Diyarim TV MTV :::: MTV بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 844 قېتىم كۆرۈلدى
Music Nahxa :::Music Nahxa :::Music Nahxa :::
gvzal3.8
مۇنبەر نازارەتچىسى
ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر نازارەتچىسى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


UID نۇمۇرى : 20927
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 2162
شۆھرەت: 3827 نۇمۇر
پۇل: 13049 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 172 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2389(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03

 يۈرىكىمنى ئەمدى مۇزلاتماڭ(گۈزەل3.8)

0




     ئاشۇ كۈنى  مەن سىزگە كۈلۈپ قارىدىم،سىزمۇ شۇنداق كۈلدىڭىز .كۈلگەندىمۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ، ئىچ-ئىچىڭىزدىن خوشال بولۇپ تۇرۇپ كۈلدىڭىز. ئادەتتە شۇنچە كەمسۆز بولسىڭىزمۇ ، شۇ كۈنى يول بويى توختىماستىن پاراڭ سېلىپ ماڭدىڭىز. قولىڭىز ماشىنا رولىدا بولسىمۇ،كۆزلىرىڭىزنى مەندىن ئۈزمىدىڭىز. مەن سىزنىڭ دىققەت قىلىشىڭىزنى شۇنچە تاپىلىساممۇ،يەنىلا پەرۋا قىلمىدىڭىز. ئۆيگە كېلىپمۇ،يەنە شۇ بۇرۇنقى مېھرىبانلىقىڭىز،مۇلايىملىقىڭىز بىلەن پاي-پېتەك بولدىڭىز. لېكىن مەن شۇ دەقىقىلەردە نىمىلەرنى ئويلىدىم بىلەمسىز؟ بەلكىم بىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ يەنىلا كۆڭلۈمدىكىنى دىگۈم كېلىۋاتىدۇ.



      سىزگە ھەيرانمەن، مېنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە كۈلكەم ئۈچۈن شۇ قەدەر پاي-پېتەك بولىسىز. ئەجەبا ئەينى چاغدا  مېنىڭ يۈرىكىمگە ئەشۇ مۇزلارنى قاتۇرمىسىڭىز بولماسمىتى؟! مەنمۇ،سىزمۇ مۇشۇنداق كۈلۈپ ئۆتسەك،ھاياتنىڭ ، ياشلىقنىڭ پەيزىنى خاتىرجەملىك ۋە خوشلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزسەك بولماسمۇ؟! سىزمۇ شۇنداق تاتلىق تۇرمۇشقا نەقەدەر ئىنتىلىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرىسىز. لېكىن،نىمىشقا مېنىڭ يۈرىكىم بىلەنلا ئېيتىشىسىز؟! يۈرىكىمدىكى ئاشۇ قېلىن مۇز قاتلىمى ئەمدىلا ئېرىپ تۈگىشىگە ، قايتىدىن يەنە ئۇنىڭدىنمۇ قېلىن مۇز تۇتقۇزدىڭىز. ئېيتىڭا! مېنىڭ يۈرەك-باغرىم ئاشۇ مۇز دەستىدە چاك-چاك يېرىلىپ كەتسە،قانداق قىلاي دىگەنتىڭىز؟!ئاشۇ چاغلاردا يۈرىكىمنىڭ ئۈستى قېلىن بىر قەۋەت مۇز تۇتتى،ئەڭ چوڭقۇر يېرى بولسا،قاناپ كەتتى، سىز شۇ خىل ئازاپنى ھىس قىلالامسىز؟! بەلكىم ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن،گەرچە سىرتقى قىياپىتىمدا  چىرايىمدىن كۈلكە كەتمەي،تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغىنىم بىلەن،يۈرىكىمدىن چىقىدىغان قان-ياشنى سىز مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز.چۈنكى كىشى ئۆزىگىلا تەئەللۇق دەپ قارىغان نەرسىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدىمۇ بەخىرامان يۈرگىنىنى كۆرگىنىدە بولىدىغان روھىي خورلۇقنى سىز مەڭگۈ ھىس قىلالمايسىز،ئاللا سىزگە كۆرسەتمىسۇن.

