چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ تېما 1651 قېتىم كۆرۈلدى
بۇ بەتتىكى تېما: بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟    ---ئەركى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

erki
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29290
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
پۇل: 235 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

 بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟    ---ئەركى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما gvzal3.8 تەرپىدىن (2008-11-15)دە نادىرلاندى


بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟
مۇقەددىمە
    
يازغۇچىمىز ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىنىڭ «كۆز ئىچىدە كۆز ، سۆز ئىچىدە سۆز» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدا«زىيالىيلىرىمىزغا نېمە بولدى»دىگەن ماقالىسىنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى خېلى كۈچلۈك بولغان .شۇنىڭدىن بۇيان شۇ زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ غولى بولغان سىتۇدىنتلىرىمىزغا يەنى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا بەكرەك دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .ئۆزۈممۇ بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھازىرقى ئۆزۈم قاتارلىق نۇرغۇن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئويلۇنۇشقا چۆكۈپ قالدىم . سېتۇدىنتلىرىمىزنىڭ شۇنچە بىپەرۋا خىيالىقلىقى كىشىنى ئېچىندۇراتتى ، تۇرۇپ- تۇرۇپ ئۆزۈمدىن «بىزنىڭ سېتۇدىنتلىرىمىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىمۇ؟»دەپ سورايدىغان بولۇپ قالدىم ...
«ئالى مەكتەپ» دىگەن ئاتالغۇ بىزلەرگە ناتونۇش ئەمەس،«ئالى مەكتەپ»دىكى «ئالى»سۆزىنى ھەر تەرەپلەرگە چىتىپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. بىۋاستە مەنىسىدىن قارىغاندا «ئالى»سۆزى مەكتەپنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسۈتىدىغان سۈپەت سۆزى، بۇ سۈپەت سۆزى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە بۇ «ئالى»مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرگە ۋە شۇ يەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلارغا نىسبەتەن باشقىچە تونۇش شەكىللەندۈردى،بۇ تونۇش «ھۆرمەت تۇيغۇسى »، «ھەۋەس تۇيغۇسى»...قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە باغلىنىشى مۇمكىن.چۈنكى ئالى مەكتەپ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەيدىغان «ئۇلۇغ»جاي،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا بىلىملىك ئىقتىساس ئىگىلىرى .

كىشىلەرنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى نەدىن كەلگەن ؟بەرقى مىسالغا ئىلىپ ئۆتكەندەك تارىخقا نەزەر سالساق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە چىتىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان .ھەم دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ سۈپەت-ساپاسىنىڭ سىمۇلى بولغان.خەنزۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن تەن سېتۇڭ،كاڭ يۇۋى شۇ دەۋىردىكى زىيالىلار،4-ماي ياشلار قوزغىلىڭىنى قوزغېغانلارمۇ شۇ دەۋىردىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى؛مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى،مىللىتىمىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا ئەتكەن، ل.مۇتەللىپ،ئا.ئۇيغۇرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇ دەۋىردىكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالىيلار ...ئۇلار دۆلەت، مىللەتكە بارلىقىنى ئاتېيالىشىدىكى سەۋەبمۇ ئۇلارنىڭ يۈرىكىدكى ۋەتەن ،مىللەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى بولغانلىقى ئۈچۈن .تارىخقا نەزەر سالساق  ھەرخىل دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىن چىققان بۇنىڭغا ئوخشاش قەھىرمانلارنى ئۇچىرتىش تەس ئەمەس. مانا بىز شۇلارنىڭ «سايە»سىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىۋاتقان «ئالى»مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى.

