تېما يوللىغۇچى ئىلاۋىسى:داڭلىق ئەدىب مەمتىمىن ھوشۇر يازغان<<<ئالىم>بولماق ئاسان ئەمەس>>ناملىق بۇ ئەدەبىي ئاخباراتتا تالانتلىق شائىر قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىغا ئائىت يېڭى ئىلمىي قاراش ئوتتۇرىغا قويۇش جەريانى ۋە بۇ جەرياندا بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر تىل بىلەن تەپسىلى يېزىلغان بولۇپ،بۇ ئەدەبىي ئاخباراتتىن ئۇيغۇر زىيالىيلار جەمئىيىتىنىڭ بىر ئىزدەنگۈچىگە تۇتقان سوغۇق پۇزىتسىيىسىنى ئىنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.شۇڭا،تورداشلارنىڭ ئارىمىزدىن چىققان يەنە بىر تالانت ئىگىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش شۇنداقلا يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاش پوزىتسىيىسنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۇ ئەدەبىي ئاخباراتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.مەزكۈر ئەدەبىي ئاخبارات سەھىپىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى،ئەكسىچە،خەت بېسىش سۈرئىتىمنىڭ ئاستىلىقى شۇنداقلا ۋاقتىمنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى بۇ تېمىنى بىرقانچە كۈندە يوللاپ بولالىشىم مۆمكىن،شوڭا،تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. <<ئالىم>>بولماق ئاسان ئەمەس (ئەدەبىي ئاخبارات)
مەمتىمىن ھوشۇر پىشمايىن سىرى مەۋجۇد خام قالدى ئالەم ئۆز پېتى،
يا تېشىلمەي گۆھىرى ھەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى.
گەر ئەقىل يورۇق چېچىپ ھەركىم ئاڭا مەنا ئېيتسىمۇ،
ئەسلى چىن تەسۋىرىدىن كەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى.
_____ فارابى
<<ئىلى گېزىتى>>نىڭ 1990-يىل20-سىنتەبر سانىغا بېسىلغان:<<ياش ئوقۇتقۇچى قاسىم سىدىق ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ،فىزىكىغا ئائىت يېڭى ئىلمىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى...>>دېگەن خەۋەرنى ئوقۇپ ھەيران بولدۇم.مەن بىلىدىغان قاسىم سىدىق فىزىكىچى ئەمەس،بەلكى شائىر ئىدى؛ئۇ ئۆزىنىڭ تەملىك ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىتابخانلىرىمىزدا چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرغانىدى.قانداق قىلىپ بۇ ئاپتۇرىمىز بىر ئەدەبىياتچىدىن فىزىكا نەزەرىيەچىسىگە ئايلىنىپ قالدى؟...بىزنىڭ ئىسلاھات روھىغا تولغان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە خىلمۇ خىل مۆجىزىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،قاسىم سىدىقنىڭ ھەممە نەرسە ئۈستىدە ئۆزگىچە تەپەككۈر يۈرگۈزىدىغان<<غەلىتە>>مىجەزىمۇ كۆپچىلىككە ئايان.شۇڭا،قاسىم سىدىق ھەققىدىكى بۇ يىڭى خەۋەر مەندە قىزىقىش پەيدا قىلدى.ئۇنى ئالاھىدە زىيارەت قىلدىم،بىرقانچە قېتىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ فىزىكىغا ئائىت يېڭى قاراشلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن يۈزە بولسىمۇ،چۈشەنچە ھاسىل قىلدىم.مېنى ھەممىدىن قىززىقتۇرغىنى بۇ نەزەرىيە ئەمەس؛قاسىم سىدىقنىڭ شۇ نەزەرىيىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئۆز نەزەرىيىسى شەرھىلەنگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇرۇش،مۇھاكىمىگە قويۇش ئۈچۈن پالاقلاپ يۈرۈپ بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى بولدى.شائىرنىڭ بۇ يېڭى سەرگۈزەشتىلىرىنى كەڭ كىتابخانىلارنىڭمۇ ئاڭلاپ بېقىشىغا سۇندۇم.
