چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 1276 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: ئاتۇشتا ئىككىنچى قېتىملىق مائارىپچىلىق ھەركىتى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ayjahan
دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29134
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 523
شۆھرەت: 694 نۇمۇر
پۇل: 1068 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 ئاتۇشتا ئىككىنچى قېتىملىق مائارىپچىلىق ھەركىتى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن (2008-11-18)دە نادىرلاندى
  ئاتۇشتا ئىككىنچى قېتىملىق مائارىپچىلىق ھەركىتى

                                   سەيپىدىن ئەزىزى

  ئېكساقتىكى باھاۋۇدۇن باي قاتارلىق كىشلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېكساقتا قۇرۇلغان يېڭىچە پەننىي مەكتەپ چوڭ تارىخي باشلىنىش بولۇپ،يېڭى مائارىپچىلىققا ئوبدان ئاساس سېلىپ بەردى.بۇ يېڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسى بىلەن 1934-يىلى  شېڭ شىسىەي ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كىيىن،ئاستىن ئاتۇشتا تارىخىدا كۆرۈلمىگەن يېڭى بىر مائارىپچىلىق ھەركىتى باشلاندى.بۇ ھەركەتنى يالغۇز ئاتۇش ،قەشقەر تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ تارىخىدىكى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ.بۇ ھەركەت كىينكى مائارىپ تەرەقىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى.
  ئاتۇشتىكى بۇ مائارىپ ھەركىتىگە تۈركىيىدىن قايتىپ كەلگەن مەمتىلى ئەپەندى‏- توختى ھاجى ئوغلى ( سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن بىر تۇغقاننىڭ  يەنى  دادىسىنىڭ ئاچىسىنىڭ بالىسى) ئۇ ياش ۋاقتىدا ئەنجانغا چىقىپ كېتىپتىكەن.بىر قانچە ۋاقىتتىن كىيى تاشكەنتكە بېرىپ ئۇ يەردە ھەم قارا خىزمەت قىلىپ ھەم ئوقۇپتۇ.ئۇ ئوتتۇرا بىلىم ئالغاندىن كىيىن ئالىي مەكتەپكە كىرىپ،تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماپتۇ.يەنە بىر ۋاقىت ئەمگەك قىلىپ يۈرۈپ،قارا دېڭىز بۇيىغا بارغاندىن كىيىن تۈركىيىدىن كەلگەن بىر پاراخۇت خىزمەتچىسى بىلەن تونۇشۇپ، تۈركىيەگە بېرىپتىكەن.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ،تۈركىيەدە ئاۋال خېلى قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈپتىكەن،كۈنلۈكچى بولۇپ قارا خىزمەت ئىشلەپتۇ،قۇرسىقى ئاران تويىدىكەن،تۇرار جايىمۇ مۇقىم ئەمەس بولۇپ،ئۇ داۋاملىق بىر ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەيدىكەن،ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭ تەمبۈر چېلىپ،ناخشا ئېيتىپ يۈرگىنىنى كۈرۈپ،ياقتۇرۇپ قاپتۇ.(تەۋپىق ئەپەندى ئۇستا تەمبۈرچى بولۇپ ،ناخشىنىمۇ ئوبدان ئېيتىدىكەن،قەشقەردىن ئېلىپ ماڭغان تەمبۈرنى تاشلىماي تۈركىيىگىچە ئېلىپ بېرىپتىكەن)ئۇ بىكار ۋاقىتلىرىدا ھېلىقى ئاشخانا خوجايىنىنىڭ تەلىپى بىلەن ئاشۇ ئاشخانىدا تەمبۈر بىلەن ناخشا ئېيتىپ بېرىدىغان بولۇپتۇ.ئاشخانىنىڭخېرىدارىمۇ كۆپىيىپتۇ،بارا-بارا تۈرۈك سازچى،ناخشىچىلىرى بىلەنمۇ دوست بولۇپتۇ.بىرەر يىل ئۆتكەندىن كىيىن ھېلىقى خوجايىن بۇنى قانداقتۇر بىر ئەمەلدارغا تۇنۇشتۇرۇپ قويۇپتۇ،.ئۇ ئەمەلدار ئۇنى مەكتەپكە كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ.ئوقۇپ ياخشى بىلىم ئاپتۇ،ئۇ كىيىن "تۈرك گەنجىلەر (ياشلار)بىرلىكى" دىگەن تەشكىلاتقا قاتنىشىپتۇ.ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن،ئۇ يەردىكى ياشلارنىڭ ئارىسىدا خېلى ھۆرمەتلىك ئادەم بولۇپ قاپتۇ.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،بىر كۈنى ياشلار جەمىيەتنىڭ قانداقتۇر بىر چوڭ مەجلىسى بوپتىكەن،مەجلىستە مەمتىلى ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىپتۇ،ئۇ ئالدىن تەييارلانمىغاندىن كىيىن قىينىلىپ قاپتۇ،كىيىن سەھنىنىڭ تاشقىرىسىدا تۇرغان بىر تەمبۈرنى ئېلىپ كېلىپ،ئۆزى يازغان شېئىرغا ئىشلىگەن بىر ناخشىنى تەمبۈر بىلەن ئېيتىپ بېرىپتۇ،بۇ شېئىر مۇنداق ئىكەن:
    
بىز ئۇيغۇرنىڭ باللىرى كۆڭلىمىز نۇرلۇق،
     بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق ھايات يولىمىز ئۇلۇغ.
     كۆپ زامانلار  سەرسان بولدۇق زالىم قولىدا،
     دەريا-دەريا قانلار تۆكتۈق ئەرك يولىدا.

