چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
بۇ تېما 650 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى  توپلامىدىن........ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ayjahan
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29134
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 523
شۆھرەت: 694 نۇمۇر
پۇل: 1068 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى  توپلامىدىن........

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن (2008-11-18)دە نادىرلاندى
               مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى  توپلامىدىن........

                                                                     ئىبراھىم ئالىپ تېكىن

          

     ئۇيغۇر دىمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى مەمتىلى ئەپەندى  
                      
                                  ئىبراھىم ئالىپ تېكىن

    19-ئەسىرنىڭ ئاخرى قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى كىچىكىنە كەنتتە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ شانلىق خوش خەۋەرچىسى سۈپىتىدە تۇنجى پەننىي مەكتەپ ‏- ئېكساق "ھۈسەينىيە مەكتىپى" ئاپىرىدە بولدى.دەۋرنىڭ تەققازاسى ۋە خەلقنىڭ مائارىپ ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغان بۇ يېڭى مەكتەپنىڭ تۇنجى ئوتىنى ياققۇچىلار ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلاردۇر.ئۇلارنىڭ يۇپيۇرۇق مەشئەلى نەچچە ئەسىر نادانلىق ۋە خۇراپاتلىقنىڭ پاتقىقىدا ياتقان خەلقنى ئويغاتتى.تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئېتەكلىرى ،تەكلىمىكان گىرۋەكلىرى،ئىلى-ئالتاي بوستانلىقى ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىغى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.
   بۇ يېڭى مەكتەپ ئۆز زامانىسىغا كۆرە ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر مائارىپ پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى،مەرىپەت ۋە ئاقارتىش ئۇرىقىنى كەڭ كۆلەمدە چېچىش ،ياش ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى ئىلىم-ئېرپان نۇرىدا يۇرۇتۇش ئۈچۈن تار مەھەللىۋى دائىرىدىن ۋە ئەينى دەۋردىكى خىلمۇ-خىل توساقلاردىن بۈسۈپ ئۆتۈپ،خەلقنىڭ ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇش يولىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇردى.ئاشۇ دەۋرنىڭ مەنىۋى يېتەكچىللىرىدىن ئابابەكرى ئەپەندى،كېرىم خەلپىتىم،تۇرسۇن ئەپەندىم ۋە ئەنۋەر ئەپەندى قاتارلىقلار ئاۋانگارت مائارىپچى ‏- ئاقارتقۇچىلىق رولىنى ئۆتىدى.
    قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئاشۇ دەۋردە باھاۋۇدۇن مۇسابايۇف يەنە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى،ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ،ەسلىھەتداشلىرىدىن ئابدۇقادىر دامۇللام،قۇتلۇق ھاجى شەۋقى،تەجەللىي ۋە خالىس ئەپەندى قاتارلىق مەرىپەت پېشۋالىرى باھاۋۇدۇن مۇسابايۇفقا ھەمنەپەس بولدى،كۆمۈلۈپ قالغان مەرىپەت ئۇرىقى قايتىدىن بىخلاندى،شۇنىڭ بىلەن 2- قېتىملىق مائارىپ ھەركىتى باشلاندى.
  ئابدۇقارىد داموللام كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق ئالىم ۋە يىتۈك تىلشۇناس بولۇپ،ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاپلارنى يېزىپ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىر سىڭدۈردى.ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى كەڭ يېيىلدى.ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.ئۇ ئادالەت ياقلاش يولىدا خەلقنىڭ تىلى بولۇپ قالغانىدى.1924 - يىلى ھاۋا زىيادە ئىسىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەشقەرنىڭ ئاسمىنىدا ماتەم ناخشىسى ياڭرىدى.بۇ كۈنى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان ئوغلان ‏- ئابدۇقارىد داموللام بىر قانخور قاتىل تەرىپىدىن قەتلە قىلىنغانىدى.ھىچقانداق كۈچ باش ئەگدۈرەلمىگەن بۇ گىگانىت ئادەم مەھەللىۋى ئەكسىيەتچىلەر ،شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلەر ۋە ھەسەتخورلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.
    20 -ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا شىنجاڭ دېمكراتىك ئويغىنىش دەۋرىگە ئۇمۇمىيۈزلۈك قەدەمقويدى.ۋەتەن سۆيەر ئوت يۈرەك ئەزمەتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ ،مەكتەپ ئېچىپ مەرىپەت مەشئەللىرىنى ياقتى .ئەنە شۇلانىڭ تىپىك ۋەكىلى ئۇلۇغ مائارىپچى ،تالانتلىق ،ئوت يۇرەك كومپوزىيوتېر ۋە دېمۇكىراتىك شائىر مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)ئىدى .

   مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يىتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بۇلۇپ ،ئائىلىسى مەرىپەتنى ،ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان ،ئىستىېدات چەككە چىققان ،خەلىق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋىر بولغاچقا ،توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ <<ھۆسەينىيە مەكتىپى>>گە ئوقۇشقا بېرىدۇ.
   يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش ،ئۇستازلىرنىڭ ئەستايدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى .مەمتىلى ئەپەندى <<ھۆسەينىيە>>مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلىقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ; تېخىمۇ تىرشىپ .ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئېرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇچۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن .ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيلەيدۇ.
.1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە <<ئوقۇدى،ئاشتى>> دىگەن شېئىرىنى يازىدۇ:

ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار،
كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار.
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا،ئويلا ئۆممەتلەر.

   
   بۇشېئىر كىشلەرتەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام - تاملارغا چاپلىنىپ كىتىدۇ،خەلىق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تۇنۇيدۇ . مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسىرى كۆچىيۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كىچە - كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىپ ئېچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلقى بىلەن 1926- يىلى بىر كىچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كىتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىندۇ.
    مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ
تاكى ئىستانبولغا يىتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ . خىلمۇ خىل كىشلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دىمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يىتىلگەن بىر ئادەم بۇلۇپ چىقىدۇ.ئۇ تۈركىىيگە تىتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلنىپ ،مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ ،ئىقتسادى كۈچىيىپ ، تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى .
   مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەققىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ .
ئۇ تۈركىيە گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ،شىنجاڭ ھەقىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ:

ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان،
پارتىلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان.
پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن - زەنجىرىنى،
ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.


    مەمتىلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلىقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىرقايتىپ كېلىدۇ.
ئۇ بىر يىتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئېلىم -ئېرپان ئىدىيسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدى. يېڭى مائارىپ ھەركەتلىرى ۋە3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولىدى.
ئۇ تەشكىل قىلغان << ئىزچىلارئەتىرىتى >> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بۇلۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە،فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە
ئېلېنغان بولسىمۇ ئۈچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق ياىدۇ:

بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق،
ئېلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچەزار بولدۇق.


   مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .ئۇ قىلىۋاتقان .ئىشنىڭ ھەق ئىكەنىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ،ئاقارتىش ۋەزىيتى شەكىللەندۈردى.
     مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۇز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى << ئىزچىلار ئەترىتى >> تەشكىللەپ ئۆزى باش بۇلۇپ . مارش ۋە ناخشلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئەتىراپىنى ئايلىنىپ .يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەركىتى قەشقەردە تۇرۋاتقان قۇماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرشىدۇ.
    تالانتلىق ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلاربىلەن بىرگە << يانار تاغلار >> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەدەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي - تالماي كۆيۈپ -پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىندىن ئايرىلىدۇ--مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى دەرىخانا مۇنبىردىن تۇتۇپ كىتىپ . 1937-يىلى30-ماي كۈنى ئۇ شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرپىدىن ۋەھشىلەرچە قەتلە قىلىندۇ.
مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن ، تىزپۈكمەس ئېرادىسى ۋە قەيسەرانە روھىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازدۇ.

ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدائىسيان ئىتەر،
كۆندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كىتەر.


مەمتىلى ئەپەندى ئۆزنىڭ تارىختا ئۆچمەس مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە ئەدبىي ئىجاىيىيى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.بىزئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدىبىياتىنىڭ بۇ مەشھۇر ۋەكىلىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمىز،ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.


         دادام  مەمتىلى توختاجىنى ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﻤﻪن (ئەسلىمە)              
                          
