چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 3336 قېتىم كۆرۈلدى
yawuz
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 4421
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 196 نۇمۇر
پۇل: 851 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-27

 [ئەركىن سىدىق] ئوڭ مېڭە ۋە سول مېڭە

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kunkiz تەرپىدىن (2008-12-02)دە نادىرلاندى
ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە

ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى



مەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز كەسپىم بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق سېمىنارلارغىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاتنىشىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، شاڭخەيدە ئوقۇغان بىر يىل، ياپوندا ئوقۇغان ئىككى يېرىم يىل، ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى 20 يىلنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. بولۇپمۇ مەن 2004-يىلى 1-ئايدا ھازىرقى ئىدارەمدىكى ئىشقا كىرگەندىن بۇيان، بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان، «كىشىلىك تەرەققىيات» (ئىنگلىزچە «personal development» ياكى «personal growth») قا ئائىت سېمىنارلارغىمۇ خېلى كۆپ كىرەلەيدىغان بولدۇم. بىزنىڭ ئىدارىدىكى سېمىنارلار ۋە ئىدارىدىكى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلارنىڭ ھەممىسى ئىدارىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەر بولۇپ، مەن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئۇلارغا ئىمكانقەدەر تولۇق قاتنىشىشقا تىرىشىپ كەلدىم. يالغۇز 2008-يىلى بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا ئادەمنىڭ مېڭىسىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېمىنارلاردىن جەمئىي ئۈچىگە قاتناشتىم. ئىدارىمىزنىڭ بۇنداق سېمىنارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ، ئىدارىمىزدىكى خادىملارنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزى ئارزۇ قىلغان خىزمەت دەرىجىسىگە ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

مەن ئالدىنقى ماقالەمدە «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» ۋە مېڭە بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدىم. مۇشۇ ئۇقۇملارغا ناھايىتى يېقىن بولغان يەنە بىر ئۇقۇم بار. ئۇ بولسىمۇ، ئادەملەرنىڭ مېڭىسىنىڭ ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىدىن ئىبارەت ئىككى پارچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. مېڭە ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىققا قاراپ، ئادەملەرنى مۇنداق ئۈچ خىلدىكى ئادەملەرگە ئايرىش مۇمكىن: سول مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلار، ئوڭ مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلار، ۋە ئىككىلا مېڭىسىنى ئوخشاش دەرىجىدە ئىشلىتىدىغانلار. مەن بۇرۇن بۇ ھەقتە بەزى گەپلەرنى ئاڭلىغان، بەزى نەرسىلەرنى ئوقۇغان بولساممۇ، ئۇلارغا دېگەندەك قېتىرقىنىپ دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. پەقەت يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۈچ سېمىنارلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق مۇشۇ ھەقتە بىر قىسىم سىستېمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ھەمدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، بىر ئاز ئىزدىنىپ، بىر قىسىم ماتېرىيال يىغدىم. مەن ھازىر ئۆزۈم ئىگىلىگەن بىلىملەر ئاساسىدا ئۆزۈمنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئۇشبۇ يازمامدا مەن ھازىرغىچە توپلىغان ماتېرىياللارغا ۋە ئىگىلىگەن بىر قىسىم بىلىملەرگە ئاساسەن، سول مېڭە بىلەن ئوڭ مېڭە توغرىسىدىكى ئاساسىي ئۇقۇملارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئوتىمەن. مەن بىلىمەن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ھازىر قانداق قىلىپ ئاچ قالماسلىق، يالىڭاچ قالماسلىق، ئويسىز قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتىدۇ. مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ غەم-قايغۇسى قانداق قىلىپ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھازىرچە بىر قىسىم كىشىلەرگە ئانچە كېرىكى بولماسلىقى تۇرغانلا گەپ. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاساسلىقى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر، مەسىلەن، ئەمەل ئەھلى، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مائارىپچى، زىيالىي، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر، ۋە كومپوزىتورلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى ئىلمىي ئاساستا قانچە تولۇق چۈشەنسە، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى شۇنچە ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ ئىلمىي ۋە تېخىمۇ رەتلىك بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە بۇرۇنقىدىن ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ نۇقتا ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. ئادەم ياش ۋاقتىدا يەكۈنلەپ چىققان بەزى ئۇسۇل ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىگە ناھايىتى زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ياخشى ئۇسۇلنى كۆپرەك بايقىغانلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئاسانراق ۋە كۆپرەك ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، مەن بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەتنىڭ بىر يېرىدە، ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ چارچىغاندا، ئۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا بىر ئىشنى قىلسا، يەنىلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. ئۇشبۇ يازمامنى ئوقۇپ چىقسىڭىز، يۇقىرىقى ئىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايسىز. شۇڭا مەن ئۆز ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ يازمىنى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىنگلىزچىدا «intuition» دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى مەنىسى «ھېچ قانداق ئىسپاتلاپ ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەيلا، مەلۇم بىر پاكىت ياكى ھەقىقەت توغرىسىدا بىۋاسىتە ئېرىشكەن چۈشەنچە» ئىكەن. ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېت لۇغىتى http://dict.yulghun.com دە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ھېسسىي تۇيغۇ» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپتۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامدا «intuition» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى خېلى كۆپ يەردە ئىشلىتىمەن. لېكىن ماڭا نىسبەتەن «ھېسسىي تۇيغۇ» دېگەن سۆز بۇ ئىنگلىزچە سۆزنىڭ مەنىسىنى دېگەندەك تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغاندەك تۇيۇلغان بولغاچقا، ھەر قېتىم «تۇيغۇ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەندە، كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى يېرىم بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا «intuition» نىڭ مەنىسىنى ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزنى بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر بولسا ئۇنى ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق دەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىنگلىزچە «insight» دېگەن سۆزمۇ ھەم شۇنداق. ئۇنىڭ ئىنگلىزچىدىكى مەنىسى «مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا ھېسسىي تۇيغۇ («intuition ») ئارقىلىق ھاسىل قىلغان چۈشەنچە» بولۇپ، يۇقىرىقى لۇغەتتە بولسا «پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتى، نەزەر دائىرە، كۆرگەن-بىلگىنى» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپتۇ.

ئامېرىكىدا ئىنسان مېڭىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلارمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، دان پىنك ( www.danpink.com ) ئىسىملىك بىر مۇتەخەسسىس يازغان «بىر پۈتۈنلەي يېڭى قەلب» (ئىنگلىزچە « A whole new mind ») دېگەن كىتاب بار بولۇپ، بۈگۈن مەن ئاشۇ كىتابنى www. amazon. com تور بېتىگە كىرگۈزۈپ باقسام، مۇشۇ كىتابتىكى مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن 2،359 دانىسى تېپىلدى. ئامېرىكىدا بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئايلىق ژۇرناللارمۇ بار. ئۇنىڭ بىرسى «ئىلمىي ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆڭۈل ژۇرنىلى» (ئىنگلىزچە « Scientific American Mind Magazine »، http://www.sciam.com/sciammind/ ) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئامېرىكىدا مەخسۇس ئوڭ مېڭىنىڭ كۈچىدىن قانداق پايدىلىنىش، ۋە ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى دېگەندەك مەزمۇنلاردا ھەر خىل كەسپىي ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىغا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان شىركەتلەرمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. بىزنىڭ ئىدارىدە يۇقىرىقى ئۈچ سېمىنارلارنى ئېلىپ بارغانلارمۇ ئاشۇنداق شىركەتنىڭ ئادەملىرىدۇر.


1. ئىككى مېڭە، بىر بەدەن


كىشىلەر بىر بەدەندە ئىككى مېڭە بارلىقىنى ئەڭ ئالدى بىلەن بۇنىڭدىن 65 مىليون يىل ئىگىلىرى ياشىغان دىنوزاۋر (ئىنگلىزچە «dinosaurs») دا بايقىغان. ئىنگلىزچە « Tyrannosaurus Rex » دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىنوزاۋر نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 4 توننىدىن 6 توننىغىچە كېلىدىغان بولۇپ، بۇنداق چوڭلۇقتىكى بەدەنگە بىر مېڭە كىچىكلىك قىلىدىغان بولغاچقا، ياراتقۇچىمىز بۇ دىنوزاۋرغا ئىككى مېڭە بەرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىرسى دىنوزاۋرنىڭ بېشىدا بولۇپ، بۇ مېڭە كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە تۇغۇش خۇسۇسىيىتى (ئىنگلىزچە «procreative instinct») قاتارلىق سېزىملەرنى باشقۇرىدىكەن. يەنە بىرسى دىنوزاۋرنىڭ قۇيرۇقىدا بولۇپ، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىلىش ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەرنى كونترول قىلىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارغا دىنوزاۋرنىڭكىگە ئوخشاش ئىككى مېڭە بەرمەي، پەقەت بىر مېڭە بېرىپ، بۇ بىر مېڭىنى ئىككىگە بولۇپ بەرگەن ئىكەن. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى سول يېرىم مېڭە بىلەن ئوڭ يېرىم مېڭىدىن ئىبارەت ئىككى پارچىغا بولىنىدۇ. سول مېڭىنىڭ رەڭگى كۆكۈشرەك بولۇپ، ئوڭ مېڭىنىڭ رەڭگى ئاق بولىدۇ. سول مېڭە بىلەن ئوڭ مېڭىنىڭ ئىنچىكە تۈزىلىشىدە بۇنىڭدىن باشقا پەرقلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ «ئاناتومىيىلىك سىممېترىك بولماسلىق»، دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسان مېڭىسىنىڭ بۇ ئىككى پارچىسى پەقەت كۆرۈنۈش ۋە تۈزۈلۈشتىن بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئويلاش ۋە بىلىش ئۇسۇلىمۇ بىر-بىرسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىسىمۇ بىر-بىرىنىڭكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ «فۇنكسىيىدە سىممېترىك بولماسلىق»، دەپ ئاتىلىدۇ.