    بىزگە گويا دوزاخ بولدى بۇ ئانا ماكان،
   ئەسىر بولدۇق،تۇتقۇن بولدۇق،ھالىمىز يامان.
   كۈرەش بىلەن ئۆتتى ئەسىر،شانىمىز ئۇلۇغ،
   بىزگە ئەمدى ياراشمايدۇ خارلىق ۋە قۇللۇق.
  كۆپچىلىك ئۇنىڭ بۇ ناخشىسىنى ناھايىتى چوڭ تەنتەنە بىلەن ئالقىشلاپتۇ،شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئۇيغۇر سازچى‏- ناخشىچى نام بىلەن ئاتىلىپ يۈرۈپتۇ.شىنجاڭدا خەلىق قوزغىلىڭى بوپتۇ دىگەننى ئاڭلاپ،قايتىشنى تەلەپ قىلىپ خېلى ھەركەت قىلغانىكەن،كىيىن ياشلار تەشكىلاتى بىر نەچچە ئادەم بىلەن شىنجاڭغا قايتۇرۇپتۇ.
  مەمتىلى ئەپەندى شېڭ شىسەي ھاكىملىققا تىكلەنگەندىن كىيىن بىر قانچە ۋاقىت بوش تۇرۇپ،بىزنىڭ ئۆيگە جىقراق كېلىپ -كېتىپ تۇردى.( سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆيىگە) ئۇنىڭدا يولداشلار بىلەن تۇرىمىزمۇ ، قايتىمىزمۇ دىگەن ئىككى ئىش دائىم سېزىلىپ تۇراتتى.تۇغقانلارمۇ بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن قايتىپ كېتىشىگەپەقەت رازى ئەمەس ئىدى.ئۇ يۇرتتىن،تۇغقانلاردىن ئايرىلغۇسى يوقلىغىنى لىكىن قانداقتۇر بىر ئەندىشىسى بارلىقىنى ئېيتتى.ئاكىسى نىزامىدىن بىر كۈنى ئۇنى باشلاپ بىزنىڭ ئۆيگە ئېلىپ كەلدى.ئۇنىڭ مەقسىتى ‏- ئاپام بىلەن بىللە ترۇپ،ئۇنى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن نەسىھەت قىلماقچى ئىكەن.ئانام جىق سۆزلەپ قالدۇرۇپ قېلىشقا نەسقھەت قىلدى.نىزامىدىنمۇ يېلىنىپ كۆز يېشى قىلدى.مەنمۇ ئۇلارنى قۇۋەتلەپ تۇرىۋالدىم.ئاخىر ئۇ قېلىشقا رازى بولدى.ئەتىسى ئۇ مىنى باشلاپ شەھەرگە ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن مەجىدىن ئەپەندى دىگەن دوختۇرنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى.ئۇلار قېلىش ياكى كېتىش توغرىسىدا جىق سۆزلەشتى.مەمتىلى ئەپەندى جىق سۆزلەرنى قىلىپ قېلىشقا دالالەت قىلغاندىن كىيىن مەجىدىن ئەپەندى يۇمشاپ: " سەن مۇنداق دىسەڭ،مېنىڭمۇ ئىلاجىم يوق،مەھمۇت سىجاڭ چۇقۇم قويۇپ بەرمەيدىغان ئوخشايدۇ،قالساق قالدۇق،لىكى ھاياتىمىز خەۋپتە". دىدى،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاخىرى :  "قايتىپ كەتمەيمىز،مىللەت ئۈچۈن بىز ئاز ئىش قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەك ئارمان يوق" دىگىنى ئىسىمدە،بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ۋالىي مەھكىمىسىدە كاتىپلىق قىلىپ يۈرگەن ۋاقتىم ئىدى.ئۇ كۈنى مەتىلى ئەپەندى ماڭا "كاتىپلىقىڭىزنى تاشلاڭ،ئاتۇشقا كەتتۇق " دىدى.نىمە قىلىمىز ؟دىسەم ،مەكتەپ ئاچىمىز دىدى.ئەتىسىلا بىز ئاتۇشقا ماڭدۇق،ئىككىمىز بىر مەپىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق.ئۇ يولدا ماڭا جىق نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى.ياش ۋاقتىدا شىنجاڭدا تارتقانلىرى،ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن بېرىپ تاشكەنتتە ئوقۇيالماي،تۈركىيەگە كەتكەنلىرى ۋە ھاكازالار.ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئاتۇشتا قانداقچە يول بىلەن مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتىدىغان پىلانىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى.مەن تېخى ياش بالا بولساممۇ ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلىغىمدىن بەك روھلاندىم.ئۇ ئاتۇشقا بارغاندىن كىيىن ئۆزىنى قوللايدىغان بىر قانچە مۆتىۋەرلەرنى تېپىپ ھەركەت باشلايدىغانلىغىنى،مىنىڭ ئىدراكلىق ياخشى دوستلاردىن بىر قانچىنى تېپىپ تىزىملىكىنى تەييارلىشىمنى تاپشۇردى.ئاتۇشقا بېرىپ بىرەر ھەپتە دىگۈدەك بىر قىسىم ئىلغار مۆتىۋەرلەر،ياش دوستلار بىلەن مەسلەھەتلىشىپ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پىلانى بۇيىچە مەكتەپ ئېچىشقا كىرىشىدىغان بولدۇق.
  پىلان: ئىككى قوللۇق تەييارلىق قىلىش‏- ئۈىرى،قىسقا مۇدەتتىلى مۇئەللىملەر كۇرسى ئېچىش،يەنە بىرى ،ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىنىڭ ھەممىسىدە 24 مەكتەپ سېلىش،ئالتە ئاي ئىچىدە ھەممە تەييارلىقلارنى تۈگىتىپ،ئوقۇش باشلاش ‏- بۇ بەك مۇھىم  لىكىن جىدى پىلان ئىدى.بىز بۇنى خوساللىق بىلەن قوللىغان بولساقمۇ ،بۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىشقا كۆزىمىز يەتمەيتى.لىكىن مەمتىلى ئەپەندى بىزنى ئىشەندۈردى.ئۇنىڭ قەتئىي بەل باغلىغان جاسارىتى،ئىشەنچى،چاقماقتەك ھەركىتىگە قاراپ بىز ئەگەشتۇق.مۇئەللىملەر كۇرسى دەرھاللا ئاستىن ئاتۇش ئوڭ ئېرىقتىكى بىر مۇدەرىسدە ئېچىلدى.بىر قانچە ئىلغار زىيالىلار ۋە بايلاردىن مەكتەپ ھەيئىتى قۇرۇلدى.ئۇلار كۇرۇسقا يېقىندىن ياردەم قىلدى،ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ھەممىمىز ياش تەلەپكارلار ،60 بالا ھەممىمىز ئاشۇ مەدىرىسىدە ياتىمىز،تامىقىمىزدىن باشلاپ خىراجىتىمىزنى ھەممىسىنى مەكتەپ ھەيئىتى  بايلاردىن توپلىغان ئىئانە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مۇشۇنداق چوڭ ھەركەتتە مەمۇرىي،تەشكىلىي،ئىلمىي جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىدىغان ئادەم بىرلا ئاشۇ مەمتىلى ئەپەندى.ئۇ يەنە مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ بىرلا مەمتىلى ئەپەندى.تىل ،ھېساپ،جۇغراپىيە ،تارخ دەرسلىرىنى ئۆتىدۇ.دەرس تەييارلاش،تۇرمۇش تەرتىۋىنى باشقۇرۇش،دەرس ئۆتۈش،مەكتەپ ھەيئىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىش،ئۇنىڭدىن كىيىن كۈنىگە ئالتە سائەت دەرس ئۆتۈش،تېخى بۇلاردىن باشقا،ئەتىگەندە بىر سائەت،چۈشتىن كىيىن دەرستىن كىيىن بىر-ئىككى سائەت تەنھەركەت مەشغۇلاتى،مەشق قىلىشقا باشچىلىق قىلىش ‏- مۇشۇنداق جاپالىق خىزمەتتە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىدى.ئۇياقنىڭ قىلىدىغان ئىشى تېخى بۇلا ئەمەس.كەچلىكى ئۈلگۈرسە تاماق يەپ،بولمىسا بىرەر ناننى قوينىغا سېلىپ،ئات مىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.كېچىدە كەنتلەرگە بېرىپ،ئۆزى تەشكىل قىلغان ئاتىلار ھەيئىتى بىلەن مەكتەپ قۇرلىشىنى مۇزاكىرلىشىدۇ. ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.بايلارنى يىغىپ ئىئانە توپلايدۇ.شۇنداق قىلىپ بىرەر جاينى تېپىپ،ئۇخلىسا ئۇخلاپ،بولمىسا ئۇخلىماي،يەنە قايتىپ كېلىپ بىزگە دەرس بېرىدۇ.كۆپ ۋاقىتلاردا بىز ئۇياقنىڭ كەنتلەردىن قايتىپ كېلىپلا ،توپتۇغرا دەرسخانىغا كىرگەندە ،ئۇنىڭ بەك چارچىغانلىغىنى ۋە كۆزلىرىنىڭ ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ بەك ئايايتۇق.لىكىن ئۇنىڭدا تەتۈرسىچە روھىي ئۈستۈنلۈك كۆرىنىپ تۇراتتى.ئۇ كىرىپلا ئاۋال بىزگە خوشاللىق بىلەن كەنىتلەردىكى مەكتەپ سېلىشنىڭ ياخشى كىتىپ بارغانلىغى،پىلانىنىڭ تىزراق ئەمەلگە ئېشىشىدا ئۈمۈد بارلىغىنى سۆزلەپ،ئاندىن دەرس ئۆتۈشكە باشلايتى.ئۇنىڭ مۇشۇ ھەركىتى - ئاشۇ ئۈمۈدۋار ،جۇشقۇن قىياپىتىنىڭ ئۆزى بىزگە چوڭ تەربىيە ۋە ئىلھام بولاتتى،بىز ئاز دەم ئېلىپ بولسىمۇ،جىقراق ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلاتتۇق.