                                                        ئەدىبە مەمتىلى

    ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 63 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩﮬﺸﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ 62 - ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﭖ - ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ، ﺩﻩﯞﺭ ﺑﯚﻟﮕﯜﭺ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺶ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﯘﺵ << ﮬﯜﺳﻪﻳﻨﯩﻴﻪ >> ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
      ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺳﻪﻛﺮﻩﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯩﺘﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﻮﺋﯧﻨﻠﯘﻥ ﺑﺎﻏﺮﻯ ، ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ << ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ >> ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﯞﺍﺳﺘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻛﯚﭼﻪﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﭘﻮﭘﻮﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﯩﻴﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﯞﺍﺯﻛﻪﭼﻤﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻣﺎﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻩﮬﺸﯩﻴﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ، ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻗﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﻴﻠﻪ - ﻧﻪﻳﺮﻩﯕﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ .
        1930 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﺴﻰ ، ﺋﯚﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘﻮﺭ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺟﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻧﻪﺳﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﭖ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﻤﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ، ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺷﺎﮬﯩﺘﻼﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
        ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻜﻪﻧﻤﻪﻥ . ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺰﺍﺕ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺭﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﻧﺪﯨﺨﺎﻧﺎ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﻣﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ << ﺑﺎﻻﻡ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ >> ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯚﻛﺴﯜﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .1937 - ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ، ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺑﺎﻍ ﮔﯘﻧﺪﯨﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ . ﺗﻪﻟﻪﺗﻰ ﻗﺎﺗﯩﻠﺪﻩﻙ ﺑﻪﺗﺒﻪﺷﯩﺮﻩ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻱ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، << ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮬﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ، ﻣﺎﯓ ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﻛﻪﺕ >> ﺩﻩﭖ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺳﯩﺰ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯘﺗﯘﭖ ، ﺋﯘ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻳﻐﺎ ﭘﺎﺭﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭘﺘﯘ . ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻩﺭ ﺳﺎﺋﻪﺗﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻱ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻗﺎﻥ ، ﻳﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ . ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻪ - ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯩﺘﺎﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ، ﺷﯘ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﭽﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ .
       ﻣﻪﻥ 8 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ << ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﯕﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﮔﯘﻧﺪﯨﺨﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﮬ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ، ﺋﯘ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻥ >> ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﮬﯚﺭﻛﯩﺮﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﻰ ﺑﯘﺧﻪﻟﯩﭽﻪ ﺧﯧﻨﯩﻢ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ << ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ >> ﺩﻩﭖ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻥ 13 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻧﺎﻡ - ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﭘﺎﺭﻩﻡ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ( ﺋﻪﺩﯨﺒﻪ ) ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﺑﯘﺧﯩﻠﯩﭽﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻴﻠﯩﺪﻯ ، ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﺳﻪﻥ ( ﮬﺎﻣﻤﺎﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ) ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﺕ - ﻗﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯓ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺒﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﻳﺎﺵ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺘﻰ . << ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﻩﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﺘﻰ .
    ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﯘﭘﻪﻳﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﻏﯘﺭﯗﺭﯗﻡ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻣﯘﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻛﯜﻧﯩﻤﻪﻥ .
      17 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﺎﻣﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . 1969 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺑﺎﺳﺘﻰ: ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﭼﯚﭼﯜﺭﯨﺪﻩﻙ ﺗﯚﺕ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ << ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ >> ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﮔﯧﺰﻩﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ، ﺑﻮﺯﯗﻕ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺗﺎﻳﯩﻘﻰ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯜﭖ ، ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻢ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﺑﯘﺧﯩﻠﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﺷﭙﺎﻧﺎﮬ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ . ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺋﻮﺑﯘﻟﮭﻪﺳﻪﻥ: << ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﭘﺎﺩﺍﻛﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ .
      1976- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﭽﯩك ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﻪ ﺧﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ . ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ( ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ، ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻏﻮﺟﻰ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻏﻪﻣﺨﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ . ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺗﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﻪﺕ - ﻣﻪﻛﺘﯘﭖ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻗﻮﺭﻭ ﺟﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ . ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﺘﯘﻡ . ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﻪ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺳﯩﻤﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ .
     ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﮬﺎﯞﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺋﯘ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﺗﯩﻤﻪﻥ .
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻛﺎﺭﺍﻛﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﻣﻮﺳﺎﺑﺎﻳﻮﭘﻼﺭ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ، ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﮬﺎﺟﻰ ﺷﻪﯞﻗﻰ ، ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﻧﮕﺎﺭﺗﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .

1999 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ .ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ

  
                   بىر شائىرنىڭ تۈگىمەس ناخشىسى( ئەسلىمە‏)
    
