چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 552 قېتىم كۆرۈلدى
parxta
بەخت ئەلچىسى
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 6515
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2739
شۆھرەت: 793 نۇمۇر
پۇل: 209544 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر...(پەرشتە)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ajrim تەرپىدىن (2008-12-04)دە نادىرلاندى
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر!



ئوماق توشقانچىقىم:
سەن ئۆز ۋاقتىدا تولىمۇ ياقتۇرىدىغان، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بۇ ئىسمىڭنى يەنە بىر قېتىم ئاتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن.
بىر مەزگىللىك شىرىن تۇرمۇشىمىزدىن كېيىنكى كۈنسېرى غۇۋالىشىپ كېتىۋاتقان سۆيگۈمىز، تەدرىجى كېڭىيىپ كېتىۋاتقان ئارىلىقىمىز مېنى دەسلەپ گاڭگىرىتىپ قويدى. گاڭگىراش، ئۈمۈتسىزلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، سوۋۇش قاتارلىق روھىي ھالەتلەر ئىچىدە بىر مەزگىل ھالسىزلانغاندىن كېيىن مەن ئۈز كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرىدىغان باشقا يول ئىزدىدىم. بۇ يول مېنى تەدرىجى ئۆزىگە تارتىشقا باشلىدى. مەن ئۇ يەردىن ئۆزۈم كۈتكەن خوشاللىقنى تاپتىم.ماڭا خوشاللىق ئاتا قىلغان ئاشۇ تۇرمۇش لەززىتى ئىچىدە مەن ھەممىنى ، سېنى ، ئوماق پەرزەنتلىرمنى،ئاتا-ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى، ھەممىدىن مۇھىمى ئىنسانىي بۇرچۇمنى ئۇنتۇشقا باشلىدىم..كۈنلەر مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئكتمەتتە ئىدى.............
ئالدىنقى كېچە مېنى قارا بېسىۋالدى. تولىمۇ قورقۇنۇشلۇق .... مەن ئويغىنالمىدىم. ۋاقىرىسام ئاۋازىم چىقمايتى. دەل شۇ چاغدا سەن پەيدا بولۇپ، مېنى بۇ قورقۇنۇشلىق چۇش ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتىڭ. كۆزۈمنى ئاچسام چىلىق- چىلىق تەر ئىچىدە يېتىپتىمەن. يېنىمدا راستىنلا سەن تەرلىرىمنى سۈرتۈپ، ئىسمىمنى چاقىرۋاتاتتىڭ.مەن قايتىدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم...ئەنە شۇ چاغدىلا مەن ئۆزەمنىڭ نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىمنى ئويلاپ قالدىم ھەم يۇرىگىمگە نەشتەر ئۇرۇلغاندەك ئاچچىق تولغىنىش ئىچىدە ئىزتىراپقا چۈشتۈم.ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان شامدەك ھالەتتە كېلىپ قالغان نىكاھىمىزنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولارمۇ؟ دىگەن بىر ئوي ئىچىدە تىنىمسىز ئۈزدۈم.قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كۆمۈلۈپ ئەستىن كۆتۈرۈلگەن شىرىن ئەسلىمىلەر بىردىنلا پارتلاپ ۋۇجۇدىمنى لەرزىگە سالدى. ماڭا نىمە بولدى؟ دەيتتىم ئىچىمدە. خۇداغا شۈكرى ئەسلىدىنلا قېنىمدا بار پاكلىق ئازراق بولسىمۇ ساقلىنىپ قالغانكەن. ۋىجدانىم مېنى سوراققا تارتىۋاتقاندا ئەنە شۇ پاكلىق يۇرىگىمنى قاپلىۋالغان ماناننى سۈرۈپ چىقاردى-دە، ئۇنىڭ ئاستىدا مۇجۇلۇپ ئاجىز ئىڭراۋاتقان سۆيگۈنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە ئاشۇ شىرىن ئەسلىمىلەر ئىچىدىن نىمە ئۈچۈن؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەشكە باشلىدى.
خىزمەتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەن بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ چاغدا سەن تولىمۇ ئۇماق،ھەر بىر سۆزۈڭ ۋە ھەركىتىڭدىن بىر خىل سەبىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان ، سۆزلەپ ھارمايدىغان، كۈلۈپ تىنمايدىغان قىز ئىدىڭ. مەن سېنىڭ ئاشۇ سەمىمىلىكىڭنى، ساپلىقىڭنى ۋە شوخلۇقىڭنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. سەن «ئوماق توشقانچىقىم» دەپ چاقىرىشىمنى تولىمۇ ياقتۇراتتىڭ. بىز تونۇشۇپ بىر يىلدىن كېيىن توي قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەنمۇ بەىتلىك ئىدۇق. كەچتە ئىشتىن چۈشۈشكە، بىر-بىرىمىزنى كۆرۈشكە ئالدىرايتۇق.سەن يۇقۇرىدى ئالاھىدىلىگىڭدىن باشقا يەنە ناھايىتى پاكىز، رەتلىك ۋە ئىشچان ئىدىڭ. يېڭى توي قىلغان چاغلىرىمىزدا مەن سېنى ئايايتىم، ئىشنى تالىشىپ قىلماقچى بولاتتىم. لېكىن سەن نارازى بولغان ھالدا مېنى جىملەيتىڭ.
-سىزچۇ، ئەر كىشى بولغاندىن كېيىن تۆشۈككە ئارىلىشىۋالماي ئەنە ئاۋۇ سافادا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورىڭىزنى كۆرىڭە!
-ۋىيەي ئەر كىشى تۇرۇپ سۈپۈرگىنى ئېلىۋالغىنىڭىز نىمىسى، ئەكىلىڭ سۈپۈرگىنى، ئۆزەم سۈپۈرىمەن.
-ۋاي- ۋۇي يىغقان ئورۇنلىرىڭىزغا قارىڭە،بولدى ئۆەم قىلايچۇ!
-نىمە دەيدىغانسىز، تەييار كىر يۇيۇش ماشىنىسى تۇرسا ئۆزەم بىردەمدە يۇيىۋېتىپلا سىزگە ھەمرا بولىمەن...
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ خىل چەكلەش ، بۇيرۇق، كۆيۈنۈشلەرگە مەنمۇ كۆنۈپ كەتتىم. ئەتتىگەندە مەن تۇرغىچە ناشتىلىق تەييار بولاتتى. ئىش ئورنۇممسەندىن يىراق بولغاچقا چالا- بۇلا ناشتا قىلىپلا ئىشقا چاپاتتىم. مەن ماڭغاندا شۇ پېتى قالغان ئۆي چۈشتە كەلسەم پاكىز، رەتلىك تازىلانغان، يىغىشتۇرۇلغان بولاتتى، تاماقمۇ تەييار بولۇپ قالاتتى.سېنىڭكى قاچانلاردا بۇ ئىشلارنى قىلىپ ئۈلگۈرگىنىڭگە ھەيران قالاتتىم. چۈنكى سېنىڭ ئىداراڭنىڭ تۈزۈمىمۇ چىڭ ئىدى. مەن سافادا ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرگەچ سېنىڭ ئىشچانلىقىڭغا قايىل بولاتتىم ھەم سەن بىلەن توي قىلغانلىقىمغا ئىچ- ئىچىمدىن مەمنۇن بولاتتىم.سەن بىردەمدە تاماقنى پۇشۇرىپ، تاماقتىن كېيىن ئۆيلەرنى رەتلىۋېتىپ قېشىمغا كېلەتتىڭ -دە،سافادا ئولتۇرۇپ بېشىمنى تىزىڭغا قويۇپ، يىپەكتەك يۇمشاق قوللىرىڭ بىلەن چېچىمنى تارىغاچ شۇ بىر كۈنلۈك ھاياتىڭنى ماڭا سۆزلەپ بېرەتتىڭ، مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇراتتىڭ. سەن ماڭا بەكلا كۆيۈنەتتىڭ، ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن قول ياغلىق، پايپاقلىرىمنى يۇياتتىڭ، ئايىغىمنى سۈرتۈپ مايلايتتىڭ، شىملىرىمنى قېقىشتۇرۇپ چىرايلىق قاتلاپ قوياتتىڭ
-كۆينىكىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېلىڭ، ياقىسى كىر بولۇپ قاپتۇ،- دەيتتىڭ دەزماللانغان كۆينەكنى ماڭا سۇنۇپ تۇرۇپ.