1.بىزدىكى ئۆز يۇرتىمىزغا بولغان مۇھەببەت نەگە كەتتى ؟


ھازىر جەمئىيەتنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ۋەتەن ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن دەيدىغان روھمۇ نەچچە ئون يىل ئالدىغا سۈرۈلۈپ باشلانغۇچ (بەلكىم يەسلى دىسەك تىخىمۇ توغرا بولار) باللىرىغا يۆتكەلدى.«ۋەتەن ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن،ياخشى ئۆگۈنۈپ، ياراملىق ئەۋلاد بولۇپ...»بۇنداق گەپلەر ھىچنىمىنى ئۇقمايدىغان گۆدەك باللارنىڭ ئېغىزىدىنلا چىقىشى مۇمكىن . ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى يۇرتقا بولغان مۇھاببەت بار دىسەكمۇ ئۇ مۇھەببەتنىڭ شەكلىلا ئەمەس ماھىيىتىمۇ ئۆزگەرگەن «يۇرتۋازلىق»شەكلىدە يەنى مەن خوتەنلىك،سەن قەشقەلىك ئۇ ئاقسۇلۇق،«سەن سەھرالىق ،مەن شەلىك ،ئاۋۇ ئاداش قەيەلىك ؟»دىگەندەك ئىپادىلىنىشى مۇمكىن .
ھازىرقى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟بۇنداق قىيىنلىق دەرىجىسى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن بولغان ئەخمىقانىلارچە سۇئالغا  ئىشىنىمەنكى 90%ئادەم ئېككىلەنمەيلا «ياخشى خىزمەت ئورنى ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بىرىش ئېنىق.بۇ يەردە شۇ يەرگە دىققەت قىلىش كىرەككى خىزمەت ئورنى دىگەن سۆزنىڭ ئالدىدا «ياخشى»دىگەن سۈپەت سۆزى بار.ئەمدى قانداق بولسا ياخشى بولىدۇ ؟
  ئېچكىردىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دوستۇمنىڭ ئېچكىردىكى مۇئاشى يۇقىرى خىزمەت ئورنىنى تاللىماي،مۇئاشى تۆۋەن جاپالىق بولسىمۇ ئۆز يۇرتىدا ئاددى ئوقۇتقىچىلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۇنىڭدىكى بۇ روھتىن شۇنچە سۆيۈنگەنتىم.لىكىن 3ئايدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا بولغان پاراڭ مېنى بىر قىسما قىلىپ قويدى ...
-ئاداش،ئاڭلىسام خىزمىتىڭدىن ئېستىپا بىرىپسەنغۇ؟
-شۇنداق،ئېستىپا بەردىم،مانچە يىل چوڭ شەھەرلەردە جاپا تارتىپ ئوقۇپ،ئەمدى بۇ چەت يىزىدا توپىغا مېلىنىپ ئىشلىگەندىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۈرۈمچىدىن ھىچ بولمىسا شەھەردىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەي دىدىمغۇ ...
تارىختىن بۇيان ئۆز ،يۇرت قەۋمىنى جاندىن ئەزىز كۆرگەچكە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن زىيالىيلىرىمىز ئەمدىلىكتە ئۆز مىللىتىدىن ، ئۆز يۇرتىدىن تانغۇدەك ھالەتكە بىرىپ يەتتىمۇ ؟ئۆز يۇرتىدا ئىشلەش «توپىغا مىلىنىش» بولۇپ قالدىمۇ ؟


2.بىزدىكى ئۆز مىللىتىمىزگە بولغان مۇھەببەت نەگە كەتتى؟

مىللىتىمىزنىڭ نوپۇسىنىڭ قانچە 70-80پىرسەنتى دىھقان ،يېزىلاردا جاپالىق تۇرمۇشتا،قورسىقى ئاچ،ئۇچىسى يالى چ قالمىسا شۇنىڭغا شۈكىرى قىلىپ ياشاۋاتقان دىھقانلىرىمىز كۈرمىڭ.يۇقىرىدا ئىيتىلغاندەك روھىيىتىمىزدىكى ئۆز يۇرتىدىن كېچىش،راھەت- پاراغەتكە ھەددىدىن زىيادە بىرىلىش ۋە كۆز ئالدىدىكى پايدا ئۈچۈن ياشاش بولسا مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى نامراتلىقتىن قوتۇلالماسلىقىغا خىلى ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالىيلىرىمىز ئۆز يۇرتىدىن «تاندى»،ھەتتا مىللىتىدىن. ئېپى كەلگەندە ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سىلىشتىنمۇ يانمىدى.
