چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 117 قېتىم كۆرۈلدى
Hush_Puraq
ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 30
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 3351
شۆھرەت: 4010 نۇمۇر
پۇل: 1579 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 700 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 747(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 تەكەببۇر مەلىكە ( خۇشپۇراق )

0
تەكەببۇر مەلىكە


بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس گۈزەل بىر قىزى بار ئىكەن. مەلىكە بويىغا يېتىپ، كۆزگە كۆرۈنگەندە تەرەپ- تەرەپتىن لايىق چىقىپ، قۇلىقى تىنجىمايدىغان بوپتۇ. لېكىن، مەلىكە لايىقلارنىڭ بىرىنى ‹‹ئورۇق››،بىرىنى ‹‹سېمىز››، بىرىنى‹‹پاكار››، بىرىنى‹‹ئېگىز›› دەپ ئەيىپ قويۇپ ياندۇرىۋېرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ سىنىقىدىن ھېچكىم ئۆتەلمەي، كۆپ يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشا قىزىنىڭ چوڭ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئالدىغا چاقىرىتىپ كېلىپ:
- قىزىم، مەن قېرىپ قالدىم. كۆزۈمنىڭ ئوچۇقلۇقىدا ئاتىلىق پەرزىمنى ئادا قلىۋەتسەم دەيمەن. ھەر قانداق مەقسەت- مۇددىئايىڭ بولسا ئېيتىقىن،- دەپتۇ.
- ئەي جېنىم دادا،- دەپتۇ قىز دادىسىغا،- مەندەك گۈزەلنى بۇ ئىقلىمدا ئەمەس، يەتتە ئىقلىمنىڭ ھېچقايسىسىدا ھېچكىم كۆرمىگەن. مەن يەر يۈزىدە تېخى ئۆز تەڭدىشىمنى ئۇچراتمىدىم. قاچان تەڭداش تېپىلسا، ئۆزەمگە قوبۇل كۆرىمەن.
- ئۇنداق بولسا،- دەپتۇ پادىشا قىزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىپ،- سەن دۇنيادا ھېچبىر تەڭدىشى يوق نەرسىنى ئىزلىمەكچى بولساڭ، كۈننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئەلچى قويۇپ باققىن.
قىز دادىسىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن كۈننىڭ ئالدىغا بېرىپ:
-ھەي كۈن،- دەپتۇ كۆرەڭلەپ،- جىمى ئالەمدە سەن ۋە مېنڭدەك تەڭدىشى يوقلارنى ئۇچراتمىدىم. سېنى ھەممىدىن ئارتۇق ۋە چىرايلىق بىلىپ ئۆزەمگە لايىق كۆردۇم. ئەگەر سەن ئىختىيار قىلساڭ، ئىككىمىز ئۆمۈرلۈك يولداش بولساق دەيمەن.
كۈن قىزغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپتۇ- دە.
-رەھمەت مەلىكەم، مېنىڭمۇ ئۆزەمگە لايىق بىر كەمچىلىگىم بار. مېنىڭ چىرايلىق يۈزۈم سىزگە ئەرزىگەن بىلەن، شۇ چىرايلىق يۈزۈمنى بەزىدە بۇلۇت توسىۋالىدۇ، ئۇ چاغدا مەن سىزگە ئەرزىمەي قالىمەن. شۇڭا مەندىن ئارتۇقراق بۇلۇتنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، شۇنىڭغا تەگسىڭىز ئوبدان بولارمىكىن،- دەپتۇ.
مەلىكە بۇلۇتنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئېيتىپتۇ.
- ئەي ئەقىللىق مەلىكەم،- دەپتۇ بۇلۇت،- مەندىن ئارتۇقراق تۇرىدىغان شامال بار، ئۇ مېنى خالىغان يېرىگە ئۇچۇرۇپ كېتەلەيدۇ، شۇڭا مەن خىزمىتىڭىزنى ياخشى ئادا قىلالمايمەن، سىز بېرىپ شامالغا تەگسىڭىز قانداق بولاركىن!؟
مەلىكە بۇ يەردىن نائۈمىت بولۇپ شامالنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
- مەن، - دەپتۇ شامال قىزنىڭ سۆزىگە جاۋابەن،- تاغمۇ- تاغلاردىن ئېشىپ، ئوي- چوڭقۇرنى كېزىپ يۈرگىنىم بىلەن، بىر ئەسكى تامغىمۇ چامام يەتمەيدۇ، ئەسكى تام مېنىڭدىن كۈچلۈكرەك، سىز شۇنىڭغا ئېيتىپ باقسىڭىز.
مەلىكە مەيۈسلەنگەن ھالدا ئەسكى تامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنڭغا ئەھۋالنى بايان قىپتۇ.
- رەھمەت مەلىكەم، - دەپتۇ ئەسكى تام،- مەن شامالنى قورقۇتقىنىم بىلەن چاشقاندىن بەك قورقىمەن. ئۇ مېنىڭ ئاستىمغا كىرىۋېلىپ، بىقىنلىرىمنى غاجىلاپ، جېنىمغا ئارام بەرمەيدۇ. ئۇ مەندىن كۈچلۈكرەك، سىز بېرىپ شۇنىڭغا تېگىڭ.
مەلىكە بېرىپ چاشقانغا ئىلتىماس قىپتۇ. چاشقان ئۇيان- بۇيانغا قارىۋېلىپ ئاستا پىچىرلاپ شۇنداق دەپتۇ:
- جىمى ئالەمنىڭ كۈچلۈگى مۈشۈكتىن قورقمايمەن. خۇداغا شۈكرى، بىر- ئىككى ئېغىز ئۆيۈم بار. سىرتقا بېشىمنى چىقارماي تۇرۇپ، توينىڭ تەييارلىقىنى قىلالايمەن،- دەپ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەلىكە شامال ئۆتمەيدىغان ئەسكى تامنىڭ خوجايىنى چاشقاننىڭ مېھمانخانىسىدا ئۆي- جايلىق بولۇپ قاپتۇ.


ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىدىن ئېلىندى.
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-07 04:36 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
ANGEL520
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 16237
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 415
شۆھرەت: 143 نۇمۇر
پۇل: 714 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 2 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 232(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

نىكاھ غايىپ ...  
تەكەببۇر بولماي ئۆزنى قەدىرلەشنى بىلسىچۇ ...
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 04:48 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
ezitku726
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 15071
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 246
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
پۇل: 772 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 2 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلاپ باقساق بولغۇدەك، بولۇپمۇ لايىق ئىزدەۋەتقانلار...
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 05:06 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
555rikabatqi
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 30086
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 462
شۆھرەت: 462 نۇمۇر
پۇل: 654 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 678 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 706(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

ھاھاھا ئات ئايلىنىپ ئۆز ئۇقىرىنى تاپار دىگىنى شۇدە  
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 05:15 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
Pakzat
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1950
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 453
شۆھرەت: 195 نۇمۇر
پۇل: 963 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

 

چاشقانغا لايىق مەلكىنى چاشقانغا بەرگۇلۇك ، شىر تاللاپ ئالدۇ .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 05:25 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
90uygur
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29350
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 290 نۇمۇر
پۇل: 71 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 414(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

قالتىس  
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 07:40 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﭼﯚﭼﻪﻙ - ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.061936(s) query 7, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 11:20
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号