-ئىككى كۈن كىيسىڭىز كىر بولمامتى، سېلىڭ، ماۋۇ كۆينىكىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېلىڭ!- دەپ زورلىشىڭ بىلەن تېخى ئانچىلا كىر بولمىغان كۆينەكنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتىم . خىزمەتداشلىرىم، دوسلىرىم مېنىڭ شۇنچىلىك پاكىز ۋە رەتلىك يۈرگىنىمگە ھەۋەس قىلىشاتتى. سېنىڭ ئاشۇنداق سەمىمى كۆيۈنىشلىرىڭ بىلەن مەن بارا -بارا ئالدىمدا تۇرغان قولۇمغا ئېلىپ بەرمىسە تاپالمايدىغان ، بىرەر پىيەلە قايناقسۇنىمۇ ئۆزەم قۇيۇپ ئچەلمەيدىغان ، دەزماللانغان كۆينىكىمنىمۇ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويمىساڭ تېپىپ كىيەلمەيدىغان دەرىجىدە تەييارتاپ بولۇپ كەتتىم. ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئېشىپ بالىلىقمۇ بولدۇق.ئۆيدە ئىش كۆپەيدى. بىراق مەن ھىچ ئىش قىلالمايتىم. پەقەت بالامنى كۆتۈرۈپ بىردەم بەزلەپ تۇرالايتىم. سەن بولساڭ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭ. مەن كۆنۈپ كەتكەن ئادىتىم بويىچە يەنىلا سېنىڭ ھەممىنى جاي-جايىدا قىلىپ بېرىشىڭنى ئۈمىت قىلاتتىم. بىراق سەن ئېشىنالمايتىڭ. سېنىڭ ماڭا بولغان مېھرىڭ بىراقلا بالىغا كۆچۈپ كەتكەندەك ، گويا مەن بىلەن كارىڭ بولمايۋاتقاندەك ھېس قى؛اتتىم. ماڭا قىلىدىغان گەپلىرىڭ ، مەن بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ مەن:
-خوتۇن ، ئايىغىمنى مايلىۋېتە.
- خوتۇن، كۆينىكىمنى غاچچادە دەزماللىۋېتە،- دەپ ئېسىڭگە سېلىپ تۇراتتىم. سەن يەنىلا رەت قىلمايتتىڭ. بالىمىز چوڭىيىپ يەسلىگە بەرگىدەك بولىۋېدى، ئىككىنچى بالىمىز دۇنياغا كۆز ئاچتى. مەن بىر قىز بىر ئوغۇللۇق بولغىنىمدىن ناھايىتىمۇ خوشال ئىدىم. چوڭ بالامنى يەسلىگە ئاپىرىپ ئەكىلىشتىن ئىبارەت چوڭ ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. سەن بولساڭ تېىخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭ. تۈگىمەس ئۆي ئىشى، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئۆي تازىلاش، بالا بېقىش......لار يەنىلا سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئىدى. بالا ئككى بولغىنىغا خوشال بولساممۇ ئۆيدىكى جىددىلىكتىن ، ئىلگىركدەك ھەممە نەرسەمنىڭ جاي- جايىدا تەييار بولۇپ تۇرمىغىنىدىن بارغانسېرى نارازى بولۇشقا باشلىدىم.