2. ئىككى مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان فۇنكسىيىلىرى


كىشىلەر «مېڭە ئۈستۈنلۈكى نەزەرىيىسى» دېگەن ئىلىم ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا ھازىر نەچچە ئون يىل بولدى. بۇ نەزەرىيىنى ئىنگلىزچىدا « Brain dominance theory » دەپ ئاتايدۇ (مەن بۇ ساھەدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىشنى ئىستەيدىغانلارغا ئوڭايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشىنىمۇ يېزىپ قويدۇم). بۇ ساھەدە ھازىرغىچە بايقالغان بىلىملەر مۇنداق بىر نەرسىنى ئىسپاتلاپ بەردى: ئىنسان مېڭىسىنىڭ سول ۋە ئوڭ تەرىپىدىن ئىبارەت ئىككى قىسمى ئوخشاش بولمىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان رولنى ئۆتەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. يەنى سول مېڭە بەكرەك لوگىكىلىققا ۋە سۆزلەرگە مايىل بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا ھېسسىي تۇيغۇ بىلەن ئىجادكارلىق ۋە تەسەۋۋۇرغا باي كېلىدۇ. سول مېڭە گەپ-سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا سۈرئەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. سول مېڭە بىر نەرسىنىڭ پارچىلىرى ياكى بۆلەكلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا ئاشۇ پارچىلار ياكى بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈنلۈك ھەمدە ئاشۇ پارچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئائىت ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. سول مېڭە بىر نەرسە ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ، ۋە ياكى بىر نەرسىنى پارچىلايدۇ. ئوڭ مېڭە بولسا نەرسىلەرنىڭ بىرىكمىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ۋە ياكى بىر نەرسىنىڭ پارچىلىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ. سول مېڭە بىر نەرسىنى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپ بويىچە ئويلاشقا مايىل بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا بىر نەرسىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە بىرلا ۋاقىتتا ئويلاشقا مايىل بولىدۇ. سول مېڭە ۋاقىتقا باغلانغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا ۋاقىتقا باغلانمىغان بولىدۇ.

سول مېڭە ئادەمنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ئالاقىلىشىش پائالىيىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىرەر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراشقا ئوخشاش سەۋەب تۈپەيلىدىن سول مېڭىسى زەخىملەنگەن ئادەمنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ ئېغىز ۋە قول ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن قىيىنلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بولقا بىلەن مىق قاقالماس بولۇپ قالىدۇ. ئوڭ مېڭە بولسا ئالاقىلىشىش بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئۇ تاشقى دۇنيادىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئانالىز قىلىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا ئوڭ مېڭىسى زەخىملەنگەن ئادەملەر ھەر خىل مۇزىكىلارنى پەرق ئېتەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ چىرايىنى تونۇيالمايدىغان، ئالدىدىكى نەرسىنى تاپالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئوڭ مېڭىنىڭ بىر قىسمى بىز ئاڭلىغان سۆزلەرنى چۈشىنىشىمىزگە مەسئۇل بولۇپ، يەنە بىر قىسمى بولسا بىزگە ئۆزىمىز كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. باشقا بىر قىسمى بولسا ئۆز ھەرىكىتىمىزنى پىلانلىشىمىزغا مەسئۇل بولىدۇ.

كىشىلەر مېڭىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەڭلا ئىشلىتىدىغان بولسىمۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ مېڭىنىڭ بىر تەرىپىنى ئىشلىتىشى يەنە بىر تەرىپىنى ئىشلىتىشىگە قارىغاندا سەل كۆپرەك ياكى ئازراق بولىدۇ. مانا بۇ «مېڭە ئۈستۈنلۈكى نەزەرىيىسى» نىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسىدىن ئىبارەت. سۆزنى قىسقا ئېلىش ئۈچۈن، كىتاب ۋە ماقالىلەردە ئادەملەر بىر مېڭىسىنى يەنە بىر مېڭىسىگە قارىغاندا كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ئادەملەرنى «سول مېڭىلىق» ۋە «ئوڭ مېڭىلىق» ئادەملەر، دەپ ئالىدۇ. ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئادەملەر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىر-بىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ. بۇنى بىز ئادەملەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، دەپ ئاتايمىز. ئادەملەر ئەقىل-پاراسەت جەھەتتىلا ئەمەس، ئىقتىدارىنىڭ نامايەندىسى جەھەتتىمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. بەزى ئادەملەر گەپ-سۆزلەردىن تەشكىل تاپقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ناھايىتى قادىر بولسا، يەنە بەزىلەر ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا قادىر كېلىدۇ. مانا بۇلار ئۇلارنىڭ سول مېڭىلىق ياكى ئوڭ مېڭىلىق بولۇشىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋاللاردۇر.

سول مېڭىلىق ئادەملەرنىڭ مىساللىرىدىن ئادۋوكات، بوغالتىر ۋە ئىنژېنېر قاتارلىقلار بار. ئوڭ مېڭىلىق ئادەملەرنىڭ مىساللىرىدىن بولسا كەشپىياتچىلار، ئارتىس بىلەن مۇزىكانتلار ۋە مەسلىھەتچىلەر بار.

ئەسلىدە ھەر بىر ئادەم مېڭە ئىشلەتكەندە، مېڭىنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە ئاسانلا ئۆتەلەيدىغان بولسا ئەڭ ياخشى بولغان بولاتتى. لېكىن، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز مېڭىسىدىكى ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغان تەرىپىدە بىردىن «راھەت رايونى» بار بولۇپ، ھەر بىر ئەھۋالنى مېڭىسىنىڭ ئۆزى ياخشىراق كۆرىدىغان بىر تەرىپىدە بىر تەرەپ قىلىدۇ. بولقا ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئۇستا بىر ئادەم ھەممە نەرسىلەرنى بىر تال مىققا ئوخشىتىپ ئويلايدۇ. موزدۇز ئۇستام ھەممە نەرسىلەرنى بىر جۈپ ئاياغقا ئوخشىتىپ ئويلايدۇ. ماشىنا رېمونت قىلىشقا ناھايىتى ئامراق ۋە ناھايىتى ئۇستا بىر مېخانىك ھەممە نەرسىلەرنى بىر ماشىنىغا ئوخشىتىپ ئويلايدۇ. قىسقىسى، ئوڭ مېڭىلىك كىشىلەر بىلەن سول مېڭىلىك كىشىلەر شەيئىلەرگە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن قارايدۇ. ئۆز مېڭىسىنىڭ مەلۇم بىر «راھەت رايونى»نىلا ئىشلىتىپ، باشقا قىسمىنى ئىشلىتىشكە زادىلا ئىنتىلمەيدىغان كىشىلەرنى مېڭە ئىشلىتىش جەھەتتىكى «ھۇرۇن كىشىلەر» دەپ ئاتاش مۇمكىن.

بىز بىر سول مېڭە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دۇنيادا ياشايمىز. بۇ دۇنيادا گەپ-سۆز، ئۆلچەم ۋە لوگىكىلار ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئىجادچانلىقى، كۆڭۈل تۇيغۇسى، سېزىمى ۋە سەنئەتچىلىكى قاتارلىق يەنە بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر ئورۇنغا قويۇلغان. مەسىلەن، 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق كىشىلەر ئوڭ قوللۇق بولىدۇ. ئوڭ قولنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتى سول مېڭىنىڭ پائالىيىتى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. سول قولنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتى بولسا ئوڭ مېڭە ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. سول مېڭە كىشىلەر ياخشىراق كۆرىدىغان ئوڭ قولنى كونترول قىلغانلىقى، ھەمدە سۆزلەشنىمۇ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالىملار «سول مېڭە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. دەسلەپكى بىر مەزگىل ۋاقىتتا، كىشىلەر سول-قوللۇق ئادەمنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوڭ-قوللۇق ئادەمنىڭكى بىلەن قارمۇ-قارشى بولىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن، كېيىنچە سول قوللۇق ئادەملەرنىڭ تەڭدىن تولىسى سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەنىلا سول مېڭىگە تايىنىدىغانلىقى بايقالغان. سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا ئىشلاردا سول-قوللۇقلار بىلەن ئوڭ-قوللۇقلارنىڭ مېڭىسىدە قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقات ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ قايسى مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى شۇ ئادەمنىڭ گېنى بىلەن پىسخولوگىيىلىك ماسلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. ھەمدە بىر ئادەمنىڭ قايسى مېڭىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى شۇ ئادەمنىڭ ئويلاش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئويلاش ئۇسۇلى بولسا، شۇ ئادەمنىڭ ماھارىتى، بىر ئالاھىدە خىلدىكى بىلىملەرنى توپلاشقا بولغان ھەۋىسى بىلەن ئىقتىدارى، ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئىش بېجىرىش سۈپىتى، ھەمدە شۇ ئادەمنىڭ باشقا ئادەم، پۇل، ماددىي مال-مۈلكى، تەبىئەت، ھەمدە ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان باشقا بارلىق نەرسىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر مېڭىنىڭ ئىقتىدارى يەنە بىر مېڭىنىڭ بەدىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى، بىزنىڭ ئوڭ مېڭىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى تۇيغۇسىغا تايىنىپ ھەقىقەت ۋە پاكىتلار توغرىسىدا توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بىر ناھايىتى پايدىسىز ئەھۋالدۇر.


3. شائىرلارنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ئۇسۇلى


نۇرغۇن ۋاقىتلاردا مېڭىنىڭ ئىككى پارچىسى ناھايىتى مەدەنىيەتلىك تام قوشنىلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئوتتۇرا تامدىن بىر ئامال قىلىپ ئۆتۈپ، يەنە بىر تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە مەن ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئىشلار توغرىسىدا بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ ئوتىمەن. ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار خېلى كۆپ. شۇنداق بولغاچقا، مەن گەپنى ئالدى بىلەن شائىرلاردىن باشلاي. كۆپىنچە كىشىلەر شېئىر يېزىش مېڭىنىڭ پەقەت بىر تەرىپىنىلا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بىر پارچە شېئىر يېزىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك مېڭە ئىشلىتىش باسقۇچلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. (1) شائىر ئالدى بىلەن ئوڭ مېڭىسىنىڭ كۈچى بىلەن بىر خىل ئىلھامغا ۋە بىر قىسىم ئوي-پىكىرگە ئىگە بولىدۇ. (2) ئىشنى سول مېڭىگە يۆتكەپ، تاپقان ئوي-پىكىرلەرنى رەتلەپ، بىر قەغەزگە ياكى كومپيۇتېرغا يازىدۇ. (3) ئىشنى ئوڭ مېڭىگە يۆتكەپ، شېئىرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزىتىپ چىقىدۇ. (4) شېئىرنى ئېلان قىلىپ بېرىدىغانلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن، ئىشنى سول مېڭىگە يۆتكەيدۇ. (5) تەنقىدچىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئوڭ مېڭىگە يۆتكەيدۇ. (6) ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىش پىلانىنى تىزىش ۋە ئۇسۇلىنى تېپىش ئۈچۈن، ئىشنى يەنە سول مېڭىگە يۆتكەيدۇ.

ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئارىسىدا «ئەگەر يېزىلغان بىر ئەسەرنى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق، ھېسسىيات بىلەن ئىلھامنى ئۇنىڭ يىلتىزىغا ئوخشىتىش مۇمكىن» دېگەن سۆز بار. بۇ يەردىكى «ھېسسىيات بىلەن ئىلھام» نەدىن كېلىدۇ، بىلەمسىز؟ ئۇلار يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەندەك ئوڭ مېڭىدىن كېلىدۇ. ئادەتتە سىزگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەندە، سىزنىڭ ئوڭ مېڭىڭىز ئەڭ ئاكتىپ بىر ھالەتكە كېلىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە مۇنداق بىر ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ: سىزنىڭ بىر ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىڭىز تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇ كىشى توغرىسىدا بىر ئەسلىمە يازماقچى بولدىڭىز. ئەگەر سىز بۇ ئەسلىمىنى ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە يازسىڭىز، ئۇنى بىر يىلدىن كېيىن يازغانغا قارىغاندا ھەممە جەھەتتە جىق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز. ئوتكەن ھەپتە مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم ئىشخانامغا مېنى ئىزدەپ كېلىپتۇ. ئۇ 2008-يىلى 11-ئاينىڭ «دۇنيا رومان يېزىش ئېيى» ئىكەنلىكىنى، ئۆزىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، شەھەرلەر ئارا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن، لوس ئانژېلىس يازغۇچىلار گۇرۇپپىسى تېخىمۇ كۆپ يازغۇچىلارغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەگەر مەن بىلىدىغان يازغۇچىلار بولسا ئۇنىڭغا دەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. بۇ پائالىيەتنىڭ بىر مەخسۇس تور بېتى بار ئىكەن: http://www.nanowrimo.org , ھەمدە ھازىرغىچە قايسى شەھەرنىڭ گۇرۇپپىسى روماننى ئەڭ كۆپ يازغانلىقىنى مۇنۇ تور بېتىدىن كۆرگىلى بولىدىكەن: http://www.nanowrimo.org/eng/wordcount_stats مەن پاراڭلار ئارا ئۇنىڭغا سول-مېڭە بىلەن ئوڭ-مېڭىنىڭ گېپىنى قىلسام، ئۇ «بۇ ئىشنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز: ئادەم ئوڭ مېڭىسىدە ئويلاپ، سول مېڭىسىدە يازىدۇ،» دېدى. دېمەك، ئامېرىكىدىكى يازغۇچىلار ئۈچۈن بۇ ئۇقۇم ئانچە يات نەرسە ئەمەس ئىكەن. مەن قانداق قىلىپ ئوڭ مېڭىنى ئىشقا سېلىش، قانداق قىلىپ ئىلھام بىلەن ھېسسىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش توغرىسىدا مۇشۇ يازمامنىڭ ئاخىرىدا ئازراق توختىلىمەن.

مەن ھازىرغىچە ئۆز يازمىلىرىمدا مۇرەككەپ ياكى ئابستراكت ئۇقۇملارنى بىرەر مىسال ياكى ۋەقە ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ شەكىلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۆزۈم ئىزچىل تۈردە ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم. لېكىن، ئۇنىڭ نېمىشقا ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمىگەن ئىدىم. ئەسلىدە كىتاب - ماقالە ئوقۇش سول مېڭىنىڭ پائالىيىتى بولۇپ، ئەگەر يازغان نەرسە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ سول مېڭىدىن ئوڭ مېڭىگە يۆتكەشكە مەجبۇرلىسا، ئۇ نەرسە ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ بەك قىزىقتۇرىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇغان ماتېرىياللارنى چۈشىنىشىمۇ كۆپ ئاسان بولىدىكەن. يەنى يازغان نەرسىنىڭ ئىچىدىكى لوگىكا، ئانالىز ۋە سان-سىپىر ھېسسىيات، كەيپىيات، ئوخشىتىش، مۇبالىغە، چاقچاق، قىزىق پاراڭلار بىلەن ئارىلىشىپ كەلسە، ھەمدە پۇراق، تەم، ئاۋاز، شەكىل ۋە كۆرۈنۈش بىلەن باغلىنىشلىق بولغان نەرسىلەر بىلەنمۇ ئارىلىشىپ كەلسە، ئوقۇرمەنلەر ئېرىشەلەيدىغان ئۈنۈم كۆپ ياخشى بولىدىكەن. ئادەتتە بىر ئادەم قىزىقارلىق بولمىغان بىر نەرسىنى ئوقۇغاندا، ياكى ئوخشاش بىر ماتېرىيالنى ئۇزۇن ۋاقىت ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ خىيالى ئاسانلا باشقا ياققا ئۇچۇپ كېتىپ، ئوقۇۋاتقان نەرسىدە نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىغا ئەگىشىپ ماڭالماي قالىدۇ. بۇ سول مېڭىنىڭ ھەرپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، سىز ھەر بىر پاراگرافنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزىڭىزنى توختىتىپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، ئۆز كۆڭلىڭىزدە بۇ جۈملە ياكى پاراگرافتا نېمىلەر دېيىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى قايسى مەزمۇن سىز ئۇچۇن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇنىڭدىكى قايسى جۈملىلەرنى ئېسىڭىزدە ساقلىۋالسىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىر قېتىم ئويلىۋېتىڭ. بۇ سىزنىڭ ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ پائالىيىتى بولۇپ، مۇشۇنداق قىلىپ ماڭسىڭىز ئوقۇغان نەرسىڭىزدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنالايسىز.


4. يېڭىلىق يارىتىشچانلىق بىلەن ئوڭ-سول مېڭىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى


شائىرلارنىڭ سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەشپىياتچىلار ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ يەردە بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەي. يېڭىلىق يارىتىشمۇ ئىككى مېڭىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر يېڭىلىق يارىتىشچانلىقنىڭ مۇنداق بەش باسقۇچىنى تېپىپ چىققان.
(1) تەييارلىق قىلىش (سول مېڭە پائالىيىتى): ئۇچۇر يىغىش، چوڭ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش، مەسىلىلەرگە ئېنىقلىما بېرىش، ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسەتنى ئېنىقلاپ چىقىش.
(2) زېھىن بىلەن ھەرىكەتنى بىر ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈش (سول مېڭە پائالىيىتى): ئۆز-ئۆزىڭىزگە تۇزۇم بېكىتىپ، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەممە نەرسىلەرنى يوقىتىش، ھەمدە ھازىر دەرھال قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارغا ئۆزىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈش.
(3) پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاتلىنىش (ئوڭ مېڭە پائالىيىتى): قوشۇمچە ئەس-ھوشىنى ئىشقا سېلىپ، يىغقان نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ۋە يىغقان پارچىلارنى توغرا تەرتىپ بىلەن قۇراشتۇرۇش.
(4) تاسادىپىي ياكى تۇيۇقسىز ھاسىل بولغان چۈشەنچىدىن («insight») پايدىلىنىش (ئوڭ مېڭە پائالىيىتى): ئوڭ مېڭە پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ئادەم بەزىدە بۇرۇن ئويلىمىغان ياكى ئۈمىد قىلمىغان بىر چۈشەنچە ياكى ئىدىيە ھاسىل قىلىدۇ. كۆرۈنۈش، ئاۋاز، ۋە بىر ئەمىلى نەرسە توغرىسىدا بىۋاسىتە ئىگە بولغان چۈشەنچىلەرنى مۇتەخەسسىسلەرچە بىرلەشتۈرۈپ، قىلماقچى بولغان ئىشى توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش.
(5) باھالاش (سول مېڭە پائالىيىتى): بارلىق ئامىللار ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، بۇ بىر ئۇقۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ-يوق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بىر ئومۇميۈزلۈك باھالاش ئېلىپ بېرىش. ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىش ئېلىپ بارىدىغان قەدەم-باسقۈچلارنى پىلانلاپ چىقىش.