  بۇنداق بىر مۇھىم ھەم جىددى پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس ئىدى.لىكىن ،پىلان ئەمەلگە ئاشتى.ئالتە ئايدا ئەمەس،بەش ئايدىلا ئەمەلگە ئاشتى.ئەمەلگە ئاشقاندىمۇ ئويلىمىغان دەرىجىدە تۇلۇق ئەمەلگە ئاشتى.بىز كۇرسنى پۈتتۈرۈپ،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا كەنت-كەنتلەرگە بېرىپ يېڭىچە سېلىنغان مەكتەپلەردىكى پاكىزە سىنىپلاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچىرىشىپ،ئۈستەكل ئۈستىدىكى تىزىملىك بىلەن تۇنۇشۇپ،دوسكا ئالدىدىكى بورنى قولىمىزغا ئېلىپ،دەرس باشلاپ كەتتۇق.ھەقىقەتەن كارامەت ئىش،دىمىسىمۇ ئىشەنگىلى بولمىغىدەك ئىش.ئالتە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر ياقتىن 60 مۇئەللىم تەييارلاش،بىر ياقتىن 24 كەنتتە 24 مەكتەپ سېلىش،10 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى مەكتەپتە ،يېڭى پارتىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ،دەرس ئاڭلاشقا تەييار قىلىش - راستنلا قالتىس ئىش.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى،قەتئىي ئىرادە،جۇشقۇن روھ ۋە خەلق ئۈچۈن،خەلقنى ئاقارتىش ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ھاياتى بىلەن بىرىلىدىغان ئاشۇنداق ئادەم بولغاندىلا مۇنداق كارامەت ئىشنى قىلغىلى بولىدىكەن.
  لىكىن ،ئاتۇشتىكى بۇ يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتى،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ پىلانى ئاسانلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشقىنى يوق،ماددىي،تەشكىلىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش قىيىن بولدى.بۇنىڭ سەۋەبى كۆپچىلىك خەلق ،ئاتىلار،ئاتىلار ھەيئىتى،مەرىپەتپەرۋەر  بايلار چوڭ ياردەم قىلدى.ئاساسلىق قىيىنچىلىق ‏- قالاقلىق بىلەن ئىلغارلىق،پەن مەدىنىيەت بىلەن دىننىي خۇراپاتلىق ئارىسىدىكى كۆرەش بولدى.قالاق كۈچلەر،روھانىيلار بۇ ھەركەتكە تۈرلۈك يوللار بىلەن قولىدىن كېلىشىچە قارشىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.كۈرەش جىددى بولدى.مۇئەللىملەر كۇرسىنىڭ ئوقۇشى ۋە يېزىلاردا مەكتەپ سېلىنىشقا باشلىغاندىن كىيىن ئەكسىيەتچىلەر،مۇتەسسىپ روھانىيلار ئاۋال ھەرخىل ئەكسىي تەشۋىقات ۋە ئىغۋالارنى تارقىتىشقا باشلىدى.  "  كالتە قۇيرۇقلار،دەھرىلەر دىنىمىزغا قارشى ھەركەت باشلىدى،بولشىۋېكلارنىڭ مەكتەپلىرىنى سالغىلى ۋا ئاچقىلى باشلىدى،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز ،مۇناپىق ،كالتە قۇريۇق،ئۇزۇن چاچ، ساقىلى يوق،دىنىمىزنى قوغدايلى.........."  دىگەنگە ئوخشاش گەپلەر،ھەتتا بەزى مۇتەسسىپ ئاخۇنۇملار مەسچىددە ئىغۋا قىلىشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن بەزى كىشىلەر بىزگە تەتۈر قارايدىغان ھومىيىپ قاچىدىغان،كىيىن تىللاپ ھاقارەت قىلىدىغان بولدى.بىز مۇئەللىملەر كۇرسىدىن جۈمە كۈنلىرى قايتىشتا تامنىڭ كەينىدە ترۇپ تاش ئاتىدىغان،ھەتتا ئورىۋېلىپ،كالتەك بىلەن ئۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ پەيدا بولدى.بىز بەش-ئنىمىز بىرگە مېڭىپ،ئۆزىمىزنى مۇداپىيە قىلاتتۇق.ئايرىم بالىلار قورقۇپ مەكتەپكە بارالمايدىغان بولدى،بەزىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئاخۇنۇملار بېسىم ئىشلىتىپ،باللىرىنى ئەۋەتمەي قويدى.لىكىن يەنە مەمتىلى ئەپەندى بىر ياقتىن خەلق ئاممىسىغا يۆلىنىپ،يەنە بىر ياقتىن مەھمۇت سىجاڭنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە كۆرەشلەر بىلەن، ئەكسىيەتچىل كۈشلەرنى يېڭىپ،پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەتتى.
  ئەكسىيەتچىلەر،روھانىيلار نەزەرىدە،بىز ئاشۇ مەدىرىسكە توپلانغان ئوقۇغۇچىلار گوياكى دىنغا قارسى گورۇھ،بولشىۋىكلارنى تەشۋىق قىلىدىغان كالتە قۇيرۇق،قانداقتۇر قورقۇنىچلىق يامان ئادەملەردىن بولۇپ قالدۇق،دىمىسىمۇ بىزنىڭ تۇرقىمىزدا بىراقلا ئۆزگىرىش بولدى،كالتە چاپان كەيدۇق،بىلىمىزدە بەلۋاغ يوق.چاچ قويدۇق،ساقال-بۇرۇت يوق.بېشىمىزدا غەيرىي رەسمىي شەپكە،ئىيتقىنىمىز يېڭىچە شېئىر،مىڭىشىمىز باشقىچە،دىمىسىمۇ قىياپىتىمىز ،ھەركىتىمىز بىلەن ئادەتتىكى خەلىقتىن ئالاھىدە بولۇپ قالدۇق.لىكىن،بىز يىتىم قالمىدۇق،كۆپچىلىك،خەلق بىزنى قوللىدى،ياشلار قوللىدى،ئاتا-ئانىلار قوللىدى.ئەمما كۈرەش جىددىلىشىپ شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى،مەھەللىلەردە سېلىنىۋاتقان بىرمۇنچە مەكتەپلەر ئەكسىيەتچىلەرنىڭ تەھتىدى بىلەن توختاپ قالدى.بىزنىڭ ئوقۇشىمىزمۇ توختاش خەۋپىگە دۈچ كەلدى.ئاشكارە،يۇشۇرۇن تىللاش،ئۇرۇش كۆپەيدى.بىزنىڭ ئارىمىزدا پۇتى سۇنغان،بېشى يېرىلغانلارمۇ پەيدا بولدى.مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھاياتى تېخىمۇ خەۋىپكە دۈچ كەلدى.ئەمدى يۇقىرى رەھبەرلىكتىن ياردەم ئالمىغاندا،پۈتۈن ھەركەت توختاپ قالدىغان ئەھۋال يۈز بېرىۋاتاتتى.
  شۇ ئەھۋالدا،مەمتىلى ئەپەندى بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ،قەشقەرگە بېرىپ،سىجاڭغا ئەھۋالدىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى.سىجاڭنىڭ كەلمەي تۇرۇڭلار دىگەن جاۋابىغىمۇ قارىماستىن،ئوقۇشنى توختىتىپ قويۇپ،بىر ھەپتە ئالاھىدە ،جىددى تەييارلىقلار قىلدۇق.شېئىر ناخشا ئۆەىنىش،مەشكە مېڭىشنى ئۆگىنىش،يېڭى كىيىم تىككۈزۈش(ئوخشاش كىيىم) شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى كىشلىك ،بىر كۈرۈنىشلىك "شىكايەتنامە" تەييارلاپ،بۇنىڭغا مېنىڭ بىلەن مۇھەممەت ھۈسەيىن دىگەن بىر بالا قاتناشتۇق.مەمتىلى ئەپەندى سۆزىنى ئۆزى يېزىپ،يادقا ئالدۇرۇپ،ئۆزى رېژىسسۇر بولۇپ ئۆگەتتى.قاتىلاڭ تەييارلىق بىلەن بىر ھەپتىگە يەتمەي،بىر جەڭەىۋار تەشۋىقات ئەترىتى بارلىققا كېلىپ،شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
  بىز يولغا چىققان كۈنى چوڭ-كىچىك،ئەر-ئايال،يۇرت يىغىلىپ ئۇزاتتى.كىشىلەردە بەكلا ھاياجانلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇردى.بىزنىڭ ئەترىتىمىز كىشىنى ھاياجانلاندۇرغىدەك،روھلاندۇرغىدەك ھەيۋەتلىك كۈرىنەتتى.تۆتتىن بولۇپ ئۇزۇن تىزىلغان ئەترىتىمىز ئالدىدا مەشئەرل سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن،«ئىزچىلار »دەپ خەت يېزىلغان قىزىل بايراقنى كۆتىرىپ ماڭغان ئىدى.ئۇنىڭ ئئارقىسىدا چوڭ-كىچىك دۇمباق،سۇناي،نەيلىك" ئوركىستىر" جاھاننى ياڭرىتىدۇ.كىيىملىرىمىزمۇ غەيرىي،ماشرەڭ چەكمەندىن تىكىلگەن قايرىما ياقىلىق،ئىككى يانچۇقلۇق كۆينەك،بىلىمىزدە تاسما كەمەر،شالۋۇرمۇ شۇ رەڭدا،بېشىمىزدىكى شۇ رەڭدىكى قۇلىقى ئۈستىگە قايرىلغان،چېكىلىكى بار شەپكە( بۇ شەپكە سوۋىت قىزىل ئەسكەرلىرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتلىرىدىكى شەپكىللىرىگە ئوخشاپ كېتەتتى).سول قۇلىمىزدا دەپتەر-قېرىنداش،ئوڭ قۇلىمىزدا ئىزچىلار كالتىگى دەپ ئاتالغان نوغۇچتەك ئۇزۇنلۇقتىكى چىرايلىق ياسالغان كالتەك،ياڭلىرىمىز شۇمدەكلەنگەن،بېشىمىز ئىگىز كۆتىرىلگەن،مەيدىلىرىمىزنى كېرىپ ھەربىيلەرچە ھەيۋەت بىلەن شېئىر ئېيتىپ،مارشقا دەسسەپ ماڭىمىز.ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنىڭمۇ زوقى كېلىدۇ. ياش بالىلاردا بولىدىغان مەغرۇرلۇق ھېسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.تەڭ ئاۋاز بىلەن مېڭىشىمىزغا كېلىشتۈرۈپ مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇيمىز:
بىز ئىزچىلارمىز قوللىرىمىز گاڭ،
كۆزىمىز نۇرلۇق،قەلبىمىز ساغلام.
خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز،
دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام.