     ئاشۇ كۈندىكى <مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قانداقلا ئويلىسام، سىزسىز ياشاشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ قىلالمىدىم. ياراتقان ئاللا ماڭا ئۇ كۈننى كۆرسەتمىسۇن،مېنى ئۆلسۇن دىسىڭىزلا،مېنى تاشلاپ كېتىڭ......> دىگەن سۆزلىرىڭىزنى ئويلاۋاتىمەن. مەنسىز ياشىيالمايدىكەنسىز،ئۇنداقكەن،مېنىڭ يۈرىكىمنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلىپ تۇرۇپ ياشىسىڭىز بولماسمىدى؟! نىمە ئۈچۈن يۈرىكىمنى خەنجەر بىلەن قوچۇۋېتىپ،ئارقىدىنلا مۇزلىتىپ قويىدىغانسىز؟ مۇشۇنداق قىلسىڭىز،يۈرىكىم قانچىلىك بەرداشلىق بېرەر؟!



      سىزنىڭ مەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزنى،مېنىڭ سىز ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىمنى ئويلىغىنىمدا،ئىختىيارسىز خىيالغا چۆمۈپ كېتىمەن. ئۆزىڭىز شۇ قەدەر سۆيىدىغان ئادىمىڭىزنى رەنجىتىدىغانغا قانداقمۇ كۆڭلىڭىز بارىدىغاندۇ؟ مەن سىزدىن ئۆتۈنەي،يۈرىكىمنى ئەمدى مۇزلاتماڭ!




    قەلبىمدىكى سىرلىرىمنى ئېيتاي, قەلبىمدىكى ئورنىڭىز يەنىلا يوقىغىنى يوق.مەن سىزنى مەڭگۈ ھۆرمەتلەيمەن. ھاياتىمدىكى ئەگرى-توقايلىقلار ئارىسىدا سىزنى ئۇچراتقىنىمدا،قەلبىمگە بۆسۈپ كىرگىنىڭىزدە سىزدىن تولىمۇ پەخىرلىنەتتىم. شۇ تاپتا ئاشۇ مۇزلىغان يۈرەكلىرىمنى تىڭشاپ باقتىم،سىزدىن ھازىرمۇ يەنە شۇنداق پەخىرلىنىدىكەنمەن.سىزنىڭ ئاشۇ چەكسىز مېھىرگە تولغان،تولىمۇ مۇلايىم كۆزلىرىڭىزدىن يەنىلا تارتىنىدىكەنمەن.
      بىلەمسىز،مەن شۇ تاپتا گەرچە مىغ-مىغ ئادەملەر ئارىسىدا ياشاۋاتساممۇ،ھەممىلا يەر ماڭا قاپقاراڭغۇ دالىدەك،ئەتراپىمدا ھىچكىم يوقتەك تولىمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلىۋاتىمەن،قورقۇۋاتىمەن. مۇشۇ پەيتلەردە  سىزنىڭ ئاشۇ تولىمۇ يېقىملىق،يۈرىكىمنى ئاللىقانداق بىر تاتلىق سېزىملارغا چۆكتۈرىدىغان ئاشۇ مۇلايىم ئاۋازىڭىزنى بەكمۇ سېغىندىم.......
     شۇنچە ئىسسىق ھوجرىدا تۇرساممۇ،يۈرىكىم مۇزلاپ،ئىچ-ئىچىمدىن سوغۇق شاماللار چىقىدىغان مۇشۇ كۈنلەردە ئاشۇ دائىما كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىڭىزنى بەكمۇ سېغىندىم.
     گەرچە ماددىي ئېھتىياجىم قاندۇرۇلسىمۇ، سىزگە يەنىلا ساھىل كەبى قوللىرىمنى سۇندۇم،قوللىرىمنى نائۈمىد قويماڭ.