يېڭى نەرسە ئىجات قىلىش جەريانى ئۈچۈن ئىنگلىزچىدىكى «intuition» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىكى «ھېسسىي تۇيغۇ» بىلەن «insight» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىكى «چۈشەنچە» ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇ نەرسىلەر ئادەمنىڭ كاللىسىغا خۇددى بىر نۇر چاقنىغاندەك ئۇشتۇمتۇت ۋە ناھايىتى تەز سۈرئەتتە پەيدا بولۇپ، يەنە ناھايىتى تەز سۈرئەتتە ئادەمنىڭ كاللىسىدىن غايىب بولىدۇ. مەسىلەن، مۇنچىغا چۈشۈۋاتقاندا، ئاياق يىپىنى باغلاۋاتقاندا، ساقال ئېلىۋاتقاندا، ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا، ۋە ياكى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ يېرىم ئۇيقۇلۇق ھالەتتە تۇرغاندا. بۇنىڭ سەۋەبى، ھېسسىي تۇيغۇ ئوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە ئادەم بەدىنى ئەڭ راھەت، ئەڭ بېسىمسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئەڭ ياخشى ئىشلەيدۇ. بۇ خىلدىكى ھېسسىي تۇيغۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاساسسىز ۋە ئانچە قاملاشمىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولغاچقا، سول مېڭە بۇنداق تۇيغۇغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىقىپ، ئۇنى باستۇرۇپ قويۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئاشۇنداق ھېسسىي تۇيغۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ، ئۇلارنى ھەرگىز كۆڭلىڭىزدىن قاچۇرۇپ قويماسلىققا تىرىشىڭ.


5. چۈشتىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش


ئەگەر چۈشىڭىزنى توغرا ئۆرۈشنى بىلسىڭىز، چۈشىڭىز بەزى چاغلاردا بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئادەمنىڭ چۈشى لوگىكا ۋە ئەمەلىيەتكە ھېچ قانداق چېتىشلىقى بولمىغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈش، ھېسسىيات ۋە سۈرەتلەشلەرگە ئىنتايىن باي بولىدۇ. ئالىملارنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئادەم چۈش كۆرگەندە ئاساسلىقى ئوڭ مېڭە ئىشلەيدىكەن. ئوڭ مېڭە تەسەۋۋۇرغا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا باي بولغاچقا، ئەگەر سىز كۆرگەن چۈشلىرىڭىزنى ئوبدان خاتىرىلەپ ماڭسىڭىز، ۋاقىتنىڭ ئوتىشى بىلەن بەزى بىر سوئاللىرىڭىزغا چۈشىڭىز ئارقىلىق جاۋاب تاپالايسىز. شۇڭا سىز ھەر كۈنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا بىرىنچى بولۇپ چۈشىڭىزنى ۋە كاللىڭىزغا كەلگەن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى خاتىرىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. شۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ-سېزىمىڭىزدە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز.


6. سىز سول مېڭىلىك ئادەم تۈرىگە كىرەمسىز ياكى ئوڭ مېڭىلىققىمۇ؟


ئەگەر سىز سول مېڭىلىك بولسىڭىز، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىسىز:
ھەممە نەرسىنى ئانالىز قىلىسىز، ھەمدە يېڭى بىر ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىدىيىنىڭ توغرىلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپات تەلەپ قىلىسىز.
مۇقىملىق بىلەن تەرتىپلىكنى ساقلايسىز.
قائىدە-تۇزۇم بويىچە ئىش قىلىشنى خالايسىز، ھەمدە تۈزۈلمىگە ماسلىشىسىز.
ئۆزلۈكىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن قارارلارنى ئانچە ياقتۇرمايسىز.
ۋاقتىڭىزنى پىلانلاشنى ياخشى كورىسىز.
تەۋەككۈلچىلىك قىلىشنى ياخشى كۆرمەيسىز.
ئەگەر بىر ئەھۋال توغرىسىدا قارار چىقارماقچى بولسىڭىز، ئۇ ئەھۋالنى ئىنتايىن كۆپ ئانالىز قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئەھۋال توغرىسىدا قارار چىقىرىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقاندا، سىز زېھنىڭىزنى ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۆزنىڭ تەلەپپۇزىغا ياكى ئىشارىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيسىز.
ماتېماتىكىدا گېئومېتىرىيىگە قارىغاندا ئالگېبرانى ياخشىراق كورىسىز، باشقىلار بىلەن ئوينىغاندا كۆڭۈل ئېچىشقا قارىغاندا رىقابەتلىشىش ئىدىيىڭىز كۈچلۈكرەك بولىدۇ.
يەتمەكچى بولغان ئېنىق نىشانىڭىز بار بولىدۇ.

ئەگەر سىز ئوڭ مېڭىلىك بولسىڭىز، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىسىز:
تەسەۋۋۇرغا باي بولىسىز.
پەرەز ۋە مۇنتىزىم بولمىغان ھېسسىيات بويىچە ئىش كورىسىز.
ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئوتكەن ئىسپات تەلەپ قىلمايلا يېڭى ئىدىيىنى قوبۇل قىلىۋېرىسىز.
يېڭىلىقنى ھەمدە بارلىق غەيرىي نەرسىلەرنى ياخشى كورىسىز.
پىلانلىق ئىش قىلىش ئەمەس ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا ئىش قىلىشقا ئامراق كېلىسىز.
بىر ئىش قىلغاندا كۆپ ئويلانمايلا قارار چىقىرىۋېرىسىز، بىر ئىشنى «مېنىڭ كۆڭلۈم تارتتى» دېگەن سەۋەب بىلەنلا قىلىۋېرىسىز.
تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا ئامراق كېلىسىز.
باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ بەدەن ھەرىكىتىگە، ھېسسىي تەلەپپۇزىغا ۋە باشقا ئىنچىكە كۆرسەتمىلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىسىز.
ئۇچۇر قوبۇل قىلغاندا زېھنىڭىزنى ئۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرىسىز.
سول كۆزلۈك كېلىسىز (خۇددى ئوڭ-قوللۇق ۋە سول-قوللۇق ئادەم بولغىنىدەك، ئادەملەر سول كۆزلۈك ۋە ئوڭ ئۆزلۈك دەپمۇ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئەگەر ئىنگلىزچە بىلسىڭىز، ھەمدە بۇ ساھەدە كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشنى ئىستىسىڭىز، http://www.sciencedaily.com/releases/2007/03/070323135954.htm نى كۆرۈپ بېقىڭ).
ماتېماتىكىدا ئالگېبراغا قارىغاندا گېئومېتىرىيىنى ياخشىراق كۆرىسىز.
رىقابەتتىن قورقىسىز.
سىزنى قانچە ئەركىن قويۇۋەتسە، ئىشنى شۇنچە ئۈنۈملۈك قىلىسىز.
ئويۇننى ھېچ بىر مەقسىتىڭىز يوق ھالدا پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈنلا ئوينايسىز.


7. ئوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىشنىڭ ئىككى ئۇسۇلى


ئەگەر بىز مېڭىمىزنىڭ بىر يېرىمى يەنە بىر يېرىمىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلساق، ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي بولغان ئوڭ مېڭىمىزدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىمىز ئۆز ھاياتىمىزنىڭ قانداق بولۇشىغا نەقەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. ئوڭ مېڭىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى قانچە تولۇق ئىشقا سالالىساق، ۋاقىت ۋە ھازىرقى ئەھۋاللارنى شۇنچە مۇكەممەل كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، شۇنچە مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا شۇنچە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بىز كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچى ۋە نېمە بولماقچى ئىكەنلىكىمىز توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى شۇنچە توغرا پەرەز قىلالايمىز. تۆۋەندە مەن ئوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىشنىڭ ئىككى ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئوتىمەن.

1) نەزەر دائىرىنى كەڭ تۇتۇش

بىز بەزىدە بىر كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن سول مېڭە مۇھىتى ۋە ئويلاش شەكىللىرىدىن چىقىپ كېتىپ، ئوڭ مېڭە مۇھىتىغا كىرىپ قالىمىز. مەسىلەن، بىر سۆيۈملۈك كىشىمىزنىڭ ۋاپات بولۇشى، بىر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولىشىمىز، بىر ئىقتىسادىي زىيانغا دۇچ كېلىشىمىز، ياكى بىر قاتتىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىمىز بىزنى ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ، ئۆز ھاياتىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۆزىمىزدىن مۇنداق قىيىن سوئاللارنى سوراشقا مەجبۇرلايدۇ: «مەن ئۈچۈن زادى نېمە ئەڭ مۇھىم؟»، «مەن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن؟»

ئەمما، ئەگەر سىز تەشەببۇسكار (ئىنگلىزچە «proactive») بولسىڭىز، سىز مەلۇم بىر كۈتمىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال يۈز بېرىپ، ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىنى ساقلاپ تۇرمايلا، ئوڭ مېڭىڭىزنى ئۆزىڭىز ئاڭلىق ھالدا ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيسىز. بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرچانلىقىنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىش. مەسىلەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ماتەم مۇراسىمىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ، ھەمدە باشقىلار سىزنىڭ ماتەم مۇراسىمىڭىزدا ئوقۇيدىغان سىزنىڭ مەدھىيە سۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تەپسىلىي يېزىپ بېقىڭ. ئاندىن «مۇشۇ مەن ئىستىگەن ھاياتلىق شۇمۇ؟» دەپ چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز پەقەت يەنە بىر يىللا ياشىيالايدىغان بولسىڭىز، سىز بۇ بىر يىلنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا بىر پىلان تۈزۈپ بېقىڭ.