ئۆگەن،تىرىش ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،
ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا،
ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا.

قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق،
ئالغا ئۆرلەيمىز ئېرپان نۇرىدا.
ئۆگەن،تىرىشىپ ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،

ئۆسكەن يۇرتىمىز قانلىق شېغىل تاش،
ۋەتەن يولىدا پىدادۇر بۇ باش.
ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى،
قايتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش.

ئۆگەن،تىرىشىپ ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار،

  مۇشۇ شەكىلدە كوچىدىن چاڭ چىقىرىپ،يۇررتىن چىقىپ قۇمال تاغقا قاراپ كۆتۈرۈلدۇق.مەمتىلى ئەپەندى بايراقتىن كىيىنرەك ئەترەتكە يانداپ ماڭماقتا.مەن ئەترەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىراق يانداپ شېئىرغا باشلامچىلىق قىلىپ ھەم بىر،ئىككى،ئۈچ دەپ ئاياغلارنى تەڭشەپ ماڭدىم.
  بىز چۆللەردە ئىختىيارىاق ماڭىمىز.يۇرتقا كىرگەندە يەنە ھېلىقى ھەيۋىتىمىز بىلەن ماڭىمىز.شۇنداق قىلىپ بەش كېرەم ئاۋاتتىن ئۆتۈپ قاتتىق بىر كۈن مېڭىپ كەچقۇرۇنلىغى ئاپپاق غوجامغا كېلىپ توختىدۇق.ئۇ يەردە ھېلىقى مەجىدىن ئەپەندى بىلەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئىككى ئۈچ مەسئۇل كادىرى بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتىكەن.بىز تاماق يەپ دەم ئالدۇق.كىيىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ،ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىگە شەھەرگە كىرمەي مۇشۇ يەردىن قايتىپ كېتىشكە تەكلىپ قىپتۇ.بۇ سىجاڭنىڭ پىكىرىمىش.بىز ئۇنىماي قاتتىق تۇردۇق ۋە شەھەرگە قاراپ ماڭدۇق.يولنىڭ ئىككى چېتىدە تىقماق-تىقماق ئادەم،ئەمدى ئالدىمىزدا ھەربىي كاناي دۇمباقچىلار،ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى بىزنىڭ سوناي -دۇمباقلىرىمىزنى بېسىپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ كوچىدىكى خەلق توپى ئارىسىدىن ئۆتۈپ،شەھەرنى ياڭرىتىپ يېڭى دەرۋازىغا - مەھمۇت سىجاڭ تۇرىدىغان جايغا باردۇق.سىجاڭنىڭ سىلىڭبوسىدا دەرۋازا سىرتىدىكى يولدىن تارتىپ تاكى ئىچكىرى ھويلىغىچە قاتار تىزىلغان مىلتىق ئەسكەر بىزنى قارشى ئالدى.خوشلۇقىمىز بارغانچە دولقۇنلاندى.ئۈنىمىزنىڭ بېرىچە ۋارقىراپ ناخشا ئېيتىپ،سىلىڭبونى ياڭرىتىپ،ئىچكىرى ھويلىغا كىردۇق.بۇ يەردە مەھمۇت سىجاڭ ئۆزىنىڭ بىرمۇنچە ھەمرالىرى بىلەن تۇرغانىكەن.ئۇنىڭ ئالدىغان بىر قاتار توختىدۇق.ئۇ بىزنى بەك قىزغىن قارشى ئالدى.شۇ ھويلىنىڭ ئۆزى بىردەمدىلا قارشى ئېلىش تەنتەنە مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى.ھويلىنىڭ چېتىدىرەك بىر ئۈستى يېپىق سۇپا بار ئىكەن.مەھمۇت سىجاڭ شۇ يەرگە چىقىپ بىزنى قارشى ئېلىپ قىسقىچە سۆز قىلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك،سۆزلىرى ئۇنچە رەتلىك ئەمەسئىدى.قارشى ئېلىش رپھى بەك قىزغىن ئىدى.ئۇنىڭ  قوللىغانلىغى  بىزنى ناھايىتى خوشال قىلدى،لىكىن ئۇنىڭ بۇ سۆزدىكى قوللىشى تېخى يىتەرلىك ئەمەس ئىدى.مەمتىلى ئەپەندى دوكلات تەرىقىسىدە قىسقىچە سۆزلىدى.ئۇ: بىزنىڭ يوللىرىمىزنى جاھىللار توسىماقتا،بىزگە ياردەم كېرەك.دەپ ئاخىرىدا ئۆزى يازغان تۆۋەندىكى شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلدى.

ئەي ئانا يەر كۆزلىرىڭىدە ئۈمۈد پارلار ھەر زامان،
ئۈستۈڭدىدۇر گاھى تۇتۇق گاھ روشەن كۆك ئاسمان.
ئۆتتى تارىخ،ئۆتتى يىللار،قوزغىلاڭلار بولدى كۆپ،
جەڭ چېلىشلار يالقۇنىدا چىقتى سانسىز قەھرىمان.

ئەي ئاناجان،پاك مۇقەددەس سەندە بىزنىڭ جانىمىز،
سۆيگۈ-مېھرىڭ ۋە سۈتىڭدىن پۈتتى بىزنىڭ قانىمىز.
ئال يوقالماي كەلدى سەندە جاندا كۆكلەپ بەرخ ئۇرۇپ،
قاينىغان قان،قاينىغان جان ،چاقنىغان تىغ بولدى دائىم يارىمىز.

ئەمدى ئەلنىڭ بەختى كەلدى،دەپ خوشال بولغانىدۇق،
ئۆرلىدى تەتۈر قۇيۇن،توسالدى يول-داۋانىمىز.
كۆپ زامان تارتتۇق نادانلىق دەردىنى ۋەيران بولۇپ،
ئەمدى ئاچساق يېڭى مەكتەپ توسالدى ئىلىم -ئېرپانىمىز.