مەنبە: قەلەم
[ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2008-12-27 01:59دە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-03, 03:26
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(Hush_Chiray) ئۆزىگە خاس م ..
  • شۆھرەت:+10(turkinaz) ياخشى نەسىر
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-03 11:03 AM |
    Mustafa MSF
    parxta
    بۇ كۈنلەرمۇئۈتۈپ كىتىدۇ.......
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6515
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2780
    شۆھرەت: 889 نۇمۇر
    پۇل: 210067 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 51 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 536(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04

     

    ئېغىر- بىسىق، مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل ۋاپادار ئايالنىڭ سايىسىنى كۆرگەندەك قىلىدىم...........
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ھايات سان ساناقسىز غەم غۇسسلەردىن تۈزۈلگەن تەسۋىيگە ئوخشايدۇ.ئەقىللىق كشلەر ئۇنى كۈلۈپ تۇرۇپ سىرىيدۇ...
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 11:38 AM |
    MUSIC_____ MUSIC ______ Diyarim.com
    dil-bidar
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33394
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 226
    شۆھرەت: 251 نۇمۇر
    پۇل: 755 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 10 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26

     

    Music Sarhil ::: Diyarim
    ۋاھ...............!
    بەك پىچەت يېزىۋېتىپسىز جۇما..! قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا   تۇتاي...........!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 11:41 AM |
    Yituk Pakizlik Hamriyi
    axikjan
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26092
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 682
    شۆھرەت: 897 نۇمۇر
    پۇل: 2521 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 417(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02

     

    Music Sarhil ::: Diyarim
       مەن سىزنىڭ ئاشۇ مىھىرى ئىسسىق كۆزلىرىڭىزگە ھەر قېتىم باققىنىمدا ئۆزۇمنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمنى، ئاتەش كەبى كۆزلەرنىڭ ماڭا ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلاتتىم، ئانام قۇچىقىدەك ئىللىق باغرىڭىزدا ئۆمرۇمنىڭ ئاخىرىغىچە بەخىت ئىچرە ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى ئۆتكۇزۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، بىراق سىزنىڭ ئەرزىمەس بىر ئىشلار ئۇچۇن يۈرىكىمنى قوقاستا پۇچىلىشىڭىزنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن، سىزنى بارلىقىم دەپ بىلىپ ھەممىنى سىزگە ئاتىغانلىقىم ئۇچۇنمىكىن سىزنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارەتلىرىڭىزگە چىدىيالماي كەتتىم، ھەر قېتىم سىزدىنىڭ زەردە بىلەن ئيتىلىدىغان بىھۇدە ھاقارەتلىرىڭىزگە ئۈچرىغىنىمدا قۇلاقلىرىمغا، كۆزلىرىمگە، سىزنىڭ مەن سۆيگە ئاشۇ سىز ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنگۈم كەلمىدى، بارا- بارا بۇ ئىشلار ئەۋجىگە چىقتى، مەن سىزگە چۇشەندۇردۇم، قاتتىق گەپ قىلدىم، يالۋۇرۇپ تۈننى تاڭغا ئۇلىغان كىچىلەر ساناقسىز ئۇتۇپ كەتتى، سىزدىن ئۇتۇنۇشلىرىمنىڭ، يالۋۇرۇشلىرىمنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغاندا ئۆزۇمنى ھاياتلىقتا ھىچنىمىسى يوق، يەككە يىگانە قالغانلىقىمنى بىلگەندە ھاياتىنىڭ ھىچقانداق بىر مەنىسى قالمىغاندەك تۇيۇلدى، سىز مىنىڭ ھەممە نىمەمنى خوشاللىقىمنى، ئارزۇ- ھەۋەسلىرىمنى، مۇھەببەت- تەلپۇنۇشلىرىمنى ھەممىنى تارتىۋىلىپ مىنى يالغۇز قويدىڭىز، دەرەختىن ئايرىلغان يۇپۇرماقتەك بۇلۇپ قالدىم، نەگە بىرىپ قانداق بۇلۇشۇم ئاشۇ شامالنىڭ ئىلكىدە بولدى شامال قاچان خالىسا مىنى كۈڭلى خالىغان جايلىرىغا ئۇچۇرۇپ تاشلايتى، ھەتتاكى قەيەرگە بىرىپ - قەيەردە تۇرۇشمۇ ئۆزۇمنىڭ ئىختىيارلىقىدا ئەمەس ئىدى، سىزدىن ئايرىلىغىلى 2 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت بۇپتۇ، ئاشۇ ئىككى يىل جەريانىدا سىزنى بىر مىنۇت ئىسىمدىن چىقارغىنىم يوق، نىمجان يۈرىكىم سىزگە تەلمۇرىدۇ، كۆزلىرىم ھامان سىزنى ئىزدەيدۇ، ئەتراپىمدىكى ئۇششاق- چۇششەك ئىشلار ھامان سىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ، سەن دەيدىغان بىرەر ئېغىز سۆزنى ئاڭلاپ قالسام يۇرىكىم پىچاقتا تىلغىغاندەك ئاغىرىپ كىتىدۇ، جىممىدە ئولتۇرۇپ بەختىلىك ئۆتكەن ئاشۇ ئازغىنا كۈنلىرىمىزنى ئويلايمەن، گەرچە ئۇتۇپ كەتكەن بولسىمۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك كۈنلىرىم ئىكەن، مەندە قالغىنى ئاشۇ خوشال ئۆتكەن كۈنلىرىمنىڭ ئەسلىمىسى بولدى خالاس، ھاياتلىقتا بارچە ئادەملەر خوشاللىق ئىزدەپ ياشايدۇ، تېخمۇ ئازاپتا ياشاشنى ئىستەيمەن، مەن كىچىكىمدىنلا ئازاپ ئىچىدە چوڭ بولغان، چوڭ بۇلۇپ سىزگە ئىرىشىپ خوشال بولغان ھەقىقەتەن شادلانغان ئىدىم، بىراق بۇ خوشاللىقمىنىڭ ئۇزۇنغا بارماي خازان بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن، كىچىك ئىكەنمەن بۇر تۇرمۇش مىنى ئوبدانلا چوڭ قىلىپ قويدى، بىلسىڭىز سىزسىز بۇ ھاياتتا نە بەخىت- نە شاتلىقنىڭ ماڭا لازىمى يوق، سىزنى كەچۇردۇم بىراق بىللە ئۇتۇشكە كۇزۇم يەتمىدى، ئاشۇ تىراگىدىيەلەرنىڭ يەنە يۇز بىرىشىگە ئەمدى چىدىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرىدىم.

    ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى، بولغان ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە بىسىم قىلىۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، كىيىنكى تۇرۇمىشىڭىزنى ئويلاڭ، ئۆتكەن ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىڭ، بۇنىڭدىن كىيىن بولسىمۇ بەخىت ئىچىدە ياشىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، ئاللاھ ھەممىزنىڭ بەخىتىنى بەرسۇن. خەيىر ياخشى قالىڭ
    [ بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن2008-12-03 13:00دە قايتا ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ياخشى ئىنكاس ..
  • Diyarim Da Noruz
    ئادەم بۇل، ئادەمگە ئوخشاش ياشا، ئەسلىڭنى، كىملىكىڭنى، مىللىتىڭنى ھەر ۋاقىت ئۇنۇتما !!!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 11:43 AM |
    MUSIC_____ MUSIC ______ Diyarim.com
    kunkiz
    بەختىمىزگە كۆز  تەگمىسۇن!!!
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 12
    يازما سانى : 6964
    شۆھرەت: 4729 نۇمۇر
    پۇل: 659 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 151 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 947(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03

     

    قاچان ،ئېسىمدە يوق.بىزنى نېمىلەنىڭ ئايرىۋەتكىنىنى بىلەلمەيلا قالدىم.تۇموز ئاپتاپتا قۇياش نۇرىدىن قېچىپ سايا ئىزدەۋاتقان كىشلەردەكلا بۇلۇپ قالدىم.ئېيتقىنىڭدەك مەن يەنىلا قۇياش نۇرىغا مۇھتاج ئىدىم.ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيتتىم .ئەممە تومۇز ئىسسىق مېنى سەندىن ۋاقىتلىق بېزار قىلغانىدى.توختىغىنە،ۋاقىتلىق دىسەم بولمىغىدەك، بىلىشىمچە مەن ئۇسساپ قالغاندەك تۇرىمەن...
    ئۆتتى ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى.ھەممىسى خاتېرەمدىكى قارا سىياھ بۇلۇپ قالدى.ئەمدى ئۇنى ئېچىپ ئوقۇغۇنىمدا بولسا ،كۈلكە ئەمەس ،ئۇنىڭدىن شېرىي پۇراقمۇ ھېس قىلالمىدىم.مېنى كەچۈر.سەن ئوقۇشقىمۇ مۇيەسسەر بۇلالمىغان بۇ  قۇرلارنى ،خاتېرەمدىن يىرتىلىپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىدىم.دەرىزە تۈۋىگە كېلىپ سىرىتقا ،يىراققا ،سەن تۇرغان تەرەپكە قارىدىم.غۇۋا ،ھەممىسى غۇۋا ...بىر ئويلىسام ،ئۇ تەرەپنى مەن تونۇيدىغاندەك،يەنە بىر ئويلىسام بەكلا ناتۇنۇش،ئەمدى بىلسەم كۆڭلۈم قەسىرىگە ئەڭ يېقىن ،مەن چۈشلىرىمدە كۆرگەن ئەمما ناتۇنۇش ئاشۇ جايدىكەنسەن .