                                              
                                                                   مەھبۇبە مەمتىلى

  مەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نەۋرىسى مەھبۇبە بولىمەن،بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم.مەنمۇ چوڭ دادامغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئەڭ بۈيۈك خىزمەت ئورنىدا تاللاپ ئالدىم.
  چوڭ دادام ھەققىدە يېزىلغان "مەمتىلى ئەپەندى" سەرلەۋىھىدىكى تەرجىمىھال خارەكتىرلىك كىتابىنى سېتىۋالدىم.ئۇنىڭ ھەر بىر قۇرلىرىنى ئوقۇغان چېغىمدا ،مائارىپ تارىخىمىزدا قالتىس پىداكارلىقنى كۆرسەتكەن،ئاجايىپ ئۇلۇغ نەتىجىللىرى بىلەن خەلقنىڭ قەلبىدە ئىززەتلىنىپ كەلگەن چوڭ دادام مەمتىلى ئەپەندىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.ھاياجىنىم ئىچىگە پاتماي،يۈرىكىم لاۋۇلداپ يانىدۇ،كۆزلىرىمدىن پەخىرلىك ھالدا خوشاللىق ياشلىرى ئاقىدۇ.مەن چوڭ دادامنىڭ ھايات قامۇسىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمدە،مائارىپ ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇش ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن.
  ئەينى چاغدىكى مائارىپ ھەركىتىنى قوزغىغان مەمتىلى ئەپەندى مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بۇ مۇققەدەس يولنى تاللىغان.ئۇ بۇ يولدا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىدىن مەھرۇم بولدى.ئۇ بۇ يولدا بارلىقىنى قۇربان قىلدى.
  بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشى بىۋاستە مائارىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.قاراخانىلار دەۋرىدىكى "ساجىيە" مەدرىسىنىڭ قۇرۇلىشى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىمىزگەتارىخىي بۇرۇلۇش بەرگەن بولسا،"مەسئۇدىيە" مەدرىسلىرىنىڭ قۇرلىشىمۇ شۇنداق مەدەنىيەتلەرنىڭ بەرپا بولىشىغا ئاساس بولۇپ قالغان.كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت مۆجىزلىرىنى يارىتىپ،تۈركۈم-تۈركۈم مەدەنىيەت يۇلتۇزلىرىنى چاقنىتىپ،مەدەنىيەت ئاسمىنىنى بېزىگەن بۇ خەلق ،"يىپەك يولى" نىڭ چۆلدەرىشى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلگەن ئەسەبىي ئىشانچىلىق،دىننىي خۇراپاتلىق،مۇتەسسىپ نادانلىق،دەمكۆتە-قۇلچىلىق،تۈگىمەس ۋە ئەرزىمەس تەبرىقچىلىق،چېكىدىن ئاشقان گورۇھۋازلىق ۋە يۇتۋازلىق ،شۇنداقلا زۇلۇم-زۇلمەت بورانلىرى ئىچىدە قارا تەغدىرنىڭ قۇچىغىغا يىقىلدى.بۇنىڭ بىلەن  مۇستەھكەم مىللىي ئېگىلىك تەلتۈكۈس گۇمران بولدى،مەرىپەت مۇنارلىرى غۇلاپ چۈشۈپ،پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى،شۇ ھالەتتە بۇ خەلق پۈتۈنلەي مەجرۇھ ھالدا ئۇيقۇغا كەتتى.
  19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چېلىنغان مەرىپەت قۇڭغۇرىقى بۇ نادنلىقتا يۈرگەن خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچتى.يېڭى بىر مەكتەپ مەشئەللىك رولىنى ئويناپ قاراڭغۇلۇقىنى يۇرۇتتى.نادانلىق ۋە قاششاقلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان  بۇ خەلق ئويغىنىشقا باشلىدى.
  20 - ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدىكى دىمۇكراتىك ئويغىنىش پائالىيىتىدە چوڭ دادام مەتىلى ئەپەندىنىڭ تۆپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.ئۇ گەرچە ئازلا ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ،ئۈچ،تۆت يىللىق مەزگەل ئىچىدە تىرىشىپ،جاپالىق كۈرۈش بىلەن مەيدانغا چىقارغان مەكتەپ تەرەققىياتى،يۈزلىگەن ئوقۇتقۇچى،10مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا بەرگەن تەربىيىسى خەلققە ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالدىۋە كىيىنكى مەكتەپ ھەم مائارىپ ئىشلىرىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
  مەن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇق ئوتتۇرىنى غۇلجىدا تاماملىدىم.ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە چوڭ دادام مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مۇنداق بىر ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن:
  " مەمتىلى ئەپەندى 1936 -يىل  ئاخىرى بولسا كېرەك،دەرس مۇنبىرىدە تۇتۇپ كېتىلدى.ئەمدىلا ئۇچۇرما بولىۋاتقان ياش ئوقۇغۇچىلار كۆز ئالدىدىكى بۇ تىراگىدىيىلەرگە قاراپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.تۈن قاراڭغۇسىدەك قاپقارا ساقچى فورمىسى كىيگەن بىر نەچچە جاللات ئەپەندىمنىڭ قوللىرىنى كەينىگە قايرىپ باغلىغاندا،ئۇ دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەي:  " سەن ئىپلاسلارمىنىڭ قولۇمنى باغلىدىم دەپ كۆرەڭلەپ كەتكىنىڭ بىلەن ئاشۇ پىدائىيلارنىڭ قوللىرىنى باغلاپ بولالمايسەن،مىنى ئۆلتۈرگىنىڭ بىلەن بۇ پەرزەنتلەرنى ئۆلتۈرەلمەيسىلەر." دىگىنىچە كۆكرىكىنى كېرىپ مەردانە قەدەم بېسىپ كەتتى.قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار  بۇ ئوت يۈرەك شائىرنىڭ كەينىدىن پەقەت > خەير-ئىوش مۇئەللىم،خۇدا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.......< دىگەن بىرلا جۈملە سۆزنى قىلالىدى.