  مەمتىلى ئەپەندى دېكلاماتسىيەنى شۇنداق جانلىق،شۇنداق يالقۇنلۇق ئېيتتىكى،پۈتۈن ھويلىدا ئولتۇرغانلارنى ھاياجانغا كەلتۈرۋەتتى.ئۇزاق چاۋاك چېلىشتى،بەزىلەر كۆز ياشلىرىنىمۇ سۈرتتى.مەمتىلى ئەپەندى سۇپىدىن چۈشكەندەمەھمۇت سىجاڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى.كىشىلەردە شۇنداق بىر تۈرلۈك خوشاللىق كەيپىياتى پەيدا بولدىكى ،بۇ مەكتەپ ھەركىتىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچىنى تىتىۋەتكۈسى كېلەتتى.مەمتىلى ئەپەندىگە،بىزگە بولغان كىشىلەرنىڭ زوقى،سۈيۈنچى تېخىمۇ ئاشتى.
  ئەمدى بىزنىڭ ئىككى كىشلىك كىچىك ئويۇنىمىز باشلاندى.بۇنى ئويۇن دىسىمۇ بولىدۇ،بىر-بىرى بىلەن تالاشقان ئىككى كىشلىك سۆھبەت دىسىمۇ بولىدۇ.ھەركەتلىرىمىز،سۆز-ئاھاڭلىرىمىز ئارتىسقا ئوخشايتى.ئەگەر ئويۇن دىگەندە،بۇ مىنىڭ 1-قېتىم سەھنىگە چىقىشىم بولغىنى،ئەگەر نوتۇق دىگەندىمۇ ئۇنداق سەھنىدە بىرىنچى قېتىم سۆزلىگىنىم بولدى.
  مۇھەممەت ھۈسەيىن دىگەن ساۋاقدىشىمىز سەھنىگە چىقىپ سۆز باشلىدى.ئۇ ئاتۇشتىكى مەكتەپ ھەركىتى،مۇئەللىملەر يىتىشتۈرۈش كۇرسىنىڭ ئۇتۇقلىرى،يۇرت-يۇتقا مەكتەپلەر سېلىنىۋاتقانلىغى ۋە ياڭى ئىلىم-ئېرپان يولىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا تەنتەنىلىك سۆزلەپ كېلىپ "بىز ئاتلاندۇق،بىر قولىمىزغا قەلەم ‏-كىتاپ ئالدۇق،ئىلىم -مەرىپەت يولىغا قەدەم تاشلىدۇق،يولىمىز پارلاق......" دىگەندە،مەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىن قوپۇپ،"توختا ساۋاغداش"  دەپ قۇلۇمنى كۆتەردىم.ھەممە ئادەم ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى.كىشىلەر گويا بۇ تەنتەنىلىك يىغىلىشىنى بۇزىدىغاندەك ماڭا تەتۈر قارىشاتتى.
  مەن ھەربىيلەرچە قەدەم تاشلاپ،يەنە قۇلۇمدا دەپتەر-قەلەم ۋە ئىزچى كالتىگى بىلەن سەھنىگە چىقتىم.چىقىپ مەن مۇھەممەت ھۈسەيىنگە "سىنىڭ ئاۋالقى سۆزلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياخشى،لىكىن ئاخىرقى سۆزلىرىڭگە قوشۇلالمايمەن"دىدىم.خەقلەر ھەيران قېلىپ ماڭا قاراشتى.ئۇنىڭدىن كىين مەن ئاۋۇ ساۋاقداشنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ سۆز باشلىدىم.
  ‏- راست،بىز ئۇلۇغ قەدەم تاشلىدۇق.ئىلىم مەرىپەت،مائارىپ ئىشى ئۈچۈن باتۇر قەدەملەر تاشلىدۇق.پۈتۈن خەلق ،ئاتا-ئانا،بالىلارنىڭ ھەممىسى بىزنى قوللايدۇ.بىز مۇشۇنداق شانلىق قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەۋاتقاندا،بىز قىسىم مۇتەسىپلەر قويغا ئېتىلغان بۆرىدەك بىزگە ھۇجۇم قىلماقتا.بىزنى تىللاپ ئۇرماقتا.ھاقارەت قىلىپ يۇلللىرىمىزغا تاش ئاتماقتا.بىزنىڭ ھاياتىمىز خەۋپكە ئۇچرىماقتا.يولىمىز توسۇلۇپ قالغىلى ياتىدۇ.ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىشى مۇمكىن،مەكتەپلىرىمىزگە ئوت قۇيۇپ،كۆيدۈرىشى مۇمكىن.بىز يولىمىزدىن ھەرگىز يانمايمىز لىكىن بىزگە ياردەم كېرەك.سۆزۈم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەھمۇت سىجاڭ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە "قانداق نىمىلەر ئۇ سىلەرگە قارشىلىق قىلىدىغان" دەپ ۋاقىرىدى.مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن سۆزۈمنى داۋام قىلدۇردۇم:
  قازى ئەلەم،باي-بېگىم باشلىق يوغان قورساق،ھارام تاماقلار،خەلقىنىڭ قېنىنى شورايدىغان مۇشتۇمزورلار،ئۇلار بىزنى "دەھرى،كالتە قۇيرۇقلار،دىنىمىزنى بۇزىۋاتىدۇ" دەيدۇ.بۇ بىزگە بوھتان.بىز دىنىمىزنى بۇزغىنىمىز يوق،بىز مۇققەددەس ئىسلام دىنىمىزنى قوغدايمىز.بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ (س،ئە،ۋ)"ھەممە ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارغا ئىلمىي تەرەپ قىلماق پەرزدۇر"دىگەن سۈننىتىنى ئادا قىلماقتىمىز،خەلقىمىز غەپلەتتىن ئويغۇنىشى كېرەك.نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ،ئالغا بېسىشى كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم كېرەك.ئوقۇش كېرەك،مەكتەپ كېرەك." بىز باشلىغان ئۇلۇغ يولىمىزدا توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىدۇق.بىزگە ياردەم كېرەك.ئاتىمىز مەھمۇت سىجاڭنىڭ بىزنى قوللىشىنى،بىزگە ياردەم قىلىشىنى،بىزنىڭ غالىبىيەت بىلەن ئالغا بېسىشىمىزغا مەدەت بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز........"
  ئولتۇرغان كۆپچىلىك بارغانچە جانلىنىشقا،بىر-بىرى بىلەن غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى.ئاخرىدا مەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن تۆۋەندىكى شېئىرىنى ھاياجانلىق بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدىم:

  
ۋەتەن ئۈچۈن تەرەققىيات ئىزدەيمىز،
  ئارزۇيىمىز  راۋاجلانسۇن مائارىپ.

جاننى پىدا قىلدۇق ئەزىز خەلقىمگە،
بىزنىڭ يۈرەك زالىملارغا مۇخالىپ.

بولسا دەيمىز بىزدە ھوقۇق-ئادالەت،
بولسا بەربات خۇراپاتلىق جاھالەت.

شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن بۇ ئىنقىلاپ،
زوۋال تاپسۇن ناھەقچىلىق ئىختىلاپ.
پورەكلىسۇن گۈزەل باھار گۈللىرى،
شوخ سايرىسۇن يۇرتىمىز بولبۇللىرى.

ئىقبال ئۈچۈن بولايلى بىز ئىتتىپاق،
جىلۋىلەنسۇن مەرىپەتنىڭ نۇرلىرى.

