چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 2349 قېتىم كۆرۈلدى
uzhal
http://p8.images22.51img1.com/
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2540
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 347
شۆھرەت: 587 نۇمۇر
پۇل: 1824 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 595(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 (ئۆزھال) ئانامنىڭ كۈنلىرى (رۇمان)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما sirajil تەرپىدىن (2008-11-28)دە نادىرلاندى
راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال



                                            ئانامنىڭ كۇنلىرى


                                                                                                 ( رۇمان )





                              

  

راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھالنىڭ تەرجىمىھالى -



راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال 1977 – يىلى يەكەن ناھىيسنىڭ خاڭدى بازىرى دۆڭ ئۆستەڭ كەنتىدە دىھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يىزىسدا تاماملاپ ئوقۇشتىن چىكىنىپ پادا باققان ۋە دېقانچىلىق قىلغان . شۇ جەرياندا ئۇ تىنىمسز كىتاپ كۆرگەن ۋە ناخشا بىلەن دۇتتار تەنبۇر چىلىشنى ئۆزلۈكسز مەشىق قىلىپ ئاخىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىۋىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن  ئۇ 93 – يىلدىن 94 - يىلغىچە قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىنىڭ ناخشا كەسپىدە ئوقۇغان  94 – يىلدىن 98 - يىلغىچە مەركىزى تىياتىر ئىنستتۇتىنىڭ ئاكتىيۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوپىرا تىياتىرىدا خىزمەت قىلغان  2006–يىلى مەملكەتلىك خەلىق ئىشلار ئىدارىسنىڭ ئۆمىتلىك ياشلارنى تاللاپ تەربىيەلەش پىلانى بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ئىشلار ئىدارىسى ۋە مەدەنىيەت نازارىتنىڭ تاللاپ بىكتىشى بىلەن تاللىنىپ مەركىزى تىياتىر ئىنستتۇنىڭ دراما . كىنو يىزىقچىلىق فاكۇلتتىغا ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ، ئاپتۇر ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۈنۈم رايۇنلۇق ئوپىرا تىياتىرنىڭ كەسپى ئىجادىيەتچىسى بۇلۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە

رول ئالغان فىلىملار  ناۋا مۇقامىدا شاھ مەشرەپنىڭ رولىنى ئالغان سەھرادىكى مۇڭلۇق كۈي فىلىمىدە نۇرمۇھەممەدنىڭ رولىنى ئالغان قىينى ئاتا ۋە كىلىن پاجىئەسى فىلىمىدە مەھمۇدنىڭ رولىنى ئالغان

ئىتوتلاردىن ياق سىز خوتۇن ئالالايسز . زامانىمىزدىكى پەرھات شىرىن قاتارلىقلارنى ، ناخشىلاردىن ئۈكىجان . ئۆمۇر يولى قاتارلىقلارنى  تىلىۋىزىيە ئىستانسسنىڭ تۈرلۇك كىچلىكلىرىدە بەرگەن

سىنارىيلەر . ناۋا مۇقامى . ئۆزھال مۇقامى . قاچقۇن . مەن ئوقۇيمەن . كىچىدىكى يىغا ئاۋازى . دۇتتار قاتارلىقلار  

سەھنە ئەسەرلىرى ( ئىتوتلار ) ئوقۇشقا ئۇزۇتۇش . بەڭۋاشنىڭ خىيالى . سوۋغات . تىلفۇن ماجىراسى   .ئاتا قەرزى

درامىلار ؛ چىن تۈمۈر باتۇر  (موزىكىلىق دراما ) روھ كۆزى ( موزىكىلىق دراما )  قېساس .  تاش ئەينەك  

ئەدەبى ئەسەرلىرى . ھاياتنىڭ دەرىت ئەلىمى ( رۇمان ) ئېلان قىلىنمغان . مۇھەببەتنىڭ رەڭگى (يىزلىۋاتىدۇ)  قاچقۇن ( يىزلىۋاتىدۇ ) قاتارلىقلار

پوۋستلار . بەختنىڭ ئارقا كوچسى (تۇرپان ژۇرنىلى) مۇھەببەتلىك دۇنيا ( تارىم ) ئاق تېمساھ ( تارىم ) ئەزىزە ( تارىم ) ئاق ئەتىرگۈل (تارىم )

ھىكايىلەر؛ سازەندىنىڭ ئۇلۇمى ( تەقدىرداشلار ) ئەركىن مەھبۇسلار ( تەقدىرداشلار ) ئۆتنە جاھان ( ئىقتىزاد گىزىتى ) مىنى ياخشى كۆرەمسز ؟ ( ئىشچىلار ھەركىتى ) يالىڭاچلىنىش ( تەڭرىتاغ ) يارىماسنىڭ ئىقرارى ( تەڭرىتاغ ) ئېغىز گارمۇنى ( تەڭرىتاغ ) روھىم سەكراتتا ( يېڭى قاشتىشى ) قاسماق ( كىروران ) سۇكۇت ئارقىلىق غەلبە قېلىش ( تارىم ) سەنئەتكار ۋە ئىت ( ئاقسۇ ئەدەبىياتى )

نەسىرلەر ،  ئەجەم ( قۇمۇل ئەدەبىياتى) چىم بۇلاق ( قۇمۇل ئەدەبىياتى)  ئىلتىجا ( ئىقتىزاد گىزىتى ) قىزىم چوڭ بولمساڭ بوپتىكەن ( تۇرپان ) ئانا ئۈژمە (تۇرپان گىزىتى) كەچۇر ئىتىم ( ئاقسۇ ئەدەبىياتى ) تەنھالىق ( ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى )

سەنئەت ئوبزۇرلىرى . سەرسان روھ ۋە رىئاللىق ئەپسانسى (تەڭرىتاش ئىكرانى) غەلىتە قەبىلىدىكى بىمەنە ئىشلار ( ئىقتىزاد گىزىتى ) سەھندىكى گۇلخان (ئىشچىلار ھەركىتى) تەكلىماكان پەرشتسى ( ئىشچىلار ھەركىتى )  ئارتىس ۋە باھا ( ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى )

دىھقان ئاتا بۇ سەنمۇ ؟ ( ئىشچىلار ھەركىتى) ساتمىلاردىن سەھنىلەرگىچە ( شىنجاڭ ياشلىرى ) يازغۇچىلاردىكى ھەقىقەت تۇيغۇسى ۋە بىزدىكى كۈچۈرمىكەشلىك ھادىسسى (ئىلى دەرياسى) ئوغۇرلۇقمۇ ياكى ئوغۇرىنى ئەيىپلەپ قىلىنغان ئوغۇرلۇقمۇ ؟ ( قۇمۇل ئەدەبىياتى ) ئەسەرلەردىكى «مەن» نىڭ يوقۇلۇش پاجىئەسى (قۇمۇل ئەدەبىياتى)

ماقاللەر ؛ ئەرلەرنىڭ ۋەتىنى ( كىروران ) تەپەككۇر ئالىمىدىكى ياشاش ھوقۇقى ( تەڭرىتاغ ) مەن ئۆيگە چوقۇم بارىمەن (تەڭرىتاغ) سەنئەتكارنىڭ مەسئۇليتى (شىنجاڭ سەنئىتى) ساۋيۇ ۋە گۆلدۈرماما (شىنجاڭ سەنئىتى) ئىلىم ئىزدەپ ( تەڭرىتاغ ) مۇئەللىم كەتمەڭ ( ئىقتىزاد گىزىتى )

ناخشا تىكستلىرى ؛ ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئىجراسىدا كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ۋەتەن ، ئەركىن ئابدۇللا ئىجراسىدا  سەھرا . دۆڭكۆۋرۇك ھەققىدە پاراڭ

نۇرنسا ئابباس ئىجراسىدا ، قىزغانما دۇنيا  ئىمنجان يۈسۈپ ئىجراسىدا دۇنيا ، ئەنۋەر ھاكىم ئىجراىسدا بۇ ئالەم ، ئىرفان ئىجراسىدا ، يەر شارى . ئوسمانجان ئىجراسىدا مەشرەپ . سەھەر ئانسامبىلى دۇئا بىرىڭ بەختىمگە ئانا

ناخشا پىلاستنكىسى  ؛  ئۆمۇر يولى

بىر قولىدا سەنئەت بىر قولىدا ئەدەبىياتنى تۇتقان ياش شائىر ۋە ئىزدىنىشچان بۇ پىكىر ئىگسېنىڭ داۋاملىق ئىلگىرلەش بىلەن بىرگە ۋەتەن ۋە خەلىقىمىزنىڭ رىئاللىغى بىلەن مەھكەم باغلانغان ھەقىقىي ئىجادى قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى يارىتىپ ئىجاد ئالمىدە ئۆزىنىڭ بۈك باراقسان بىغىنى خۈش پۈراق گۇزەللەر بىلەن بىزىشىنى چىن كۆڭىلمىزدىن ئۆمىت قىلىمىز    



(بىر نەچچە ژۇرنالدا بىرىلگەن  تەرجمىھالدىن ئىلىندى )




مۇندەرىجە


1- باپ  كونا ئۆي

2- باپ توي ۋە ئىتنىڭ ئۇلۇمى

3- باپ خەتمە قىلىنىش ۋە ئوقۇش ئارزۇيۇم

4- باپ  مەكتەپ ھاياتى ۋە كىتاپ ۋەقەسى

5- باپ رادىئۇ ۋە ئىمىننىڭ ئۇلۇمى

6- باپ كەيىپ قانۇن ۋە ئادالەت

7- باپ ئات ۋە جىن ھەققىدە ھىكايە

8- باپ توك كەلدى

9- باپ ئوقۇش ئارزۇيۇم

10–باپ سۇ بىشىدىن لاي

11-باپ  تامغا

12-باپ يوقسۇزنىڭ بايلىغى

13 – كۆۋرۇك ۋە تاماكا

14- پاقلان ۋەقەسى

15– مەن كۈلدۇم
[ بۇ يازما uzhal تەرپىدىن2008-11-28 12:49 PMدە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : Hush_Puraq
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-27, 15:39
سەرتۇغ پەن - تېخنىكىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-27 09:32 PM |
Zulpikar Barat Ozbax
uzhal
http://p8.images22.51img1.com/
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2540
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 347
شۆھرەت: 587 نۇمۇر
پۇل: 1824 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 50 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 595(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

 

                                                              1-  باپ  كونا ئۆي




بىز يېڭى ئۆيگە كۆچكەن يىلى مەن ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەندىم .  بەش ياشقا كىرگەن باللار ئەقلىنى تاپقان ۋە كارغا كىلىدىغان ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇپ كۆچى يىتىدىغان بىر ئىشلارنى قىلشقا باشلايتتى . ئەگەر كۆڭۇل قويسا كىۋەزنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلارنى يۇلۇش . بوران تۆكىۋەتكەن ئۇرۇك ئالمىلارنى تىرىپ قوي كاللارغا بېرىش. كىچىك چەينەكلەرنى كۆتۇرۋىلىپ ھويلا ئارامغا سۇ چىچىش . ۋە قويلارنى يىقىن ئەتراپتا بىقىش دىگەندەك ئىشلار ھەممە ئائىلىدە مۇشۇ ياشلىق بالىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئىدى .  مەن بەش ياشقا كىرگەندە چوڭلار ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ چوڭلارغا ياردەملىششى كېرەك دەپ قارايتتى . مەن شۇ چاغدا نىمە ئىش قىلىشنى بىلمسەممۇ لېكىن چوڭلار داۋاملىق مىنى ئىشقا سىلىشنى ۋە بىر ئىشلارغا بۇيرۇشنى ياخشى كۇرەتتى .  شۇڭا مەن يېڭى ئۆينى سالغاندا چوڭ ئادەملەر بىكار بولمىغاندىن كېيىن مەنمۇ قىلالايدىغان بىر ئىشلارنى قىلىپ ئۇلارغا ياردەملەشكەندىم . بىزنىڭ ھازىر سىلىۋاتقان ئۆيىنىڭ ئورنى بۇرۇن دۆڭلۇك بۇلۇپ ئۆيلۇك يەر ئالغاندا دادام ئەڭ ئاخىرىقى رەتكە تىزىلىپ قالغاچقا ئامالسىز ئۈستى دۆڭ تىگى شور بۇ يەر ئۇلارغا ئۆيلۇك سىلشقا بىرىلگەندى . ئەسلىدە دادام ياخشى يەرلەرنى ئالاي دىسمۇ كۈچى يىتەتتى . لېكىن ئەمەلدارلار نەپسگە چوغ تارتتى  دېگەنتۆھمەتكە قالماي دەپلا نىمە بولسا بولسۇن بولدى بۇ يەرگە مەن ئۆي سالىمەن دەپ مەيدىسگە چىكىپ چىققاچقا قىشتا كىسلگەن ئۆيلۇك يەرگە باھار كېلىپش ى بىلەنلا ئىش باشلىغاندى . لاي تامنىڭ بىر قەۋىتىنى سىلىپ بولغاندىن كېيىن تام قۇرۇپ يەنە بىر قەۋەت لاينى كۆتەرگىدەك بولغىچە يەنە بىر مەزگىل ساقلاشقا توغرا كېلەتتى . بۇنداق بولغاندا ئۆينىڭ ئىشى خىلى ئۇزۇنغا سوزۇلغاندى . دادام باشقىلارغا ئوخشاش مەخسۇس تام سالىدىغان ئۇستلارنى تەكلىپ قىلغاندى . ئۇلار يەتتە سەككىز ئادەم ئىشلەيتتى . ئانام ھويلا ۋە ئىغىل قىلىشقا پىلانلانغان يەرگە تاماق ئىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئەكېلىپ ئۇلارغا ئۇچ ۋاخ تاماق ئىتەتتى . ئۇستاملار  ئىككى ئۇچ چىنە لەغمەننى كۆرمىدىم دەپ يەۋەتكەندىن كېيىن ئىشقا چۇشۇپ كىتەتتى . ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا لاي ئاسانلا قېتىپ قىلىپ چالمىدەك چىچىلىپ كىتەتتى . شۇڭا ھەرىكەت تىز بۇلۇشى كېرەك ئىدى .  لايغا سۇ چاچىدىغان باشقا ئادەم يوق  شۇڭا ئانام لايغا سۇ چىچىپ بىرەتتى .  تام تەرەپتە ئۆستەڭدىن كچكرەك لېكىن ئارقا مەھەللىدىكى ئىتىزلىققا سۇ قويغىلى بۇلىدىغان چوڭراق بىر ئىرىق بار ئىدى  . ئانام كۇينىگىنىڭ ئۇچنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ يوغان داس بىلەن تام تەرەپتىكى لاي ئىتىدىغان ئازگالغا تۇتىشىدىغان ئىرىققا سۇ چاچاتتى . بىر داس سۇنىڭ يىرىمى ئىرىقتا قالسا يىرىمى ئازگالغا ئاران يىتىپ باراتتى . بۇ ئىش بەك زىرىكىشلىك ھەم ئادەمنى ھاردۇرىۋىتىدىغان ئىش بولسمۇ لېكىن ئانام ئۇزۇمنىڭ ئۆيى دەپ تۇتىدىغان بىر ئۆيگە ئىگە بۇلىدىغانلىغىنى ئويلسا ھەر قانچە ئىشلسمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمسا كېرەك .  دادام بازارلىق ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا كاسىرلىق قىلاتتى . شۇڭا ئۇ تاڭ سەھەردە چىقىپ كەتكەنچە ھەممە ئادەم ئىشتىن چۇشۇپ ھىرىپ - چارچاپ ئۇخلاي دىگەندە ئاران كېلەتتى ۋە ئىشلارنى كۆزدىن كۆچۇرۇپ بەزىدە نارازى بۇلۇپ قاخشاپ قوياتتى . بەزىدە يېرىم كىچىلەردە مەس كېلىپ ئانامغا قىنى ماڭا ئىلىپ قويغان تاماق ؟ مەن ئېسسق تاماق يەيمەن دەپ پاراڭ سىلىپ ھىرىپ ئەمدىلا ياتقان ئانامنى ئويغۇتۇپ تاماق ئەتكۈزەتتى . دادام قايتىپ كەلگەندە بىز ئاللىقاچان ئۇخلغان بۇلاتتۇق لېكىن دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانچە ئويغۇنۇپ يەنە بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قالاتتۇق .  ئانام دادام بىلەن ئۆز ئارا سىلە دىيشەتتى . بۇ گەپتىن باشقا گەپلەرنىڭ ھەممىسى سەن دىيىشدىغان ئەر ئاياللاردىن پەرقى يوق بىر گەپلەر ئىدى . لېكىن ئۇلار بىر بىرنى ئانام ئەتتىگەندە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ناشتلىغىنى بەرگەندىن كېيىن ئاندىن سۇ چاچاتتى . ئاندىن يەنە تاماق ئىتەتتى . يەنە سۇ چاچاتتى يەنە تاماق ئىتەتتى . بەزىدە ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئانامغا ياردەم قىلاتتۇق . بەزىدە سەي ئاقىلساق بەزىدە سۇ چىچشىپ بىرەتتۇق . لېكىن بەش ئالتە ياشلق ئىككى بالىنىڭ قولىدىن جىق ئىش كەلمەيتتى . ئاكاممۇ مەندىن ئاران بىر يېرىم ياشلا چوڭ ئىدى . كىچىك چىغىدا كېسەل تارتقاچقا ئانام ئۇنىڭغا مەندىن بەك كۇينەتتى . بەزىدە مەن ئاكامغا ھەسەت قىلىپ ئانامغا دومسايسام ئانام ماڭا كۇلۇپ تۇرۇپ سەن  توپاقتەك بولغىچە ئەمگەن . ئاكاڭنىڭ كىچگىدىن تىنى ئاجىز . ئۇ ئاز ئەمگەن شۇڭا كۈچى يوق . سەن جىقراق ئىشلە ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ قوياتتى . مەن ئاز ئەمگەن ئادەمنىڭ ئاجىز بۇلىدىغانلىغغا ئىشنىش ئىشەنمەسلىكنى بىلمەيتتىم . لېكىن ئانامنىڭ راس گەپ قىلىدىغانلىغىغا ئىشنەتتىم . شۇڭا خاپىچىلىقلىرىم ھايال ئۆتمەي تۇگەيتتى . ئانام بىر تەرەپتىن سۇ چاچقاچ ئۇستاملارغا ھىزى بۇلۇپ تۇرمىسا ئۇلار پۇرسەت بولسىلا يىنى يىتىپ تاماكا چىكىپ كۇننى ئۆتكۇزەتتى . ئۇ چاغلاردا قىلغان ئىشنى ئەمەس كۇننى ھىساپلاپ پۇل بىردىغان ئىش بولغاچقا قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق يىتىۋىلىش ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى . بىراق ئۇلار ئانامنىڭ كۆز ئالدىدا يىتۋىلشتىن سەل ئەيمىنەتتى . بۇنىڭ سەۋەبى ئانام مەھەللە بويىچە خىلى ئوقۇغان . گەپنى ئورۇنلۇق قىلىدىغان ئايال ئىدى . يەنە بىر يېرى ئانام كىيىم تىكىشكە ئۇستا ئىدى . شۇڭا مەھەللىدە توي قىلىدىغان قىز يىگىتلەر ئانامنى ئىزدەپ كېلىپ تويلۇق كىيم تىكىپ بېرىشھەققىدە يالۋۇراتتى . شۇڭا ئانامنىڭ بۇ مەھەللىدە خىلى ھۆرمىتى بار ئىدى .  دادامنىڭ خىزمىتى بار . ئانامنىڭ بىلىمى بىلەن ھۇنىرى بار بولغاچقا ئائىلمىزنىڭ ئەھۋالى ھەر جەھەتتىن ياخشى بۇلۇپ باشقىلار ھەۋەس قىلغىدەك لېكىن تولىمۇ ئاددې بىر ئائىلە ئىدى . مەھەللىدە سۇ قىس بۇلۇپ بەزىدە بۇغداي قوناقلار ئۇسساپ قۇرۇپ كىتەتتى . بىر يىللىق دارامەتنى دەپ قىلغان دېقانچىلىق ئاخىردا بىر تاغار ساماننى ھوسۇل دەپ ئۆيگە ئەكىرىش بىلەن ئاخىرلىشش ئادەتتىكىدەك بىر ئىش ئىدى . شۇڭا دىھقانلار كەمبەغەل ھەممە ئائىلىدە زاغرا يەيتتۇق . پۇتۇن مەھەللە بويىچە مەمەت توختى  دېگەنبىر ئادەمنىڭ ئۆيدىلا بۇغداي نىنى يەيدۇ دەپ ئاڭلغان ئىدۇق . ئۇ ئادەم  چوڭ شەھەرلەردە تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىپ باي بولغاچقا ناھىيدىن چىقىدىغان « زەرەپشان » گىزىتىگە رەسىمى بىلەن بىسپتۇ دەپ ئاڭلغاندىم . ئانام كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق ئىدى . كەچلەردە شۇنچە ھىرىپ كەتسىمۇ يەنە بىزنى ئۇخلىتىپ قويۇپ بىر كىچىلەرگىچە كىتاپ كۆرەتتى . بىزنىڭ ھازىرقى ئۆي بىر باغنىڭ ئىچىدە ئىدى . ئۆيدە چوڭ ئانام . دادامنىڭ سىڭلسى . چوڭ ئاكام . ھەدەم . ئوتتۇرانچى ئاكام دادام ئانام ۋە مەن بار ئىدۇق . مەن داۋاملىق ئانامنىڭ ئايغىدىن چىقمايتتىم . نەگە بارسا شۇ يەرگە باراتتىم . بەزىدە كۆلگە سۇغا چىقسا مەن ئانا دەپ توۋلاپ بىقىپ ھە دىمىگەندىن كېيىن ئىزىمدا ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلايتتىم . بىر دەمدىن كېيىن ئانام يىنىمدا پەيدا بۇلۇپ مىنى بەزلەيتتى . بەزىدە ھىرىپ ئۇلەي دەپ قالغان چاغلىرىدا جىلە بۇلۇپ مېنىڭ جېنىم چاپلاشتىمۇ ساڭا ئۆلماتىغۇ ؟ مەن نەگە كىتەتتىم . سەنلەرنى تاشلاپ نەگە بارالايتتىم دەپ مىنى تازا ئۇرۇپ ئاندىن ئۆزىمۇ مەن بىلەن قوشۇلۇپ يىغلايتتى . مەن ئانامنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئالقانلىرىم بىلەن ئۇنىڭ يىشنى سۇرتۇپ قوياتتىم . شۇنىڭ بىلەن ئانام پەسلەپ قالاتتى . مېنىڭ نەزىرىمدە ئانام بىزنى بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى تاشلاپ كىتدىغاندەك بىر ئەندىشە بار ئىدى . شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايتتىم . ئانام بولمىغان يورۇقمۇ مەن ئۈچۈن قورقۇنچلۇق لۇق تۇيۇلسا كېرەك . ئىش قىلىپ مەن كۇندۇزدە ھويلىدا ئويناۋىتىپ تۇيۇقسىز ئانام بىر يەرگە كەتكەندەك ھېسسىيات ئىچىدە ئانا دەپ توۋلاپ قوياتتىم . ئانام ھە دىگەچ ئىشنى قىلسا مېنىڭ كارىم يوق ئىدى . بىراق ھەر قېتىم ئانا دىسەم ھە دىمىسلا مىنى قورقۇنچلۇق بېسىپ كىتەتتى ۋە شۇ ھامانلا يىغلايتتىم . ئىش قىلىپ داۋاملىق ئانام بىلەن بىر يەردە بۇلۇش مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى . ئەگەر ئۇ يىنمدا بولسىلا مېنىڭ باشقا ئويلايدىغان ئىشىم يوق ئىدى . ئۆينىڭ تىمى بىر قەۋەت سىلىنغاندىن كېيىن ئانام دادامنىڭ سىڭلسى بىلەن ھەدەمنى ئىلىپ ئىتىزلىققا ماڭاتتى . مەن ئۇنىڭ كۆينگىنىڭ پىشنى تۇتۇپ ئېتىزىلىققا باراتتىم . مەن ئېتىزلىققا بارغاندىن كېيىن ئانام بىلەن مۇڭدىشىپ بىر دەمدىن كېيىن قۇرۇت قوڭغۇزلارنى تۇتۇپ ئوينايتتىم . ئاندىن ھىرىپ قالغاندىن كېيىن ئانامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالسام ئانام ئوت ئالىدىغان خالتسنى ئاستمغا سىلىپ ئۇخلىتىپ قوياتتى . بەزىدە ئۇخلاپ قوپۇپ قوسىغىم ئاچتى دەپ يىغلاپ ئويغۇناتتىم . ئانام ماڭا پۇچۇق ناننى تۇتقۇزۇپ مىنى پەس قىلاتتى . دادامنىڭ سىڭلسنىڭ قۇلىغى سەل ئېغىر . خۇددى بىر ئادەم خورەك تارتقاندەك نەپەس ئالىدىغان ئەمما ئۇنى ناھايىتى ئاقكۆڭۇل ۋە تېنىم تاپماي ئىشلەيدىغان ساۋاتسز ئايال ئىدى . ئۇنىڭغا گەپ ئۇقتۇرماق تەس ئىدى . پەس گەپ قىلسا ئاڭلمايتتى . يۇقۇرى گەپ قىلسا مەن پاڭ ئەمەس ئاستا گەپ قىل دەپ خاپا بۇلاتتى . ئانام بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن رەنجىشىپ قالسا جىدەلدىن ۋاز كىچىپ بولدى سىز دىگەنچە بولسۇن گەپ تالاشمايلى دەپلا داۋاملىق تالىششتىن ۋاز كىچەتتى . ئۇ بىر قېتىم ئەرگە تەككەن بۇلۇپ ئاجىرىشىپ كەتكەندى . چوڭ ئانام ئۇنى داۋاملىق تىللسا ھۇ ئەر ئالماس خچىر دەپ تىللايتتى . سەندەك ئەر كىشلا بولسا تەگمەيمەن مەن ھۇ قانجۇق دەپ تىلايتتى قىزىمۇ . ئىككىسنىڭ جىدىلى بەكلا قىزىزىق بۇلاتتى . چوڭ ئانام گەپچى ئايال بۇلۇپ نەدە ئادەمنىڭ ئېسگە كەلمەيدىغان بىر تىللار بىلەن ئادەم تىلايتتى . مۇنداقچە قىلىپ ئيتقاندا بۇ موماي ئادەملەرنىڭ ئادەملەرنى تىللاش ئۇچۇن ئىشلىتىدىغان ،  ھەممە ئادەم بىلىدىغان ۋە مەھەللىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن تىل بىلەن ئەمەس يېڭى تىل ھاقارەتلەرنى ئۆزى ئىجاد قىلاتتى . شۇ ئادەمنىڭ قانداق گەپكە بەكرەك ئاچچىغى كېلىدۇ . نىمە ئاجىزلىقلىرى بار دىگەندەك ئىشلارنى تەتقىق قىلىپ ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالغا ئاساسەن تىللايتتى . شۇڭا مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم . يالماۋۇزنىڭ ئۆزى . ئچى تار ھازازۇل خوتۇن . تەڭ كەلمەك تەس تەس . سىرىق قۇلاقنىڭ خوتۇنلىرى① مانا مۇشۇنداق يامان بۇلىدۇ دەپ ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى . چوڭ ئانام ھەممە ئىشنىڭ بېشى ئىدى . دادام بىزگە مىھرىبان بولسمۇ لېكىن خىزمەت بىلەن چىقىپ كەتكەچكە داۋاملىق ئۆيدە تۇرمايتتى . ئانام تاماق ئەتكەن بولسمۇ لېكىن ئاش پىشقاندا چوڭ ئانام چۈمۈچنى ئىلىپ ئۇسسۇپ بىرەتتى . ئاش ئۇسسۇش ئۇنىڭ بۇ ئۆيدىكى ئەڭ يۇقۇرى ئورننىڭ بەلگىسى ئىدى . ئۇ ئاش ئۇسسۇغان چىغىدا ھەر قېتىم ماڭا ۋە ئاكامغا ھومۇيۇپ قاراپ قوياتتى ۋە بىر قاچىغا ئازراق تاماق ئۇسسۇپ بېرىپ ئاندىن يەنە ئىچىمەن دىيشىمىزنى ئۆمىت قىلاتتى . چۇنكى بىز يەنە تاماق يەيمەن دېسەك ئۇ بىزگە يەنە بىر قېتىم ھومىيىۋىلىش پۇرستىگە ئىرىشەلەيتتى . بىز خۇددى بىكار تۇرماي تاماقلا يەپ بۇ ئۇينى كەمبەغەل قىلىۋەتكەندەك ئۇ بىزگە زەھەرخەندىلىك بىلەن تىكېلەتتى . بۇ ئۆي ھىساپتا چوڭ ئۆي بولغاچقا مېھمان كۆپ كېلەتتى . ھەر جۇمە كۈنى ئازنىلاپ چوڭ قىزى باللارنى ئىلىپ كېلەتتى . بۇ چاغلاردا چوڭ ئانام يالغۇز تۇردىغان ئۆي ئاۋات بۇلۇپ كىتەتتى . چوڭ ئانام يالغۇز بىزنى ئەمەس نەۋرلىرىنىڭ ھەممسگە ئۆچ ئىدى . ھەممسنى ھەي دوقۇندى . ئۆت بۇياققا . ھەي تىگى پەس تىلىڭنى تارىت . ئاغزىڭنى يۇم دىگەندەك گەپلەر بىلەن تىللايتتى . دوقۇندى  دېگەنگەپنىڭ مەنىسنى ھازىرغىچە بىلمسەممۇ لېكىن ئۇنىڭ ياخشى گەپ ئەمەسلگىنى بىلەتتىم . دادام تەرەپتىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىزنى ھەممسى دىيشىۋالغاندەكلا ياخشى كۇرمەيتتى . بۇلار ئانام تەرەپتىكى تۇققانلار بىلەن رۇشەن  سىلشتۇرما بۇلاتتى . مەن ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بىزنى ياىشى كۇرمەيدىغانلىغنى چۇشەنمەيتتىم .  ئانامنىڭ ئانسى بىزگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى . ئۇ داۋاملىق بىزنى ئەركلىتىپ بىزگە بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلغاندىن سىرىت باشقا نەۋرىلىرىدىنمۇ بەكرەك بىزگە ئامراق ئىدى . شۇڭامەن ئاكام بىلەن چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە بىرىشقا ئامراق ئىدۇق . ھەر قېتىم بېرىپ قالساق ئاكام بىلەن ئىككمىز نىمىنى ياخشى كۇرسەك شۇنى ئىتىپ بىرەتتى . ھىيتلاردا ئۆيگە بارساق ھويلىغا نەچچە يەردە قازاننى ئېسىپ بىر دەم بىكار تۇرمايتتى .  تاماقنى ھەممىزىگە تارقىتپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاكام ئىككمىزنى ئايرىم بىر ئۆيگە ئەكىرىپ بىر نەرسلەرنى بېرىپ سىرىتقا چىقماي يەپ بۇلۇپ ئاندىن چىقىڭلار دەيتتى . بۇ ئىشلار ئانامنىڭ قىرىنداشلىرىنى بىئارام قىلىۋىتەتتى . شۇڭا ئۇلار يالغۇز بۇ ئىككسى نەۋرە بىزنىڭ باللار نەۋرىسى ئەمەس دەپ غۇدىرىشىپ قويشاتتى . بىز بەزىدە چوڭ ئاكام بىلەن ياكى ھەدەم بىلەن بىللە باراتتۇق . ئاكام ئۇ چاغا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بۇلۇپ ئاكام ئىككىمىزدىن يەتتە سەككىز ياش چوڭ ئىدى . ھەدەم ئون بەش ياشلارغا كىرگەن بۇلۇپ ئالدىنقى يىلى مەكتەپتىن ئوقۇمايمەن دەپ چىقىۋالغاندى . ئۆزى چىرايلىق ئاق سىرىق كەلگەن قىز ئىدى . ئۇنىڭ باشقا ناچار مىجەزى يوق ئىدى پەقەت ئادەملەر ئوتتۇرسدا گەپ كۆتۇرۇپ يۇرۇشكە ئامراق ئىدى . ئۇنىڭ سەۋەبدىن ئانام  چوڭ ئانام نەچچە قېتىم جىدەللىشپ ئانام ۋاز كەچكەندى . كېيىن مەھەللىدىكلەرنىڭ بىر گەپلىرىنى يەنە بىر كىملەرگە چىقىپ نەچچە قېتىم باشقىلار يۇزلىشىپ قىلىپ ئۇنى گۇۋاھچىلىققا چاقىرىغاندى . ئۆز ئارا گەپ توشۇش ئۇنىڭ ئۇچۇن ھۇزۇر بىر ئىش بولسا كېرەك . داۋاملىق مۇشۇنداق گەپلەرنى بىر كىملەرگە دەپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جىدىلىنى كۆرۇش ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى . شۇڭا چوڭ ئانام ئۇ بىر دەم يوقاپ كەتسلا ئۇنىڭغا زەھىرىنى تىقىپ

