«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى توغرىسىدا ھەممە ماختاش ئالقىشلار يۈكسەك پەزىلەت ۋە كۆركەم سەنئەت ئىگىسى بولغان تەڭرىمگە خاس . زامان-ئەھلىنىڭ ئەڭ ساغلاملىرى كېسەل ، ئەڭ سۆزمەنلىرى كېكەچ بولۇپ قالغان بىر چاغدا ، تەڭرىم ھالال بىلەن ھارام ئىشلار ئېنىق ۋە تولۇق بايان قىلىنغان قۇرئاننى جەبرائىل ئارقىلىق مۇھەممەدكە چۈشۈردى ، شۇنىڭ بىلەن توغرا يولنى كۆرسىتىپ مەشئەل ۋە يول كۆرسەتكۈچ بەلگە تىكلەپ بەردى .
مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ھەممىگە پېشىۋا بولغان ئۇرۇق ئەۋلادلىرىغا تەڭرىم رەھمەت قىلسۇن ، ئەبەدىي ئېسەنلىك بەرسۇن .
ئەمدى ، مۇھەممەد ئوغلى ھۇسەيىننىڭ پەرزەنتى مەھمۇدنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايسىز :
مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرچىدا تۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنى مۇشۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم . تەڭرى ئۇلارنى «تۈرك» دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى ؛ دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى ؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى ؛ ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى ؛ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغانلارنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلەرگە ئېرىشتۈرۈپ ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى . تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى . ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن ، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق . كىمكى ئۆز گوروھىدىكى دۈشمەنلەردىن ئايرىلىپ ، تۈركلەرگە سېغىنىپ كەلسە ، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ ؛ ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پاناھ تاپىدۇ .
ئىشەنچلىك بىر بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغانىدىم : پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى ، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز -تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە : «تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ»-دېگەنىكەن .
بۇ ھەدىسكە شۇ ئېيتقۇچى كىشىلەرنىڭ ئۆزى جاۋابكار . بۇ ھەدىس راست بولسا ، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش ۋاجىپ بولىدۇ . راست بولمىغان تەقدىردىمۇ ، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرلىكىنى ئەقىل تەقەززا قىلىدۇ .
شۇڭا ، مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن ، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن ، ئەڭ زېرەكلىرىدىن ، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن-ئاياغ كېزىپ چىقتىم . تۈرك ، تۈركمەن ، ئوغۇز ، چېگىل ، ياغما ، قىزغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى . مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم .
ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ ئات قويدۇم .
بۇ كىتابنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئورنىدا ئولتۇرغان ، ھاشىم ئۇرۇقىدىن ۋە ئابباسىلار سۇلالىسىدىن يولباشچى بولغان خوجىمىز ، ئىگىمىز ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمرى ۋە تەڭرى تەيىنلىگەن خەلىپە مۇھەممەد ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئالدۇللا مۇقتەرى بىئەمرۇللا ھەزرەتلىرىگە ئارمىغان قىلدىم . تەڭرى ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى دائىم يۇقىرى ، ئۆمرىنى راھەت-پاراغەت ئىچىدە ئۇزۇن قىلسۇن ؛ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يوق سەلتەنەت ئاساسلىرىنى تەۋرەنمەس دەرىجىدە مۇستەھكەملىسۇن ؛ ئۇنىڭ پەرمان دائىرىلىرىنى كېڭەيتسۇن ۋە يۈكسەلدۈرسۇن ؛ ئادەم بالىلىرى ئۇنىڭ بىھېساب ساخاۋىتى شاراپىتىدىن يۇلتۇزلاردەك يۈكسەك بەخت-سائادەتكە ئىگە بولسۇن ؛ ئۇنىڭ دەرتلىرى ئەمەلگە ئېشىپ ، ھەر بىر غەلىبىسى سادىق دوستلىرىنى خۇشال قىلسۇن ؛ تەڭرى ئۇنىڭ قەھرى غەزىبىگە ئۇچرىغان دۈشمەنلىرىنى تېخىمۇ خار قىلسۇن ؛ پەزىلىتىنى ۋە ئۇلۇغۋارلىقىنى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يىراق قىلمىسۇن .