  مەھمۇت سىجاڭ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.ئۇ مەمتىلى ئەپەندىگە قارىتىپ:  " ئۆلىمالارغا ھەرگىز يول بەرمەڭلار،مەن بىر خەت يېزىپ بېرەي،كىيىن سىزگە ئىككى مىلتىقلىق ئەسكەر بېرەي،ئەگەر يەنە قارشىلىق قىلدىغانلار بولسا،باغلاپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭلار،مەن بار ئىكەنمەن،سىلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىشىڭلارغا ھىچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ." دىدى.ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بىز ئاز تىتىرەپ چىقتى.ئۇنىڭ غەزەپلەنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.ھەممە قزغى چاۋاك چالدى.بىز ئوقۇغۇچىلار بولساق ئىزچىلار كالتىەىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ھېلىقى يولدا ئېيتىپ كەلگەن ناخشىمىزنى قايتا باشلىۋەتتۇق.سىلىڭبونىڭ ھويلىسى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى.مەمتىلى ئەپەندى غەلىبە قىلدى.بىز غەلىبە قازاندۇق.خوشلۇقىمىزدىن كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقاتتى،ئىلگىرى شەھەرگە كەلمىسەڭلار بولىدۇ،دىگەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ بىزگە بولغان مۇھاببىتىدە تۈپتىن ئۆزگۈرۈش بولدى.ئۇ ئىلگىرى كەلمەڭلار دىگەندە بىزنى قارشى ئالماسلىق ئەمەس،بەلكى ئەھۋالنىڭ بۇنچە ئېغىرلىقىنى بىلمەيتى.ئۇنىڭغا ئەرز قىلىش مۇمكىن ئىدى،مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى كىلىپ دوكلات قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.لىكىن،بۇنداق قىلىشقا بولمايتى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پىلانى ئوڭۇشلۇق چىقتى.ئۇ ئېغىز بىلەن ئەمەس،ئەمەلىيەت بىلەن 60 ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭى قىياپىتى بىلەن،ئۇلارنىڭ ئاغزى بىلەن ھەم ئۇتىقىنى دوكلات قىلماقچى،ھەم توسقۇنلۇقنى يېڭىش ئۈچۈن ياردەم ئالماقچى ئىدى.ئۇنىڭ بۇ ياخشى تەدبىرى بەكلا ئۇتۇقلۇق بولدى.
  مەھمۇت سىجاڭ ھەممىمىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپبىر -ئىككى كۈن دەم ئېلىڭلار،ئەمدى قايتىپ بارغاندىن كىيىن سىلەرگە ھىچكىم كاشىلال قىلالمايدۇ،دىدى.بىز يەنە چاۋاك چالدۇق،شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى دوكلات يىغىنىمىز تامام بولدى.
  بىزنى سىلىڭبونىڭ ھويلىسىدىكى بىر نەچچە ئېغىز ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى،ياخشى تائاملار بىلەن ئوبدان كۈتتى،بۇ بىر ئاخشامنى بىزئىچ-ئىچىمىزگە سىغمىغان ئاجايىپ خوشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدۇق. ئەمەلدارلار،ئەسكەرلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ،بىز بىلەن پاراڭلىشىپ،قوللايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى.بىز ئەسلىدە،ئىشىمىز راستىنلا توختاپ قالامدىكىن دەپ ،دەپ قورۇققانىدۇق.ھەقىقەتەن كاشىلا كۆپەيگەن،دىگەندەك ئوت قۇيۇش،ئۆلتۈرۈش خەۋپىمۇ بار ئىدى.ئەمدى مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن مەمتىلى ئەپەندىنى قوغدايدىغان ئىككى نەپەر قوراللىق ئەسكەر بار.بۇ بۇيرۇق ۋە ئەسكەرلەر بز ئۈچۈن ناھايىتى زور تۈتكىلىك كۈچ بولدى.
  ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن مەشەتتە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەبرىسى يېنىدىكى ئازنا مەسچىتتە ئاممىۋى يىغىن ئۆتكۈزدۇق.يىغىنغا ئاستىن ئاتۇشنىڭ ھەممە كەنتلىرىدىن دىگۈدەك ئاخۇنۇم ،بايلار ،يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە مەكتەپ ئاتىلار ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى،ئۇنىڭدىن باشقا ئاددى پۇقرالار قاتناشتى.بىز ھەممە ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشتۇق.10مىڭغا يېقىن كىشلىك بۇ يىقغىن بەكمۇ سۈرلۈك ئېچىلدى،مەسچىتنىڭ پېشايۋىنىدا يۇرت مۆتىۋەرلىرى،ئالدىدا مەمتىلى ئەپەندى مىلتىقلىق ئىككى ئەسكەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرىدۇ.ئۇ كۈلۈمسىرىگەن بىلەنمۇ مەجلىسنىڭ جىددىلىكى بىلىنىپ تۇراتتى،مەمتىلى ئەپەندى ئاۋال مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇيرۇق خېتىنى ئوقۇپ ئاڭلاتتى.ئاندىن ئۆزى قىسقىچە سۆزلىدى.مەھمۇت سىجاڭنىڭ خېتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
  " ئاتۇشتىكى ئۆلىمايى ئىكرام،يۇرت كاتتىلىرىغا،جىمىكى پۇقرالارغا مەلۇم بولسۇنكى،مەمتىلى ئەپەندى باشلىق بولۇپ يېڭى مەكتەپ ئېچىش ھەركىتىنىڭ باشلىنىشى كىشىنى تولىمۇ خوش قىلىدىغان،خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى ئىش.نادانلىقتىن ئويغىنىش ۋاقتى كەلدى.دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىزدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى.ئەمدى كۆزىمىزنى ئاچمىساق،باللىرىمىزنى ئوقۇتمىساق بولمايدۇ.بۇ بىز ئاتىلارنىڭ ۋەزىپىمىز.ئاڭلىساق مۇنداق بىر ياخشى ئىشقا قارشىلىق بولىۋېتىپتۇ،ھەتتا توسقۇنلۇق،تەھتىد سېلىش،مۇئەللىملەر كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاپ،ھاقارەتلەش بولىۋېتىپتۇ.بۇنداق ئىشلارغا يول قويغىلى بولمايدۇ.مەمتىلى ئەپەندىگە مەكتەپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھوقۇق بېرىلدى.كىمكى بۇ ئىشقا قارشىلىق ياكى توسقۇنلۇق قىلىدىغان بولسا،مەيلى ئۇ قانداق چوڭ ئاخۇن بولسۇن،مەيلى قانداق باي بولسۇن،كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭغا قاتتىق جازا ئىجرا قىلىنىدۇ.چوڭ-كىچىك پۈتۈن خالايىقمۇ ئۇنىڭ مەكتەپ ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم قىلىشلىرىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
دەپ:
    سىجاڭ مەھمۇت مۇھىتى (ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتىشى : مەھمۇت سىجاڭ چوڭ ئۇتۇقى بار ھەم ئېغىر خاتالاشقان ئادەم،ئەمما مۇشۇنداق جىددى پەيتتە ياڭى مائارىپنى قەتئىي قوللىدى.)
  مەمتىلى ئەپەندى خەتنى ئوقۇغاندا بەزىي يۇرت كاتتىلىرى ،قازى -ئەلەملەردە ھودۇقۇش ھەتتا قورقۇش كەيپىياتى كۆرۈلگەندىن باشقا،كۆپچىلىك ناھايىتى زور خوشاللىققا  چۈمدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا خەلقمۇ مۇشۇنداق بىر چارىنى تەلەپ قىلىدىكەن.مەمتىلى ئەپەندى ئانچە ئۇزاق سۆزلىمىدى.ئۇ مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇيرۇق خېتىنى ئىجرا قىلىش زۆرۈرلىگى توغرىسىدا سۆزلەپ ئاندىن كىيىن مەكتەپ ،مائارىپ،مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشلاشنىڭ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆزلىدى.خەلقئارادا ‏- قوشنىمىز سوۋىت ئىتتىپاقىدا،تۈركىيەدە قېرىنداش ئۆلىمالارنىڭ ئىلىم-پەن تېخنىكىدا چوڭ راۋاجلانغانلىغىنى مىسال قىلىپ سۆزلىدى.ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا قارشىلىلار توغرىسىدا گەپ قىلىپ ،قارشى بولغۇچى كىشىلەرنىڭ ئىنساپقا كېلىپ،توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى،ئۇنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى ئېنىق ئېسىمدە:
  " بىز ھەققانى ئىش باشلىدۇق،قارشىلىقلاردىن قورۇقمايمىز،ئۆلسەكمۇ ئارقىغا يانمايمىز.مەن كۆپ ئەللەرنى ئايلىنىپ،مىللەت ئۈچۈن دەپ ئوقۇپ قايتىپ كەلدىم.يەنە مىللەت ئۈچۈن مەكتەپ،مەدەنىيەت ،ئاقارتىش ئىشلىرىغا قەدەم قويدۇم.مەن قارشىلىقلار بولىدىغانلىغىنى بىلىمەن.شۇنى ئېيتىش كېرەككى،ھەتتا بىرەر كۈنى ئالتە پۇللۇق بىر قوغۇشۇن ئوق مىنىڭ كۆرىكىمگە تېگىشى مۇمكىن.شۇنداقتىمۇ مەن كەينىمگە يانمايمەن.مەن مىللەت ئۈچۈن ئوقۇدۇم،مىللەت دەپ ئۆز يۇرتۇمغا قايتتىم.مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.مەيلى قانچە ئاي،ھەتتا قانچە يىل خىزمەت قىلىپ مىللەت ئۈچۈن قوربان بولسام ئارمىنىم يوق..........."
  ئۇ بۇ سۆزنى بەكمۇ ھاياجان بىلەن سۆزلىدى.بېشىدىكى قىرغىز قالپىغىنى ئېلىپ ،يۇقىرى كۆتىرىپ،ۋارقىراپ،چوڭ ئاۋاز بىلەن سۆزلىگەندە ئۇنىڭ يۈز گۆشلىرى ۋە قىسقا بۇرۇتلىرى تىترەپ كەتتى.
كىيىن بىرقانچە ئادەم سۆزگە چىقتى.بۇنىڭ ئارىسىدا قازى-موپتى،بەگ-باي،مەخسۇم قارى،ئاتىلار ۋە ھەيئەت ئەزالىرىمۇ بار.ھەممىسى مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇيرىقىنى قەئىي ئىجرا قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.بەزى كالتە قۇيرۇقلار ۋە  تاغ  ئارقىسىغا بېرىپ قايتقان زىيالىلار قارشىلىقلارغا قارىتىپ قاتتىق تەنقىد ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.شۇنداق قىلىپ بۇ مەجلىس چوڭ تەنتەنىلىك مەجلىس بولدى.ئاتۇشتا باشلانغان مەكتەپ مائارىپ ھەركىتىنىڭ توساقلىرى يوقۇلۇپ،يوللىرى ئېچىلدى.
  بىز ئوقۇشىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق،ئاز ئۇخلاپ،ئاز دەم ئېلىپ،چوڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇدۇق.غەيرىتىمىزگە غەيرەت،روھىمىزغا روھ قوشۇلۇپ كەتتى.مەمتىلى ئەپەندى .ئىككى ئەسكەرنى ئەگەشتۈرۈپ،كەنتلەرنى ئايلىنىشنى كۈچەيتتى.ئاتىلار ھەيئىتى مەكتەپ سېلىشنى چىڭ تۇتتى،ئۇلارغا پۇل توپلاشمۇ قىيىن بولمىدى.شۇنداق قىلىپ 1934-يىلىنىڭ ئاخرىغا كەلگەندەئالتە ئايغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىز ئوقۇشنى تۈگەتتۇق.مەكتەپلەرمۇ پۈتتى.بىر نەچچە كۈن تەييارلىق قىلدۇق.ئىمتىھان،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۆلىنىشى،ئوقۇتۇش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر قىلدۇق.1935 - يىلىنىڭ باشلىرىدا مەكتەپلەرگە تاراپ خىزمەتنى باشلىدۇق.تارىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مۇنداق بولدى: ھەممىمىز مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باشلامچىلىقىدا ھېلىقى قەشقەر شەھىرىگە يولغا چىققاندىكىدەك جەڭگىۋار روھ بىلەن يولغا چىقتۇق.ئاۋۋال ئوڭ ئېرىقتىن باشلاپ بىرلىكتە مېڭىپ،ھەر بىر يېزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،قالغانلىرىمىز يەنە داۋاملىق مېڭىپ كېتىمىز.قالغانلار ئوڭ ئېرىقتىن ئۆتۈپ مەيى،ئىتارچىنى ئايلىنىپ ئاخىر ۋاق-ۋاق بىلەن بۆگەندىن ئۆتۈپ ئوڭرىققا قايتىپ كەلدۇق.بۇنىڭغا يەنە بىر نەچچە كۈن ۋاقىت كەتتى.بىزنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تارلىش ھەركىتىمىزنىڭ ئۆزى چوڭ بىر تەنتەنىلىك مائارىپ ھەركىتى بولدى.يۇتلارغا كىرگەندە خەلقلەر زور ئالقىشلار بىلەن قارشى ئالدى.بىز قاتار تىزىلپ،شېئىرلار ئوقۇپ،ھەربىيلەرچە قەدەم بىلەن ئاستا ئالغا باسىمىز.ئالدىمىزدىكى دۇمباق،سونايلار كىشىلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.بىزنىڭ ئېيتقان شېئىر -ناخشىمىز مۇنداق:
(شېئىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ)