ئوڭ مېڭىڭىزنى ئاڭلىق ھالدا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى، سىز توي قىلغىنىڭىزغا 25 يىل بولغان ۋە 50 يىل بولغان خاتىرە كۈنىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈش. بولسا بۇنى خانىمىڭىز ياكى ئېرىڭىز بىلەن بىرلىكتە قىلىڭ. ئاشۇ 25 ياكى 50 يىل جەريانىدىكى ھەر بىر كۈندە سىز ئائىلە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەر ئاققۇزۇپ ئېرىشمەكچى بولغان ئەھۋاللارنى تولۇق تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

سىز ھازىرقى كەسپىڭىز بىلەن شۇغۇللىنىپ، پېنسىيە يېشىغا توشقان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. سىز ئۆز كەسپىڭىزدە قانداق تۆھپىلەرنى يارىتىشنى، قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىستەيسىز؟ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟

سىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىزنىڭ مىللىتىڭىز، سىزنىڭ خەلقىڭىز سىزنى قايسى تەرىقىدە ئەستە ساقلىشىنى ئىستەيسىز؟ ئۇلار سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى قايسى شەكىلدە خاتىرىلىشىنى ئارزۇ قىلىسىز؟ سىز ئۈچۈن خەلقىڭىز كەلگۈسىدە ئۆز پەرزەنتلىرىنى سىزنىڭ قەبرىڭىزگە ئاپىرىپ، قەبرىڭىزگە گۈل قويۇپ خاتىرىلەپ كەلگىنى مۇھىممۇ، ياكى ئۇلار سىزنىڭ ئانا تىلنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر يوقاپ كېتىش تەھدىتى ئاستىدا قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇشتەك تارىخىي جىنايىتىڭىز ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى قەبرىڭىزنىڭ ئۈستىگە تەرەت قىلدۇرۇپ قايتىپ كەلسىمۇ مەيلىمۇ؟

يۇقىرىقى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئىمكانقەدەر ئوي-پىكرىڭىز كەڭ-كۆلەملىك بولسۇن، مەزمۇن كونكرېت بولسۇن، ھېسسىيات كۆپرەك بولسۇن، پايدىلانغان سېزىمىڭىزنىڭ تۇرلىرىمۇ ئىمكان قەدەر كۆپرەك بولسۇن. سىز بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز. سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىملىقى، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە بولماقچى ۋە نېمە ئىشلارنى قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ چىقىشقا ئىنتىلگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى قاتتىق ھۆرمەتلەيدىغان بولىسىز. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى بۈگۈن ۋە ئەتىنىڭ دائىرىسى ئىچىدىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن جىق كەڭ بولغان بىر دائىرە ئىچىدە ئويلايدىغان بولىسىز.

2) تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش

ئىنگلىزچىدا «شەخسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى» ياكى «شەخسىي لېدىرلىق ئىقتىدارى» دېگەن بىر ئۇقۇم بار. بۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر ھەرگىز بىر ۋاراق قەغەزگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات پىلانىنى (ئىنگلىزچىدا بۇ يەردىكى «پىلان» نى «mission statement» دەيدىغان بولۇپ، مەن بۇ يەردە «mission statement» گە تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان باشقا ئۇيغۇرچە سۆز تاپالماي قالدىم) يېزىپ چىقىش بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرى بىلەن ئۆز قىممىتىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارغا توغرىلايدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇنداق ياشاش يولىنى تاللىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك پىلانىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، توختىماي ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ مېڭىشىڭىزدا، سىزنىڭ كۈچلۈك ئوڭ مېڭىڭىز سىزگە ناھايىتى زور ياردەم قىلالايدۇ.

مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى بىر-ئىككى يازمىسىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك، مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئوقۇشنى ئەڭ ئاخىرقى پەللىگىچە ئوقۇش، ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىقىشنى ئۆزۈمنىڭ ھاياتلىق پىلانى قىلىپ تۇرغۇزدۇم. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بولسا بۇ ئۈچ پىلانغا «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەننى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت يەنە بىر پىلاننى قوشتۇم. شۇنىڭدىن تارتىپ مەن ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشلارنى ئاشۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىقمۇ-ئەمەسمۇ، دېگەن ئاساستا تاللىدىم. ئادەم ياش ۋاقتىدا ھەۋەسلىنىپ قىلىدىغان ئىشلاردىن ئاساسەن ۋاز كەچتىم. ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ئوقۇشى، چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشى ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدىن ئىبارەت ئۇچ ئىشىمنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ياخشى ئىشلىدىم. «ئادەم جاپا-چەككەنگە ۋە قاتتىق ئىشلىگەنگە ئۆلۈپ قالمايدۇ» دېگەن سۆزنى باشتىن-ئاخىر ئۆزۈمنىڭ روھىي يۆلەنچۈكى قىلىپ، ھەر كۈنى 12 سائەتتىن 16 سائەتكىچە ئىشلىدىم. مەن بۈگۈنكى كۈنگە مانا ئاشۇنداق بىر يولنى تۇتۇش ئارقىلىق ئېرىشتىم. ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بۇ ئەھۋال مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلىگەن ئۇقۇملارغا ماس كېلىدىغان بولغاچقا، مەن ئۇنى بۇ يەردە يەنە قىسقىچە بايان قىلىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

يۇقىرىدا مەن «تەسەۋۋۇر قىلىش» ئۈستىدە قىسقىچە توختالدىم. ئەمدى «مۇئەييەنلەشتۈرۈش» ئۈستىدە ئازراق توختىلاي. مەن بۇ ئۇقۇمنى بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرىمەن. سىزنى ئۆز پەرزەنتىگە ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر كۆيىدىغان دادا بولۇپ، بۇنى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پىلانى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم قىممەتلەرنىڭ بىرسى دەپ بېكىتكەن، دەپ پەرەز قىلايلى. ھەمدە سىزنى ھەر كۈنى باللىرىڭىزنىڭ قىلغان ئىشىدىن رازى بولماي، ئاچچىقلاپلا يۈرىدىغان بىرسى، دەپ ئويلايلى. ئاشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوڭ مېڭىسىنىڭ تەپەككۇر قىلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بىر «مۇئەييەنلەشتۈرۈش خېتى» يېزىپ تەييارلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ كۈنلۈك تۇرمۇشىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممەتلىرىنىڭ بىرسى بىلەن زىچ ماسلاشتۇرالايسىز. بۇنداق «مۇئەييەنلەشتۈرۈش خېتى» نىڭ مۇنداق بەش ئالاھىدىلىكى بولىدۇ: ئۆزىگە خاس بولۇش، ئىجابىي بولۇش، ھازىرقى ئەھۋال ئۈستىدە بولۇش، كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان بولۇش، ۋە ھېسسىياتقا باي بولۇش. شۇڭلاشقا سىز مۇنداق بىر خەتنى يېزىشىڭىز مۇمكىن: «مەن مۇنداق بىر ئىش بىلەن چوڭقۇر قانائەتچانلىق ھېس قىلىمەن: بالىلىرىم توغرا ئىش قىلمىغاندا، مەن ئۇلارغا ئەقىل ئىشلىتىپ، كۆيۈنۈپ، كەسكىنلىك بىلەن، ھەمدە ئۆز-ئۆزۈمنى كونترول قىلغان ئاساستا مۇئامىلە قىلىمەن.» شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كۈنى بىر قانچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، كۆڭلىڭىز بىلەن بەدىنىڭىزنى بىر راھەت، بېسىمسىز ھالەتكە ئەكېلىپ تۇرۇپ، شۇ بىر كۈندە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بالىلىرىڭىزنىڭ توغرا قىلمايدىغان ئىشلىرىنى تەپسىلىي كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. سىز ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقنىڭ رەختىنى، پۇتىڭىزنىڭ ئاستىدىكى يەرنى، ئۇچىڭىزدىكى پوپايكىنى، قىزىڭىز كىيىدىغان كۆڭلەكنى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. سىز بۇ ئىشلارنى قانچە جانلىق ۋە تەپسىلىي تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، ئۇ ئىشلار راستىنىلا يۈز بەرگەندە ئۇلار سىزگە ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىي ئەھۋال بولۇپ تۇيۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىڭىز ئادەتتە سىزنى قاتتىق خاپا قىلىدىغان ئىشتىن بىر قىلسا، سىز ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلماي، سىز ئاللىقاچان ئۆز كۆڭلىڭىزدە مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك، بۇ ئەھۋالنى چوڭقۇر سۆيگۈ، كۈچلۈك ئەقىل-پاراسەت ۋە ئۆز-ئۆزىڭىزنى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلغان ئاساستا ياخشى بىر تەرەپ قىلىسىز.

دېمەك، «تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش» ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى پروگراممىلاش جەريانىدۇر. بۇ جەرياندا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقىنىڭ بىرسى بولغان ئىجادكارلىققا ۋە تەسەۋۋۇرغا باي ئوڭ مېڭىڭىزدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك پىلانىڭىزنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرىسىز. ئەگەر خاتا نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، چوقۇم خاتا نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز. ئەگەر سىز يۇقىرىقىدەك بىر قەغەز يۈزىگە يېزىلغان «مۇئەييەنلەشتۈرۈش خېتى» بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، سىز ھەر كۈنى ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ماڭىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۆزىڭىزنىڭ جەمئىيىتى، ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكۈمىتى، ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىسىيەتلىكى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىتى سىزىپ بەرگەن سىزىق بىلەن ئەمەس، ئۆزىڭىز تاللىغان قىممەت سىستېمىسى بويىچە ياشاپ ماڭىسىز.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان ماتېماتىكا دوكتورى Charles Garfield NASA دا ئىشلىگەن بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ يەردىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىغا ھەيران قالغان. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى كىشىلەرنى ياخشىراق چۈشىنىپ بېقىش ئۇچۇن، ئۇ پسىخولوگىيە كەسپىدە يەنە بىر دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئىشنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ياخشى قىلىدىغان كىشىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ئۆمرىدە چوڭ ئىشلارنى قىلالىغان كىشىلەرنىڭ بىر ئورتاق خاراكتېرى، ئۇلار يىراقنى كۆرەلەيدىكەن، ۋە كەلگۈسىنى توغرا تەسەۋۋۇر قىلالايدىكەن.