    مەن بۇ يەردە كىچىككىنە بىر ۋەقەنى مىسال قىلىپ ئۆتەي،ئۆتكەن تەتىلدە يانفۇنغا پۇل قاچىلاش ئۈچۈن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىش بىجىرىش زالىغا كىرسەم مېنىڭ ئالدىمدا كىرگەن 40تىن ئاشقان ساقاللىق بىر كىشى(قاراشقىلا يېزىدىن ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى) ئىش بېجىرگۈچى قىزدىن كارتا بېجىرىشكە ئائىت ئىشلارنى سوراۋىتىپتىكەن،ئۇ قىزنىڭ  كارتا 20يۈەن،ئىچىدە 30يۈەن سۆزلىشىش ھەققى بار،جەمئې50يۈەن دىگەن سۆزلىرى دىققىتىمنى تارتتى،مەن ھەيرانلىق ھىس قىلدىم،چۈنكى ئۇچاغدا پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە كارتېغا پۇل ئالمايتتى،قانچە پۇل بەرسە ھەممىنى سۆزلىشىش ھەققى قىلىپ كارتىغا سىلىپ بىرەتتى...
-ھازىر كارتا ھەقسىزغۇ؟-دىدىم ئۇ قىزغا قاراپ.
ـكا دې گوڭبېنفېي ئار شى .(كارتىنىڭ ياسىلىش ھەققى 20مىش) ئۇ چالا مېنكاۋخەن قىزنىڭ خەنزۇچە جاۋاب بىرىشى تېخىمۇ نىرۋامنى ئۆرلەتتى...
ئۇ دىھقان ئاكاش بولسا ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى...
-ئاكا،ئاۋۇ خەلق مەيدانىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ تىجارەت زالىغىلا بارسىلا،ئىچىدە 50يۈەن پۇلى بار كارتىنى 50يۈنگە بىرىدۇ سىلىگە.
ئۇ ئاكاش ماڭا «رەھمەت»دىگەندەك ھىچقانداق تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلمايلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى،لىكىن ئۇنىڭ چىرايىغا يۈگۈرگەن كۈلكىدىن كۆڭلۈم شۇنچە ئازادە بولۇپ قالدى.
ئۇ چالا مېنكاۋخەن قىزنى تازا بىر تىللايمۇ دەپمۇ ئويلۇدۇم،لىكىن ئۆزۈمنى ئاران تەستە تۇتۇۋالدىم دە گەپ قىلماي كەينىمگە ياندىم...
بۇنداق ۋەبۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنى نۇرغۇن قىتىم نۇرغۇن جايلاردا كۆردۈم،ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بولسا بۇ «يولى يوق»دىھقانلىرىمىزنىڭ ئىش بىجىرمىكى تېخىمۇ تەسكە چۈشەتتى،ھەتتا نۇرغۇن ئورۇنسىز بەدەللەرنى تۆلەپ قالاتتى...بىر تەرەپتىن بوزەك بولىۋاتقان «تومپاي» دىھقانلىرىمىزغا شۇنچە ئېچىنسام،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ئاش بىرىۋاتقان ئاقكۆڭۈل چاپاكەشلىرىمىزنى قاقتى-سوقتى قىلىشنى راۋا كۆرگەن ۋىجدانىنى ئېت ئەمەس چوشقا يەۋالغانلارغا شۇنچە لەنەت ئوقۇدۇم.شۇ زىيالىيلارنىڭ ئازراق بىلىمى ۋە تىل سەۋىيسىنى مىللەتكە پايدىلىق ئىشقا ئەمەس بەلكى ئۆز مىللىتىنى بوزەك قىلىشقا ئىشلەتكىنىگە قاراپ ئويلاپ قالدىم،زىيالىيلىرىمىز ئازراق پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن  ئۆز مىللىتىدىنمۇ تېنىپ، ئۆز قېرىدىشىنىڭ گۆشىنى شىلىپ «يەۋاتقان» يەردە ،قوي گۆشىنى قىممەت كۆرۈپ ،ئۇنىڭدىن ئەرزانراق بولغان چوشقىنىڭ گۆشىنى يەپمۇ بولغانمىدۇ بۇ چاغقا ...؟



