىقلىقلار قۇشۇنىنىڭ پەيدا بۇلىشى شۇكى :بەزى ئەرلەر ئۆزلىرنىڭ يۇرۋاتقان قىزلىرغا ،سىڭىللىرغا ياكى ئەتراپىدىكى قىزلارغا دىندىن ،ئەخلاقتىن تەربىيە سۆزىنى تۇلا سۇزلەپ ئۇلارنى ئىسلامچە يۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ ھەم مەجبورلايدۇ ئەمما ئۆزلىرى بولسا نەدە شۇنداق يېرىم كېيىملىكلەرنى ماراپ يۇردۇ. ئائىلىدە ئانا ۋە سىڭىللىرىغا يىلدا بىر ساخاۋەت ئورنىدا ئىقتىساد بەرمەيدۇ -يۇ ،ھېلقى خېنىملارغا تىللا دەرخى بۇلۇپ بېردۇ.مۇشۇنداق بولغاچقا ياغلىق بېلەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ يىگىتلەرنىڭ قەلبىدىن ئاشۇ سەتەڭلەردەك ئورۇن ئالالمىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەنلەر ئاستا يۇشۇرۇن چىقىپ خالادا كېيىم ئالماشتۇرۇرپ ،سھىرلىك ئالما يېگەن پەرىشتىلەردەك ئۆزگىرىپ تۇردىغان بۇلۇپ قالدۇ -دە، ئەلۋەتتە .قىسقىسى ئەقلىي بار بەندە قىلىدىغان ئىشلارغۇ بۇ .ئەگەر ئۇلار ھەقىيقىي دىنىي ئەخلاق تەربىيسى كۆرسە ئۇنداق قىلمىغان بۇلاتتى .ئانا ئىنەكنىڭ بالىسى چا قۇيرۇق دېگەندەك .دېگىنى بېلەن قىلىغېنى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنىڭ تەربىيلىگەم شاگىرتىمۇ ئۇستازىدەكلا بۇلىدۇ -دە!
  مەن يۇقىرقى قاراشقا كېلىشىمگە سەۋەب بولغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي .
  مېنىڭ ئوتتۇر مەكتەپتىكى يېقىن ئۈتىدىغان بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى .ئاردىن بىر مەزگىل مەن ئوقۇش بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپ كۆرشەلمەي قالغان ئىدۇق . ئۇ شوخ ،ئۇچۇق -يورۇق قىز ئىدى .ئۇ  بىر كۈنى مېنى توي قىلدىغانلىقى توغۇرلۇق مەسلىھەت سېلىپ ئېزلەپ كەپتۇ.ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ھەيران بولماي تۇرالمىدىم .ئۈرۈمچىدە ئىلمىي كېينىپ ئەركىن يۈردىغان بۇ قىز بىردىنلا روپاشلاردەك ئۇزۇن كۆڭلەك ڭېيىپ ،ياغلىق ئارتىۋالغان بۇلۇپ مېنى ھەيران قالدۇرغاندى .
ئۇنىڭ ديشىچە بىر يېگىت بېلەن تۇنۇشقانلىقىنى ،ئۇ بالىنىڭ بەش ۋاق نامازنى تەرىك ئەتمەي ئوقۇيدىغانلىقىنى ھەتتا دوستۇمغا نامازئوقۇشنى ئۈگىتىپ ئۇنى نامازخان قىلۋەتكەنلىكىنى ، ئەخلاق -پەزىلىتىنى تەرىپلەپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشلۇق بۇلۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى ،شۇڭا توي قىلماقچى بولغانلىقىنى مېنى توي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرشىمنى سوراپ كەلگەنلىكىنى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بەردى .ئۇنىڭ بىلەن  ئالدىراش توي تەييارلىقى قىلىشقا باشلىدۇق .
ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي  بىر كۈنى ئۇنىڭغا ھال سوراپ تېلفۇن قىلسام ،ئۇ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېتتى .ئۇنى يۇقلاپ بېرىپ ئۇنىڭ قاپاقلىرى قىزارغان ،چىرايلىرى سارغايغان دەرتمەن ھالىنى كۆرۈپ ئالدىراش سەۋەبىنى سوردۇم .ئۇنىڭ دېيشىچە  ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ياخشى ئۈتىدىغان ،مودا ياسىنىپ يۇردىغان ،ئائىلىسى مەرتىۋىلىك بىر دوستىنى(ئۇنى مەنمۇ تۇنۇيمەن) بىللە ئەچىقىپ يېگىتىگە تۇنۇشتۇرۇپ قويغان .يېگىت ئۇنىڭغا< بۇنداق بىناماز قىزلار بىلەن ئارلاشماڭ ،بىناماز بىلەن دوست بولغان كىشىنى اللا ئاخىرەتتە ۋەيلۇن دوزاخقا تاشلايدۇ >دېگەندەك بىرمۇنچە ئەيىپلەشلەرنى ياغدۇرۋەتكەن ھەم ئەمدى ئۇقىز بېلەن ئارلاشسىڭىز سىز بېلەن مۇناسىۋىتىمى ئۈزمەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان.مېنىڭ بۇ نادان دوستۇم ئۇ يېگىتنىڭ سۆزلىرنى ئورۇنلۇق ئويلاپ دوستى بېلەن دوستلۇقىنى ئاخىرلاشتۇرغان.  كېيىن بىر مەزگىلدىن كېيىن باشقىلاردىن مىش-مىش گەپلەرنى ئاڭلاشقا باشلاپتۇ ھەم ئۆزىمۇ گۇمانلىنىپ ئىنىقلىسا يېگىتى ئاللىقاچان ھېلقى ۋەيلۇن دوزاخقا كىردىغان قىز بېلەن ئاپپاق -چاپپاق بۇلۇپ كەتكەن .........ھەي!شۇنداق قىلىپ بۇ قىز كۇندە قاۋاقخانىدىن كەلمەي ئېچىپ يېغلاپ زابايلارغىلا ئوخشاپ قالدى .
تورداشلار سىلەر دەپ بېقىڭلار ئەيىب زادى كىمدە؟قىزلارنى ئەخمەقمىكىن دېسەك ،اللا ئاياللارنى مېھىرىبان ، كۈيۇمچان تەبىيئەتلىك قىلىپ ياراتقانلىقى ئۈچۈنمۇ بەك ھسياتچان بۇلىدىكەن .ئۇلار مەيلى قانچىلىك ئەقىللىق بولسۇن بەرىبىر ئەرلەرنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ھامان ئالدىندىكەن .ھازىرقى زامانىمىزنىڭ بەزى ئەرلىرى ئاياللارنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ھامى بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئۇلارنى ئەخمەق قىلىپ ، كولدۇرلىتىپ ئۇلارنى كۆڭۈل ئېچىش ئوبىكتى قىلىۋالماقتا.
_ ئەگەر مىللەتنى گۈللەندۈرمىز ،ئەۋلادلارنى ياراملىق قىلىپ يېتىلدۇرمىز ،جەمئيەتنى ناچار ئەخلەتلەرنى تازىلاپ ، پارلاق ، گۈزەل ئەتە يارتىمىز دەپ ئويلىساق چۇقۇم ھەممىمىز ئالدى بىلەن ئۆىمىزنى تەكشۈرەيلى ، ئۆزگەرتەيلى ،قىلمىشلىرىمىزغا تەن ئالايلى  ............ ئاياللارنىڭ بۇزلىشى ،ئانىلارنىڭ ئەخلاقىغا ئەرلەر مەسئولىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا ، چۇقۇم بۇ زور نەتىجە يارتىدۇ دەپ قارايمەن .
_مەن بۇ يەردە پەقەت ئۈزەمنىڭ ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا قارىتا بولغان كۆز قارشىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم .باشقا مەقسەت يوق .ئەيپلىمەي توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 03:05 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
قسمەت
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 32859
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 251 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە! < چۇقۇم كۆرۇڭ>

ar kan dak ix uzining iradisiga baglik        
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 07:05 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
hurxid0997
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 25617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 156 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 Re:مەيدىسى ئوچوق قىزنى كۆرگەندە!  < چۇقۇم كۆرۇڭ>

سۇبارەنىڭ ئېيتقىنى ناھايىتى ئورۇنلۇق  ، ئەگەر ئوغۇللار ئىمانلىق ، غۇرۇر ۋىجدانلىق بولسا قىزلارمۇ ئۇنداق كىيىنىپ يۇرەلمەيدۇ ، قىزلار نىمە ئۈچۈن شۇنداق كىيىملەرنى كىيىدۇ ؟  يەنىلا شۇ ئىمانى ئاخىز ئوغۇللارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن شۇنداق يېرىم يالىڭاچ كىيىنىدۇ . شۇڭا بىز ئوغۇللارمۇ ئەخلاقلىق بولۇشىمىز كېرەك .
مۇھەممەد ئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن :<< شۇنداق ئاياللار باردۇركى ،ئۇلار كىيىم كىيگەن بىلەن يەنىلا يالىڭاچتۇر ، ئۇلارنىڭ چاچلىرى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشايدۇ   ،بۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ ، ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ ، ھالبۇكى  جەننەتنىڭ پۇرىقى 500 يىللىق يىراقلقققا يىتىپ بارىدۇ. >>
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 08:26 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.062719(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-09 17:27
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号