ھە يەنە كىملەرنىڭ بوسۇغسغا داققاللىق قىلغلى باردىڭ ؟  سنى غاجا دەپ سۇڭەك بەرمىدىمۇ ؟ ياكى يېرىم يولدا غاجاپ بۇلۇپ يولغا تاشلىۋىتىپ كەلدىڭمۇ ؟ ھۇ ئازغا ئۇرىغى . سنىڭ مۇشۇ شور تۇمشۇغۇڭ بولسلا بىر مەھەللىگە ئەمەس ئاسمانغا چىقساڭ پەرىشتلەرنمۇ جىدەلگە سالالايسەن دەپ ئۇنى ئەدەپلەيتتى . ھەدەم باشتا گەپ قىلمايتتى . كېيىن ئۇنىڭمۇ تاقتى توشۇپ مانا ئەمسە دەپ ئاغزىنى قويىۋىتىپ مومام بىلەن تەڭ دىيشەتتى . يەنە ئەرگە تەككۇڭ كىلىۋاتامدۇ يالماۋۇز . ئەردىن بىرنى تېپىپ تىگپلا كۆزدىن يوقالماي كولۇڭغا ئوسۇرۇپ ئولتۇرغىچە دەپلا سىرىتقا قاچاتتى . يالماۋۇز  دېگەنگەپنى ئاڭلىغان چوڭ ئانام بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاقارغان چاچلىرى ئۆرە بۇلۇپ بارلىق ماغدۇرىنى يىغىپ ئۇنىڭ قوغلاپ ئاۋال دەرۋازىنى توساتتى دە ئاندىن قىزىغا بۇيرۇق قىلىپ

تۇتە بۇ دوقۇندىنى . چىشلىرىنى بىر بىرلەپ تۇكىۋەتمسەم مەن ئادەم ئەمەس دەپ ئۇنى ھارغىچە قوغلايتتى . قىزى بۇنداق جىدەلگە تولا ئارلاشقاچقا ئاخىرى ئۇلارنىڭ جىدىلىنى كۇرسە پەرۋاسىز ئولتۇرىدىغان بۇلۇپ قالغاندى  

ئۇ موماينىڭ چاچراپ چىقاي دەپ قالغان كۆزلىرىگە قاراپ قويۇپ تۇتالساڭ ئۇرمامسەن . ئۆلتۇرۆپ قويساڭمۇ چاتىغىم يوق دەپ ئىزىدىن قوزغالماي ئولتۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن موماي ئاسمانغا قاراپ يىغلايتتى . مەن كىچىك بولغاچقا بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا ئاخىرلاشقان بۇ درامنىڭ بەكلا قىسقا بۇلۇپ قالغانلىغدىن ئۆمىتسزلىنىپ باشقا ئويۇن تىپىش ئۇچۇن باش قاتۇرۇشقا باشلايتتىم . راستىنى ئىيتسام بۇ ئۆي ھىچقانداق بىر ئۆيگە ئوخشمايتتى . ئورنىمۇ . ئادەملىرىمۇ سەل ئالاھىدە ئىدى . ئۆي بەش ئالتە گىكتار كىلىدىغان باغنىڭ ئىچىدە بۇلۇپ يېرىم سائەت ماڭغاندا ئاندىن سىرىتتكى يولغا چىققىلى بۇلاتتى . ئەتىراپى قاغا جىگدە بىلەن مۇستەھكەم توسۇلغان باغ بىزنى ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن توسۇپ تۇراتتى . مومام غەيرى مىجەزلىك ئايال بولغاچقا بۇ يەردە ئۆيى بۇلۇپ قالغانلىغغا تولىمۇ رازى ئىدى . كەڭرى كەتكەن باغ . تۇرلۇك مىۋىلەر . ئوتتۇرسدا ئۆي . چوڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا قۇلىغى بىلەن قۇيرۇغى قىسقا لېكىن سۇرلۇك كەلگەن پاكار ئىت .  مەن بۇلارنى ھازىر ئويلسام شۇ چاغدىكى تۇرمۇشنىڭ ھەقىقەتەن ياۋرۇپادىكى باي بىر ئائىلىنىڭ تۇرالغۇلىرىدەك بەھەيۋەت ھالەتتە كۆز ئالدىمغا كەلتۇرىمەن . ئۆي ھەيۋەت لېكىن ئۆيدىكى ئادەملەرنىڭ مىجەزلىرى ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ۋە ئالاھىدە ئەھۋال ئاستدا بۇ ئۆيدە ياشاشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالغانلار بۇلۇپ ئۇلارنىڭ بەزىدە راستتىنلا بىنۇرمال بۇلۇپ قىلشى نۇرمال ئشتەك تۇيۇلۇپ قالاتتى  

گەپنى ئاۋال مومامدىن باشلاش كېرەك . مومام قەشقەردىن بۇلۇپ ناھايىتى يامان ئايال ئىكەن . چوڭ دادىمىز بۇرۇنلا ئۇلۇپ كەتكەچكە دادام ئالتە ياش چىغىدا دادىسدىن قاپتىكەن . لېكىن چوڭ ئانام ئۇ چاغدا ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ  قالغان بۇلۇپ چوڭ دادام ئۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن يەنە بەش ئالتە قېتىم ئەرگە تىگىپتۇ . دادام ئۇگەي دادىسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئۆيىدە بىللە تۇرۇپتۇ . لېكىن ئۇگەي دادىسنىڭ مىجەزى ناچار ئادەم بولغاچقا دادام كۇنەلمەي ئاخىرى دادىسدىن قالغان ئۆيگە يىنىپ كېلىپ يالغۇز تۇرۇپتۇ . كېيىن دادام دادۇينىڭ ئاشلىق ئامبىرىنى باشقۇرىدىغان خىزمەتكە قويۇلۇپتۇ . ئاچارچىلىق يىللاردا بۇنداق خىزمەتكە قويۇلغانلىغى ئۇنىڭ تەلىيى ئىدى . لېكىن ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ خىزمەتكە قويۇلغانلىغنى مەن تەپسلى بىلمەيمەن بەلكىم  ئۇ ساۋاتلىق ئادەم بولغانلىغى ئۇچۇن شۇنداق بولغاندۇ ياكى بولمسا باينىڭ بالسى بولغاندىن كېيىن كۆزى توق . خىيانەت قىلمايدۇ دەپ كشلە دادامنى سايلغان بولسا كېرەك . بۇ چاغدا دادام ئون تۆت ياشقا كىرگەن بۇلۇپ ئامبارنىڭ قۇلپسنى ئېچىش ئۇچۇن بويى يەتمەي داۋاملىق بىر تەڭنىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئىشك ئاچىدىغانلىغى توغۇرسىدا ماڭا تالاي قېتىم سۆزلەپ بەرگەندى . شۇنداق قىلىپ مومام كېيىن ھېلىقى ئەر بىلەن ئاجىرىشپ كېتىپ دادام تۇرىۋاتقان كونا ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ . ئۇ چاغلاردا توي قىلسا نىكاھ قىلىپلا ئارقىغا سلىپ كىتۋەرسە بۇلىدىغان ئىشكەنتۇق . بىر ئادەم بىر يۇرىتتىن بىر يۇرىتقا كېلىپ يالغۇز تۇرۇپ قالسا جامائەت ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ يۇرىتتا بويتاق ئادەم تۇرسا بۇزۇقچىلىق يۇز بېرىپ يۇرىتتىن بەركەت قاچىدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن كىشنىڭ نىمە ئادەملگىنى . بۇ يەردە قانچىلىك تۇردىغانلىغىنى سۇرۇشتۇرۇپ ئاندىن بۇ مەھەللىدىكى ئەرگە تەگمىگەن ياكى ئىرىدىن ئاجىرىشىپ تۇل ئولتۇرغان ياكى بولمسا ئىرى قازاغا ئۇچراپ ئۇلۇپ كەتكەن ئاياللارنى نىكاھ قىلىپ قوياتتىكەن . ھېلىقى ئادەم بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ ئاندىن قايتماقچى بولسا بولدى تالاق خىتىڭنى بەردىم دەپلا ئورنىدىن قوپوپ كەتسە ھەر ئىككسى ئەۋەلقىدەكلا يەنە ئۆزىنىڭ يولىغا ماڭىدىكەن . ھىچكىم ھىچكىمدىن خاپا بولمايدىكەن . شۇڭا موماممۇ ئەردىن چىقىپ ئەرگە تىگىپ ئاخىرى قىرىپ يشى بىر يەرگە بارغان چىغىدا ئاندىن ھەممە ئەر بىلەن ئاجىرىشپ كېتىپ ئوغلى ۋە ئەمدىلا ئاجىرىشپ كەتكەن قىزى بىلەن بىللە تۇرۇش ئۇچۇن قايتىپ كەلگەن ئىكەن .  دادامنىڭ سىڭلسى قۇلىغى ئېغىر بولسمۇ لېكىن ئىشچان بىر ئاجىزلىغى كارامەت جاھىل ئىدىكى ئەگەردە نىجاسەتنى يىيىشنى لايىق تاپسا مىڭلاپ ئادەملەر ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسمۇ بىر يىمىگىچە بولدى قىلمايدىغان مىجەزى بار ئىدى . بەلكىم ئۇ شۇ سەۋەپتىن ئاجىرىشىپ كەتكەندۇ . مەن ئۇنىڭ كىم بىلەن توي قىلغانلغىنى ۋە نىمە ئۈچۈن ئاجىرىشپ كەتكەنلىگىنى بىلمەيمەن پەقەت مەن بۇ ئۆيگە كەلگەندە ئۇ بار ئىكەن  

چوڭ ئاكام (دادامنىڭ ئۆز بالىسى )  ئۇ مەن بىلەن ئاكامدىن يەتتە سەككىز ياش پەرىق قىلاتتى . ئىش قىلىپ مەن ئېسمنى بىلسەم ئۇ مەكتەپتە ئوقۇيتتى . كەچلەردە ئۆيدە پەيدا بۇلۇپ تامىغنى يەپلا يەنە چىقىپ كىتەتتى . لېكىن ئۇنىڭ نەگە بېرىپ نىمە ئىش قىلىدىغانلغىنى بىلمەيتتىم لېكىن قىزىزىقاتتىم . ئۇ بەكلا جىمغۇر بۇلۇپ نەچچە سائەت بىر توپ ئادەمنىڭ قىزغىن پاراڭلىرى ئارىسدا ئولتۇرسمۇ بىرەر ئىغىز گەپ ئەمەس چوڭراق نەپەس ئالغىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى . شۇڭا ھەممسى ئۇنى ياۋاش دەپ قوياتتى . ئاكام بەلكىم ئۆز ئانسى يىنىدا بولمىغانلغى ئۈچۈن شۇنداق يۇۋاش بۇلۇپ قالغان بولسا كېرەك . دادام ئاكامنىڭ ئانىسى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئانام بىلەن توي قىلغاندى .ھەدەم دادامنىڭ ئاكسېنىڭ قىزى ئىدى . ئاكا ئۇكا ئىككىمىز بۇ بىر بىر توپ بەخىتسزلەر قوشۇنغا ئىككى ئەزا قوشۇلغاندۇق . ئىنسان تەبئىتدىكى ئارتۇقچلىقتىن بىرنى تاپقىلى بولمسمۇ لېكىن بارلىق ئەيىپ نوقسانلارنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئارىسدا ياشماق تەس ھەقىقەتەن تەس  ئىدى . بىر كۇننى ئۇرۇش جىدەل قىلماي ئۆتكۇزۇشنىڭ ئۆزى بۇ ئائىلىدىكى ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زور ئىنقىلاپ ئىدى . دادام ئۆيدە تولا تۇرمايتتى . لېكىن ئۇنىڭ سۇرى بار ئادەم بۇلۇپ بەزىدە قىززىق گەپلەرنى قىلىپ قوياتتى . گەپ قىلماي جىم تۇرسا خۇددى ھازىرلا ئادەمنى ئۇسسۇشكە تەييار تۇرغان بۇقىدەك كۇچلۇك ھەم سۇرلۇك كۆرىنەتتى . دادام ئۆيگە پەيدا بولغان ھامان ھەممسى جىمىپ قالاتتى . دادام بوسۇغىدىن چىقتىمۇ بولدى ئۆينىڭ ئىچىدە قىيامەت قايىم بۇلاتتى . بۇلار ئەسلى جەڭگە جىدەللەرگە ئەمدى كۇنۇپ بىر بىرنىڭ ھەقىقىي خۇي پەيلىنى چۇشۇنۇپ تۇرۇشغا ئاكام مەن ئانام ئۇچەيلەن كېلىپ قوشۇلۇپتۇق . شۇنىڭ بىر خىل رىتىمدىكى زىرىكشلىك مەنىسز تۇرمۇشقا باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ئەمەس ئۇرۇش جىدەل ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشنىلا بىلىدىغان بىر توپ ئادەملەر قاتارىغا قوشۇلۇپ بىز ئۇلارغا ۋاختنچە يىڭىلىق ھەم زىرىكىشلىك تۇرمۇشقا ئاتا قىلنغان مەنىۋى نىممەت بۇلۇپ قالدۇق . ئادەم ھامان ئۆزىنىڭ كۇڭلى يېرىم بۇلىدىغان بىر ئىشلارنى ئېسدە تۇتۇپ خۇشاللىقلىرىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ . ئەمەليەتتە بۇ بىر چوڭ ئائىلە بۇلۇپ دادامنىڭ يەنە ئىككى ئاكسى بىر ھەدىسى بار ئىدى . ئۇلار بالا چاقىلىرىنى ئىلىپ ھەپتىدە بىر قىتىمدىن كېلىپ تۇراتتى . بۇنداق چاغلاردا ئۆيدە ئەڭ ئېسل تاماقلار ئىتلەتتى . مەن بىر توپ تەڭتۇش باللارنى كۆرسەم خۇشاللىقتىن قىلغلى قىلىق تاپالماي قالاتتىم . چوڭ ئانام باشقا ناھىيلىك بولغاچقا ئۇمۇ كۆپ قىرىنداشلىق موماي ئىدى . شۇڭا ئۇنىڭ تىرىم ۋە باياۋات تەرەپتىن كىلىدىغان تۇققانلىرىمۇ كۆپ كېلەتتى . لېكىن ئۇلار داۋاملىق ئەرلەرلا كېلەتتى . ئاياللارنى بىر يەرگە ئىلىپ چىقمسا كېرەك دەپ ئويلايتتىم . كېيىن بىلسەم ئۇلارنىڭ ئۇن يەتتە . ئون سەككىز بالسى بار ئىكەن . چوڭ بالسنىڭ تويىنى قىلغان بولسا كچىك بالسى تۇغۇلغان بۇلىدىكەن . شۇڭا بىچارە ئاياللار شۇ باللار بىلەن بۇلۇپ سىرىتقا چىقىپ تۇققان يوقلاشقمۇ ۋاختى چىقمايدىكەن . بالام ئاز  دېگەنئادەملەرنىڭ يەتتە سەككىز بالسى بۇلۇپ ئۇلار بالا توغۇرلۇق گەپ بۇلۇپ قالسا بالا ئاز بۇلۇپ قالدى دەپ خىجلچىلىق ئىچىدە ئاران دەيدىكەن ۋە ئۇنداق ئائىلدىكى ئادەملەرنىڭ تىلى قىسقا ، يۇزى تۆۋەن بۇلىدىكەن . چوڭ ئانام ئۆزىنى قەشقەرلىك دەيتتى لېكىن ئۇ ئۇ قەشقەرگە يىقىن ، بىزگىمۇ يىقىن بىر ناھىيىدىن ئىكەن مەن بۇ ىشنى كېيىن بىلدىم . مەن خىلى چوڭ بولغىچە قەشقەرلىك ئاياللارنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىغىنى كۆرمىگەندىم . بىزنىڭ ئۆيگە كىلىدىغانلىرى ساپلا ساقاللىق . تەنبەل كەلگەن ئەرلەر ئىدى . ئۇلارنىڭ ھەممسنىڭ مىجەزىنىڭ ئوخشاشلىغى ماڭا بىر ئادەم مىڭ ئادەمدەك ،  مىڭ ئادەم بىر ئادەمدەك كۇرىنەتتى . پەقەت بولمىدى دىگەندە ئۇلارنىڭ كۆزى پەقەت جىم تۇرمايتتى . ئەمدى كېلىپ كۆرۇشۇپ قولىنى دۇئاغا كۆتۇرگەن بولسا كۆزى باشقا بىر يەرلەرنى ئاختۇرۇپ چىقاتتى . قولغا چىققىدەك نەرسە بولسا ئىگسى بولسا سوراپ بولمسا تىقىپ . كۆزى چۇشكەن نەرسە تىققىدەك كىچىك بولمسا ماڭار ئاخشامدا ئۇخلماي بولسمۇ ھېلىقى كۇزى چۇشكەن نەرسىنى ئېغىر ھەم چوڭ كۆتەك ھارۋلىرىغا جايلاشتۇرۇپ ماڭاتتى . شۇڭا ئۇلارغا بىر تەرەپتىن قىزغىن مۇئامىلە قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە پەخەس بولمسا بولمايتتى . لېكىن ئۇلارغا ھەممىلا نىمە كېرەك بولغاچقا بىرنى تىقىپ يىغشتۇرساڭ يەنە بىر نىمە چىقىدۇ . بىرنى تىقىپ قويساڭ يەنە بىر نەرسە يوق بۇلۇپ چىقىدۇ . ئىش قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆزى ئىتتك . ھەركىتى چاققان يۇزى ھەم قىلىن بولغاچقا تىرىملىق كەلگەن ئۆيدىن نەرسە يىتمسە ھەيران قالساڭ بۇلىدۇ  دېگەنگەپ تارقالغاندى .  ئۇلار ھەر چوڭ ئاتلار قوشۇلغان كۆتەك ھارۋىدا كېلەتتى . دادام ئۇلارنى تەسۋىرلەپ

