ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى مۇھەببەت
دەسلەپتە تونۇشقاندا ؛ ئۇ خۇددى بىر پەرىشتە .
مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا ؛ ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى قىز ، مەن چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمەن .
توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا ؛ مېنىڭ خوتۇنۇم ھەر ھالدا يامان ئەمەس ، قەدىردان رەپىقە بولۇشقا لايىق ، پەقەت بەزىبىر ئۇششاق ئىللەتلېرى بار ، تۇرۇپلا سەپرالىشىپ قالىدۇ .
توي قىلىپ بەش يىل بولغاندا ؛ ئۇ بارغانسىرى تېتىقسىزلىشىشقا باشلىدى ، بارغانسېرى ھازازۇل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ .
توي قىلىپ 10 يىل بولغاندا ؛ ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ سەت ، ئەڭ بىشەم ، ئەڭ غەرەز ئۇقمايدىغان خوتۇن . نېمىشقىمۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولغيىتتىم .
توي قىلىپ 20 يىل بولغاندا ؛ ئۇنىڭ ئاشۇ كەمچىلىكلىرى ، مىجەزىنىڭ ئوساللىقىنى دېمىگەندە ، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ .
توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا ؛ ئۇ ناھايىتى غەرەز ئۇقىدۇ ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدۇ ، تۇرمۇشتا ناھايىتى ئىدىتلىق .
توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا ؛ كەمپىرىم ھەقىقەتەن يامان ئەمەس ، ئائىلە باشقۇرۇشتا ئوبدانلا پەمى بار ،سىرتلاردىمۇ بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . ئۇ دۇنيادىمۇ چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن .
توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا ؛ ئېيتقۇسىز ئازاپقا قالدىم ، چۈنكى مەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايالدىن ئايرىلىپ قالدىم .
ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى ؛ ئېيتقۇسىز ئازاپتا قالدىم ، چۈنكى مەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايالدىن ئايرىلىپ قالدىم .
ئاياللارنىڭ نەزىردىكى مۇھەببەت
دەسلەپتە تونۇشقاندا ؛ دۆت ھەم ھاڭۋاقتى ، ھەقىقەتەن سېپى ئۆزىدىن ھاماقەت .
مۇھەببەتلىشۋاتقاندا ؛ ئۇ بەكلا ياۋاش ، ئەمما بەكلا قۇلىقى يۇمشاق ، ئادەمنىڭ ئىچىنى بەك كۆيدۈرىدۇ ، مەن ئۇنىڭغا تىگەرمەنمۇ .
توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا ؛ مېنىڭ ئېرىم ھەر ھالدا بولىدۇ ، غەرەز ئۇقىدۇ ، ئادەمگە كۆيۈنۈشنىمۇ بىلىدۇ ، تېخى ئازراق سېھرى كۈچىمۇ بار .
توي قىلىپ بەش يىل بولغاندا ؛ ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى ، ئەقىل - پاراسەتلىك ، تالانتلىق ، كامالەتكە يەتكەن ئەر ئىكەنلىگىنى ئەمدى بىلدىم .
توي قىلىپ 10 يىل بولغاندا ؛ ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم ، ئۇ بولمىغان بولسا قانداق ياشايدىغانلىقىمنى ھەقىقەتەن بىلمەيمەن .
توي قىلىپ 20 يىل بولغاندا ؛ ھەي ~ ئۇنىڭ ماختاشقا ئەرزىگۈدەك يەرلىرى بارغانسىرى ئازىيپ كېتىۋاتىدۇ ، ناھايەن ئۇنىڭ تۇرقىلا بىر ئەر كىشى .
توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا ؛ ئۇنىڭ ئىللەتلىرى بارغانسىرى كۆپىيۋاتىدۇ ، ھورۇن ، گالۋاڭ ، جاھىل ، ئىقتىدارسىز .
توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا ؛ دۆت ھەم گالۋاڭ ، ئالجىغان قېرى .
ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى ؛ بۇ ئۆلگۈر قېرى مېنى بىر ئۆمۈر داغدا قويدى ، مېنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزى كېتىپ قالدى .
« تەرمىلەر » دىن ئېلىندى .