شائىرنىڭ چۈشى بىزنى ئوراپ تۇرغان بۇ بىپايان كائىنات ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلسا،سىرلىقلىقى بىلەن چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.كېچە ئاسمىنى بېزەپ تۇرغان سانسىز يولتۇزلار زادى نېمە؟ئالەمنىڭ چېكى قەيەردە؟قۇياش،ئاي،يەرشارى ۋە پۈتۈن ئالەم جىسىملىرىنى پارقىرىتىۋاتقان قۇدرەت زادى نەدىن كەلگەن؟نېمىشقا تەبىئەتتە ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شۇنچە قانۇنىيەتلىك؟...ئىنسان ئالەم توغرىسىدىكى مۇشۇنداق سانسىز سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىش،قىياس،تەسەۋۋۇر ۋە ئىلمىي تەجرىبە ئۆتكۈزۈشلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيانى بىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.تەبىئەت ئىنساننى ياراتتى،ئىنسان تەبىئەتنى تونۇشقا باشلىدى.ئېھتىمال،بۇ تەبىئەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى بولسا كېرەك.لېكىن،بىزنىڭ بىلگەنلىرىمىز كائىنات توغرىسىدىكى بىلىملەر قامۇسىنىڭ بىر ۋارىقىلا،خالاس.مىخانىكىنىڭ ئاتىسى،دەپ ئاتالغان داڭلىق ئالىم نىيۇتۇن ۋاپات بولۇش ئالدىدائالەم توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى بىر دېڭىزغا ئوخشىتىپ:<<مەن ئاشۇ دېڭىز بويىدا ئويناۋاتقان بىر بالىغا ئوخشايمەن؛بەزىدە يالتىراق ۋە چىرايلىق بىرەر تاشنى تېپىۋېلىپ خوشال بولدۇم،لېكىن،ھەقىقەت دېڭىزىغا تېخى يېتەلمىدىم>>دېگەنىدى.
چەكسىز كائىناتتا سادىر بولۇپ تۇرغان ھادىسىلەرشۇنچىلىك رەڭگا-رەڭ ۋە شۇنچىلىك سىرلىق.دەل ئاشۇ سىرلىقلىق كىشىنى جەلپ قىلىدۇ،پىكىر يۈگۈزۈشكە ئۈندەيدۇ.يالغۇز مەخسۇس پەن ئالىملىرىلا ئەمەس،ھەركىمنىڭ ئالەم ئۈستىدە ئويلىنىش ھوقۇقى بار.تەبىئەتنىڭ ئالىي مېۋىسى بولغان ئىنسان دەل ئاشۇنداق تەپەككۈر قېلىش قابىليىتى بولغاچقىلا باشقا بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.بىز ھەممىمىز ئوخلاش،تاماق يېيىش،كۈندىلىك ئىشلارنى بىجىرىشتىن سىرت،يەنە بەزىدە ئىختىيارسىز ئالەم توغرىسىدىكى خىياللارغا كېتىپ قالىمىز...بىزنىڭ ياش شائىرىمىز قاسىم سىدىقنىمۇ خېلىدىن بېرى ئالەم توغرىسىدىكى مۇشۇنداق قىزىقىشلار چۇلغىۋالغانىدى.ئالەمدە ھەركەتلىنىپ تۇرىدىغان ماددىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق دەيدىغان بولساق،ئۇنداقتا،شۇ ماددىنىڭ ھەركەتلىنىش ماكانى بولۇپ تۇرغان بوشلۇق نېمە؟ئېينېشتېيىننىڭ بوشلۇق ئەگرىلىكى نوقتىئىنەزەرىگە قارىغاندا،بوشلۇقمۇ مۇئەييەن بىر شەكىلگە ئېگە نەرسىمۇ،قانداق؟ماتېرىيالىستىك دىيالېكتىكىغا ئاساسلانغاندا ھەرقانداق نەرسىنىڭ قارشى تەرىپى بولىدۇ.ئۇنداقتا،ھەرىكەتنىڭ قارشى تەرىپى<<جىملىق>>ۋە<<يوقلۇق>>دېگەنلەر زادى ئوبيېكتىپ مەۋجۇدمۇ،يوق؟...غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى قەدىمىي،خىلۋەت يېزىلارنىڭ بىرى__دادامتۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇ شائىرىمىز دائىم يۇقىرىقىدەك سوئاللار دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى.
شائىرنىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى سوزۇلۇپ ياتقان ئېتىزلاردا كۆپكۈك بۇغداي مايسىلىرى يەلپۈنەتتى،ئېتىز يوللىرىدا دولىسىغا كەتمەن سالغان دېھقانلار،تۆۋەنكى بۇلاقلاردىن سۇ ئېلىپ چىقىۋاتقان سەھرا قىزلىرى كۆزگە چىلىقاتتى.يۇقىرىدا بىنەملىكلەر،ئۇنىڭمۇ يۇقىرىسىدا ئاقباش تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.كېچىلىرى يىراقتىكى تاشيولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ گۆرۈلدەشلىرى،توپىلىق يېزا يولى بىلەن يىراقلاپ كېتىۋاتقان يولۇچىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى.مانا بۇ مۇھىت قاسىم سىدىققا نۇرغۇن شېئىرىي تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغان.بىر شېئىرىدا ئۇ:
ئاسمان يېپىنچامدۇر،زېمىن بۈشۈكۈم،
يۇلتۇزلار خەزىنەمنىڭ لەئىل ياقۇتى.
دېڭىزلار پىيالەم،كەۋسىرىم پەيۋەس،
قۇياشلار ئۆمرۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتى.
دەپ يازغانىدى.ئاشۇ قۇياش،ئاشۇ يولتۇزلار ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ پىكرىنى تولىمۇ يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدىغان بولدى.ئۇنىڭ خىياللىرى كۆز يەتمەس ئاسمان جىسىملىرى،ئاتۇم،مالىكۇلا ۋە قانداقتۇر بوشلۇق،يوقلۇق دېگەندەك نەرسىلەر ئارىسىدا تېنەپ يۈرەتتى.تەبىئەت ھادىسىلىرىگە بولغان قىزىقىش ئۇنىڭدىكى ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋەسنى بىر مەزگىل بېسىپ كەتتى،ئالەم توغرىسىدىكى بۈيۈك پىكىرلەر ئىلكىدە ئۇ ئويلىناتتى،كىتاب كۆرەتتى،كىتاب كۆرەتتى،ئويلىناتتى.كۈندۈزى ئويلىغانلىرىنى بەزىدە چۈشىدىمۇ كۆرەتتى.ئاخىرىدا قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ ئالەم توغرىسىدىكى يېڭى كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۈچ پارچە ماقالە يېزىپ چىقتى.بۇ ماقالىلەردە ئۇ ئاساسەن<<شەكىل>>ۋە<<يوقلۇق>>تىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇمنى شەرھىلەشنى چىقىش قىلىدۇ.
تېما يوللىغۇچىدىن:قاسىم سىدىق<<شەكىل>>ۋە<<بوشلۇق>>توغرىسىدا زادى نىمىلەرنى<<جۈيلىدى>>،بىلگۈڭىز بولسا،بۇ ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ داۋامىغا كۆز تىككەيسىز!
(ئاخىرى ئىنكاس سۈپىتىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ)
تېخىمۇ قالتىسى بۇ يەردە:
./read.php?tid=25674&keyword=[ بۇ يازما tayanqimbar تەرپىدىن2008-11-28 10:42 AMدە ]