3.بىزدىكى ئانا-تىلىمىزغا بولغان مۇھەببەت نەگە كەتتى؟

يىقىندىن بۇيان ئانا تېلىمىز توغۇرلۇق مۇلاھىزىلەر كۆپتىن كۆپ بولدى ،لىكىن ھەممىسى سۇ ئۈستىدە ئۆرلىگەن كۆپۈكتەك ۋاقىتلىقلا بولدى ،مېنىڭمۇ مۇشۇنداق «ۋاقىتلىق كۆپۈك»ئۆرلەتكۈم كىلىپ قالدى.
بىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىز شۇ دەرىجىدە «چۇڭقۇر»كى مېنكاۋخەنلەرنىڭ بىر-بىرىگە خەنزۇچە گەپ قىلىشى بىزگە ياقمىدى،«قوي بىلەن چوشقا چاڭلاشتۇرۇلغان مەخلۇقنىڭ گۆشىنى كىم يىسە بولار؟» دىگەن سۇئالغا ئىككىلەنمەيلا «مېنكاۋخەنلەر» دەپ جاۋاب بەردۇق،لىكىن ئاتا-ئانىلار باللىرىنى ئىككىلەنمەيلا خەنزۇ مەكتەپكە بەردى،ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ باللىرىنى خەنزۇچە سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇردى، باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچە ئارلاشتۇرۇلغان سۆزلىشى نىرۋىمىزغا تەگدى،ئۇلارنى ئۇيغۇرلار توپىدىن قوغلاپلا «57-مىللەت»دەپ ئاتىدۇق.لىكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىمىزگە دىققەت قىلىپ بولالمىدۇق...
ھازىر خەنزۇچە،ئىگىلىزچە ئارلاشتۇرۇلغان«ئەبجەش»تىلنى 7ياشتىن70ياشقىچە بولغان ھەممىمىز بىمالال سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇق،«ئەبجەش تىل»نىمە ئۈچۈن بۇنچە ئەۋج ئىلىپ كىتىدۇ؟بۇنىڭ سەۋەبى بەزى يېڭى نەرسىلەر تۇرمۇشىمىزغا كىرگەندە تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ۋاقتىدا،مۇۋاپىق ئاتالغۇ تېپىپ بىرەلمىگەنلىكى،تاپسىمۇ ئۇنىڭ ۋاقتىدا ئومۇملاشمىغانلىقى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولىشى مۇمكىن، دىققەت قىلىپ باقساق،«ئەبجەش»سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشىمىزغا يېڭىدىن قوشۇلغان نەرسىلەرنىڭ ئىسمى مەسىلەن:شوۋجى،شىيىجى،دىيەنشى،چاۋشى،ۋاڭبا،دىبا، خوچېزەن، رىستۇران...دىگەندەك.ئۇنىڭدىن باشقا مىللىتىمىزدە خەنزۇتىلى بىلگەننى چوڭ بىلىدىغان،«خەنزۇتىلى بىلمىسە جېنىنى باقالمايدۇ»دىگەن قاراشنىڭ شەكىللىنىپ قالغىنى...مېنىڭچە ھازىرقى جەمئىيەتتە خەنزۇتىلى بىلىش زۆرۈر،لىكىن خەنزۇتىلى سىزنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىڭىز بولىشى ناتايىن.  
ھازىر نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئېغىزىدىن «ۋاي ئانا تىلىم» دىسەك «ۋاي جان تىلىم» دەپ  چىقىۋىرىدۇ،لىكىن ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن «ئەبجەش »گەپلىرىمىزمۇ ئېغىزىمىزدىن چىقىۋىرىدۇ ،ھازىر تورخانىدا خىيالى دۇنيادا ئۆزۈمىنىڭ ئانا تىلىمنى نەقەدەر سۆيۈدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ بىر نىمىلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئەگەر مۇشۇ چاغدا بىرەرسى مېنى ئىزدەپ «شوۋجىي»رىمغا تىلفۇن قىلىپ قالسا،«نەدە»دەپ سورىسا «تورخانا»دىگەن ئۈچ بوغۇملۇق سۆزنى ئىشلىتىشتىن كۆرە ئىككىلەنمەيلا «ۋاڭبا» دىگەن ئىككى بوغۇملۇق سۆزنى دەيمەن،مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان  دوستۇم،سىزچۇ؟
كىچىك ۋاقتىمدا دادام  ئۆزبىكىچەناخشىلارنى ئاڭلاۋاتسا دادامدىن «دادا،ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن بىزنىڭ تىلىمىز خىلى يىقىنلىشىدىكەنغۇ؟»دەپ سورىغىنىمدا دادام ئاددىيلا قىلىپ «بىزنىڭ ئەجدادىمىز بىر بولغاچقا»دەپ جاۋاب بەرگەنتى.كىيىنچە بىزنىڭ باللىرىمىزمۇ بىزدىن:    « دادا، خەنزۇلارنىڭ تىلى بىلەن بىزنىڭ تىلىمىز خىلى يىقىنلىشىدىكەنغۇ؟»دەپ سوراپ قالسا بىز نېمىمۇ دەپ جاۋاب بىرەرمىز؟ «ئەجدادىمىز بىر بولغاچقا»دەپ جاۋاب بىرەرمىزمۇ ؟؟؟