تىرىملىق تۇققانلار ئولتۇرغان كىگىزنى ئىلىپ كەتمسلا ئىنسابى باركەن دىسەڭلار بۇلىدۇ . ئىمكان بار ھەممە نەرسىنى مىخلىۋىتىش كېرەك . بولمسا ئالىدىغا ئەكەلگەن داستخاننى بىراقلا يۇگەپ ئىلىپ كىتشمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس . دەيتتى ۋە يەنە ئۇلارنىڭ بۇنداق چوڭ كۆتەك ھارۋا ھەيدىشى ئۆيدىن بىسپ چىقىدىغان يۇكنىڭ جىقلىغىدىن ئەمەس باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قالسام ئىلىپ كىلىدىغان نەرسىلەر چالا قالمسۇن دەپ شۇنداق چوڭ ھارۋا ياسىتىدۇ دەيتتى . بىر قېتىم تىرىمدىن 50 ياشلار ئەتراپىدا بىر تۇققىنمىز كەپتۇ . ئۇ ئادەمنىڭ بىر پۇتى سەل ئاجىز بولسمۇ لېكىن ناھايىتى بەرداشلىق ، قەيسەر ئادەم ئىكەن . ئۆزىمۇ كۇچلۇك ھەم قارام بۇلۇپ نەچچە ئادەم كۆز قورقۇتقان ئىشنى ئۆزى قىلىپ نۇرغۇن ئادەملەرنى مات قىلغان ئىكەن . ئۆ ئۆيگە كۇن چۇش بىلەن كەلگەن كىلىپلا دادامنى سوراپ مومام ئىشتىن كەلمىدى دىگەندىن كېيىن مەن ئايلىنىپ كىرەي دەپ چىقىپ ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى بىر سىدە دەرىخىگە كۆزى چۇشۇپ كۆتەك ھارۋىغا تىقىپ قويغان ھەرسنى ئىلىپلا كسشكە باشلاپتۇ . بۇ سىدىنى دادام نەچچە قېتىم كسپ باغدىكى ئۇزۇمتاللىققا تۇۋرۇك قىلاي دەپ ئويلاپ سىدە بەك چوڭ بولغاچقا نەچچە ئادەمنى چاقىرىپ ئارغامچا بىلەن بىر تەرەپتىن تارتىپ تۇرمساق ئۆي تەرەپكە چۇشۇپ كېتىپ ئامبارنى بۇزغىدەك دەپ ئويلاپ كسشكە جۇرئەت قىلالمىغان ئىكەن . لېكىن بىر پۇتى ئاجىز بۇ ئادەم نەچچە ئادەم كۇچىمىز يەتمەيدۇ دەپ ئارقىغا يانغان سىدىنى كسپ پەم بىلەن چۇشۇرۇپ تۇغۇرسغا كىسپ  ھارۋىغا بىسپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچىپتۇ . دادام سىدىنى ھارۋىدا كۆرۇپ كۇلۇپ كىتىپتۇ ۋە چاخچاق قىلىپ ئۇ ئادەمدىن سوراپتۇ . دەرەخنى كىسپسز يۇ بىر يۇپۇرمىغىنىمۇ قويماپسز بۇ نىمە ئىش دەپ سورىسا ھېلىقى تۇققىنىمىزدەرھال چۇشەندۇرۇپ كۆتەك تەرىپىنى ئىشىك ئالدىغا ئورۇندۇق قىلىپ ئولتۇرىمەن . ئۆستنى ھويلامغا تۇۋرۇك قىلىمەن . شاخلىرىدا باللار كومايلەك ② قىلىپ ئوينايدۇ شىخىنى قويغا تاشلاپ بىرىمەن دەپتۇ . دادام بۇ تاغىسنىڭ گەپچلىگگە قايىل بۇلۇپ ئارتۇق گەپ قىلماي يەنە بىر پاقلان سويۇپ مېھمان قىلغاندى  . ئەمەليەتتە بۇ ئادەملەر ئۆز ئىشغا پۇختا ئەقىللىق ئادەملەر ئىدى . مىھماندارچىلىققىمۇ چىڭ بۇلۇپ ئەگەر بىرەر تۇققىنى ئۇلۇپ كەتسە ئۇنىڭ يات بىر تۇققىنى كەلگىچە كۆممەي ساقلاپ تۇراتتى . شۇ ئارلىقتا قىلىدىغان ئىشلىرى بەكلا جىق بۇلۇپ ھەر كۈنى بىر ئۆيدە قوي ئۆلتۇرۇلۇپ مۇسبەت بولغۇچى ئادەملەرنى مېھمان قىلاتتى . ئۇلۇمگە كەلگەن ئادەملەرمۇ نەچچە ئاي ھەتتا پەسىللەپ تۇرۇپ كىتەتتى . ئۇلارنىڭ ئادىتنىڭ جىقلىغىدا تىرىملىقنىڭ ياشىمىغىدىن ئۆلمگى تەس  دېگەنگەپ بار ئىدى . توي توكۇن بۇلۇپلا قالسا بىر يۇرىتنىڭ ئادەملىرى كۆچىۋاتقاندەك ھەيۋەت بىلەن بېرىپ ئادىمەتچلىك قىلاتتى . ھەممە ھارۋىدا بىردىن قوي بىر پارچىدىن كىگىز ئۇلارنىڭ ئادىمەتچلىك قىلىشقا قويىدىغان نەرسىلىرى ئىدى .  شۇغىنسى ئۇلارنىڭ يۇرتى قاپقارا شورلۇق بىر تەرەپكە قارىسا زەي پۇراپ تۇرىدىغان شورلۇق يەنە بىر تەرەپكە قارىسا پايانسز كەتكەن قۇملۇقتىن باشقا يىشلچىلىقنىڭ دىدارىنى كۆرۇش ئادەمگە نىسپ بولمايتتى . يەرگىمۇ يالاڭ ئاياق دەسسگىلى بولمايتتى . شورلۇق يەرلەرگە يامغۇر تامچلاپ يۇمشاپ يامغۇر توختاپ لاي قاتقاندىن كېيىن دەرەپشدەك ئۇچلۇق ۋە ئۆتكۇر تىغقا ئايلىنىپ قالاتتى . ئۇلارنىڭ مەھەللسى بىزنىڭ ئۆيلەرگە ئوخشاش قاتار مەھەللە ئەمەس ئىدى . يىشلچىلىق ھەم ئاۋات  بولمغاننىڭ ئۆستگە بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە بېرىشئۈچۈن خىلى ۋاقىت كىتەتتى . لېكىن يەيدىغان ئىچىدىغان نەرسىلەر ئۇلار ئېشىپ تۇراتتى . ھەر قانداق بىر ئائىلىدە بىرەر يۇز ئۆچكە ۋە كالا قويلار جىق بۇلاتتى . مېھمان كەلگەندە بىرەر پاقلاننى ئۆلتۇرۇش ياكى بىرەر ئوغلاق سويۇش ئۇلارنىڭ ئادەتتىكلا بىر ئىشى ئىدى . بىزنىڭ يۇرىتتا داۋا دەرەخ ئاسمان بويى ئۆسەتتى . شۇڭا ئۇلار دەرەخكە تەۋە ھەممە نەرسىنى كېرەك قىلاتتى . لېكىن باشقا نەرسگە ئانچە ئىھتياجى يوق بۇلۇپلا قالماستىن باشقا جەھەتلەردە ئۇلار بىزنىڭ يۇرىتنىڭ ئادەملىرىدىن باي ئىدى . نۇرغۇنلىغان ئادەملەر بۇ يەردىن ياغاچ سېتۋىلىپ ئاپىرىپ ئۆي سالاتتى . شۇڭا تىرىمنڭ ئادەملىرى داۋاملىق بىزنىڭ يىزىنىڭ بازىرىدىن ياغاچ ئالغىلى كېلەتتى ھەم بىزنىڭ مەھەللىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ يەرگە ياغاچ ئاپىرىپ ساتاتتى . مەيلى قانداقلام بولمسۇن ئۇلار كەلسە بىرەر يىڭىلىقنى ئالغاچ كېلەتتى . ھېچ بولمسا ئۆيدىكىلەر مىھماننىڭ خۇشاللىغىدا بۇلۇپ بىر بىرى بىلەن بىر نەرسە دىيشنى ئۇنتۇپ قالاتتى . ئۆي خۇشاللىققا چۇمەتتى . ئەڭ ئىسل يىمەكلىكلەر شىرەگە چىقاتتى . ئەڭ ياخشى گەپلەر قىلىناتتى . شۇڭا مەن كۇندە ئۆيگە مېھمان كەلسە نېمىدېگەن ياخشى دەپ ئويلايتتىم

شۇ ئارلىقتا ئۆيدىكى مۇساپىرلار يەتمىگەندەك تىرىمدىن يەنە بىر تۇققىنمىز كەلدى . ئسىمى مۇھەممەد بۇلۇپ ئۇنىڭمۇ بىر پۇتى ئازراق ئاجىز لېكىن مىجەزى ياخشى يۇۋاش ئىنسان ئىدى . ئۇنىڭ يۇۋاشلىغىنى ياكى يامانلىغىنى مەن بىلمەيتتىم ئىش قىلىپ ئۇ ماڭا يامان گەپ قىلمايتتى . ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بۇلاتتى . ئاكام ئىككمىز ئاساسەن ئانامدىن ئايرىلمايتتۇق . ئۇلارنىڭ ھەر قاندىغى بولسا بىزنى بىر ئاماللارنى قىلىپ چىقىۋالاتتى . بۇلۇپمۇ ھەر قىتىملىق تاماق ۋاختىدا مومامنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن چۇمۇچنى تۇتۇپ تىكېلىپ قارىشىغا بەرداشلىق بىرەلمەي يەرگە قارىۋالاتتىم . لېكىن ئاناممۇ باشقىلارغا ئورۇنسىز بۆزەك بۇلىدىغان ئادەم بولمىغاچقا بىزنى ھامان قانات ئاستىغا ئىلىپ قوغدايتتى . ئارلىقتا بىر يىل ئۆتۇپ مەن ئالتە ياشقا كىردىم . ئاكام مەكتەپكە كىردى . مەن ئەمدى تامامەن يالغۇز قالغاچقا بىرەر مۇڭدىشدىغان سىرداش تىپىش ئۈچۈن ئۈرۈنۇپ كۆرمەكچى بولدۇم . بىراق داۋاملىق ئىشكنىڭ ئالدىنى مۇستەھكەم باقىدىغان ئىتتىن باشقا ماڭا دوس بولغىدەك ئادەم يوق ئىدى . مەھەللە تەرەپكە ئۆتەي دىسەم باشقا باللاردىن قورقاتتىم . مېنىڭ دوستلىرىم ئانامنىڭ مەھەللسدە قالغاندى . شۇڭا بۇ يەردە تېخى ھىچكمنى تونۇمغاچقا كىم بىلەن ئويناشنى بىلمەيتتىم ھەم باللارنىڭ نەلەردە ئوينايدىغانلىغنىمۇ بىلمەيتتىم . شۇ كۇنلەردە مومام مىنى ئەمدى سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ . بىر قاچا ئاشنى تۇتقىدەك بولغان ئادەم  دېگەنبىكار يۇرسە بولمايدۇ . ماڭا چىقىپ قويلارنى بىقىپ كىر دەپ بىر كۈنى قويلارنى چىقىرىپ بەردى . قويلار خىلى جىق ئىدى . مەن قويلارنى سىرىتقا ئىلىپ چىقماي  باغقا قويۇپ بەرسەملا ئۇلار يەيدىغان نەرسنى تېپىپ قوسغىنى  باقاتتى . قويلارنى سىرىتقا ئىلىپ چىقساملا ئىتمۇ مەن بىلەن ئەرگىشىپ بىللە ماڭاتتى . مەن باشتا بۇ ئۆيگە كەلگەندە ئىتنىڭ قىپ -  قىزىل كۆزلىرىدىن قورقۇپ يۇردۇم . لېكىن تاماقنى داۋاملىق مەن بەرگەچكە ئۇ ئاخىرى مىنى تونۇدى . شۇنىڭ بىلەن كۆڭۇل ئاچىدىغان بىر ئەرمەككە ئىگە بولدۇم . ئاكام ھەر كۈنى كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ كېلەتتى . ھەر كۈنى كەچتە ھەممسى قايتىپ كېلىپ ئۆيدە تاماق يەيتتى  .  لېكىن چۇشتە مەن . ئانام ۋە موماملا قالاتتۇق . بەزىدە ئىككى ھەدىمىز بىلەن مۇھەممەدمۇ بۇلاتتى . لېكىن كۇپىنچە ئەھۋالدا مومام بىلەن مەن قالاتتىم  . باشقىلار ئىتىزدا ئىشلەيتتى . مەن ئىتىزغا بىللە چىقاي دىسەممۇ قوي بىقىش مېنىڭ مۇقىم ۋەزىپەم بولغاچقا ئانامغا ئەرگىشىپ ئىتىزغا باردىغان ئىشمۇ يوققا چىقتى . شۇنىڭ بىلەن قوي بىقىشغا كىرىشپ كەتتىم . ئەگەر ياق دىسەملا مومام مىنى تىللايتتى شۇنىڭ بىلەن ئانام ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ ئىككسى ئارازلىشىپ قالاتتى . شۇڭا مەن ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم . قوي باقمساممۇ باشقا ئىش قىلالمايتتىم . بۇ ئىش جاپا بولمسمۇ لېكىن ئادەمنىڭ ئىچى پۇشىدىغان بىر ئىش ئىدى . لېكىن ئانام بىلەن مومامنىڭ ئوتتۇرسىدا زىددىيەت بارغانسرى كەسكنلىشىپ كەتتى . مومام داۋاملىق بىزنىڭ يىگەن ئىچكىنىمىزگە دىققەت قىلاتتى . ئۇ كىينچە ئانام تاماققا قوپوپ قالسا ئۇننى . ماينى . سەينى ئۆزى بىرىدىغان ياكى بولمسا ھەممسنى بىر قۇر تەكشۇرگەندىن كېيىن ئاندىن تاماق ئىتشكە روخسەت قىلىدىغان بولدى . مومام بەزىدە سىرىتتىن كىرىپ قالسا كىمنىڭ بىرنەرسە يىگەنلىگىنى كۇرۇپ قالسا قاپىغنى تۈرگەنچە ئاغزىڭدىكى نىمە ؟ نىمە يەۋاتسەن چىقىرە بىر كۆرەي دەپ سورايتتى ۋە كۆرسەتكەندىن ئاندىن نىمىلەرنىدۇ دەپ غۇدۇرىغانچە كېتىپ قالاتتى . مەن بىر قېتىم ئانامنىڭ قاچانمۇ ئۇزۇمنىڭ ئۆيى بۇلار خۇدايىم دەپ يىغلاپ كەتكىننى ئاڭلىغان ئىدىم . مۇشۇ سەۋەپتىن دادام يېڭى ئۆيلۇك ئىلىپ بىز شۇ يەرگە ئۆي سىلىشقا باشلىغان ئىدۇق . شۇڭا ئانام ھارسىمۇ چارچىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆيى بۇلىدىغانلىغىنى ئويلاپ خۇشاللىق ئىچىدە بىكار تۇرماي ئىشلەيتتى . ئارىدا بىزمۇ بىكار قالمايتتۇق . ئىش قىلىپ كۇچىمىز يىتىدىغان بىر ئىشلارنى قىلاتتۇق . دادام كۇندە خىزمەت دەپ كېتىپ كەچتە ئىشلارنى ئانامدىن سۇرۇشتە قىلاتتى ياكى بولمىسا ئۆيگە مەس كېلەتتى . مەن شۇ چاغدا ئەركىشى بۇلۇش نېمىدېگەن راھەت دەپ ئويلايتتىم . ئانام كۇن بويى جاپا چىكىپ بىر ئۆينى ئۆي قىلىمەن دەۋاتسا دادام چالا كەيىپ كېلىپ قىلغان ئىشلارغا باھا بېرىپ . ياراتماي قايناپ قاخشاپ ئۇخلاپ قالاتتى . لېكىن ئانام ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايتتى . بىز ئەتسى ئوخشاشلا ئىشلەيتتۇق . مەن بەزىدە . ئسېسقتا ئۇخلاپ قالاتتىم . ئورنۇمدىن تۇرسام يەنە بىر ئىشلارنى قىلاتتىم . قىلغان ئىشىم ئىش دىگۇدەك بولمسمۇ لېكىن ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئىمكان بار بىكار قالمايتتۇق . بىر كۈنى ئاكام بىلەن ئىككىمىز باغدىن غورا ئىلىپ كىلىمىز دەپمۇ ئىش قىلىپ بىر ئىش ئۇچۇن كىتىپتۇق . ئارقىمىزدا دادام پەيدا بۇلۇپ بىزنى ئالدىغا سىلىپ يېڭى سىلىۋاتقان ئۆيگە قاراپ ئىلىپ ماڭدى . ئاكام بىلەن ئىككمىزنىڭ كىيملىرىمىزمۇ يوق ئىدى . ئىككىمىز يالىڭاچ پىتى ئۆيگە قاراپ قاچتۇق . ئەگەر ئانامنىڭ يېنىغا بىرىۋالساقلا ھەر قانداق ئىش بولسا قورىقمايتتۇق . شۇڭا شۇنچلىك يۇگۇرۇپ ماڭدۇقكى دادامنىڭ چوڭ چوڭ قەدەملىرىمۇ خىلى ئارقىمىزدا قالدى . يېڭى ئۆينىڭ يىنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭ كونا ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغان بۇلۇپ بىز كەلگەندە سۇ يوق ئىدى . بىراق قىچىپ كىتىۋاتقاندا قارىساق لىق سۇ ئىقىۋىتىپتۇ . ئاكام بىلەن ئىككمىز ئەمدى قانداق قىلىمىز دىگەندەك بىر بىرىمىزگە قاراپ تۇرۇپ قىلىشتۇق . ئارقىمىزدا غايەت زور بىر كۈچ بىزگە تەھدىت سىلىپ كىلىۋاتاتتى . بىز قورقۇپ تۇرساقمۇ ئىرىقتىن ئۆتۇشتىن قورقۇپ يەنە قىرىغا كېلىپ تۇردۇق . مەن قورقۇنۇچتىن ئارقامغا قاراشقا پىتىنالمايتتىم . دادام بىزگە يىقىنلىشىپ كىلىۋاتاتتى . ئەمدى تاياق يەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ كۆزۇمنى يۇمىۋالدىم . بىر چاغدا يۇرىگىم مەيدەمگە قاپلىشىپ قالدى . نەپىسم ئۈزۇلۈپ قالىدىغاندەك تۇيۇلدى . ئىككى قول مىنى تۇتقاننى بىلىمەن بىشىم قايغاندەك بۇلۇپ ئارقىدىن گۆپ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر پۇتۇم سۇنۇپ كەتكەندەك ئاغىرىش بىلەن پۇتۇن بەدىنمگە ئاغىرىق كىرىپ كەتتى . ئاغرىقنىڭ دەستىدىن كۆزۇمنى ئاچسام ئىرىقنىڭ يەنە بىر قىرىدا ياتىمەن . ئارقىدىن ئىككى قول ئاكامنى تۇتۇپ يالىڭاچ بىلەكلىرىنى غەزەپ بىلەن مۇجۇپ تۇتقانچە مەن تەرەپكە قارىتىپ ئاتتى . مەن ئۈزۇمنىڭ بىر دەمدىلا قانداق قىلىپ ئىرىقنىڭ بۇ قىرىغا كېلىپ قالغانلىغمنى ئاندىن ھېس قىلىپ يەتتىم . ئاكامنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ پۇت قولۇمدا جان قالمىدى . شۇ تاپتا ئانامنى ئىزدەپ تىپىش كېرەك بىرلا خىيال كاللامغا كىرىۋالغاندى . دۇنيادا ئانامدىن باشقا ئىككىنچى بىر ئادەم ئىككىمىزنى قوغداپ قالالمايتتى . شۇڭا مەن ئاغرىقنىمۇ سەزمىگەنچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئانام تەرەپكە قاراپ قاچتىم . ئاكاممۇ ماڭا ئەگەشتى . بىز ئىككىمىز بەش مىنۇتقىمۇ بارمايدىغان ۋاقىت ئىچىدە يۇگۇرۇپ بېرىپ ئانامنى كۇرگەندىن كىيىن ئىككىلىمىز تەڭلا ئانامنىڭ قۇچىقىغا ئۇزىمىزنى ئاتتۇق . ئانام نىمە بولغانلىغىنى بىلەلمەي بىردەم سارغىيىپ كەتكەن چىرايىمىزغا قارىسا بىر دەم ئۈستى بىشمىزدىكى توپىلارنى قىقىپ بىزگە تەسەللى بىرەتتى . گەپ سورايتتى . مەن ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ھەم دادامدىن قورقۇپ يىغليالمىغان ئىدىم شۇڭا ئانامنى كۇرگەندىن كېيىن نەپسىم نەپىسمگە يىتىشمىگەن ھالدا يىغلاپ تاشلىدىم . شۇ تاپتا قولۇمدىن پەقەت يىغلاشلا كېلەتتى ، گەپ قىلاي دىسەممۇ كۇكسۇمنى مۇجۇپ تۇرغان ئاچچىق ياش تامچلىرى ماڭا پۇرسەت بەرمدى . ئانام بولسا بىر دەمنىڭ ئىچىدە نىمە ئىش يۇز بەرگەنلىگىنى بىلمەكچى بولغاندەك ھەيران قالغاندى . ئىككى ئوغلى يىنىدا قىقىراپ يىغلاۋاتقان ئانىنىڭ يۇرىگىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئازاپلىندىغانلىغىنى بىلمەيمەن  ئىش قىلىپ ئانام بىزگە دىمىگەن بىلەن دەردىنى ئىچىدە بىلەتتى

ئۆيدىكى ھەر قانداق جىدەل ئالدى بىلەن بىز توغۇرلۇق بۇلاتتى . كچىك بولغاندىن كېيىن بەزى ئىشلارنى چوڭلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئەقىلى بىلەن قىلىپ بۇلالمايتتۇق . شۇ سەۋەپتىن بەزى ئىشلارنى بۇزۇپ قويغان چىغمىزدا باشقىلارنىڭ بىزدىن دەردىنى چىقىردىغان ۋە ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان ئۆچمەنلىگىنى ئىپادىلشىنى ھېس قىلىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بۇلاتتۇق .                            

مەسىلەن مەن كەچلىك تاماق ۋاخلىرىدا چىننى  قولۇمدا تۇتقانچە ئۇخلاپ قالاتتىم دە چىنە ئۆرۇلۇپ مەن ئولتۇرغان كىگىزگە ئاش تۆكۆلۇپ كىتەتتى . شۇنىڭ بىلەن مومامنىڭ ئاچچىغى كېلىپ ئاغزىنى بۇزاتتى . ئانام بولسا كىچىك بالىغۇ بۇ ؟ نىمانچلا قىلىلا ئەمدى ؟ كىچككىنە بالغا بۇنداق دەپ كىتىش كەتمەيدۇ دەپ قوياتتى . مومام يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى دىمەكچى بولسىمۇ لېكىن ئانامنىڭمۇ بوش كەلمەيدىغانلىغىنى بىلىپ شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمايتتى . ئىش قىلىپ بىزنىڭ كچىككىنە سەۋەنلىگىمىز باشقىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتاتتى . خۇددى ئىنسانىيەتنىڭ باللىرى ئۇتكۇزۇپ باقمىغان بىر سەۋەنلىكلەرنى بىز تۇنجى بۇلۇپ ئۆتكۇزىۋاتقاندەك ھەممىسى بىزگە دىققەت قىلاتتى . ھەر بىر ھەركىتمىزگە نۇرغۇن كۆزلەر كۇزەتچى بۇلاتتى . قىلىشقان گەپلىرىمىزنى نۇرغۇن قۇلاق ئوغۇرلۇقچە ئاڭلايتتتى . شۇنچە كەڭرى دۇنيادا كىچككىنە بىر جەميەتنى تەشكىل قىلغان ئائىلىدىكى ئىمتىياز ۋە ئورۇننىڭ بەكمۇ كىچىكلەپ كەتكەنلىگىدىن زىرىككەن ئانام ھەممىلا ئادەمنى ئۆزىگە رەقىپ ھىساپلاپ ياشايدىغان ھاياتتىن چارچىغان بولسا كېرەك . بەزى زىدىدىيەتلەرنى پەقەت ئايرىم ئۆي تۇتۇش بىلەن ھەل قىلمسا بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ ئايرىم ئۆي تۇتۇش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشقاندى .    