    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(gvzal3.8) ياخشى ئىنكاس
  • ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 11:47 AM |
    siz yahxur digan nahxilar bu yarda
    halka
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14378
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 98
    شۆھرەت: 143 نۇمۇر
    پۇل: 768 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 206(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03

     

    يۈرىكىڭىزنى مۇزلاتقان ئۇ ئادەم يولدىشىڭىزمۇ ياكى يىگىتىڭىزمۇ؟ ۋەياكى ئايالى بار بىرىمۇ ؟ ! نىمىشقا باشقىلارنىڭ قولىدا ئۇ ياق!!
    تەسسەۋۋۇرلىرىڭىز ئېشىپ _ تېشىپ تۇرۇپتۇ، لىرىك ھىسسىياتلارغا تولىمۇ بايكەنسىز.
    Diyarim Da Noruz
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 11:53 AM |
    Diyarimda Noruz
    篮球美女
    ئاتۇش ۋاسكىتبول گۈزىلى ....
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالاھىدە ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29012
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4506
    شۆھرەت: 4736 نۇمۇر
    پۇل: 1004750 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3234(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02

     

    Quote:
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىhalkaنىڭ2008-12-03 11:53 AM دە يوللىغان يازمىسى   :
    يۈرىكىڭىزنى مۇزلاتقان ئۇ ئادەم يولدىشىڭىزمۇ ياكى يىگىتىڭىزمۇ؟ ۋەياكى ئايالى بار بىرىمۇ ؟ ! نىمىشقا باشقىلارنىڭ قولىدا ئۇ ياق!!
    تەسسەۋۋۇرلىرىڭىز ئېشىپ _ تېشىپ تۇرۇپتۇ، لىرىك ھىسسىياتلارغا تولىمۇ بايكەنسىز.



    توۋا ماۋۇ ئىنكاسنى ئەمدى كۆرۈپ كۈلۈپ بىر بوپ قاپتىمەن دىسە ۋاي گۈزەل ھەدە سىزگە نىمە بولدى دەيمەن .
    سىنى ياخشى كۆرۈشۈم سىنىڭ چىرايلىق بولغانلىقىڭ ئەمەس بەلكى سىنىڭ ئاقكۆڭۈل بولغانلىقىڭ !

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 11:58 AM |
    Yituk Pakizlik Hamriyi
    parxta
    بۇ كۈنلەرمۇئۈتۈپ كىتىدۇ.......
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6515
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2780
    شۆھرەت: 889 نۇمۇر
    پۇل: 210067 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 51 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 536(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04

     

    مۇشۇ دىيارىمدا بىر مەسلە بار، قانداق تىما ئوقۇسا ۋەقەلىكىنى ئاپتۇرغا باغلاپلا تەسەۋۋۇر قىلىدىغان، ئىلھام كەلگەندە ئادەم ھەممىنى يازىدۇ، قاچانمۇ  ئەسەرگە ئەسەردەك باھا بىرىشنى ئۈگىنەرسىلەر، قاچانمۇ تىمىنى يازغۇچىغا باغلاپ تەسەۋۋرۇر قىلمايدىغان بولارسىلەر...........
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kunkiz) ياخشى ئىنكاس ..
  • ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ھايات سان ساناقسىز غەم غۇسسلەردىن تۈزۈلگەن تەسۋىيگە ئوخشايدۇ.ئەقىللىق كشلەر ئۇنى كۈلۈپ تۇرۇپ سىرىيدۇ...
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 11:59 AM |
    MTV ~~MTV
    nurkalib
    نۇرقەلب
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31201
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 249
    شۆھرەت: 346 نۇمۇر
    پۇل: 974 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2448(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-18

