ئەيدىز
(ئاپتۇر: كۇچا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن قۇربان داۋۇت شاھىدى)
جىمىكى ئاپەتنىڭ ئانىسى ئەيدىز،
نالە ھەم پەريادنىڭ خانىسى ئەيدىز.
ئەجەلنىڭ ، ئۆلۈمنىڭ چانىسى ئەيدىز،
ھاياتنىڭ ئۈزۈلگەن تانىسى ئەيدىز.
ئۇدۇمدىن، ئەخلاقتىن ياتلاشقاندا بىز،
قاۋاقتا مەست- ئەلەس قاتلاشقاندا بىز.
ئايرىلىپ ئەقىلدىن داتلاشقاندا بىز،
چاپلاشتى كېسەلنىڭ كانىسى ئەيدىز.
قانچە ئۆي، سەلتەنەت سۇرۇلدى كۆككە،
تاپالماي تۇرغاندا داۋانى ئۆتكە.
يا تېخى ئاقچىمىز يەتمەستە تۆتكە،
ئېچىلدى غۇربەتنىڭ خالتىسى ئەيدىز.
ئانىدىن بالىغا يۇقتى بۇ كېسەل،
خىروئىن بىزلەرگە تۇيۇلدى ھەسەل.
زار يېغلاپ ياش تۆكتى نازىنىن گۈزەل،
چۈنكى ئون يىگىتنىڭ ئالتىسى ئەيدىز.
نەگۇناھ بوۋاقتا، سەبىي بالىدا،
نە گۇناھ ياشانغان قېرى دادىدا.
نە گۇناھ بىز ئۆسكەن شەھەر، دالىدا ،
بىلسەڭ بۇ كۆڭۈلنىڭ ئالىسى ئەيدىز.
<<ئاق>> چىكىپ قىلمىغان ئىشىمىز ئازمۇ،
ئوينىدۇق ئايرىماي <<ئۆردەك>>مۇ،<<غاز>>مۇ.
ئۆتتى شۇ ھالەتتە قەھرىتان ، يازمۇ،
تەگكىنى پۇشايمان قامچىسى ئەيدىز .
مىللەتنى ، خىسلەتنى غاجاپ تالىدۇق،
ئىللەتنى، ئىشرەتنى شوراپ يالىدۇق.
شۇم، قارا قىسمەتنى خالاپ تاللىدۇق،
بۇ بەلكىم دۆتلۈكنىڭ جاجىسى ئەيدىز.
كۆرمىگەن بۇنچىلىك ئېغىر يۇقۇمنى،
ئەيدىز دەپ ناتۇنۇش ، يۇچۇن ئۇقۇمنى.
كىم بىزگە توقۇدى مەينەت تۇقۇمنى،
ئەسكى تام، دوۋزاقنىڭ چالمىسى ئەيدىز.
كىم، نەدىن ئوقۇشتۇڭ ، سورىدىڭ بىزنى،
يېرىلماس داپ بۇلۇپ تورىدىڭ بىزنى.
تىرىكلا كېپەنگە ئورىدىڭ بىزنى،
ئېيتقىنا خارلىقنىڭ چالمىسى ئەيدىز.
زەھەرنىڭ دوستى سەن، خەتەرنىڭ دوستى،
سويۇلدۇق بوپ گويا پىيازنىڭ پوستى.
نەۋقىران نى يىگىت قىزىل قان قۇستى،
ئېھ، گۈلگۈن ھاياتنىڭ سالمىسى ئەيدىز!
كەت نېرى سەن بىزدىن دەردىمىز تولا،
ھەر ئىشنىڭ بار ئپى، ئۆزۈڭنى سورا.
ئىرادە، ئېتىقاد تەڭداشسىز دورا،
پىتنەيۇ- پاساتنىڭ لالمىسى ئەيدىز.
باشلىدى سەپ بولۇپ خەلق ئۇرۇشنى،
قوغدايمىز جان تىكىپ ساغلام تۇرمۇشنى.
ئىستەيمىز پاك، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى،
يوقالسۇن كۆڭۈلنىڭ يارىسى ئەيدىز.
[ بۇ يازما turkinaz تەرپىدىن2008-11-20 03:56 PMدە قا ]