بىز ئۆيدىن ئايرىلساقلا بىر بىرىمىزنى كۆرگەندىن كۆرمسەك خۇش بۇلىدىغان ئارزۇلىرىمىز ئەمەلگە ئاشاتتى .  يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كەلسەك چوڭ ئاكام . ئاكام مەن دادام ئاناملا قايتىپ كىلەتتۇق . قالغانلار كونا ئۆيدە قالاتتى . ئاناممۇ ئۆمىرىدە بىر ئادەم بىلەن توي قىلىپ ئەركىن ئازادە بوشلۇققا ئىگە بولغىنىدىن خۇش بۇلاتتى . بىر ئادەمنىڭ قەدەملىرىنى . بۇرنىنى قىقىشلىرىنى . گەپ سۆزلىرىنى ۋە جىمجىت يۇرۇشلىرىنى داۋاملىق بىر نەچچە ئادەم ، بىرنەچچە جۇپ كۆز بىلەن بىر نەچچە نەچچە جۇپ قۇلاق داۋاملىق كۇزىتىپ ئىلاج قىلىپ سۆزلەيدىغانغا باھانە ئىزدەپ يۇرگىننى كۆرسە ئادەم ئۆزىنى قاماقتا خەتەرلىك ئادەم دەپ باشقىلار تەرىپىدىن كۆزتىلىۋاتقان بىر ئادەمدەك ھېس قىلىشى تەبئى ئىدى

شۇ تاپتا ئانامنىڭ نەزىرىدە مۇستەقىل ۋە ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا قۇرۇلماقچى ئىدى . تۇرمۇشنىڭ خوشاللىغىدىن بەھىر ئىلىشنى ئاساسلىق ئويلاپ كەتمسمۇ لېكىن ئەرزىمەس زىددىيەت توقونۇشلاردىن ئۆزىنى بىر چەتكە ئىلىپ ئارامخۇدا ياشاشنى باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئويلايتتى . شۇڭا ئۇ خۇشال بۇلاتتى . داداممۇ يېڭى ئۆينىڭ غەلۋىسنى قىلغان سەن قانداق قىلساڭ قىل دىگەندەك ھەممە ئىشنى قىيداپ ئانامغا تاشلاپ بېرىپ يۇرۇپ ئاخىرى ئۆي  پۇتتى . لېكىن كونا ئۆيدىن بۇ يەرگە يىنىپ كەلمەك تەس ئىدى . بۇنىڭ ئۈچۈن دادام ئوتتۇرغا چىقىپ بىر نەر دىمسە باشقىلار ئانامغا يامان كۆزى بىلەن قاراپ دادامنى كۇشكۇرىتتى دىيشتىن يانمايتتى . ئانام ئائىلە ئەسلىھەلىرىنى ئالمايلى . پەقەت بىر قازان بىلەن چۇمۇچ چىنە بولسىلا باشقا نەرسىنى يىڭىلاپ سىتىۋالىمىز دىگەندى دادامغا .  ئۆيدە ھەممە نەرسە ئېشىپ تىشىپ تۇرسىمۇ لېكىن ئانام ھەممىنى يېڭى باشتىن ئالايلى دەپ ئويلىغاندى . چۇنكى ئۇ مۇشۇنداق ئۆزىگە تەۋە بولغان دۇنيانى بەرپا قىلالايتتى . كىينچە بىر گەپ بۇلۇپ قالسىمۇ ئۆزىنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن نەرسلەرنى ئۈزۈمنىڭ دەپ يۇرەكلىك ئيتالايتتى . بىز كۆزنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە ئۆي كۆچتۇق . چوڭ ئاكام بەزى كۇنلىرى بىزنىڭ ئۆيدە . بەزى كۇنلىرى مومامنىڭ قىشىدا قوناتتى . يېڭى ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىن ئانامنىڭ ئانسى تەرەپتىكى تۇققانلارمۇ خىلى كۆپ كېلىدىغان بولدى . بۇرۇن ئۇلار چوڭ ئۆيگە ئانچە كېلىپ كەتمەيتتى . ئەمدى ئانامنىڭ ئانىسى ئۆيگە كىتەرلىك نەرسىلەرنى تولۇقلاپ بېرىشتولا كىلىدىغان بولدى . يېڭى ئۆينىڭ مىھرى باشقىچە ئىدى . ئەمدى مەنمۇ ئانامغا ئەركىن ئازادىلىك بىلەن ئەركىليەلەيدىغان بولغاندىم . ئانام نىمە تاماق ئەتسە ئۆزى ئەركىن ئازادە ئىتەلەيدىغان بولغاندى . بەزىدە دادام مومىڭىزنى چاقىرىپ كىلىڭ بىللە تاماق يەيلى دەيتتى . بەزىدە مومام ئۆزى كېلەتتى . ئۇ باشتا ئۆينىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىپ بىقىپ كېيىن بۇ ئىشلار خوشياقماس بولدىمۇ ئىش قىلىپ ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيدىغان بولدى دادامنىڭ سىڭلىسى بىلەن ئاكسېنىڭ قىزى  ۋە ھېلىقى تىرىمدىن كەلگەن تۇققىنىمىزنىڭ پۇتى ئاجىز بالسى ئەمدى بىللە تۇراتتى . بىز دادام ئاناملار بىللە تۇراتتۇق . يېڭى ئۆي قاتار مەھەللىدە بۇلۇپ سىرىتقا چىقسلا ئادەملەرنى كۆرگىلى بۇلاتتى . ئىشىك ئالددىكى يول چوڭ بولغاچقا ئۈزۈلمەي ئشەك ھارۋىلىرى . ئات ھارۋىلىرى ئۇتۇشۇپ تۇراتتى . مەن بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئانچە مۇنچە سرىتقا چىقىدىغان بولدۇم . چوڭ ئانام ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ھەممە ئىشنى بىر قۇر سۇرۇشتۇرۇپ بىزنىڭ ناشتىلىققا نىمە تاماق يىگەنلىگىمىز توغۇرلۇق بەزى ئىشلارنى ئۇققىلى كېلەتتى ياكى بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىپ ئاندىن كىتەتتى . دادامنىڭ سىڭلىسنىڭ مىجەزى ياخشى ئىدى . بىچارە ئايال تىنىمسز بىر ئىشلارنى قىلاتتى . ئۆزىگە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىش ۋە ئادەملەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىششنىمۇ خالىمايتتى . ئۇنىڭ ئۇچۇن دۇنيادا ئەمگەكتىن باشقا ھېچ قانداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . ئۇدۇل خوشىنمىزنىڭ بىر ئوغلى بىر قىزى بار ئىدى . ئۇلار بىلەن تونۇشتۇم . مېنىڭ ئامراق ئىتىم ئۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيدە يالغۇز قىلشتىن زېىرىكىپ سىرىتقا تىخىمۇ جىق چىقىدىغان بولدۇم
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(saba7911) ئىجادىي مەزم ..
  • ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-28 09:47 AM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    han0997
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27123
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 10 نۇمۇر
    پۇل: 147 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ياخشى ئەسەركەن ، داۋامىنى تىزراق يوللىغايسىز .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-28 12:31 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    chogluk
    دىيارىم كاتىۋى
    دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 25099
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 144
    شۆھرەت: 550 نۇمۇر
    پۇل: 1758 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1072(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ھارمىغايسىز ئۆزھال ئاكا ، بۇ رومانىڭىزنى ئوقۇپ بالىلىق مەزگىلىمگە قايتقاندەك بولدۇم ، داۋامىغا ئىنتىزارمىز .
    Okyan
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-28 02:46 PM |
    Adil Mijit Bilan sohbat
    gumanhor-
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33945
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 39
    شۆھرەت: 39 نۇمۇر
    پۇل: 149 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    ئۆزھالكا، ئاخىرىنى يوللىمامسىز ؟
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-29 12:40 AM |
    Yurtum Elani
    uzhal
    http://p8.images22.51img1.com/
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2540
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 347
    شۆھرەت: 587 نۇمۇر
    پۇل: 1824 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 595(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    2- باپ توي ۋە ئىتنىڭ ئۇلۇمى



    مەن ئېسىمنى بىلسەم ئۆينىڭ ئالدىدا چوڭ بىر ئۆستەڭ بار ئىدى . ھەر يىلى باھار كەلگەندە يالىڭاچ ئوغۇللار چۆگۇن چەينەكلىرىمىزىنى كۆتۇرۇپ چىقىپ تۇگمەن . چاقىپىلەك ياساپ ئوينايتتۇق . قىزلار سۇگەت ئەمدى كۆكلەش ئالدىدا تۇرغاندا سۇگەتنىڭ چىچەكلىرىدىن تاج ياساپ تاقىۋالاتتى . بەزىدە قىز ئوغۇل ئۆي تۇتۇپ بىر بىرىمىزنى نىكاھ قىلىپ ئوينايتتۇق . لېكىن بەزىلىرىمىزنىڭ مىجەزى كېلىپش مەي شۇ ھامان ئاجىرىشىپ يەنە باشقىلار بىلەن ئۆي تۈتۈپ ئوينايتتۇق . بۇ تاللاش قىزلاردىكى ھوقۇق بۇلۇپ قىزلار بىرسىدىن ئاجىراشماقچى بولسا دەرھال باشقا باللارغا قاراپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان بىرسنى تاللايتتى . ئەگەر بىرەرسى بۇ قىزنىڭ كۇڭلىگە ئازار بەرگەن بولسا ياكى بىر نەرسىلەرنى ئىلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا بەرمىگەن بولسا قىز ئۇنى ھەرگىزمۇ تاللىمايتتى . چۇنكى ئۇنى پىخسىق . ئىچى تار دەپ قارايتتى . بەزى باللار مىنى تاللا دەپ بىر بىرى بىلەن بەسلەشسە قىزلار شۇ ھامان ئۇنىڭ ئەيىپىدىن بىرنى تېپىپ چىقىپ ئۇنىڭ ئۆي تۇتۇشقا ئەرزىمەيدىغانلىغىنى ھېس قىلدۇرۇپ جىملا قىلىپ قوياتتى . بۇ ئويۇن بەك قىزىيتتى . كىچىككىنە توپىنى پۇتىمىز بىلەن ياساپ ئەتراپىنى توسقاندىن كېيىن ئاندىن دەرەخنىڭ شاخلىرى بىلەن ئۆيلەرنىڭ كارۋىتىنى ۋە داستخانلىرنى ياسايتتۇق . بۇ جەرياندا نەچچە ئادەم نەچچە ئادەمنى ئىلىپ قويىۋىتەتتى . بۇ ئىش قول تۇتىدىغان ئىش بولغاچقا ئۆينى ياساپ بۇلۇپ بەزىلىرى ئوچاق ياسايدىغان ئىشلاردا كىلشەلمەي ئاجىرىشىپ كېتىدىغان ئىشلار بۇلۇپ تۇراتتى . ياز كەلگەندە باللار چوڭ كۇۋرۇكنىڭ ئالدىدا سۇغا چۇشەتتى . شۇڭا ھەممە بالىنىڭ تىنى كۈيۈپ قاپ قارا بۇلۇپ كىتەتتى . ھەممە پەسىلنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئويۇنلىرى بۇلۇپ ئۇ بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۇللۇك ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ قالاتتى . قىشتا سۇ توڭلاپ مۇز قاتقان چاغدا باللار چانىلىرىنى كۆتۇرۇپ چىقىپ چانا ئوينايتتى . بەزىدە قىشتا كۆلدىكى سۇ تۇگەپ كەتسە ئۆي ئۆيلەردىن پالتا بىلەن چىلەكلىرىنى كۆتۇرۇپ چىقىدىغان ئاياللار توپ توپ بۇلۇپ مۇزنى چاناپ چىلەككە سىلىپ ئۆيلىرىگە كىتىشەتتى ۋە مۇزنى قازانغا سىلىپ ئىرىتكەندىن كېيىن مەينەت مۇز بۇلۇپ قالسا قوي كاللارغا ئىسستىپ بېرىپ پاكىز مۇزنىڭ سۇيىدە تاماق ئىتەتتى . قوي ۋە ئۆچكىلەر داۋاملىق ئەتىياز پەسلىگە يىقىن تۇغىدىغان بولغاچقا قىشتا سۇغۇق سۇنى بەرسە بالىسى قوسىغىدا توڭلاپ قالاتتى . شۇڭا ھەممە ئۆينىڭ قويلىرى قىشتا ئسستقان سۇ ئىچەتتى . ئۆستەڭنىڭ  سۇيى يازدا ئىتىزنى سۇغارسا مۇزى بىلەن بىر مۇنچە ئائىلە سۇ قىينچلىغىنى تارىتماي قىشتىن چىقاتتى . مەن شۇ چاغدا مومام بىلەن بىللە تۇراتتىم . ئانام دادۇينىڭ سەيپۇڭلۇق گۇرىپسدا ئىشلەيتتى . شۇڭا سەھەردە چىقىپ كەتسە كەچتە قايتىپ كېلەتتى . چوڭ ئانام تاماققا ئۇستا مۇڭداشقاق ئايال بۇلۇپ بىزنى گەپ قىلىشنى ئۇگەنسۇن دەمدىكىن داۋاملىق بىز بىلەن مۇڭدىشاتتى . بىزنىڭ سورىغان سۇئالىلىرىمىزغا زىرىكمەي جاۋاب بىرەتتى . مومام ئاكام بىلەن ئىككىمىزگە بەكلا ئامراق ئىدى ، سەۋەبى ئاكام ئۈچ ياش مەن بىر ياش چىغىمدا ئانام ئاجىرىشىپ كەتكەن بۇلۇپ بىز تېخى ئەقلىمىزگە كەلمەي تۇرۇپلا ئاتىسز يىتىم بۇلۇپ قالغاچقا  شۇڭا چوڭ ئانام بىزنى پۇتۇن مىھرىنى بېرىپ باققان ئىكەن . مەن ئاكام بىلەن بىر يېرىم ياش پەرىق قىلاتتىم . ئاكام بىلەن ئىككىمىز تەڭلا چوڭ بولغان ئىدۇق . چوڭ ئانام بىلەن ئانام بىزگە قاراپ شۇنداق ھەۋىسى كەلسە كېرەك ئىمكان قىلىپ بىز نىمە دېسەك شۇنى قىلىپ بىرەتتى . بىزنىڭ بەزى بىمەنە تەلەپلىرىمىزنىمۇ ئورۇنداپ بىرىشكە ئامال بار تىرىشاتتى . ئاكام بىلەن ئىككمىزنى مومام بىقىپ دىگەندەك چوڭ قىلدى . شۇ كۇنلەردە بىزنىڭ تۇرىدىغان ئۆيىمىز تۇيۇقسىز ئالمىشىپ قالدى . بىز تۇيۇقسىز بىر كۇندىكى بىر توپ ئادەمنىڭ يىغىلىپ پولو يىيىشى بىلەنلا باشقا ئۆيدە تۇرىدىغان بۇلۇپ قالدۇق . شۇ كۈنى ئۆيلەر پاك پاكىز سۇپۇرلۇپ سۇ چىچىلدى . مەسچىت بىلەن ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇققا كىگىزلەر سىلىندى . ھويلىنىڭ تامغا تۇتىشىدىغان تەرىپىگە كەتمەن بىلەن كولاپ چوڭ بىر ئوچاق ياسىلىپ ئالاھىزەل چوڭ تاغاردا بەش تاغار گۇرۇچ پاتىدىغان قازان ئېسلدى . ئۇستاملار يەڭلىرىنى تۇرۇپ قوي ئۆلتۇرۇش . گۇرۇچ يۇيۇش . سەۋزە قىرىش دىگەندەك بىر ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىدى .  شۇ كۈنى ھاۋا ياخشى بولغاچقا مەن سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكەندىم . چوڭ ئانام شۇنچلىك ئالدىراش ئىدىكى ئۇنىڭغا گەپ قىلسام  سۇئالىمنى جاۋاپسىز قويمايدىغان چوڭ ئانام شۇ كۈنى ماڭا بۇگۇن مەن ئالدىراش بالام . مەن ئەتە جاۋاب بىرەي دىگەنچە ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغاندى . مەن ئۆستەڭگە چۇشۇپ مۇز تىيلىپ ئويناپ قايتىپ كەلسەم ئۆيگە ئادەملەر دۆۋلىشىپ كىتىپتۇ . مەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالغاندەك ھېسسىيات ئىچىدە غىرىپسنىپ بىر دەم تۇردۇم ، لېكىن چوڭ ئانام ئۆيگە كىرەتتى چىقاتتى . ئۇستاملار بىلەن بىر نەرسە دىيشەتتى . يەنە ئۆيگە كىرەتتى . ھەممە ئىشلارنى بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇراتتى . ئانام جەمئى بەش بالا بۇلۇپ ئۇچ قىز ئىككى ئوغۇل ئىدى . ئۇ كۈنى بوۋاممۇ كەلگەن بۇلۇپ بىر چەتتە بىر توپ ئادەملەر تۇرسا بوۋامنىڭ بەستىلىك بويىنى شۇنچە جىق ئادەملەرنىڭ ئارسىدىن كۆرگىلى بۇلاتتى . لېكىن بوۋام جىق ئىشقا ئارلاشماي ئەر كىشىگە خاس سالاپەت ۋە تەمكىنلىك بىلەن بىر چەتتە تۇردى . ئۇ مىنى كۆرۇپ بەلبىغىدىن بىر تال گۆش گىردىنى چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى . ئۇنىڭ يىنىدا ئاكام بىرىلىپ سامسا يەۋاتاتتى . مەن بوۋامنىڭ قولىدىن گۆشگىردىنى ئىلىپ ئىشتھا بىلەن يىيىشكە باشلىدىم . بوۋام بىلەن مومام ئىككسى بىر ئۆيدە تۇرمايتتى . بوۋام ئۇستا ناۋاي بۇلۇپ مۇھەممەد ناۋاي   دېگەننام بىلەن باش كۆتۇرگەن ئادەم ئىدى . ئۇ شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن گەپ سۆزى كۇلكىسى ياشلارغا خاس تەمكىن ۋە سالماق ئىدى . لېكىن ئۇ قىرىغىچە قىماردىن قول ئۆزمىگەچكە نامازخان لېكىن بەك ياۋاش ئاياللاردىن بولمىغان مومام تەرىپدىن ئۆيدەپ ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن ئىكەن . بوۋام خۇشچاقچاق . ياش چاغلىرىدا دولان مۇقاملىرىنى توۋلاپ يۇرىتمۇ يۇرىت كىزىپ يۇرۇيدىغان ئادەم ئىكەندۇق . ئۇنىڭ كەسپى ناۋايلىق بولغاچقا بىر تونۇر سالىغدەك يەر  بىلەن شور تۇز تاپسلا شۇ يەردە ياشاپ كتىۋىرىدىكەن . بوۋام ناھايتى چىقىشقاق بەش ۋاخ نامازنى قازا قىلماي ئوقۇيدىغان ئادەم ئىدى . بازاردا ئۇرۇش جىدەل بۇلۇپ قىلىپ ھىچكىم ئارىغا چۇشەلمسە بوۋام شۇ ھامان ئوتتۇرغا چۇشۇپ ئۇلارنى ئايرىپ قوياتتى . ئوغلاق تارتىشش بۇلۇپ قالسا ئاددې ئۇقۇشماسلىقلارنى بوۋام ئايرىتتى ھەم بارلىق قائىدە نىزاملارنى دەپ ئاندىن مۇسابىقىنى باشلايتتى . ئۇ يەتمىش ياشقا كىرگەندە قىران يىگىتلەردەك ئاتتا ئولتۇرۇپ ئوغلاق تارتىشىپ نەچچە قېتىم قارا گىر ئات بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغلاق تاشلىغىننى باشقىلاردىن ئاڭلىغاندىم . بوۋام ئاتقا ھەۋەس قىلاتتى . قىمار ئوينىغننى مەن كۇرمىگەن لېكىن باشقىلار ئوينايدۇ دەپ بەرگەن ئىدى . شۇ چاغدا بوۋامنىڭ يۇزگە يىقىن شاگىرىتى بۇلۇپ جاھاننىڭ قىينچىلىق چاغلىرىدا قورساقنى تۇزۇك بىقىشمۇ بىر مەسىلە بولغاچقا ناۋايلىق ھەممە ئادەمنىڭ ھەۋەس قىلىدىغان بىر كەسپىگە ئايلانغاندى . شۇڭا بازاردىكى ياش باللارنىڭ ھەممسى ئاساسەن ناۋايلىق ھۇنەرگە كىرەتتى ۋە بوۋامنىڭ شاگىرىتى ئىدى . چوڭ ئانام ئىككى ئوغۇل بىلەن بىر قىزنى بوۋامغا قوشۇپ قويغان بۇلۇپ ئىككى ئوغۇلغا يامان ئىشنى ئۇگەتمەي ھۇنەر ئۇگەت . ئۇزۇڭ بولسا بۇ ئۆيگە دەسسگۇچى بولما دەپ جىدەل قىلشقان ئىكەن . كېيىن بوۋام ئۆيگە كەپتۇ لېكىن مومام ئارتۇقچە بىر نەرسە دىمەپتۇ . بوۋام يالغۇز تۇرۇپ بازارغا يىقىن يەردىن بىر ئۆينى ئىلىپ شۇ يەردە ناۋايلىق قىلاتتى . دادام ئانام بازارغا بارىدىغان بۇلۇپ قالسا بىزمۇ خۇشاللىقتىن تىرىمىزگە سىغماي قالاتتۇق . بازارغا بارساق بوۋام بىزگە پۇل بىرەتتى . كىچىك توقاچلارنى يىقىپ بىزنى كېلىدۇ دەپ گۇل چىقىرىپ ياققان توقاچلىرىنى تەييار قىلىپ بىزنى ساقلاپ تۇراتتى . ئاكام ئىككىمىز بازارغا يىقىن قالغاندا ھارۋىغا قاتقان ئات ياكى ئىشەكنىڭ قەدىمىنى ئاستلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ ھارۋىدىن چۇشۇپ ناۋايخانىغا قاراپ يۇگرەيتتۇق . بوۋام بىزنى ئەركىلتىۋەتكەندىن كېيىن بىر قولىدا پۇلنى يەنە بىر قولىدا توقاچنى ئۇزىتاتتى . بىز شۇ چاغدا ھىچكىمنىڭ بۇنداق توقاچ ياقالايدىغان بوۋىسى يوق دەپ ئويلاپ ئۆزىمىزنى چەكسىز بەخىتلىك ھېس قىلاتتۇق دە پۇلنى ئىلىپ بازارغا كىرىپ كىتەتتۇق . ئىككى تاغام ئۇنىڭغا ياردەملشەتتى . لېكىن كىچىك تاغام نەخ بوۋامنىڭ ئۆزى بولغان بۇلۇپ ھەممە قىلىقلىرى بوۋامغا ئوخشايتتى . ئاۋازى گەپ قىلىشى كۇلشى ئىش قىلىپ ھەممە نەرسسى بوۋامغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى . كېيىن بىلسەك ئۇ نامازنىڭ ئورنىغا ھاراق ئىچىشنى . قىمارنىڭ ئورنىغا نىشە چىكىشىنى ئۇگىنىپ ھىچقانداق ئالاھىدىلىگى يوق تۇرغان پۇتكىنىدىن چىقىم بىلەن زىياندىن باشقا يولدا ماڭىدىغان ئادەم بۇلۇپ چىقالمىدى . ئۇنى بوۋامغا ئوخشايدۇ دېسەك بوۋامغا قىلىنغان ھاقارەت بۇلۇپ قالىدىغان بىر ئىش بۇلۇپ قالدى . ئۇ بوۋام بىلدىغان ناۋايلىقنى بىلگەن بىلەن بوۋامدەك قالتىس ئادەم بۇلالمىدى . بوي تۇرىقى ئوخشىغان بىلەن قىلىقلىرى . مىجەزى ، كۇيۇمى بوۋامغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى

    كەچكە يىقىن ئادەملەر بارغانسىرى كۆپىيىپ كۆن پاتاي دىگەندە داستىخانلار قويۇلدى . ئۇ چاغلاردا توي بولسا ھويلىنىڭ ئوتتۇرىغا بىرنەچچە پارچە كىگىزنى بارلىق ئادەملەر كىگىزنى چۇرىدەپ ئۆرە تۇراتتى . باشتا ئىككى قۇدا تەرەپ ئۆز ئارا قىلىدىغان ئادىمەتچىلكلىرىنى قىلاتتى . ئاندىن كېيىن تويغا كەلگەن بارلىق توي ئەھلى ئەكەلگەن رەخىت . قەن . نان تۇخۇملىرىنى مەھكەم ئورالغان داستخاندىن چىقىرىپ بىر ئادەمگە تۇتقۇزاتتى . ھېلىقى ئادەم بىر ناننى ئون نان . بەش ناننى ئەلىك نان . بىر قوينى بىر قوتان قوي دەپ ئاشۇرۇپ كۆپتۇرۇپ دىگەندەك بەزى ئادىمەتچلىگى ناچارراق بۇلۇپ قالغانلارنىڭ نەرسلىرىنى تىخىمۇ جىق ئېلان قىلىپ ئوتتۇرغا تاشلايتتى . ئاياللار بىر چەتتە نۆۋەت ساقلاپ داستخاننى قويغاندىن كېيىن ئارقىسغا ياناتتى ۋە كىم نىمە ئەكەلدى دەپ قارىشىپ تۇراتتى . بەزى ئۇششاق باللار داستخاننىڭ يىنىدا ماراپ تۇرۇپ قىزىل . سىرىق بويالغان تۇخۇملاردىن ۋە قورۇلغان بۇغداي  كەندىرلەردىن يانچۇقىغا لىق توشقۇزۇپ ئاندىن ئاستا چىقىپ كېتىپ بۇ  «ئولجا »نىڭ تەمىنى تىتىش ئۈچۈن يىراقلارغا كىتەتتى . داستخان قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئادەملەر ھارۋىلىرىنى ئىلشىپ تارقىشاتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر كۇنلۇك توي تۇگەيتتى . مەن ئۇ چاغدا ئۆيدە توي  بولغانلىغىنى بىلگىدەك ئەمەس ئىدىم . پەقەت نىمانچە جىق ئادەم كەلگەن بۇ ئۆيگە دىگەندىن باشقىنى كاللامدىن ئۆتكۇزەلمەيتتىم . ئىش قىلىپ ئىسمدە قالغىنى قارا جۇۋا بىلەن قارا ئۈتۈك ۋە قارا تۇماق كىيگەن بەستىلىك بىر ئادەم  بالام ھارۋىغا چىقە دىگەنچە ئىككى قولۇمدىن تۇتۇپ ھارۋىغا سالغىنى ئىسمدە . بىر چاغدا ماشىنىدەك ئىتتىك ماڭىدىغان ئات ھارۋىسغا يەنە يەتتە سەككىز ئادەم چىقىپ مىنى ئارىغا ئىلىپ ئولتۇردى . بىر توپ ھارۋىكەشلەر ناخشا ئىيتشىپ ماڭدى . بۇ چاغدا كۆن ئايدىڭ بۇلۇپ يۇلتۇزلار ئاسمانغا ئىسىپ قويغان چىراقلاردەك چاقناپ تۇراتتى . ھاۋا سۇغۇق بولسمۇ لېكىن ئادەملەرنىڭ كەيپىياتى شۇنچلىك كۇتۇرەڭگۇ ئىدى . بىر دەم ماڭغاندىن  كېيىن مۇسابىقە باشلاندى . ئات ھارۋىلار بەسلىشىپ يولنى توپا تۇمان قاپلىدى . ھارۋىنىڭ سىلىكىنشىدىن مەن قورقۇپ تۇرغاچقا بىر ئادەم كۇچلۇك قوللىرى بىلەن مىنى تۇتىۋالدى . مەن ھىچكىمنى تونۇمايتتىم . نىمە ئۈچۈن بۇ ھارۋىغا چىقىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم پەقەت بىر توپ قارا گەۋدىنىڭ ئىچىدە يالغۇزلا ئولتۇراتتىم . ئادەملەرنىڭ يۇزلىرىنى ئاندا ساندا كۆرۇپ قالمسام  كۆرەلمەيتتىم ھەممىسى ماڭا كەيىننى قىلىپ  پۇتلىرنى ساڭگلىتىپ ئولتۇرغاچقا مەن ئۇلارنىڭ يۇزىنى كۇرەلمىگەندىم . لېكىن ھەممسى ئېگىز بەستىلىك ئادەملەر ئىدى . مەن ئورنۇمدىن تۇرغان ھالەتتىمۇ ئۇلارنىڭ يۇزىنى كۇرەلمەيتتىم شۇڭا پەقەت ئاسمانغلا قاراش مېنىڭ بىر قارىيالايدىغان يېرىم بۇلۇپ قالدى . ئاتلارنىڭ كشنەشلىرى . ئادەملەرنىڭ قولغا تۇماقلىرىنى ئىلىپ ھويىت ھويىت دەپ ئاتنى تىخمۇ چاپتۇرۇش ئۈچۈن توۋلاشلىرى مەڭگۇ ئىسمدىن چىقمايدىغان بىر خاتىرىگە ئايلىنىپ قالدى . مەن شۇ چاغدا ھارۋىلىرىنى ھەيدىشىپ . ئاتلارنى بەسلەشتۈرۈپ ماڭغان ۋە يىقىملىق ناخشلارنى ئېيتقان ئادەملەرنىڭ كىملىگىنى ھازىرمۇ بىلمەيمەن . ئاشۇ بەستلىك گەۋدىلەرنىڭ ھەيۋەتلىك كۇرۇنۇشلىرى ۋە ناخشلىرى ، كۇلەڭگلىرىنى ئويلساملا قەلبىمدە بىر خىل ئىللىق  سىزىم پەيدا بۇلىدۇ . مەن ئەنە شۇنداق يۇلتۇزلار چاراقلاپ يىنىپ تۇرغان بىر كۇندە ئات ھارۋىلىرىنىڭ دەھشەتلىك تاراقلاشلىرى  چاقلارنىڭ كاتاڭغا چۇشۇپ ھىلى ئۆرۇلۇپ كىتدىغاندەك سىلكىنشلىرى . ئاددې ئادەملەرنىڭ مۇڭلۇق ناخشلىرى ، ھاياتى كۇچكە تولغان جەڭگىۋار كەيپىياتى ئىچىدە ئۆزى كونا لېكىن ماڭا يېڭى تۇيۇلغان باشقا بىر ئۆينىڭ بىر ئۆينىڭ ئەزاسى بۇلۇپ قالدىم

