چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 114 قېتىم كۆرۈلدى
atirgul627
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 28722
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 616
شۆھرەت: 733 نۇمۇر
پۇل: 2648 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 124(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-07

 قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە..(ئەتىرگۈل627)

0
                                     قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرىمەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

قىيامەتنىڭ بەلگىسى ۋە ئالامەتلىرى بولسا قىيامەت كېلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدىغان ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ،ئۇلار چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلەر دەپ بۆلۈنىدۇ.كىچىك ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى قىيامەت يېقىنلاپ كېلىشتىن خېلى بۇرۇن يۈز بېرىشى مۇمكىن،بەزىلىرى ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى،بەزىلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىشىۋاتىدۇ---تەكرارلىنىشىمۇ مۇمكىن.بەزىلىرى تېخى يۈز بەرمىدى.لېكىن بىز راستچىل پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسەن بۇلارنى يۈز بېرىدۇ دەپ ئىشىنىمىز.

چوڭ خەۋەرلەر بولسا ناھايىتى روشەن ئالامەتلەر بولۇپ،ئۇلارنىڭ يۈز بېرىشى قىيامەتنىڭ يېقىنلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەردە كۆرسىتىپ بېرىلگەن.تۆۋەندە ھەدىسلەرنى مىسال قىلماي ئالامەتلەرنىلا كەلتۈرىمىز.بۇ تېمىغا قىزىقىدىغانلارغا ئىشەنچلىك كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.بۇ كىتابلاردىن ئەل-قىيامە ئەل-سۇغرا --كىچىك قىيامەت،ئاپتورى شەيخ ئۆمەر سۇلايمان ئەل-ئەسقەر،ئەشرات ئەل-سائەھ،ئاپتورى يۇسۇف ئەل ۋابىل قاتارلىقلار بار.

قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1.پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ئەۋەتىلىشى.

2.رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ئۆلۈمى.

3.ئېرۇسالېمنىڭ فەتىھ قىلىنىشى.

4.پەلەستىندە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى.

5.بايلىقنىڭ كەڭ تارقىلىشى،سەدىقىگە ئېھتىياج قالماسلىقى.

6.فىتنىنىڭ تارقىلىشى.ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى فىتنىلەر ھەم بۇنىڭ مىسالىدىندۇر،مەسىلەن،ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى،تۆگە ئۇرۇشى ۋە سىففىن جېڭى،خاۋارىجلارنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى،ئەل-خەررەھ ئۇرۇشى،قۇرئان مەخلۇق دېگەن قاراشنىڭ تارقىلىشى قاتارلىقلار.

7.پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى.كەززاپ مۇسەيلىمە ۋە ئەسۋال ئەنەسىگە ئوخشاش.

8.ھىجرىيەنىڭ 7-ئەسىرىدە(ھىجرەتنىڭ 654-يىلى) ھىزاجدا كۆرۈلگەن چوڭ ئوت.ئۇ ناھايىتىمۇ چوڭ ئوت ئاپىتى بولغان ئىدى.ئالىملاردىن شۇ دەۋردە ياشىغانلار بۇ ئوتنى ئۆز كىتابلىرىدا تەپسىلى تەسۋىرلىگەن.ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ:بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا مەدىنىدە زور ئوت ئاپىتى كۆرۈلدى،بۇ مەدىنىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە يۈز بەرگەن ئىش ئىدى،بۇ توغرىدىكى خەۋەرلەر ھەتتا سۈرىيە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلارغىچە تارقاپ كەتتى،نەق مەيداندا كۆرگەن كىشىلەر ماڭا بۇ ئوت توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

9.ئىشەنچنىڭ كۆتۈرۈلۈشى.كىشىلەر ئارا ئىشەنچنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ۋە ئىشنىڭ ئۆز ئىگىسى بولمىغان كىشىلەرگە تاپشۇرۇلۇشى.

10.بىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە نادانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى.بىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئالىملارنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن بولىدۇ.

11.زىنانىڭ تارقىلىپ كېتىشى.

12.رىبانىڭ تارقىلىشى

13.مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى

14.ھاراق ئىچىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى

15.پادىچىلارنىڭ ئېگىز بىنالارنى سېلىشتا بەسلىشىشى

16.قۇل ئايالنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغىشى.بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەرخىل.ئىبنى ھاجەرنىڭ قارىشىچە،بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى،ئۇلارغا قۇلدەك مۇئامىلە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

17.قاتىللىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى

18.يەرتەۋرەشنىڭ كۆپىيىشى

19.تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋە ئاسماندىن تاش يېغىش.

20.كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللارنىڭ كۆرۈلۈشى.

21.مۇئمىنلەرنىڭ چۈشىنىڭ راس بولۇشى.

