چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 59 قېتىم كۆرۈلدى
mukammalkiz
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34451
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 ئۇيغۇر ئاياللار ما ئارىپى توغرىسىدا

0
ئۇيغۇر ئاياللار  مارىپى توغرىسىدا

مەن چەتئەلدە مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئىدىم .يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىرلىشىپ قىزلار مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك تىمىدا تەتقىق ۋە تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ ،ماقالە يازماقچى ئىدىم. كۆز قاراشلىرىمنىڭ بىر تەرەپلىمە چىقىپ قالماسلىغى ،ھەمدە ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ئورتاق كۆز قاراشلىرىغا ئىمكان قەدەر ۋەكىللىك قىلىشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئىگەللىمەكچى،ۋەتەنداشلىرىمنىڭ بۇ مۇنبەر ئارقىلىق ئىنكاس  ۋە ئۆز كوزقاراشلىرىنى يوللىشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن ،قېرىنداشلارغا رەھمەت.
1.ھازىرقى مىنكاۋخەن قىلىپ تەربىيىلىنۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ،ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرگە كۆز قاراشلىرنى بىلگۈم بار ،مىساللار بولسا تەمىنلەپ بەرسەڭلار.
2.ئەگەر سىزنىڭ قىزىڭىز مىنكاۋخەن بولوسا سىز قانداق قارايسىز ،چوڭلار قانداق قارايدۇ؟
3.ئۈرۈمچىدىكى مىكاۋخەنلەرگە بولغان قارشىڭلار قانداق؟
4.سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرغىچە بولغان تۇرمۇش تەجرىبىڭىز ،خىزمەت تەجرىبىڭىز ،قىز-ئاياللىق تەجرىبىلىرڭىز بىلەن،باللارنىڭ روھى جەھەتتىكى تەربىيەسىگە(ئانا تىل ،ئۆرۈپ-ئادەت ،مەدىنيەت) تەسىرنىڭ قانداق بولدىغانلىغىنى مىسال ئارقىلىق ئېيتىپ بىرەمسىز؟
.يەنە نۇرغۇ سۇئاللىرىم بارىدى كىيىنگە قالدۇراي
ئىلخەت ئادرىسى:    qimaniqida@126.com ياكى raisa_415@hotmail.com
(بۇ ئەسلى چەتئەلدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان دوستۇمنىڭ ماڭا يازغان سالام خىتىدە ،مەندىن ئەھۋال ئىگەللەش ئۈچۈن سورىغانلىرى ئىدى،بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈشكە مۇنبەر ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قاراپ ،شۇ دوستۇمنىڭ نامىدا ،يوللىدىم،بۇندىن كىيىنكلىسىنى دوستۇم ئۆزى بىۋاستە يازىدۇ)
تېما تەستىقلىغۇچى : Yeh_Ya
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-06, 07:46
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-06 01:17 PM |
دىيارىم كىنو قانىلى
guli007
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 4729
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 173
شۆھرەت: 80 نۇمۇر
پۇل: 401 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 268(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

مەن تەجىربە سىنىپتا ئوقۇغان يېرىم مىڭكاۋخەن دىسەممۇ بولىدۇ،ئۇنداقتا مەن سوئالىڭىزغا جاۋاپ بېرەي~~~
1.ئىلگىرى شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقاندا ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە بەك ئېتىبار بېرىپ كەتمەيتتىم،كۆپىنچە
خەنزۇچە ناخشا ئاڭلايتتىم،بىراق ئىچكىرگە ئوقۇشقا كەلگەندىن باشلاپ ھەر جەھەتتىن كۆز قارىشىم ئۆزگەردى،چۈنكى ئىلگىرى ئۆزەمنى ئەتراپىمدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سېلىشتۇرغان بولسام ،بۇ يەرگە كىلىپ ئەتراپىمدىكى خەنزۇلار بىلەن سېلىشتۇردۇم،بارا-بارا مىللىتىمنىڭ ھەقىقەتەن پاكىز،خەلقىمنىڭ ئەدەپ -ئەخلاقلىق ،خۇش چىراي ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتىم،ھازىر پەقەت ئۇيغۇرچە ھەم ئىنگىلىسچىلا ناخشا ئاڭلايدىغان بولدۇم~~~مەن ئەتلەس كۆينىگىمىزدىن،ناخشا -ئۇسۇل خۇمارلىغىمىزدىن پەخىرلىنىمەن~~ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بوپ قالغىنمىدىن پەخىرلىنىمەن(بىراق ئارىمىزدىكى بۇ يەرلەردە ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ مىللىتىمنىڭ نامىنى بۇلغاۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇر بوپ قالغىنىدىن ئەپسۇسلىنىمەن)
2.مەنغۇ ئوقۇۋاتىمەن،بىراق كىيىن قىزىم مىڭكاۋخەن بوپ قالسا  كىچىگىدىن ئۇيغۇرچە ساۋادىنى ياخشى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇتىمەن،بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئەدەپ -ئەخلاق ،شەرىم ھايانى چوقۇم كىچىگىدىن كاللىسىغا سىڭدۈرىمەن(ئاللا خالىسا)،ئەلۋەتتە باشقا مىللەتنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆگۈنىشىنى قوللايمەن.
3.مەن ئۈرۈمچىدە بىرەر ھەپتىمۇ تولۇق تۇرۇپ باقمىغان،شۇڭا ئۈرۈمچىدىكى مىڭكاۋخەنلەرنى چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن.
4.مىنىڭچە بالىلارغا ئەڭ ئەڭ مۇھىمى ئائىلە تەربىيسى.مەيلى ئۇ مىڭكاۋخەن ياكى مىڭكاۋمىڭ بولسۇن ئاتا -ئانا بولغۇچى چوقۇم بالىغا كىچىگىدىن باشلاپ مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق تەربىيسىنى ياخشى سىڭدۈرىشى كېرەك،كىچىگىدىن ياخشى تەربىيلەنمىگەن بالا كىيىن ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ ھەم خاتا يوللارغا كىرىپ كىتىدۇ.
بىزنىڭ مەكتەپتە بىر قىز بار ئىدى،ئۇنىڭ نەچچە قېتىم ئاتا -ئانىسىغا تېلفوندا دوق قىلىپ ،ئۇلارنى ھاقارەتلىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم،كىيىن ئۇ قىز مەكتەپتە خەنزۇ بىلەن يۈرۈپ ھەممىمىزنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ ھازىر ھەتتا مىللىيچە ئاشخانىمىزغىمۇ قەدەم باسالماس بوپ كەتتى.مىنىڭچە ئاتا -ئانىسىنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىغان كىشىنىڭ ئادىمىيلىكتىن چەتنەپ ناچار ئادەم بوپ كىتىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.
تىمىدىنمۇ جىق يېزىۋېتىپتىمەن ئىنكاسنى~~~
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-06 05:47 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.229642(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 11:20
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号