4.بىزدىكى ئاتا-ئانىمىزغا بولغان مۇھەببەت نەگە كەتتى؟

قانداق سېتۇدىنت تارتىنمايلا«ئاتا-ئانامنى»دەپ جاۋاب بىرىشى مۇمكىن. بۇنداق جاۋابقا يەنە« نېمە ئۈچۈن» دەپ سوراشنىڭ ئورنى يوق. لىكىن سىز ئاتا-ئانىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى قانداق ئىسپاتلايسىزدەپ سورالسا بىز بۇنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز،لىكىن ئۆزىمىزگە مەلۇم،بىزنىڭ ئۇلارغا ساپ ساپ ئەڭ ساپ بولغان كۆڭلۈمىزلا بار...
ئەگەر بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ياكى ياخشى كۆرۈدىغان ئادىمىمىز بولسا ئۇنىمۇ ياخشى كۆرۈمىز،لىكىن ئۇنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز.
مۇھەببىتىمىز بىلەن تىلفۇنداسائەت-سائەتلەپ ھەتتا كېچە-كېچىلەپ پاراڭلىشالايمىز، بىر كۈن كۆرمىسەك يۈرىكىمىزنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىشقا باشلايدۇ بەلكىم.لىكىن ئاتا-ئانىمىز بىلەن 3-4كۈندە بىر بولمىسا ھەپتىدە بىر نەچچە مىنۇتلا...
«كۆيدۈم،پىشتىم،ئۆلدۈم»دىگەندەك مۇھەببەت ناخشىلىرىنى كىچە-كۈندۈز ئاڭلاپ زېرىكمەيمىز يۇ ئاتا-ئانا كۈيلەنگەن ناخشىلار بولسا قۇلېقىمىزغا ياقمايدۇ. مۇھەببىتىمىزگە كۈندە نەچچە قىتىم «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن»دىيەلەيمىز،ئاتا-ئانىمىزغا ئۆمرىمىزدە بىر قىتىم دەيمىز يا دىمەيمىز...ھەرخىل بايراملارنى ،مۇھەببىتمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئەستىن چىقمىغۇدەك قىلىپ ئۆتكۈزىمىز، ئۇنىڭغا قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلالايمىز(ئۇ سوۋغاتلارنىڭ پۇلىنى ئاتا-ئانىمىزنى ئالداپ ئالىمىز ئەلۋەتتە)لىكىن جىقلىرىمىز ئاتىلار بايرىمى،ئانىلار بايرىمىدا باشقىلار ئەسكەرتىپ قويمىسا ئاتا-ئانىمىزغا تىلفۇن قىلىپ بايرىمىنى تەبرىكلەشنى ئۇنتۇپ قالىمىز.
بىز يانچۇقتا پۇل بار ۋاقتىدا ئويۇن-تاماششانى سېغىنىمىز، پۇل تۈگىگەندە ئاتا-ئانىمىزنى ... پۇلنىڭ راھىتىنى ھىس قىلالايمىزلىكن ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە بىرىۋاتقان پۇللارنىڭ قانداق كىلىدىغىنىنى،قانچىلىك تەستە كىلىدىغىنىنى  ھىس قىلىپ بولالمايمىز...
بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ پۇلىنى ئۇيالماي خەجلەيمىز،چۈنكى بىزنى بىقىش ئۇلارنىڭ «مەجبۇرىيىتى».بەزىدە ئىت لوقىنى يەۋىلىپ سۆڭىكى ئېشىپ قالغان ۋىجدانىمىز بىزنى ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ،بۇنداق چاغلاردابىز كەلگۈسىدە جىق پۇل تېپىپ ئۇلانى تىخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرۈشكە ،ئۇلارنى ياخشى كۈتۈشكە بىلىمىزنى شۇ قەدەر چىڭ باغلايمىز ،لىكىن بىزشۇبۇزۇپ چېچىۋاتقان،خەجلىمەيدىغان يەرگە خەجلاۋاتقان پۇللارنى ئازراق خەجلەپ ئاتا-ئانىمىزنى ئاياشنى بىلمەيمىز. بىز يەنە نېمىمىزگە «ئاتا-ئانىمىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىمىز؟» بىزدىكى ئاتا-ئانىغا بولغان ھەقىقى مۇھەببەت نەگە كەتتى ؟
5.بىزدىكى ئىلىم-پەنگە بولغان مۇھەببەت نەگە كەتتى؟
بىز ھازىر باشقىلار بىلەن قورساقتىكى بىلىمدەئەمەس،قۇرۇق نام شۆھرەتتە  بەسلىشىمىز.ئاتا-ئانىمىز بەرگەن ئايلىق پۇل تۈگىسە يەنە ئالىمىز،سوراپ ئالساقمۇ ئالىمىز،ئالداپ ئالساقمۇ ئالىمىز، شۇ پۇلغا ئىچىمىز،چىكىمىز،  نەچچە يۈز يۈەنگە داڭلىق ماركىدىكى كىيىملەرنى سىتىۋالىمىز، لىكىن نەچچە يۈەنگە بىر تال كىتاب سىتىۋىلىشنى خالىمايمىز. بىز مودا قوغلىشىمىز،كۆڭلىمىز ئادەم جىق ۋاراڭ –چۇرۇڭ يەرنى تارتىدۇ،ھاياتنىڭ،ياشلىقنىڭ «پەيزى»شۇ يەردە،بىزنىڭ يېڭى تىل بويچە  قىلىپ ئىيتقاندا كۈن بويى «ۋاڭبا» «جۇبا»،«دىبا» ...دەك «با» لاردىن چىقالمايمىز،چۈنكى ئۇ يەردە ھەممە نەرسە «با».لىكىن كىتابخانىغا كىرىشكە مەيلىمىز يوق.چۈنكى كىتابخانىدىن بىزگە پايدىلىق قىممىتى بار ھىچنىمىنى بايقىمىدۇق.ئوينايدىغانلار بولسا «ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى بىلىدۇ»دىيىلدى، ئازراق كىتاب كۆرۈپ قويغانلار بولسا «كىتاب خالتىسى»ھىسابلىنىپ باشقىلارنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىدى. بۇ توغۇرسىدا جىق سۆزلىمىسەممۇ نۇرغۇن سىتۇدىنتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئۆزىگە ئايان ، قېرىنداشلارغا سۆزۈم :ئۈچ تۆت قاپ تاماكا ، بىرەر بوتۇلكا ھاراقنىڭ پۇلىغا كىتابتىن بىرنى سېتىۋالساق ،كۈنىگە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرپ كىتاب كۆرۈپ قويساق، «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلەر توپلىمى» «كۆز ئىچىدە كۆز،سۆز ئىچىدە سۆز» «مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقلىرىمىز»...دەك نۇرغۇن ئىسىل كىتابلىرىمىز بار، بۇ كىتابلار بىزنىڭ ئىددىيمىزنى ئۆزگەرتەلىسە،كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈزۈتەلىسە ھاياتىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرمۇ بولۇپ قىلىشى مۇمكىنتى .