مەن ئەمدى ھېچقانداق ئىش قىلالمايتىم. سەن مېنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇپ بولۇپ ، بىردەمدىن كېيىن زەردە بىلەن ئۆزەڭ قىلىپ كېتەتتىڭ. چۈنكى مەن قاملاشتۇرالمايتىم-دە، غۇدۇرايتتىم. كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەردى. ئىككىمىزنىڭ ئۆزارا قىلىشىدىغان پاراڭلىرىمىز ئازىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۆي، بالا ، مەن پاكىز، رەتلىك بولساقمۇ سەن بارغانسېرى ئۆزەڭنى تاشلېۋېتىپ باراتتىڭ. مەن بىلەن سېنىڭ بۇرۇنقىدەك مەن قىزغىن پاراڭلىشىشىڭنى، مۇنازىرىلىشىشىڭنى، ئۈمىد قىلاتتىم، تېلىقىپ- تېلىقىپ كۈلىشىڭنى ، كېچىلىرى بىلىكىمگە بېشىڭنى قويۇپ يېنىك پۇشۇلداپ ئۇخلىشىڭنى ئارزۇلايتتىم. مېنىڭ سېنى يەنە ئوماق توشقانچىقىم، دەپ چاقىرغۇم كېلەتتى.لېكىن بۇرۇنقى سەن يوق ئىدىڭ. مۇھەببىتىمىزنىڭ ئاكتىپ، جۇشقۇن تەشەببۇسكارى، ئىدارەڭنىڭ نەمۇنىچى ئىلغار خىزمەتچىسى ئەمدىبىر ئائىلە خىزمەتكارى، بالا باققۇچىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىڭ. سەن تۆلەۋاتقان ئاشۇ بەدەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. توغرا مەنمۇ ئائىلىدىكى ئەرلىك بۇرچۇمنى، ئاتىلىق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلالمىدىم. ساڭا ياردەملىشەلمىدىم، چۈنكى سەم مېنى ئەگكىلى بولىدىغان يۇمشاق ۋاقىتلىتىمدا «ئەر كىشى دىگەنچۇ...»دىگەندەك سۆزلىرىڭ بىلەن ھىچقانداق ئىشقا يېقىن كەلتۇرمىدىڭ.مەندە «ئەر كىشى دىگەن ئۆي ئىشى قىلسا بولمايدۇ، ھەممىنى ئايالى قىلىپ بېرىشى كېرەك........»دىگەن بىر ئاڭ يېتىلىپ ، شۇنىڭغا ئۈگىنىپ كەتتىم.
بىلەمسەن، ئىلگىرى ھەر قېتىم خىزمەتداشلىرىڭ، دوستلىرىڭ، كەسپداشلىرىڭ سېنى «بەكمۇ ئەقىللىق، كەلگۈسىدە چوقۇم زور ئىشلار قولىدىن كېلىدۇ.......»دەپ ماختىغاندا ئىچ - ئچىمدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتىم، سەندىن پەخىرلىنەتتىم. سەن ھەقىقىتەنمۇ تىنىم تاپماس ئايال ئىدىڭ، ھەر قېتىم غايىمىز ھەققىدە سۆزلەشكىنىمىزدە ساڭا قايىل بولاتتىم. سەن ئاشۇ جاسارىتىڭ، چاققانلىقىڭ، تىرىشچانلىقىڭ بىلەن ھەقىقىتەن ۋاپادار خوتۇن، كۆيۈمچان ئانا بولدۇڭ. لېكىن، سېنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىڭ بەك كۆپ، بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. سېنىڭ ئۈگەنگىنىڭ، بىلىدىغانلىرىڭ، غايەڭ بۆشۈك ئاستىدا، قازان بېشىدا جىمجىت غايىپ بولدى. سۈپۈرۋاتقىنىڭ ئۆي ئەمەس تالانتىڭ، يۇيىۋاتقىنىڭ كىر ئەمەس يوقىلىۋاتقان ۋاقتىڭ ئىدى. سەن، شۇنداقلا مەن بۇنى دەل ۋاقتىدا ھىس قىلالمىغان ئىدۇق. سېنىڭ مېنى ئېرىشتۈرگىنىڭ راھەت ئىچىدىكى ھورۇنلۇق، مۇھەببەت ئىچىگە يوشۇرۇنغان بوشاڭلىق ئىدى. مەن بۇنى سېزىپ يەتكەندە كۆڭلۈم ئاللىقاچان بۆلۈنگەن، قەلبىمدە سېنىڭ ئورنۇڭنى باشقا بىرسى ئىگىلەپ بولغان ئىدى. نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟
سۆيۈملۈك توشقانچىقىم، مەن سېنىڭ شوخ كۈلكەڭگە، ئەركىلەشلىرىڭگە، ھەر قاچان مېنى كۈتۈشىڭگە، پەپىلىشىڭگە ئۈگىنىپ كەتكەن ۋاقتىمدا سەن بىراقلا بارلىق مۇھەببىتىڭنى، مېھرىڭنى بالىلىرىمىزغا يۆتكىدىڭ. بالىلىرىم مېنىڭ پۇشتۇم، مېنىڭ بارلىقىم. ئۇلار مەندىن بەكرەك سېنىڭ كۈتۈشىڭگە، مېھرىڭگە مۇھتاج. لېكىن بىلەمسەن، بۇلار غايەڭنى، ئارزۇيىڭنى، ياشلىقىڭنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ساڭا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. چۈنكى سەن بۇرۇنقى رەتلىك پاكىز كىيىنىپ، ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك يۈرىدىغان سەن ئەمەس ئىدىڭ. تولا ۋاقىتلاردا چاچلىرىڭ تاراقسىز، كىيىملىرىڭ رەتسىز ھالەتتە ئالدىراپلا چېپىپ يۈرەتتىڭ، مىجەزىڭمۇ چۇسلىشىپ بۇرۇنقىدەك تاتلىق سۆزلىرىڭنىڭ ئورنىغا جار- جۇر ، ۋار- ۋۇر قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىڭ. مەن بارغانسېرى ئۆيۈمدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىگەندەك، بۇ ئۆيدە مەنلا ئارتۇقتەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئامال بار ئۆيگە كەچ قايتىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، ئۈلپەتلىرىم بىلەن كېچىلەپ شاھمەت ئوينايدىغان بولىۋالدىم. بۇرۇن ئىككىمىز بىرگە بىر جايلارغا بېرىشقا ئامراق ئىدۇق، ئەمدى بولسا سېنىڭمۇ ۋاقتىڭ يوق ئىدى. مەنمۇ سەن بىلەن بىر يەرگە خىجىل بولىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم، چۈنكى، سەن بۇرۇنقىدەك ئۆزەڭنى ياساشقا ئەھمىيەت بەرمەيتىڭ، مەن تولىمۇ ئۈمۈتسىزلەندىم، ئۈمىتسىزلىك مېنى چۈشكۈنلىك پاتقىقىغا سۆرەپ كېتىۋاتاتتى.
ئەنە شۇ كۈنلەردە بويتاق ئاغىنىلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ ئۆزەممۇ تۇيمىغان ھالدا باشقىچە بىر تۇرمۇشقا مەھلىيا بولۇپ قالدىم. ئۇ سېنىڭ ئاشۇ ۋاقتىڭنى ئەسلىتىدىغان، ساڭا ئوخشاش سۆزلەپ ھارمايدىغان، كۈلۈپ تىنمايدىغان، ئەركىلەشلىرى بىلەن كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ نەرسىكەن، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ كۆڭلى. مەن سەندىن كېچەلمەيتتىم، تاشلىۋېتەلمەيتتىم، چۈنكى بالىلىرىم ئۈچۈن ، مەن ئۈچۈن سەن بولمىساڭ بولمايتتى. لېكىن، سەن ماڭا بۇرۇنقىدەك تۇرمۇش لەززىتى ئاتا قىلالمايتتىڭ، تېخى ياش تۇرسام، قېنىم قايناپ، ھېسسىياتىم ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىگىم كېرەك، دەپ ئويلايتتىم مەن . شۇنداق قىلىپ كۈنلەر، ئايلار بىر - بىرىنى قوغلاپ ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ ئۈچ يىل مەن ئۈچۈن ھوزۇر- ھالاۋەت ئىچىدە ئۆتكەن ئاجايىپ ئەسلىمىلەرگە تولغان يىللار بولدى. مەن ئارىلاپ سېنىڭ ئازاپلانغانىڭنى، ئۈنسىز ياش تۆككىنىڭنى كۆرۈپ قالسام «مەن ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلدىم، بۇ يولدىن قايتىشىم كېرەك» دەپ ئويلايتتىم، لېكىن ئۇنداق قىلالمايتتىم، چۈنكى ئۇ ماڭا بەرگەن خوشاللىقنى بۇ ئۆيدىن تاپالمايتتىم. «مېنى كەچۈر...» دەيتتىم ئىچىمدە ساڭا ئىلتىجا قىلىپ.
ئالدىنقى ئاخشام قورقۇنىشلۇق چۈش كۆرگەندىن كېيىن سەن مېنى ئاغرىپ قالدى دەپ ئويلاپ ، بېشىمدا پايپېتەك بولۇپ بىر كېچە كىرپىك قاقماي مېنى كۈتتۈڭ. مەن ئەتىسى خىزمەتكىمۇ بارماي، ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىڭ دۈملىۋېلىپ، بۇرۇنقىنى، ھازىرقىنى، كېيىنكىنى تەپسىلى ئويلاپ چىقتىم. نۇرغۇن نىمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاپ ئىزدىدىم. ئاخىرى جاۋابىنى تاپتىم.