22.يالغان گۇۋاھلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى،راست گۇۋاھلىقنىڭ يوشۇرۇلۇشى

23.ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى

24.ئەرەب زېمىنىنىڭ قايتىدىن باغۇ-بوستانلىقلارغا ئايلىنىشى

25.ئېفرات دەرياسىدىكى بىر ئالتۇن تاغنىڭ تېپىلىشى

26.ياۋايى ھايۋانلار ۋە جانسىز مەخلۇقلارنىڭ گەپ قىلىشى

27.رۇملۇقلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىشى

28.كونىستانتىنوپولنىڭ ئىشغال قىلىنىشى

قىيامەت توغرىسىدىكى چوڭ خەۋەرلەر بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇزەيفە ئىبنى ئاسىدنىڭ ھەدىسىدە رىۋايەت قىلىنغان 10 ئىشتۇر:دەججال.ئىيسا ئىبنى مەريەمنىڭ چۈشىشى،يەئجۈج-مەئجۈج،ئۈچ قېتىملىق تاغ گۈمۈرۈلۈش--بىرى شەرقتە،بىرى غەربتە،يەنە بىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا،تۈتۈن،قۇياشنىڭ بەلگىلەنگەن ئورنىدىن چىقىشى،غەلىتە مەخلۇق،كۈچلۈك ئوت،بۇ بەلگىلەر ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلىدۇ،بىرى كۆرۈلسە يەنە بىرى ئۇلىشىپلا كېلىدۇ.
مۇسلىم ھۇزەيفە ئەل غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:بىز پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمىزغا كەلدى،ئاندىن بىزدىن سورىدى:"نېمە توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتىسىلەر؟"بىز :"قىيامەت توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتىمىز"دەپ جاۋاب بەردۇق.رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:"ئون ئىش يۈز بەرمەي تۇرۇپ قىيامەت كۆرۈلمەيدۇ"دېدى،ئاندىن،تۈتۈن،دەججال،غەلىتە مەخلۇق،قۇياشنىڭ بەلگىلەنگەن ئورنىدىن چىقىشى،ئىيسا ئىبنى مەريەم(ئەلەيھىسسالام)نىڭ كېلىشى،يەئجۈج-مەئجۈج ،بىرى شەرقتە،بىرى غەربتە ۋە يەنە بىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىداكۆرۈلىدىغان ئۈچ قېتىملىق گۈمۈرۈلۈش،ھەمدە ئاخىرقىسى يەمەندىن باشلىنىپ كىشىلەرنى توپلاشقان جايلىرىدىن سۈرۈۋېتىدىغان چۋڭ ئوت قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.

بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى توغرىسىدا بىرەرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق،بەلكى بەزى تەرتىپلەرنى يۇقىرىقى ھەدىستىن چۈشىنىش مۇمكىن.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن)باشقىلار قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى توغرىسىدا سورىغاندا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ:

بەزى ئالامەتلەرنىڭ تەرتىپى روشەن.لېكىن بەزىلىرىنىڭ تەرتىپىنى بىلمەيمىز.تەرتىپىنى بىلگەنلىرىمىز بولسا دەججال،ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام ۋە يەئجۈج-مەئجۈج توغرىسىدىكى بايانلاردۇر،يەنى دەججال ئەۋەتىلىدۇ،ئاندىن ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ،ئاندىن يەئجۈج-مەئجۈجلەر چىقىدۇ.

ئەل سارافىنى ئۆزىدە ئەقىدە كىتابىدا بۇ ئالامەتلەرنىڭ تەرتىپىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن،لېكىن بۇلارنىڭ بەزىلىرى دەلىلگە ئۇيغۇن بەزىلىرى ئۇيغۇن ئەمەس.لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى،بۇ ئالامەتلەرنىڭ قايسىبىرى كۆرۈلىدىكەن، قىيامەت يېقىنلا يەردىدۇر.ئاللاھنىڭ بىزگە بۇ ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىشى قىيامەتنىڭ ناھايىتىمۇ چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ توغرىسىدا خەۋەرلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئۈچۈندۇر.نەقىل تامام.

مەجمۇئەل-فەتىۋا 2-توم،سوئال نومۇرى 137

ھەمدە ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.

شىنجاڭ ئىسلام تورى.
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-07, 04:46
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-07 12:54 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
kirimjan
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : تىما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 5844
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2549
شۆھرەت: 1202 نۇمۇر
پۇل: 5838 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

اللە رەخمەت قىلسۇن! رەخمەت سىزگە.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 07:03 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
tgnhaazap
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34525
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
پۇل: 189 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

رەھمەت سىزگە .
بۇ ئۇلۇغ اللاھ ئىگىمىز ئەڭ ئايان !!!
ئۇلۇغ اللاھ ھەربىر مۇسۇلمان بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي !!!
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 09:57 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
tgnhaazap
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34525
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
پۇل: 189 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

يەنە مۇشۇنداق تىمىلاردىن كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز .......
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 09:58 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
arkaksu66
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 20449
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 184
شۆھرەت: 239 نۇمۇر
پۇل: 961 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 572(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:« فۇرات دەرياسىدىن بىر ئالتۇن كان كۆرۈنۈپ قالمىغۇچە، قىيامەت قايىم بولمايدۇ.( فۇرات دەرياسى قۇرۇپ كېتىدۇ، دەريا يالىڭاچلىنىپ قالىدۇ) ئۇ يەرگە بارغانلار ئازراقمۇ بىر نەرسە ئېلىپ سالمىسۇن»  
ــ ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 11:53 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
chinatelecom
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 33398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 279
شۆھرەت: 279 نۇمۇر
پۇل: 1028 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

رەھمەت،رەھمەت،بەك ياخشى تېمىكەن،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 10:47 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
9nazira9
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33700
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 151 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

alla rahmat kilsun kerindixim!!!  alla igam ajrigizni ziyada kilgay!!! harmigaysiz
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 11:03 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.056952(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-09 17:23
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号