دىيارىم تورى خەۋىرى :
2008- يىلى 11- ئاينىڭ 17 - كۈنى ( دۈشەنبە ) چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2 دە ساخاۋەتلىك ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرستېتى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتى ، شىنجاڭ يېزا - ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىرلىكتە ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى بالىلار بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان 8 ياشلىق قىز ماھىرەئوسماننى يوقلىدى ۋە ئۇنىڭغا ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇندى . ساخاۋەتلىك ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىمارنىڭ ئاتا - ئانىسىنڭ جەمىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشلەر شۇنداقلا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىئانە قىلغان 13200 يۈەن پۇلنى تاپشۇردى .
دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بۇ بىمار قىزنىڭ ئىسمى ماھىرە بولۇپ خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىن ، بۇ يىل 8 ياش ، بۇ قىز ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ ئائىلە ئىقتىسادىي يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن داۋالىنىش شارائىتىغا ئىرىشەلمەي كىلىۋاتقان ئىدى . بۇنى ئاڭلىغان ساخاۋەتلىك ئاتىلار ۋە مېھرىبان ئانىلار شۇنداقلا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپتىكى ئاق كۆڭۈل مېھرىبان ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە ئىئانە توپلاش پائالىيتى تەشكىللەپ قىسقىغىنە نەچچە كۈن ئىچىدە 13200 يۈەن پۇل توپلىغان . ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆز مەكتەپلىرىدىن توپلانغان ئىئانە پۇلىنى بىمارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا تاپشۇرغاندا بۇ مېھرىبان ئاتا - ئانا كۆزلىرىگە ئىسسق ياش ئالدى ۋە بارىلىق ساخاۋەتلىك ، مېھرىبان كىشلەرگە ، ئوقۇغۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى .
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 6 شەھەر ( six city ) راپ ئۇسسۇلى ئەترىتى ئالاھىدە كۈچ تەشكىللەپ مەكتەپلەر ئارا ئىئانە يېغىشنى سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ بۇ ئەترەت يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە خالىسانە ئويۇن تەشكىللەپ بۇ بىمار قىزغا ئىئانە توپلاش پائالىيتى تەشكىللەشنى پىلانلاۋىتىپتۇ .
ساخاۋەتلىك ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆزلىرى توپلىغان ئىئانە پۇلىنى بىمار قىز ماھىرەنىڭ ئاتا - ئانىسىغا يەتكۈزمەكتە .
8 ياشلىق نارىسىدە قىز ماھىرە
بىمارنىڭ ئانىسى
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئابزەر ئابدۇجىلىل
ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋەكىلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان بىمار قىز ماھىرە بىلەن بىرگە
6 شەھەر ( six city ) راپ ئۇسسۇلى ئەترىتى ۋەكىللىرى مۇخبىرلار زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
دىيارىم تورى ئالاھىدە تەۋسىيەسى : دىيارىم تور بېكىتىمىز جەمئىيتىمىزدىكى ساخاۋەتلىك مېھرىبان كىشلەرنىڭ بۇ نارىسىدە قىزغا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ . ئەگەر بىمارغا ياردەم قىلىش نىيتىدە بولسىڭىز بىمارنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ .
بىمارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى : 13999437248
بىمار ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى بالىلار بۆلۈمى 7- قەۋەت 33 - كارۋاتتا داۋالىنىۋاتىدۇ .