8. ئاخىرقى سۆز


مەن ئالدىنقى قېتىم تەييارلىغان «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن يازما تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەردىن ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. ۋەتەندىكى باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنىمۇ بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە، مەن Google ئارقىلىق ماقالىنىڭ تېمىسىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ، ئاشۇ ماقالىنى چىقارغان، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ياسىغان 66 ئۇيغۇرچە تور بېتىنى تېپىپ، ئۇلاردىكى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم. مەن ئۇ ئىنكاسلارنى ئوقۇش ئارقىلىق خېلى كۆپ يېڭى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. ھەمدە زور ئىلھام ئالدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رىندان ئەپەندىم «ئەركىن سىدىق نېمە دېمەكچى» (http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-81439-fpage-0-toread--pa ge-1.html) دېگەن بىر تېمىدا، ۋە بىدار-قۇتلان ئەپەندىم «بىز قاغىدىن ئاق، سېغىزغاندىن ساقمۇ؟» ( http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=20308 ) دېگەن بىر تېمىدا يازما تەييارلاپتۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يازغىنى مېنىڭ يازمامنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ بېرىدىغانلىقى مۇقەررەر. غالىپ بارات ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ 2002-يىلى يازغان، مېنىڭ يازمام بىلەن ئوخشاش مەقسەتتىكى بىر يازمىسىنى بىر قىسىم تور بەتلىرىگە چىقىرىپ قويۇپتۇ ( http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=1711 ). مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن يازمىنى تەييارلاش، ئۇنىڭدىن مىڭلىغان، ئوڭ-مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەۋەردار قىلىش، ھەمدە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يولىدا كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا، مېنىڭ بۇ يازمامغا قارىتا سەمىمىي ئىنكاس يېزىپ قالدۇرغان بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە چىڭ كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. شۇنداقلا قولىدىن كېلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەن يازغان نەرسىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلايدىغان، كېڭەيتىدىغان ۋە بېيىتىدىغان نەرسىلەرنى يېزىپ يوللاپ تۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 66 تور بېتىدىكى ئىنكاسلار ئىچىدە «بىز قانداق قىلساق ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايمىز؟» دېگەن سوئالنى بىر قانچە يەردە ئۇچراتتىم. مەن ۋەتەندىكى ياشلاردىن ئېلخەت ئارقىلىقمۇ «سىزچە بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلساق بولار؟» دېگەن سوئالنى پات-پات تاپشۇرۇپ ئېلىپ تۇرۇۋاتىمەن. بىز بۇنىڭدىن ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مىللەت تەقدىرىگە بولغان ئەندىشە ۋە ئەنسىرەشنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىش مەسىلىسىدە، ھازىر ھەر بىر ئۇيغۇر دۇچ كەلگەن تاللاش يولى، بىر-بىرىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەتلەشكەن بىر جۈپ ياشنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرى قىلىنغاندىكى تاللاش يولى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ بىر جۈپ ياشنىڭ بىرسى بولۇپ قالسىڭىز، قانداق قىلاتتىڭىز؟ مېنىڭچە سىزگە مۇنداق ئىككى ئاساسلىق يول بار. ئۇنىڭ بىرسى تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىپ، خېروئىن ياكى يەنسۇئەن چۈمادو ( http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-20274.html نى كۆرۈپ بېقىڭ) ئىشلىتىپ، سول ۋە ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ بىر قىسىم ياكى مۇتلەق كۆپ ئىقتىدارىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ دەرت-پەرياتلىرىنى يوشۇرۇپ ياشاش. بۇ يولنى تاللىغانلارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى ياش تۇرۇپلا بۇ ئالەمدىن ئايرىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئاشۇنداق بىر چۈشكۈنلەشكەن ۋە زەئىپلەشكەن ھالەتتە يەنە خېلى ئۇزۇن ياشىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىگە، جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىكى ۋە زىيانلىرى ياش تۇرۇپلا تۈگەپ كەتكەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن. روشەنكى، بۇنداق ئادەملەر خەلق-ئالەم ئالدىدا ئانچە زور قىممەتكە ئىگە ئەمەس، ياكى بولمىسا مىنۇس قىممەتكە ئىگە. سىز تاللىسىڭىز بولىدىغان يەنە بىر يول، مۇشۇ يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئوڭ مېڭىنى ئىشقا سېلىش ئۇسۇلى بويىچە ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھايات پىلانىڭىزنى ئەستايىدىل تۈزۈپ چىقىپ، بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىزنى ئاشۇ ھايات پىلانىڭىزغا توغرىلاپ تۇرۇپ ياشاش.

ئەگەر سىز يۇقىرىقى مىسالدىكى بىر جۈپ ياشنىڭ بىرسى بولۇپ قېلىپ، سىزنى قىز دوستىڭىز ياكى ئوغۇل دوستىڭىز تاشلىۋەتكەن بولسا، سىزنىڭ كېيىنكى قېتىم مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولماسلىقىڭىزنىڭ بىر شەرتى، سىز كەم دېگەندە ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش، ياكى مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىزنى ھەر جەھەتتە ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك كۈچلەندۈرۈش. بۇ ئىش بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. سىز پەقەت ئوز كۈچىڭىزگە تايىنىپ بۇرۇنقىدىن كۈچلىنىپ ماڭغاندىلا، ئۆزىڭىزنىڭ نەرسىلىرىنى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويمايسىز. بەزىلىرىنى تارتتۇرۇپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىغا قايتا ئېرىشەلەيسىز.

مەن ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئالدىنقى بىر قىسمىدا تەسۋىرلىگەندەك، ئادەمنىڭ ئوڭ مېڭىسى ئادەم بىر تاسادىپىي ئېچىنىشلىق ۋەقەگە يولۇققاندا ئەڭ ياخشى ئىشلەيدۇ. مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوڭ مېڭىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىشقا سېلىشنىڭ پۇرسەتلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئەتراپىڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئوبدان سەپ سېلىپ بېقىڭ. قۇلىقىڭىزغا كىرىۋاتقان ئاۋاز-ئۇچۇرلارغا ئوبدان دىققەت قىلىپ بېقىڭ. ئىشىنىمەنكى، ئەگەر «ئۇيغۇر» دېگەن بىر نەرسە سىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزدا بىر مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەنلا بولسا، ھازىر كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈش ۋە ئۇچۇرلاردىن، قۇلىقىڭىز بىلەن ئاڭلاۋاتقان ئاۋازلاردىن ئۆزىڭىزنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئويغىتىپ، ئىشقا سېلىپ، ئاكتىپ ساقلايدىغان نەرسىلەردىن بىر دەمدىلا بىر مۇنچىسىگە ئىگە بولالايسىز. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇپمۇ ئاشۇ ئىشلارنى مەلۇم دەرىجىدە قىلىپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا سىزنىڭ ئاشۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭىزغا تېخىمۇ بەكرەك ئىشىنىمەن.

1970-يىللارنىڭ بېشىدا مەن تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، مېنىڭ دادام ئىشلەيدىغان مەكتەپ بىر ھەربىي پولىكىنىڭ رەھبىرىي ئورنى قىلىپ ئىشلىتىلدى. ھەر شەنبە كۈنى ئاخشىمى مەكتەپنىڭ مەيدانىدا ھەربىيلەرگە كىنو قويۇپ بېرىلەتتى. مەلۇم بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن كىنو قويغۇچىنىڭ ۋاسكېتبول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ۋاسكېتبول مەيدانىنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇرۇپ، ئۇ كىنو قويغۇچى مەيداننىڭ سىرتىغا توپ باشلاش ئۈچۈن چىققاندا، مەن ئۇنىڭدىن: «بۈگۈن نېمە كىنو قويۇلىدۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا «لاۋۋېي» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى، توپ ئويناۋاتقان قالغان ھەربىيلەرنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇ چاغلار بىز ھەر كۈنى مەكتەپتە ماۋ زېدوڭنىڭ «خەلقنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، خەلقنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمايدۇ» دېگەندەك سۆز-ئۈزۈندىلىرىنى ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىت ئىدى. يۇقىرىقى جاۋاب مېنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. غۇرۇرۇمغا قاتتىق تەگدى. مەن نەچچە كۈن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالمىدىم. بىر ھەپتە تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالمىدىم. نەچچە قېتىم ئۇ كىنو قويغۇچىنىڭ ئۇستىدىن ئەرز قىلىشنىمۇ ئويلىدىم. لېكىن، ئۇ توپ ئوينىغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ، مەكتەپتە تۇرۇۋاتقان بارلىق ھەربىيلەرنىڭ ئىچىدىمۇ بىرەر ئۇيغۇر بولمىغاچقا، ئەگەر مەن ئەرز قىلسام، قالغان توپ ئوينىغۇچىلار «بۇ بالا يالغان گەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۇنداق دېمىدى.» دەيدىغانلىقىغا، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئەرزىم قىلچە ئاقمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. بۇ ۋەقە ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا خۇددى تۈنۈگۈن بولغاندەكلا تۇرىدۇ. مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەمسىتىلگەن، ئىنسانلىق غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىنغان ۋەقەلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئېسىمدە ھازىرمۇ ئەينەن ساقلاقلىق. ھەر قېتىم ئىرادەم بوشاپ قالغاندا، مەن ئاشۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەيمەن. بالىلىق دەۋرىمدە دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى، يۇرتۇمدا يۈز بەرگەن ھەر خىل پاجىئەلەرنى ئەسلەيمەن. يۇرتتىكىلەر ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل خورلۇقنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن روھلىنىپ كېتىمەن. نۇرغۇن ياشلار مەندىن «سىزنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىل شۇنچە قاتتىق تىرىشىپ ماڭالىشىڭىزدىكى سىر نېمە؟» دەپ سورىغان ئىدى. بۇ سىر، مېنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك بىر ھايات پىلانىمنىڭ بولۇشى، ئۆزۈمنىڭ ھەممە ھەرىكىتىنى ئاشۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرىلىغانلىقىم، ھەمدە مۇشۇ يەردە سۆزلەپ ئوتكەن ئۇسۇل بىلەن ئۆزۈمنى توختىماي روھلاندۇرۇپ تۇرغانلىقىمدىن ئىبارەتتۇر. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى بىر يازمىسىدا «ئادەم خۇددى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرالىغىنىدەك، غەزەپنىمۇ ۋە نەپرەتنىمۇ كۈچكە ئايلاندۇرالايدۇ.» دېگەن ئىدىم. مېنىڭ بۇ سۆزۈمدە نېمە كۆزدە تۇتۇلغانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە ھازىر ئايدىڭ بولدى، دەپ ئويلايمەن.