    يېڭى ئۆيگە بارغاندىن كېيىن مىنى ئەڭ سۇر باسقىنى كالتە  قۇلاق كالتە قۇيرۇق ېكچىدە  كۆزلىرى قول چىراقتەك يانىدىغان پاكار ئىت بولدى . ئۇنىڭ ماڭا قاراپ خىرىس قىلىشنى ئويلساملا سۇر بىسپ چوڭ دەرۋازىدىن سىرىتقا ئەمەس ياتقان ئۆيدىن ھويلىغا چىقشتىنمۇ قورقاتتىم . لېكىن كيىنچە مەن ئۆينىڭ ئەزالىرىنى تونۇش بىلەن بىرگە ئىت بىلەنمۇ دوس بۇلۇپ قالدىم . ئۇنىڭدىن قورىقمايدىغان بولغاندىن كېيىن ئەتتىگەندە تامىغىمنى يەپلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە باغقا چىقىپ كىتەتتىم . يېرىم چىقىلىپ يىرىمى ئۇپراپ ئېشىپ قالغان بىر تامنىڭ ئۇستىگە چىقىپ ئىتنى چاقىرسام ئۇ مەن بىللە چىقاتتى . نىمە دىسەم ئاڭلايتتى . گەپ قىلسام خۇددى ئادەمدەك سۆزلەشنى ئۇگىنىۋاتقاندەك ئەستايدىللىق بىلەن گىپىمنى ئاڭلايتتى . لېكىن چۇشەنمسىمۇ گەپ قىلسام جىم تۇرىشى مىنى رازى قىلغاچقا ئۇنى گەپ ئۇقىدۇ دەپ بىلەتتىم . شۇ چاغلاردا ئاكامنىڭ كىملەر بىلەن نەدە ئوينايدىغانلىغىنى بىلمەيمەن . ئىش قىلىپ مەن كۇپىنچە ئىت بىلەن يالغۇز قالاتتىم . بەزىدە زىرىكسەم ئۇنىڭغا مىنىۋالاتتىم . بويى پاكار لېكىن كۇچلۇك كەلگەن بۇ ئىت بەزىدە مىنى نەچچە قەدەم كۆتۇرۇپ مىڭىپلا يىتىۋالاتتى . بەزىدە مەن يىقىلىپ چۇشەتتىم . مېنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلىقلىرىمنى ئۇ سۇكۇتسزلا قۇبۇل قىلاتتى . كېيىن مەن ھەر قىتىملىق تامىغىنى بىرىدىغان بولدۇم . بىر قېتىم ھەدەم تاماق بېرىپ قويغانلىغى ئۇچۇن مەن يىغلىغاندىم . شۇڭا دادام ئۆيدىكىلەرگە تاماقنى بۇنىڭدىن كېيىن ئەزىمەت بەرسۇن دېدى . مەن ناھايىتى خوشال بولدۇم . سىرىتقا چىقاي دىسەم خەقنى تونۇمىسام . ئۇنىڭ ئۈستگە باغدىن چىقىپ خىلى ئۇزاق ماڭغاندا ئاندىن سىرىتقا چىققىلى بۇلىدىغان بولغاچقا ئۆيدىكىلەر سىرىتقا چىقماي باغدا ئوينا دەپ تاپىلايتتى . ئىت بۇ ئۆيدە تۇرغىلى سەككىز يىل بولغان بۇلۇپ مەندىن نەچچە ياش چوڭ ئىدى . ماڭا يۇۋاش بولغان بىلەن ئۆيگە كىرمەكچى بولغان ھەر قانداق يات ئادەمگە خۇددى چىشلەيدىغاندەكلا ئىتىلىپ بېرىپ دەرۋازىغا يىقىن يۇلاتمايتتى . نۇرغۇن ئادەملەر دادامدىن ئىتنى تالاشقان بولسمۇ دادام بەرمىگەن ئىكەن . شۇڭا نۇرغۇن ئادەمنىڭ بۇ ئىتنى بىر ئامال قىلىپ باغلاپ ئۆيىگە ئىلىپ كەتكۇسى بار ئىدى . نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىتلىرى ئەنە شۇنداق ئوغۇرلىنىپ كىتەتتى . بۇ ئۆي ئىت بىلەن مۇشۇكنىڭ ماكانى بۇلۇپ ئاز دىگەندە يىگىرمدەك مۈشۇك تاماق يەيتتى . لېكىن مۇشۇكلەرنىڭ ھەممسى ئۆينىڭ ئىچىدە نەدە يۇمشاق تاماق بولسا يەپ نە ئىسسىق بولسا شۇ يەردە ياتاتتى . ھەر يىلى يىگىرمە ئوتتۇز ئاسلان تۇغۇلسا يىراق يىقىندىكى تۇققانلار مەخسۇس ئاسلان ئىلىپ كەتكىلى ئۆيگە كېلەتتى . كەلگەن ئادەملەرنى ئىت توسۇۋالغاچقا بەزىلىرى ھارۋىدىن چۇشمەي ئادەم بارمۇ دەپ توۋلايتتى . پىيادە كەلگەنلىرى قىچىپ بىر دەرەخنىڭ تۇۋىگە بىرىۋىلىپ ئادەم بارمۇ دەپ توۋلايتتى . بىرەر ئادەم بۇلۇپ قالسا ئىتنى توسۇپ تۇراتتى . ئۇلار پەم بىلەن ئۆيگە كىرىۋالاتتى . لېكىن كىچىك باللار ئالدىراپ ھارۋىدىن چۇشۇپ قالسا ئىت ئالدىغا ئىتىلىپ قورقىتىۋىتەتتى . ئۇلار ئىككىنچلەپ سىرىتقا چىقماي بىراقلا كەتكەندە ئاندىن دەرۋازىدىن چىقىپ ھارۋىغا چىقىۋالاتتى . ئىتنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى كۇرەتتى . مىھمانلار باشتا كەلگەندە ئىتنى تىللاپ قويسا ئۇلارمۇ مىھمانغا بۇلۇشۇپ خۇيى ئەسكى يىقىن كەلمەڭ چىشلەيدۇ دەپ قوياتتى لېكىن ئۇلار كەتكەندىن كېيىن يەنە تاماقنىڭ ياخشسنى بېرىپ باقاتتۇق . ئىت ئەزەلىدىن باغلانمايتتى . توم بويۇنلىرى پارقىراپ تۇراتتى . سۇرىمۇ بار ئىدى . داۋاملىق كالتە قۇيرىغىنى ئوينىتىپ تۇراتتى . لېكىن يات ئادەمنى كۇرسە تۇكلىرى تەتۇر يىنىپ قۇيرۇغى خۇددى بايراقنىڭ دەستىسدەك تۇپتۇز بۇلۇپ قالاتتى كىسىۋىتلگەندەكلا كۇرۇنىدىغان قۇلىغى ياغاچتاك قىتىپ كىتەتتى . مانا بۇ ئۇنىڭ ئاچچىغى كەلگەنلىگىنىڭ ئىپادىسى ئىدى . لېكىن ئۇ مەن ئۇچۇن بەزىدە مامۇق ياستۇق بولسا بەزىدە ئىشگىم ئىدى . بەزىدە ھەمراھىم ئىدى . بۇرۇن بۇنداق ھايۋانلارنى بىقىپ باقمىغاچقا مەن ئىتقا شۇنچىلىك ئىچكىپ كەتكەندىم  كېيىن مەن قوي باقسام ئىتمۇ مەن بىلەن بىللە چىقىدىغان بولدى . بىر قىتملىق ھىيىتتا بىز دادامنىڭ ھەدىسنىڭ ئۆيىگە ھىيتلاپ بېرىپ كەچتە يىنىپ كەلدۇق . ئىت دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ياتقان بۇلۇپ ئالدىدا چوڭ خورازنىڭ تۇكلىرى چىچىلىپ ياتاتتى . لېكىن دادام يىقىن بېرىپ خورازنىڭ تىرىكلىگىنى بىلىپ ئاستا قولغا ئالدى . ئادەتتە ئۇ خوراز بىلەن بىللە ئوينايتتى . بەزىدە خورازغا قوناق سىلىپ بەرسەك ئىت قوناقنى پۇراپ قالسا خوراز ئۇنىڭ تۇمشۇغىنى چوقۇيتتى شۇنىڭ بىلەن ئىت ئۇنىڭغا خىرىس قىلىپ قويۇپ كېتىپ قالاتتى . مومام بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ ئاچچىغىدا ئىشىك تاقايدىغان دەمنى ئىلىپ چىقىپ ماڭا سۇركىشىپ تۇرغان ئىتنى قوغلاپ سۇرۇشكە باشلىدى . دادام توخۇنىڭ پۇتىنىڭ باغلانغانلىغىنى كۇرۇپ مومامنى توسۇپ تۇرۇپ ئىت ھەرگىزمۇ خورازنى يىمەيدۇ . توخۇنىڭ پۇتى باغلاغلىق تۇرىدۇ  بۇ يەردە بىر گەپ بار دىگەنچە مومامنى توسىۋىلىپ خورازنىڭ پۇتۇدىكى تانىنى بوشاتقاندىن كېيىن ئۇنى قويىۋەتتى . ئەسلىدە ئىت ئۇنى بىقىپ ياتقان ئىكەن لېكىن ئۇنى كىمنىڭ باغلاپ ئىتنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ قويدى  دېگەنگۇمانلىق بىر مەسىلە ھەممىسنى ئويغا سالدى  . نەچچە كۇندىن كېيىن مەن باغنىڭ يىندىكى تامنىڭ تۇۋىدە قان ئىزى ۋە ئىشتاننىڭ تىتىۋىتىلگەن پاچىغىنىڭ بىر پارچسنى تىپىۋالدىم . ئۇ يەردە بىر ئادەم بىلەن ئىتنىڭ خىلى تىركەشكەن ئىزى قالغاندى . مەن بۇ ئىشنى ئانامغا دىدىم ۋە ھېلىقى يەرنى مومامغا كۆرسەتتىم . ئۇلار بۇ گەپنى دادامغا دېدى . دادام بېرىپ نەخ مەيداننى كۆرگەندىن كېيىن توخۇنى بىرسى ئوغۇرلاپ ماڭغان چىغىدا ئىت قوغلاپ يىتىۋىلىپ ئۇنى چىشلىگەن . شۇنىڭ بىلەن ئوغىرى ئىتنى تاشلاپ قاچقان . ئاندىن ئىت جىمجىت ياتقان توخۇنى ئىشىك ئالدىغا چىشلەپ ئىلىپ كەلگەن  دېگەنيەكۇننى چىقاردى . شۇنىڭ بىلەن مومام ئىتنى تىخىمۇ ياخشى كۆرۇپ كەتتى . كېيىن بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىغىزدا گەپ بولدى . ئەمدى ئىتنى قانداق يۇزلۇك ئادەم بۇلىشىدىن قەتئې نەزەر ھىچكمىگە بەرمەيتتۇق . مەن ھىچكمنىڭمۇ ئىتنى تالىششىنى ياكى ئىلىپ كىتشنى خالىمايتتىم .  بىر ئىتنىڭ ئاچ قورساق ھالدا ئالدىدا ياتقان بىر توخۇنى يەۋەتمەسلىگى ھەممىلا ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى . مەن  ئىت بولغان بولساممۇ يەۋىتەتتىم دىگەندى تىرىمدىن كەلگەن بىر تۇققىنىمىز بۇ ئىشنى ئاڭلاپ . ئىتنى ھەرگىز قولدىن چىقارماڭلار . ناھايىتى ئىنساپىلىق ئىتكەن . ھازىرقى جاھاندا بۇنداق ئىتنى ئەمەس ئىتتەك تۇز بەرگەن ئادەمگە ۋاپا قىلىپ نەپسىنى يىغالايدىغان ئادەمنىمۇ تاپماق تەس قولدىن چىقىرىپ قويماڭلار بولمىسا ئۆيدىن بەركەت قاچىدۇ دىگەندى . كېيىن دادام سۇرۇشتە قىلىپ توخۇنى ئوغۇرلىماقچى بولغان ئادەمنىمۇ تاپتى . ئۇ كىشى ئانچە مۇنچە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىپ تاماقنى مۇشۇ ئۆيدىن يەپ پۇلىنى ئىلىپ چىقىپ كېتىدىغان ئاتا ئانىسى يوق يىتىم سۇلتان بۇلۇپ دادام ئۇنىڭدىن گۇمان قىلىپ ئۇيىگە بارسا ھېلىقى ئىت چىشلىگەن يىرىگە دۇرا سۇركەپ ياتقان سۇلتاننىڭ ئىت يىرىمىنى چىشلىۋالغان ئىشتىننىمۇ ئالماشتۇرماي ئولتۇرغىنىنى كۇرۇپ چاندۇرماي يىنىپ چىققاندى . كيىن ئۇ بۇ ئۆيگە ئىككىنچىلەپ قەدەم باسمىدى . مىنى ئىشقا سالىمەن دىسەڭلار ئىتنى يوقىتىڭلار ئىتتىن قورقىمەن  دېگەنگەپنى باھانە قىلىپ ئۆيگە كەلمىدى

    ئانامنىڭ مۇشۇ كۇنلەردە دىلى سۇنۇق ئىدى . چۇنكى مەھەللىدىكى ئادەملەرنىڭ بىر ئامال قىلىپ غەيۋىتىنى قىلغىدەك ئىشلارنى تاپالماي قىينىلىۋاتقانلىغى ئانامغا ئايان ئىدى . ئۇ ئىلاج قىلىپ ئۇزىگە مۇناسۋەتسز ئىشلارغا ئارلاشمايتتى . تامغىنى ئىتەتتى . ئېتىزغا چىقاتتى . خۇددى دەرد ھەم خۇشاللىققا ئىنتىلمەيدىغان ياغاچ ئادەمدەكلا پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشنى قىلشنىلا بىلەتتى . لېكىن مومام . ئىككى ھەدەم ھەقىقىي سەھرا ئاياللىرىغا خاس تەئىتكە ئىگە بۇلۇپ يۇرىتتا نىمە ئىشلار بولدى ؟ كىمنىڭ ئۇيىدە كۇڭۇلسزلىكلەر بۇلىۋاتىدۇ دىگەندەك ئىشلارغا بەك كۆڭۇل بۆلەتتى . بۇلۇپمۇ كىچىك ھەدەم شۇنداق ئىدى . ئۇ سىرىتقا چىقىپ كەتتىمۇ بولدى يېرىم كۇننىڭ بۇ مەھەللىدە ئەمەس دۇنيادا نىمە ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ ھەممە ئىش قىلىپ پۇت قولنى سۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىسا نەچچە سائەتتە تۇگەيدىغان بىر ئىشلارنى شۇنچىلىك جىق ئۇقۇپ كېلەتتى . ھەر بىر گەپ سۆزىنى رەت رەت بىلەن شۇنچىلىك قاملاشتۇرۇپ دەيتتىكى ھازىرقى كەمدە ئۇ ئىنگىلىز تىلى ئۇگىنىپ قالسا بىر يىلنىڭ ئىچىدە پۇتۇن ئىنگىلىز دەرسىنى يادا ئىلىپ بىرەر مەكتەپكە گەپ يوق مۇئەللىم بۇلۇپ قالاتتى . ئانامنىڭ كۇنلىرى باشقىلاردىن ئىھتىيات قېلىش بىلەنلا ئۇتەتتى . ئىككى بالسىنى ئەگەشتۇرۇپ بىر ئەرنىڭ ئۇيىگە كېلىپش لا ئادەتتە كىشىلەرگە نۇرمال تۇيۇلمايتتى . ئانام ئىمكان بار باشقىلار بىلەنمۇ ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمەيتتى . بىز بۇ يۇرىتقا يېڭى كەلگەندە خەقلەر نۇرغۇن گەپلەرنى توقۇپ چىقىپتۇ لېكىن بىز كېچىك بولغاچقا بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۇل بۆلمىگەن ئىكەنمىز . لېكىن يېڭى ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىن مەن ئادەملەر بىلەن ئانچە مۇنچە باردى كەلدى قىلىشىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاكا بالا ئىككىمىزگە مەسخىرە تۇسى ئالغان گەپلەرنى  قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ بىزنى پەقەتلا ياخشى كۇرمەيدىغانلىغىنى ، پۇرسەت تاپسا بىزنى ئىككى ئىغىز تىللىۋالسا ئاندىن ھاردۇغى چىقىپ ئۇيقۇسېنىڭ ياخشى بۇلىدىغانلىغىنى پەمىلەپ قالدىم . دادامنىڭ يۇرىت ئىچىدە  خىلى ھۆرمىتى بار ئادەم ئىدى . شۇڭا دادامنىڭ يۇزىنى قىلىپ ئادەتتە بىرلىرى بىزگە يامان گەپ قىلمايتتى . كېيىن دادام خىزمىتىنى بازارلىق ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىن دادۇيگە يۇتكەپ قايتىپ كەلدى . لېكىن ئۇ قايتىپ كەلگەن بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدە ئىش قىلشىنى خالىمايتتى . ئون ئۇچ يىشىدا ئامبارچى بولغان ئادەم ياشقا چوڭ بۇلۇپ ھۆرمەت تاپقاندا ھەرگىزمۇ ئۆيدىكى ئۇششاق چۇششەك ئىشلارنى قىلىپ ئولتۇرمايتتى . بۇلۇپمۇ دادامنىڭ نەزىرىدە ئەرلەر ئاياللاردىن ئۇستۇن قىلىپ يارتىلغان . ئاياللار ئۆيدىمۇ ئىتىزدىمۇ ئىشلىشى كېرەك . تاماق ئىتىش كېرەك . كىر يۇيۇشى كېرەك . ئىش قىلىپ ئاياللار ھەممە ئىشنى قىلىشى كېرەك  لېكىن ئەرلەر قىلمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار مەسىلەن : بىر ئەر كىشى ئاچ قىلىپ ئۆلسىمۇ تاماق ئىتىش ئەمەس ھەتتاكى تاماق ئىتىدىغان ئۆيگە كىرسىمۇ ئەل جامائەت ئىچىدە ئابرۇيى قالمايدۇ ھەم ئۇنداق ئەركىشنىمۇ ئەركەك تۇكى بار ئەر كىشى دىگىلى بولمايدۇ دىگەندەك كۆز قاراشلارنى ياقىلايدىغان ئادەملەر تىپىدىن ئىدى . ئەرلەر قىلدىغان ئىشلارنى ئاياللار قىلسا بۇلىدۇ . ئاياللار قىلىدىغان ئىشنى ئەرلەر قىلسا بولمايدۇ  دېگەنبۇنداق قۇرۇق پەلسەپە دادامغا ئوخشاش يۇرىت يۇرىتتا ھاراق ئىچىدىغان ئۆلپەتلىرى بار ئادەملەرگە ئورتاق كۆز قاراش ئىدى . ئۇلار ئايالىغا گىپىنىڭ ئۆتىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن يېرىم كېچىلەردە مەس ئادەملەرنى ئۆيگە باشلاپ كېلىپ قوپە خوتۇن تاماق ئەت دىيىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاشتىن باشقا رولى يوق ئىدى . بۇنداق ئەرلەر ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ ئايالىدىن قورقمايدىغان نوچى ئادەملەر ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن قانچە كۇچىگەنسرى ئۆزى شۇنچە بىچارە ئەھۋالغا چۇشۇپ قالاتتى . شۇڭلاشقىمۇ دادام ئۆيدە جىق تۇرمايتتى . ئۆيدە تۇرۇپ قالغان بىر كۈنى چوقۇم بىر ئىشلارنى دەپ ئانام بىلەن ياكى بىرسى بىلەن بىر نەرسە دىيشىپ قالاتتى . شۇڭا بىزنىڭ بىر دەم بولسىمۇ ئەركىن ھايات كەچۇرۇشىمىز ئۇچۇن دادامنىڭ يەنىلا سەھەردە سىرىتقا چىقىپ كەتكىنى ياخشى ئىدى . ئىت تامنى سالغىچە بىر چەتتە تۇرۇپ ئۆي پۇتكەندىن كېيىن يەنە بۇ ئۆيگە كېلىپ تۇردى . بىر قانچە مەزگىل ئۆيگە كېلىپ كېتىپ تۇردى . كىيىن تۇيۇقسزلا يوقاپ كەتتى . بىز يىقىن يىراقنى ئىزدىدۇق . بۇلۇپمۇ چوڭ ئانام ھەممىزىنى بۆلۇنۇپ ئىزدەشكە سالدى بىر كۈنى دادام سىرىتقا چىقىپ كېتىپ كەچ بۇلاي دىگەندە ئىتنىڭ ئۇلۇگىنى دەرۋازا ئالدىغا سۆرەپ ئىلىپ كەلگەندە مەن ئۈن سىلىپ يىغلىۋەتتىم . ئۆيدىكى ھەممىز ئىتنىڭ ئۇلۇمى ئۇچۇن بەكلا پەرىشان بولدۇق . لېكىن يىغلىغان پەقەتلا مەن ئىدىم . ئۇنى كىمنىڭ نىمە ئۇچۇن  ئۆلتۇرۋەتكەنلگىنى بىلمەيتتىم . دادام ئىتنى باغدىكى قىرى كۆك ئامۇتنىڭ تۆۋىگە كۆمىۋەتكەندىن كېيىن كەتمەننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنچە يېرىم ېكچىدە  ئۆيگە غەرىق مەس كىردى . ئۇ ئۆز ئۆزىگە سۆزلەپ ئىتىمنى ئۆلتۇرۇشنىڭ ئۆزى ماڭا خىرىس قىلغانلىق . مەن كىمېنىڭ ئومىسنى خام ئورۇپتىكەنمەن . خۇمىسلار گىپى بولسا ماڭا ئوچۇق قىلماي ئىتقا دۇرا بەرگىننى دىگەنچە ئۆيگە كىرىپ خۇرەك تارتىپ ئۇيقۇغا كەتكەندى . ئىت ئۆيگە سادىق ھەم بەكلا يامان بۇلۇپ نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ئوغۇرلاپ كەتمەكچى بولغان بولسمۇ لېكىن ئىت تۇتۇق بەرمىگەچكە خەق ئۇنى قولغا چۇشۇرەلمەي دۇرا بېرىپ ئۆلتۇرۇپتىمىش . ئىت ئەزەلدىن باغلانمىغان بۇلۇپ بەك ئەركىن ئىدى . تۇيۇقسىز نەلەرگىدۇ يوقاپ كېتىپ يەنە پەيدا بۇلۇپ ھويلىغا كىرىپ قاۋىغاندا ئانام ئۇنىڭغا تاماق بىرەتتى . ئۇ جىمجىت تامىغىنى يەپ خۇددى گۇناھىلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك ھەممىزگە بىشىنى ئىگىپ قاراپ قويۇپ ئاستا بېرىپ ھويلا دەرۋازىسنىڭ يېنىغا بېرىپ جىمجىت ياتاتتى . بويى پاكار . بىلى ئۇزۇن . كۆلرەڭ . كۆزىنىڭ ئۆستىدە سىزىپ قويغاندەك ساپ سىرىق كۆزنىڭ شەكلىدە بەلگىسى بار . قويرىغى ئون سانتىمىتر ئەتراپىدا بۇلۇپ قاراشقا ناھايىتى سۇرلۇك كۇرىنەتتى . بەزىدە ئۇنىڭغا مىنىۋالاتتىم . بەزىدە باغدىكى چىقىلىپ تۇگەي  دېگەنكونا تامغا چىقىپ يۇگۇرسەم مەن بىلەن يۇگۇرۇپ ھىرىپ كەتسە ئوماق تىللىرىنى چىقىرىپ ھاسراپ كىتەتتى . بۇ چاغدا ئاكام مەكتەپكە كىرگەن بۇلۇپ ئۇ مەكتەپكە كەتسە مەن ئىت بىلەنلا قالاتتىم . شۇڭا ئۇ مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يىقىن ھەمراھىم ئىدى . ئانام ئىتىزلىققا كىتەتتى . دادام ئىشلەيتتى . ئاكام ئوقۇيتتى . مەن يالغۇز قىلىپ زېىرىكىپ داۋاملىق ئىت بىلەن بىللە قىلىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلاتتىم . ئۇ گىپمنى چۇشەنمەكچى بولغاندەك ھېسيات بىلەن گەپلىرىمگە قۇلاق سېلىپ كۆزلىرىنى چىمچقلاتقانچە ئىككى پۇتىنى سوزۇپ قولۇمغا ئىسلاتتى . مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ بەرگەندىم . ئۇ گىپمنى چۇشەنمسمۇ لېكىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ ياتاتتى