6.بىزدىكى ساپ سۆيگۈ، مۇھەببەت نەگە كەتتى؟
«تاھىر –زۆھرە»«پەرھات ـ شىرىن»...دەك نۇرغۇن ئاشىق –مەشۇقلارنىڭ ھىكايىسى تىللاردا داستان بولۇپ ھازىرغىچە مەدھىيلەندى،ساپ سۆيگۈ مۇھەببەت ئەسلى يۈرەكتىن چىقسا ، ئۆزىمىزنىڭ ئىش ھەركىتىدە ئىسپاتلانسا بولاتتى، لىكىن ھازىرقى مۇھەببەت بولسا ئېغىزدىن چىقىپ،كارۋاتتا ئىپادىلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.جىنسىيەت مۇھەببەتنى قوزغايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن،ئۇ ئادەمنى مەلۇم دەرىجىدە، ياشلارنى بولسا خىلى يۇقىرى دەرىجىدە قايمۇقتۇرالايدۇ،«زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»«پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى»قاتارلىق سېرىق ئارلاشتۇرۇلغان ھىكايىلەرنىڭ چىكىلىش قىتىم سانى بۇنىڭ ئاددى بىر پاكىتى.قورامىغا يەتكەن قىز-ئوغۇللاردىكى بىر بىرىگە بولغان قىزىقىش دىگەن نورمال فىزىلگىيلىك ھادىسە،لىكىن ئادەمنى ھىسيات ئەمەس،چوڭ مىڭە باشقۇرىشى،بولمىسا ئادەمنىڭ ئىت-ئېشەكتىن نىمە پەرقى قالسۇن؟
قىزلىرىمىزدىكى شەرمى-ھايانىڭ ، ئىماننىڭ سۇسلىشىپ كىتىشى ئاتالمىش غەرب «مەەنىيەتى»سىڭىپ كىرىشىدىن باشقا ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان ياش ئوغۇللىرىمىز بىلەنمۇ بىۋاستە مۇناسۋەتلىك.بىزدىكى مۇھەببەت تاللاشنىڭ ئوبىكتى داۋاملىق شەرم-ھايانى بىر يانغا قايرىپ قويغان «كۆكسى ئوچۇق قىز»لار بولدى.ئوغۇللىرىمىز يولدىكى  كۆكسى ئوچۇق قىزلارغا نەپرەتلىك كۆزلەر  بىلەن ئەمەس بەلكى شەھۋانى كۆزلەر بىلەن قاراشتۇق.ئەرلىك غۇرۇرىمىز بىلەن شۇلارنى تەنقىد قىلىش تۈگۈل ساختا ماختاشلار بىلەن ئۇلارنى «كەلتۈرۈش» مەقسىتىدە بولدۇق.مۇشۇ يەرلەرنى ئوقۇۋاتقان دوستۇم،سىز ئۇنداق قىلمامسىز يە ؟
ئوغۇللىرىمىز ئەڭ ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلەشكەن قىزىنى ئاياپ قويمىدى،«مىنى ياخشى كۆرسەڭ،مەن بىلەن..» نۇرغۇن قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى يوقاتتى.ئاخىردا قاچىغا ئالسا پاتمايدىغان پۇشايماننى ئالىدىغانغا داس-چىلەكلەرنى تېپىپ بولالماي، ئۆلەي دىسە جان تاتلىق،بىر مەزگىللىك ئازاپتىن كىيىن يەنە كونا سەنەمگە دەسسەپ قالدى. ئالى مەكتەپتىكە كەلگەندە شۇنچە ساددا قىزلىرىمىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ئۆلچەملىك بىر «مودا قىز»بولۇپ يىتىشىپ چىقتى. ئالى مەكتەپتە بارلىقىنى مۇھەببىتىگە ئاتىۋەتكەن قىزلارنىڭ ئاخىردا شۇ ئوغۇل بىلەن توي قىلالىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟ئۇيغۇر ئوغلى : ئىسىڭىزدە بولسۇن،سىزنىڭمۇ ئاچا –سىڭىللىرىڭىز باردۇ!؟بۇ جاھان ئۆتنە جاھان.

ئەركىنىڭ يىقىندا يېزىلغان باشقا يازمىلىرى:
خېنەن ئالدامچىلىرىدىن شىنجاڭ ئوغرىلىرىغىچە
./read.php?tid=26013&keyword=
شىنجاڭلىقلار نېمىشقا تىرورچى ئاتالدى
./read.php?tid=26095&keyword=

تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-15, 04:40
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(gvzal3.8) ياخشى ماقالە
  • «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-15 10:06 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    uygur007
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17586
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 620
    شۆھرەت: 592 نۇمۇر
    پۇل: 2175 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    ئەھمىيەتلىك تىما  ئىكەن ،ئۇقۇپ  بۇلۇپلا   ياخشىكەن دەپلا  قۇيۇپ قويماي ئەمەل  قىلايلى  دوستلار !
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 01:11 PM |
    «ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
    baxtogragh
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30591
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 209
    شۆھرەت: 226 نۇمۇر
    پۇل: 894 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