بىدار-قۇتلان ئەپەندى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى يازمىسىدا 1901-1937 يىللاردا ياشىغان داڭلىق ئۇيغۇر مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ( http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=295&extra=p age%3D1 ) ئەپەندى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى چاغدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۇنۋان باھالاپ بەرمىسىمۇ، تۈرلۈك ياردەملەر بېرىلمىسىمۇ، ئەكسىچە خاھ ھۆكۈمەتتىن، خاھ نادان خەلقتىن قىلچە خۇشاللىق كۆرمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ۋەزىپىسىنى تونۇپ، ئوت ئىچىدە ياشىغان ئىكەن.» مەن ئۆز ئۆمرۈمدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەمتىلى تەۋپىقتەك ئادەملەرنى كۆپ ئۇچراتتىم. ھازىرمۇ ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمەن. بەزىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە ئاخشام قونۇپ، ئۇزۇن-ئۇزۇن پاراڭلىشىپ كەلدىم. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوبدان سەپ سالسىڭىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن ئاددىي. ئوي تۇتۇشىمۇ ناھايىتى ئاددىي. ئويىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئانچە تايىنى يوق. بالىلىرىنىڭ ئويۇنچىقىمۇ يوق. تۇرمۇشقا بولغان ھەۋىسى ۋە تەلىپىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن – ئۇلار پەقەت ئاچ قالمىسا، يالىڭاچ قالمىسا، ئويسىز قېلىپ تالاغا چىقىپ قالمىسىلا بولدى. لېكىن تاپقىنىنىڭ ھەممىسىنى مىللەتكە ئاتايدۇ. ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلالايدۇ، بىلەمسىز؟ ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن ئۆمۈرلۈك ھاياتى ئائىلە، كەسىپ، جەمئىيەت، مىللەت ۋە ۋەتەن قاتارلىق ئوخشىمىغان نەرسىنى مەركەز قىلغان بولىدۇ. مەمتىلى تەۋپىققا ئوخشاش كىشىلەر مىللەتنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىنىڭ مەركىزى قىلغان. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆزىنىڭ مىللەتكە قوشقان تۆھپىسى ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ. مىللەت ئۈچۈن قىلغان ئىشىدىن قانائەتچانلىق ھېس قىلىدۇ. مىللەتكە قىلغان ئىشىدىن بەخت تاپىدۇ.

ھەممە ئادەمدىن مەمتىلى تەۋپىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كىشىلەر ئۆزىگە قويغان تەلەپ بىلەن ئوخشاش تەلەپنى قويۇش ئورۇنلۇق ئىش ئەمەس. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىشمۇ ئەمەس (ئېھتىمال بۇنىڭدىن 5-6 ئەسىر ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار مىللىي روھنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، مىللىي روھقا ئېتىقاد قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى سوراپ ياشىغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزىگە ئاشۇنداق تەلەپ قويۇپ ياشىغان بولۇشى مۇمكىن). لېكىن، بىر ئادەم ئائىلە، كەسىپ ۋە جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە بىر تەڭپۇڭلاشقان ھاياتنى ساقلاپ تۇرۇپمۇ، مىللەت ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. ھەر بىر ئادەم ئۆز تۇرمۇشىدا ئوخشىمىغان روللارنى ئادا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ساھەدە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ بىر شەخسى بولۇش، بىر ئائىلە باشلىقى بولۇش، بىر دادا بولۇش، بىر ئىنژېنېر بولۇش، ۋە بىر ئۇيغۇر بولۇش رولۇم بار. بۇ روللارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھايات پىلانىڭىزنى ئۆز ھاياتىڭىزدىكى مۇھىم روللار بويىچە يېزىپ چىقسىڭىز، ئۇ پىلان ناھايىتى تەڭپۇڭلاشقان بولىدۇ. بۇنداق پىلان سىزنىڭ ھەر بىر رولىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزدا ئىنتايىن روشەن نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. سىز شۇ ئارقىلىق ئۆز روللىرىڭىزنى مۇددەتلىك تەكشۈرۈپ، مەلۇم بىر رولنىڭ سىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋېلىشى بىلەن باشقا مۇھىم روللارنى ئادا قىلالماي قېلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئۆمۈرلۈك ھايات پىلانىنى ئويلاش ئوڭ مېڭىنىڭ ئىشى. ئۇنى يېزىپ چىقىش بولسا سول مېڭىنىڭ ئىشى. ئەگەر سىز ئۇنى يېزىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىپ، ئۆزىڭىز قانائەتلەنگۈدەك يېزىپ چىقالماي قالسىڭىز، ئارىلىقتا بىر ھەپتىدەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئۇنى سول قولىڭىزدا يېزىپ بېقىڭ (سول قولىڭىزنى ئوڭ مېڭىڭىز باشقۇرىدۇ؛ ئۇنى چىرايلىق يازالمىسىڭىز كېرەك يوق). ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق مۇھىم روللىرىنى يېزىپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى سىز ئاشۇ روللارنىڭ ھەر بىرسىدە يەتمەكچى بولغان ئۇزۇن-مۇددەتلىك نىشانلىرىڭىزنى بىر-بىرلەپ يېزىپ چىقىڭ. بۇ جەرياندا ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئىجات قىلىش ئىقتىدارىدىن، قەلبىڭىزدىكى سىزگە نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدىغان ئىچكى سېزىمىڭىزدىن، ۋە سىز ھازىرغىچە باشقا ئۈلگىلەردىن ئېرىشكەن ئىلھاملاردىن تولۇق پايدىلىنىڭ. مۇشۇنداق تۈزۈپ چىققان نىشان سىزنىڭ توغرا پرىنسىپىڭىز بىلەن بىرلەشكەن بولىدۇ. تېببىي قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ نىشانلار باشقىلار سىزگە تۈزۈپ بەرگەن نەرسە بولماستىن، سىزنىڭ ئۆز نىشانلىرىڭىز. ئۇنىڭدا سىزنىڭ چوڭقۇر قىممەت قارىشىڭىز، سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس تالانتىڭىز، ۋە سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇلىرىڭىز ئەكس ئەتكەن. ھەمدە ئۇلار سىزنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق تاۋلانغان. شۇڭلاشقا ئۇلار ناھايىتى مۇكەممەل بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىز تاللىغان روللار بىلەن ئاشۇ ھەر بىر روللاردىكى سىز بېكىتكەن نىشانلار سىزنىڭ ھاياتلىق يولىڭىز بىلەن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالنىڭ نۇرغۇن جاۋابلىرى بار. ئۇنىڭ بىرسى: «قانۇندىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداڭ.» ئەمدى «قايسى قانۇندىن؟» دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. سىز ئىشنى http://dewr.blogbus.com/ تىكى بەزى قانۇنلارنى ئوقۇشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.

مەن ئۇشبۇ يازمىنى يېزىپ تەييارلاش ئۈچۈن كۆرگەن كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ ھېچ بىرسىدە «مىللەت» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان ئەمەس. ئۇنداق بولۇشى، بۇ كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ يازغۇچىلىرى تەۋە بولغان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىغىدىندۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۇتىدىغان يولى بەلگىلەيدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى، ئورۇپ-ئادىتى، ئەخلاقى، ۋە قىممەت قارىشىنى، قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەر بىر ئادەم ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. مەن بۇ نەرسىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېچ قانداق ۋاقىتتا ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

ئەگەر بۇ يازمىدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرى ئىشلىمەي قالسا، سىز مەرىپەت تور بېتى www.meripet.com نىڭ ئەڭ ئاستىدىكى "ئەركىن سىدىق يازمىلىرى" دېگەن سەھىپىگە كىرىپ، مېنىڭ مۇشۇ يازمامنىڭ ئۇيغۇر لاتىن ھەرپلىرىدە يېزىلغان نۇسخىسىنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىشلەيدۇ.

تەھرىرلىگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى ( http://www.orkhun.com ) دىن Yawuz.
تېما تەستىقلىغۇچى : kunkiz
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-02, 02:35
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-02 03:07 AM |
Zulpikar Barat Ozbax
zulpiya626
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 33451
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 95 نۇمۇر
پۇل: 317 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

بۇنىڭدىن ناھايىتى مۇھىم نەرسىنى بىلىۋالدىم .
رەھمەت.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 11:52 AM |
Adil Mijit Bilan sohbat
125222
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34199
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

 

رەھمەت سىزگە  ! ئەركىن سىدىق ئەپەندى......
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 01:30 PM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
elhushtar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26551
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 149 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-02

 

ئەركىن سىدىق ئەپەندىگىمۇ، ياۋۇز ئەپەندىگىمۇ رەھمەت.