    مەن ئۇنىڭغا بەزىدە تىپشماق دەپ بىرەتتىم . لېكىن ئۇ ماڭا جاۋاب بىرەلمىسمۇ تىنمسز لىكىلداپ تۇرىدىغان ئون سانتا قۇيرۇغىنى تىزلىرىمغا سۇركەپ ئويناقلاپ كەتسە ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەندەك رازىمەنلىك بىلەن يەۋاتقان نىنمدىن بىر پارچە تاشلاپ بىرەتتىم . ئۇ نان يەرگە چۇشۇپ بولغىچە تۇتىۋىلىپ ئىشتىھا بىلەن يىسە مەن ئۇنىڭ ئۇچۇن خۇش بۇلاتتىم . ئىت ئۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن مەن يىقىن ھەمراھىمدىن ئايرىلىپ يۇمران قەلبىمدە جۇدالىقنىڭ نەقەدەر ئىغىرلىغىنى ھېس قىلىدىغان سىزىم تۇنجى بۇلۇپ ئويغاندى . شۇ چاغلاردا ئىت مەن بىلەن ئويناشتىن باشقا ماڭا چۇڭقۇر ھېسداشلىق قىلاتتى . ئەتراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ ماڭا قىلىۋاتقان مۇئامىلسدىن نارازى بۇلاتتى . بەزىدە ئادەملەرگە ئۆزىنى سىلشتۇرغاندەك ئۆرە بۇلىۋىلىپ مەن بىلەن تەڭ بۇلۇشقا تىرىشاتتى . بەزىدە تېخى يىغلسام ماڭا تەسەللى بېرىپ ياكى ماڭا قاراپ جىمجىت بۇلۇپ كېتىپ شوخلۇغىنى بىردەم بولسمۇ تاشلاپ قويۇپ ماڭا ھەمدەمدە بۇلاتتى . ئۆزى پاكار سىمىز . كۆزىنىڭ ئۇستىدىكى سىزىپ قويغاندەك كۆز شەكلىدىكى بىر جۇپ سىرىغى . ئون سانتا كەلمەيدىغان ھەم داۋاملىق جىم تۇرمايدىغان قۇيرۇغى . مانا ئىتنىڭ مېنىڭ ئېسمدىن چىقمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى ۋە باشقا ئىتلاردىن بولغان پەرقى . ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاكام مەكتەپكە كىردى . مەن يالغۇز قىلىشقا باشلىدىم  . مەن بىلەن تەڭتۇش باللارنىڭ ھەممسى مەكتەپتە ئىدى . لېكىن مەن ئەزەلىدىن نۇرمال بولمىغان تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر بالا بولغاچقا باشقا باللار بىلەن ئەزەلدىن بەسلشەلمەيتتىم . مەن نىمە گەپ بولسا ئانامغا دەيتتىم . دادامغا تىكېلىپ قارىيالمايتتىم . دادام ماڭا تىكېلىپ قارىسا قورقۇپ كىتەتتىم . لېكىن دادام ناھايىتى مىھرىبان . كەڭ قورساق ئاقكۇڭۇل ئادەم ئىدى . پەقەت ئاز تولا ئىچ پۇشىغى بولغاچقا ھاراق ئېچىپ قوياتتى . شۇ سەۋەپتىنمۇ ئۆيدە تولا مېھمان تولا بۇلاتتى . لېكىن مەن دادامنىڭ ئاكامنى كۇتۇرۇپ ئىرىقنىڭ بۇ قىشدىن ئۇ قىشىغا ئاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرسەم ئۇنىڭدىن قورقاتتىم ، چۇچۇيتتىم . شۇڭا ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنىڭغا گەپ قىلماس بولغاندىم . ئانام يېڭى ئۆيگە كەلگەندىن بىرى خىلى ئەركىن بۇلۇپ قالدى . ئۆينىڭ يېڭى ئۆينىڭ نەرسلىرىنى تولۇقلاش . يوتقان كۆرپە تىكىش . دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئۆتەتتى . ئانام تىكمچلىككە ئۇستا بولغاچقا يىقىن يىراقتىكى ئادەملەر توي قىلماقچى بولسا ئانامنى ئىزدەپ كېلىپ پۇل بەرگەندىن سىرىت يەنە ئىشلىرىڭىز بولسا بىز قىلىشىپ بىرەيلى سىز ۋاقىت چىقىرىپ تويلۇق كىيىملىرىمىزنى تىكىپ بەرسىڭىز دەپ تۇرىۋالاتتى . ئانام ئۇلارنىڭ گىپىگە ماقۇل بۇلۇپ دەرھال ئۇلارنىڭ ئىشنى قىلىشنى باشلايتتى . ئانام ھۇنەرگە پىششىق ھەممىلا ئادەم ئانامدىن رازى بۇلۇپ ئاز تولا تاپقىننى بېرىپ يەنە رەھمەت ئېيتىپ بىغىدىكى ئوخشايدىغان ئالما ئانار دىگەندەك مىۋىلەرنى ئالغاچ كېلەتتى . ئانام ھىچكىمدىن جىق ھەق تەلەپ قىلمايتتى پەقەت ئۆزىنىڭ ئۇگەنگەن ھۇنىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا كارغا كەلگەنلىگىدىن خۇشال بۇلاتتى . يېڭى سلىنغان ئۆي بارغانسرى ئاۋاتلىششقا باشلىدى . تىرىقچىلىق چاغلىرىدا بوۋام نەچچە شاگىرىتىنى ۋە كىچىك تاغامنى ئىلىپ كېلىپ تىرىقچىلىققا ياردەمدە بۇلاتتى . ئىش قىلىپ ئۆي ئانامنىڭ بىر قوللۇق تۇتىشى بىلەن ئاۋاتلىشىپ كەتتى . بۇ مەھەللىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغان ئادەملەر كۆپ ئەمەس ئىدى . ھەتتاكى بىزنىڭ مەھەللىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقوغانلىرى ئاز ئىدى .  شۇڭلاشقا ئانام بۇ مەھەللىگە نىسبەتەن قىلىپ ئېيتقاندا   زىيالىي تىپىغا تەۋە ئىدى . نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ باشقا يەردىكى تۇققانلىرى يازغان خەتلەرنى ئوقۇشقا ئانامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كىرەتتى . بۇ دەل 80 – يىللارنىڭ بېشى بۇلۇپ مەدەنىيەت ئىنقلاۋىنىڭ جۇدۇنلىرى ئەمدى بېسلىپ سىياسى ھاۋا ئىللىشقا باشلىغان ۋاقىتلار ئىدى . شۇڭا بىر پارچە خەتنى ئوقۇيدىغان ئادەم تىپىشمۇ تەسكە توختايدىغان بىر ئىش ئىدى . ئانام ئۆزىنىڭ چىقىشقاق مىجەزى بىلەن تىزلا خوشنىلار بىلەن چىقىشىپ كەتتى . بەزىدە ئۆيگە ئۇن سوراپ نان سوراپ تۇز دىگەندەك نەرسىلەرنى سوراپ كىردىغانلارمۇ كىرىشكە باشلىغاندى . ئانام ئۇلار سورىغان نەرسىلەر ئۆيدە بۇلۇپلا قالسا بىرەتتى . ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە بىر نەرسىلەرنى سوراپ كىرىشى ئۇلارنىڭ بىزنى خوشنام دەپ يىقىن كۆرگەنلىگى ۋە ئىتىراپ قىلغانلىغى ئىدى . مەھەللىۋى ھاياتتا ئادەملەر گەرچە يوقسۇز بولسىمۇ يەنىلا مەنىلىك ئىشلار تولا يۇز بېرىپ تۇراتتى . تۇيۇقسىز بۇلىدىغان تويلار . مەشرەپلەر پات پات بىرلىرىنىڭ ئۆيىدە بۇلۇپ تۇراتتى . بىز يالغۇز ئۆيدىن ئەمدى بىر توپ ئادەم بىللە ياشايدىغان بىر مەھەللىگە قايتىپ كەلگەندۇق . كۇنلەر بىر بىرگە ئۇلۇشۇپ ئۆتۇپ جاپالىق ھايات يەنە ئۆز مەنىسدە بىزگە تۇرلۇك كۆڭۇل ئاچىدىغان ئىشلارنى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ھەدىيە قىلىپ تۇردى    

    ئېغىر ئەمما جاپاغا تولغان ھاياتنىڭ يەنە ئۆزىگە چۇشلۇق خۇشاللىغى ۋە مەنىسى بار ئىدى . ھەممە جان ئاشۇ خۇشاللىق ۋە جاپادىن تەڭ بەھىر ئىلىپ ياشاش بىلەن كۇنلەر ئۇلۇشۇپ كىچىكلەر چوڭ بۇلاتتى . چوڭلار ئاستا قىرىشقا باشلايتتى  
    Okyan
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-29 09:48 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    uyush
    كىم ئىدۇق،كىم بولدۇق،ئەمدى كىم
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21134
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 308
    شۆھرەت: 383 نۇمۇر
    پۇل: 1863 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 51 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 425(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-29 03:05 PM |
    Yurtum Elani
    mihman910
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29723
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 135
    شۆھرەت: 145 نۇمۇر
    پۇل: 497 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    قاتاردىن قالماي دەپسىزدە؟ ئىخچام بىر روماننى ياراتقۇدەكسىز، داۋامىغا تەشنامىز.
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    تەۋسىيە سورۇنى  www.yadimda.com
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-30 01:29 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    torkun
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29725
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 167
    شۆھرەت: 172 نۇمۇر
    پۇل: 693 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-19

     

    رەھمەت سىز گە تەرجىمھالىڭىزنى بىلىۋالدىم.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 04:39 AM |
    Yurtum Elani
    MuzTagh
    مۇنبەر نازارەتچىسى
    ئىلغار باشقۇرغۇچى دىيارىم باشقۇرغۇچىسى مۇنبەر نازارەتچىسى
    دەرىجىسى : مۇنبەر نازارەتچىسى


    UID نۇمۇرى : 65
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 772
    شۆھرەت: 573 نۇمۇر
    پۇل: 120735 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 598(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئادىشوي ..قېنى دەيمەن ئاخىرى؟  ئادەمنىڭ ئاغىزىنى تاتلىق قىلىپ قويغۇچە يا بەرگىن كەمپۈتىڭىنى يا بولدى قىل،بولمىسا  ئا بوشىغا دەپ شۇڭقارغا ھۇجۇم قىلىمىز جۇمۇ....   
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    ئاھ ئۇرۇشقا پىتنالمىغان ئادەم ھاياتنىڭ قەدىرىنى بىلمەيدۇ!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-04 02:29 AM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    uzhal
    http://p8.images22.51img1.com/
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2540
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 347
    شۆھرەت: 587 نۇمۇر
    پۇل: 1824 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 595(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    ئاخىرىنى يوللايمەن . سەل ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم .
    ...................................................................
    مۇزتاغ سۆزلىرىمىزنى باشقىلار ئارقىلىق دىمەي بىۋاستە ئىزدىشەيلى ئۇنداق قىلماي .
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-06 12:08 AM |
    Yurtum Elani
    uzhal
    http://p8.images22.51img1.com/
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2540
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 347
    شۆھرەت: 587 نۇمۇر
    پۇل: 1824 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 595(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    3- باپ خەتمە قىلىنىش ۋە ئوقۇش ئارزۇيۇم