         نەگە كېتىتى ! قىپ-قىزىل 100 سوملۇق پۇلنىڭ ئېچىگە كىرىپ كەتتى . ھەممە..... شۇ پۇل ئۈچۇن كورەش قىلىۋاتقان بۇ جەميەتتە بارا-بارا ئېناقلىق ، مىھرىۋانلىق ، كويۇنۇش-كۇتۇش بىزدىن يىراقلاپ كەتمەكتە ، ( سىتودىنتلىرىمىزمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە ) .
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 02:36 PM |
    بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
    koqahaweri
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32684
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 81
    شۆھرەت: 81 نۇمۇر
    پۇل: 350 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 131(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەنىسى چوڭقۇر ،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور تېمىكەن،بىزنىڭ مىللىتمىڭ ساپاسىنى ئۇرلىتىشكەئاساسلىق تۇرتكە بولىدىغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھالى بۇ بۇپ كەتسە ئادەمنىڭ ئىچىنى ھەقىقەتەن سېرىلدۇرۇدۇ،بەزى قىزلار نىمە ئۇچۇن شۇنداق كۇكسى يانپىشىنى ئېچىپ يۇرۇدۇ چۇنكى شۇنى ياخشى كۇرۇپ شۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇيدىغاب زەيپانى مىجەزلەرنىڭ بار بولغانلىغىدا،ماڭا ھەمىدىن تەسىر قىلغىنى << سىز شۇنداق قىزلارغا نەپرەتلىك كۇزىڭىز بىلەن قارىدىڭىزمۇ ياكى شەھۋانى نەزىرىڭىز بىلەن>>شۇڭا بارلىك ئەر كىشىلەر ئۇز مەسۇلىيىتىمىزنى تونۇپ يېتەيلى يولدىن ئۇتكەن قىز ئايالىرىمىزغا شەھۋانى نەزەر بىللەن ئەمەس ئاچا -سىڭلىمىزغا قارىغان نەزەر بىللەن قارايلى،مىللەتنى تۇزەش ھەمىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى شۇڭا ئۇزىمىزدىن ئائىلىمىزدىن باشلايلى .
    MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-15 04:16 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    oguzogly
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 29308
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 207
    شۆھرەت: 207 نۇمۇر
    پۇل: 770 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1603(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    توغىرا قىرنداشلىرىمىز ياخشى ئويلىنىشى كىرەك..................ئورۇن ئالاي ...باشتا..
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 12:52 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    dilnuri
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24360
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 133
    شۆھرەت: 133 نۇمۇر
    پۇل: 528 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 195(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    مۇشۇنداق ئىسىل ماقالىگە ئىنكاس يازىدىغان ئادەملەر بىر نەچچىلا بوپقالغىنى ئىچىمنى بەك ئىچىشتۇردى  
    ئەگەر ئاپتور ئەسىرىنىڭ ماۋزۇسىنى بىر قاراشتىلا ئۈزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى يازغاندەك بىلىندۇرۇپ قويماي،باشقىچە ماۋزۇ قويغان بولسا،چىكىلىش قىتىم سانىمۇ ئاشارتى ھەقىچان    

    بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ،كاللامغا شۇنداق كۆپ سۆزلەر كەلگەن بولسىمۇ،ئىپادىلەشتە قىينالدىم.  
    شۇڭا پەقەت سىزگە مۇۋەپپىقىيەت ۋە قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.    
    بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 01:32 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    karegay
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24869
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 168
    شۆھرەت: 205 نۇمۇر
    پۇل: 669 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    ئۈستىدىكى قېرىندىشىمىزنىڭ دېگىنى توغرا ئەگەر مۇشۇ تېمىغا < كېلىشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ بىر ماۋزۇ قويغان بولسىڭىز مۇنۇ تېمىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى ھەم چۈشكەن ئىنكاس سانى بۇ چاغقىچە ئىككى _ ئۈچ بەتكە يەتكەن بولاتتى ....
    ئەپسۇسلىنارلىق شۇكى ھازىر بۇنداق گەپلەر بەزىلەرنىڭ قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى . ئاتالمىش توردىكى < دانا ، پازىللىرىمىز > نەدىكى بىر ئاقماس تېمىلار ئۈستىدە < ۋىجدانى قايناپ > ئاغىزلىرىدىن كۆپۈك چاچىرىتىپ < ۋەتەن ، خەلق ، مىللەت ، ئىسلام دىنى .....دېگەندەك دەبدەبىلىك سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ قايناۋاتقان ياغدەكلا بولدۇقلاپ قايناپ سۆزلەپ ، تېخى قارشى تەرەپنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان ئەپسانىۋى تىللارنى ئىشلىتىپ مەزكۇر تېمىنى قىزدۇرۇپ ، قاينىتىۋېتىدۇ ، لېكىن بۇنداق تېمىلارغا قاراپ ئىككى ئېغىز ئىنكاس يېزىپ قويۇشقا ئۇلارنىڭ < ۋاقتى يوق > ..........
    مەن سۆزلىسەم جىق سۆزلەپ كېتىمەن .... ئەڭ ياخشىسى سالامەتلىك ئۈچۈن ئازىراق ئاچچىقلاپ ، ئازىراق سۆزلەي _ ھە !
    ئىشقىلىپ بۇ بىر ئېسىل ماقالىكەن ، مۇشۇن يازغان ئىستۇدېنت دوستۇمىزنىڭ تەپەككۇرىنى تېخىمۇ كەڭرى ، ئەقلىنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي ئۇلۇغ خۇدا !!!!
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 09:43 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xirin!qux
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33006
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 121
    شۆھرەت: 121 نۇمۇر
    پۇل: 463 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-30