مەرىپەت مارشى

بىز مۇئەللىم،يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يوپ-يورۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق،
ئىلىم،ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق،

خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،
كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق.
بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى ،
بىزۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى.

ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن،
پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ھۇلى.
يورۇق تاڭغا تەلپۈندى ۋىلايىتىمىز،
ئىلىم بىلەن تىكلەندى ئىناۋىتىمىز.
مەنبە بولدى ئېرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش ،
ئېرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.
  مۇشۇنداق قىلىپ،ناخشا ئېيتىپ چاڭ كەلتۈرۈپ،يۇرت-يۇرتقا بېرىپ،ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئاتۇشنى ئايلىنىپ چىقتۇق. مەن تېجەن مەكتىپىگە ھەم مۇدىر ھەم مۇئەللىم بولدۇم،يەنە تۈكۈنلۈك ئابدۇل بارى ۋە ئابدۇرىشىت دىگەن ئىككى ئوقۇتقۇچى بار ئىدى.بىز ئەنە شۇنداق تىزىلىپ،شېئىر ئوقۇپ بارغاندا مەكتەپ ئالدىدا ،كوچىلاردا نۇرغۇن ئادەملەر قارشى ئالدى.مەكتەپ ئەمەت ھاجىم دىگەن كىشىنىڭ ئۆيى ئالدىدا بىر كۆل بۇيىغا سېلىنغان،ئىككى سىنىپ،بىر مۇئەللىملەر ياتىقى،يەنە بىر ئاشخانا بار بولۇپ،ئەمەت ھاجىم تىجەنلەر مەكتىۋىدىكى ئاتىلار ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ،مەكتەپنىڭ باشلىقى ئىدى.بىز قارشى ئالغۇچىلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ،سىنىپقا كىرسەك يۇرۇق،يېڭى ئۆيدە پارتىلاردا جۈپتىن تىزىلىپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار دەس تۇرۇپ،ئوڭ قوللىرىنى بېشىغا كۆتۈرۈپ،بىزنى قارشى ئالدى.تېخى ئوقۇش باشلىمىغان ،مەكتەپمۇ كۆرمىگەن بالىلارنىڭ مۇنداق تەرتىپلىك بولىشى بىزنى ھەيران قالدۇردى.كىيىن ئاڭلىساق مەمتىلى ئەپەندى بالىلارغا ئۆگۈتۈپ چىققان ئىكەن.ھەر سىنىپقا بىردىن سىنىپ باشلىغى تەينلەپ بالىلارنى تەرتىپكە ساپتىكەن.مەمتىلى ئەپەندى بىز ئۈچىمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ،ياخشى ئوقۇڭلار،دەپ چىقىپ كەتتى.مەن شۇ يەردىلا دەرسنى باشلىدىم.ئاۋال ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان دەپتەردىكى تىزىمدىن بالىلارنى يوقلىما قىلدىم.ئاندىن كىيىن قارا تاختىغا " ئا، ب " ئىككى ھەرپنى يېزىپ ئۆەىتىشكە باشلىدىم.شۇنداق قىلىپ مېنىڭ مۇئەللىملىك ھاياتىم باشلاندى.
  مەكتەپكە يېزىلىدىغان بالىلار كۆپىيىشكە باشلىدى.سىنىپلار يېتىشمىدى.ئاندىن ئاتىلار ھەيئىتى مەسلىھەتلىشىپ،تېجەننىڭ يۇقىرى مەھەللىسىگە يەنە چوڭراق مەكتەپ سالدۇق.بىز ئىككى مەكتەپ ئارلىقىدا يۈرۈپ دەرس ئۆتىمىز،بالىلارغا دەرس ئۆگىتىش،مەكتەپ سىرتىدا ئۇلار بىلەن مەشغۇلات قىلىش بەك كۈڭۈللۈك ئىدى.ھەرخىل بالىلار ئويۇنلىرىنى ئوينىغاندا بىزمۇ ئارلىشىپ كېتىپ،دەرسىنىمۇ يادىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز،بالىلارمۇ بىزنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى.ئاتا-ئانىلارمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ.ئۇلارنى چاقىرىپ مەجلىسلەرنى ئېچىپ تۇرىمىز.
  مۇشۇ خىلدا پۈتۈن ئاستىن ئاتۇشتا،ھەممە مەھەللىلەردە يېڭى كەيپىيات،ياڭى مەكتەپ،ياڭى روھ كۆتۈرۈلدى.خەلق ئىنتايىن خوش،لىكىن،قارشىلىقلارمۇ قارشىلىقىنى توختاتمىدى.ئەمدى ئۇلار يۇشۇرۇن قارشىلىق قىلغىلى تۇردى.قوناقلىقتىن ياكى تام ئارقىسىدىن تاش ئېتىش،يۇشۇرۇنچە مەكتەپ دەرىزىلىرىنى چېقىۋېتىش،ئاتا-ئانىلارغا تەھتىد سېلىپ،بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىككە ئوخشاش ھەركەتلەر.لېكىن،ئۇلار توسالمىدى.خەلق بارغانچە قوللاپ كەتتى،بولۇپمۇ مەھمۇت سىجاڭ ئىككى قوراللىق ئەسكەر  بەرگەن مەمتىلى ئەپەندى ھامان يۇرت- يۇتنى ئايلىنىپ تەشۋىق قىلىدۇ.ئاتىلار ھەيئىتى مەسلەھەتلىشىپ،مەسىللەرنى ھەل قىلىش،مەكتەپنى كېڭەيتىش ئىشلىرىنى قىلىدۇ.مۇئەللىملەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.يەكشەنبە كۈنلىرى بولسا ئۇ بىرقانچە يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى بىر مەكتەپكە يىغىپ قوشۇمچە دەرس ئۆتىدۇ،ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ئاھاڭغا سېلىپ ئۆگىتىدۇ.
  شۇ ۋاقىتتىكى ياڭى مائارىپچىلىق ھەركىتى يالغۇز ئاتۇشتىلا ئەمەس،پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تارىخدا،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان مۇھىم بىر ۋەقە بولغان.ئۇ كىيىنكى مائارىپ تەرەقىياتىغا ئۇل سېلىپ بەردى.ئۇ شۇنداق بىر ئوت يۈرەك ،مەرىپەت جەڭچىسى ئىدىكى ،پۈتۈن ھاياتىنى مەكتەپ ئىشلىرىغا،مىللەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان،ئۇ ھەم ئۇستا،تەدبىرلىك،ماھىر تەرغىباتچى ئەدىب ھەم سازچى ئىدى.ماھىر تەدبىرلىك،قەتئىي ئىرادىلىك كۈرەشچى.شۇنداق بولمىغاندا قىسقا بىر مەزگەل ئىچىدە ئاتۇشتىكى مائارىپ تەرەققىياتىدا،بولۇپمۇ تۈرلۈك قارشىلىقلار بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا ئاشۇنداق كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك چوڭ ئوتۇقلارنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
  ئەپسۇسكى،مەمتىلى ئەپەندى ئاخىر ئۇ ئۆزى ئويلىغاندەك شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلاندى ۋە ياتقان تۈرمىسى بىلەن بىللە كۈيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلدى.ئۇ ياتقان تۈرمىنىڭ تاملىرىغا نۇرغۇن شېئىرلار يازغانىكەن.
  مەمتىلى ئەپەندى ئۆلۈپ كەتتى.ئۆلگەندىمۇ ئايانچىلىق،ئېچىنىشلىق كەتتى.بىراق ئۇنىڭ 3-4 يىللىق مەزگەل ئىچىدە تىرىشىپ،جاپالىق كۈرەش بىلەن مەيدانغا چىقارغان مەكتەپ تەرەققىياتى،يۈزلىگەن ئوقۇتقۇچى،10مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا بەرگەن تەربىيىسى خەلققە ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالدى ۋە كىينكى مەكتەپ - مەئارىپ ئىشلىرىغا ئاساس سېلىپ بەردى.شۇڭا ئازادلىقتىن كىينكى ئاتۇشنىڭ مائارىپتا باشقىلاردىن ئىلگىررەك مېڭىشنى ئىككى قېتىملىق بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىملىق يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