ياغما بلوگى
Okyan
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 02:24 PM |
Adil Mijit Bilan sohbat
كىتاپ1
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34202
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

 

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا؟
مەن سىز نى 2004-يىلى ساۋاقداشلىرىم ئارقىلىق ئاڭلىغان،بۈگۈن تۇنجى قىتىم سىزنىڭ ماقالىڭىز بىلەن ئۇچىراشتىم،ھەقىقەتەن سىزگە قايىل بولدۇم،بىزدىن يىراق جايدا بولسىڭىزمۇ،بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجىرتىپسىز.سىزنىڭ ماقالىڭىز بىزدەك ئىچكىرنى پۈتتۇرۇپ،خىزمەت تاپالماي،جەمئيەت،ئائىلە بېسىمى تۈپەيلىدىن،چۈشكىنلىشىپ كەتكەن ، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي ،تېڭىرقاپ يۈرگەن نۇرغۇن ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر كومپاس بولۇپ بەرگۈسى.
ھازىر،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش تېپىش نىسپىتى ناھايتتى تۆۋەن،بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش،تەرەققى قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار روھىي بېسىمگە ئۇچىراپ خۇددى سىز ماقالىڭىزدا ئېيتقاندەك،ياردىن ئايرىلىپ تويۇق يولغا ماڭماقتا.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 02:40 PM |
Yurtum Elani
gulmakan
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31523
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 113 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-02

 

سىزگە كۆپ رەھمەت ، ئەركىن سىدىق ئاكا ! ھەر قىتىم سىزنىڭ ماقالىڭىزنى ئوقۇساملا روھلىنىپ كىتىمەن.ئادەم بىر ئىشنى قىلىۋىتىپ ئىرادىسى بوشاپ قالغاندا،ئۆز ھاياتىدا يۈز بەرگەن ،كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان،ۋىجدانىنى قاينىتىدىغان، يەنىمۇ تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان رىئال ئىشلارنى ئويلىسا يەنە قايتىدىن يوقىرى كەيپىياتتا ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ!!!ماقالىڭىزنى ئوقۇپ مەندە يەنە مىڭە ئىشلىتىش ھورۇنلۇقى بارلىقىنى سەزدىم.سىز يازمىلىرىڭىزنى بەك چۈشىنىشلىك يازىسىز،شۇنداق يەڭگىل.سىزنىڭ شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ ،يەنە بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر يۈرۈش جانغا ئەسقاتىدىغان ماقالىلەرنى يىزىشىڭىز مىنى بەك تەسىرلەندۈرىدۇ.بىز ھورۇنلۇق قىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا سىزنىڭ مۇشۇ تىنىم تاپماس روھىڭىزنى ئويلىساق چوقۇم قايتىدىن روھلىنىپ كىتىمىز...
Okyan
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 04:21 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
narazi
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 10067
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 691 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-15

 

رەھمەت ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىزگە ھەقىقەتەن ئەسقاتقۇدەك دەرىس ئۆتۈۋاتىسىز.
مەن بىر نەرسىنى تۇنجى ھىس قىلدىم يەنى سىز دىگەندەك بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز بىر تەرەپتىن چۈشكۈنلۈك پەيدا قىلسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى
نۇرغۇن خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلىقلەرگە قارىغاندا بىزنى تىخىمۇ كۆپ تەپەككۇر قىلىشقا ،تەسەۋۋۇر قىلىشقا ،مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭىچە ئوي پىكىرلەردە بولۇشقا مەجبۇرلايدىكەن دەل مۇشۇ ئەھۋال بەلكىم بىزنىڭ ئوڭ مىڭىمىزنى يۇقىرى چەكتە ئىشلەشكە ،تەرەققى قىلىشقا مەجبۇرلاپ بىزنى مىڭە جەھەتتىن بولسىمۇ  بىر بالداق ئالدىدا مېڭىشىمىزغا پۇرسەت يارىتىدىكەن .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
??
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 04:27 PM |
Yurtum Elani
tugluk103
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 34211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

رەخمەت سىزگە،ئەركىن سىدىق ئاكا ، ھازىرغىچە سىزنىڭ ماقالىلىرىڭزنى بىرنى قويماي ئۇقۇپ كىلۋاتىمەن ، شۇنداق ياخشى پىكىرلىررىڭزنى ئايىماي كۆپچىلىككە تەقدىم قىلۋاتىسز .... ئاللاھ تېنڭزنى سالامەت ، ئىشلرىڭزنى ئۇڭۇشلۇق قلغاي.....
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 04:49 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
hamet
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9339
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 75 نۇمۇر
پۇل: 673 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

 

رەخمەت ، مىڭ مەرتىۋە رەخمەت ، بىز بىلەلمىگەن ئىشلارنى دەپ بەرگىىنىڭىزگە رەخمەت.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 05:00 PM |
Yurtum Elani
alnur0997
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29531
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
پۇل: 353 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 848(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

رەھمەت سىزگە ، مەن دەل مۇشۇنداق مەزمۇندىكى تېمىلارغا قىزىقىمەن دىسە .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 05:46 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
tughqi912
دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 32431
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 125 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 241(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-08

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!
    مەن بۇ تېمىنى كۆرۈپ ناھايتى كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم.ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتىشقا ئاساس بولدى.بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى قانداق مەغلۇبىيەتلەرگە يولۇقايلى،قەتئىي چۈشكۈنلەشمەي،قەتئىي بوشاشماي،ئىرادىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ،يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشتەك بىر غايىگە ئىگە بولدۇم.كاللىمىزدا نېمىنى قىلشتىن ئىبارەت ئۇقۇم ئايدىڭ بولسىلا قىلىغلى بولمايدىغان ئىش يوق.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 06:41 PM |
Yurtum Elani
kalkvn117117
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 29057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 724
شۆھرەت: 734 نۇمۇر
پۇل: 454 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 557(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

 

يۇرۇتتىن ئايرىلىپ مۇساپىرچلىق ، غېرپلىق ئچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭز ، ئەجىرىڭز مېۋە بەرگۈسى . بىزمۇ سىز دەك ئويلشمىز مۇمكىن .
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
باشىقىلار بىلدىغان ئەڭ ئاددىنمۇ ، بىلمەسلكىمز مۇمكن .
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 07:08 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
muzatdaryasi
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 24931
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 347
شۆھرەت: 397 نۇمۇر
پۇل: 1349 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 371(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-18

 

      بۇ يازمىنىمۇ تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، بەزى شەخسىي مەسلىلىرىمنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ھېسسىي قارارلارنى چىقىرىۋالدىم، دېمەك يول ئېچىلدى.
ئوتتۇرىدىكى مىسال بەك تەسىر قىلدى.
قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك!!!
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 08:17 PM |
Yurtum Elani
muallp
مەن كىم؟
دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 19682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 565
شۆھرەت: 618 نۇمۇر
پۇل: 2202 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 892(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

    
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چىن ئىنسانلاردىن بولسامكەن دەيمەن...
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 09:51 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
jasur721
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6001
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 646 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-12

 

دىققەت
دىققەت
ئۇيغۇر قېرىنداشلار دىققەت!!!!!!
   مەن بۇگۈن شىنجاڭ دائىرسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇھىم بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قويماقچى. «شىنجاڭ دۆڭكۆۋرۈك يىمەك - ئىچمەك كەسپى تەربىيلەش مەكتىۋى»  نامرات يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇتۇپ،ئۇلارنى ئىشقا ئوۇنلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ ،مەكتەپكە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ،ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق ئوقۇتمايلا ،ئۇلارنى پاراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ،ئۇلارنى ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرىدىكى شاڭخەي ،خاڭجۇ،بېيجىڭ،يىۋۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ھەرقايسى رېستوران،تېز تاماقخانا ۋە بىر قىسىم كىچىك ئاشىخانىلارغا توختام تۈزۈپ سېتىۋەتكەن، بۇ ئوقۇغۇچىلار  مەكتەپنىڭ مېخمانخانا مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئاشپەزلىك كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ،مەكتەپتىكى ئوقۇش تولۇق ئاياقلاشماي تۇرۇپلا پىراكتىكىغا بۆلۈۋېتىلگەن.ئەمەلىيەتتە مەكتەپنىڭ بىردىن بىر مۇددىئاسى پۇل تېپىش،ئۇقۇغۇچىلار پەقەت بۇل تېپىش ۋاستىسى خالاس!
نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى كىچىك(يەنى16-20ياش ئەتراپىدا)بولغاچقا قانونى ۋاستە بىلەن ئوزىنى قوغداش ئقتىدارى كەمچىل.نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تاھازىرغىچە كېلەلمەيۋاتىدۇ،ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىملىكنى ئاشخانا خوجايىنى تارتىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەچكە ،پويىز بېلىتى ئالامىغان،ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى جايلاردا پاراكتىكا قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ  جىسمانىي ھوقوق جەھەتتە ئېغىر خورلانغان
مەن بارلىق ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ   «شىنجاڭ دۆڭكۆۋرۈك يىمەك - ئىچمەك كەسپى تەربىيلەش مەكتىۋى» نىڭ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش توغۇرسىدىكى ھەرقانداق ئۇقتۇرۇشلىرىغا ئىشەنمەسلىكىنى ۋە بۇ ئالدامچى مەكتەپنىڭ قۇرغان توزىقىغا دەسسەپ سالماسلىقىنى ئۇمۇد قىلىمەن.
مەكتەپنىڭ ئادرىسى:ئۇرۇمچى شەھەر ئتتپاق يولى13-نۇمۇر،يەنى دۆلەت سانائىتى مېھمانخانىسىنىڭ قورۇسى ئىچىدە.مەكتەپ تىلفۇن نومۇرى8910145
مەكتەپنىڭ قانونىي ۋەكىلى پەتتارجان  مەكتەپ مۇدىرى:ئابدۇشۈكۈر
يەنە بىر قېتىم تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ،ھەرگىزمۇ مەكتەپنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماڭ!
زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغان ئوقۇغۇچىلار نامىدىن
????????????????
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 07:51 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.097439(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:40
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号