     

    راست دېگەندەك دىيارىمدا مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللىسا ئاپتورغا باغلىۋالىدىكەن، ئادەم شۇنىڭدىنمۇ يا ئەركىن يوللىيالمايدىكەن!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 12:22 PM |
    Diyarimda Noruz
    nurkalib
    نۇرقەلب
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31201
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 249
    شۆھرەت: 346 نۇمۇر
    پۇل: 974 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2448(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-18

     

    تولىمۇ لېرىك  تەسىرلىك يېزىپسىز ، ئېلھاملىرىڭىز بەك ياخشى كەپتۇ! قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي!
    مۇزىكىسىمۇ بەك لېرىككەن! نەچچە قېتىم ئاڭلاپتىمەن!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 12:26 PM |
    MTV ~~MTV
    ayjahan
    ساپ ھاۋالىق سەھرانى سېغىندىم!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 1748
    شۆھرەت: 3394 نۇمۇر
    پۇل: 10048 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1384(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03

     

    نىمە دىگەن تەسىرلىك لىرىك ھېسىيات.
    سىزنىڭ لىرىكىڭىزدىن بىر ئۈمۈدۋار،غورۇرلۇق،ۋىزدانلىق،مۇھاببەت ئەلچىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم..........
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئىچىملىك- ئاغزىغا كەلگەن گەپنى چىقىرۋەتمەي يۇتىۋېتىشتۇر!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 12:37 PM |
    Yituk Pakizlik Hamriyi
    yawagul0997
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 535
    شۆھرەت: 615 نۇمۇر
    پۇل: 1895 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2931(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03

     

    Quote:
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىparxtaنىڭ2008-12-03 11:38 AM دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئېغىر- بىسىق، مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل ۋاپادار ئايالنىڭ سايىسىنى كۆرگەندەك قىلىدىم...........


    توغرا  دەيسىز،  ئەتراپىمىزدا  ئائىلىسىگە،  يولدىشىغا   چەكسىز  ۋاپا-مېھرى  بىلەن   ئېتىقاد  قىلىپ،  ئۈنسىز   ئىلتىجا  ۋە  سەۋر  بىلەن  ياشاۋاتقان  ئىتائەتمەن  ئۇيغۇر  ئاياللىرى  يەنىلا   كۆپ.  «مەن» _  ئەنە  شۇلارنىڭ  بىرى.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 12:38 PM |
    MTV ~~MTV
    nurkalib
    نۇرقەلب
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 31201
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 249
    شۆھرەت: 346 نۇمۇر
    پۇل: 974 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2448(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-18

     

    ۋاي نېمانداق گۈزەل ھەدەمنىڭ بىر ئوبدان لىرىك مۇزىكىسىغا ئاشىقجانمۇ مۇزىكا قوشىۋىلىپ ئۇماچ قاينىتىۋىپسىلەرغۇ؟!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 12:51 PM |
    Diyarimda Noruz
    沙漠花
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33478
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 542
    شۆھرەت: 567 نۇمۇر
    پۇل: 1651 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 592(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03

     

    بەك ياخشى يېزىپسىز قەلىمىڭىز ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۈزىنى جازالاشتۇر
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 12:54 PM |
    MTV ~~MTV
    axikjan
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26092
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 682
    شۆھرەت: 897 نۇمۇر
    پۇل: 2521 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 417(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02

     

    كىچىكىمدە ئانامدىن ئاران ئۈگەنگەن ئۇ ئۇماچ قاينىتىشنمۇ ، بىلسەم بىلمىسەم سىز چۇقۇم ئۇماچ ئىتەلمەيسىزغۇ  دەيمەن، مۇنبەردىكى قىز- ئاياللارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىتەلمەيسىلەر شۇ مەن قايناتقان ئۇماچنى تېخى زاڭلىق قىپ كىتىشلىرىنى بولارنىڭ      
    ئادەم بۇل، ئادەمگە ئوخشاش ياشا، ئەسلىڭنى، كىملىكىڭنى، مىللىتىڭنى ھەر ۋاقىت ئۇنۇتما !!!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 01:08 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


    Total 0.064847(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 06-03 16:17
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号