نۇرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى:
قوياش يورۇقلۇق تارقىتىدۇ، كۆيىۋاتقان يالقۇن يورۇقلۇق تارقىتىدۇ، قىززىتىلغان تۆمۇر يورۇق (چوغ بولۇپ ) كۆرۈنىدۇ،چاقماق تاشنى ئۆز -ئارا چاقساق ئۇچقۇن چىقىدۇ، بىز ئىشلىتىۋاتقان ئېلىكتېر چىراقلىرى بىزنىڭ يورۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرىدۇ... دىمەك، ئەتىراپىمىزدا بۇنىڭدەك مىساللار بەك كۆپ. ئۇنداقتا نۇر قانداق پەيدا بولىدۇ؟
بىز يۇقىرقى كىچىك تىمىدا ئېنىرگىيە بىلەن نۇر(فوتون) نىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەنىدۇق. يەنى ئېنىرگىيە فوتوننىڭ چاستوتىسى بىلەن مۇناسىۋەت فورمولاسى E=hνئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە Eئېنىرگىيەنى،ν بولسا نۇر چاستوتىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا (مۇشۇ مەنىدىن) نۇرنى ئېنىرگىيەتوشۇغۇچى(ماددا) دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ قايسى ئېنىرگىيەنى قانداق توشۇيدۇ؟
hν
بىز بىلىمىز، بارلىق ماددىلار ئاتوم ياكى مولىكولىلاردىن تۈزىلىدۇ. بۇلار ئۆزىدىن تىخىمۇ كىچىك بولغان ئاتوم يادروسى ۋە ئېلىكتروندىن تۈزىلىدۇ.(ئاتوم يادروسى پروتون ۋە نىيتروندىن تۈزىلىدۇ). خۇددىي پىلانىتلار قوياشنى چۆرىدەپ ئايلانغىنىدەك ، ئېلىكترونلارمۇ ئاتوم يادروسىنى بويلاپ ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدۇ.(بۇنى بىز ئاتومنىڭ " قوياش سىستىمىسى مۇدىلى" دەپ ئاتايمىز. لىكىن ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۇنداق بولىشى ناتايىن!) بۇ ئېلىكترونلارنىڭ ھەرقايسسىنىڭ ئېنىرگىيسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، يادروسىرتىدا ئايلىنىۋاتقان ئوربىتىللىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئېنىرگىيەسى يۇقىرىللىرى يادرودىن يىراقراق، تۆۋەنلىرى يىقىنراق جايدا "يۈگىرەپ" يۈرىيدۇ.(يىزىلاردا بۇرۇن ئېشەكلەر بىلەن خامان يۇمشاتقاننى بەلكىم چوڭلار بىلىدۇ. خاماننىڭ ئوتتۇرىغا بىر ياغاچ مۇم تىكلىنىپ ، ئۇنىڭغا قاتار 7-8 ئېشەك باغلىنىدۇ. ئەڭ قوتۇر ئىشەك مومنىڭ تۈۋىگە، ئەڭ شاش، ئاتتەك ئىشەك ئەڭ سىرتىغا باغلىنىدۇ). دىققەت قىلايلى، ئەمدى ماھىيەتنى چۈشنىدىغان يەرگە كەلدۇق!
بۇ ئېلىكترونلار مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ تۇراقلىق ئوربىتىسىدا مۇقىم ھالەتنى ساقلاپ، ئايلىنىپ يۈرۈشنى بىز مۇقىم ھالەت دەپ ئاتايمىز. بۇ چاغدا ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش يۈز بەرمەيدۇ. ئەمدى بۇ مۇقىملىق ھالەت بۇزۇلسا يەنى ئاتوم قوزغۇتۇلسا قانداق ئۆزگۈرۈش يۈز بىرىدۇ؟
سىرىتتىن(يىتەرلىك) بىر ئېنىرگىيە بىرىپ ئاتومنى قوزغىتالايمىز. يەنى ، بۇ ئېنىرگىيە خىمىيىلىك رىئاكسىيدىن (مەسىلەن جىسملارنىڭ كۆيىشىدىن) كەلگەن ئىسسىقلىق، سوقۇش ۋە ئۇرۇلۇشتىن كەلگەن ئىنىرگىيە، ئېلىكتېر قارشىلىقىدىن كەلگەن ئىسسىقلىق ۋە ھازاكالار بولىشى مۇمكىن. ئاتومنىڭ قوزغۇتۇلغان ھالىتى دىگىنىمىز شۇنداق ھالەتكى، تۆۋەن ئېنىرگىيە قەۋىتىدىكى ئېلىكترونلارنىڭ يۇقىرراق قەۋەتكە سەكرەپ چىقىۋالغان ھالىتى. لىكىن ئۇ ئېلىكترونلار ئۆزىنىڭ ئەسلى مۇقىم ھالىتىگە قايتىشقا تەقەززا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاسانلا تۆۋەن قەۋەتكە سەكرەپ چۈشىۋالىدۇ. يۇقىردا دىگىنىمىزدەك، يۇقىرى قەۋەت بىلەن تۆۋەن قەۋەتنىڭ ئېنىرگىيە پەرقى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىدىكى ئارتۇق ئېنىرگىيەنى فوتون شەكىلدە قويۇپ بىرىدۇ. مانا بۇ بىز دەۋاتقان نۇر!
Next: Laser
[ بۇ يازما bilig تەرپىدىن2008-11-29 09:49 AMدە قايتا ]