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    بىزدىكى مۇھەببەت پۇلنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى ...
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 10:02 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    gulzar113
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 31250
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    پۇل: 179 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    ئاپتۇرنىڭ ماقالىسىگە رەخمەت، بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، تىخمۇ كۆپ يوللىغايسىز.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 11:36 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    hakikatkizi
    دەرىجىسى : تەجرىبىلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29001
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 187
    شۆھرەت: 247 نۇمۇر
    پۇل: 203 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 551(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر قىرىندىشم ، ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تگشلىك تىما ئىكەن .
    پاي چىكى تورى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 11:49 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    muzkaymak
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25892
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    شۆھرەت: 60 نۇمۇر
    پۇل: 297 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    يېڭى نەشىردىن چىققان «مۇھەببەت»ناملىق كىتابنى ئوقۇغانتىم يېقىندا...تەۋسيە قىلىمەن....ئەركى نىڭ تېمىلىرى بەك بەك جانلىق چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ...قەلىمىڭىز تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك بولسۇن!~
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 01:11 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    جانان
    http://blog.retim.cn/632174
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29219
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 343
    شۆھرەت: 774 نۇمۇر
    پۇل: 618 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 340(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    رەھمەت ئەركى،،،،،،،،،


    بىزدىكى مۇھەببەتنىڭ زادى نەگە كەتكەنلىكىنى قەلىمىڭىز ئاستىدا تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم
    يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 10:14 AM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    katil731
    كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
    دەرىجىسى : تىما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 18503
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2256
    شۆھرەت: 2101 نۇمۇر
    پۇل: 5563 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    <زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز> < پاھىشە قىزنىڭ موھاببىتى> نى كىم دەيدۇ سېرىق ئارلاشتۇرۇلغان ھېكايە دەپ؟ كاللاڭنى سۇيى بار نىمىدەك قىلىسەن، ئاۋال شۇ يازمىلارنى ئوقۇپ بېقىپ ئاندىن بۇ يەردە بىلجىرلىساڭمۇ كېچىكمەيسەن،
    يازماڭدىن قارسامغۇ مەينەتچىلىكنىڭ ھەممە قايناملىردا كۇپۇكتەك لەيلەپ يۇرگەن نىمىدەك قىلىسەن،
    ھەجەپ زېرىكتىم توردا رول ئالىدىغان سەندەك ئارتىسلاردىن
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 12:39 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xinjiangkizi
    دەرىجىسى : ئۈمىدلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29598
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 152
    شۆھرەت: 152 نۇمۇر
    پۇل: 582 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟    ---ئەركى

    بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ،ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە كۈپ تەشەككۇر!  قەلەم قۇۋىتىڭىزگە ئاپىرىن!
    ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 01:35 PM |
    دىيارىم كىنو قانىلى
    xirin!qux
    دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33006
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 121
    شۆھرەت: 121 نۇمۇر
    پۇل: 463 دىيارىم تەڭگىسى
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    باھا: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-30

     Re:بىزدىكى مۇھەببەت نەگە كەتتى؟  ---ئەركى

    ماۋۇ قاتىل 713 دىگەن يولداش ... نىمانداق تېتىقسىز گەپ قىلىسىز دەيمەن ... سىزگە خوش ياقمىغان بولسا ئىشىڭىزنى قىلمامسىز ... نىما 6- بارماقتەك پۇتلىشىسىز ئادەمگە ... سىز مۇشۇنچىلىك باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك بىرە نەرسە يازغانمۇ ... تام تۇۋىدىن ھۇشۇ تاز قوپتى دەپ .
    ئىنكاس يازغىڭىز كەلمىسە ئىنكاس يازماي ... تىمىنىڭ مەزمۇنىنى چايناپ بېقىپراق سۆزلىمەمسىز ...
    خۇددى سىز جاھاندا بىر ئادەمدەك ئۆزىڭىزنى ئالامەت قالتىس چاغلايدىكەنسىز ھە .
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 08:14 PM |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


    Total 0.053247(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-17 11:05
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

            

    增值电信业务经营许可证B2-20070030号