  ئەپەندىم يارباغ تۈرمىسىگە قامالغاندىن كىيىن ئېغىر تالاپەتلەرگە دۈچ كەلدى.قەشقەر ساقچى باشقارمىسىدىكى ئەشەددىي جاللات قادىر ھاجى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ دىلوسىغا مەسئۇل بولۇپ،ئۇنى بىردىنبىر سوراق قىلغۇچى بولدى.ئۇ سوراق قىلغاندا قىيناپ سوراق قىلىش،قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ دىلو ئىشلەش تاكتىكىسى قىلىپ،قەشقەر ۋالىيسى ۋە جاللات شىڭ شىسەينىڭ قالتىس ماختىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
  ئەپەندىم قادىر ھاجىنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە-نەيراڭلىرىگە ئانچە پىسەنت قىلمىدى.دەھشەتلىك قىيناشلار،سوراق ۋە تىل ھاقارەت ئەپەندىمنىڭ گىگانىت گەۋدىسىنى،مۇققەددەس روھىنى تەۋرىتەلمىدى.ئۇ قادىر ھاجىنىڭ بىكۆرۈم ئەپتىگە،شۇملۇق تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان چېقىر كۆزىگە قاراپ " سەن قانخور بىز كۈنلەرگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئالدىدا قىلمىشىڭ ئۈستىدىن جاۋاپ بېرىسەن،سېنىڭ رەزىل قولۇڭدا تۈكۈلگەن بىگۇنا خەلقنىڭ قىزىل قېنى سېنىڭ رەزىل جىنايى قىلمىشىڭنى سۆزلەيدۇ،مۇشۇ تۈرمە تاملىرى خالىس گۇۋاھچى سۈپىتىدە ئىسپات بېرىدۇ،يوقال! ئىپلاس،ۋەتەن ساتقۇچ" دىگەندە قادىر ھاجى قېلىن يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئەپەندىنى ئويلىنىشقا قويۇپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىدۇ.شۇندىن كىيىنكى سوراقلار ئاساسەن ئەپەندىمنى قىيناش بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ.تاياق زەربىسىدىن ئەپەندىن كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ.
  ھاياتلىقنىڭ ئاخرىقى مىنۇتلىرىنىڭ يىتىپ كەلگنلىكىنى بىلگەن مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىدىشى ۋەتەنپەرۋەر تاتار ئوقۇتقۇچى مەجىدىن ئەپەندىگە " ئۆلۈمنىڭ ھىدى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى.مۇشۇ بىر نەچچە كۈن جەريانىدا خەنجەر ۋە مىلتىق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئاز ئەمەس،بىزمۇ بۇ تەتۈر قىسمەتتىن قۇتۇلۇپ بولالمايمىز،ياخشىسى پاكلىنىۋالايلى،ئۇ دۇنياغا پاك ھالىتىمىزدە كەتسەك،روھىمىز خوشال بولىدۇ"دىگەندە ،مەجىدىن ئەپەندى : ئەپەندىم ،بۇ مەلئۇنلارنىڭ تۈرمىسىدە بىز ئىچكۈدەك سۇمۇ بولمىسا،قانداق پاكلىنىمىز؟دەيدۇ.مەمتىلى ئەپەندى ،ئۇ بىچارە ئوقۇتقۇچى مەسلەكدىشىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ،ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن : دوستۇم،راست ئېيتىسىز،بىزگە ئىچكۈدەكمۇ سۇ يوق،بىراق بىز پاكلانغۇدەك توپراق بار،بىز تۇپراقتىن ئاپىرىدە بولدۇق،يەنە تۇپراققا قايتىمىز،بۇ تۇپراقنى بەدىنىمىزگە،كۆزلىرىمىزگە سۈركىگىنىمىز ۋەتەننى سۆيگىنىمىز،ئۇنى قەدىرلىگىنىمىز بولىدۇ.بىز گەرچە مۇرات-مەقسەتلىرىمىزگە تۇلۇق يېتەلمىگەن بولساقمۇ ۋەتەن،ئېزىز تۇپراققا يۈز كېلەلەيمىز" دەپ سۆزلەپ كېتىدۇ،مەجىدىن ئەپەندى ئۇنىڭ ئاجايىپ پىداكارلىق روھىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ.
  دىگەندەك مەمتىلى ئەپەندى 1937-يىلى ماينىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى سانسىزلىغان مىللىي قەھرىمانلار بىلەن بىللە 36 يىللىق ھاياتى بىلەن ۋىدالاشتى.
  80 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەننى مائارىپ ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ،چوڭ دادام مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ يىغىلىپ،توپلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلىدى.
   مەن يەنە نۇرغۇن زىيالىلار،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاندا،ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن يەنىلا ئاتۇشتا باشلانغان مىللىي مائارىپ ‏- ئاقارتىش ھەركىتى ۋە چوڭ دادامنىڭ ئىش -پائالىيەتلىرنى ئاڭلىدىم.تاغىمىز سەيپىدىن ئەپەندىنىڭ " ئۆمۈر داستانى " قامۇسى،ئاتۇشتا نەشىر قىلىنغان " مەشئەل" زورنىلى،ئىبراھىم نىياز ئەپەندىنىڭ قەشقەر پىداگوكا ئىنىستۇتى ژورنىلىغا بېسىلغان ماقالىلىر،ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىنىڭ "ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئوچرىكلار".......قاتارلىق تىپىك ماتىرياللار چوڭ دادامنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ يېتىشىمگە ئاساسىي ئۆرنەك بولدى.مەن بۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قېزىشا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلۋاتقان ئاشۇ پىشقەدەم يازغۇچى، تارىخچى ۋە مائارىپ پىشۋالىرىغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.
  مەن ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاددىي بىر مۇئەللىمى.مىنىڭ بىر كۈنۈمنىڭ تەڭ يېرىمى ئاشۇ سەبىي،يۇمران بالىلار ئارىسىدا ئۆتىدۇ.ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان چاغلىرىم مېنىڭ ھاياتىمنىڭ باھارى.مەن ئۇلار ئارىسىدا تۇرۇپ چوڭ دادام يېزىپ بەرگەن ناخشىلارىنى بىرگە ئوقۇيمىز.ئەنە شۇ چاغدا ۋەتەنپەرۋەر شائىر،دىداكتىك ئوقۇتقۇچى مەمتىلى ئەپەندى بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرغاندەك ھېس قىلىمىز.
  مەمتىلى ئەپەندى ئۆز ھاياتىدا بىزگە ئەڭ ئېسىل ئابىدە سۈپىتىدە بىر ناخشا قالدۇرۇپ كەتتى.مەنمۇ ئەۋلاتلارغا بىر ئۇلۇغ ناخشىنى سوغا قىلىمەن.
    بۇ بىر تۈگىمەس ناخشا.........