مېنىڭ توشقانچىقىم ، سەن مېنىڭ ئەمەس، سەن مەڭگۈ ئۆزەڭگە مەنسۇپ. سەن سەن بولۇپ ياشىشىڭ كېرەك. ئادەمنىڭ قىممىتىنى شۇ كىشىنىڭ مېھنىتى يارىتىدۇ، لېكىن بۇ مېھنەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭنى تونۇتۇش ئاساسىدا بولۇشى كېرەك. بىلەمسەن،سەندىن ئۆتكەن ئەڭ زور سەۋەنلىك ، ئۆزەڭنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالغانلىق. مەن سېنىڭ غايەڭنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭنى، خىزمەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىڭنى تىلەيتتىم. سېنىڭ بۇرۇنقىدەك مەن بىلەن تەڭ سۆزلىشىپ، تەڭ مۇنازىرىلىشىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىڭنى، مېنىڭ سايەم بولۇپ قالماسلىقىڭنى ئۈمۈت قىلاتتىم. سېنىڭ ئەسلى تەبىئىتىڭگە قايتىپ پاكىز، رەتلىك كىيىنىپ يۈرىشىڭنى، ئاياللارغا خاس نازاكەت ۋە لاتاپەت بىلەن كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرۇشىڭنى خالايتتىم؛ مەن سېنىڭ ئۆزەڭگىمۇ ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۆز- ئۆزۈڭنى كۈتۈشىڭنى، ياخشىراق ئوزۇقلىنىشىڭنى، چىرايلىق كىيىنىپ يۈرىشىڭنى تىلەيتتىم؛ مەن......تىلەيتتىم. شۇنداق، بۇ بارلىق ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدى ئىدى. ئۆزىنى- ئۆزى قەدىرلىمىگەن، ئۆزىنى- ئۆزى ھۆرمەتلىمىگەن ئادەمنى ھىچكىم قەدىرلىمەيدۇ، ھۆرمەتلىمەيدۇ. «ئۆزىنى ئويلىمىغان ئادەمنى يەر يۈتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟
قەدىرلىكىم، مېنى كەچۈر، سېنىڭ دۇنياغا تۆرىلىشىڭ جاپاتارتىش ئۈچۈنلا ئەمەسلىگىنى ، سېنىڭمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش قان بىلەن گۆشتىن يارالغان، ئاغرىيدىغان ، چارچايدىغانئىنسان ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى! سەن بەھىرلىنىشكە تېگىشلىك سۆيگۈ خوشاللىقىدىن سېنى مەھرۇم قىلغانلىقىمنى! كەچۈر، سېنىڭ پاك، مۇقەددەس ئەقىدەڭگە بازغان ئۇرۇپ، مەن ئۈچۈن سوققان يۈرىكىڭنى تىلما- تىلما قىلىپ، چەكسىز ئازاپ، ئاچچىق ھەسرەتكە گىرىپتار قىلغانلىقىمنى! كەچۈر، ساڭىلا خاس قەلبىمگە خىيانەت ئۇرۇقىنى چېچىپ، سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن تەرگەن ساداقات گۈلىنى رەھىمسىزلىك بىلەن چەيلىگىنىمنى! كەچۈر..........
بىلىمەن، سەن مىنۇت - سىكۇنت ساناپ ئۆتكۈزگەن سانسىز ئۇيقۇسىز تۈنلەر، چاناقلىرىڭغا لىققىدە كەلگەن ياشلىرىڭ، باشقىلاردىن يوشۇرۇش ئۈچۈن قىينالغان ئاشۇ كەچ بولماس كۈنلەر، مېنىڭ ئابرۇيىمنى، ئائىلىمىزنىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن لېۋىڭنى لېۋىڭگە چىشلەپ بەرداشلىق بەرگەنئاشۇ ئازاپلار مەڭگۈ ئېسىڭدىن چىقمايدۇ.
لېكىن، سەن تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، تولىمۇ قەيسەر، كەڭ قورساق، ئەپۇچان ئايال. يەنە كېلىپ ئاياللارنىڭ يۈرىكى بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئەڭ زور ، ئۆزى مۇشتۇمچە بولسىمۇ ئالەمچە دەرت- ئەلەمنى سىغدۇرالىغادەك قۇدرەتكە ئىگە. شۇڭا، سەن مېنى چوقۇم كەچۈرىسەن.