    ھەر يىلى مۇئەللىملەر توپ توپ بۇلۇپ يازلىق تەتىل توشقاندىن كېيىن مەھەللىمۇ مەھەللە مىڭىپ بالا قۇبۇل قىلاتتى . مەھەللە كادىرلىرى ئۇلارغا يول باشلاپ كىمنىڭ بالىسى بۇ يىل مەكتەپ يىشىغا يەتتى شۇ ئۆيگە باشلاپ باراتتى . مۇئەللىملەر بالارنىڭ ئىسمىنى يىشىنى تىزىملاپ كېتىپ قالاتتى ۋە نەچچە كۇندىن كېيىن مەكتەپكە بىرىشقا تاپىلايتتى . نۇرغۇن ئادەملەر باللىرىنى ئوقۇتۇشنى خالمىغاچقا شۇ مەزگىلدە باللىرىنى يىراق تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە يولغا سىلىۋىتىپ ئاغرىپ قالدى ياكى خەققە بىرىۋەتكەن . قېچىپ كەتتى . يوق بۇلۇپ كەتتى دىگەندەك تۇرلۇك باھانىلەرنى كۆرستىپ مەكتەپكە بىرىشتىن قاچاتتى . مۇئەللىملەر بىزنىڭ بوسۇغغا كەلگەندە ئانام مۇئەللىملەرنى ئۆيگە باشلاپ چاي قۇيدى ئاندىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا نان بىلەن  قوغۇن ئىلىپ كەلدى . مۇئەللىملەر ئانامنى ماختاپ ئوقۇغان ئادەم  دېگەنباشقىچە بۇلىدۇ . بىز ھەر يىلى بالا ئالىمىز دەپ خەق بىلەن سوقوشۇپ جىدەل قىلىپ ئاران قۇبۇل قىلىمىز . بىرسى بىزنى سۇغۇق سۇغىمۇ تەكلىپ قىلمايدۇ . سىز دەك ئوقۇغان ئىلمى ئانىلار بىزدە جىراق بولغان بولسا يىزىمىزنىڭ شارائىتى ھازىرقىدىن كۆپ  ياخشى بۇلۇپ كىتەتتى دىيشتى . مۇئەللىملەر قوپۇشقا دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئانام ئاكامنى كۆرسىتىپ بۇ يىل چوڭ بالامنى بەرگەچ تۇراي . كچىگى تېخى كىچىك ، ئۇنى كىلەر يىلى بىرەي دېدى . ئىككسى تەڭ تۇرمامدۇ ؟ نىمە قىلسز كىلەر يىلى بېرىپ ئىككلسنى بىراقلا بۇ يىل بىرىڭ ئەمدى تەڭلا ئوقۇسۇن دېدى مۇئەللىملەردىن بىرى . ئانام ئۇلارنى خۇش دەپ ئۇزاتقاچ بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ ئاخىرى ئاكامنى ئوقۇشقا بىردىغان بولدى . مەن مەكتەپنىڭ نىمىلىگىنى بىلمسەممۇ ئۇ يەر چوقۇم يامان يەر ئەمەس دەپ ئويلايتتىم . شۇڭا مەنمۇ ئوقۇيمەن دەپ خىلى غەلۋە قىلىپ باقتىم  لېكىن ئانام مىنى باشقا بىر ئىشلار بىلەن گوللاپ گىپمنى ئۇنتۇلدۇرۇپ سنى كىلەر يىلى بىرىمىز دېدى . ئەسلىدە ئانامنىڭ مىنى ئوقۇتقۇسى بولسىمۇ لېكىن دادامنى نىمە دەيدىكىن دەپ شۇڭا مىنى مەكتەپكە بەرمىگەندى . ئاكام شۇ كۇندىن باشلاپ سومكا ئىسىپ مەكتەپكە بارىدىغان بولدى . ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ ھەر كۈنى كەچتە مەكتەپتىن قايىتقاندا يېڭى گەپ ۋە يېڭى ئۇقۇملارنى كۆتۇرۇپ كىلىدىغان بولدى .  مەن ئۇنىڭ كىتاپقا قاراپ بىر نەرسىلەرنى ئوقۇپ كەتكىننى كۆرسەم ئاكامغا ھەۋەس قىلىپ قالاتتىم . ئاكام مەندىن چوڭ بولغانلىغى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇراتتى . نىمە ئىش بولسا دادام ئانام ئاۋال ئاكامنى ئويلىشاتتى . شۇڭا مەكتەپكە كىرگەندىمۇ يەنە مەندىن بۇرۇن كىردى . قىشلىق تەتىلدە ئىككىلمىزنىڭ خەتمسىنى قىلدى . مەن ئاشۇ قورقۇنچلۇق لۇق مەنزىرىنى مەڭگۇ ئۇنتۇلمايمەن . ئاشۇ كۈنى بىر توپ تۇققانلار ئۆيگە يىغىلدى . ئانام ئاشخانىدا ئالدىراش قۇيماق سىلىۋاتاتتى . چىگىت مىيىنىڭ ئېسى ئادەمنىڭ بۇرنىنى ئىچىشتۇراتتى . بوۋام چوڭ ئانام تاغىلىرىم . ئانام تەرەپتىكى ھەممىسى ئۆيگە يىغىلدى . ئاشخانىغا نەچچە قازا ئېسلدى . بىز ئىشنىڭ قاچان باشلىندىغانلىغىنى بىلمەيتتۇق . لېكىن « خەتمە »  دېگەنسۆز مەن ئۈچۈن يېرىم ئۇلۇم تۇيۇلاتتى . چۇنكى گال ئۇستۇرىدا خەتمە قىلىنغاندا نۇرغۇن باللارنىڭ خەتمىسى چالا بۇلۇپ قىلىپ ياكى باللار كىسىۋاتقاندا جىم تۇرماي باشقا يەرلىرىنى كىسۋىلىپ دىگەندەك نۇرغۇن قورقۇنۇچلۇق ئىشلار باشقا باللارنىڭ ئىغىزدا سۆزلىنىپ يۇرەتتى . شۇڭا مەن قورقىۋاتاتتىم . خۇددى ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ياشاۋاتقاندەك ھېسسىيات ئچىدە بۇ يەردىن قىچىپ كىتشنى ئويلايتتىم . ئاكاممۇ جىمىپ قالغاندى . ئوغۇل بالا بولماق نېمىدېگەن تەس . قاچانلا قارىسا تىغنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمايلا يۇرگەن . ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەپتىدە كېلىپ گال ئۇستۇرىسنى باشقا  بىلەپ بىر كۇن دىگەندە ئاران دىگەندە چۇشۇرۇپ بۇلىدىغان ساتىراچتىن زىرىككەنلىگىم ئۈچۈنمۇ ئىش قىلىپ بۇ قېتىملىق ئىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ قورقۇنچلۇق لۇق تۇيۇلغاندى . ساتىراچ ئاكىمىز تۆۋەنكى مەھەللىدىكى بىر دىھقان بۇلۇپ ئۇنى بىرسى چاقىرغاندەكلا ھەر يەكشەنبە كۈنى سەھەردە ئۆيگە ئۇنەتتى . قولى ئېغىر بۇ ئادەمنىڭ قۇلىغىمۇ ئىغىرمىدىكىن ھەدەپ يىغلىساقمۇ ئاڭلمامدۇ ياكى ئاڭلىسمۇ پەرۋا قىلمامدۇ ئىش قىلىپ باشنى بىر تۇتىۋالغانچە كاۋا ئاقلىغاندەك ئادەمنى قىيناپ يۇرۇپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ مەخسدىگە يىتەتتى . ئۇ ئادەمنى باش چۇشۇردىغان ساتىراچ دىگەندىن كۆرە باش چۇشۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئادەم قىينايدىغان گال قۇرالى بار ئادەم دېسە توغرا بۇلاتتى . ئۇستىرىسى شۇنچىلىك گال . قولى ئېغىر . ئىش قىلىپ باشنى تۇتتىمۇ بولدى باشقا ئاغىرىق كىرىپ كەتكىنى كەتكەن ئىدى . كيىنچە بۇ ئادەمدىن زېىرىكىپ ئۇ بىشىمنى چۇشۇرسە ئەمەس ئۇنى كۆرسەملا بىشىم ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالدى . شۇڭا مەن بۇگۇن كىلىدىغان ئادەمنىڭ ئاشۇ ساتىراچ بۇلۇپ قالماسلىغىنى ئۆمىت قىلاتتىم . مەن ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرىۋاتاتتىم لېكىن باشقىلارنىڭ چىرايدا بىر خىل خاتىرجەملىك ھۆكۇم سۇرەتتى . مىھمانلار بىر قۇر تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھېلىقى خەتمىچىنى ساقلاپ تۇراتتى . بىر چاغدا كەلدى  دېگەنئاۋاز ئاڭلاندى . باشقىلار سىرىتتا ئاكام بىلەن مەن ئۆيدە ئىدىم . ئانام بىزگە ئەڭ ياخشى تاماقلارنى ئىتىپ ئاكام بىلەن ئىككىمىزنى كۆپرەك يىيىشكە زورلاۋاتاتتى . ئارقىدىنلا ساقىلى مەيدىسگە چۇشىدىغان . كۆپكۇك كۆزلىرى جىم تۇرمايدىغان تەلەتى سۈرۈن بىر ئادەم پەيدا بۇلۇپ يىنىمىزدا ئولتۇردى . ئۇنىڭ چىرايى بەئەينى بىر ئوغىرى ئىدى . بۇنداق ئىشلار بىلەن ھىچقانداق ئالاقسى يوق پەقەت پۇل ئىلىش ئۈچۈنلا بۇ ئىشنى قىلىۋاتقاندەك  تۇيۇلغاچقا مىنى تىخىمۇ سۇر باستى . مېنىڭ خىيالىمغا دوختۇردەك ئاق كىيملەرنى كىيگەن تۇرقىدىن پاكىزلىق تەبئىتىدىن خۇشخۇيلۇق چىقىپ تۇردىغان بىر ئادەم كەلگەندى . لېكىن بۇ ئادەمنىڭ تۇرقى مەن ئويلىغان مىڭنىڭ بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيتتى . ئۇ ئادەم ئۇزۇن چىپەرقۇت پاختا چاپىننىڭ ئىچىدىن بىر تال قۇمۇشنى چىقاردى . ئارقىدىن ئانامنىڭ چوڭ ئىنسى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۇ ئادەمنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىغىنى ماڭا كۆرسەتمىدى . بىر چاغدا ھەممە تەييار بولغاندى . ئانام مىنى سىرىتقا چاقىردى . مەن ئەمدىلا سىرىتقا چىقىشمغا ئاكامنى قوغلاپ تۇتقان ئاۋازلار ھويلىنى بىر ئالدى . ئارقىدىن ئاكامنىڭ چىقىراپ يىغلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەمدى تۇگەپتىمەن دەپ ئويلۇدۇم . بار كۈچۇمنى يىغىپ سىرىتقا قىچىشمغا كىچىك تاغام ئارقامدىن يىتىپ كېلىپ مىنى تۇتىۋالدى . تاغام مىنى ئۆيگە ئىلىپ كىرگەندە ھېلىقى تۇرقىدىن نىشنىڭ پۇرىغى كىلىدىغان ئادەم پاختىنى كۆيدۇرۇپ ئاكامنىڭ جان يىرىگە چاپلاۋاتاتتى . مەن ئاكامغا يەنە قاراۋىرىشكە تاقەت قىلالماي كۆزۇمنى ئىلىپ قاچتىم . يۇرىگىم قىپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك سوقماقتا ئىدى . ئاكامنىڭ كۆزلىرىدە ياش لېكىن ئىغىزىغا سىلىپ قويۇلغان چوڭ تۇخۇمنى ھە دەپ يالماۋاتاتتى . مەن تاغامنىڭ قولىدىن ئاجراپ قىچىپ كىتىش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ لېكىن ئۇ مىنى مەھكەم تۇتىۋالدى . مېنىڭ كۈچۈم يەتمىكەچكە يەنە يۇۋاشلاپ قالدىم . بىر دەمدىن كېيىن ئاكام ياتقۇزۇلدى . ئارقىدىن نۆۋەت ماڭا كەلدى . چوڭ تاغام مىنى خۇددى كېچىك بالىنى سىيگىلى توسقاندەك قۇچىغغا ئىلىپ ئولتۇردى . ھىلى قارا تۇماغلىق ياۋۇز چىراي خۇددى ئادەم ئۆلتۇرمەكچىدەك ياۋۇزلۇق بىلەن ئالدىمغا يىقىنلاپ كېلىپ ئاغىرمايدۇ ھە جىم تۇرۇڭ دىگەنچە يىقىنلاپ كەلدى . بىر يېرىم چىممىدە قىلغاندەك بولدى ئاندىن پۇتۇن بەدىنمگە ئاغىرىق كىرىپ كەتتى . ئەمدى ۋاقىراي دەپ ئىغىزىمنى ئېچىپ بولغىچە ئوڭ تەرەپتىكى سويۇپ تەييار قىلىنغان توخۇمدىن بىرسى ئىغىزىمغا سىلنىپ زۇۋان ئاچالماي قالدىم . مەنمۇ ئاكامغا ئوخشاش بىر تەرەپتىن ياش ئاققۇزغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تۇخۇمنى يۇتۇشقا باشلىدىم . ئارقىدىن ھېلىقى ئادەمگە نەچچە جىڭ پاختا ۋە بىر توخۇ سوغا قىلىندى . ئۇ دۇئا قىلىپلا توخۇ بىلەن پاختىنى ئىلىپ قايتىپ كەتتى . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيدە قوي سويۇلدى . شورپا سىلىندى . بۇ ئىشلارنىڭ غەلۋىسىمۇ تۇگەپ باشقىلارمۇ كەتتى . بىزمۇ يىغلاشتىن توختىدۇق . كېيىن بىلسەم يۇرىتتا خەتمىسنى قىلغان ئوغۇل بالىنى بالا دىمەي چوڭ بولغان ئەر كىشى دەيدىكەن . خەتمىسى قىلىنغان باللار ئەر كىشى دەپ قارىلدىكەن بالا دەپ قارالمايدىكەن  . بىزنىڭ بىر خوشنىمىز ئايالى بىلەن بىزنى كۇرگىلى كىرىپ
    بۇگۇندىن باشلاپ سىلەر كىچىك بالا ئەمەس . ئەمدى چوڭ بولدۇڭلار . ساقايغاندىن كېيىن خوتۇن ئالساڭلار بۇلىدۇ دەپ بەرگەندى . بىز ئۇنىڭ گىپىنى تازا ئاڭقىرالمىدۇق . لېكىن كېيىن بىلسەك ئۇ ئادەم توققۇز ياشتا ئايالى يەتتە ياشتا توي قىلغان ئىكەن . بۇنداق كىچىك تۇرۇپ توي قىلسا قانداق بۇلىدۇ بۇنى بىلمەيتتىم لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ خوتۇن ئالىسلەر  دېگەنگىپى غەيرى تۇيۇلغاندى . بىز قىرىق كۇنگىچە سىرىتقا چىقمىدۇق . سىرىتقا شۇنچىلىك چىققىمىز بولسىمۇ ئانام ئۇنىمايتتى . باشتا بىز ياتقان ئۆيگە قۇلۇپ سىلىپ قويۇپ سىرىتقا چىقىپ كىتەتتى . ئاخىرى بىر غەلۋە قىلىپ يۇرۇپ ھويلىغا چىقالايدىغان بولدۇق . لېكىن دەرۋازىنىڭ ئىشىگى ئىتىپ قويىلاتتى . بىز بەزىدە ئۆگزىگە چىقىپ باشقا باللارنىڭ بىر ئويۇنلارنى ئويناۋاتقان ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ بارغىمىز كېلەتتى . ئىككەيلەن يەنە ئۆيگە قايتىپ  خۇددى چاشقاندەك كارۋاتنىڭ ئاستىلىرىغا ئۆمىلەپ كىرىپ بىر بىرىمىزنى جىلە قىلىپ سەكرەپ يوتقان كۆرپىنى چۇۋۇپ دىگەندەك ئۆي ئىچىنى مالىماتاڭ قىلۋىتەتتۇق . ئانام بىزگە بۇنىڭدىن ئۆينى بۇنداق قالايمىقان قىلساڭلار مەندىن تاياق يەيسلەر دەپ بىزگە تەھدىت سالاتتى . بىز بىز ئانامغا ئەركىلەپ ئۇنىڭ گەپلىرىنى پەرۋايىمىزغا ئالمىغاندىن كېيىن ئانام بىزنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىغىمىزنى بىلىۋىلىپ تەھىدىت ئىشلىتش شەكىلىنى ئۆزگەرتتى . بۇ ئىشىڭلارنى داداڭلار بىلىپ قالسا تاياق يەيسلەر دېسە ھەر ئىككىمىز قورىققىنمىزچە تىتىرەپ كىتەتتۇق . مەن تىخىمۇ قورقاتتىم چۇنكى دادامنىڭ مىنى ئىرىقتىن ھالقىتىپ تاشلىغىننى ئويلىسام قورقۇپ تېنىم جۇغۇلداپ تىتىرەپ كىتەتتى . بىز دادامنىڭ گىپى چىققاندىن كېيىن ئاندىن جايىمىزغا چۇشۇپ ئانامغا باش ئىگەتتۇق . كېيىن ئاكامنىڭ تەتىل ۋاختى توشۇپ ئۇ مەكتەپتە كەتتى .  مەن ئەمدى كۇن بويى يالغۇز قالاتتىم . ئاتا - ئانام مىنى تالاغا چىقارمىغاچقا مەن كۇن چۇشلىرى ئۆگىزىگە چىقىۋالاتتىم . ئۆتكەن كەچكەننى كۆرۇشمۇ ماڭا يىڭىلىق تۇيۇلاتتى . زىرىكشلىرىم شۇنىڭ بىلەن بېسلىپ قالاتتى . بەزىدە بىر ئادەم ئىشكنىڭ ئالدىدىن ناخشا ئېيتىپ ئۆتسە ئۇلارنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغغا دىققەت قىلاتتىم . ئىش قىلىپ نىملا بولمسۇن ئالەم جاھاننىڭ جىمجىتلىغىنى بىر ئاۋازلار بىلەن بۇزىۋەتسە مەن خۇش بۇلاتتىم . جىمجىتلىقتىن زېىرىكىپ تۇرغاچقا بىر ئادەمنىڭ ناخشا ئىيتىشى ئەمەس تۇيۇقسىز ھاڭراپ قالىدىغان ئىشەكنىڭ ئادەم بىزار قىلدىغان يىقىمسز ئاۋازلىرىمۇ ماڭا يىقىملىق تۇيۇلاتتى . ئىچىمدە بىرنەرسە قۇرۇتتەك مىدىرلاپ مىنى بىر دەم جىم تۇرغۇزمايتتى . بىر ئىشلار بىلەن ھەپلىششىنى ياخشى كۆرەتتىم . يېڭى بىر نەرسىلەرنى كۆرسەم ياكى ئاڭلسام ئۇنىڭغا كىرىشىپلا قالاتتىم . شۇڭا بىر ئىشنى كۆردۇممۇ بولدى شۇنى ياساشنى ئۇگىنىمەن دەپ دىققەت قىلاتتىم  .
    بىز ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيدە لايچىلىق قىلىدىغان ۋە ئۆينىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىنى قىلىدىغانلار ئۇزۇلمىدى . ھويلا بىلەن ئىغىل تەرەپنى توسۇپ تۇردىغان يەرگە كىسەك بىلەن كۇنگۇرە ياسالدى . بۇ يەرنىڭ ئىشىنى لاۋ ۋاڭ ئسىملىك بىر خەنزۇ قىلدى . ئۇ بۇرۇن دادام بىلەن ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا ئىشلىگەن بۇلۇپ بۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا ئۇستا بولغاچقا دادام ئۇنى تەكلىپ قىلغاندى . كېيىن ئۇ كسەك بىلەن بىز كۆرۇپ باقمىغان بىر خىل ئوچاق سىلىپ بەردى . بۇ ئوچاق ئۈچ قەۋەت بۇلۇپ ئاستىنقى قەۋەتكە كۈل چۇشەتتى . ئوتتۇرىغا ئوتۇن ياكى قوناق مەدىگىنى قالايتتۇق . ئۆستىگە قازان ئاساتتۇق . كۇل چۇشىدىغان يەرگە بىر شالا بىكىتكەن بۇلۇپ كۈل بىلەن توپا چاڭ تىنمىسز تۆۋەنگە چۇشۇپ تۇرغاچقا قازانمۇ ئاسان قاينايتتى . كۈلنى ئىلىشمۇ ئەپلىك بۇلۇپ ئاستىغا كونا داستىن بىرنى قويۇپ قويسىلا كۈل ئالىمەن دەيدىغان ئاۋارىچلىقىلاردىن قۇتۇلغىلى بۇلاتتى . ئوچاقنىڭ ئىگىزلىگى بىر مىتىر ئەتىراپىدا بۇلۇپ سەي قورۇغان ئادەم بۇرۇنقى چالما ئوچاققا ئوخشاش ئىڭشىپ ئوتۇن سىلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ سەي قورۇيدىغان ئىشلاردىن قۇتۇلۇپ ئۆرە تۇرۇپلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بۇلاتتى . ئاستىدىكى كۈل ئالىدىغان يىرىدىن شامال ئۇرۇپ  تۇرغاچقا ھۆل ئوتۇنمۇ ۋە چالما ئوچاقتا كۇيمەي پىسلداپ تۇردىغان نەرسىلەرمۇ گۆرۇلدەپ كۇيەتتى . بۇ ئوچاقتا تاماق ئەتكەندە ئانام كۆكتات بىلەن خېمىرىنى ئاۋال تەييار قىلىۋىلىپ بىراقلا ئوت ياقسا ھەممىنى بىر باشتىن قازانغا تاشلاپلا بەرسە تاماق بىر دەمدىلا تەييار بۇلاتتى . كېيىن نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئوچاقنى كۆرۇپ ياخشكەن دەپ ئۆزلىرىمۇ مۇشۇنداق ئوچاق سىلىشتى ھەم بۇ ئوچاق ئوتۇننىمۇ تىجەيدىكەن . تاماق ئەتسىمۇ تىز پىشىدىكەن دىيشىپ ماختاشتى . كېيىن باشقا مەھەللىدىكى ئادەملەر ئۇستىلارنى باشلاپ كېلىپ مەخسۇس ئوچاقنى كۇرۇپ كەتتى . ئوچاقنىڭ ئىشلىرى بىر مەزگىل دەۋىر سۇرگەندىن كېيىن كۆمۇر قالايدىغان ئىش چىقىپ ئەتىۋارلاپ سىلىنغان ئوچاقلار چىقىلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى چۆيۈن مەش ئالدى . دادام نىمە ئىش قىلسا بىرەر يېڭى ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق بۇلۇپ ئەسلى شەھەردە ياشايدىغان ئادەم ئىدىم مەن دەپ قوياتتى . شەھەرگە كىرسە ۋە باشقا يەرلەرگە بارسا خەقنىڭ ئۆيلىرىگە ياكى بىرەر يىڭىلىقلىرىغا دىققەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەرھاللا شۇنى ئۆيدە پەيدا قىلشنىڭ كويىغا چۇشەتتى .
    ئارلىقتا بىر يىل ئۆتۇپ يازلىق تەتىل يىغىلىش ئالدىدا يەنە مەكتەپكە بالا ئىلىش باشلاندى .  مەن بۇ يىل چوقۇم مەكتەپكە كىرىمەن  دېگەنئۆمىت بىلەن تۇرغاچقا خاتىرجەم ئىشىمنى قىلىشقا باشلىغاندىم . مۇئەللىملەر ۋە خانىملارنىڭ يۇرۇپ تۇرۇشلىرى ناھايىتى پاكىز. ئادەمنىڭ ھەۋىسنى كەلتۇردىغان قىياپەت بىلەن يولنى ئاۋايلاپ ماڭاتتى . گەپ سۆزلىرىمۇ شۇنچلىك يىقىملىق سىلىق سىپايە ئىدى . شۇڭا مەھەللىدىكلەر بىر تۇرۇپ ئۇلارغا ھەۋەس قىلسا بىر تۇرۇپ ھەسەت قىلىپ قەستەن كۆزگە ئىلماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ ئۇلارنى چۇشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان بىر ئىشلىرىنى كۆرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى كۈزىتەتتى . بۇ خەق يۇزىنى توقاچ سوپۇن بىلەن يۇيىدىكەن . ئىغىزنى ئاپپاق كۇپۇك بىلەن چايقايدىكەن نېمىدېگەن مەينەت تۈفى  دېگەنگەپلەرنى بەزى مەكتەپكە كىرپ چىقىۋاتقان باللار بىزگە ئادەمنى قايىل قىلالمايدىغان نۇرغۇن زاكۇنلارنى قويۇپ گەپ قىلىپ بىرەتتى . لېكىن ئۇلار ماڭا مەينەت كۆرۇنمەيتتى . تۇرقىدىنلا بىر خىل پاكىزلىق ۋە بىزنىڭ دىھقانلىرىمىزدىن ئالاھىدە پەرىقلىندىغان بىر خىل پاكىزە قىياپەت چىقىپ تۇراتتى . شۇڭا ھەر قېتىم ئۇلار توپ توپ بۇلۇپ بالا ئالغىلى ماڭغاندا بىر توپ ئادەم يەنە نىمە ئىشلار يۇز بىردىكەن دىيشىپ ئۇلارنىڭ ئارقىسغا چۇشۇپ ماڭاتتى . يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك ھەر يىلى بالا ئالغىلى مۇئەللىملەر كەلگەندە مەكتەپ يىشىغا يەتكەن باللارنى ئاتا ئانسى بىر يەرلەرگە ئەۋەتىۋىتەتتى . بەزى باللارنىڭ ئوقۇغۇسى بولسمۇ لېكىن ئاتا ئانىسغا دىيەلمەي ئامالسىز ۋاقىتلىق كېتىپ تۇرۇپ ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كېلەتتى . ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ ئۇدا ئۇچ يىل قىچىپ كەتسە ئون ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ « ھاشار » دىن قۇتۇلۇپ قالاتتى . ھەممە ئاتا ئانىلار ئاساسەن باللىرىنى ئوقۇتقۇسى يوق ئىدى . نىمشقا دېسە ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق زاكۈنى بار ئىدى . ئەمدى پوق سۇيدۇكتىن ئايرىپ كەتمەننى تۇتقىدەك بولغاندا نىمە قىلىمىز ئوقۇتۇپ  دېگەنئىدىيەنىڭ ئىسكەنجسدە ھەممىسى ئورتاقلا باللىرىنى مەكتەپكە بىرىشتىن قاچۇراتتى . مەھەللىدىكلەر مۇئەللىملەرنى ياخشى كۇرمىگەچكە ئۇلارنىڭ ئادەم تەربيلىشى مۇمكىن ئەمەس . ئۆزىگە ئوخشاش سېسىق پۇرايدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىدۇ دىيشەتتى . مەن بىر قېتىم دەپتەر تۇتۇپ تۇرغان چىرايلىق خانىمنىڭ بەدىندىن كىلىۋاتقان ئەتىر سوپۇننىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ھەجەپ مىزلىك پۇرايدىكەن دەپ ئويلىغاندىم . لېكىن مەھەللىدىكلەر ئەتىر  دېگەننەرسېنىڭ نىمىلگىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى . ئۇلارچە بولسا بەدەندىن چىققان تەرلا مىزلىك پۇرايتتى . بۇنى تەرگە كۆنگەن ئادەملەرنىڭ بۇرنىغا ئەتىر بىلەن ئەتىر سوپۇننىڭ پۇرىغى سېسق . بەدبۇي پۇرىسا كېرەك . مەن خانىملارنىڭ يۇز مىيى ئىشلىتىدىغانلىغىنى بىلمەيتتىم . ئۇلارنىڭ سىلىق يۇزلىرى ماڭا چىرايلىق كۇرىنەتتى . مەھەللىدىكلەر ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى . شۇڭا باللىرىنى ئوقۇتۇشنمۇ خالىمايتتى . ئەگەر بىرلىرى مۇئەللملەرنىڭ بالا تىزىملايدىغانلىغىدىن خەۋەرسىز قىلىپ مۇئەللىملەر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن بالسنى كۆرۇپ قىلىپ ئوقۇتۇشقا مەجبۇر قىلسا باشتا ئوقۇتمايمەن دەپ بىقىپ مۇئەللىملەرگە تەڭ كىلەلمەي ئاندىن باشقىلارغا بەس سىلىشقا باشلايتتى . پالاننىڭ بالىسى ئوقسا مەنمۇ ئوقۇتىمەن . بولمسا ئوقۇتمايمەن . بىكارغا قالغان بالا يوق ئوقۇتىدىغان . دەپ بويۇن تولغايتتى . ئوغۇل بالا بولسا مەن قارىغا بىرەي  دېگەنشۇڭا ئوقۇتالمايمەن . ياكى بىرەر ھۇنەرگە تۇتۇپ بەرمەكچى ئىدىم . كىگىزچىلىككە بەرمىسەم بولمايدۇ بولدى ئوقۇتمايمەن دەيتتى . قىز بولسا ئانىسى ئاغرىقچان . ئۇكىلىرى كىچىك . ئۇكسىنى باققاچ ئۆيدە تاماق ئەتمىسە ئۆيدە ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم يوق . ياكى سەيپۇڭلۇق ھۇنەرگە بىرەي  دېگەندىگەندەك چەك باسمايدىغان نۇرغۇن باھانىلەرنى كۆرسېتىش ئارقىلىق باللىرىنى ئوقۇتماي قۇتۇلۇشنى ئويلايتتى . مۇئەللىملەر باشتا ياخشى گەپ قىلىپ چۇشەندۇرەتتى . لېكىن ئىلىمدىن خەۋرى يوق ئادەملەرنى ياخشى گەپ بىلەن قايىل قىلغىلى بولمىغاچقا ئاخىرى مەھەللە باشلىقلىرى ئوتتۇرىغا چۇشۇپ ئۇلارغا ھەيۋە  قىلاتتى . مەھەللە باشلىقلىرىنىمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان ئۇششۇق ، جىدەلخور ئائىللەرنىڭ باللىرىنى تىزىملاپ كېتىپ يىزىلىق ساقچىخانغا ئاپىرىپ بىرەتتى . شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار لاتا پىكاپنى ھەيدەپ كېلىپ كويزا كىشەنلەرنى تاراڭشىتىپ ھەيۋە قىلىپ يۇرۇپ ئاران دىگەندە ئۇلارنى ماقۇلغا كەلتۇرەتتى . بەزىلىرى ساقچىلاردىنمۇ قورۇقماي بىر جىدەل قىلساملا ئىش تۇگەيدۇ . نەچچە كۇن ساقچىخاندا ياتساممۇ ياتىمەن لېكىن بالامنى ئوقۇتۇشقا رازى ئەمەس دەپ يەنە يېڭى باھانىلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن تىرىشاتتى . لېكىن ئۇلارنى مۇئەللىملەر يېڭەتتى . بەزى جىدەل خالىمايدىغان ئائىللەر بوپتۇ . بىكاردىن بىكار تۇرمىدا ياتسىمۇ ياتىدۇ ئادەم . بەش يىل  دېگەن ئۇتۇپ كىتەر دىگەنچە قىيداپ ئوقۇتۇشقا رازى بۇلاتتى. كۆپىنچە ئادەملەر بالا دىگەننى نىمىشقا باقىدۇ ؟ چوڭ بولغاندا قولۇمدىن كەتمەننى ئالامدىكىن ، ماڭا تەڭ قول بۇلۇپ ئىتىز ئىرىقنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ بىرەمدىكىن دىمىسەم نىمە قىلىمەن بۇلارنى بىقىپ دەپ قارايتتى . ئۇلارنىڭ ياردەمچى كۈچى بىكاردىن بىكار ئوقۇيمەن دەپ كۇندە ناننى بىكارغا يەپ چىقىپ كەتسە ئۇلارنىڭ ئاچچىغى كېلەتتى ۋە ھەجەپ نەس باستى بالامنى .كىم تاپتى مۇشۇ ئوقۇش دىگەننى دەپ مەھەللە دوقمۇشلىرىدا ئولتۇرۇپ ئادەم توپلاشقان يەرلەردە مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى . ئۇلارچە بولسا مەكتەپلەر تاقالسا، باللار ئۆزىگە ئوخشاش ئىتىز ئىرىقنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ ئىششەك پاتمان قەرىز بىلەن ئۆزى چىپىپ ئۇپراپ كەتكەن كەتمەننى باللىرىغا مىراس قالدۇرسا ئاندىن رازى بۇلاتتى . باللار ھايات چىغىدا ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئىتىزدا ئىشلسە . ئۆلگەندە بىشىغا چىقىپ خەتمە قۇرئان قىلغىدەكلا بولسا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئارزۇ ئارمانلىرىمۇ يوق ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئالتە بالىسى بار مەھمۇد ئېسملىك بىر خوشنىمىز ئۇششۇغلۇق تاغىرىنى يەلكىسگە ئالغانچە ساقچىلارنىمۇ قورقۇتۇپ ئاخىرى ئوغلى يۇسۇپنى ئوقۇتمايدىغان بولدى . لېكىن يۇسۇپنىڭ بىر قولى مەڭگۇلۇك ناكا بولدى  . ئەسلى ئىش مۇنداق بولغاندى . مەھمۇد ئاكىنىڭ ئالتە بالىسى بۇلۇپ باللىرى ئون بەش ياشقا كىرىشى بىلەن توينى قىلىۋىتەتتى . شۇڭلاشقا قىز ئوغوللىرىنىڭ ھەممىسى كىچىك تۇرۇپلا ئۆي ئوچاغلىق بولغاندى .  ئالتە بالىنىڭ ئىچىدە ھىچقايسى مەكتەپتە ئوقۇمىغان بۇلۇپ مەھمۇد ئاكا مەكتەپ . مۇئەللىم دىگەنلەرنى ئاڭلسا بېشى ئاغرىيدىغان تولىمۇ جاھىل ئادەم ئىدى . بۇ قېتىم مۇئەللىملەر يۇسۇپنى ئوقۇتىمىز دەپ تىزىملىغاندا مەھمۇد ئاكا جاڭگالغا ئوتۇنغا كەتكەن بۇلۇپ ئۇ قايتىپ كېلىپ ئوغلى يۇسۇپنىڭ ئوقۇيدىغان بولغانلىغىنى ئايالىدىن ئاڭلاپ ئاچچىغا پايلىماي يېڭى ئەكەلگەن ئوتۇن بىلەن ئايالىنى بولدى دىگۇچە دۇمبالىغاندىن كېيىن ئاندىن مۇئەللىملەرگە سىلەرگە دەپ قوياي . مەن بالامنى ئوقۇتمايمەن . ئەگەر ئوقۇتىمەن دىسەڭلار ئۇنداق بالام يوق . سىلەر بالا قىلىپ ئۇيۇڭلارغا ئاپىرىپ بىقىپ نىمە قىلساڭلار قىلىڭلار دىگەندى . مۇئەللىملەر ۋە مەھەللە باشلىقلىرى مەھمۇد ئاكىنى قايىل قىلالماي تىزىملىكىنى ساقچىخانغا يوللاپ بەرگەندە ساقچىلار كېلىپ گەپ قىلسا بالام ئوقۇمايدۇ . ئوقىيالمايدۇ دەپ تۇرۋاپتۇ. ساقچىلار ھەيۋە قىلسىمۇ پىسەنىتگە ئالماي تۇرىۋالغاندىن كېيىن ساقچىلار تەھدىت سىلىپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قورقۇتۇپ قويايلى دەپ ئويلاپ ئۇنى ماشىنىغا چىقىڭ دىگەندە چىرايلىق بىر خانىم ( جەنۇپتا ئايال مۇئەللىمنى خانىم دەپ ئاتايدۇ )  مەھمۇت ئاكىنى كۆندۆرمەكچى بۇلۇپ