              

مەنبە: مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى 2000-يىل نەشرى (كىرىش سۆز قىسمى)
  

        
ئىزچىلار

بىز ئىزچىلارمىز قوللىرىمىز گاڭ،
كۆزىمىز نۇرلۇق،قەلبىمىز ساغلام.
خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز،
دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام.

ئۆگەن،تىرىش ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،
ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا،
ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا.

قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق،
ئالغا ئۆرلەيمىز ئېرپان نۇرىدا.
ئۆگەن،تىرىشىپ ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،

ئۆسكەن يۇرتىمىز قانلىق شېغىل تاش،
ۋەتەن يولىدا پىدادۇر بۇ باش.
ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى،
قايتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش.

ئۆگەن،تىرىشىپ ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،


              ئەي ئانا يەر

ئەي ئانا يەر كۆزلىرىڭىدە ئۈمۈد پارلار ھەر زامان،
ئۈستۈڭدىدۇر گاھى تۇتۇق گاھ روشەن كۆك ئاسمان.
ئۆتتى تارىخ،ئۆتتى يىللار،قوزغىلاڭلار بولدى كۆپ،
جەڭ چېلىشلار يالقۇنىدا چىقتى سانسىز قەھرىمان.

ئەي ئاناجان،پاك مۇقەددەس سەندە بىزنىڭ جانىمىز،
سۆيگۈ-مېھرىڭ ۋە سۈتىڭدىن پۈتتى بىزنىڭ قانىمىز.
ئال يوقالماي كەلدى سەندە جاندا كۆكلەپ بەرخ ئۇرۇپ،
قاينىغان قان،قاينىغان جان ،چاقنىغان تىغ بولدى دائىم يارىمىز.

ئەمدى ئەلنىڭ بەختى كەلدى،دەپ خوشال بولغانىدۇق،
ئۆرلىدى تەتۈر قۇيۇن،توسالدى يول-داۋانىمىز.
كۆپ زامان تارتتۇق نادانلىق دەردىنى ۋەيران بولۇپ،
ئەمدى ئاچساق يېڭى مەكتەپ توسالدى ئىلىم -ئېرپانىمىز.