قەدىرلىكىم، سەن ئاشۇ ۋاپادارلىقىڭ ، ھارارەتلىك سۈكۈتىڭ بىلەن ئويغاتتىڭ، ئازغان ئەقلىمگە ھايات ھەقىقەتلىرىنى تونۇتتۇڭ. شۇڭا ساڭا مىڭ تەشەككۈر!
ئەي جاپاكەش ۋاپادارىم، بولدى ئەمدى يىغلىما، بىزگە پۇرسەت بەر! مەكتەپتە ئئقۇۋاتقان جۈپ يۈرەك پارىمىز ئەمدى ئۆزىنىڭ كىيىمىنى ئۆزى كىيىپ، تامىقىنى ئۆزى يەپ، دەرسلىرىنىمۇ ئۆزى تەكرارلىسۇن. ئۇلارنىڭ ھايات يولىدا مۇستەقىل مېڭىشىغا، مۇستەقىل تەپەككۈر قىلىشىغا ئىلھام، مەدەت بېرەيلىكى، ھەرگىز تە...تەگە ئۈگىتىپ قويمايلى! ئۇلارنىڭ ھايات يولىنى ئۆزلىرى پۇختا قۇرۇپ چىقىشىغا پۇرسەت بەرگىن!
ماڭىمۇ پۇرسەت بەرگىن ئامرىقىم، ئويغانغان ئەقلىم ، ئەرلىك جاسارىتىم بىلەن غۇبارسىز ساپ سۆيگۈڭگە جاۋاپ قايتۇراي ! ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم ، پەقەت بىرلا قېتىم شۇنداق دىيىشىمگە رۇخسەت قىلغىن!
كەل ئوماق توشقانچىقىم ، قولۇڭنى بەر..........!



مەنبەسى:بىر دوستۇم يوللاپ بەرگەن،ئاپتۇرنى بىلدىغانلار بولسا ئەسكەرتىپ قويۇڭلار........
تېما تەستىقلىغۇچى : chogluk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-30, 08:13
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل:+10(ajrim) ئۆزىگە خاس م ..
  • MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    كىمنىڭ ئەزىزلىرى كىم ئۈچۈن خار بولمىغان.................
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-30 04:00 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kunkiz
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ...
    ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 14159
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 6105
    شۆھرەت: 3103 نۇمۇر
    پۇل: 98597 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بەكمۇ ئىسىل تىمدىن بىرنى يوللاپسىز پەرىشتەم دۇنيا مېھرى مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر ، كەڭ قوساقلىق ، ئەپۇچانلىق   بەكمۇ ئىسىل خىسلەت ، ئادەم بىرسىنى ئۇنتۇش ئۈچۈنمۇ ئازاپ چىكىشكە توغرا كىلدىكەن لىكىن  ئادەم ئۇنتۇشقا تىگىشلىك بولغان  ئىشلارنى ھامان ئۇنتۇشى كىرەك گەرچە ئازاپلىق بولسىمۇ .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    ئەجەپ تىلدى يۇرەكلەرنى بۇ قىسمەت ،
    تۈن قوينىدىن كۆزلەر ھېرىپ كېلەلمەس .
    قاچان چىللار ئۇيقۇدىكى خورازلار ،
    تاڭ ئاتمىقى بوپ كەتتىغۇ ئەجەپ تەس .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-30 04:59 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    hakaniyat
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28400
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 176
    شۆھرەت: 186 نۇمۇر
    پۇل: 630 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    مېنىڭ ئۆچكەمگە قارىغاندا  بوپ قالدىكەن جۇما توشقىنىڭىز   ،،،
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-30 05:11 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    samatqan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23327
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    پۇل: 149 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

     

    ناھەيىتى ئىسىل تىمىدىن بىرنى يۇللاپسىز پەرىشتەم دۇنيا مېھرى مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر ، كەڭ قوساقلىق ، ئەپۇچانلىق   بەكمۇ ئىسىل خىسلەت ، ئادەم بىرسىنى ئۇنتۇش ئۈچۈنمۇ ئازاپ چىكىشكە توغرا كىلدىكەن لىكىن  ئادەم ئۇنتۇشقا تىگىشلىك بولغان  ئىشلارنى ھامان ئۇنتۇشى كىرەك گەرچە ئازاپلىق بولسىمۇ .