مەنبە: ھۈسەينىيە روھى ‏- تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-17, 10:39
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+20(Ataman) ياخشى ماقالە
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ئەجىر
  • «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-17 05:57 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    .utkur.
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29007
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 329
    شۆھرەت: 459 نۇمۇر
    پۇل: 1595 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 175(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.
    ئۇيغۇر يېقىنقى زامان مىللىي مۇئارىپىنىڭ تەرەققىياتىدا، ئاتۇشتا ئېلىپ بېرىلغان بىرقاتار مىللىي ئاقارتىش ھەركەتلىرى ۋە تەۋپىق ئەپەندىمگە ئوخشاش مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئۆچمەس،ئۇلۇغ تۆھپىسى بار. ھازىرقى گەپ،نۆۋەتتە بۇ ئىشلار قانداق بولىۋاتىدۇ؟؟؟كېيىنچە يەنە قانداق بولۇپ كېتەر؟؟؟دېگەندە مېنىڭچە بۇ مەسىلىلەر ھەربىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ چوڭقۇر ئويلىشىغا توغرا كېلىدۇ...چۈنكى مۇئارىپ بىر مىللەتنىڭ جېنى.مۇئارىپسىز مىللەت،جانسىز تەنگە ئوخشايدۇ...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 06:50 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    ay-yultuz
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25677
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 68
    شۆھرەت: 73 نۇمۇر
    پۇل: 363 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    بەك ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز . بۇ كىتاپنى مەنمۇ ئۇقۇغان . ئەجرىڭىزگە كۆپتىن - كۆپ تەشەككۈر .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 06:51 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    篮球美女
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29012
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1578
    شۆھرەت: 1653 نۇمۇر
    پۇل: 5254 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپىسز ئەزىز ، بىز ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ مەرىپەت بۆشۈكىنى ئەسلەپ تۇرشىمىز ، ۋە ئەۋلاتمۇ - ئەۋلات ئۈمۈتلىرمىزگە تونۇشتۇرشىمىز ھەم مەرىپەت بۆشۈكىنىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئىش قىلىشىمىز ، ئۆز مىللىي مائارىپىمىزنى سۆيىشىمىز ، مائارىپىمىزنى ھەرگىزمۇ خارلاپ قويماسلىقىمىز لازىم .
    مۇشۇنداق ئۇزاق بىر ماتىرىياللنى ۋاقىت چىقىىرپ يىزىپ مۇنبەردە چىقارغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! ئاللاھ رەھمەت قىلسىۇن !
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 07:45 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kaxkar.ogli
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26513
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 240
    شۆھرەت: 240 نۇمۇر
    پۇل: 914 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    رەخمەت  سىزگە  مىللەت  ئوغلانىنىڭ  ئىش  ئىزلىرىدىن  ئىنىق  خەۋەردار  قىلغىنىڭىزغا .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 08:56 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kalkvn117117
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29057
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 512
    شۆھرەت: 522 نۇمۇر
    پۇل: 916 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 233(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     

    لكىن ھازىر ئاتۇشنىڭ مائارىپ ھەركىتى قانداق بۇنىسى بىزگە نامەلۇم .
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 09:16 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    meh-man
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 22302
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 104
    شۆھرەت: 104 نۇمۇر
    پۇل: 457 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    ئاتۇشتا 10 ئادەمنى سانىسا چۇقۇم 9 نىڭ ماشنىسى بارمىشقۇ ئاڭلىسام راس گپمۇ بۇ يالغان گەپمۇ ؟  قارماي بىلەن ئاتۇشنىڭ قايسىسىنىڭ تەرەقىياتى يۇقىرى ؟
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 10:57 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    篮球美女
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29012
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1578
    شۆھرەت: 1653 نۇمۇر
    پۇل: 5254 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    Quote:
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىmeh-manنىڭ2008-11-17 10:57 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئاتۇشتا 10 ئادەمنى سانىسا چۇقۇم 9 نىڭ ماشنىسى بارمىشقۇ ئاڭلىسام راس گپمۇ بۇ يالغان گەپمۇ ؟  قارماي بىلەن ئاتۇشنىڭ قايسىسىنىڭ تەرەقىياتى يۇقىرى ؟

    ئەجەب بىر مىنىڭ يوق يا ، قارىغاندا زە مەن شۇ تەرەققىياتلارنىڭ ئارقىسدا جىق قاپتىمەن جۇما بىز بۇ يەردە مەرىپەت بۆشۈكى ھەققىدە قايتا بىر ئەسلەش ۋە ئزىدىنىش ئىلىپ بىرۋاتساق ، سىز ئاتۇشلۇقلارنىڭ ھەيدىگەن ماشنىسىغا قىزقىپ قاپسىزغۇ ؟ ئۇلارنىڭ مەيلى نەچچە پىرسەنتىنىڭ ماشىنىسى بار بولسۇن ياكى قانچە مىلىيۇن پۇلى بار بولسۇن ، بىز پەقەت روھى دۇنياسى باي كىشىنى بىلىمىز خالاس ، ئۇنداق ماددى بايلىقلارغا قىزقىدىغان دەۋىر قالدى جۇما
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 11:36 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gulzar66
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30208
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 120
    شۆھرەت: 130 نۇمۇر
    پۇل: 488 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-06

     

    قىممەتلىك تىمىڭىزدىن ھەقىقەتەن بەك سۆيۈندۈم .سىزگە كۆپتىن -كۆپ رەخمەت .داۋاملىق نادىر تىمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز .
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 01:13 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    turditohti
    دەرىجىسى : كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28976
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 251
    شۆھرەت: 367 نۇمۇر
    پۇل: 1112 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 882(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    يوللىغان تىمىڭىزغا رەھمەت،مائارىپ بىر مىللەتنىڭ جېنى،ئادەمدەك ياشاش ۋە ياشىماسلىق ئاشۇ جاننى قانداق ئۇلۇغلىشىمىزغا باغلىق.
    تېخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 01:48 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xatgulim
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32315
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    پۇل: 127 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 208(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

    ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت مەكتەپ دىلنى يورىتىدىغان چىراق ،  ئۆز تىلىنى ئۆگىنىش بەكمۇ مۇھىم  . بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز شۇنچىلىك جاپالارنى تارتىپتىكەن . بىز نېمىشلارنى قىلىۋاتىمىز .
              
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-18 10:30 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    muhamatsamat
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32959
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 162
    شۆھرەت: 162 نۇمۇر
    پۇل: 698 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 311(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    رەخمەت
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-24 02:26 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    zubida
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21631
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 479
    شۆھرەت: 479 نۇمۇر
    پۇل: 1561 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 382(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     

    سىز بۇ تېمىنى يوللاپسىز .ئۇنداقتا سىز ھازىرقى قوش تىىللىق ئوقۇتۇشقا قانداق قارايسىز ؟بۇ قارىشىڭىزنى سۆزلەپ باققان بولسىڭىز؟
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-03 02:07 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    kara_turk
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 34475
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 117
    شۆھرەت: 127 نۇمۇر
    پۇل: 545 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     

                    ياخشى تېما!!!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 03:34 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    shad
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31450
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 42
    شۆھرەت: 42 نۇمۇر
    پۇل: 226 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     

    Quote:
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىmeh-manنىڭ2008-11-17 10:57 PM دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئاتۇشتا 10 ئادەمنى سانىسا چۇقۇم 9 نىڭ ماشنىسى بارمىشقۇ ئاڭلىسام راس گپمۇ بۇ يالغان گەپمۇ ؟  قارماي بىلەن ئاتۇشنىڭ قايسىسىنىڭ تەرەقىياتى يۇقىرى ؟



    تەرەققىيات دىگەن ھۆكىمەتنىڭ ئىشى...  خەلىق باي بولغىنى بىلەن ھۆكىمەت نامرات بولسا تەرەققىياتتىن ئېغىز ئىچىش ئوشۇخچە ئىش...
    10 ئادەمنىڭ 9دا ماشىنا بولسا كامىنىزىمغا يىتىپ بولغان بولىتۇق...
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-12 12:41 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.076466(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 10:58
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号