       ۋەتەن ئۈچۈن

ۋەتەن ئۈچۈن تەرەققىيات ئىزدەيمىز،
  ئارزۇيىمىز  راۋاجلانسۇن مائارىپ.

جاننى پىدا قىلدۇق ئەزىز خەلقىمگە،
بىزنىڭ يۈرەك زالىملارغا مۇخالىپ.

بولسا دەيمىز بىزدە ھوقۇق-ئادالەت،
بولسا بەربات خۇراپاتلىق جاھالەت.

شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن بۇ ئىنقىلاپ،
زوۋال تاپسۇن ناھەقچىلىق ئىختىلاپ.
پورەكلىسۇن گۈزەل باھار گۈللىرى،
شوخ سايرىسۇن يۇرتىمىز بولبۇللىرى.

ئىقبال ئۈچۈن بولايلى بىز ئىتتىپاق،
جىلۋىلەنسۇن مەرىپەتنىڭ نۇرلىرى.

مەرىپەت مارشى

بىز مۇئەللىم،يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يوپ-يورۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق،
ئىلىم،ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق،

خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،
كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق.
بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى ،
بىزۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى.

ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن،
پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ھۇلى.
يورۇق تاڭغا تەلپۈندى ۋىلايىتىمىز،
ئىلىم بىلەن تىكلەندى ئىناۋىتىمىز.
مەنبە بولدى ئېرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش ،
ئېرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.



  
سېغىنىش

ئانا يۇرتتىن كەتتىم يىراققا، يۇردۇم يىراقتا غەمدە مەن ،
يىگۈدەك ئاش-نان قېنى، ئىسسىق- سوغاقتا دەڭدىمەن .

قالدى ئەل-يۇرت ، قالدى تارىم، قالدى ئىلى ، زەرەپشان ،
ئۇشبۇ ۋەتەن غېمىدە كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان .

نەگە بارسام كەمسىتىش ،<< ۋەتەنسىز >> دەپ ئاتالدىم،
تۇتقۇن بولۇپ ھەر جايدا تۈرمىلەرگە قامالدىم .

ۋىجدانى ھەم ئىمانى يوق بەگ ، غوجام ھەر جايدا بار ،
قاغا ، قۇزغۇن خان ۋەتەندە ، يازدىمۇ بولماس باھار .

كۆز يېشىم يامغۇر بولۇپ ئاقار كۈندە توختىماي ،
بۇلاڭ -تالاڭ بولغان ۋەتەندە مەن تەۋپىق@ قانداق قىلاي.

ئېھ ، ۋەتىنىم ، غەمگۇزارىم - مىھرىبانىم ئانا يەر ،
ئالىمىمدە تەڭداشسىز شەرىقتىكى بىر گۈھەر .

ھەر كۈنۈڭ ئۆتتى بەخىتسىز بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتە ،
پەن -بىلىمنى تەرك ئىتىپ ياتتىڭ ئۇيقۇ - غەپلەتتە.

ئىس - تۈتەك ئىچرە قالدى _ ئەل ۋەتەن ھالى خاراپ،
پەرز ئەمەس ناخشا - ساز بىزگە ،ساتار، سۇناي،دۇتتار-راۋاپ.

ئېھ ، ۋەتىنىم بايلىغىم ، كۆڭۈل شادى يايلىغىم ،
سەن ئۈچۈن پىدا ئوغۇلمەن ، تەقدىم ساڭا بارلىغىم .


  مەنبە: مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى

  
[ بۇ يازما ayjahan تەرپىدىن2008-11-18 10:21 PMدە قاي ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hitab
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-18, 04:49
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(kuxbeg526) ئىسىل
  • پۇل:+10(gvzal3.8) ئەجىر
  • «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-18 12:40 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    bagzada1
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27612
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    پۇل: 152 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-12

     

    مەمتېىلى توختاجى ئەپەندىمنىڭ مىللىتىمىز مائارىپىغا قوشقان تۆھپىللىرىنى خەلقىمىز مەڭگۇ مەدھىيلەيدۇ.
    مەمتېىلى ئەپەندىمنىڭ شېرلار توپلىمىنى مەلۇم تورداش ئىلكىتاپ قىلىپ تۇرغا يوللاپ قويغان ئىكەن . مەن ساقلاپ قويغان ئىدىم . دوسىتلارنىڭمۇ چۇشۇرۇپ ساقلاپ قۇيىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
    چۈشۇرۇش ئادرىسى:
    http://molmol.cn/soft/show.asp?id=144
    ئەگەر چۇشۈرۈشتە قىينالسىڭىز ئالاقىلىشڭ ئىۋەرتىپ بىرىمەن:
    QQ:443695067
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 01:30 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    kirimjan
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 5844
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2556
    شۆھرەت: 1209 نۇمۇر
    پۇل: 5859 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 401(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    رەخمەت سىزگە بەكمۇ ئېسىل تېما بوپتۇ.....
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 02:25 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    ayjahan
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29134
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 523
    شۆھرەت: 694 نۇمۇر
    پۇل: 1068 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن،ئويلىساڭچۇ؟

    سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن،ئويلىساڭچۇ؟
    ئىززىتىڭ،ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ؟
    كۆرىكىڭدىن يېنىپ تۇرمىسا ئوتلىرىڭ،
    ئەللىرىڭ،يۇرتلىرىڭ نۇر بولارمۇ؟


    سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن،ئويلىساڭچۇ؟
    ئىززىتىڭ،ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ؟
    تىغ ئېلىپ،ئاتلىنىپ جەڭ قىلمىساڭ،
    يۇرتلىرىڭ،خەلقلىرىڭ ھۆر بولارمۇ؟

    1933-يىلى،قەشقەر
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 06:33 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    atirgul627
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28722
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 673
    شۆھرەت: 835 نۇمۇر
    پۇل: 2910 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

      تېما ئىگىسىگە رەھمەت ! بەكمۇ ئېسىل تېما يوللاپسىز .  
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-19 10:36 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    uyush
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21134
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 232
    شۆھرەت: 247 نۇمۇر
    پۇل: 1065 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 250(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلار داۋاملىق يوللىنىپ تۇرسا نىمىدىگەن ياخشى ھە!!!ھەممىمىزگە تەۋفىق روھى ھەرۋاقىت يار بولسۇن!!!
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-20 11:35 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    、akqoktora
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33453
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-20

     

    مەن  بۇئادەمگە     ئىچ  ئىچىمدىن  ئاپىرىن    ئوقىيمەن
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-20 12:02 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    taxnakalip
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33408
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 51
    شۆھرەت: 61 نۇمۇر
    پۇل: 442 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

    مەمتىمن(تەۋپىق) ئەپەندىنڭ شىئرلىرىگە مەن تۇلىمۇ ئامراق....ئۇ ھەقىقى <ۋەتەنپەرۋەر>شائىر....ئەگەر مەنمۇ ئاشۇنداق بولسام نىمىدىگەن ياخشى
    بۇلاتىتى ھە!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-20 01:29 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    uyatchan
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 24133
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 78
    شۆھرەت: 78 نۇمۇر
    پۇل: 344 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1565(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05

     

    رەھمەت، سىڭلىم.ئەجرىڭىزنى خۇدايىم بېرىدۇ.ئەجەپمۇ ساۋاپلىق ئىش قىلىىپسىز.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-20 04:25 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kamal0903
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    شۆھرەت: 66 نۇمۇر
    پۇل: 408 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    ھەقىقى شائىر مەمەتئېلى ئەپەندىدەك بۇلىدۇ.ئۇ شېئىر يازدى،شېئىرلىرىدا يازغىنىدەك ئىش قىلدى.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-21 12:58 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xaklabibi
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26175
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 137 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 139(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-25

     

    سېز كازس
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-24 07:59 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xaklabibi
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26175
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 137 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 139(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-25

     

    بولساسزياناموشونداكتىما يۇللاپ تۇرۇڭ  
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-24 08:14 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xaklabibi
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 26175
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 137 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 139(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-25

     

    كتاب قەغەز سۈيۈملۈكتۈر ماڭاھەر  چايدا يار بۈلسا

    نادانلار ىالدىدا قىەغەز قەلەم بىېەتىباربۈلسا
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-24 08:36 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kamal0903
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    شۆھرەت: 66 نۇمۇر
    پۇل: 408 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    بەزى شېئىرلار قان بىلەن يېزىلىدۇ،ئۇقۇرمەنلەر ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھېچبولمىسا تار ئاققۇزىشى كىرەك
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-29 04:12 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    marmar
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29676
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    پۇل: 164 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03

     

    Quote:
    بۇ مەزمون13قەۋەتتىكىkamal0903نىڭ2008-11-29 04:12 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
    بەزى شېئىرلار قان بىلەن يېزىلىدۇ،ئۇقۇرمەنلەر ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھېچبولمىسا تار ئاققۇزىشى كىرەك

    ناھىيىتى پاساھەتلىك يېزىلغان ئىنكاسكەن! شۇنداق نۇرغۇن نەرسىلەر قان بىلەن پۈتكەن ...تەر ئاققۇزغۇچى بۇلالمىساقمۇ ،تەر ئاققۇزغۇچىنى قوللۇغۇچى بولۇش بەكمۇ مۇھىم...
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-02 10:41 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.074865(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 11:07
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号