    http://www.kuqar.cn/bbs/
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-30 05:47 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    turditohti
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28976
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 251
    شۆھرەت: 367 نۇمۇر
    پۇل: 1112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 882(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    Quote:
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىkunkizنىڭ2008-11-30 04:59 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
    بەكمۇ ئىسىل تىمدىن بىرنى يوللاپسىز پەرىشتەم دۇنيا مېھرى مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر ، كەڭ قوساقلىق ، ئەپۇچانلىق   بەكمۇ ئىسىل خىسلەت ، ئادەم بىرسىنى ئۇنتۇش ئۈچۈنمۇ ئازاپ چىكىشكە توغرا كىلدىكەن لىكىن  ئادەم ئۇنتۇشقا تىگىشلىك بولغان  ئىشلارنى ھامان ئۇنتۇشى كىرەك گەرچە ئازاپلىق بولسىمۇ .

    پۈكىرىڭىزنى قوللايمەن
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-30 06:55 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    篮球美女
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29012
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1578
    شۆھرەت: 1653 نۇمۇر
    پۇل: 5254 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ھا ھا ھا................بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئەمدى بىر ئىنكاس يازاي دىگۈچە ھەققانىيەتنىڭ ئاۋۇ ئىنكاسى مىنى كۈلدۈرپ گپىمنى شەيتان ئىلىپ قاچتى مانا    پەرىشتە خىلى بولدى جۇما سىز مۇنبەردە يوقاپ كەتكىلى . ئۇنداق قىلماي كۆرۈنۈپ تۇرۇڭ دەيمەن ، سىزنى سىغىنىپ قالدىكەنمەن .
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-30 08:17 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    hoxqakqak
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19426
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1197
    شۆھرەت: 1092 نۇمۇر
    پۇل: 3275 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بەك ئىسىل تىما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ?????????
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-30 08:42 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    chinatelecom
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33398
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 358
    شۆھرەت: 358 نۇمۇر
    پۇل: 1265 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 373(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    توۋا ،قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم ئوقۇپ چىقتىم دېسە،رەھمەت...بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-30 09:08 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    atirgul627
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 673
    شۆھرەت: 835 نۇمۇر
    پۇل: 2910 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    پەرىشتەنىڭ بۇ يوللىغان تېمىسىنى مەنمۇ نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-01 12:03 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zahida
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33561
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    پۇل: 109 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01

     

    تىمىڭىزنى كورۇپ بەكمۇ تەسىرلاندىم ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ
    پاي چىكى تورى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-01 07:03 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    mahibeder
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21025
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 37
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    پۇل: 221 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 657(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    خەنزۇچە تەرمىلەردىكى ئەسەر ،قايسى ساندىكىسى ئىسىمدە قالماپتۇ!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-01 11:20 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gulfira7
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31992
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 37
    شۆھرەت: 37 نۇمۇر
    پۇل: 211 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    بەك تەسىرلىككەن ، بۇ تېما نۇرغۇن خانىم - قىزلىرىمىزغا ئىبرەت بولغۇسى  
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-01 12:15 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    huxnar
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 24510
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    پۇل: 179 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

     

    مەن بۇ ئەسەرنى  نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە ژورنالىدىن ئوقۇغان(شىنجاڭ ئاياللىرىغۇ دەيمەن)
    شۇ ۋاقىتتا ئوقۇپ بەك تەسىر لەنگەن ئىدىم.
    ھازىر قايتا بىر ئوقۇغىنىمدىن بەك خوشال بولدۇم.
    بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-07 05:13 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    90uygur
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29350
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 290
    شۆھرەت: 290 نۇمۇر
    پۇل: 71 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 414(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

                      
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 07:08 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    turkinaz
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 20648
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1268
    شۆھرەت: 1541 نۇمۇر
    پۇل: 5084 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 515(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    بۇ تېمىنى ئوقۇپ مەن نىمىلەرنىدۇر ھىس قىلدىم...
    ئاياللار ھەقىقەتەن مەڭگۈ قۇربان بەرگۈچىلەردۇر. چىرايلىق ياسىنىپ، غايە،كەسىپ، خىزمەت ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلسا ئائىلىدە ياخشى ئانا، مىھرىبان خۇتۇن بۇلالامدۇ؟ ئاياللار نىمىدىگەن گۇناھكار ھە!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 07:40 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.063240(s) query 10, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 10:59
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号