مەن بۇ كىتابنى ھېكمەتلىك سۆزلەر ، سەقىئەلەر ، ماقال-تەمسىللەر ، بېيىت-قوشاقلار ، رەجەزلەر ۋە نەسرى پارچىلار بىلەن بېزەپ ، مەخسۇس ئېلىپبە تەرتىبىدە تۈزۈپ چىقتىم . ئۆگەنگۈچى ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ كېرەكلىك سۆزلەرنى ئاسان تېپىشى ئۈچۈن ، بىر نەچچە يىللار مۇشەققەت چېكىپ ، سۆزلەرنى جاي-جايىغا قويدۇم . تۇتۇقلىرىنى ئاچتىم ، چېگىشلىرىنى يەشتىم . ئاخىر بۇ لۇغەت كىتابىنى تۆۋەندىكى سەككىز بۆلۈمگە يىغىنچاقلىدىم . بىرىنچى ، ھەمزە بۆلۈمى . ئىككىنچى ، سالىم بۆلۈمى . ئۈچىنچى ، مۇزائەف بۆلۈمى . تۆتىنچى ، مىسال بۆلۈمى . بەشىنچى ، ئۈچ ھەرپلەر بۆلۈمى . ئالتىنچى ، تۆت ھەرپلەر بۆلۈمى . يەتتىنچى ، غۇنىنلىكلەر بۆلۈمى . سەككىزىنچى ، ئىككى ساكىن بىللە كەلگەن سۆزلەر بۆلۈمى .
تۈركىي تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن خەلىلنىڭ «كىتاب المين» دېگەن ئەسىرىدە قىلىنغىنىدەك ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەرنىمۇ بۇ كىتابقا كىرگۈزۈش كۆڭلۈمگە كەلگەنىدى . مۇنداق قىلغاندا ئىش تېخىمۇ تەرتىپلىك بولغان بولاتتى . لېكىن ، سۆزلەرنى ئاسان تېپىش ۋە كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىخچاملاشتۇردۇم ، ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنى ئالدىم ، ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم . مېنىڭ تۇتقان بۇ يولۇم تېخىمۇ توغرا .
«قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەندەك ، بۇ پەقەت بىر ئۆرنەكتىنلا ئىبارەت . تۆت ۋە ئۇنىڭدىن زىيادە ھەرپلەردىن تەركىپ تاپقان سۆزلەرنىمۇ مۇشۇ ئۆرنەك بويىچە قىياس قىلىش مۈمكىن .
مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە كىتابنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن ، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم . بۇ يازغان ئەسىرىم تەلەپكە لايىق بولسۇن ، پايدىلانغۇچىلارغا قوللانما بولغۇدەك بىر قىممەتكە ئىگە بولسۇن دېگەن نىيەت بىلەن ، بىر مۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ ، يېڭى-يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم . ھەربىر قەبىلىنىڭ سۆز ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۈپ سۆزلىرىنىلا ئالدىم . چۈنكى ، سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى ، ئىلگىرلەشنى خالىغۇچىلارغا توغرا نىشان كۆرسىتىپ كەڭ يول ئېچىپ بېرىش ، يۈكسىلىش تىلىكىدە بولغۇچىلارغا شوتا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم . جۈملىدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شېئىر ۋە قوشاقلىرىدىن ، قايغۇلۇق ۋە خوشاللىق كۈنلىرىدە ئېيتقان چوڭقۇر مەنىلىك ماقال-تەمسىللىرىدىن مىساللار كەلتۈردۈم تاكى بۇنىڭدىن پايدىلانغانلار كېيىنكىلەرگە ، ئۇلار ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يەتكۈزسۇن . شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر مۇنچە ئىبارىلەرنى كىرگۈزدۈم . شۇنداق قىلىپ ، بۇ كىتاب يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا ، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى . كۆڭۈل باغلىغان بۇ ئىشىمدا تەڭرىدىن ياردەم سورايمەن .
( «تۈركىي تىللار دىۋانى» I توم ، 1-، 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7-، 8-بەتلەر)
=================================================================
بايمەتھاجى رامان تەييارلىغان ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى نەشىر قىلغان( «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئەدەبىي مىراسلار ) ناملىق كىتابدىن ئېلىندى .
[ بۇ يازما Yulduzay تەرپىدىن2008-11-21 12:14 PMدە قا ]