    ئەمسە يۇسۇپ ئۆزى بىر نىمە دىسۇن ئەگەر ئۇ ئۇزى ئوقۇشقا قوشۇلمسا بولدى بىز زورلىمايلى دەپتۇ . مەھمۇد ئاكا يۇسۇپنى چاقىرىپ چىقىپ
    مەكتەپتە ئوقۇمسەن ئوقۇمامسەن دەپ سوراپتۇ ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىپ تۇرۇپ . دادىسنىڭ تەلۋىلىگىدىن ئۆلگىدەك قورقىدىغان يۇسۇپ ئوقۇغۇسى بولسىمۇ لېكىن ئىغىز ئاچالماي تۇرۇپ قاپتۇ . ئۇ يا ياق يا ھە دىمگەچكە خانىم بۇ ئادەمنىڭ بۇقەدەر تەلۋە ۋە تەرسا ئىكەنلىگىنى چۇشەنمەيلا يۇسۇپكە قاراپ ئالدىنقى كۈنى ماڭا دېگەن گەپنى دەڭە . سىز ماڭا ئوقۇغۇم بار  دېگەن ئىدىڭىزغۇ دەپتۇ . مەھمۇد ئاكا بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي
    ئىش قىلىپ تاللاشنى بالىغا قويدۇم . لېكىن ئۇ ئوقۇيمەن دىمىدى . ئەمدى كەتسەڭلار بۇلىدۇ . مەن ئۇنى ئۆلسەممۇ ئوقۇتمايمەن دەپتۇ . خانىم يەنە ئۇنى قايىل قىلماقچى بۇلۇپ ئاكا سىزمۇ كۇردىڭىز يۇسۇپ ئوقۇمايمەن دىمىدى . سىزدىن قورىقمسا يۇسۇپ چوقۇم ئوقۇيمەن دەيتتى دەپتۇ . ساقچىلار مەھمۇد ئاكىنى ساقچىخانغا ئاپىرىپ ئازراق ئىدىيە خىزمەت ئىشلىمەكچى بۇلۇپ ماشىنغا چىقىڭ سىزگە ئايرىم دەيدىغان گەپ بار دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەھمۇد ئەمدى سولاقتا ياتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپتۇ ۋە كاللىسىدا بىر ئىشلارنى ئويلاپتۇ .  ساۋاتسىزلىقتىن كاللىسى قىتىپ كەتكەن  مەھمۇد ئاكا يۇسۇپكە قاراپ غەزىۋى تىشىپ تۇرىسمۇ ساقچىلارنىڭ ئالدىدا چاندۇرماي ئۆيگە كىرىپ چاپان ئالماشتۇرۇپ چىقاي دەپ يۇسۇپنى بىللە ئىلىپ كىرىپ كىتىپتۇ . ئۇزاق ئۆتمەي  ئۆيدىن يۇسۇپنىڭ قىقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ . ئارقىدىن ساقچىلار بىلەن مۇئەللىملەر يۇگۇرەپ كىرسە يۇسۇپنىڭ ئوڭ قولىنىڭ بىرنەچچە بارمىغى يەردە تۇرغىنى كۇرۇپتۇ . بىچارە يۇسۇپ كەكە بىلەن چانالغان قولىنى تۇتۇپ يەردە دۇمىلاپ يىتىپتۇ . ساقچىلار بىلەن مۇئەللىملەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا مەھمۇد ئاكا ئۇلۇغ بىر ئىشنى روياپقا چىقارغاندەك ئىستىھزا بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ
    بالامنىڭ قەلەم تۇتۇپ خەت يازدىغان بارمىغى يوق بولدى .  ئەمدى خەتنى نىمە بىلەن يازىدۇ . ئەمدىغۇ ئوقۇمىسا بۇلار دەپ ساقچىلارغا قاراپ كۇلۇپتۇ . ساقچىلار نىمە دىيشنى بىلمەي يۇسۇپنى دەرھال ماشىنىغا سىلىپ يىزىلىق دوختۇرخانىغا يۇتكەپتۇ . يىزىلىق دوختۇرخاننىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە تېخنكسى بارماق ئۇلاشقا يىتشمگەچكە ناھىيلىك دوختۇرخانىغا يۇتكەشنى بۇيرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن يۇسۇپنى ناھىيلىك دوختۇرخانىغا يۇتكەپ بارمىغىنى ئۇلاپتۇ . بارماقنى ئۇلاپتۇ لېكىن ئۇنىڭ ئۇچ بارمىغىنىڭ ھەممسى كىينمۇ ئىگىلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى . ھازىرمۇ ھىلىھەم شۇنداق . بىراق كېيىن يۇسۇپ خوتۇن باللىق بۇلۇپ ئۆزىنىڭ بالسنى ئوقۇتماقچى بولغاندا مەھمۇد ئاكا قەتئې قارشى تۇرغاچقا يۇسۇپ دادىسى بىلەن قارشىلىشىپ مەنغۇ ئوقۇيالمىدىم ئەمدى بالامىنىمۇ ئوقۇتمامدىم ؟  مەن نىمە ياخشى كۇن كۆردۇم سېنىڭ گىپىڭگە كىرىپ . مېنىڭ كۇنۇم ئىتنىڭ كۇنىدىن قانچىلىك پەرىق قىلىدۇ . مەن بىلەن تەڭ باللار ئوقۇپ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇپ چوڭ شەھەردە خىزمەت قىلىدۇ كۇنىمۇ ياخشى . بىر ئادەمنىڭ ئوقۇشىغا نىمە دەپ بۇنداق مۇئامىلە قىلسەن دەپ دادىسى بىلەن قارشىلشىپتۇ . ئۆزى قىرىسمۇ جاھىللىغى قىرىمىغان بوۋاينىڭ غەزىۋى تىشىپ ئەگەر ئوقۇتىمەن دىسەڭ مەن ئۇنىمۇ بارمىغىنى چانايمەن دەپتۇ يۇسۇپ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بۇلۇپ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قولۇمنى چاناپ مىنى ناكا قىلدىڭ . پىچاقنى ئاۋال ئۆزەڭگە سال ئاغىرىمسا خەققە دەپتىكەن ئەگەر ئوغلۇمنىڭ قولىنى چانايمەن دىسەڭ مەن سەن بىلەن دادا باللىقتىن كىچىمەن دەپتۇ . بوۋاي يۇسۇپنىڭ ئالدىدا گىپىنىڭ ئاقمايدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ پالتىنى ئىلىپلا ئۆزىنىڭ قولىنى چاناپتۇ . يۇسۇپ ئۇنى ناھىيلىك دوختۇرخانىغا ئىلىپ باراي دېسە بوۋاي جاھىللىق قىلىپ نەچچە كۇن ئۆيدە ياتقاندىن كېيىن قىزىزىتىپ بۇلالماي ئاخىرى ناھىيلىك دوختۇرخانىغا بىرىپتۇ . دوختۇرلار بوۋاينىڭ قىزىتمسىنى قايتۇرغاندىن كېيىن بارماق كىسلگەن يەرنى تىكىپ قويۇپتۇ . ئۇلار يۇسۇپكە بارماقنى ئۇلاش ئىمكانىيىتى يوق . ۋاختى ئۆتۆپ كەتكەچكە نىرىپلار ئۇلۇپتۇ دەپ جاۋاب بىرىپتۇ .  ئىلگرى كېيىن يۇز بەرگەن بۇنداق ۋەقەلەر تالاي بولغاچقا مەكتەپكە ئۆلگىدەك قارشى تۇردىغان بۇنداق ئىشلارنىڭ ۋەكىللىك بەلگىسى بۇلۇپ بۇ ئىشلار شۇ چاغدىكى باللىق تۇيغۇلىرىمغا سىڭىپ كەتكەندى . مەن ھەر قېتىم  يۇسۇپ  بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۇشسەم كۇڭلۇمنى سۆزلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل بىئارامچىلىق ئۆز ئىلكىگە ئىلىۋالىدۇ .  مەھمۇد ئاكا كىيىن ئۇلۇپ كەتتى . ئۇ ھايات چىغىدا باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئىككى قىتملىق باتۇرلىغىنى دەپ بېرىش ئارقىلىق ماختىنىپ سۆزلەپ يۇرۇپ كېيىن ئىلىشىپ قىلىپ ئۇلۇپ كىتىپتىمىش . يۇسۇپ بۇ قاباھەتلىك ئىشنى ھىچكىمگە سۆزلەشنى بىرىشنى خالىمايدىكەن . پەقەت باشقىلار سورىسا تېنىم تىتىرەپ كىتىدۇ . پەقەت ئويلىغۇم يوق دەيمىش . لېكىن مەن ئۇنىڭ قولىنى ھەر قېتىم كۆرسەم ئاشۇ دەھشەتلىك پاجىئە يۇز بەرگەن مەيداندا ئۇزۇمنى باردەك ھېس قىلىمەن . ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بۇ پاجىئەنى ئويلىمايمەن دەيمەن لېكىن پات پات ئېسىمگە كىلۋالىدۇ . بىر دادا قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ بارمىغىنى چاناشقا كۆڭلى چىدىغاندۇ ؟   دېگەن بىر سۇئال قارا چىكىتتەك مېنىڭ قەلبىمدە مەڭگۇلۇك سۇئال پىتى قالغىنى قالغان . كىيىن ساقچىلار يۇسۇپنىڭ قولى ساقايغاندىن كېيىن مەھمۇد ئاكىنى ئادەم يارلاندۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۇزگەن  دېگەن جىنايەت قولغا ئالماقچى بولغاندا مائارىپ ئىدارىسى ئارلىشىپ تەسىرى ياخشى بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ جاھىل ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىلىشى مۇمكىن دەپ سالا قىلغاچقا ساقچىلار قاتتىق ئاگاھلاندرۇۇش بىلەن بولدى قىپتۇ . كېيىن يىزىلىق پارتىكۇمنىڭ باشلىغى كېلىپ مەھەللىدە چوڭ يىغىن ئېچىپ مەھمۇد ئاكىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ بىر مۇنچە تەنقىد قىپتۇ . ئاندىن مەھەللىدە يەنە بۇنداق ئىش يۇز بەرسە ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئون يىلدىن ئون بەش يىلغىچە تۇرمىدا ياتىدىغانلىغى توغۇرسىدا ئۇختۇرۇش قىپتۇ . نۇرغۇن دادىلار بالا ئوقۇتماسلىقنىڭ چارىسنى تاپقاندەك بۇلۇپ پالتىلىرىنى بىلەۋاتقاندا بازار باشلغىنىڭ كەسكىن گەپلىرىنى ئاڭلاپ چۈچۇپ نىيتىدىن يىنىپ نىمە بولسا بۇلار ئاۋال باللارنى ئوقۇتايلى دىيشىپ يىغىندىن تارقىشىپتۇ . بۇ قېتىم مەھەللىدىكى باللارنى تىزىملاش ئىشلىرى پۇتۇنلەي ئاياغلىشىپ مۇئەللىملەر بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى .  مەن ئۇ كۈنى خۇشال ئىدىم . چۈنكى مەھەللىدە نۇرغۇن ئىشلار يۇز بەردى . ھىچكىممۇ بالامنى ئوقۇتمايمەن دەپ بويۇن تولغۇيالمايتتى . ئانام مۇئەللىملەرگە چاي قۇيۇپ ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى . مۇئەللىملەر چاي ئېچىپ بولغاندىن كېيىن مەن توغۇرلۇق ئىغىز ئېچىپ ئەزىمەتنى بۇ يىل مەكتەپكە بىرەرسىز دەپ سورىدى ئانامدىن . ئانام بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدى . مەن بىر مۇئەللىملەرگە بىر ئانامغا تەلمۈرۇپ قارايتتىم . بالامنىڭ يىشى كىچىك كىلەر يىلى بىرەيلى دېدى ئانام ئىككىلەنگەندەك قىلىپ . مۇئەللىملەر بىر بىرگە قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئانامغا سىلەرنىڭ ئائىلە مەھەللە بويىچە ئۆلگىلىك ئائىلە . سىلەر بۇنداق دىسەڭلار باشقا ئائىللەر باللىرىنى بەرمەسلىگى مۇمكىن دېدى ئانامغا . ئانام ئۇلارغا ئەمسە دادىسى قايتىپ كەلسۇن يەنە بىر مەسلىھەت قىلىپ ئاندىن جاۋابىنى بىرەيلى دېدى . كەچتە دادام قايتىپ كەلدى . ئانام تاماق يەپ ئولتۇرۇپ دادامغا مۇئەللىملەر كەپتىكەن ئەزىمەتنى بۇ يىللىق ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۇزىمىز دەيدۇ قانداق قىلىمىز دېدى دادامنى نىمە دەيدىكىن دىگەندەك قاراپ . بالىنىڭ دادىسى مەن . مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلىماي پىلانغا كىرگۇزىدىغان قانداق خەقكەن ئۇ دېدى دادام بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىچىلىپ . ئانام يەنە ئەستايدىللىق بىلەن چۇشەندۇرۇشكە باشلىدى
    مۇئەللىملەر سىلەرنىڭ گىپىڭلارنى ئاڭلاپ باقايلى دەپ كەپتۇ . چوقۇم ئارغامچا بىلەن باغلاپ ئىلىپ كىتىمىز دىمىدى دېدى دادامغا . دادام بىر دەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مەنغۇ بالا ئوقۇتۇشقا قارشى ئەمەس . ئوقۇتمايمەن دەپ خەقتەك بالامنىڭ قولىنى چاناپ يۇرمەيمەن . لېكىن سىلە ئويلاپ بىقىڭلار . ئەزىمەتنىڭ ئالدىدا بىر مۇنچە قوي تۇرسا ئۇنى كىم باقىدۇ ؟  مەن ئاۋال قوي باقىدىغان ئادەمدىن بىرنى ئىزدەپ باقاي . ئەگەر تاپالسام بالىنى مەكتەپكە بىرەيلى تاپالمسام كىلەر يىلى بىرەيلى دېدى دادام ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا ماڭغاچ . ئانام دادامغا سىلە  دېگەن مەھەللە كادىرى . ھەممە ئادەم سىلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلايدۇ . بىزنىڭ بۇ ئائىلىگە دىققەت قىلىدۇ . ئەگەر بالىنى بىز بەرمسەك خەق بىزگە بەس سىلىپ بالسىنى مەكتەپكە بەرمىسچۇ ؟ دېدى ئانام ئەسكەرتىپ . دادام بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىين
    ساقچىخاننىڭ باشلىغى بىلەن كۇڭلۇم يىقىن . ئۇنى مىھمانغا چاقىرىپ بىر قوينى بوغۇزلىساق ئىش تۇگەيدۇ دېدى دادام . ئانام دادامنىڭ مىنى قەتئې ئوقۇتقۇسى يوقلىغىنى ھىس قىلىپ ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىغىنى پەمىلگەندىن كېيىن بوپتۇ ئەمسە سىلە دىگەنچە بولسۇن دېدى بوش ئاۋازدا
    نەچچە كۇندىن كېيىن مەھەللىدە بىر ئايالنىڭ ئۇلۇم ۋەقەسى يۇز بېرىپ ساقچىلار مەھەللىگە يىغىپ كەتتى . ئايالنىڭ ئىرى ھاشارغا كەتكەن بۇلۇپ ئەتىرەت باشلىغى يېرىم كېچىدە  تامدىن ئارتىلىپ چۇشۇپ ئۇنىڭغا زورلۇق قىلماقچى بولغاندا ئايال ئۇنى رەت قىلىپ ئۆيدىن چىقىرۋەتكەن . لېكىن بۇ ئىش نەچچە قېتىم يۇز بەرگەندىن كېيىن ئايال ئاخىرى قەينى ئاپىسىغا بۇ گەپنى دەپ يىغلىغان . لېكىن قەينى ئاپىسى ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىپ ، مەسلىنى ھەل قىلماقتا يوق
    شامال چىقمىسا تىرەك لىڭشىمايدۇ . سەن خەققە قاش كۇزۇڭنى ئوينىتىپ قارىمساڭ خەق ساڭا بۇنداق قىلامتى دەپ ھاقارەتلەپ بۇ گەپنى ھەممە ئادەمگە يىيىۋەتكەندىن كېيىن ھەممە گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپلا ئوغلىنىڭ گىپنى ئاڭلىماستىن ئىككسنى مەجبۇرى  ئاجىراشتۇرىۋىتىپ ئۇنى ئۇچ بالا بىلەن تالاغا چىقىرۋەتكەن . ئايالنىڭ ئاتا ئانسى ئۇنىڭغا  ئۇگەي بولغاچقا ئۇلارمۇ قىزنى ئۆيگە كىرگۇزمىگەن . شۇنىڭ بىلەن ئىلاجىسز قالغان ئايال كچىدە  كېلىپ ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۆژمە دەرىخىگە ئۆزىنى ئسىپ ئۆلىۋالغاندى . دادام بۇرۇن بازاردا خىزمەت قىلغاچقا بازاردا ئىشلەيدىغان ھەممە ساھەنىڭ ئادەملىرى بىلەن باردى كەلدى قىلاتتى . مەيلى قايسى ساھەنىڭ ئادەملىرى كەلسۇن مەھەللىگە كىلىپلا دادام بىلەن ئۆلپەتچىلىك قىلاتتى . شۇڭا ئۇلار ئىغىزىدىن ماي تىمىتىپ تۇرۇپ بىرەر قوي ياكى بىرەر توخۇنىڭ بىشىغا چىقىپ بىكارلىق ھاراقنى ئۆلگىدەك ئېچىپ يېرىم كىچىلەردە ئاندىن كىتەتتى . ئۇلار مەھەللىگە بىر ئىش بىلەن كەلسە ئەڭ ئاۋال ئىزدەيدىغىنى دادام بۇلۇپ ئاۋال ئولتۇردىغان سورۇننى ئورۇنلاشتۇرپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ خزمىتى بىلەن مەشغۇل بۇلاتتى . شۇ كۈنى ساقچىلار ئۇلۇم  ۋەقەسېنىڭ باش ئايىغنى بىر قۇر ئۇقۇپ تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن جىنايەت گۇماندارى بولغان مەھەللە باشلىغى بىلەن ئايالنىڭ ئىرى ۋە قەينى ئانسىنى ئەھۋال ئىگەللەش ئۇچۇن بازارلىق ساقچىخانىغا يوللىۋەتكەندىن كېيىن يەتتە سەككىزچە ئادەم بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى . دادام قويدىن بىرنى سويدى . دادۇي كادىرلىرى بىر بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى . دادۇي كادىرلىرى ھاراق ئەكېلىشنى قول ئاستىدىكىلەرگە ئورۇنلاشتۇردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇم ئىشى ئاخىرىدا كېلىپ كۆڭۇل ئاچىدىغان سورۇنغا ئايلاندى . دادام ئۇلارنى مېھمان قىلۋەتكەندىن كېيىن ئەتسى ئەمدى ساقچىلار ئەزىمەت توغۇرلۇق گەپ قىلىپ بوسوغامغا دەسسمەيدۇ دېدى ئانامغا ئانام ساقچىلار كەلمىگەن بىلەن باشقا خوشنىلار دەيدۇ دېدى دادامغا قاراپ ساقچىلار بىلەن يىقىنلىغىمنى كىم بىلمەيدۇ مېنىڭ . خەقنىڭ  قۇرۇق گىپىگە قۇلاق سالىدىغان بىكار قۇلاق يوق ھازىر دەپ كىرىلىپ قويدى دادام . ئۇنىڭ كىرىلىپ قىلغان گىپى بىلەن مېنىڭ ئۆمىدىمنىڭ بەربات بولغانلىغىنى بىلىپ مەنمۇ جىمىپلا قالدىم . ئاناممۇ باشقا باشقا گەپ قىلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئوقۇش باشلاندى . مەن قوي بىقىش ۋەزىپسنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھەر كۈنى سەھەردە چىقىپ كىتەتتىم . لېكىن ئەتتىگىنى كەچتە دادام سىرىتقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئانامغا ئوقۇغۇم بار ئىدى دەپ يىغلايتتىم . بۇلۇپمۇ ھەر كۈنى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قويلارنى ئىلىپ چىقىپ كەتكەنچە مەھەللىگە يىقىن جاڭگالدا قوي بىقىۋىتىپ يالغۇزلا قالغانلىغىمنى ئويلسام مەن بىلەن تەڭتۇش باللار نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ دەپ ئويلاپ ئىچىمنى بىر نەرسە تىنىمىسز غاجايتتى . ئاخىرى مەن غەلۋە قىلىۋىرىپ ئانام ئۆيگە كچىك دوسكىدىن بىرنى قويۇپ ئىلىپبەدىن بىرنى تېپىپ مېنىڭ ساۋات چىقىرىشىم ئۈچۈن ياردەم قىلماقچى بولدى . دوسكىمۇ تېپىلدى . لېكىن ئۆزۈم يالغۇز ئانام دەۋاتقان خەتنى ئۇگىنىش ماڭا ئانچە خۇش يىقىپ كەتمەيتتى . باشتا ئۇزۇمنىڭ خەت يېزىش ئوقۇشنى ئۇگىنەلىشىمدىن گۇمان قىلغان بولسام بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن خىلى كۇنۇپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە ئانام ئوقۇغان چاغدا ساقلاپ قويغان بەزى كىتاپلارنى ھەجىلەپ ئوقۇغىدەك بولدۇم . مەن بىر خەتنى ئوقىيالمسام ئانامنىڭ يېنىغا بېرىپ سورايتتىم . ئەگەر توغرا ئوقۇغان بولسام ئانام خۇش بۇلۇپ مىنى ماختاپ قوياتتى . شۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساۋادىم چىقىپ قالدى . شۇنىڭدىن كېيىن قوي باققىلى چىقسام كىتاپ ئىلىپ چىقىدىغان بولدۇم . يالغۇزلۇقتىن زىرىككەن چىغىمدا كىتاپقا قاراپ بىر نەرسىلەرنى ئوقۇيىتتم  . لېكىن نۇرغۇن گەپلەرنى ئوقۇيالىساممۇ لېكىن مەنسنى بىلمەيتتىم . ئۆيگە قايىتقاندا بۇ گەپلەرنى ئىسمدە تۇتىۋىلىپ ئانامدىن سورايتتىم . مەن كۆپىنچە چاغلاردا قوينى يالغۇز باقاتتىم ، بەزىدە مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى ۋە بىر نەچچە ياشانغان ئادەملەر چىقىپ قالاتتى . ئىمام ئۇيغۇرچە خەتنى ئۇقمايتتى . ئەمما ئەرەپچىنى خىلى پىششىق بىلەتتى . ئەرەپچىنى راستتىنلا پىششىق بىلەمدۇ بىلمەمدۇ بىر نەرسە دىيەلمەيمەن . لېكىن ئۇ ماڭا بۇ خەتنى بىلمەيمەن لېكىن ئەرەپچە قۇرئاننىڭ خىتىدەك خەت بولسا ئوقۇيالايمەن دەيتتى . مەن ئۇنىڭ گىپىگە ئىشىنەتتىم . باشقىلار بولسا ساۋاتسىز ئادەملەر ئىدى شۇڭا ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قېلىش مۆمكىن ئەمەس ئىدى . مەن شۇ چاغدىن باشلاپ ھاياتىمدا باشقىلار بىلەن باراۋەر ياشاش  دېگەنبىر ئۇقۇمنى كاللامغا ئۆزلەشتۇرۇشكە باشلىغاندىم . لېكىن ئۇلار بىلەن بىللە مەكتەپكە كىرىشتە باراۋەر بۇلالمىغان ئىكەنمەن خەت يېزىش ۋە ئوقۇشتا بولسىمۇ باراۋەر بۇلۇش كېرەك  دېگەنبىر تۇيغۇ كاللامدىن كەچكەچكە كىتاپقا ئىچىكىپ كەتتىم . ئۇ چاغلاردا مەكتەپتە نەچچە يىل ئوقۇپ يەنە ساۋاتسىز چىقىپ كېتىدىغان باللارنىڭ بار ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتىم . ئۇلار دۆتلۇكتىن ياكى بىرنەرسىنى ئۇگىنەلمەسلىكتىن ئەمەس كۆڭۈل قويماسلىقتىن شۇنداق ساۋاتسىز قالاتتى . مەھەللىدىكى ئادەملەرنىڭ تەسرى ۋە ئوقۇشتىن بىزار بۇلۇشتەك ئامىللار ئۇلارنىڭ ئىدىيسنى چىرماپ تۇرغان بۇلۇپ مەجبۇرى مەكتەپكە سۆرەپ ئىلىپ بىرىلغان باللار دەپتەر قەلەملىرىنى بۇزۇپ . كىتاپلارنى يىرىتىپ يوقۇتۇش ئارلىق ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىغىنىڭ يوقلىغىنى ئىپادىلەيتتى . مەكتەپتىن ئۆيگە بارسىلا ھىچكىممۇ كىتاپقا ياكى تاپشۇرۇق دىگەنلەرگە قاراپ قويمايتتى . بەزى باللار ئۆيدە كىتاپقا قاراپ قالسا ئاتا ئانسىدىن تاياق يەيتتى . لېكىن بەزى باللار تىرىشىپ ئۇگىنەتتى . بۇرۇن يىزا بويىچە بىرلا باشلانغۇچ مەكتەپ بۇلۇپ ئوقۇش ئىختيارى ئىدى . ئوتتۇز مىڭغا يىقىن ئادەم بار بىر يىزىدا بىرلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بۇلىشى ئىچىنشلىق ئىش بولسىمۇ لېكىن ھەر ھالدا باللار مەكتەپكە لىق تولاتتى . لېكىن مۇئەللىملەرنىڭ ئوقۇتۇش سۇپىتى ناچار. باللارنىڭ ئۇگىنىش قىزغىنلىغى تۆۋەن بولغاچقا نەچچە يىل ئوقۇپمۇ يەنە ساۋادى چىقمىغان باللارنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇلارنىڭ ئەپتىگە قاراپ باللىرىنى ئوقۇتقۇسى كەلمەيتتى . بەزىلىرى ساۋادىنى چىقىرىپ ماتىماتىكا قاتارلىق دەرسىلەرنى ياخشى ئۇگەنسمۇ باشلانغۇچنى پۇتتۇرۇپلا دېقانچىلىق قىلغاچقا بىلمنىڭ ئۇلارغا ئىلىپ كەلگەن پايدىسنى ھېس قىلغىلى بولمايتتى . شۇڭا ئاتا ئانىلار ئۇلارنىڭ نەچچە يىل ئۆتۇپ كەتكەن ۋاختىغا ئىچىناتتى . شۇڭا ئۇلار باللىرىنىڭ تىزراق مەكتەپ پۇتتۇرۇپ بىرەر ھۇنەرنىڭ پىشىنى تۇتسا ئىكەن دەپ ئۆمىت قىلاتتى . گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا يىزا بويىچە تېخى بىرەرسى مەكتەپتە ئوقۇپ ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگىدەك بىر ئىشنى قىلغىنى يوق ئىدى . شۇڭا مەكتەپ  دېگەنگەپنىڭ ماھىيەتتىكى مەنىسى تۇرمە بىلەن جىق پەرىق قىلمايتتى . بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنى ھىچكىمنىڭ ئەيىپلىشكە ھەققى يوق ئەلۋەتتە . مۇبادا ئۇلارنى نادانلىقتىن مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ  دېگەنكۆز قاراشقا كېلىپ قالسڭىز يىڭىلىشسىز . چۇنكى ئۇرۇق ئۇنمەيدىغان يەرگە ئۇرۇق سالمايدىغان دىھقانلار ھەرگىزمۇ نادان ئەمەس بەلكى جاھاننىڭ كارى  ۋە موھىت ئۇلارنى مۇشۇنداق قىلىپ تەربىيلەپ چىققان . ئۇلار ھاياتىنى پايدا مەنپەئەت بىلەن ئەمەلى ئۆلچەپ ئۇگىنىپ قالغان . كىينكى كۇنلەردە بۇ مەكتەپلەردىن نۇرغۇن زىيالىيلار چىقىۋىدى ئاتا ئانىلار بالا ئوقۇتمايمەن دەپ ئەمەس بالىسى ئوقۇمايمەن دېسە قولىنى چانايدىغان بولدى . بۇ پەقەت بىر مەزگىللىك بىر ئىش بۇلۇپ قالدى خالاس .
    ۋاقىت شۇنچىلىك تىز ئۆتمەكتە ئىدى . باللار ياشلىققا . ياشلار ئوتتۇرا ياشقا . ياشانغانلار بىر بىرلەپ ئالەمدىن خوشلاشماقتا ئىدى . تەبىئەت ۋە موھىت تىنىمىسز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىنسانىيەت ئىدىيسنىڭ مسىلسىز زور كۇچىدىن كۆكىسگە ھەر باھاردا ئۆزگىچە رەڭدار گۇللەرنى تاقىماقتا ئىدى . ماڭا قوشۇلغان ئەقىل ۋە ھېس تۇيغۇ يىلدىن يىلغا يىڭىلىنىپ بېرىش بىلەن بىرگە ماڭىمۇ ھايات مەرھەمەتلىرىنىڭ بىر جان بەھىر ئىلىشقا تىگىشلىك نىممىتىنى سوۋغا قىلماقتا ئىدى
    .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-06 03:05 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    fany
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34574
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    پۇل: 119 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-25

     

    ئۆزھالكا ئاۋۋال  ئىزدىنىشتىن كەلدىڭىزمۇ ياكى دىيارىمدىنمۇ؟  ھارماڭ    چاخچاق  ھە    قايسىسى بولسا  ھەممىسى   بىزنىڭ  
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 05:47 PM |
    Yurtum Elani
    kara_turk
    نۇمۇسچان ھۈجەيرىلىرىمىز ئۆلدىم
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34475
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 604
    شۆھرەت: 644 نۇمۇر
    پۇل: 2284 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 67 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-18

     

    رەھمەت سىز گە...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-11 06:30 PM |
    Zulpikar Barat Ozbax
    dardi
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30105
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 130
    شۆھرەت: 170 نۇمۇر
    پۇل: 1223 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 699(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-20

     

    رەخمانجان ئاۋۇتنىڭ ئىزدىنىش روھىغا ئاپىرىن ، بۇ رۇماننىڭ بالدۇرراق نەشىردىن چىقىشىغا تىلەكداشلىق بۇلدۈرىمەن . قەشقەردىن دەردى
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-18 04:13 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » نەسرىي ئەسەرﻟﻪﺭ
    

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.077671(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 02-20 15:29
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号